ھۈجەيرە
يوللانغان ۋاقتى : 2009-01-15 10:35:24 كۆرۈلۈش سانى : 59
ئادەتتە ھۈجەيرىلەر ئىنتايىن كىچىك بولغاچقا، پەقەت مىكروسكوپ ئاستىدىلا ئۇلارنىڭ قىياپىتىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. لېكىن، ئۇزۇنلۇقى1 مېتىردىن ئاشىدىغان ھۈجەيرىلەرمۇ بار.
نېرۋا ئاناتومىيىسى ئالىملىرى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسىدىكى ھەرىكەت ئىقتىدارىنى باشقۇرىدىغان بەزى نېۋرونلار (نېرۋا ھۈجەيرىلىرى)نىڭ ئۆسۈكچە قىسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى1 مېتىردىن ئاشىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇلارنىڭ ھۈجەيرە تېنى چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدە ياكى يۇلۇن سۇر ماددىسىدا بولسىمۇ، لېكىن ئۆسۈكچىلىرىنىڭ ئاخىرقى ئۇچى ناھايىتى يىراق يەرگىچە ئۇزىراپ بارىدىكەن. چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىگە جايلاشقان نېرۋا ھۈجەيرىلىرى پىرامىدال ھۈجەيرە دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ھۈجەيرىنىڭ ئوق ئۆسۈكچە (ئاكسون) دەپ ئاتىلىدىغان ناھايىتى ئۇزۇن ئۆسۈكچىسى بولىدۇ. ئوق ئۆسۈكچە ئۇچۇرلارنى يەتكۈزىدىغان يول بولۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ ھەرىكەت پەرمانى مۇشۇ يولنى بويلاپ مېڭە غولى ئارقىلىق يۇلۇنغا يېتىپ بارىدۇ. يۇلۇندىكى چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى چۈشۈرگەن پەرماننى قوبۇل قىلغۇچى ھۈجەيرە يۇلۇن ئالدىنقى مۈڭگۈز ھەرىكەت نېۋرونى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭمۇ ناھايىتى ئۇزۇن بىر تال ئوق ئۆسۈكچىسى بولۇپ، بۇ ئوق ئۆسۈكچە كونۇسسىمان نەيچىدىن ئۆتۈپ، يۇلۇن نېرۋىسىنى ياقىلاپ ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان مۇسكۇلغا بېرىپ، چوڭ مېڭىنىڭ ھەرىكەت توغرىسىدىكى پەرمانىنى مۇسكۇل ھەرىكىتىنىڭ سىگنالىغا ئايلاندۇرىدۇ - دە، مۇسكۇل چوڭ مېڭىنىڭ مەقسىتى بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ.
ھۈجەيرىنىڭ تۈزۈلۈشى ئۇنىڭ فۇنكسىيىسىگە ماسلاشقان. چوڭ مېڭە پوستلىقىدىن يۇلۇنغىچە ۋە يۇلۇندىن مۇسكۇللارغىچە بولغان ئارىلىق ناھايىتى ئۇزۇن بولغاچقا، ئارىلىقلىرى شۇنچە يىراق بولغان ئىككى قىسىم ئارىسىدا ئالاقە تۇرغۇزىدىغان نېرۋا ھۈجەيرىلىرىدىمۇ مۇقەررەر ھالدا ئۆزگىچە تۈزۈلۈش شەكىللەنگەن، شۇڭا ئۇ ئاشۇنداق ئۇزۇن ئۆسۈكچىگە ئىگە. ھالبۇكى، ھايۋاننىڭ ئىندىۋىدى قانچىكى چوڭ بولسا، ئۇنىڭ ھەرىكەت نېۋرونىمۇ شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ. |
|