مىكرو ئورگانىزملار
يوللانغان ۋاقتى : 2009-01-27 12:45:42 كۆرۈلۈش سانى : 41
گېن قۇرۇلۇشى سۈنئىي تۈردە يېڭى تۈرلەرنى ئىجاد قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشتا مىكرو ئورگانىزملار تازا ئەسقاتىدۇ.
ئۇنداق بولسا، گېن قۇرۇلۇشى دېگەن نېمە؟ بىزگە مەلۇمكى، جانلىقلارنىڭ ئىرسىيەتچانلىقىنى ئىرسىي ماددا − گېن باشقۇرىدۇ. گېن ھۈجەيرە يادروسىنىڭ خروموسوملىرىغا جايلىشىدۇ، ھەربىر گېننىڭ تۇراقلىق فۇنكسىيىسى بولىدۇ. ئىندىۋىدنىڭ يېتىلىشى جەريانىدا نۇرغۇنلىغان گېنلار ئىنتايىن ماسلىشىپ ھەمكارلاشقاندىلا، ئاندىن گۈزەل ھەم سىممېترىك بولغان ھاياتلىق بىناسىنى تەدرىجىي قۇرۇپ چىقالايدۇ. لېكىن، بىز بىر دانە گېننى ئايرىپ ئېلىپ A جانلىقتىن B جانلىققا يۆتكىسەك، ئوبدان بىر تەرەپ قىلىنسىلا، ئۇ ئەسلىدىكى ئۈنۈمىنى ئوخشاشلا جارى قىلدۇرۇۋېرىدۇ. گېن قۇرۇلۇشى دېگىنىمىز، ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مەلۇم خىل گېننى پىلانلىق تۈردە يەنە بىر خىل جانلىققا يۆتكەيدىغان يېڭى تېخنىكا.
ئالىملار مىكرو ئورگانىزملاردىن دونور (تەمىنلىگۈچى تەنچە) سۈپىتىدە پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ ئېسىل خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن باشقا جانلىقلارنى تەمىنلەشكە بولىدىغانلىقىنى؛ ياكى گېندىن تەنچە سۈپىتىدە پايدىلىنىپ بىر جانلىقنىڭ ئېسىل خۇسۇسىيەتلىرىنى يەنە بىر جانلىققا يەتكۈزۈپ بېرىشكە بولىدىغانلىقىنى؛ ۋە ياكى رېتسېپتور (قوبۇل قىلغۇچى تەنچە) سۈپىتىدە پايدىلىنىپ، باشقا جانلىقلارنىڭ گېنىنى قوبۇل قىلدۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى ھەمدە ھۈجەيرە ئىچىدە نۇسخىلاشقا ۋە ئىپادىلەتكۈزۈشكە بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. بىزگە مەلۇمكى، مىكرو ئورگانىزملارنىڭ كۆپىيىشى تېز، زاۋۇتلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاسان بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقلىرى بار. ئەگەر ئۆسۈملۈك ياكى ھايۋان گېنىنى مىكرو ئورگانىزمغا يۆتكەشكە بولسا، بىئولوگىك ياسالمىلارنى كۆپ، تېز، ياخشى، تېجەشلىك تۈردە ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ.1978 - يىلى، ئالىملار ئادەم بەدىنىدىكى «ئىنسۇلىن گېنى» نى چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسىگە يۆتكىۋېدى، شۇنىڭ بىلەن قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان ھاماقەت يۇندىخور − چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسى بىر سەكرەپلا ئىنسانلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھورموننى ئىشلەپچىقىرىپ بېرىدىغان ماھىرغا ئايلاندى.1979 - يىلى، گېن قۇرۇلۇشى ۋاسىتىسى ئارقىلىق مەخسۇس تۇخۇم ئېقى ئاقسىلىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر خىل چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسى قۇراشتۇرۇلدى. بۇ خىل ئاقسىل ئەسلىدە توخۇنىڭ تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدە بولىدۇ، ئۇ ھەر خىل ئامىنو كىسلاتالارنىڭ مىقدارى بىرقەدەر تەكشى بولغان، ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئىنتايىن ماس كېلىدىغان ئوزۇقلۇق ماددا ھېسابلىنىدۇ. ھازىر ئۇ، باكتېرىيىلەر ئارقىلىق بىۋاسىتە ئىشلەپچىقىرىلىۋاتىدۇ، بۇ، ئىنتايىن زور ئىش! تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇكى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ قۇش باقمىچىلىقنىڭ ئورنىنى ئېلىشى مۇمكىن.
مىكرو ئورگانىزملارنىڭ نۇرغۇن ئۆزگىچە خۇسۇسىيەتلىرى بار. مەسىلەن، ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى مىكرو ئورگانىزملار ئاتموسفېرادىكى مولېكۇلا ھالىتىدىكى ئازوتنى تۇراقلاشتۇرالايدۇ. ئەگەر ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ گېنىنى كۆپ خىل ئۆسۈملۈككە يۇقۇپ يىلتىز تۈگۈنى ھاسىل قىلالايدىغان تۇپراق تاياقچە باكېرىيىسىگە كۆچۈرۈپ ياكى زىرائەتلەرنىڭ يىلتىزى ئەتراپىدا ياشايدىغان مىكرو ئورگانىزملارغا كۆچۈرۈپ، شۇ مىكرو ئورگانىزملارنىمۇ ئازوتنى تۇراقلاشتۇرالايدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە قىلغىلى بولسا، ئوغۇت مەنبەسى كېڭەيگەن بولاتتى. ئەگەر ئازوتنى تۇراقلاشتۇرىدىغان گېننى زىرائەتكە بىۋاسىتە كۆچۈرۈپ، زىرائەتنىڭ ئازوتنى ئۆزى تۇراقلاشتۇرالايدىغان سورتى يېتىلدۈرۈپ چىقىلسا، ھازىرقى ئازوتلۇق ئوغۇت زاۋۇتلىرى باشقا خىل زاۋۇتلارغا ئۆزگەرتىلگەن بولاتتى.
مىكرو ئورگانىزملارنىڭ گېن قۇرۇلۇشىدىكى رولى ئىنتايىن چوڭ. ئۇلار ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن يېڭى بايلىقلارنى يارىتىپ بېرىدۇ، ئىنسانلارنىڭ بەزى ساقايماس كېسەللىكلىرىنى ساقايتىپ بېرىدۇ، ئۇلار يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا شانلىق مەنزىلنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
|
|