بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> بىئولوگىيە >> ئۇرۇقسىز تاۋۇز قانداق پەيدا بولغان

ئۇرۇقسىز تاۋۇز قانداق پەيدا بولغان

يوللانغان ۋاقتى : 2009-02-01 10:32:30    كۆرۈلۈش سانى : 49  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
ئادەمنىڭ46  تال خروموسومى جەمئىي23  جۈپ بولۇپ، بۇنى ئىككى يۈرۈش خروموسوم دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ. بۇ خۇددى شاھماتتا ئاق ۋە قارا ئىككى يۈرۈشتىن ئات، قارتىدا تاپان، قاغا، غىش، چىللىكتىن ئىبارەت تۆت يۈرۈش قارتا بولغىنىغا ئوخشايدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئادەم بەدىنى ھۈجەيرىسىدە ئىككى خروموسوم گۇرۇپپىسى بولىدۇ، بۇ ئىككى ھەسسىلەنگەن تەنچە دېيىلىدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۈچتىن ئارتۇق خروموسوم گۇرۇپپىسى بولىدۇ، بۇ كۆپ ھەسسىلەنگەن تەنچە دېيىلىدۇ. بازاردا سېتىلىدىغان ئۇرۇقسىز تاۋۇز كۆپ ھەسسىلەنگەن تەنچىدۇر. كۆپ ھەسسىلەنگەن ئۇرۇقسىز تاۋۇزنى يېتىلدۈرۈشتە، ئاۋۋال نورمال ئىككى ھەسسىلەنگەن تەنچىلىك تاۋۇز مايسا مەزگىلىدە كولخېتسىن (سۆرۈنجان ئىشقارى) بىلەن بىرتەرەپ قىلىنىپ، ھۈجەيرىسىدىكى خروموسوملارنىڭ سانى ھەسسىلەندۈرۈلۈپ، تۆت ھەسسىلەنگەن تەنچىلىك تاۋۇز بەرپا قىلىنىدۇ. ئاندىن ئىندۇكسىيىلىنىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان تۆت ھەسسىلەنگەن تەنچىلىك تاۋۇز تۈپى ئانىلىق تۈپ، نورمال ئىككى ھەسسىلەنگەن تەنچىلىك تاۋۇز تۈپى ئاتىلىق تۈپ قىلىنىپ، ئۇلار چېچەكلىگەندە سۈنئىي ئۇسۇلدا چاڭلاشتۇرۇپ شالغۇتلاشتۇرۇلسا، ئۈچ ھەسسىلەنگەن تەنچىلىك تاۋۇز ئۇرۇقى ئېلىنىدۇ. ئىككىنچى يىلى بۇ ئۈچ ھەسسىلەنگەن تەنچىلىك تاۋۇزنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىپ، ئۆسۈپ چىققاندا يەنە نورمال ئىككى ھەسسىلەنگەن تەنچە ئۆسۈملۈكى بىلەن چاڭلاشتۇرغاندا، بۇ ئۈچ ھەسسىلەنگەن تەنچىلىك ئۆسۈملۈك تۈپىدىن ئۇرۇقسىز تاۋۇز چۈشىدۇ. ئۈچ ھەسسىلەنگەن تەنچىلىك ئۇرۇقسىز تاۋۇز سان كېمەيتىپ بۆلۈنگەندە، ئوخشاش مەنبەلىك خروموسوملار نورمال جۈپلىشەلەيدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇتلەق كۆپ ساندىكى گامېتىلاردىكى خروموسوملارنىڭ سانى نورمال بولمايدىغان بولغاچقا، بۇنداق گامېتىلار ئۇرۇقلىنىپ ئۇرۇق ھاسىل قىلالمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنى ئىككى ھەسسىلەنگەن تەنچىلىك گۈل چېڭى بىلەن غىدىقلاشقا توغرا كېلىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئۇلارنىڭ مېۋىلىرى يېتىلىپ پىشالايدۇ، لېكىن ئۇرۇقلىرى زور دەرىجىدە رودىمېنتلىشىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇرۇقسىز تاۋۇز ئۆستۈرۈشتە ھەر يىلى تۆت ھەسسىلەنگەن تەنچە بىلەن ئىككى ھەسسىلەنگەن تەنچىلەرنى ئۆزىدىن چېتىشتۇرۇپ ئۇرۇق قالدۇرۇشقا ياكى شالغۇتلاشتۇرۇپ ئۇرۇق ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇرۇقسىز تاۋۇزنىڭ ئۇرۇقى بولمايلا قالماي، گۆشىدە شېكەر تەركىبى كۆپ، تەمى تاتلىق بولىدۇ، مەھسۇلاتىمۇ ئادەتتىكى ئىككى ھەسسىلەنگەن تەنچىلىك تاۋۇزلارنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  زىيانداش ھاشاراتلا...
●  ئادەم بەدىنى ھۈجەي...
●  مىكرو ئورگانىزملىق...
●  ئۇرۇقسىز تاۋۇز قان...
●  مىكرو ئورگانىزملار
●  بىئو توقۇلمىلار
●  ھۈجەيرە
●  دېڭىز - ئوكيان مىكر...
●  شالغۇت ئەۋزەللىكى
●  مىكرو ئورگانىزملار...
●  ئاق قان ھۈجەيرىسى
●  خروموسوم
●  ئاقسىل ئېنزىمى
●  مىكرو ئورگانىزملىق...
●  ئىنتېرفېرون
●  دۆلەت چېگرىسى ئۈست...
●  تاياقچە باكتېرىيە
●  ئېتانول
●  بىر ھۈجەيرىلىكلەر ...
●  ھۈجەيرىلەر شەكىل ت...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  زىيانداش ھاشاراتلارنى ي...
●  ئادەم بەدىنى ھۈجەيرىلەر...
●  مىكرو ئورگانىزملىق دېھق...
●  ئۇرۇقسىز تاۋۇز قانداق پ...
●  مىكرو ئورگانىزملار
●  بىئو توقۇلمىلار
●  ھۈجەيرە
●  دېڭىز - ئوكيان مىكرو ئور...
●  شالغۇت ئەۋزەللىكى
●  مىكرو ئورگانىزملارغا خى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى