بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> بىئولوگىيە >> بىئو توقۇلمىلار

بىئو توقۇلمىلار

يوللانغان ۋاقتى : 2009-01-18 13:02:19    كۆرۈلۈش سانى : 46  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
ئانچە چوڭ بولمىغان بىر سۈت ئەمگۈچى ھايۋان تېنىدە تەخمىنەن10  تىرىليون دانە ھۈجەيرە بولىدۇ، بىر ئادەمنىڭ تېنىدە تەخمىنەن1800  تىرىليون دانە ھۈجەيرە بولىدۇ، بىر يوغان كىتنىڭ ھۈجەيرىسى ئاسترونومىيىلىك رەقەملەردىن ئىبارەت بولىدۇ. بۇنچىۋالا كۆپ ھۈجەيرىلەر ئوخشاش جايلاشقانمۇ، ھەم قالايمىقان ۋە تەرتىپسىز جايلاشقانمۇ ئەمەس. مورفولوگىيىلىك شەكلى ۋە فۇنكسىيىسى ئوخشىشىپ كېتىدىغان نۇرغۇن ھۈجەيرىلەر ھۈجەيرە ئارىلىق ماددىلىرى ئارقىلىق تۇتىشىپ، بىئو توقۇلمىلارنى ئورتاق ھاسىل قىلىدۇ. توقۇلما قانداق شەكىللىنىدۇ؟ ئىندىۋىدنىڭ يېتىلىشىدىن قارىغاندا، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھۈجەيرىسى بۆلۈنۈپ نۇرغۇن ھۈجەيرىلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ دەسلەپكى مورفولوگىيىلىك شەكلى، تۈزۈلۈشى ۋە فۇنكسىيىسى ئوخشاش بولسىمۇ، كېيىنچە ھۈجەيرىلەرنىڭ دىففېرېنسىيىلىنىشى ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان ھەر خىل مورفولوگىيىلىك شەكىللەر تەدرىجىي شەكىللىنىپ، ئوخشاش بولمىغان فۇنكسىيىلەرگە ئىگە بولىدۇ. ئۇلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئوخشاش بولمىغان ھۈجەيرە توپلىرى، يەنى توقۇلمىلارنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، توقۇلمىنى ھۈجەيرىلەرنىڭ دىففېرېنسىيىلەنگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى دەيمىز (سخېمىغا قاراڭ). پىيازنىڭ ئېپىدېرما ھۈجەيرىلىرى ئۇزۇن چاسا شەكىلگە يېقىنراق، ناھايىتى زىچ جايلاشقان بولۇپ، قوغداش رولىغا ئىگە بولغاچقا، بۇ ھۈجەيرىلەر توپى قوغدىغۇچى توقۇلما دەپ ئاتىلىدۇ. پەمىدۇرنىڭ مېۋە ئېتى (گۆشى) ھۈجەيرىلىرى شارسىمانراق، ئىچىدە ئوزۇقلۇقلار ساقلىنىدىغان بولۇپ، ئوزۇقلۇقلارنى ساقلاش رولى بولغاچقا، بۇ ھۈجەيرىلەر توپى ۋېگېتاتىۋ توقۇلما دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى، غولى ۋە يوپۇرماق تومۇرلىرىدا ئۆتكۈزگۈچ نەيچە ۋە غەلۋىرسىمان نەيچە دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى خىل نەيچە بولىدۇ. ئۆتكۈزگۈچ نەيچىلەر يىلتىزدىن يوپۇرماققا سۇ ۋە مىنېرال تۇزلارنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، غەلۋىرسىمان نەيچىلەر بولسا يوپۇرماقتىن غول ۋە يىلتىزلارغا ئوزۇقلۇقلارنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. شۇڭا، ئۆتكۈزگۈچ نەيچە بىلەن غەلۋىرسىمان نەيچىلەر توشۇغۇچى توقۇلمىغا مەنسۇپ. غولنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ياغاچ تالالار ۋە ئەۋرىشىم تالالار بولىدىغانلىقتىن، ئۇ خېلى چىڭ (پۇختا) بولىدۇ. بۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ شەكلى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن، پوستى ئالاھىدە قېلىن بولۇپ، ئادەم ئىسكىلىتلىرىغا ئوخشاش تىرەپ تۇرۇش رولىنى ئوينايدىغان بولغاچقا، بۇلار مېخانىك توقۇلمىغا كىرىدۇ. يىلتىز ئۇچى، بىخ ئۇچى ۋە دەرەخ قوۋزىقى ئىچىدە بىرقانچە قەۋەت ھۈجەيرىلەر بولۇپ، بۆلۈنۈش ئىقتىدارىنى مەڭگۈ ساقلاپ ئۆسۈملۈكنى ئۈزلۈكسىز ئېگىزلەش، توملىشىش، يىلتىزىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان بولغاچقا، بۇلار بۆلۈنگۈچى توقۇلمىغا كىرىدۇ. ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭمۇ ئېپىتېليە توقۇلمىسى، بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما، مۇسكۇل توقۇلمىسى ۋە نېرۋا توقۇلمىسىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ توقۇلمىسى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەربىر خىل توقۇلما يەنە بىرقانچە خىلغا بۆلۈنىدۇ. ئېپىتېلىيە توقۇلمىسىنى ئېلىپ ئېيتساق، يۈرەك ۋە قان تومۇرلارنىڭ ئىچكى يۈزىدىكىلىرى بىر قەۋەتلىك ياپىلاق ئېپىتېلىيىدۇر؛ نەپەسلىنىش يولىنىڭ ئىچكى يۈزىدىكىلىرى تۈكلۈك ئېپىتېلىيىدۇر؛ ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ئىچكى يۈزىدىكىسى بىر قەۋەتلىك تۈۋرۈكسىمان ئېپىتېلىيىدۇر؛ بەدەن تېرىسىنىڭ ئېپىدېرمىسى كۆپ قەۋەتلىك ئېپىتېلىيىدۇر؛ تەر بېزى بىلەن ئاشقازان بېزى ئاجرىتىش ئىقتىدارى بولغان بەز ئېپىتېلىيىسىدۇر. بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىنىڭ تۈرلىرى تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، سۆڭەك توقۇلمىسى، كۆمۈرچەك توقۇلمىسى، مۇسكۇل پېيى، سىڭىر، قان سۇيۇقلۇقى، شالاڭ بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما، زىچ بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلاردا بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مورفولوگىيىلىك شەكلى ۋە فۇنكسىيىلىرى ئوخشاش ئەمەس.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  زىيانداش ھاشاراتلا...
●  ئادەم بەدىنى ھۈجەي...
●  مىكرو ئورگانىزملىق...
●  ئۇرۇقسىز تاۋۇز قان...
●  مىكرو ئورگانىزملار
●  بىئو توقۇلمىلار
●  ھۈجەيرە
●  دېڭىز - ئوكيان مىكر...
●  شالغۇت ئەۋزەللىكى
●  مىكرو ئورگانىزملار...
●  ئاق قان ھۈجەيرىسى
●  خروموسوم
●  ئاقسىل ئېنزىمى
●  مىكرو ئورگانىزملىق...
●  ئىنتېرفېرون
●  دۆلەت چېگرىسى ئۈست...
●  تاياقچە باكتېرىيە
●  ئېتانول
●  بىر ھۈجەيرىلىكلەر ...
●  ھۈجەيرىلەر شەكىل ت...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  زىيانداش ھاشاراتلارنى ي...
●  ئادەم بەدىنى ھۈجەيرىلەر...
●  مىكرو ئورگانىزملىق دېھق...
●  ئۇرۇقسىز تاۋۇز قانداق پ...
●  مىكرو ئورگانىزملار
●  بىئو توقۇلمىلار
●  ھۈجەيرە
●  دېڭىز - ئوكيان مىكرو ئور...
●  شالغۇت ئەۋزەللىكى
●  مىكرو ئورگانىزملارغا خى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى