بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> بىئولوگىيە >> دېڭىز - ئوكيان مىكرو ئورگانىزملىرى

دېڭىز - ئوكيان مىكرو ئورگانىزملىرى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-01-11 13:58:00    كۆرۈلۈش سانى : 34  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
بىپايان دېڭىز - ئوكيانلار غايەت زور خەزىنىدۇر. ئۇ يەرلەردە نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك، ئەتىۋارلىق دېڭىز - ئوكيان جانلىقلىرى ياشاپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مول مېتال ۋە مېتاللوئىدلار كان بايلىقى زاپاس ساقلانماقتا. ئالىملارنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، دېڭىز سۈيى تەركىبىدە80  خىلغا يېقىن مېتال ۋە مېتاللوئىد ئېلېمېنت بار ئىكەن، مەسىلەن،21   چېتىرلىيون توننا ماگنىي،6  چېتىرلىيون توننا كالىي،1  چېتىرلىيون توننا بروم،90  مىليارد توننا يود،5  مىليون500  توننا ئالتۇن،400  مىليون توننا كۈمۈش بار ئىكەن. قۇرۇقلۇقتىكى زاپاس مىقدارى ئاز، جايلىشىشى تارقاق بولغان نۇرغۇن ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللار، مەسىلەن، ئۇران، سترونتسىي، رۇبىدىي، لىتىي قاتارلىقلارنىڭ دېڭىز سۈيىدىكى زاپاس مىقدارىمۇ ناھايىتى مول. ئاتوم ئېنېرگىيىسىنىڭ خام ئەشياسى بولغان ئۇراننى ئېلىپ ئېيتساق، دېڭىز سۈيىدە ئېرىگەن4  مىليارد500  مىليون توننا ئۇران بار بولۇپ، قۇرۇقلۇقتا ئېنىقلانغان ئۇران زاپىسىدىن2000  ھەسسە ئارتۇق. ئەمما، بىز ھازىرغا قەدەر دېڭىز سۈيىدىن پەقەت خلور، ناترىي، بروم، ماگنىي، يود، كالىي قاتارلىق ئاز ساندىكى بىرقانچە خىلىنىلا ئايرىپ ئېلىۋاتىمىز، كۆپ ساندىكى ئېلېمېنتلاردىن ئېچىپ پايدىلىنىشنىڭ تېخىغىچە ئامالى يوق. بۇنىڭدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ دېڭىز سۈيىدىكى قويۇقلۇقى ھەقىقەتەن ناھايىتى تۆۋەن، مەسىلەن، ئۇراننى ئالساق،300  توننا دېڭىز سۈيىدە ئاران1  گرام بولغاچقا، ئۇنى يىغىۋېلىش ناھايىتى قىيىن. ھازىر ئالىملار بەزى دېڭىز - ئوكيان جانلىقلىرىدا بەزى ئېلېمېنتلارنى موللاشتۇرۇپ يىغىۋېلىش ماھارىتى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئەگەر بىز مەلۇم خىمىيىۋى ئېلېمېنتنى موللاشتۇرۇپ يىغىۋالىدىغان مىكرو ئورگانىزملارنى بايقاپ ۋە يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كۆپىيىشى تېز، سانى كۆپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىپ كۆپەيتىپ، ئۇلارغا دېڭىز سۈيىدىكى ھەر خىل مىنېرال ئېلېمېنتلارنى «تويغىچە يېگۈزۈپ»، ئاندىن ئامال قىلىپ يىغىۋالساق، ھەر خىل پايدىلىق ماددىلارنى ئاجرىتىپ ئالالايمىز. شۇنى ئالدىن مۆلچەرلەشكە بولىدۇكى، ئۇزاققا بارمىغان كېلەچەكتە، دېڭىز - ئوكيان مىكرو ئورگانىزملىرى دېڭىز سۈيىدىن كان قېزىش ئىشلىرىدا ئۆز كارامەتلىرىنى كۆرسەتكۈسى.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  زىيانداش ھاشاراتلا...
●  ئادەم بەدىنى ھۈجەي...
●  مىكرو ئورگانىزملىق...
●  ئۇرۇقسىز تاۋۇز قان...
●  مىكرو ئورگانىزملار
●  بىئو توقۇلمىلار
●  ھۈجەيرە
●  دېڭىز - ئوكيان مىكر...
●  شالغۇت ئەۋزەللىكى
●  مىكرو ئورگانىزملار...
●  ئاق قان ھۈجەيرىسى
●  خروموسوم
●  ئاقسىل ئېنزىمى
●  مىكرو ئورگانىزملىق...
●  ئىنتېرفېرون
●  دۆلەت چېگرىسى ئۈست...
●  تاياقچە باكتېرىيە
●  ئېتانول
●  بىر ھۈجەيرىلىكلەر ...
●  ھۈجەيرىلەر شەكىل ت...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  زىيانداش ھاشاراتلارنى ي...
●  ئادەم بەدىنى ھۈجەيرىلەر...
●  مىكرو ئورگانىزملىق دېھق...
●  ئۇرۇقسىز تاۋۇز قانداق پ...
●  مىكرو ئورگانىزملار
●  بىئو توقۇلمىلار
●  ھۈجەيرە
●  دېڭىز - ئوكيان مىكرو ئور...
●  شالغۇت ئەۋزەللىكى
●  مىكرو ئورگانىزملارغا خى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى