بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> ئاسترونومىيە >> نېيترون يۇلتۇز

نېيترون يۇلتۇز

يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-19 11:17:03    كۆرۈلۈش سانى : 95  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
1967- يىلى ئاسترونوملار بىر خىل غەلىتە ئېلېكتر دولقۇنىنى تاسادىپىي ھالدا قوبۇل قىلىدۇ. بۇ خىل ئېلېكتر دولقۇنى خۇددى ئادەمنىڭ تومۇرى سوققانغا ئوخشاش ھەر1  ~2  سېكۇنتتا بىر قېتىم تارقىتىلىدۇ. كىشىلەر بىر مەھەل ئۇنى ئالەم ئادىمىنىڭ چاقىرىق ئاۋازى دەپ قاراپ، خېلىغىچە داغدۇغا قىلىشقان، كېيىن ئەنگلىيىلىك ئالىم يۇۋىش ئاخىر بىر خىل غەلىتە ئېلېكتر دولقۇنىنى ئېنىقلاپ چىققان، ئەسلىدە ئۇ ئىلگىرى بايقىلىپ باقمىغان ئالاھىدە تۇرغۇن يۇلتۇز، يەنى ئىمپۇلس يۇلتۇز. مۇشۇ يېڭى بايقاش سەۋەبلىك يۇۋىش1974  - يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ھازىر، بايقالغان ئىمپۇلس يۇلتۇزلار300  دىن ئاشىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سامانيولى سىستېمىسىنىڭ ئىچكى قىسمىغا جايلاشقان، قىسقۇچپاقا تۇمانلىقىنىڭ مەركىزىدىمۇ بىر ئىمپۇلس يۇلتۇز بار. ئىمپۇلس يۇلتۇزلار ئالدىنقى ئەسىرنىڭ60  - يىللىرىدىكى تۆت چوڭ ئاسترونومىيىلىك بايقاشنىڭ بىرى (قالغان ئۈچى: يۇلتۇزسىمان جىسىم، يۇلتۇزلار ئارا ئورگانىك مولېكۇلىلار، ئالەم K3 مىكرو دولقۇن رادىئاتسىيىسى).  چۈنكى ئۇ رادىئو ئىمپۇلسىنى توختىماي تارقىتىپ تۇرىدۇ، يەنە كېلىپ ئىككى ئىمپۇلس ئارىسىدا ئارىلىق ( ئىمپۇلس دەۋرى) ناھايىتى تۇراقلىق بولىدۇ، توغرىلىق دەرىجىسى ئاتوم سائىتىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىدىن قېلىشمايدۇ. ھەر خىل ئىمپۇلس يۇلتۇزىنىڭ دەۋرىيلىكى ئوخشاش بولمايدۇ، ئۇزاق بولغاندا7 .3 سېكۇنت بولىدۇ، قىسقا بولغاندا ئاران033 .0 سېكۇنت بولىدۇ. ئىمپۇلس يۇلتۇزلار تېز سۈرئەت بىلەن ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىدىغان نېيترون يۇلتۇزلاردىن ئىبارەت. نېيترون يۇلتۇزلار ناھايىتى كىچىك بولۇپ، ئادەتتە دىئامېتىرى ئاران10  كىلومېتىر كېلىدۇ، ماسسىسى قۇياشنىڭ ماسسىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالىدۇ، زىچلىقى ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ زىچلىقىدىن يۇقىرى بولىدىغان ئادەتتىن تاشقىرى زىچ تۇرغۇن يۇلتۇزدۇر. نېيترون يۇلتۇز ئەسلىدە ماسسىسى قۇياشنىڭ ماسسىسىدىن چوڭ بولغان بىر تۇرغۇن يۇلتۇزدىن ئىبارەت. ئۇ پارتلاپ گۈمۈرۈلۈپ قورۇلۇش جەريانىدا پەيدا بولىدىغان زور بېسىم كۈچى ئۇنىڭ ماددىي قۇرۇلمىسىدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا، ئاتومنىڭ سىرتقى پوستى بېسىلىپ بۇزۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى ئاتوم يادروسىمۇ بېسىلىپ بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. ئاتوم يادروسىدىكى پروتون بىلەن نېيترون قىستاپ چىقىرىلىپ، پروتون بىلەن ئېلېكترون بىر يەرگە كېلىپ يەنە بىرىكىپ نېيتروننى ھاسىل قىلىدۇ. ئەڭ ئاخىردا، بارلىق نېيترونلار قىستىلىپ بىر يەرگە كېلىپ نېيترون يۇلتۇزنى ھاسىل قىلىدۇ. نېيترون يۇلتۇزدا، ھەر كۇب سانتىمېتىر ماددىنىڭ ئېغىرلىقى بىر مىليارد توننىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. تۇرغۇن يۇلتۇز قورۇلۇپ نېيترون يۇلتۇزنى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىشى تېزلىشىپ كېتىدۇ، ھەر سېكۇنتتا نەچچە قېتىم، ھەتتا نەچچە ئون قېتىم ئايلىنىش سۈرئىتىگە يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قورۇلۇش ئارقىلىق نېيترون يۇلتۇز ناھايىتى كۈچلۈك بىر «ماگنىت تۆمۈر» گە ئايلىنىدۇ، بۇ «ماگنىت تۆمۈر» ئۆزىنىڭ مەلۇم بىر قىسمىدىن سىرتقا ئېلېكتر دولقۇنى تارقىتىدۇ. ئۇ تېز سۈرئەت بىلەن ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلانغاندا، خۇددى بىر مۇناردىكى ماياكقا ئوخشاش تەرتىپلىك ھالدا يەر شارىغا ئۈزلۈكسىز تۈردە ئېلېكتر دولقۇنىنى چېچىپ تۇرىدۇ. ئېلېكتر دولقۇنىنى تارقىتىدىغان شۇ قىسمى يەر شارىغا يۈزلەنگەندە، بىز ئېلېكتر دولقۇنىنى قوبۇل قىلالايمىز؛ شۇ بىر قىسمى ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ ئېغىپ كەتكەندە، بىز ئېلېكتر دولقۇنىنى قوبۇل قىلالمايمىز. شۇڭا، بىز ئارىلاپ - ئارىلاپ ئېلېكتر دولقۇنىنى قوبۇل قىلىمىز. بۇ خىل ھادىسە يەنە «ماياك ئېففېكتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نېيترون يۇلتۇزنىڭ ئېنېرگىيىلىك رادىئاتسىيىسى قۇياش رادىئاتسىيىسىنىڭ1   مىليون ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ. ئەگەردە ئۇ بىر سېكۇنت ئىچىدە تارقاتقان ئومۇمىي ئېنېرگىيىنىڭ ھەممىسى ئېلېكتر ئېنېرگىيىگە ئايلانسا، بىزنىڭ يەر شارىدا نەچچە مىليارد يىل ئىشلىتىشىمىزگە بىمالال يەتكەن بولاتتى. نېيترون يۇلتۇز تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھالىتى ئەمەس، ئۇ تېخى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەدرىجىي ئۆزگىرىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى يۇقىرى، ئېنېرگىيە خورىتىشىمۇ ناھايىتى تېز بولىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ ئۆمرىمۇ ئاران نەچچە100  مىليون يىل داۋاملىشىدۇ. ئۇنىڭ ئېنېرگىيىسى خوراپ تۈگىگەندىن كېيىن، نېيترون يۇلتۇز نۇر تارقاتمايدىغان قارا پەتەك يۇلتۇزغا ئايلىنىپ  قالىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  يەرشارى قۇياش ئەتر...
●  نېيترون يۇلتۇز
●  ئېرىدان يۇلتۇز تۈر...
●  سەۋر يۇلتۇز تۈركۈم...
●  ھارۋىكەش يۇلتۇز تۈ...
●  جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈ...
●  كىچىك ئىت يۇلتۇز تۈ...
●  چوڭ ئىت يۇلتۇز تۈرك...
●  ئورىئون يۇلتۇز تۈر...
●  دۇلدۇل يۇلتۇز تۈرك...
●  پېرسېي يۇلتۇز تۈرك...
●  ئاندرومېدا يۇلتۇز ...
●  سېفېي يۇلتۇز تۈركۈ...
●  يىلانچى يۇلتۇز تۈر...
●  تەڭداشسىز قەھرىمان
●  كەلپىندە 5.2بال يەر ...
●  ئاق قۇ يۇلتۇز تۈركۈ...
●  ئەجدىھا يۇلتۇز تۈر...
●  لىرا يۇلتۇز تۈركۈم...
●  بۈركۈت يۇلتۇز تۈرك...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  يەرشارى قۇياش ئەتراپىدا...
●  نېيترون يۇلتۇز
●  ئېرىدان يۇلتۇز تۈركۈمى
●  سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمى
●  ھارۋىكەش يۇلتۇز تۈركۈمى
●  جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمى
●  كىچىك ئىت يۇلتۇز تۈركۈم...
●  چوڭ ئىت يۇلتۇز تۈركۈمى
●  ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى
●  دۇلدۇل يۇلتۇز تۈركۈمى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى