ئېرىدان يۇلتۇز تۈركۈمى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-17 11:27:29 كۆرۈلۈش سانى : 57
ئېرىدان يۇلتۇز تۈركۈمى ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان، شىمالىي يېرىم شاردا قىش پەسلىنىڭ جەنۇب ئاسمىنىدا كۆرۈنىدىغان ئاساسىي يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئۆركەشلەپ تۇرغان دولقۇنغا ئوخشاش، ئورىئون يۇلتۇزلار تۈركۈمىدىكى رىگېل (ئورىئونβ) نىڭ يېنىدىن ئېقىپ چىقىپ، سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمى، كىت يۇلتۇز تۈركۈمى، توشقان يۇلتۇز تۈركۈمى ئوتتۇرىسىدا ئەگرى - بۈگرى ئېقىپ غەربىي جەنۇبقا قاراپ ئۇزاپ، جەنۇبتىكى ئۇپۇق سىزىقىنىڭ ئاستىدا كۆرۈنمەيدىغان جايغا بېرىپ ئاياغلىشىدۇ. ئېرىدان يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ ئەڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى جەنۇبىي ئۇپۇق سىزىقىغا يېقىن جايدا، مۇشۇ يۇلتۇز تۈركۈمىگە مەنسۇپ1 - دەرىجىلىك يورۇق كۆرۈنىدىغان بىر يۇلتۇز − ئېرىدان يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ α يۇلتۇزى (ئېرىدان α) بار. ئېرىدان يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى كۆپلىگەن يۇلتۇزلار سەل تۇتۇق كۆرۈنىدۇ، بىراق، بۇ يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ ئەتراپىدا تۇرغۇن يۇلتۇزلار ناھايىتى ئاز بولغانلىقتىن، كىشىلەر ئۇلارنى يەنىلا ناھايىتى ئاسان تاپالايدۇ.
قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدە ھېكايە قىلىنىشىچە، قۇياش ئىلاھى ئاپوللونىڭ ئوغلى فائېتۇن ئېرىداندا ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلۈپ كەتكەن، ئاپوللو ئىنتايىن ئازابلانغان. ئاسمان ئىلاھى زېئۇس ئاپوللوغا تەسەللى بېرىپ، فائېتوننى ئەرشىئەلاغا ئېلىپ چىقىپ، ھارۋىكەش يۇلتۇز تۈركۈمىنى ھاسىل قىلغانىكەن. يەنە ئېرىداننىمۇ ئەرشىئەلاغا ئېلىپ چىقىپ، جەنۇب ئاسمىنىدا ئەگرى - بۈگرى ئېرىدان يۇلتۇز تۈركۈمىنى ھاسىل قىلغانىكەن.
|
|