بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> ئاسترونومىيە >> ھارۋىكەش يۇلتۇز تۈركۈمى

ھارۋىكەش يۇلتۇز تۈركۈمى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-15 10:12:54    كۆرۈلۈش سانى : 58  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
قىش پەسلىنىڭ كېچە ئاسمىنىدا، جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمىدىن سامانيولىنى بويلاپ غەربكە نەزەر سالساق، بەش يورۇق يۇلتۇزدىن تۈزۈلگەن بىر بەش تەرەپلىكنى كۆرىمىز. بۇ بەش تەرەپلىكنىڭ ئەڭ جەنۇبىي تەرىپىدە كۆرۈنىدىغان يۇلتۇز سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ β يۇلتۇزىدىن ئىبارەت. شىمال تەرىپىدە كۆرۈنىدىغان تۆت يۇلتۇز ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى قىسمەن يۇلتۇزلار ھارۋىكەش يۇلتۇز تۈركۈمىدۇر. ھارۋىكەش يۇلتۇز تۈركۈمىدە ئەڭ يورۇق كۆرۈنىدىغان α يۇلتۇزى كاپېللا (ھارۋىكەشα) دەپ ئاتىلىدۇ. ھارۋىكەش يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ يېرىمى سامانيولىدا بولۇپ، ئۇنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمى، غەربىي شىمالىدا پېرسېي يۇلتۇز تۈركۈمى، جەنۇب تەرىپىدە سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمى، شىمال تەرىپىدە زىراپە يۇلتۇز تۈركۈمى بار. بىز ھارۋىكەش يۇلتۇز تۈركۈمى ئارقىلىق شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىنى تاپالايمىز، يەنى θ يۇلتۇز بىلەن β يۇلتۇزنى بىر سىزىق قىلىپ تۇتاشتۇرۇپ، شىمالغا قاراپ ئۈچ ھەسسە ئۇزارتساق، شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىنى ئۇچرىتىمىز. ھارۋىكەش يۇلتۇز تۈركۈمى توغرىسىدا، قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدە مۇنداق بىر ھېكايە بايان قىلىنىدۇ: ئاسمان ئىلاھى زېئۇسنىڭ ئاتىسى كرونوس ئۆزىنىڭ بالىلىرىنى رەھىمسىزلەرچە بىر - بىرلەپ يەۋەتكەنىكەن. زېئۇس تۇغۇلغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئانىسى رۇييا ئامال قىلىپ كرونوسقا تاشنى يېگۈزۈپ، زېئۇسنى كرىتى ئارىلىدا ئۆچكە ئامارفىييانىڭ سۈتىنى بېرىپ ئوغرىلىقچە بېقىپ چوڭ قىلغانىكەن. كېيىن زېئۇس ئاتىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ئىلاھلارنىڭ پادىشاھىغا  ئۆزگەرگەن ۋاقىتتا، ئۇ ئۆچكە ئانىنىڭ سۈت بېرىپ باققان ئەجرىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى ئەرشىئەلاغا ئېلىپ چىقىپ، پادىچى مۈرىسىگە ئانا ئۆچكىنى ئېلىۋالغان ھەم ئىككى ئوغلاقنى ئەگەشتۈرۈۋالغان ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، ھارۋىكەش يۇلتۇز تۈركۈمىنى ھاسىل قىلغانىكەن. زېئۇس ۋە ئىلاھە خانىش ھېرانىڭ ھېپىستاس ئىسىملىك بىر ئاقساق ئوغلى بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئوغلى ئېلىكتونېسنىڭمۇ پۇتىدا چاتىقى بولۇپ، يول مېڭىشتا قىينىلىدىغان مېيىپ ئىكەن. ئېلىكتونېس ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى تولۇقلاش ئۈچۈن تۆت ئاتلىق ھارۋا كەشىپ قىلىپ، ئۇنى ئۆزى ھەيدەيدىكەن. زېئۇس ئۇنى تەقدىرلەپ ئەرشىئەلاغا ئېلىپ چىقىپ، ھارۋىكەش يۇلتۇز تۈركۈمىنى ھاسىل قىلغانىكەن ھەمدە ئانا ئۆچكە ۋە ئىككى ئوغلاقنى ئۇنى قوغداشقا ئەۋەتكەنىكەن.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  يەرشارى قۇياش ئەتر...
●  نېيترون يۇلتۇز
●  ئېرىدان يۇلتۇز تۈر...
●  سەۋر يۇلتۇز تۈركۈم...
●  ھارۋىكەش يۇلتۇز تۈ...
●  جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈ...
●  كىچىك ئىت يۇلتۇز تۈ...
●  چوڭ ئىت يۇلتۇز تۈرك...
●  ئورىئون يۇلتۇز تۈر...
●  دۇلدۇل يۇلتۇز تۈرك...
●  پېرسېي يۇلتۇز تۈرك...
●  ئاندرومېدا يۇلتۇز ...
●  سېفېي يۇلتۇز تۈركۈ...
●  يىلانچى يۇلتۇز تۈر...
●  تەڭداشسىز قەھرىمان
●  كەلپىندە 5.2بال يەر ...
●  ئاق قۇ يۇلتۇز تۈركۈ...
●  ئەجدىھا يۇلتۇز تۈر...
●  لىرا يۇلتۇز تۈركۈم...
●  بۈركۈت يۇلتۇز تۈرك...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  يەرشارى قۇياش ئەتراپىدا...
●  نېيترون يۇلتۇز
●  ئېرىدان يۇلتۇز تۈركۈمى
●  سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمى
●  ھارۋىكەش يۇلتۇز تۈركۈمى
●  جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمى
●  كىچىك ئىت يۇلتۇز تۈركۈم...
●  چوڭ ئىت يۇلتۇز تۈركۈمى
●  ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى
●  دۇلدۇل يۇلتۇز تۈركۈمى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى