بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> ئاسترونومىيە >> سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمى

سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-16 10:38:12    كۆرۈلۈش سانى : 52  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمى قىشنىڭ كېچىلىك ئاسمىنىدا كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك چاقنايدىغان بىر يۇلتۇز تۈركۈمىدۇر. ئۇ ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، سامانيولى ئارقىلىق ھارۋىكەش يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن يىراق - يىراقتىن قارىشىپ تۇرىدۇ.1  - دەرىجىلىك يۇلتۇز ئالدېباران (سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ α يۇلتۇزى) مۇشۇ يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ، بۇ قىزىل رەڭلىك يورۇق يۇلتۇز ئادەتتە مەزكۇر يۇلتۇز تۈركۈمىنى تونۇشنىڭ مۇھىم بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمى ئۆزىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى ھەمەل يۇلتۇز تۈركۈمى، شەرق تەرىپىدىكى جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمىگە ئوخشاش بولۇپ، ئومۇمەن ھەممىسى ئېكلىپتىكىغا جايلاشقان يۇلتۇز تۈركۈمىدۇر. ھەر يىلى11  - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن12  - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى گۇگۇم ۋاقتىدا سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمى شەرق تەرەپتە ئۇپۇق سىزىقى ئۈستىدە پەيدا بولىدۇ. كېيىن كۆتۈرۈلۈش ۋاقتى بارا - بارا ئالدىغا سۈرۈلىدۇ.1  - ئاينىڭ ئاخىرى،2  - ئاينىڭ بېشىغا كەلگەندە، چۈشتىن كېيىن سائەت1  ~2  لەردە كۆتۈرۈلىدۇ. گۇگۇم ۋاقتىغا كەلگەندە، ئۇ ئاللىقاچان كۆتۈرۈلۈپ بولغان بولىدۇ. سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمىدە بىر داڭلىق يۇلتۇزلار توپى بار بولۇپ، ئۈكەر يۇلتۇزلار توپى دېيىلىدۇ. ئۇ قەدىمدىن تارتىپلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلگەن. ئاددىي كۆز بىلەن كۆزەتكەندە، ئۇ يەتتە دانە يۇلتۇزدىن تۈزۈلگەن ھالەتتە كۆرۈنىدۇ، شۇڭا، ئەل ئىچىدە «يەتتە ئاچا - سىڭىل يۇلتۇز» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ قىشتىكى كېچە ئاسمىنىدا ئىگىلەيدىغان كۆلىمى تەخمىنەن «تولۇن ئاي» نىڭكىدەك چوڭ بولىدۇ. تېلېسكوپ بىلەن كۆزىتىش ئارقىلىق ئۈكەر يۇلتۇزلار توپى280  دىن ئارتۇق تۇرغۇن يۇلتۇزدىن تۈزۈلگەنلىكى، دىئامېتىرىنىڭ تەخمىنەن13  يورۇقلۇق يىلى ئىكەنلىكى، بىز بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ تەخمىنەن410  يورۇقلۇق يىلى كېلىدىغانلىقى بايقالغان. بىز دائىم مۇشۇنداق بىرقانچە ئونلىغان، بىرقانچە يۈزلىگەن تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ قانۇنىيەتسىز بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن يۇلتۇزلار توپىنى «تارقاق يۇلتۇزلار گۇرۇھى» دەپ ئاتايمىز. سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمىدە يەنە بىر داڭلىق تارقاق يۇلتۇزلار گۇرۇھى بار بولۇپ، «شولا يۇلتۇزلار توپى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ، تەخمىنەن300  تۇرغۇن يۇلتۇزدىن تۈزۈلگەن، دىئامېتىرى تەخمىنەن33  يورۇقلۇق يىلى، بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن143  يورۇقلۇق يىلى كېلىدىغان بولۇپ، تارقاق يۇلتۇزلار گۇرۇھى ئارىسىدا بىزگە ئەڭ يېقىن جايلاشقىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا ياۋروپا ئىسىملىك بىر گۈزەل مەلىكە ئۆتكەنىكەن. ئاسمان ئىلاھى زېئۇس ناھايىتى بۇرۇنلا ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالغانىكەن، بىراق، ئۇنىڭ ئىشلىرى كۆڭۈلدىكىدەك بولماپتۇ. بىر كۈنى ياۋروپا دېدەكلىرى بىلەن بىللە دېڭىز ساھىلىغا تاماشا قىلغىلى بارغاندا، زېئۇس پۈرسەتتىن پايدىلىنىپ بىر ئاق بۇقىغا ئۆزگىرىپ، ياۋروپانى ئالداپ - شىلاپ كرىتى ئارىلىغا ئاپىرىپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىپتۇ ۋە بالىلىق بوپتۇ. كېيىن زېئۇس ئۇ ئۆزگىرىۋالغان بۇقىنى ئەرشىئەلاغا ئېلىپ چىقىپ، سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمىنى ھاسىل قىلغانىكەن.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  يەرشارى قۇياش ئەتر...
●  نېيترون يۇلتۇز
●  ئېرىدان يۇلتۇز تۈر...
●  سەۋر يۇلتۇز تۈركۈم...
●  ھارۋىكەش يۇلتۇز تۈ...
●  جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈ...
●  كىچىك ئىت يۇلتۇز تۈ...
●  چوڭ ئىت يۇلتۇز تۈرك...
●  ئورىئون يۇلتۇز تۈر...
●  دۇلدۇل يۇلتۇز تۈرك...
●  پېرسېي يۇلتۇز تۈرك...
●  ئاندرومېدا يۇلتۇز ...
●  سېفېي يۇلتۇز تۈركۈ...
●  يىلانچى يۇلتۇز تۈر...
●  تەڭداشسىز قەھرىمان
●  كەلپىندە 5.2بال يەر ...
●  ئاق قۇ يۇلتۇز تۈركۈ...
●  ئەجدىھا يۇلتۇز تۈر...
●  لىرا يۇلتۇز تۈركۈم...
●  بۈركۈت يۇلتۇز تۈرك...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  يەرشارى قۇياش ئەتراپىدا...
●  نېيترون يۇلتۇز
●  ئېرىدان يۇلتۇز تۈركۈمى
●  سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمى
●  ھارۋىكەش يۇلتۇز تۈركۈمى
●  جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمى
●  كىچىك ئىت يۇلتۇز تۈركۈم...
●  چوڭ ئىت يۇلتۇز تۈركۈمى
●  ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى
●  دۇلدۇل يۇلتۇز تۈركۈمى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى