جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-14 11:27:56 كۆرۈلۈش سانى : 46
جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمى − ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىگە جايلاشقان، ئۇ سامانيولىنىڭ غەربىگە جايلاشقان سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن يىراق - يىراقلاردىن قارىشىپ تۇرىدۇ، ئېكلىپتىكانىڭ12 بۇرجىغا جايلاشقان يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يۇلتۇز تۈركۈمىدە ئىككى دانە يورۇق يۇلتۇز بار، بىرى «جەۋزا α» يۇلتۇزى (كاستور)، يەنە بىرى «جەۋزا β» يۇلتۇزى (پوللۇكس) بولۇپ، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاسمان ئىلاھى زېئۇسنىڭ پەرزەنتلىرىدىن كاستور ۋە بولدىيۇكىسلارنىڭ بېشىغا سىمۋول قىلىنىدۇ. جەۋزا α يۇلتۇزى ۋە جەۋزا β يۇلتۇزى ناھايىتى يېقىن تۇرۇپ، قوشماقلارچە قىزغىن ھالەتنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنىڭدىن300 نەچچە يىل ئىلگىرى، جەۋزا α يۇلتۇزى بىلەن جەۋزا β يۇلتۇزىنىڭ يورۇقلۇقى ئوخشاش ئەمەس ئىدى. بىراق، ھازىر ئىنىسى پوللۇكسنىڭ يورۇقلۇقى ئاكىسى كاستورنىڭ يورۇقلۇقىدىن ئېشىپ كەتتى. پوللۇكس ھازىر1 - دەرىجىلىك يۇلتۇز، كاستور بولسا2 - دەرىجىلىك يۇلتۇزدۇر.
جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمىدە بىر ئاقار يۇلتۇزلار توپى بار، ئۇنىڭ رادىئاتسىيە نۇقتىسى جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمى α يۇلتۇزىنىڭ يېنىدا. ھەر يىلى12 - ئاينىڭ11 - كۈنىنىڭ ئالدى - كەينىدە ئاقار يۇلتۇز يامغۇرى شۇ يەردىن پەيدا بولۇپ،13 - كۈنىگە كەلگەندە يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلىدۇ. ئاقار يۇلتۇز يامغۇرى كۈچەيگەن چاغدا، ئاقار يۇلتۇز نۇرلىرى قالدۇرغان يول - يول ئىزلار خۇددى تۆت ئەتراپقا چاچرىغان كۈمۈش نۇرغا ئوخشاش، ئىنتايىن كۆركەم كۆرۈنىدۇ.
قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدە، ئاسمان ئىلاھى زېئۇس بىلەن لىدانىڭ بىر جۈپ قوشكېزەك ئوغلى بار ئىدى، دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. ئاكىسىنىڭ ئىسمى كاستور، ئىنىسىنىڭ ئىسمى بولدىيۇكېس بولۇپ، ئۇلار ئىنتايىن مېھرىبان، كۆيۈمچان ئىكەن. بىراق، ئاكىسى كاستور بىر قېتىملىق جەڭدە بەختكە قارشى قۇربان بوپتۇ، بۇ ئىشتىن ئىنىسىنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بولۇپ، ئاسمان ئىلاھى زېئۇستىن ئاكىسى بىلەن بىللە ياشاشنى تەلەپ قىپتۇ. زېئۇس ئۇنىڭ تەلىپىنى بەجا كەلتۈرۈپ، ئىككىلىسىنى ئەرشىئەلاغا ئېلىپ چىقىپ، جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمىنى ھاسىل قىلغانىكەن. ئۇزاق زامانلار ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا باشلىرىنى يېقىن قىلىپ، مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ ئىجىل - ئىناق ياشايدىكەن.
|
|