چوڭ ئىت يۇلتۇز تۈركۈمى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-09 11:20:46 كۆرۈلۈش سانى : 50
چوڭ ئىت يۇلتۇز تۈركۈمى قىش پەسلىدە جەنۇبنىڭ كېچە ئاسمىنىدا كۆرۈنىدىغان يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىگە، توشقان يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ دەل شەرق تەرىپىگە جايلاشقان. بۇ يۇلتۇز تۈركۈمىدە كۈن بويى ئەڭ يورۇق كۆرۈنىدىغان يۇلتۇز − سىرىئۇس (چوڭ ئىت α) يۇلتۇزى بار بولغاچقا، ئۇنى ناھايىتى ئاسان پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ.
چوڭ ئىت يۇلتۇز تۈركۈمى گەرچە جەنۇبىي ئاسماندا كۆرۈنىدىغان بىر كىچىك يۇلتۇز تۈركۈمى بولسىمۇ، بىراق، بۇ يۇلتۇز تۈركۈمىدە بىر دانە كۈن بويى ئەڭ يورۇق كۆرۈنىدىغان بىر تۇرغۇن يۇلتۇز سىرىئۇس (چوڭ ئىت α) بار بولغانلىقتىن، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتىپ تۇرىدۇ. يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسى ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان بىر ئوۋ ئىتىنىڭ ئۆزىنىڭ غەربىگە جايلاشقان توشقان يۇلتۇز تۈركۈمىگە ئېتىلىۋاتقان ھالىتىگە ئوخشاپ قالىدۇ. سىرىئۇس (چوڭ ئىت α) يۇلتۇزى بۇ ئوۋ ئىتىنىڭ بۇرنىغا جايلاشقان بولۇپ، سىرىئۇس ε يۇلتۇزى (ئېلىمىزدە چوڭ ئىت يەتتە دەپ ئاتىلىدۇ)1 - دەرىجىلىك يۇلتۇزلاردەك يورۇق بولۇپ، دەل ئوۋ ئىتىنىڭ قورساق قىسمىغا جايلاشقان، سىرىئۇس β يۇلتۇزى (چوڭ ئىت ئىككى) ئوۋ ئىتىنىڭ بىر پۇتىغا جايلاشقان. گەرچە پۈتكۈل يۇلتۇز تۈركۈمى كىچىك بولسىمۇ، بىراق، ئۇ ئىنتايىن يورۇق كۆرۈنىدۇ. چوڭ ئىت يۇلتۇز تۈركۈمىدە6 - دەرىجىلىكتىن يۇقىرى122 دانە تۇرغۇن يۇلتۇز بار.
قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئوۋچى ئورىئون (ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى) بەختكە قارشى ئۆزىنىڭ مەشۇقى ئارتېمىس تەرىپىدىن ئۇقۇشماستىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوۋ ئىتى سىلۋىس ئىنتايىن ئازاب ئىچىدە، كۈن بويى ھېچ نەرسە يېمەي ھەسرەت بىلەن ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرىدىكەن، ئاقىۋەت ئاچلىقتىن ئىگىسىنىڭ ئۆيىدە ئۆلۈپ قالىدىكەن. بۇ ئىشتىن ئاسمان ئىلاھى زېئۇس قاتتىق تەسىرلىنىپ كېتىپ، ئۇنى ئەرشىئەلاغا ئېلىپ چىقىپ، چوڭ ئىت يۇلتۇز تۈركۈمىنى ھاسىل قىلىدىكەن. چوڭ ئىت يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ يۈرۈشى، سىلۋىسنىڭ ئىگىسىگە بولغان ساداقەتمەنلىكىنى ئىپادىلەيدىكەن.
|
|