ئارزۇ - ئۈمىد
چۈشەندۈرۇلشى : ئەي ئوغلۇم، ئارزۇ - ئۈمىد يوللۇق، ئىمكانىيەتكە قاراپ بولۇشى لازىم. دۇنيادا ئارزۇ - ئۈمىد دېگەن چەكسىزلىككە ئى ...
ئەي ئوغلۇم، ئارزۇ - ئۈمىد يوللۇق، ئىمكانىيەتكە قاراپ بولۇشى لازىم. دۇنيادا ئارزۇ - ئۈمىد دېگەن چەكسىزلىككە ئىگە. ئۇ ھەر دائىم يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. بىزگە مۇيەسسەر بولسا، يەنە بىر ئارزۇ تۇغۇلىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى ھېسابتا بۇ ئارزۇ قانائەت تاپماي بۇ دۇنيادىن كېتىسەن. شۇڭا، ئارزۇ قوغلاشتىم، ئۈمىدۋار بولدۇم دەپ مۇمكىن بولمايدىغان ئارزۇغا باغلىنىپ قېلىش ياكى ئايىغى چىقمايدىغان يولغا كىرىپ قېلىش سېنى بەختسىز قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. ئادەم ھاياتىدا ھېچبولمىغاندا بىرەر ئارزۇ - ئارمىنى ئەمەلگە ئاشسىمۇ بەخت ھۇزۇرىغا چۆمىدۇ. شۇڭا، چامىڭ يېتىدىغان، ئىمكانىيەت يار بېرىدىغان ئىشنى تاللىشىڭ كېرەك، بۇمۇ ئاقىلانىلىك بولىدۇ. چامى يەتمەيدىغان ئىشقا قەدەم قويۇش، بويى يەتمەيدىغان يەرگە قول سوزۇش بىغەرەزلىك بولىدۇ.
|