بىلىمسىزلىك ۋە گۇناھكارلىق
چۈشەندۈرۇلشى : ئەي مىللەتنىڭ ئائىلىدىكى ۋەكىلى بولغان ئەر، شۇنى بىلگىنكى، بىلىم تەس، بىلىمسىزلىك ئۇنىڭدىنمۇ تەس. تەقۋادارل ...
ئەي مىللەتنىڭ ئائىلىدىكى ۋەكىلى بولغان ئەر، شۇنى بىلگىنكى، بىلىم تەس، بىلىمسىزلىك ئۇنىڭدىنمۇ تەس. تەقۋادارلىق قىيىن، گۇناھكارلىق ئۇنىڭدىنمۇ قىيىن. چۈنكى بىلىمسىزلىك ۋە گۇناھكارلىقنىڭ ئاقىۋىتى پالاكەتتۇر. گۇناھ ۋە ھارامدىن ساقلانغانلارنىڭ بولسا يولۇققان قىيىنچىلىقلارنى يېنىكلىتىش، مۈشكۈللەرنى ئاسانلاشتۇرۇشقا كېپىللىك قىلىدىغان بىر يۈرۈش قوغدىغۇچىلىرى بار. گۇناھ ۋە ھارامدىن ساقلانغانلار بۇ دۇنيادا ياخشى مەدھىيىلەرگە ېرىشكىنىدەك، ئاخىراتتىمۇ تۈگىمەس ئەجىرلەرگە ئىگە بولىدۇ. چۈنكى گۇناھ ۋە ھارامدىن ساقلانغۇچىلار ھەر ئىش ۋە ھەر خۇسۇسىينىڭ ھەقىقىتىنى تەھلىل قىلىدىغان، ماھىيىتى ۋە ئىچكى سىرىدىن خەۋەردار بولغان ۋە تەپەككۇر قىلىدىغانلاردۇر |