ئەقىل ھەم غەيرەت
چۈشەندۈرۇلشى : ئەي ئوغلۇم، ئەقىل قۇۋۋىتى بىلەنلا ناچار ئىللەتلەرنى تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ھەم ئقەلى، ھەم غەيرەتتىن ئىبارەت بۇ ...
ئەي ئوغلۇم، ئەقىل قۇۋۋىتى بىلەنلا ناچار ئىللەتلەرنى تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ھەم ئقەلى، ھەم غەيرەتتىن ئىبارەت بۇ ئىككى كۈچلۈك قۇۋۋەت بىرلەشكەندىلا ئاندىن تۈگەتكىلى بولىدۇ. بۇ ئىككى قۇۋۋەت كىمدە بولسا، بۇياقتىن قويۇپ بەرسەڭ، ئۇياقتىن بۇلجۇتماي چىقىدىغان يورغا ئاتقا ئايلىنىدۇ. ئەگەر بۇ ئىككى قۇۋۋەتنىڭ ھەر ئىككىسى ئاز بولسا ياكى بىرى بولۇپ، يەنە بىرى بولمىسا، ئۇ چاغدا ھېلىقى ئىككى قۇۋۋەت خۇددى بېشى قاتتىق، يۈگەنسىز توپسۇن ئاتقا ئوخشاپ قالىدۇ - دە، ئادەمنى ئاپىرىپ تاغقا ئۇرامدۇ، تاشقا ئۇرامدۇ، يارغا تاشلامدۇ، سۇغا تاشلامدۇ، بۇنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ. ئەگەر ئەقىل ۋە غەيرەتكە ئىگە بولمىساڭ، سەن ئۆمۈر بويى ئىختىيارسىز ھالدا ئىككى پېشىڭنى پالاقلىتىپ، ئىككى كۆزۈڭ بىلەن ئاسمانغا قارىغىنىڭچە مەسخىرە ئىچىدە ئۆتىسەن.
|