شان - شەرەپ
چۈشەندۈرۇلشى : ئەي مىللەتنىڭ ۋەكىل بولغان ئەر، شۇنى بىلگىنكى، ئاتاڭدىن قالغان شۆھرەت بىلەن قانائەتلىنىپ قالما. ئۇ شەرەپ ۋە ...
ئەي مىللەتنىڭ ۋەكىل بولغان ئەر، شۇنى بىلگىنكى، ئاتاڭدىن قالغان شۆھرەت بىلەن قانائەتلىنىپ قالما. ئۇ شەرەپ ۋە شۆھرەت ئۆتمۈشۈڭگە مەنسۇپتۇر. ئەجدادىڭدىن قالغان شان - شەرەپ ۋە شۆھرەتكە سەنمۇ يېڭى ۋە مۇناسىپ شان - شەرەپلەرنى قۇچقىن. شۇنداق قىلغاندىلا ھەقىقىي شەرەپلىك بولىسەن. ئۆزۈڭگە مەنسۇپ بولغان شەرەپكە ئىشەنچىڭ بولمىغۇچە، ئاتاڭنىڭ شان - شەرىپى بىلەن شەرەپلىك بولۇش داۋاسىدا بولما. چۈنكى ئۆزۈڭگە خاس شەرەپ بولمىغۇچە، باشقىلارنىڭ شەرىپى ساڭا ئەسقاتمايدۇ. ئۆتكۈشۈڭگە مەنسۇپ بولغان شەرەپ بىلەن شەخسىي ئۆزۈڭگە مەنسۇپ بولغان شەرەپ ئارىسىدىكى پەرق بۈگۈن بىلەن تۈنۈگۈن ئوتتۇرىسىدىكى پەرققە ئوخشاش
|