ياخشى ئادەت
چۈشەندۈرۇلشى : ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال، شۇنى بىلگىنكى، ناچار ۋە ئەسكى خوتۇنلارنىڭ ئادىتى ياخشى خوتۇنلارنىڭ ئادەتلىر ...
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال، شۇنى بىلگىنكى، ناچار ۋە ئەسكى خوتۇنلارنىڭ ئادىتى ياخشى خوتۇنلارنىڭ ئادەتلىرىدىن تامامەن باشقىچە بولىدۇ. ئەسكى خوتۇنلار يوق نەرسىلەر ئۈچۈن ئېرى بىلەن ۋارقىرىشىدۇ. ئەرلىرى بىرەر ئىشنى بېجىرەلمىسە شۇ ھەقتە ئۇزۇنغىچە سۆزلەيدۇ. ئۆز سۆزىنى راست قىلىش ئۈچۈن بارلىق كۈچىنى سەرپ قىلىدۇ. ئېرى توختىمىسا ياكى چىقىپ كەتمىسە ئۇلار داۋاملىق سۆزلەيدۇ. ئۆزلىرىنىڭ كىچىككىنە خىزمەتلىرىنى ئۇلۇغ ساناپ مىننەت قىلىدۇ، گويا دۇنيانى شۇلار ئوڭشايدىغاندەك سۆزلەيدۇ. ئېرىدىن كۆرگەن ياخشىلىقلارنى يوققا چىقىرىدۇ، ھەتتا «مەن سەندىن ھېچقانداق ياخشىلىق كۆرمىدىم» دەيدۇ، «ئۆمرۈم سەن بىلەن زاياغا كەتتى» دەپ ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھالبۇكى بۇنداق خوتۇنلار لەنەتكە دۇچاردۇر.
|