كرالا پولگا (1945 )كرالا پولگا - خەلقئارا شاھماتچىلىق ساھەسىدىكى ئۈچ مەشھۇر قىز - پولگا قىزلىرىنىڭ ئانىسى، 1968 - يىلى ۋېنگرىيىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى راسلو پولگا بىلەن توي قىلغان. ئەر - خوتۇن پولگالار بالىلىرىنى كىچىكىدىن تەربىيىلەشكە ناھايىتى ئېتىبار بەرگەن. ئۇلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىشى ئارقىسىدا ئۈچ قىزى دۇنيادا ئاتاقلىق شاھماتچى بولۇپ يېتىشكەن. بۇنى ئائىلە تەربىيىسى تارىخىدىكى بىر مۆجىزە دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ چوڭ قىزى سۇشاننا تۆت يېشىدا بۇداپېشتتا بالىلار بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا شاھمات مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن، ئالتە قېتىم خەلقئارالىق مەشھۇر ئاياللار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان؛ ئوتتۇرانچى قىزى سۇفىيە 14 يېشىدا ئولىمپىك ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشكەن. كەنجى قىزى ئىئودېتا تېخىمۇ تالانتلىق قىزچاق بولۇپ، 11 يېرىم يېشىدا ئولىمپىك ئالتۇن مېدالىغا ئىرىشكەن، توققۇز قېتىم خەلقئارالىق مەشھۇر ئاياللار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. 16 يېشىدا ئەر دۇنيا چېمپىيونىنى يېڭىپ، بۈگۈنكى دەۋردىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ئايال شاھماتچىغا ئايلانغان.
مېنىڭ بالىلارنى تەربىيىلىشىمدە ھېچقانداق سىر يوق، ئەگەر بار دېيىلسە، تۆۋەندىكى تەرەپلەردە ئىپادىلىنىشى مۇمكىن: بىرىنچىدىن، تەربىيە كىچىكىدىلا تۇتۇلغان. ئۈچ قىزىم ئۈچ - تۆت يېشىدىن تارتىپلا شاھماتقا كىرىشكەن. بۇ ئۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈك قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم. بالىلارنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تەربىيىلەش ئارقىلىق ھەرقانداق بالا تالانت ئىگىسى بولۇپ چىقالىشى مۇمكىن. بۇ مېنىڭ ئېرىمنىڭ كۆز قارىشى، بۇنىڭغا مەنمۇ قوشۇلىمەن. تەربىيىلىسە، ھەرقانداق بالا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يېتەلەيدۇ. ئىككىنچىسى، نىشاننى توغرا تاللاش كېرەك. ئۆز ۋاقتىدا بىزمۇ بالىلارنى ماتېماتىكىغا قىزىقتۇرىمىز دەپ ئويلىغن، لېكىن ئويلىغىنىمىزدەك بولمىدى. شاھماتنى ئۆگىتىۋىدۇق. دەرھاللا ئۆگىنىۋېلىشتى. ئەڭ ئاخىرىدا شۇنىمۇ ئېيتىپ قويۇشۇم زۆرۈرمۇ قانداق، ھەر ھالدا بالىلارغا ياخشى مۇھىت، بولۇپمۇ ئۇلارنى ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان كۆڭۈللۈك ئائىلىۋى مۇھىت كېرەك. يەنە تەربىيىدە ئىلمىي ئۇسۇلىغىمۇ ئېتىبار بېرىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەلۋەتتە.
1965 - يىلى مەن تۇنجى قېتىم بۇداپېشقا كەلگەن. روچ )راسلونىڭ ئەركىلەتمە ئىسمى( بىلەن تۇنجى قېتىم يۈز كۆرۈشكىنىمدە، ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ ئالتە بالا تېپىش نىيىتى بارلىقىنى ۋە ئۇلارنى تەربىيىلەش پىلانلىرىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى. بىز توي قىلىپ ئىككىنچى يىلى چوڭ قىزىم سۇشاننانى تۇغدۇم. ئۇنى ئاللىقانداق بىر تەربىيىلىگۈمىز كېلىپ كەتتى، لېكىن ئىشنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمىدۇق ياكى ئۇنىڭدا قانداقتۇر بىر ئىقتىدارنىڭ ئىزناسى بارلىقىنى سېزەلمىدۇق. شۇڭا مەن بىر تالانت ئىگىسىنى تۇغدۇم، دېگەن گەپنى تېخىمۇ دېيەلمەيمەن - دە، قەرز بولۇپ قىلىپ، پۇلنىڭ خىجالىتى بەك ئۆتۈلۈپ كەتكەچكە، مەن ئىككى يىرىم يىل تۇغۇت دەم ئېلىشىمنى تۈگىتىپلا يەسلىگە ئىشقا چۈشتۈم. بىر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلسەم روج بىلەن سۇشاننا شاھمات ئويناۋېتىپتۇ. سۇشاننا تارتمىدىن شاھماتنى تېپىۋېلىپ دادىسىنى ئۆگىتىپ قوي، دەپ تۇرۇۋاپتىكەن. دادىسى ئۇنىڭغا ئۇرۇقلارنىڭ يۈرۈشىنى ئۆگىتىپ قويغاندىن كېيىن بىر مۆجىزە يۈز بەردى: مىدىرلاپ جايىدا جىم تۇرمايدىغان شوخ سۇشاننا بىردىنلا تەمكىن، چوڭقۇر ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ كېتىدىغان بىر قىزغا ئايلاندى. باشقا ئويۇنچۇقلىرىنى پۈتۈنلەي تاشلاپ، دادىسىغا دائىم، شاھمات ئوينايمىز، دەپ غەلۋە قىلىدىغان بولۇۋالدى. شاھماتتىكى ئىلگىرىلىشىمۇ كارامەت ئىدى. بىريىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بىز ئۇنى ئاچىقىپ بالىلار بىلەن شاھمات مۇسابىقىسىگە سالدۇق. دەسلەپتە، كىچىك بالىنى بەكمۇ قىيناپ قويۇپسىلەر، دېگەن گەپكىمۇ قالدۇق. لېكىن كېيىن ئۇ ئون نەچچە ياشلىق ئوغۇللارنى ئۇتقىلى تۇرۇۋدىدى، خەقلەر ياقىلىرىنى تۇتۇشۇپ ئۇنىڭغا قايىل بولۇشتى.
راستتىنى ئېيتقاندا، مەن ئانىلىق تەبىئىتىم بويىچە ئىش كۆردۈم. قىزىمنىڭ شاھماتقا ئامراقلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ مەن يەنە نېمە دېيىشىم مۇمكىن؟ بۇ جەھەتتە روچقا خېلى چوڭ ياردەم قىلدىم دېسەم بولار. ئاتا بىلەن بالا خالىغان ئىشقا مەن ھەرگىز توسالغۇلۇق قىلمايمەن - دە. بەش يېرىم يىلدىن كېيىن يەنە ئىككى قىزىم - سۇفىيە بىلەن ئىئودېتانى تۇغدۇم. ئۇلار ئىككى - ئۈچ ياشلارغا كىرگەن چاغدا، سۇشاننا شاھماتنى تېخىمۇ ئۇستىلار بىلەن ئوينايدىغان بولدى. ئوتتۇرانچىسى بىلەن كەنجىسىنىڭ ئارىلىقىدا بىر يېرىم ياش پەرق بولغاچقا، ئۇ ئىككىسى دائىم بىللە ئوينايتتى، لېكىن ئاچىسى ئۇلارغا قوشۇلمايتتى. سۇشاننانىڭ ئۆيىگە سالاپەتلىك چوڭ كىشلەر كىرىپ - چىقىپ تۇراتتى. سىڭىللىرى ئۇنىڭ ئۆينىڭ جىمجىت ئىكەنلىكىگە قاراپ، نېمە ئىش باركىن، دەپ مارىشاتتى، بەزىدە ئىچىگە كىرمەكچى بولغاندا، دادىسى ئۇلارنى توسۇپ بۇ يەرگە پەقەت شاھمات ئوينىيالايدىغانلارلا كىرىدۇ، دەيتتى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئىككى بۇدرۇقمۇ شاھمات ئۆگىنىشكە كىرىشتى شۇنىڭ بىلەن شاھمات ئائىلىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسىگە ئايلاندى. سۇشاننا بىر رۇس ئاچقان يەسلىدىن چىققاندىن كېيىن كېيىنكى ئىككىسى كىرىپ تىل ئۆگەندى. شۇڭا ئۈچىلا قىزىم رۇسچىنى ئوبدان سۆزلەيدۇ.
بالىلار چوڭ بولغانسېرى شاھماتچىلىكتىكى ماھارىتى پىشقىلى تۇردى، لېكىن ئاۋارىچىلىكلەرگىمۇ جىق ئۇچرىدۇق بەزىلەر ھە دېسە ئاقساقاللىق قىلىپ، سوغۇق سۇ چېچىپ، كىنايە گەپلەرنى دەپ، تىنچ ئائىلىمىزنى پاراكەندە قىلغىلى تۇردى. بالىلارنىڭ ياخشى ئوقۇيالمايۋاتقانلىقى، روچنىڭ كۈندۈزى خىزمەتكە بارالمايۋاتقانلىقىغا قاراپ بىزمۇ سەل ئىككىلەنگەن، لېكىن ھەر ھالدا بىر - بىرىمىزگە تەسەللى بېرىپ ئۇ ئۆتكەلدىنمۇ ئۆتۈۋالدۇق. 9197 -، 1980 - يىللار بىز ئۈچۈن ھەقىقەتەن قىيىن يىللار بولغان. بالىلارنى دەپ، مۇلازىمەت مەكتىپىدە رۇسچە، نېمىسچە دەرسلەرنى ئۆتتۈم، روچ كېچىلىك سمېنىدا ئىشلىدى. سۇشانناغا نېمىسچىنى مەن ئۆگەتكەن، كېيىن ئۇ بىر شاھماتچى دوستىدىن دۇنيا تىلىنى ئۆگىنىۋاپتۇ.
1981 - يىلى يازدا 12 ياشلىق سۇشانناغا ھەمراھ بولۇپ ئەنگىلىيە دۇنيا شاھمات مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا بارماقچى ئىدىم، لېكىن مەكتەپ ماڭا رۇخسەت بەرمەي تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىم كېلىپ، بولدىلا، بالىلىرىمغا قاراي، دەپ خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىۋەتتىم. بۇ ماڭا ئاسانغا توختىمىدى، چاغلاپ - چېنەپ ئۆي تۇتۇشقا توغرا كەلدى. بىر فورېنتنىڭ بېشىدا ئوت كۆيىدىغان بولدى. مەيلى ئاز يەپ،