-
دۆلەتنىڭ دۈشمەنلىرى كىم ؟!
2009-06-01
دۆلەت بىلەن بىرلىكنى ،مەركەز بىلەن ئورتاقلىقنى ساقلاش ئۈچۈن بىز شۇنداق قىلدۇق. خاتاغىمۇ ماقۇل دىدۇق،تۈزىتىۋالسىمۇ كېرەك يوق دىدۇق. يەنە قايتىلىسىمۇ ئەگىشىۋەردۇق.....قانداق؟ بىز مىننەتدارلىققا لايىقكەنمىزمۇ...
خەلىقنىڭ جوڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى قوشقان ھەسسىلىرى تەشۋىقاتتا كادىرلارنىڭ يېتەكلىشى بىلەن دىيىلىدۇ...تەر تۆكۈپ تۆت تال پۇل تاپساق...ئۇنىڭ رەھبەرلىكى، بۇنىڭ يېتەكلىشى دەپ سۆزلەپ كېتىدۇ تەشۋىقاتلاردا .
تاسلا قالىدۇ، بىز تاپقان بالىنىمۇ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغىلى...قىسىر گۇيلار....
پاش قىلىش ساندۇقلىرى دات بېسىپ تۇرىدۇ...كىمنى پاش قىلىمىز....دادىسىغا بالىسىنى پاش قىلامدۇق....كۆتە ئۇنداق رەڭۋازلىقىڭنى.....پاش قىلغۇڭ بولسا، مىڭلاپ مولۇق شەخسى يەرلەرنى...ھەشەمەتلىك داچىلارنى سۈرۈشتۈرىۋال....ئىگىسىنى تاپساڭلا..پارىخور ئەمەلدارنى تاپىسەن.... -
چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر (2)
2009-04-19
2. جۇغراپىيىۋى سىياسەتنىڭ قۇربانلىرى
ياۋرو-ئاسىيانىڭ خەستەلەنگەن يۇرىكى-ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خەستىلىك ۋە ئازابلىق تارىخى ئەركسىزلىكنىڭ تەمىنى تەتىغان ھەمدە ئەركسىزلىكنىڭ بىر مىللەت ئۇچۇن ئەڭ زور دەرىجىدىكى يوقىتىش ۋە تراگەدىيە ئىكەنلىكىنى ئەتىراپ قىلغان قەلبلەر بىلەن كوپ ئوخشاشلىققا ئىگە بولسىمۇ، لەكىن ئۇ يەنە ئوزىگە خاس تەرەپلەرگە ئىگە. بەلكى، -
چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر (1)
2009-04-19
ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىن خىلۋەت قالغان قەدىمىي دىيارى خوتەننىڭ قاراڭغۇ مەدرىسلىرىدە ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ غۇۋا نۇر چۇشۇپ تۇرىدىغان تۇڭلۇكلىرىدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئوتمۇش قەھرىمانلارنىڭ مۇساپىلىرىنى كورۇش بىلەن تەپەككۇر قاينىمىغا چومۇپ، باتۇرلارنىڭ جەڭ ئارغىماقلىرىنى ئوز ۋەتىنىدە قايتىدىن چاڭ چىقارغۇسى كەلگەن م.ئى.بۇغرا بۇنىڭدىن 60 يىل مۇقەددەم قەرىنداشلىرىغا قارىغاندا بالدۇرراق ئوز ئانا تۇپرىقى – شەرقىي تۇركىستاننىڭ چوڭ شاھمات تاختىسى ئىكەنلىكىنى سەزىۋالغان ئىدى.