• چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر (1)

    2009-04-19

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/38119711.html

    چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر
     نەبىجان تۇرسۇن 

    ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىن خىلۋەت قالغان قەدىمىي دىيارى خوتەننىڭ قاراڭغۇ مەدرىسلىرىدە ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ غۇۋا نۇر چۇشۇپ تۇرىدىغان تۇڭلۇكلىرىدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئوتمۇش قەھرىمانلارنىڭ مۇساپىلىرىنى كورۇش بىلەن تەپەككۇر قاينىمىغا چومۇپ، باتۇرلارنىڭ جەڭ ئارغىماقلىرىنى ئوز ۋەتىنىدە قايتىدىن چاڭ چىقارغۇسى كەلگەن م.ئى.بۇغرا بۇنىڭدىن 60 يىل مۇقەددەم قەرىنداشلىرىغا قارىغاندا بالدۇرراق ئوز ئانا تۇپرىقى – شەرقىي تۇركىستاننىڭ چوڭ شاھمات تاختىسى ئىكەنلىكىنى سىزىۋالغان ئىدى. ئۇ، مىللىتىنىڭ تەقدىرىنىڭ پاجىەلىك بولۇپ قەلىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە يەنىلا بالدۇرراق چۇشەنچە ھاسىل قىلغان ئەرباپ بولۇش سۇپىتى بىلەن تەلەيسىزلىكلەرنى ئالدى بىلەن جۇغراپىيىۋى مۇھىتتىن كەلىپ چىقىدىغان جۇغراپىيىۋى سىياسەت بىلەن باغلاپ مۇنداق خۇلاسىلايدۇ؛
    "شەرقىي تۇركىستاننىڭ توت ئەتراپىنىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ ئىگىز تاغلىرى بىلەن ۋە ئەڭ يامان چوللىرى بىلەن ئورالغانلىقى ھەم ھەچ بىر تەرىپى دەڭىزغا يەقىن ئەمەسلىكى، قۇرۇغلۇقتىمۇ مەدەنىي مەملىكەتلەردىن بەك يىراقتا ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ جۇغراپىيىلىك تەلەيسىزلىكلىكى ۋە كۇچلۇك دۇشمەننىڭ ئاچكوز ۋە تاماخور ئاغزىغا بەك يەقىن بولغانلىقى يۇقىرىقى كوز قاراشنى قۇۋۋەتلەيدۇ".[1]
    ئامەرىكىنىڭ ئاتاقلىق ئىستراتەگىيىسىچىسى، سوۋەت ئىتتىپاقىنى يىمىرىپ تاشلاشنىڭ ئىستراتەگىيىلىك تەپەككۇر ئاساسىنى ياراتقۇچى ۋە كۇچەيتكۇچى زبىگنەۋ برىزەنسىكىي ئوزىنىڭ "چوڭ شاھمات تاختىسى" ناملىق مەشھۇر كىتابىدىكى دۇنياۋى ئىستراتەگىيىلىك مەنپەەتلەرنىڭ توقۇنۇش نۇقتىلىرىدىن ھەسابلىنىدىغان توچكىلار قاتارىدا ئۇيغۇر دىيارىنىمۇ تىزغان يەنى ئۇ ئۇيغۇر تۇپراقلىرىنىڭ چوڭ ئويۇنلار ئوينىلىدىغان شاھمات تاختىسىدىكى ئورنىنى مۇەييەنلەشتۇرگەن ئىدى[2].

    1.قەشقەرىيىنىڭ يىقىلىشى-پاجىەنىڭ باشلىنىشى
    ئۇيغۇر دىيارى 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئىسمى-جىسمىغا لايىق چوڭ شاھمات تاختىسى بولغان .چۇنكى، ئۇنىڭ جەنۇبىي قوشنىلىرى ئۇلۇغ بىرتانىيەنىڭ خەرىتىسىگە كىرگەن بولسا، غەربىي ۋە شىمالىي تەرەپلىرىدە چار رۇسىيىنىڭ كازاك سولداتلىرىنىڭ ئارغىماقلىرى كىشنەپ، رۇس مۇجىكلىرى ئىلى ۋادىلىرىغا قەدەم قويغان ئىدى. بۇلاردىن ئىلگىرىرەك مەزكۇر زەمىنگە يەتىپ كەلگەن مانجۇر خاندانلىقى شەرقنىڭ “كەسەل كورپىسى” سۇپىتىدە مەزكۇر چوڭ ئويۇنغا ئىشتىراك قىلسىمۇ، لەكىن ئۇنىڭدا پاسسىپ رول ئوينىدى. گەرچە، ئوسمانلى ئىمپەرىيىسى ئوزىنىڭ ئاجىزلىشىپ، بۇرۇنقى جەڭگىۋارلىقى ۋە سەلتەنەتىنى يوقىتىشقا قاراپ يۇزلەنگەن بولۇشىغا قارىماي، يەنىلا مەزكۇر چوڭ ئويۇندىن ئوز نەسىۋىسىنى ئالدى. ئوز قەرىنداشلىرى ھەسابلانغان ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاستە چەگرىلىنىشتىن مەھرۇم قالغان ۋە ياكى بۇنىڭغا ئىنتىلمىگەن ئوسمانلى ئىمپەراتورلىرى ياقۇپ   بەگ   بىلەن يوشۇرۇن مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىپ، رەقىپلىرى بەرىتانىيە بىلەن چار رۇسىيىنىڭ غەزىپىنى قوزغاشتىن ئەھتىيات قىلىشىدىن قەتىي نەزەر ئوزلىرىدىن ئۇمىد كۇتكەن ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئوزلىرىگە يۇكلىگەن قەشقەرىيە دولىتىنى يەنىلا ھامىلىق ئاستىغا ئالدى. ياقۇپ   بەگ   دادىللىق بىلەن ئوزىنى سۇلتان ئابدۇل ئەزىزگە تەۋە دەپ ئەلان قىلىش بىلەن ئۇنىڭ نامىغا ئاتاپ پۇل قۇيدى.
    گەرچە، بۇ جايدىكى مەنچىڭ ھوكۇمرانلىقى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قوزغىلاڭلىرىنىڭ زەربىلىرى ئاستىدا گۇمران بولسىمۇ، لەكىن رۇسىيە- بەرىتانىيە دىپلوماتىك ئويۇنلىرى ئوسمانلىلارنى بىر چەتكە قايرىۋەتىپ، "خۇددى ساڭىمۇ يوق ، ماڭىمۇ يوق" دەگەندەك ئاخىرقى ھەسابتا بۇ تۇپراقلارغا مەنچىڭ ئەسكەرلىرىنى قايتىدىن باشلاپ كەلدى. بەلكى، ئاسىيانىڭ خەستىلەنگەن مەزكۇر يۇرىكى-شەرقىي تۇركىستاندا يەقىنقى ئەسىرلەردە ھەچكىممۇ ساۋاتسىز ياقۇپ بەگدەك ماھىرلىق بىلەن دىپلوماتىك ئويۇن ئويناپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. سۇلھىگە ماھىر بەدولەت ئوزىنىڭ جۇغراپىيىلىك مۇھىتىدىن چىقىش قىلىپ، ئۇلۇغ بەرىتانىيە، چار رۇسىيە، ئوسمانلى ۋە مەنچىڭ ئىمپەرىيىلىرى بىلەن بىر مەيدان دىپلوماتىك سەھىرگەرلىك ئويۇنى ئويناپ باقتى. ئۇ، بىر تەرەپتىن ئوز ئەلچىلىرىنى سانكىتپەتەربۇرگقا ماڭدۇرۇپ، رۇس ئىمپەراتورى بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇشقا رازىلىق بىلدۇرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىنگىلىزلارغىمۇ ئوخشاش خىلدىكى ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلار بىلەن سودا كەلىشىمى تۇزۇش يولى بىلەن غەيرى رەسمى مۇناسىۋەت ئورناتتى. ئىنگىلىز ، رۇس رازۋەتچىكلىرى قەشقەرنىڭ تار كوچىلىرىدا بىر –بىرى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالغاندا، ئۇلار ئوزلىرىنىڭ ئوينىلىۋاتقانلىقىنى ھەس قىلىشتى. بەدولەت يەنە مەنچىڭ بىلەنمۇ ئۇرۇشقاندىن كورە سۇلھى تۇزۇپ، ئۇنىڭ قايتىپ كەلىشىنى چەكلىمەكچى بولۇپ، ئادەملىرىنى ئەۋەتتى.
    چوڭ ئويۇننىڭ ئىشتىراكچىلىرى ئىچىدە بەرىتانىيە بىراز ئادىلراق يول تۇتقان بولۇپ، ئۇ پۇتۇن ئىمكانىيەتلىرى بىلەن قەشقەرىيىنى ساقلاپ قەلىشقا تىرىشىپ، سانكىتپەتەربۇرگقا قەشقەرىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى بىرلىكتە تونۇش ھەققىدە تەكلىپ قويدى. لەكىن، بۇ تەكلىپ رەت قىلىندى. ئاخىرقى قەتىم 1877-يىلى زوزوڭتاڭ ئۇرۇمچىنى ئىشغال قىلىپ، داۋانچىڭدىن ئوتكەندە لوندون يەنە بىر قەتىم قەشقەرىيىنى چار رۇسىيە، بەرىتانىيە ۋە مەنچىڭ ئارىسىدىكى بىتەرەپ دولەت سۇپىتىدە ساقلاپ قەلىش ھەققىدە سانكىتپەتەربۇرگقا قايتا تەكلىپ بەرگەن بولسىمۇ، لەكىن بۇمۇ قەتئىي رەت قىلىندى[3].ئەسلىدە 1865-يىلى مەنچىڭ ئىمپەرىيىسى رۇسىيە ھوكۇمىتىدىن ئىلى ۋە يەتتە شەھەردىكى قوزغىلاڭلارنى باستۇرۇشتا ياردەملىشىشنى سورىغان بولۇپ، رۇسىيە ھوكۇمىتى دەسلىۋىدە بۇنىڭغا قۇلاق سالمىغان. ئەمما، كەيىن قەشقەرىيە خانى ياقۇپ بەگنىڭ رۇسىيە ئۇچۇن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتىپ، ئوز چەگرىسى يەنىدا مۇنداق دۇشمەنلىك خاراكتەرىدىكى بىر مۇسۇلمان ھوكۇمرانىنىڭ بولۇشىنى خالىمىدى ۋە ئاخىرىدا رۇسىيە قوشۇنلىرى ئىلى ۋە ئۇنىڭ مەركىزى غۇلجىنى ئىشغال قىلدى[4]. ئىنگىلىزلارنىڭ ئاخىرقى قەتىملىق تەكلىپلىرى چار پادىشاھ تەرىپىدىن رەت قىلىنغاندىن كەيىن، ئىنگىلىزلار ئاخىرى ئامالسىز قەلىپ، زوزوڭتاڭنى قورال بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنى قەشقەرىيىگە قويۇۋەتتى.
    بۇ يەردە رۇسلار نەمە ئۇچۇن لوندوننىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىدۇ؟
    1-سەۋەب؛ بۇ چاغدا رۇس ئىستراتەگىيىچىلىرى ئارىسىدا "ئوتتۇرا ئاسىيا پەقەت رۇسلارغىلا تەۋە بولۇش كەرەك، ئەگەر مۇستەقىل قەشقەرىيە شەكىللەنسە، بۇ "كۇن پاتماس ئىمپەرىيىنىڭ" كاسپىي بويىغىچە كەڭىيىپ، رۇسىيىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازىيىدىن سىقىپ چىقىرىشى، مۇستەقىل قەشقەرىيە بەرىتانىيىنىڭ يىراق ئاسىيا ئىستراتەگىيىسى ئۇچۇن ئۇنۇملۇك خىزمەت قىلىشى ۋە ياكى ئىشلىتىلىشى مۇمكىن" دەگەندەك نۇقتىىنەزەر ئۇستۇنلۇكنى ئىگىلىگەن بولۇپ، مانا بۇ مەسىلىنىڭ تۇگۇنى ئىدى.
    2-سەۋەب ئىقتىسادى نۇقتىغا قارىتىلغان بولۇپ،19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ، چار رۇسىيە ئوزىنىڭ شەرق ئىستراتەگىيىسىنى كۇچەيتىش ئارقىلىق، شەرقتىكى ئاجىز ۋە قالاق مەملىكەتلەرنى سودا-ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن مونوپول قىلىشقا ئۇرۇندى. بىراق، بۇ ۋاقىتلاردا مەنچىڭ ئىمپەرىيىسىدە يۇز بەرگەن قالايمىقانچىلىقلار، بولۇپمۇ شەرقىي تۇركىستاندا كوتۇرۇلگەن كەڭ كولەملىك قوزغىلاڭلار تۇپەيلىدىن سانكىتپەتەربۇرگ ئوزىنىڭ بۇ جايلاردىكى ئىقتىسادىي مەنەپەەتلىرىدىن ئايرىلىپ قەلىشتىن ئەندىشە قىلدى. يەڭىدىن گۇللىنىۋاتقان رۇسىيە ساناەت بۇرجۇازىيىسى رۇسىيە ھوكۇمىتىدىن مەنچىڭ بىلەن بولغان سودىنى كەڭەيتىشنى تەلەپ قىلدى[5]. بۇرۇندىنلا مەنچىڭ ھوكۇمىتىنى سودا كەلىشىملىرى ئارقىلىق قىيناپ كەلگەن رۇسىيە بۇ قەتىم ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلاڭلىرىنى باستۇرۇپ بەرىپ، مەنچىڭ ھوكۇمىتىنى رازىقىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇنىڭدىن زور ئىقتىسادىي ئۇنۇم يارىتىش ھەمدە مەنچىڭ ھوكۇمىتىنى رۇسىيىگە زور سودا ئىمتىيازلىرىنى بەرىشكە قىستاش سىياسىتىنى بەلگىلىدى. ئەنە شۇنىڭ نەتىجىسى سۇپىتىدە 1879-يىلى تۇزۇلگەن للۋادىن شەرتنامىسىدە ئىلىنى قايتۇرۇش بەدىلىگە مەنچىڭ ھوكۇمىتىنى بەش مىليون رۇبلى تولەم تولەشكە ماقۇل كەلتۇرگەن بولسا،1881-يىلى بۇ شەرتنامە رەسمى ئىمزالانغاندا تولەمنىڭ باھاسى ئوستۇرۇلۇپ توققۇز مىليون رۇبلىيغا بەكىتىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە رۇس سودىگەرلىرى موڭغۇلىيە ۋە مانجۇرىيىدە باج تولىمەي سودا قىلىش ئىمتىيازىغا ئەرىشكەن[6]. مەنچىڭ ئىمپەرىيىسى رۇسىيىنىڭ قەشقەرىيە دولىتىنى ۋە ئىلى سۇلتانلىقىنى يوقىتىشتا كورسەتكەن خىزمىتى ئۇچۇن ھەر قانداق ئىقتىسادىي بەدەل تولەشكە ۋە دولەت نومۇسىنى سەتىشقا رازى بولغان.
    3-سەۋەب؛ ياقۇپ بەگنىڭ تاكتىكىدىكى ئاجىزلىقى ۋە ئەھتىياتسىزلىقى بولۇپ، ئۇ، سانكىتپەتەربۇرگقا ئوز ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىپ، چار پادىشاھ بىلەن ئىتتىپاقداشلىق ئورنىتىش ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن سودا ۋە چەگرا كەلىشىملىرىنى تۇزۇشنى ياۋاشلىق بىلەن تەكلىپ قىلىۋاتقان ۋاقتىدا ، ئۇنىڭ قوقان خانى خۇدايارخانغا يازغان خەتى يەنى قوقان بىلەن قەشقەرىيىنىڭ بىرلىشىپ، چار رۇسىيىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن قوغلاپ چىقىرىش ھەققىدىكى مەخپىي مەكتۇبى تۇركىستان گۇبەرناتورى كوۇفماننىڭ قولىغا چۇشۇپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق چوچۇگەن گەنەرال كوۇفمان چار پادىشاھنى ياقۇپ بەگگە ئىشەنمەسلىككە دەۋەت قىلدى. نەتىجىدە، رۇسلارنىڭ قەشقەرىيىنى يوقىتىش ۋە ياكى ئۇنى مۇستەقىل دولەت سۇپىتىدە ساقلاپ قالماسلىق پىكرى تەخىمۇ كۇچەيدى. ئۇنىڭ ئۇستىگە يەنە قەشقەرىيىگە مەخسۇس تەكشۇرۇشكە كەلگەن رۇسىيە خانلىق جۇغراپىيە جەمىيىتىنىڭ جاسۇسلىرى ۋە تاشكەنت سودىگەرلەر جەمىيىتىنىڭ ئاتالمىش سودىگەرلىرى ئاق پادىشاھنى قەشقەرىيە ھەققىدىكى قورقۇنچلۇق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى. ياقۇپ بەگنىڭ تۇپ مۇددىاسىنىڭ رۇسىيىنىڭ تەسىر كۇچىنى قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيادىن سىقىپ چىقىرىش ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئاساسىي نۇقتا ياقۇپ بەگنىڭ تەرجىمانىلىق سالاھىتىگە ئەرىشىۋالغان كاۋكاز مۇسۇلمانلىرىدىن   زامان     بەگ  (بەلكى تاتارلاردىن بولۇشى مۇمكىن-ئاپتور) ئارقىلىق رۇسىيە تەرەپكە يەتكۇزۇلۇپ تۇرغانلىق ئەھتىماللىقى تاتار ئالىمى قۇربان ئەلى خالىدىنىڭ مەلۇماتلىرىدا كورۇلىدۇ. قۇربان خالىدىنىڭ   زامان     بەگ   ھەققىدە بايان قىلىشىچە، ياقۇپ   بەگ   ئولگەندىن كەيىن،   زامان     بەگ   تۇركىستان گۇبەرناتورى كوۇفمان تەرىپىدىن ئوز يەنىدا قالدۇرىلىدۇ ھەمدە ئۇ”   زامان     بەگ   بىزنىڭ ئادىمىمىز ئىدى” دەيدۇ شۇنىڭدەك ئۇنى كابۇلغا ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇپ بولغاندىن كەيىن يۇقىرى ھوقۇق بەرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە قىلىدۇ. بىراق، كوۇفمان ئولگەندىن كەيىن،   زامان     بەگ   قۇرۇق قول قالىدۇ. ئەمما، يەڭى تۇركىستان گۇبەرناتورى ئۇنى ئالمۇتىنىڭ گۇبەرناتورى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. كەيىن ئۇ يەنە تۇركىستان گۇبەرناتورى تەرىپىدىن بۇخارا ئەمىرلىكىگە ئەۋەتىلىپ، ئەمىرنىڭ يەنىدا تۇرىدۇ[7].
    قۇربان خالىدىنىڭ ئەسىرىدە پاش بولغان مەزكۇر سىرلاردىن   زامان     بەگ   ئىسىملىك كىشىنىڭ ياقۇپ بەگنىڭ بىر مەھەل رۇسىيە، بەرىتانىيە، ئوسمانلى ۋە مەنچىڭ ئىمپەرىيىلىرى ئارىسىدا ئەلىپ بارغان دىپلوماتىيىلىك ھەرىكەتلىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇش ئۇچۇن ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى تەرىپىدىن “يەرىم پادىشاھ” دەپ ئاتالغان تۇركىستان ئولكىسىنىڭ باشلىقى كوۇفماننىڭ مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرغان ئادىمى ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلىش مۇمكىن بولسا كەرەك.(گەرچە قولىمىزدا باشقا دەلىللەر يەتەرلىك بولمىسىمۇ).
    نەتىجىدە، ئەينى ۋاقىتتا قەشقەرگە كەلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك رۇس ئەلچىسى ۋە رازۋەتچىكى ئا. ن. كروپاتكىننىڭ باھاسى بويىچە ئالغاندا ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى قۇدرەتلىك زامانىۋى ئارمىيە كۇچىگە ئىگە ( 40 مىڭ ۋە ياكى 80 مىڭ كىشىلىك قوشۇن ھەققىدە تۇرلۇك مەلۇماتلار بار-ئاپتور) قەشقەرىيە دولىتى دىپلوماتىيىلىك ئويۇنلارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، ئوزىنىڭ قەشقەرىيىنى ئىشغال قىلىشىغا ئىشەنچىسى يەتمەي، ۋەزىيەتنى كوزىتىپ ،پۇرسەت كۇتۇپ ياتقان زوزوڭتاڭغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بەردى. كىم بىلىدۇ؟ بەلكى ياقۇپ   بەگ   دۇشمەن بىلەن سۇلھى يولىنى تۇتماي ،پاسسىپ مۇداپىەدىن ئاكتىپ ھۇجۇمغا ئوتۇش تاكتىكىسى قوللانغان بولسا ، مەنچىڭ ئەسكەرلىرىنى شىڭ شىڭشادىن كىرگۇزىۋەتكەن بولار ئىدى. بەلكى، خاىنلار ئۇنى ئولتۇرمىگەن بولسا، قەشقەرىيىنىڭ تەقدىرى باشقىچە بولار ئىدى؟
    قەشقەرىيە ۋە ياكى يەتتە شەھەر دولىتىنىڭ 14 يىللىق قىسقا ئومرى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدىكى خاىنلىق بىلەن ساداقەتمەنلىكنىڭ توقۇنۇش نۇقتىسى بولۇپ، مەنسەپپەرەس، ھەسەتخور ئۇيغۇر بەگلىرى زوزوڭتاڭنى قەشقەرىيىنىڭ ئاجىزلىقلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئىگە قىلىپلا قالماستىن بەلكى، ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، ياقۇپ بەگنى زەھەرلىدى شۇنىڭدەك زوزوڭتاڭ قوشۇنلىرىنى يەتتە شەھەرگە باشلاپ كەلىپ، سانسىزلىغان ئوز قەرىنداشلىرىنىڭ قانلىرىنىڭ ئەقىشىنى كەلتۇرۇپ چىقاردى. ئۇيغۇرلارنىڭ ھورلۇك ئۇچۇن كۇرەش قىلىش تارىخىغا نەزەر سالغاندا ئۇلارنىڭ تەلەيسىزلىكلىرى ۋە پاجىەلىرىگە ئوزلىرى سەۋەب بولغاندەكمۇ كورۇنىدۇ. چۇنكى ، بۇ خەلقتە قەھرىمانلارنىڭ سانى قانچە كوپ بولسا، پۇرسەتپەرەس ۋە مەنسەپپەرەس خاىنلارمۇ شۇنچە كوپ ئىدى. بۇنىڭ تۇپ سەۋەبىنى شەخسىي ئاداۋەت، مەنپەەتپەرەسلىك، مەن-مەنىچىلىك ۋە ھەسەتخورلۇق قاتارلىق ئىللەتلەرگە باغلاش مۇمكىن. شەخسىي ئاداۋەت ۋە شەخسىي مەنپەەتنى كوزلىگەن ئادەملەر ھەمىشە ئوز قەرىنداشلىرى بىلەن بولغان توقۇنۇشلاردا ئۇچىنچى بىر دۇشمەننىڭ كۇچىدىن پايدىلىنىپ، مىللەتداش رەقىبىگە زەربە بەرىشكە ئادەتلەڭەن. بۇ ئادەملەر داىم دەگۇدەك ئوز خەلقى ئارىسىدىكى قارشىلىقلارنى دۇشمەننىڭ كۇچى بىلەن يوق قىلىشقا ئوگەنگەن. مىسال كەلتۇرۇش توغرا كەلسە، ئۇيغۇر تارىخىدىن بۇنىڭغا تالاي پاكىتلارنى تەپىش مۇمكىن. قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي خاراكتەرىدىكى ئاجىزلىقلار داىم ئۇنىڭ رەقىپلىرى تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كەتىلىپ، مىللەتنىڭ بەشىغا ئەغىر كۇنلەرنىڭ چۇشىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى.
    ئومۇمەن، 1877-يىلى قەشقەرىيىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئۇمىد قىلغان رۇسلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىشقا سەلىپ، زوزوڭتاڭنىڭ ئاچارچىلىق گىرداۋىغا بەرىپ قالغان چەرىكلىرىگە ئاشلىق ۋە يەم –خەشەك يەتكۇزۇپ بەرگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن مەنچىڭ قوشۇنىغا جان كىرگەنلىكى سىر بولمىسا كەرەك؟ مەنىڭچە قەشقەرىيىنىڭ ۋەيران بولۇشىدا توۋەندىكىدەك بەش ئاساسىي ئامىل مۇھىم رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن .
    1-سەۋەب، ئوز ئىچىدىكى ئىتتىپاقسىزلىق، ناچار ئىللەتلەر، مەنمەنىچىلىك، ھەسەتخورلۇق ۋە ھاكىملارنىڭ مۇستەبىتلىكى ھەم باشقا شەخسىيەتچىلىكلەر. ئەلۋەتتە، مۇنداق ئىللەتلەر ھەممە ئىنسانلارغا ئورتاق بولسىمۇ، لەكىن كوپىنچە ئەركىن مىللەتلەر تاشقى دۇشمەنگە تاقابىل تۇرۇشتا ئوز ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى ۋە مىللەت ئىستىقبالىغا زىيانلىق ھەر قانداق خاىش ۋە ئىللەتلەرگە كەسكىن چەك قويالىغان ئىدى. بىراق، ئۇيغۇرلارنىڭ سەىدىيە خاندانلىقىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلانغان دىنىي مەژەپلەرنىڭ تەپرىقىچىلىقلىرى بىلەن شەكىللەنگەن ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىقلار كۇرىشى شەرقىي تۇركىستاننىڭ چىڭگىز ئىستىلاسىدىن كەيىن شەكىللەنگەن كەڭ كولەملىك ئەتنىك جەھەتتىكى ئارىلىشىشلار نەتىجىسىدە پەيدا بولغان مىللىي پىسىخىكىلىق ئوزگىرىشلەرگە قوشۇلۇپ، بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر-تۇركىي ئەتنىك تەركىبىنىڭ مىللىي خاراكتەرىگە سەلبىي تەسىرلەرنى ئەلىپ كەلدى. شۇنىڭدىن كەيىن، ئۇيغۇرلار ھۇن ئىمپەراتورلۇقى، ئۇيغۇر ئورخۇن ئىپەرىيىسى ۋە قاراخانىلار دەۋرىدىكى ئولتۇراق ۋە كوچمەن ئۇيغۇر-تۇركىي خەلقلىرىگە ئورتاق بولغان ئۇيۇشقاق ۋە مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلىدىغان ھەمدە ئۇرۇق-قەبىلە ۋە دولەت باشلىقلىرىنىڭ سوزىگە شەرتسىز بوي سۇنىدىغان جەڭگىۋار مىللىي خاراكتەر سۇسلىشىشىشقا قاراپ يۇزلەنگەن ئىدى. ئۇيغۇرلارغا بالايى ئاپەت ئەلىپ كەلگەن ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىق كۇرىشىدىن ئالدى بىلەن جۇڭغارلار پايدىلانغان بولسا، ئارقىدىن مەنچىڭ ئىشغالىيەتچىلىرى ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، قەشقەرىيىنى كونتروللۇق ئاستىغا ئالغان ئىدى. دەمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى نىزالىرى ۋە يۇقىرىدا ئەيتىلغان ئىللەتلىرى ھەچقاچان بۇ يەردە ھوكۇمرانلىق ئورناتقان ھەر قانداق ھاكىمىيەت تەرىپىدىن چەكلەنگەن ئەمەس، بەلكى تەخىمۇ كۇچەيتىلگەن خالاس!
    2-سەۋەب، ئەنجانلىقلار(غەربىي تۇركىستانلىقلار) بىلەن قەشقەرىيىلىكلەر ئارىسىدىكى ئىشەنچىسىزلىكلەر. ياقۇب   بەگ   ئاساسىي ھەربىي ۋە مەمۇرىي ھوقۇقلارنى ئوز ئادەملىرىگە ۋە غەربىي تۇركىستاندىن كەلگەنلەرگە بەرىپ، يەرلىكلەردىن پەقەت نىياز   بەگ  ، ھوشۇر   بەگ   قاتارلىق بىر قانچىلا ئوزىگە شەرتسىز بويسۇنغان ئادەملەرگە مەلۇم ئىمتىياز بەردى. ئەمما، ئىچكى جەھەتتىن ئىتتىپاقلىشالمىغان ۋە چىقىشالمىغان بولسىمۇ، بىراق چەتتىن كەلگەن دۇشمەنگە قارشى بىرلىشەلەيدىغان، مۇستەقىللىقلىرىنى قوغداپ قەلىش ئۇچۇن كۇچ چىقىرىدىغان جاسارەتلىك باشقا پۇتۇن مىللىي ئىنقىلابچىلارنى قاتتىق باستۇرۇپ يوقاتتى[8]. كۇچار قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ داھىسى راشىدىن غوجا، ئىسساقخان شۇنىڭدەك خوتەن ۋە يەركەنت قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئەنە شۇلارنىڭ مىسالىدۇر.
    3-سەۋەب، تاشقى جەھەتتە، چوڭ ئىمپەرىيىلەرنىڭ مەنپەەت توقۇنۇشى بۇ مەسىلە ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بىز بۇ ھەقتە داۋاملىق شەرھىلەيمىز.
    4- سەۋەب،ياقۇپ بەگنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسى تاكتىكىسى ۋە دولەتنىڭ ئىچكى سىياسىتىدىكى يەتەرسىزلىكلەر . ياقۇپ   بەگ   ھەربىي ئىشلار جەھەتتە غەرب قوراللىرىنىڭ قۇدرىتىگە ئىشەنگەن ھەمدە ئاز تولا بولسىمۇ غەرب ئۇسلۇبىدا(بەلكى تۇرك ۋە ئافغان ئۇسلۇبىدا) ھەربىي تەلىم تەربىيە ئەلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما دولەتنى يەنىلا پەقەت ئوزىگىلا تايىنىپ باشقۇردى. ئۇ، ئوسمانلى ۋە بەرىتانىيە قاتارلىق قۇدرەتلىك مەلىكەتلەر بىلەن دىپلوماتىك پاالىيەت ئەلىپ بارغان بولۇشىغا قارىماي، ئۇلارنىڭ ئىلغار باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئوگەنمىدى. ئەكسىچە، ئۇ ھوكۇمەت ئىشلىرىغا تەگىشلىك پۇتۇن سىياسەت، پىكىر ۋە تەلەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوزى بەلگىلەپ چىقاتتى. مۇھىم ئىشلاردا كەڭەش ۋە مۇزاكىرە ئۇيۇشتۇرمايتتى. بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ناھايىتى ياخشى ماڭغان دولەت ئىشلىرى، باياشات ھايات ئاستا-ئاستا خاراپلىشىشقا، بەگلەر چىرىكلىشىشكە باشلىغان ئىدى. ئەمما، مەنچىڭ ئىمپەرىيىسىنىڭ زۇلمىنى يەتكىچە تارتقان ۋە ئەركىنلىككە مۇھتاج بولغان ئۇيغۇر خەلقى يەنىلا ئوز ھاكىمىيىتىنى قەدىرلەپ، ئۇنى جان تىكىپ قوغدىغان ئىدى. ئەگەر ياقۇپ   بەگ   ئاخىرغىچە توغرا ۋە ياخشى باشقۇرۇش سىياسىتى يۇرگۇزۇپ، دولەتنى ھەر جەھەتتىن قۇدرەت تاپقۇزغان بولسا، مەنچىڭ ئىمپەرىيىسىنىڭ بۇ تۇپراققا قايتىپ كەلەلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
    5-سەۋەب، ياقۇپ بەگنىڭ دۇشمەن بىلەن سۇلھى قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇنىڭغا قاتتىق ۋە قەتئىي زەربە بەرمەسلىك ھەم باشقىلاردۇر. ياقۇپ   بەگ   سۇلھىچىلىك يولىغا مەڭىپ، دۇشمەن بىلەن قەتئىي سوقۇشۇش تەرەپدارى بولغان ئوغلى   بەگ   قۇلبەگ ۋە باشقا قوماندانلىرىنى ئالدىنقى سەپتىن قايتۇرىۋەلىپ[9]، رەقىپلىرىنىڭ ئوز ئەھۋالىنى بىلىۋەلىشىغا ھەمدە ئوزىنىڭ ئاجىز نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئوزىدە ئىشەنچ پەيدا قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى . ئەسلىدە مەنچىڭ ئىمپەرىيىسىنىڭ زوزوڭتاڭ تەرەپدارلىرى قەشقەرىيە دولىتىگە ھۇجۇم قوزغاشقا ئالدىراپ جۇرئەت قىلالمىغان بولۇپ، ئۇلار بىر تەرەپتىن ياقۇپ بەگنىڭ كۇچىگە ئەندىشە بىلەن قارىسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئۇرۇشقا ئوسمانلى ئىمپەرىيىسى بىلەن رۇسىيىنىڭ ئارىلىشىپ، "يەتتە شەھەر دولىتى"گە ياردەم بەرىپ قەلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئالدى بىلەن ئۇرۇمچىنى ئىشغال قىلىپ، ۋەزىيەتنى كوزىتىپ، ئاندىن ئۇرۇش باشلىماقچى بولغان ئىدى[10].ياقۇپ بەگنىڭ كۇچ –قۇدرىتى ئەينى ۋاقىتتا مەنچىڭ ئوردىسىنى خەلى ساراسىمگە سالغان بولۇپ، لىخوڭجاڭ گۇرۇھى بىلەن زوزوڭتاڭ گۇرۇھىنىڭ يەتتە شەھەر مەسىلىسىدىكى تالاش-تارتىشلىرىدا لىخوڭجاڭ گۇرۇھى باشتىن ئاخىرى قەشقەرىيىنى تاشلىۋەتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما، زوزوڭتاڭ بولسا، ئەگەر ئۇنىڭغا يول قويغاندا ياقۇپ بەگنىڭ ھامان بىر كۇنى سەددىچىننىڭ ئىچىگە بەسىپ كىرىدىغانلىقىنى كورسىتىپ، ئۇنىڭ ئالدىنى ئەلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.نەمە سەۋەبتىن مەنچىڭ ئوردىسىدا مۇنداق تالاش-تارتىشلار يۇز بەردى؟ بۇ دەل ئەنە شۇ قەشقەرىيە دولىتىنىڭ كۇچ-قۇدرىتى جۇملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۇچ-قۇدرىتى ئىدى خالاس. مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ياقۇپ   بەگ   بىرىنچى ھۇجۇمدىلا رەقىپلىرىگە قاتتىق زەربە بەرگەن بولسا، ئۇيغۇر سىياسىي تارىخى تامامەن باشقىچە يەزىلغان بولار ئىدى. قىسقىسى ياقۇپ   بەگ  پۇرسەتنى قولدىن بەرىپ، ئاكتىپ ھۇجۇمغا ئوتۇشتىن پاسسىپ مۇداپىەگە، ئاخىرىدا بەرىپ چەكىنىشكە ھەمدە يوقىلىشقا يۇزلەندى.
    ئاقىۋەتتە، توت ئەتراپى ئىگىز تاغلار بىلەن ئورالغان تارىم ۋادىسىنى ئاشكارا بەرىۋەلىش ۋە ياكى ئۇ جايدا مۇستەقىل ئۇيغۇر دولىتىنىڭ قەد كوتىرىشنى خالىمىغان بەلكى ، خالىسىمۇ ئوزارا پايدىسىز دەپ قارىغان بەرىتانىيە بىلەن رۇسىيە ئوزلىرىدىن ئاجىز مەنچىڭ ئىمپەرىيىسىگە خۇددى بۇ "چوڭ ئويۇن"دا ئۇتتۇرغاندەك كورۇنۇش بىلەن بۇ رايوندا ئەبەدىي ئوز ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەسىرىنى ساقلاپ قەلىپ، بارا-بارا سىڭىپ كىرىش ئىستراتەگىيىسىنى بەلگىلىدى. ئۇلۇغ بەرىتانىيە بىلەن چار رۇسىيىنىڭ بۇنداق قارارغا كەلىشىگە يەنىلا ئالدى بىلەن ياقۇپ بەگنىڭ ئاخىرغىچە پۇت تىرەپ تۇرالماسلىقى ۋە مەنچىڭ قوشۇنلىرىغا زەربە بەرىپ، ئوز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قالالماسلىقى بىر سەۋەب بولۇپ قالدى.
    ئامەرىكا ئالىمى جامەس مىلىۋاردنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە ، مەنچىڭ خاندانلىقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھوكۇمرانلىقى ھەقىقى ئىمپەرىيارلىزملىق ھوكۇمرانلىق بولۇپ، زوزوڭتاڭنىڭ ئولكىنى قايتا ئىشغال قىلىشى بىلەن 1884-يىلى شىنجاڭ ئولكىسى تەسىس قىلىنىپ، ئولكىنىڭ ھوكۇمرانلىق ئورۇنلىرىنى ئىلگىرىكىدەك پۇتۇنلەي مانجۇرلار ئىگىلەشنىڭ ئورنىغا خىتايلار ئالمىشىپ، ئاساسىي ھوقۇق زوزوڭتاڭ قاتارلىق خىتايلارنىڭ قولىغا ئوتتى ھەمدە ئۇيغۇر ھاكىمبەگلىرىنىڭ ھوقۇق داىرىسىگە چەك قويۇلدى[11].شۇنىڭدىن كەيىن، زوزوڭتاڭ-ليۇ جىنتاڭ گۇرۇھى خىتايلارنىڭ ئىمتىيازىنى تىكلەپ ۋە قوغداپ، خىتايلار بىلەن ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى مىللىي مۇناسىۋەتنىڭ تەخىمۇ ئوتكۇرلىشىشىگە ئاساس سالدى .زوزوڭتاڭ قوشۇنلىرىنىڭ دەھشەتلىك ئوچ ئەلىشلىرىغا دۇچ كەلگەن شۇنىڭدەك ئىلگىرىمۇ ئۇزۇن يىللار ئۇرۇش زەرداپلىرىنى چەككەن خەلق، قاتمۇ-قات زۇلۇم ۋە مىللىي كەمسىتىشلەرگە نىسبەتەن 50 نەچچە يىل تاقەت قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
    تارىخ ھاپىلا- شاپىلا 20-ئەسىر قوينىغا كىرىش بىلەن ئىنسانىيەت دۇنياسىدە ئالەمشۇمۇل ئوزگىرىشلەر يۇز بەرىپ، بۇ شاھمات تاختىسىدا تەخىمۇ زور ۋە مۇرەككەپ ھەم كەسكىن ئويۇنلار ئوينالدى. بۇ ئويۇنلاردا لەنىن رۇسىيىسى غالىپ كەلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ نالە- پەريادلىرى قىزىل خىشلىق كرەمىل تەمىنىڭ ئىچىگە ئاڭلانمىدى خالاس !

    分享到: