• بىزگە پايدىلىق يەتتە نەسىھەت

    2009-04-19

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/38116312.html

    بىزگە پايدىلىق يەتتە نەسىھەت

    بىرىنچى نەسىھەت:


    بەش نەرسە كىلىشتىن بۇرۇن بەش نەرسىنى غەنىيمەت بىل. يەنى:
    ئۈلۈشتىن بۇرۇن ھاياتلىقىڭنى،
    ئاغرىقتىن بۇرۇن سالامەتلىكىڭنى،
    ئالدىراشتىن بۇرۇن بوش ۋاختىڭنى،
    قېرىلىقتىن بۇرۇن ياشلىقىڭنى،
    پېقېرلىقتىن بۇرۇن باي ۋاقتىڭنى غەنىيمەت بىل.

    بۇ بەش نەرسىنىڭ قىممىتى ئۇلارنىڭ ئۆزى كىتىپ ئۇلارنىڭ ئورنىغا زىتلىرى كەلگەندىن كىيىن بىلىنىدۇ. 
    بۇنى ھەر كىم ئۆز تەجرىبىسى بىلەن بىلىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ بۇنىڭغا ئىتىبار قىلمايدۇ، بىخەستىلىك بىلەن يۈرىۋىرىدۇ...

    شۈبھىسىزكى، دۇنيادا ھايات ۋە تۇرمۇش-ئالدىنىش  ۋە غەپلەتتە قېلىش ئورنىدىدۇر.
    ئادەم بالىسى بۇ دۇنيادا ھەمىشە  ئۈمىت ۋە ھەسرەت بىلەن ھايات كەچۈرىدۇ،
    بولغان-بولمىغان ۋەقەلەر توغرۇلۇق ھەسرەتلىنىپ ۋاقىت ئۆتكىزىدۇ.
    شۇ سەۋەپتىن ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزنىڭ ئەخلاقىنى گۈزەللەشتۈرۈشكە، ھەقىقى ئىلىم-مەرىپەتنى قولغا كەلتۈرۈشكە قادىر بولالمايدۇ؛
    بوش نەرسىلەر، قۇرۇق خىيال ۋە ئۈمىتلەر بىلەن  ئۆمرى ئۆتۈپ كىتىدۇ.
    ھايات توختىشى بىلەن ئادەم بالىلىرىنىڭ ئەمىلىمۇ توختايدۇ،
    ئارقىسىدىن بارىدىغان ھىچ ساۋاپلىقى قالمايدۇ.

    ئاللاتائالا تەۋپىق بەرگەن زاتلار ھاياتنىڭ ئازلا سائەتلىرىدىن كۆپ پايدىلىنالايدۇ،
    ئۇلار بۇ دۇنيادا تۇرۇپ ئۇ دۇنياغا ئۆزىنىڭ ئارقىسىدىن بېرىپ تۇرىدىغان ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلىپ قالدۇرىدۇ.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆلۈپ كىتىشتىن ئىلگىرىكى ھاياتنى غەنىيمەت بىلىش، قانداقلا بولمىسۇن ياخشى نىيەت پاك كۆڭۈل بىلەن بۇ دۇنيادا ساۋاپلىق، ياخشى ئىش  قالدۇرۇش لازىم،
    ساۋاپ ۋە ياخشىلىقنىڭ چوڭ-كىچىكى يوق، ئاز كۆپلىق قىلمايدۇ
    (كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلدىكەن ئۇنىڭ مۇكاپىتىنى كۆرىدۇ).


    ئىككىنچى نەسىھەت:

    «ئالىم ياكى مۇئەللىم(تەربىيلىگۈچى)، ئاڭلىغۇچى ياكى ئىلىمنى سۆيگۈچى بولۇپ يۈر.
    ئىلىمنى دۈشمەن كۆرگۈچى بولۇشتىن ساقلان. بولمىسا ھالاك بولىسەن.
    قولۇڭدىن كەلسە، ئىمكان يار بەرسە ئالىم بول.
    بۇ نىسىپ بولمىسا، ئوقۇغۇچى ۋە ئىلىم ئىستىگۈچى بول.
    بۇنىڭغىمۇ مۇيەسسەر بولالمىساڭ، ئىلىم مەجلىسلىرىدە ئىلىم تىڭشىغۇچى بول.
    بۇنىڭغىمۇ يىتىشەلمىسەڭ، ئىلىمنى سۆيگۈچى بول.
    ئەمما ئىلىمنى دۈشمەن كۆرگۈچى بولما، چۈنكى ھالاكەت شۇنىڭدىدۇر»

    ئىلىمنى سۆيۈش-ئۇنىڭ ئەھلىنى ھۆرمەت قىلىش، خەلق ئىچىدە ئىلىمنى تارقىتىش، ئۆگىتىش، مەكتەپ ۋە مەدرىسلەرگە، ئوقۇغۇچىلارغا ھەم ئوقۇتقۇچىلارغا ماددىي ۋە مەنىۋىي ياردەمدە بولۇش؛ گۇمان ياكى ھەسەت سەۋەبىدىن ئىلىم ئەھلىگە دۈشمەنلىك قىلىشتىن، غەيۋىتىنى قىلىشتىن، ئىلىم-مەرىپەتنى يامان كۆرۈشتىن ساقلىنىش؛ ئومۇمەن ئىلىم يولىدىكى كىشىلەر بىلەن ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشتىن ئىبارەت.
    ئەگەر كىشى دۇنيادا راھەت-پاراغەتلىك ياشاشنى خالايدىغان بولسا، بۇنىڭ چارىسى تەرتىپلىك ئىلىم ھاسىل قىلىشتۇر...
    ئىلىمنىڭ ئەھمىيىتى قانچىلىك دەرىجىدە چوڭ ئىكەنلىكىگە بۇ كۇپايە قىلسا كىرەك.


    ئۈچىنچى نەسىھەت:

    زۇلۇم قىلغۇچىنى ئەگەر ئۆز ۋاختىدا نەسىھەت قىلىپ نىيىتىدىن ياندۇرۇش ئىمكانىيىتى بولسا، ئۇ كىشى قىلغان گۇناھىنىڭ سوئال-سورىقى ئۈچۈن سوتقا بېرىپ گۇناھكار بولۇپ جازالىنىشقا ئوخشاش ئىشلاردىن ساقلىنىپ قېلىشى، ھەتتا ئۆزى قىلغان شۇ ئىشنىڭ يامانلىقىنى چۈشىنىپ، پۇشايمان قىلىشى مۈمكىن.
    بۇ ھالدا زۇلۇم قىلغۇچىنى زۇلۇمدىن مەنئى قىلىش-كۆرۈنىشتىنلا ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي مەنا بىلەن ئۇنىڭغا چوڭ ياردەم قىلغانلىق بولىدۇ.


    تۆتىنچى نەسىھەت:

    ئەمەل ۋە ئىبادەت ئۈچۈن ھەر دائىم ئىخلاس كىرەك.
    پاك كۆڭۆل ۋە ئىخلاس بىلەن قىلىنغان ئەمەللەردە ئەگەر زاكات ۋە سەدىقىلىرى تىگىشلىك ئورۇنلارغا بىرىلسە، لازىم ئەمەللەر، خۇسۇسەن ئىسلام رۇكىنلىرى ئادا قىلىنسا، ئۇ ۋاقىتتا قىياپەت گۈزەللىشىپ مال-دۇنيا كۆپىيىدۇ.
    ئەگەر نىيەت توغرا بولمىغاندا، تاشقى كۆرۈنۈشنىڭ كۆپ ئەھمىيىتى يوق.
    ئادەم بالىلىرى سۇرەت-قىياپەتتە پەرىقسىز ۋە بىر-بىرىگە ئوخشايدۇ.


    بەشىنچى نەسىھەت:

    ئادەم بالىسى ئۆز ئاتا-ئانىسى، ئۇستاز-مۇئەللىملىرى ۋە ئەتراپ مۇھىتتىن ئالغان تەربىيەنىڭ تەسىرىدە ئۆزىدە بولغان ھالنى ماقۇل كۆرىدۇ، ئەقىدە ۋە ئەمەللىرىنى مۇۋاپىق ھەم توغرا دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپىنچە ئۆزىنىڭ خاتا يولغا كىرىپ قالغانلىقىنى سەزمەيدۇ، ئۆزىنى ئەقىلىىق بىلىپ ئۆزىنى توغرا يولدا، باشقىلارنى ئازغۇنلار قاتاردا كۆرىدۇ.
    مانا مۇشۇنداق ئەخۋالغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن، ھەركىم ئۆز-ئۆزىدىن ئەمىن تۇرماسلىقى، بەلكى ئۆز نەپسىنى ھەر ۋاقىت خەتەرلىك ئەھۋالدا دەپ بىلىپ، ئىش-ھەركەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشى لازىم.
    بۈيۈك ساھابە ۋە خەلىپە ھەزرەتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ : «مەندە مۇناپىقلىق ئالامىتى بارمۇ؟» دەپ ئىككىنجى بىر ساھەبىدىن سورىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ.

    ئالتىنچى نەسىھەت:

    شۆبھىسىزكى، گۈزەل ئەخلاق بەك پايدىلىق كامالەتتۇر.
    گۈزەل ئەخلاقنىڭ پايدىسى كۆپىنچە باشقىلار ئۈچۈن بولىدۇ.
    بىر كىشىنىڭ ياخشى ئەخلاقلىق بولۇشى سەۋەبىدىن ئومۇمى خەلق پايدا-مەنپەئەت كۆرىدۇ.
    گۈزەل ئەخلاقنىڭ پايدىسى ھەم دۇنيادا، ھەم ئاخىرەتتە، ھەم ئۆزى ئۈچۈن، ھەم باشقىلار ئۈچۈن بولىدۇ.

    مىللەتلەر گۈزەل ئەخلاقى سەۋەبىدىن گۈللىنىدۇ ۋە ئەخلاق بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن خاراپلىشىدۇ...
    دۇنيادا بەختلىك ياشاشنى ئارزۇ قىلغۇچىلار ئەخلاقنى گۈزەللەشتۈرۈشى زۆرۈر.
    ئەخلاقى گۈزەل بولغان مىللەت شۇبھىسىزكى، دۇنيادا ئۈستۈن ۋە ئىتىبارلىق بولىدۇ.

    پەيغەمبىرىمىزگە ۋەھىي كەلگەن چاغدا پارىسلار بىلەن رۇملار دۇنيادا ھۆكۈم سۈرىۋاتاتتى، پۈتكۈل يەر يۈزى ئۇلارنىڭ سايىسىدىن قورقۇپ تۇراتتى. ئەينى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە باي ۋە ھۈنەرلىك، ئەسكەرلىرى مۇكەممەل، ئىلىم-مەرىپەتلىك، نىزاملىق بولغان بۇ ئىككى مىللەت ھىجاز تاغلىرى ئارىسىدىن قاڭقىپ چىققان ئەرەبلەرگە قارشى تۇرالماي، خۇددى بۆرىگە يولۇققان قويلاردەك ھەر تەرەپكە قېچىپ تارالغان.
    بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟
    سەۋەبى مەلۇمكى، روملار ۋە پارىسلاردا ئەخلاق بۇزۇلغان.
    ئەمما ئەرەبلەردە ۋەھىي رىسالەت تەربىيىسى يۈزىسىدىن ئەخلاق تۈزەلگەن.
    بۇزۇق ئەخلاق تۈزۈك ئەخلاققا تەڭ كىلەلمىگەن.
    ئىسلام بىلەن ئىرانلىقلار ۋە روملاردىن كىيىنمۇ بۇ ھال كۆپ قېتىم تەجرىبە قىلىندى.
    ھەر بىرىدە نەتىجە بىر تۈرلۈك بولىدۇ.
    يۇقارقى تەجرىبىلەرگە ئاساسەن گۈزەل ئەخلاقلىق مىللەت بەختىيار، يامان ئەخلاقلىق مىللەت بەدبەخىت دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ.


    يەتتىنچى نەسىھەت:

    «ياخشىلىقنىڭ قەدرىنى بىلمەيدۇ» دەپ باشقىلاردىن ئاغرىنىپ يۈرۈشنىڭ مەنىسى يوق.
    ياخشىلىق قىلىشتىن مەقسەت-باشقىلاردىن مۇكاپات كۆرۈش ئەمەس، بەلكى ساۋاپقا ئېرىشىشتۇر.
    مادامىكى ياخشىلىق ئۇنتۇلمايدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇنىڭ ھىسابى ئېلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلار ئالدىدا بىلىنىپ-بىلىنمەسلىكنىڭ ھىچقانداق كارايىتى يوق...
    كىشىدە ھەقلىرى بولسا ئۇنتۇلمايدۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ ھىسابى ئېلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم بالىلىرى ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتىنى، يامانلىقنىڭ جازاسىنى كۆرىدىغان بىر كۈننىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇماسلىقى ۋە ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ ئۇ كۈنگە  تەييارلىق قىلىش لازىم.

    分享到: