• مەن ئۇيغۇرۇم ئۈچۈن نىمە ئىش قىلىپ بېرەلىدىم؟

    2009-04-19

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/38116384.html

    مەن ئۇيغۇرۇم ئۈچۈن نىمە ئىش قىلىپ بېرەلىدىم؟


    مەن «ئۇيغۇر» دەپ توۋلاپ جار سېلىپلا كەپتىمەن. لىكىن شۇنچىلىك جار سالغانغا تۇشلۇق نىمە ئىش قىلغانلىقىم ھەققىدە ئويلىنىپمۇ باقماپتىمەن، بىر بولسا مىللەت ئاھ ئۇنداق بولدى، ۋاھ مۇنداق بۇلۇپ كەتتىيەي دەپ قۇرۇق ئاھ ئۇرۇپ يۈرۈپتىمەنيۇ، ئەمما مەن قانداق قىلسام مۇشۇ ھالەتنى ئۆزگەرتەلەرمەن دەپ ئويلاپ باقماپتىمەن، گەرچە كىچىككىنە ئويلىنىش بولغان بولسىمۇ ئەمما مەن بىلەنلا بولىدىغان ئىشمىتى دەپ خۇددى باشقا ئاكىلىرىم كىلىپ ئۆزگەرتىپ بېرىدىغاندەك بۇنىڭدىن باش تارتىپ ،بۇنىڭ ئۈچۈن قېتىرقىنىپ ،ئەستايىدىللىق بىلەن باش قاتۇرۇپ باقماپتىمەن.
    مىللىتىمنى سۆيىمەن، مىللىتىم ئانداق، مۇنداق دەپتىمەنيۇ، ئەمما مىللەتنى قانداق سۆيۈشنى، قانداق قىلغاندا مىللەت ئۈچۈن ئۆز بۇرچۇمنى ئادا قىلالايدىغانلىقىم ھەققىدە ئىزدەنمەپتىمەن.
    ئەمدى بىلسەم مىللەت ئۈچۈن ئېغىزىمدا قۇرۇق شۇئارلا توۋلاپتىمەن، ئەمما ئەمىلىي ئىش قىلماپتىمەن.لىكىن مەن ئەمدى يۇلۇمنى، ئىشنىڭ يولىنى تاپقاندەك قىلىمەن.

    شۇنداق بىر كىشىنى ئۇچراتتىم،پىكىرلەشتىم،ئورتاقلاشتىم .مەندە ئۇنىڭغا ۋە ئۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا نىسبەتەن ھۆرمەت، سۈيۈنۈش، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى شەكىللەندى. ئۇ بىر داڭدار، ئۇلۇغ، كاتتا ئالىم ئەرباب ئەمەس ۋە ياكى جەمىيىتىمىزدە نام قازانغان، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تۇنۇيدىغان ئاتاقلىق سەنئەتكار ئەمەس.ئۇ بىر ئاددىي ئادەم. تۇرمۇشنىڭ بوران چاپقۇنلىرىدا ھايات نىشانى ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرلەپ كېتىۋاتقان ،يۈرىكىدە «ئۇيغۇر» دەپ بىر ئوت كۈيىۋاتقان بىر ياش ھەم ئۆزىگە ئوخشاش ئوت يۇرەك ياشلارنىڭ باشلامچىسى...  
    كۆپچىلىكىمىز ئۇنى تۇنىمايمىز، چۈنكى بىز مىللىتىم ئۈچۈن دەپ يول -يوللاردىن ،ئەخلەت ساندۇقلىرى ئارىسىدىن،كىشىلەر كېرەكسىز دەپ تاشلىۋەتكەن  بوتۇلكىلارنى تېرىپ باقمىغان،ھەم شۇ بوتۇلكىلارنى سېتىپ شۇ ئارقىلىق ئېرىشكەن كىچىككىنە پۇللارنى مەمنۇنىيەتلىك تەبەسسۇملىرىمىز بىلەن  قىيىنچىلىقتا قالغان قېرىنداشلىرىمىزغا بېرىپ باقمىغان.  
    بىز ئۇنى تۇنىماسلىقىمىز مۇمكىن ،چۈنكى بىز ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئاۋاز قۇشۇپ باشقا ئىشىغا ياردەملىشىكە قۇربىمىز يەتمىسىمۇ ئەمما ئايدا يېنىمىزدىن كىچىككىنە كۆڭلىمىزنى چىقىرىپ ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىق تۈپەيلى كۆڭلى تەشۋىشتە قالغان سۈيۈملۈك،تىرىشچان ،ئەقىللىق ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ يۈزىدە ئەكىس ئەتكەن خوشاللىق جىلۋىسىنى كۆرۈپ باقمىغان.  
    بىز ئۇنى ئەلۋەتتە تۇنىمايمىز،چۈنكى جەمىئىيىتىمىزدە تاللا بازىرى ئاچقانلار نۇرغۇن،ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ،كۆڭلىگە بىر بولسىمۇ خەلقىم ئۈچۈن،مىللىتىم ئۈچۈن دەپ ئۇلۇغۋار ئارزۇ غايىلەرنى پۈككەن ۋە شۇ غايىگە يىتىش ئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقان، ئىشلەۋاتقان ئىزچىلارنى ئەتراپىغا توپلاپ، بىر ياقىىدىن باش چىقىرىپ، تەر تۆكۈۋاتقان ئۇنى قانداقمۇ تۇنىيالايمىز.
    بىز ئۇنى تۇنىمايمىز، چۈنكى بىز ئۇنىڭ كىچىككىنە شۇ ئىشتىن يەنى ئەسكى تاشلىۋېتىلگەن بوتۇلكىلارنى يىغىش ئىشىدىن باشلىنىپ، تاللا بازىرىنى ئېچىپ مانا بۈگۈنكىدەك ئېلكتۇرۇن مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ ساتقۇچى شىركەتكە ئايلىنالايدىغانلىقىنى قانداقمۇ بىلەيلى، شۇنداقمۇ؟ 
    بەلكىم بىز ئۇنى تۇنۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن،چۈنكى ئۇ شىنجاڭ تىببىي ئونۋېرسىتى بىرىنچى تارماق دوختۇرخانىسى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلىمىدە دوختۇر.  
    بەلكىم بىز ئويلاپ قېلىشىمىز مۇمكىن، بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى بىلەن نىمە مۇناسىۋىتىمىز؟
    تاللا بازىرى ئاچسا ئاچمامدۇ؟
    پۇل تاپسا ئۆزىگە بىزگە نىمە پايدىسى؟ دەپ.
    بىز ئەلۋەتتە خاتالاشقان بولىمىز، ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ھەربىر ئىشى قانداقتۇر پايدا مەنپەت ئۈچۈن ئەمەس،ئەگەر ئۇ پۇل مال دۇنيانى كۆزلىگەن بولسا ئىدى ئۆزىنىڭ شۇ خىزمىتىدىن ئالغان مۇئاشى بىلەن ئائىلىسىنى گۈلدەك،باياشات بېقىپ كېتەلىگەن بولاتتى(ئايالىنىڭ بۇنىڭ سىرتىدا). شۇ قىلىۋاتقان ئىشلاردىن كەلگەن تاپاۋەت ئەلۋەتتە ئۇنىڭ يانچۇقىغا كىرمەيدۇ.ئۇنىڭ ئويلايدىغىنى مىللىي ئۆزلۈكنى يوقاتماسلىق، مىللەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئويۇشۇش، ئىتتىپاقلىشىش، شۇ ئارقىلىق يوقىلىش تەبىئىي مىللەت ھالىتىدە ياشاۋاتقان خەلقىمىزنى ئىجتىمائىي مىللەتلەر قاتارىغا يەتكۈزۈش.  
    يەنە كىلىپ قانداق قىلساق ئۆزىمىزنى كۈچلەندۇرۇپ باشقىلاردىن بېسىپ چۈشەلەيمىز؟
    قانداق قىلغاندا خەلقىمىزنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ خەلقىمىزنى خاتىرجەم قىىلىمىز؟
    مىللى ئۆزلىكىمىزنى ساقلاپ، مىللىي گۈللىنىشنى بارلىققا كەلتۈرىمىز؟...
    شۇ سەۋەپ ئۇ شۇ كىچىككىنە بوتۇلكا تېرىشتىن باشلاپ مانا بۈگۈنكىدەك ئېلىكتۇرۇن مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ ساتىدىغان شىركەتكە ئايلاندۇرپ بەلگىلىك نىسبەتتىكى ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىش ئۇرنى بىلەن تەمىنلىگەن.  

    ئۇنداقتا بىزچۇ؟
    بىز نىمە قىلالىدۇق؟
    مىللىتىم دەپ يېنىمىزدىن بىر يۇەن پۇل چىقىرىپ ھەق يولدا ئىشلىتەلىدىقمۇ؟
    كوچىدىكى بىر دانە بوتۇلكىنى ئېلىش ئۈچۈن يەرگە ئېڭىشىپ باقتۇقمۇ؟
    ئۇنداقتا ھازىرچۇ؟
    بىز بىر يول باشلىغۇچىغا يولۇقتۇق دەيلى، ئەمدى بىز دادىللىق بىلەن ئۇنىڭ كۈچىگە كۈچ قوشالامدۇق ۋەياكى مەۋھۇم دۇنيادا ئۆزىمىزنى كۆرسەتمەي شۇئار توۋلامدۇق...
    بىز ئۇيغۇرۇم ئۈچۈن زادى نىمە ئىش قىلىپ بېرەلىدۇق؟؟؟


    (ئەسلى مەنبەسى: «سەلكىن مۇنبىرى» چەشمە زۇلال يازمىسى)
    分享到: