• دۆلەتنىڭ دۈشمەنلىرى كىم ؟!

    2009-06-01

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/40292640.html

    دۆلەتنىڭ دۈشمەنلىرى كىم ؟! ~4(M rX  
    kKGk7E{d3\  
    دەرەخنىڭ دۈشمىنى ئىچىدە بولىدۇ، ئۇ مىتە ياكى قۇرۇت دىيىلىدۇ.  
    قارىماققا ساغلام تۇرغان دەرەخنى پەقەت قۇرۇتلا ئىچىدىن يەپ تۈگىتىدۇ. بۇ قۇرۇتنى كىم تۇتالايدۇ ؟Jv8di

    }#ToKoT`  
    مىننەتدارلىق بىلدۈرەيلى دەپ بىر شوئار چىقتى.....كىمگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز ؟!.....دۆلەتكە !.... ?O1 gkX  
    توغرا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز...ئەمما ئاۋال سىلىدىن، ئاندىن بىزدىن.....دەسلەپ چوڭدىن كەلسۇن.....دۆلەت بىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىشنى ئۈگتىپ مىننەتدارلىق بىلدۈرسۇن.......  G1m\3_  
    نىمىشقا دەملا ؟.... m|ddVnrX  
    ئىجارەكېمەيتىپ،كونىلىقنى،يوقىتايلى-دىدى...كېمەيتتۇق،يوقاتتۇق...يەرلەرنى،قوشايلى-دىدى...قوشتۇق....جوڭسەنفۇكىيەيلى-دىدى...كىيدۇق.....يەنە چۆگىلەپ،تۆت كىشىلىك گۇرۇھنى پىپەن قىلايلى دىدى...ماقۇل-دەپ قىلدۇق...يەرلەرنى بۆلەيلى دىدى...بۆلدۈق....مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغدايلى دىدى..ماقۇل، مانا ئالسىلا دەپ قوغدايدىغانغا ئۆتكۈزۈپ ئاتىمىز سالغان قۇرۇلۇشنى پۇلغا كۆرىدىغان بولدۇق...ئەمدى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سالىمىز دىدى...كېسەك-لاي بىلەن تىزىپ چىققان تارىخىمىزنى چاقتۇق..... 3kn !6  
    "3 كە قارشى،5كە قارشى" ھەركەتتىن تارتىپ خۇددى ئالدىغا بىر قەدەم كەينىگە ئىككى قەدەم ماڭىدىغان يۈزى رەڭدار چاڭچىلىكەشتەك مېڭىۋەردۇق....... 4`#t<I  
    يەر ئىسلاھاتىدا چىڭ دەۋرىدىكى مىراس يەرلەرگە قەدەر ئىسلاھاتقا قوشتۇق.كوپىراتسىيەلەشتۈرۈشتە ئات-ھارۋىدىن تارتىپ گومىنداڭدىن بۇرۇنقى مىراس يەرلەرگە قەدەر ئومومغا قوشتۇق. زىمندار-پومىچىكلارنى يوقىتايلى، ئىشچى-دېھقانلار رەھبەرلىكى دەپ، بىر نەچچە يالاڭتۆش ساراڭنى كالتەكچى قىلدۇق. G?pso  
    بىز خەلى ماقۇل دەپ قىلمىغان ئىش قالمىدى..... y43<JwY  
    مەدەنىيەتتە دۇنياۋى ئىنقىلاپ قىلىمىز دەپ چىنشىخۇاڭ ئۆلىمالارنى تىرىك كۆمۈپ،نامىلارنى كۆيدۈرگەندەك يۇرتنىڭ ھەقسۆزلۈكلىرىنى يالىڭاچلاپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئۈزۈندىدىن باشقا ھەممە كىتاپ-نامىنى كۆيدۈرۈپ قوقاس قىلدۇق. ھەتتا چىنشىخۇاڭدىنمۇ ئاشۇرۇپ ئەرلەرنىڭ ساقىلى ئاياللارنىڭ چاچلىرىغا قەدەر قىرىپ-كېسىپ مەملىكەت بويىچە كەرتىم چاچ، كوسا ئىڭەك قىلماقچىمۇ بولدۇق. KA *}-ai  
    "قانخور جاللات" دەۋالغان گېتلېر، تېروتېرىيىسىدە چېركاۋغا بېرىشنى توسىماپتىكەن. ئەمما بىز ماۋزېدوڭنىڭ سۈرىتىگە قاراپ ئىشقا بېرىشنى، بىر قاچا يوبداننىمۇ رۇخسەت سوراپ ئىچىشنى مودا قىلدۇققۇ !؟ rhW/g%K]x  
    ۋاي گېتلېر.....ۋاي گېتلېر....خېلىلا ياخشى ئادەمنىڭ بالىسىكەنسەن ئەسلىدە......... |k^#(F#  
    ئۇ چاغلاردا،كىم ئۆكتە قوپسا شۇ دەل دۆلەتنىڭ دۈشمىنى ئىدى. RW$; 
    ئەمما كېيىن بۇ دۈشمەن بىز ئەمەس ،بىزنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلىغان رەھبەرلەر دۈشمەن چىقىپ قالدى. _:G9De"t  
    ئەمدى بىلدۇق، شۇ زاماندا ھەق سۆزلىگەن،"دۆلەتنىڭ دۈشمىنى" دەپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلەر دۆلەتنىڭ ھەقىقى دوستىكەن ئەمەسمۇ!!... vA(mGD7A  
    مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدىكى ئەڭ بۇزۇقچى، زالىملار ئەمەليەتتە نەچچە مىليوندىن ئاشىدۇ . ئەمما بىز تۆت تال ئادەمگە جىنايەتنى يۈكلەپ قالغىنىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدۇق. شۇ ئۇرۇغى بۇزۇقلارنى بۈگۈن يەنە يوق دەپ ئېيتالامدۇق؟! sMp7J;",  
    دىمەك دۆلەتنىڭ دۈشمەنلىرى يەنىلا بار. ئەتراپىمىزدا مارىلاپ، بايتالدىن ، قوشقاردىن كاتەكچىسىنى ئىزدەپ يۇرۇيدىغۇ...... aX\w:KD4`  
    i``6YR9\  

    nc=H;5'  
    قانداق ئەمدى دەپ باقسىلا....كىم كىمگە مىننەتدارلىق بىلدۈرسە بولغىدەك ! ... |T!Ip+a  
    دۆلەت بىلەن بىرلىكنى ،مەركەز بىلەن ئورتاقلىقنى ساقلاش ئۈچۈن بىز شۇنداق قىلدۇق. خاتاغىمۇ ماقۇل دىدۇق،تۈزىتىۋالسىمۇ كېرەك يوق دىدۇق. يەنە قايتىلىسىمۇ ئەگىشىۋەردۇق.....قانداق؟ بىز مىننەتدارلىققا لايىقكەنمىزمۇ........ fWpv"i  
    خەلىقنىڭ جوڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى قوشقان ھەسسىلىرى تەشۋىقاتتا كادىرلارنىڭ يېتەكلىشى بىلەن دىيىلىدۇ...تەر تۆكۈپ تۆت تال پۇل تاپساق...ئۇنىڭ رەھبەرلىكى، بۇنىڭ يېتەكلىشى دەپ سۆزلەپ كېتىدۇ تەشۋىقاتلاردا . 7I sd4&  
    تاسلا قالىدۇ، بىز تاپقان بالىنىمۇ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغىلى...قىسىر گۇيلار..... ~FT(ze`  
    پاش قىلىش ساندۇقلىرى دات بېسىپ تۇرىدۇ...كىمنى پاش قىلىمىز....دادىسىغا بالىسىنى پاش قىلامدۇق....كۆتە ئۇنداق رەڭۋازلىقىڭنى.....پاش قىلغۇڭ بولسا، مىڭلاپ مولۇق شەخسى يەرلەرنى...ھەشەمەتلىك داچىلارنى سۈرۈشتۈرىۋال....ئىگىسىنى تاپساڭلا..پارىخور ئەمەلدارنى تاپىسەن.... }6gub$%N  
    قۇيرۇق كۆرسىتىپ ئۆپكە ساتتى دەپ ئاڭلىغان....شاتراق ئۇرغان قوڭىنى باشقۇرالماي، "باشقۇرۇشۇپ بېرەملا" دىگەننى ئاڭلىمىغان.......سەن، نەدە ئوقىغان بۇ دەرسنى......خەلق ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ دىگەنگە سان توشقازماقچىما.... 0& bVu&!  
    يېنىدىن پۇل چىقارماي بىزنىڭ باج پۇلىمىزغا بىر خالتا ئۇن بىلەن بىرەر ئاجىزنى يوقلاپ قويسا تېلۋىزوردا ھەپتە كۈنگىچە داۋراڭ سالىدۇ...يۈز كوي پۇلنى قولىغا تۇتقۇزۇپ، خىجىللىقتا ئاران تۇرغان بىچارىنى زومۇزور ھىجايتىپ، خۇددى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قالغان نىجاتكاردەك فىلىملەر ئىشلەيدۇ... *E\% $B  
    بىلەملا ،ئاۋۇ تېلۋىزور دىگەنگە بىرەر مەھسۇلاتنى ماختاپ ئېلان بەرسە سېكونتى مىليون كويمىش....ئەمما ماۋۇ "سودىگەر"لەر نەچچە يۈز كويغىلا ئۆزىنى يېرىم سائەت ئېلان قىلىۋالىدۇ ئەمەسمۇ.....تىجارەتكە ماھىر، قاقۋاش گۇيلار....  {Q*BVR  
    ئەخلاق قۇرىلىشى دىگەن نىمە ئۇ !؟....ئەشۇ يۈزى قېلىن نومۇسسىز ئادەملەر بىزگە ئەخلاق توغرىلىق دەرس ئۆتەمدىكەن....ھۇ! پالا نىمەمنى.......سەندىن جاپا تارتىپ كانتولۇق قىلدىغان ئوغرى ياخشى.... GPU6jn  
    ) ;nX{}  

    fDid"=P  
    دۆلەتنىڭ دۈشمىنى كىم !؟... Qqf_edF!#  
    كېيىن پىپەن قىلدىغان سىياسەتنى كىم تۈزدى!....... ?XmDOQ^  
    ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىنى، خەلىقنىڭ قان-تەرىنى كىم يىدى!؟.... pYqqtGW0\  
    ئىككى گەپنىڭ بىرىدە كىم خەلىق ئىچىدىن دۈشمەن ئىزدىدى؟....كىمۇ بىزگىلا قوقاق سېلىپ دۆلەت خەلىقنىڭ ئوتتۇرىغا ئىشەنمەسلىك پەيدا قىلىۋاتقان....؟ | JQn39RyB  
    دۆلەتكە كىم دۈشمەن بولالايدۇ....ھويلىسىدا كەتمەن-گۈرجەككە، تۆت تېمى بىلەن پۇچۇق ھويلىسىغا ئاران ئىگىدارچىلىق قىلالايدىغان بىزدەك ئادەملەرما.....ياق، ياق..........ھەرگىز بولالمايدۇ. چۈنكى خەلىق تىنىچلىق، باراۋەرلىك ئاستىدىكى دۆلەتنى سۆيىدۇ. |j Zo(Lds  
    مىليونلاپ ئارمىيىسى،ساقچى ۋە قوراللاق ساقچى كۈچلىرى، ئاسماندا ئايرۇپىلانى يەردە بىرونىك-تانكىلىرى،سۇدا ھەربى پاراخوتلىرى بار دۆلەتكە بىزنى دۈشمەن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرمەكچىما....قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقىمۇ يوق خەلىقنى، دۆلەتنى سۆيۈش مۇھەببىتى تولۇپ تاشقان بىر خەلىقنى كىم دۈشمەن قاتارىغا قوشۇۋاتىدۇ !؟...دۈشمەن بولۇشقا زورلاۋاتىدۇ !؟ oI"-WW%~L  
    ھازىر ھاجەتخانىدىمۇ ئۇزۇنراق ئولتۇرۇشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالدۇق. گېمورويكەن دىمىسۇن دەپ، ھاجەتخانىدىمۇ خىيال سۈرۈپ ئولتارغىلى بولمايدۇ...ما تۆھمەتچى گۇيلارنىڭ دەردىدە.... |X_ |mXD  
    ....ئۇلارنىڭ قىلتىقىغا ھەرگىز چۈشمەيمىز......بىز قىلتاققا دەسسەپ غىق تويغان....5خىل كۈچكە قارشى تۇرش، سىنىپىي دۈشمەنلەرنى يوقۇتۇش، ......ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش،...باسەنسى، ئارسەنسى بولۇپ ئىككى ئەخمەقنى قوغداش......بىز بۇنداق قىلتاقلارنى تولا كۆرۈپ تويۇپ كەتكەن......توپا يىيىشكە رازى بولسىمۇ، ئېھتىياتتىن ئۆت-چۆپ يىمەيدىغان توشقاندەك ئەقىللىق بوپ كەتكەن. 1*G+!t.t!  
    !nT^i7%b  

    ;1H`cZ?  
    لىنبىيولار پۈتۈن جوڭگولۇقنى ئاتا-بوۋىسىدىن كېچىپ، ئەسلى-نەسەبىنى ئۇنتۇپ، قىپ-قىزىل روھقا ئىگە ئادەملەر بولسىكەن دىگەن خىيالدا ئىنقىلاپ قىپتىكەن.ئۇلارنىڭ خىيالى ماھىيەتتىن دۆلەتكە پايدىلىق. ئەمما كەلتۈردىغان ئەگەشمە زىيىنى دۆلەتكە مىسلىسىز سورۇقچىلىق بولدى................. =cMwM@Z~z  
    خيالى ياخشى بولسىلا دۆلەتنىڭ دوستى بولامدا....ھەركەت-نىيىتى خاتا بولسا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئوخشاش....سولايمىز....ئېغىرراقلىرىنى ئاتىمىز...... *jSu|(*7C  
    ئەشۇنداق تەلۋىلەر كىم بولىشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇ دۆلەتنىڭ دۈشمىنى! ئۇلار ھەرقانچە دۆلەت مەنپەئەتى دەۋالسىمۇ ئەمما ماھىيىتى ئوخشاش....بۈگۈنمۇ ئۇلارنى پىپەن قىلىش كېرەك ! مەركەزنىڭ يوليورىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك !......... #S!~u%zs7  
    قارا-قويۇق سىياسەت، ئىلمىلىكتىن يىراقلاشقان ئېچىش شوئارلىرى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىنى ، خەلىقنىڭ ھىسياتىنى دەخلىگە ئۇچرىتىۋاتقان كىم !؟....ئەلۋەتتە قولىدا ھوقوقى ، قوڭىدا ھۆكۈمرانلىق ئورۇندىقى بار، دېپلومىدىن باشقا ھېچنىمىسى يوق، سىياسەتۋازلار... ,W|/)WA$W  
    مىڭلىغان ئادەم جاپا تارتىپ، مىليونلىغان خەلىق تەستىق سېلىپ نۇرغۇن قانۇن تۈزدۇق......ئادەم ئولتۇرۇپ ئاڭلىسا، ئالدىرىماي ئوقىسا كۆزىگە ياش كېلىدۇ...قانۇن دىگەن شۇنداق بولار.....ئەمما  "قانۇننى مەنپەئەت" دەيدىغان بۇيرىكات ئوڭچى ئىدىيىدىكىلەر نىمە قىلمىدى..."ئۆز جايىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، يەرلىك سىياسەت بىلەن بىرلەشتۈرۈش" دىگەندەك تەيپىنەم ۋاقتىدىكى كۈنلۈكنى كۆتۈرىۋېلىپ ئۇنىڭ قارا سايىسىدە قولىدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلدى.... ^M3n=b-  
    ئۇنداق ئادەم نىمە قىلىمىز ئورتاق قانۇن تۈزەپ.....بۇ قانۇن پەقەت باشقىلارغا، ئۆزىمىز يەپ باقمىغان مىۋىنىڭ شۆپىكىنى كۆرسىتىپ" بىزمۇ مىۋە يەۋاتىمىز" دىگەندەك بىر ئىش بولمامدۇ.... q4Y+p54  
    ۋولگا دەرياسى ئىدىل دەپ ئاتىلىدىغان، موڭغۇلىيە دالىلىرى ۋە بىزنىڭ بۇ تۇپراقلار ئۆتۈكەن دىيىلىدىغان زامانلاردا رۇمنىڭ ئەلچىسىگە، بۇلغار خاقانى ئالمىشخان شۇنداق دەپتىكەن:  wja'EY  
    "سىلەر دەريادا بىرلا بېلىق، ئورماندا بىرلا كىيىك، يايلاقتا بىرلا چېچەك بولسا دەپ ئويلايسىلەر. ئەمما تەڭرى ياراتقان بۇ رەڭدار دۇنيانى كىم ئۆزگەرتەلەيدۇ ؟! بىر كۈنى سىلەرنىڭ بۇ ئاچكۆزلۈكىڭلەر بېشىڭلارغا چىقىدۇ". 2me_]T  
    <5?6MFho  

    -O.mq)j  
    زامان ئۆزگەردىمۇ ؟. ياق !. ھېچقانچە ئۆزگەرمىدى. پەقەت نام-ئاتاقلا ئۆزگەردى. بوۋىلار ھەزەر دەپ ئاتىغان دېڭىز، ھازىر كاسپى دەپ ئاتىلىدىغان بولدى. B1Ko_Hm  
    ئالمىشخان، ياۋروپا ئەدەبىيات-سەنئەت گۈللىنىش دەۋرىنىمۇ كۆرمىگەن، ئىككى گەپنىڭ بىرىدە شىنخەي ئىنقىلاۋىنىڭ تەسىرى دەۋالىدىغان ھېلىقى ئىنقىلاپنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش شەرىپىگە ئېرىشمىگەن. سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشتىنىڭ قانداق بولدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. گېگىل پەلسەپەسى بىلەن كومىنىستىك پارتىيە خىتاپنامىسىنى ئوقىمىغان. جوڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقوق ھەركىتىدىنغۇ مىڭ يىل بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن..... \DR}75zD!  
    ئەمما ئۇ، قىمىز، قېتىق بىلەن گۆش يەپ ئات ئۈستىدە يۈرۈيدىغان چالا ساۋات ئادەم بولسىمۇ، مىڭ يىل ئىلگىرىلا ئىنسانىي باراۋەرلىكنى ھېس قىلغان................. 7&Up],/ao  
    ئەنە شۇ ئىنسانىي ھوقوق كاپالىتى توغرىسدىكى سۆزلەر بولغان، بۇ زىمىندا مىڭ يىلدىن كېيىن نىمىلەر بولمىدى.....ئالمىشخان ھەيكىلىنى تىكلەپتىكەنمۇ ؟!..ئەشۇلار تىكلىدى.....ئالمىشخان "خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز"دەپ توۋلاپتىكەنمۇ !؟....ياق...ئەشۇ دۈشمەنگە ئەمەس،خەلقىگە نوچىلق قىلالايدىغان تىرىك ھەيكەللەر توۋلىدى... @7>: $Q  
    ۋاي بايقۇشلار......بولدىلا....بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلمىساڭمۇ-قىلما....ئەمما زىيان سالما.... LSYfK-aG-  
    دۆلەتنىڭ دۈشمىنى زادى كىم ؟! ]kJ99@KEX  

     _/S5P  
    2-دۇنيا ئۇرۇشىدا نېمىسلارنىڭ بىر گېنىرالى بىر پارچە كىلاستىك رەسىم ئۈچۈن بىر بىناغا بومبا تاشلاشنى  توساپتىكەن. 8 Jj}  
    ئەمما بىزچۇ ؟!...چاقە-چاق .....چېقىۋاتىمىز...تەلىيىمىزگە چاندۇرماي پارچە-پۇرات يەر تەۋرەپ بېرىۋاتمامدۇ.......مىڭ يىلنىڭ ياقى بۇزۇلمىغان رەستىلەر،مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدىمۇ چېقىلماي ئامان قالغان قەدىمىي كوچىلار بۈگۈن چېقىلىۋاتىدۇ. سېنىڭ كۆزەڭگە سىغمىغان، شىڭشىسەيدىنمۇ ئامان قالغان قۇرۇلۇشلارنى قولىمىز بىلەن بۇزدۇق. گەپلىرىمىز قالتىس "زامانىۋى شەھەر، يۈرۈشلەشكەن ئولتۇراق رايون".......قىزىل شەلپەر تارتىپ قويسىلا، ھەممە ئىش قىزىل بولۇپ كېتەمدىكەن..... 2:Py2T  
    ئۇنچىلىك سودىنىڭ ئېپىنى بىلمەيدۇ دەپ ئويلىغانما..يالتىراق گەپ قىلساڭ......كۇۋادىراتىنى مىڭ سومدىن، ياكى بەش يۈز سومدىن ئالىسەن...ئاندىن ھەر كۇۋادىراتنى نەچچە مىڭدىن ساتىسەن......ئاران شۇ ئەقىل بارما سەندە ...ۋاي يالغان ئالىجاناپ...... 0Fo_F  
    شاڭخەيدىكى كونا قۇرۇلۇش ۋە بىنالارنى قانداق قىلىپ ساقلاپ قالغانلىقى توغرىسىدا، دۆلەت قەدىمقى مەدەنىيەت ۋە قۇرۇلۇشلار مۇتەخەسسىسى "ھەر بىر شەھەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدە قۇرۇلمىسى بولىدۇ.بۇنى ئاسراش ۋە ھۆرمەتلەش شۇ شەھەرنى ۋە ئاھالىنىڭ تارىخىنى ھۆرمەتلەش بولىدۇ" دەۋاتمامدۇ....قارىغاندا شاڭخەيلىكلەر خېلى ھۆرمەتلىك ئوخشىمامدۇ....ئۇلارنىڭ پىشانىسىدە "ھۆرمەتلىك يولداشلار" دەپ قاشقىسى بار ئوخشىمامدۇ....... Svv.$Aat'  
    مەۋلانە جالالىددىن ۋاپات تاپقاندا،مۇسۇلمانلاركالامۇ-شېرىفنى،خىرىستىئانلار ئىنجىلنى ،بۇددىستلارنوم-سۇترالىرىنى ئوقۇشۇپ ھەممىسى ئۆزيۆسۈنى بويىچە مەۋلانىگە تەزىيە بىلدۈرۈپ چىقىپتىكەن.ھازىرمۇ رەڭدار كىشىلەر رەڭدار شەكىلدە خاتىرلەيدىكەن..... pw%CH* u  
    بىزچۇ ؟!.......يولداشلاردىن بولمىسا، نەزىر-ئالقىش قىلالامدۇق.... D-.4$"s ?  
    بىزدە مەۋلانە ئازمۇ ؟!....بىزدە يىلدا خاتىرلىگۈدەك كۆزى ئوچۇق كەتكەن قەھرىمان مەرھۇملار يوقمۇ ؟!...... b |xEQf  
    چىڭگىزخان جان ئۈزگەندە، شاماننىڭ كاملىرى، مۇسۇلماننىڭ موللىلىرى ۋە نېستورىنىڭ دەرۋىشلىرى بېشىدا قاراپ تۇرۇپ ئۇزىتىپ قويۇپتىكەن. 0Sgn?{8*  
    سىلى دەپ باقسىلا ؟.....بۇ زىمىن، بۇ خەلق كىملەرنى ئۇزىتىپ قويمىغان....ھېچ بولمىسا ئەشۇنداق بېشىدا قاراپ تۇرۇپ،ئاغزىغا سۇ تېمىتقىدەك ئادەم بولسا ياخشى ئەمەسمۇ..... aQI -vm]  
    ھەي...ي.....سىياسىدا ھىلە-نەيرەڭنىمۇ مەرتلىك بىلەن قىلالايدىغان ئادەم قانچىلىك دەيلا..... .-"Ld d5*l  
    دۆلەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.....ئەمما دۆلەتمۇ بىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرسۇن..... AV] )g  
    >K0 -|H6m  
    ,"r)PJ  
    بوۋىلىرىمىز، توققۇز جايدىكى تېرىلغۇلارنى....پاختا زاۋۇت، تۈگمەن...ئات-كالا، تۆمۈر ھارۋىلار بىلەن ئومومى مۈلۈكچىلىككە ھەسسە قوشۇپتىكەن.....بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇلارنىڭ دۆلەتتىن ئالغان "مۇكاپاتى" ئاز ئەمەس. بىزگە كەلگەندىمۇ كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە دۆلەتكە غەللە-پاراق، باج تاپشۇرۇپ، تەشۋىق-سىياسەتلىرىگە ئاۋاز قوشۇپ كېلىۋاتىمىز. شۇڭا مەن " بىز مىننەتدارلىققا لايىق" دەپ ھېساپلايمەن. uDv$NX  b  
    شۇڭا دۆلەت چوقۇم بىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ. بۇ مىننەتدارلىق خەلق قۇرغان،خەلق زامانىۋىلاشتۇرغان دۆلەتنىڭ شەرەپلىك بۇرچى . A83g6sa  
    دۆلەتنىڭ ھەقىقى دۈشمىنى سىرتتا بولمايدۇ. ئۇ چوقۇم مەۋجۇت ئىچكى قىسىمدا بولىدۇ. vPQ3qB=&7C  
    بۈيۈك چىڭنىڭ ھەقىقى دۈشمىنى كىم ئىدى !؟....ئەلۋەتتە، پارىخور، نەپسانىيەتچى، زالىم ئەمەلدارلار...... 4a9~_ J;S  
    جوڭخۇا مىنگو نىمە ئۈچۈن غۇلاپ چۈشتى ؟!....ئەلۋەتتە چىرىكلەشكەن تۈزۈلمە بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭى يوقىلىپ، خەلىقتىن يىراقلاشقان ئەمەلدارلار ....... k_>k_l^i  
    سۆزلەپ كەلسەك پاكىت تاغدەك..... TgSjJi- #  
    دىمەك، دۆلەتنىڭ دۈشمىنى، دەل دۆلەت يۈزىگە ئاتالمىش ياخشى نىيەتتە بىلەن قارا سۈركەۋاتقان بىر ئوچۇم رەڭۋاز مىتىلەر........

     

    مەنبە: http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/40117411.html

    分享到:

    历史上的今天:

    كالىندار 2010-06-01