-
بۇگۇنكى ئۇيغۇر روھىيەت قۇرۇلمىسى ئۈستىدە دىئاگنوز
2010-06-25
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/67085537.html
كىشىلەر دائىم گىرۋەككە ئىنتىلىدۇ، لېكىن گىرۋەككە يېقىنلاشقانسېرى بىر خىل يوشۇرۇن ۋەھىمە ئۇلارنى قىيناشقا باشلايدۇ. گىرۋەك، پاسىل ، مەنزىلقاتارلىق ئۇرۇملارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلاردا ئۈمىد ۋە تەلپۈنىئوشنى قوزغاشتىن باشقا ، يەنە ئاللىقانداق تەشۋەئىش ۋە تېڭىرقاش تۇيغۇلىرىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىسى ئايانكى ، گىرۋەكنىڭ بۇ قېتى زامان جەھەتتىن بۈگۈڭە مەنسۈپ بولسا ، ئۇ قېتى كەلگۈسىگە تۇتاشقان بولىدۇ. كەلگۈسى ئەنە شۇ غايىۋىي گىرۋەكتىن باشلىنىدۇ. ئىنسانىيەت داۋالغۇش ۋە زىددىيەتلەرگە تولغان، تەرەققىيات ۋە پىكەر ئىنقىلابى بىلەن خاراكتىرلەڭەن، تراگېدىيە ۋە ئاچچىق كۆز يېشى ئىچىدىن ئىنسانە قىممىتىنى قايتا مۇئەييەنلەشتۈرگەن قايناق بىر دەۋرنى ، يەنى 20-ئەسىرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ، يېڭى بىر ئىرانىڭ سىرلىق گىرۋىكىگە قەدەم باستى. شەك-شۈبھىسىزكى، يېڭى ئەسىرنىڭ كەسكىن رىقابىتى ۋە رەھىمسىز رېئاللىقى ھەر قايسى مىللەتلەردىن ئالدىنالا ئۆز-ئۆزىنى دەڭسەپ كۆرۈشنى ، ئۆزىگە يېتەرلىك روھىي ئېنېرگىيە ھازىرلاشنى ، شۇنىڭدەك ئۆز كەلگۈسىگە نىسبەتەن مۇكەممەل لايىھە ۋە ئويغاق تەسەۋۋۇرنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلماقتا. بۇنىڭدىن نەچچە يۈز مۇقەددەم ، يەنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چارىكىدە كۆپلىگەن مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ 20-ئەسردىكى تەرەققىيات لايىھىسىنى ۋە مەۋجۇدلۇق تەسەۋۋۇرۇنى جىددىي رەۋىشتە مۇھاكىمە قىلىشقانىدى. ھىندىستاندىكى گەندى جەمەتىنىڭ مىللىي ئازادلىق كۆرەشلىرىدە ئوينىغان يېتەكچىلىك رولى بىلەن جاۋاھىرال نېھرۇنىڭ ھىندىستاننىڭ بايقىلىشى ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدىكى ئىدىيە سىستېمىسى ئەمىلىيەتتە ھىندىستان مىللىي بۇرزھۇئازىيەسى ھەمدە يېڭى مۇتەپەككۇرلارنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ھىندى مىللىتىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ھەققىدىكى ئازابلىق تەسەۋۋۇرلىرىنى ئۆزەك قىلغانىدى؛ يەھۇدىي تىرىلىش ھەرىكىتى پېشىۋالىرىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان مىللىي تىرىلىش تەسەۋۋۇرى 20-ئەسىردىكى ئوتتۇرا شەرقنىڭ داۋالغۇپ تۇرغان ۋەزىيىتىنى ئالدىنالال مۇئاييەن دەرىجىدە بەلگىلەپ قويغانىدى؛ مېڭجىزھ يېڭىلىققا كۆچۈش ھەركىتىدىن كېيىنكى ياپۇنىيە كەسكىن رەۋىشتە ئۆزىدىكى ئاسىياچە تۇرغۇنلۇققا خاتىمە بەرىپ ، غەرىپتىن ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلىپ ، 20-ئەسىرنىڭ يېڭى لايىھەسىنى تۈزۈپ چىققانىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىدا بىر مەھەللىك ئەسەبىي تەنتەكلىكتىن كېيىن خارابىغا ئايلانغان بۇ ئارال دۆلىتى ناھيىتى تىزلىكتىلا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش پۇرسىتىنى يارىتىپ ، سايونارا ، ئاسىئا (خەير-خوش ، ئاسىيا) دېگىنىچە ، ئاسىيانى تاشلاپ ئالغا ئۇزاپ كەتتى؛ ئەپيۇن ئۇرۇشىنىڭ قاتتىق زەربىسى جوڭگولۇقلارنى ئۆزلىرىنىڭ تىنىپ كەتكەن روھىيەت چۆكمىسى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى. 1898-يىلىغا كەلگەندە كاڭ يۇ ۋېي ، تەنسىتۇڭ قاتارلىق كىشىلەر قانۇن ئۆزگەرتىش ھەركىتى قوزغىدى.لياڭ چىچاۋ ، چېن يەنلو قاتارلىق مۇتەپەككۇرلار يېڭى ئەسىرگە ھالقىش ئالدىدى تۇرغان جوڭگو جەئىمىيىتىنىڭ كەلگۈسى تەسەۋۋۇرى ھەققىدە ئازابلىق ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ باردى. دەرۋەقە ، ئۇلارنىڭ ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى دادىل تەشەببۇسلىرى شىخەي ئىنقىلابىدىن كېيىنكى 4-ماي ھەرىكىتى ئارقىلىق يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن يېڭى پىكەر ئىنقىلابى ۋە يېڭى مەدەنىيەت ھەركىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. ۋاھالەنكى ، بىزنىڭ مىللىتىمىزدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ مۇكەممەل لايىھىسى بولمىدى . يېڭى دېڭىز يولى ئېچىلغاندىن كېيىنكى پۈتكۈل شەرقىڭ ، جۈملىدىن مۇسۇلمان شەرقىنىڭ زەئىپلىشىشى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تارىم ئويمانلىقىنىڭ روھىي غەرىپلىقىنى يەنىمۇ ئاشۇردى. جامالىددىن ئافغانىينىڭ ئىسلاھات تەشەببۇسلىرى بىلەن كەلگۈسى ھەققىدىكى ئالدىن تەسەۋۋۇرلىرى ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىدى. تاتارىستان ۋە قىرىم گىرۋەكلىرىدىن باشلىنىپ ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق دىيارىمىزغا ي؛ئەتىپ كەلگەن جەدىتىزم پىكىر ئېقىمى پۈتكۈل مىللىتىمىزنىڭ يېڭى تارىخى دەۋردىكى ئىدېئولوگىيە ئاساسىغا ئايلىنالمىدى. ئۆز كېلەچىكىگە نىسبەتەن ھىچقانچە ئالدىن كۆرەرلىكى ياكى مۇكەممەل لايىھىسى بولمىغان بۇ مىللەت تىنەپ –تەمتىرىگەن پېتى يېڭى ئەسىرگە كىرىپ كەلدى. بوران-چاپقۇنلۇق 20-ئەسىر ئۇلارنى گويا تۈۋى يوق قامغاقنى ئۇچۇرغاندەك ھەرياققا ئۇچۇردى، تۇترۇقسىز كويلارغا سالدى. ئۇلار پۈتكۈل دۇنيادىكى كۆپلىگەن خەلقلەر ئۆز تەقدىرى ئۈچۈن كۈرىشىۋاتقان ، ئۆزكەلگۈسىنى قۇرىۋاتقان مۇھىم تارىخى پۇرسەتنى – مۇشۇ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى ئوتتۇز يىلىنى قولدىن بېرىپ قويدى. سېھرىگەرلەرنىڭ سىرلىق ئەپسۇنلىرىنىڭ سېھرى كۈچى تۈگەپ ، بىھۇشلۇق دورىسى ئۈنۈمىنى يوقاتقاندىن كېيىن ، 30-يىللارنىڭ داۋالغۇپ تۇرغان شىددەتلىك ئېقىمى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئالاچەكمەن قىلىۋەتتى. ئۇلار تېخى ئۆزىنىڭ مەنىۋى مۇۋازىنىتىنى تولۇق دەڭسەپ كۆرۈشكە ئۈلگۈرمەيلا ئۆزىنى تارىخنىڭ شىددەتلىك ئېقىمىغا تاپشۇردى. بۇ ئېقىم ئۇلارنى گاھ ئۆرلىتىپ ، گاھ چۆكتۈرۈپ ئۆز يۆنۈلىشىگە قاراپ ئېلىپ كەتتى.چوڭ قاينامغا كىرىپ قالغان قولۋاق ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۆز يۆنىلىشىنى بەلگىلىيەلمىدى ھەم بەلگىلەشكىمۇ قۇربى يەتمىدى. شۇنداق قىلىپ ، ئۇلار پۈتۈن دۇنيادىكى ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ غەمگۇزارى ۋە باشپاناھى دەپ ئاتالغان ئاشۇ سۆۋەتچە ئەندىزە بىلەن ستالىنچە ئىجتىمائىي فورمىغا تاكى 1960-يىللارغىچە سەۋدايىلارچە چوقۇندى. بۇ خىل ئېتىقاد سىياسىي مەۋقە جەھەتتىن تولۇق ئىنكار قىلىنىپ ، رېۋىزىئونىزم”(修正主义) قالپىقى كىيدۈرۈلگەندىن كېيىن ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ روھىيەت مۇۋازىنىتى يەنە بىر قېتىم بۇزۇلدى.نەتىجىدە 1960-1970-يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان سىنىپىي كۆرەش دولقۇنلىرى بىلەن مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ تەتۈر قۇيۇنلىرى ھارغان، زورۇققان ، ئۆز كەيپىياتىنى ئۆزى تەڭشەپ تۇرۇش ئىقتىدارىنى يوقاتقان بۇ مىللەتنى روھى جەھەتتىن كىرزىسقا پاتقۇزۇپ ، بىر مەيدان پىسخىكا نورمالسىزلىقى ھالىتىگە دۇچار قىلدى . 1980-يىللاردىن باشلاپ ئىشىك سىرىتقا ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن ، گويا يېڭىلا ئۇيقىدىن ئويغانغان ئادەمدەك تېڭىرقاش ، ئېچىرقاش ، ھەممە نەرسىگە قىزىقىش ھىسسىياتى بىلەن ئۇلۇغ ئوكيان ئارقىلىق ئېقىپ كىرگەن غەرب مەدەنىيىتى بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، شۇنداقلا قەلنىدىكى روھىي جاراھەتلىرىنى ساقايتىپ ئۆز-ئۆزىنى قايتىدىن تونۇشقا تۇتۇش قىلدى. 1980-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلانغان مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي روھنى قايتا تونۇش دولقۇنى 1990-يىللاردا يوقۇرى دولقۇنغا كۆتىرلىۋاتقان بىر تارىخىي شارائىتتا ، مۇشۇ ئەسىرمۇ ئۆز خاتىمىسىگە باش قويدى. شۇنداق ، يېڭى بىر ئەئارنىڭ گىرۋېكى كۆرۈندى. ئىنسانىيەتنىڭ خوشاللىقى بىلەن ئازابلىرى گىرەلىشىپ كەتكەن ، شاۋقۇن –سۈرەڭە تولغان 20-ئەسىر ئاخىرلاشتى. شەخس ، ئىجتىمائىي توپ ۋە پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئەڭ چوڭقۇر دەرىجىدە ئۆز-ئۆزىنى قايتا تونۇشى زۆرۈر بولۇپ قالدى. مىللىي روھنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا تىنغان چۆكمە ھالەت جىددىي تەۋرەشكە دۈچ كەلدى. تارىم ئويمانلىقىغا دۈملەڭەن تىندۇرما روھ يڭى ئىراغا قەدەم بېسىش ھارپىسىدا ئۆزى ھەققىدە ئەڭ يېڭى دىئاگنوزنى ئاشكارىلىدى. كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان رىقابەت ئېڭى ئىلگىرى بىز كۆنۈككەن روھىي قۇرۇلمىنىڭ ئىچكى تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ تاشلىدى .مىللىي روھتىكى چۆكمە قاتلام نۆۋەتتىكى مەدەنىيەت توقۇنىشىدا جىددىي تەۋرەشكە دۈچ كەلدى. مەۋجۇدلۇق بىلەن تەرەققىياتنى ئۆز مەقسىتى قىلغان ھەر قايسى ئىجتىمائىي بىرلىكلەرنىڭ مەدەنىيەت رىقابىتىدىكى كۈچ سېلىشتۇرمىسى جەريانىدا گاڭگىراش ھەلىتىدە تۇرغان مىللىتىمىز سىرتقى مەدەنىيەتلەرنىڭ توختاۋسىز رادىئاتسىيىسىگە نىسبەتەن ئۆزىدە يېتەرلىك روھىي ئېنىرگىيە ھازىرلاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدى . بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ چۆكمە قاتلىمى ھامان شۇ مىللەت روھىيتىنىڭ ئىچكى يوشۇرۇن ماھىيتىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇ گويا چوڭقۇر دېڭىز تېگىگە تپلانغان ۋە قاتما ھاسىل قىلغان تىندۇرمىغا ئوخشايدۇ. مىللىي روھتىكى چۆكمە قاتلام بىر مىللەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مەدەنىيەت تەرەقىياتى داۋامىدا ئاستا-ئاستا ۋە تەدرىجى يوسۇندا ھاسىل بولىدۇ. ئۇ ، بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت پىسخىكىسى ۋە روھ قۇرۇلمىسىدا سىرتقى پوست ياكى يۈزە ھادىسە سۈپىتىدە ئەمەس ، بەلكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۇرگۈچ كۈچ ۋە يوشۇرۇن ئېنىرگىيە سۈپىتىدە رول ئوينايدۇ. مىللىي روھنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا تىنغان بۇ خىل تىندۇرما مىللەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر بىلەن بولغان تىنىمسىز سۈركىلىشى ۋە جىددىي كۈچ سىنىشىشى داۋامىدا نىسبەتەن تۇراقلىق ۋە زاپاس ئېنېرگىيە ھالىتىدە تۇرىدۇ. بىر مىللەت رەھىمسىز رىقابەتكە دۈچ كېلىپ ، كەسكىن تاللاشقا دۈچ كەلگەن ھەل قىلغۇچ پەيتتە ، ئۆز ۋۇجۇدىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا يوشۇرۇنغان ئاشۇ زاپاس ئېنىرگىيىسىنى قېزىپ چىقىرىدۇ. چۆكمە ھالەتتە قاتقان ، تىنىپ كەتكەن بۇ خىل زاپاس ئېنېرگىيە تاشقى تەسىرلەرنىڭ تىنىمسىز غىدىقلىشى ۋە زەرەتلىشى داۋامىدا ئۆزلۈكسىز يوسۇندا ئۆزىنى بېيىتىپ ، تولۇقلاپ ۋە يېڭىلاپ تۇرۇشنى ئىزدەيدۇ. ئۇ پەقەت رىقابەتكە قاتنىشىش ، رەھىمسىز سىناقنى قوبۇل قىلىش داۋامىدىلا ئاندىن ئۆزىنى ھەركەتچان ، ئاكتىپ فونكىسىيىگە ئىگە قىلىدۇ. نەچچە مىڭ يىللىق سەرسان-سەرگەردانلىق بىلەن توختاۋسىز ھالاكەتلىك سىناقلار جەريانىدا يەھۇدىي مىللىتى ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى قانداق بىر كۈچ بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلىپ كەلدى؟دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا پىتىراپ كەتكەن ، پۇت تىرەپ تۇرغىدەك ماكانغا ئىگە بولالمىغان بۇ سەرسان مىللەت قانداق قىلىپ ئۆزىنىنغ 20-ئەسىدىكى يېڭى ھاياتلىق ماكانىنى قۇرۇپ چىقالىدى. شۇنىسى ئېنىقكى ، يەھۇدىي مىللىتىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسى بىلەن قايتا قۇرۇش روھى بىر خىل ئېچىۋېتىلگەن ، ھەر قانداق شەكىلدىكى رىقابەتنى كۈتىۋېلىشقا تەييار تۇرىدىغان ، جەڭگىۋار ھالەتتىكى مەڭگۈ ئۇيغاق قۇرۇلمىدۇر. يەن كېلىپ بۇ خىل قۇرۇلما . يەنە كېلىپ بۇ خىل قۇرۇلما ئۆزىنىڭ ئىچكى مۇۋازىنىتىنى ھەر ۋاقىت مۇۋاپىق ئۆلچەمدە تەڭشەپ تۇرىدىغان ، رىقابەتكە ئاكتىپ قاتىنىشىش ئارقىلىق ئۆز مەۋجۇدلىقىنى تەرەققىياتتىن ئىزدەيدىغان جانلىق فورمىنى ھاسىل قىلغان.مۇشۇ ۋەجىدىن يەھۇدىي مىللىتى ئۆزلىرىگە مۇقەددەس كىتاپ “تەۋرات” قىلىنغان ، مۇساغا ئەگىشىپ مىسىر فىرەۋىنىنىڭ زۇلمىدىن قاچقان ئاشۇ يىراق ئۆتمىشىدىن باشلاپلا مۇنداق بىر ھەقىقەتنى چوڭقۇر ھېس قىلغان: بىز ئەڭ زور تىرىشچانلىقىمىز بىلەن ئاشۇ ئېنېرگىيىنى يېڭى تەركىبلەر بىلەن سۇغۇرۇپ ، باشقىچە ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىشقا كۆنۈككەن . چۈنكى، “خۇدا” ئۆزىنىڭ ئەڭ ئېزىز بەندىلىرىگە ئەڭ ئېغىر ئازابلارنى سېلىپ ئۇلارنى سىنايدۇ. شۇڭلاشقا تارىخ بىزنى تاشلىۋەتكەن . ئۇ بىزنى ئۆزى كېلىپ تاللىمايدۇ، بەلكى بىز ئۆزىمىز كېلىپ ئۇنى ئۆزىمىز تاللايمىز. دادىل قەدەملەر ئۆز كېلەچىكىنى تاللاش ، رىقابەتنى ئاكتىپ قوبۇل قىلىش ، رەھىمسىز رەئاللىقنى ئېتىراپ قىلىش ….مانا بۇ يەھۇدىي مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇق تىلسىمىدۇر. ئەگەر بىر مىللەتنىڭ روھىي ماھىيىتىگە ئۇرۇق بولۇپ تېرىلغان ، زاپاس ئېنېرگىيە سۈپىتىدە ساقلانغان مەنىۋىي جۇغلانما يېڭى تەركىبلەر بىلەن بېيىتىلمىسا ، ساپ مېنېرال ماددىلار بىلەن سۇغۇرۇلمىسا ، سىرتقى قوزغىتىشقا ئۇچرىمىسا ، ئۇ خۇددىي دەريالارنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى ھاۋزا تۈزلەڭلىكلىرىگە تىنغان لاتقىغا ئوخشاش يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن چىرىپ ، سېسىپ كېتىدۇ. سۈ-تاڭ دەۋرىدە بىر مەھەل گۈللىنىشكە ئېرىشكەن جوڭگو مەدەنىيىتى نېمىشقا مېڭ، چىڭ دەۋرىگە كەلگەندە پەيدىنپەي زەئىپلىشىشكە باشلىدى؟ قەدىمكى دۇنيادا شەرقتىكى غايىۋىي “جەننەت” سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىنغان ھىندىستان قانداق قىلىپ يېقىنقى زامانغا كەلگەندە ئۆزىنى ئۆزى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى يوقاتقان مۇستەملىكە جەئىميىتىگە ئايلىنىپ قالدى؟ شۇنىسى ئېنىقكى ، جوڭگو ۋە ھىندىستان جەئىميىتىنىڭ يېقىنقى زامان مەنىۋىي چۈشكۈنلىكى بىلەن مەدەنىيەت تراگېدىيىسى ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى قەدىمىي ئەلنىڭ ئۆز ۋۇجۇدىدىكى چۆكمە ئېنىرگېيە بىلەن مەنىۋىي تىندۇرمىنى يېڭى تەركىبلەر بىلەن سۇغۇرۇپ تۇرۇش ئىمكانىيىتىنى يوقاتقانلىقىدىن كېلىپ چىققانىدى. تېخىمۇ توغرىراقى ، بۇ ئىككى مەدەنىيەتنىڭ چۆكمە قاتلىمى خۇددى خۇئاڭخې ، گاڭ دەريالىرىنىڭ قىنىغا توپلانغان قاتمۇ-قات لاتقىغا ئوخشاش بىرخىل دىمىق كەيپىيات ئىچىدە تىنىپ ، چىرىپ كەتكەنىدى. ئامېرىكا قىتەسى بايقالغاندىن بۇيانقى 400يىل مابەينىدە يەرلىك خەلق ئىندىئانلارنىڭ پەيدىنپەيھالاكەتلىك تەقدىرگە دëچ كېلىشى ۋە تارىخ سەھنىسىدىن سىقىپ چىقىرىلىشى بىزگە رىقابەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ، رەھىمسىز رېئاللىقنى قوبۇل قىلماسلىقتەك پاسسىپ مىللىي پىسخىكىنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتىنى كۆرسىتىپ بەردى. دەرۋەقە ، مىللىتىمىز ئەسىر ھالقىش ھارپىسىدا ئۆز تارىخىدىكى ئەڭ كەسكىن ۋە زور چوڭقۇر دەرىجىدىكى تاللاشقا دۈچ كەلدى. شۇنداقلا كۆز ئالدىدىكى مەۋجۈد رېئاللىقنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھىس قىلىشقا باشلىدى. كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان رىقابەت ئېڭى بىز كۆنۈككەن روھىي قۇرۇلمىنىڭ ئىچكى تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ تاشلىدى. مىللىي روھتىكى چۆكمە قاتلام نئوۋەتتىكى كەسكىن مەدەنىيەت توقۇنىشىدا جىددىي تەۋرەشكە دۈچ كەلدى. مەۋجۇدلۇق بىلەن تەرەققىياتنى نىشان قىلغان ھەر قايسى ئىجتىمائىيى بىرلىكلەرنىڭ مەدەنىيەت رىقابىتىدىكى كۈچ سېلىشتۇرمىسى جەريانىدا گاڭگىراش ھالىتىدە تۇرغان مىللىتىمىز سىرتقى مەدەنىيەتلەرنىڭ توختاۋسىز رادىئاتسىيىگە نىسبەتەن ئۆزىدە يېتەرلىك روھىي ئېنېرگىيە ھازىرلاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدى. بوران-چاپقۇنلۇق مۇشۇ بىر ئەسىر ئۇلار ئۈچۈن ئەمدىلىكتە بىر مەيدان چۈشكە ئوخشاش غۇۋا مەنزىرىگە ئايلاندى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كلاسسىك مەدەنىيىتىدىن نېمىلەرنى تاشلاپ ، نېمىلەرنى داۋاملاشتۇرۇشنى تېخى تولۇق دەڭسەپ كۆرمەيلا 1930-يىللاردا كۆتۈرۈلگەن يېڭى مەدەنىيەت ھەركىتىنىڭ كۈچلۈك دولقۇنىغا دۈچ كەلدى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ رۇس مەدەنىيىتىگە بولغان قىزىققان ئىنكاسى ئۇلارنىمۇ مۇشۇ قاينامغا جەلپ قىلدى. نەتىجىدە سابىق سۆۋېت ئىتتىپاقى تىكلائەپ بارگەن رۇسچە مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئەندىزىسى مەدەنىيەت تەرەققىياتىمىزدىكى ئاساسىي مىلۇدىيەگە ئايلىنىپ مىللىي روھتىكى چۆكمە قاتلام تەۋرىتىۋېتىلدى ، شۇنداقلا قوبۇل قىلىش بىلەن داۋاملاشتۇرۇش ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭ ھالەت بۇزۇپ تاشلاندى.نەتىجىدە رۇسچە سۆز-ئاتالغۇلار خۇددى توسمىنى بۇزۇپ كىرگەن كەلكۈندەك تىلىمىزنىڭ لوغەت تەركىبىنى مائىلمان قىلىۋەتتى. تىلىمىز تەبىئىي پەن ئاتالغۇلىرىنى ياساش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالدى. مۇشۇنداق ئەسەبىي قىزغىنلىق چارەك ئەسىرىدىن كۆپرەك داۋاملاشقاندىن كېيىن ، تۇيۇقسىزلا كەسكىن ئىنكار قىلىنىپ ، يۆلۈنۈش باشقان ياققا بۇرالدى. پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسىدا كۆتۈرۈلگەن بىر مەيدان سىياسىي دولقۇن ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭمۇ مەدەنىيەت پىسخىكىسىدا يەنە بىر مەيدان دەۋرەش يۈز بېرىپ ، ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت مۇۋازىنىدىكى ئىچكى تەڭشىكىنى يوقاتتى.. شۇنداق قىلىپ ، ئۆز يۆنۈلىشىنى قارار قىلىشقا ئۈلگۈرمەيلا شىددەتلىك ئېقىمغا قوشۇلۇپ سۆرەپ كېتىلگەن بۇ تەنھا كېمە مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان كەڭ دېڭىزدا گاھ چۆكۈپ ، گاھ لەيلەپ نامەلۇم يۆلۈن”شكە قاراپ ئاستا-ئاستا ئۈزۈشكە باشلىدى. مانا مۇشۇنداق نىشانسىز سەپەر جەريانىدا بەپەت بىرلا خىل مەدەنىيەت تىپىنىڭ تىنىمسىز زەرەتلىشىگە ئۇچراش ، كۆپخىل مەدەنىيەتلەرنىڭ مۇۋاپىق مىقداردىكى ئىجابىي تۈركىسىدىن چەتتە قېلىش نەتىجىسىدە مىللىتىمىزنىڭ روھىيەت قۇرۇلمىسى ۋە پىسخىك كەيپىياتىدا قىيداش ، رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ، رىقابەتتىن ئۈرۈش ، ئۆز ۋۇجۇدىدىكى ھاياتىي كۈچىدىن گۇمانلىنىش قاتارلىق پاسسىپ روھىي ھالەتلەر پەيدا بولدى. شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش زۆرۈركى ، ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەتلىرى ئۆزىنىڭ مۇئەييەن خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ئوخشاش بولمىغان تارىخىي شارائىتتىكى تەرەقىيات ئالاھىدىلىكى بىلەن ئوخشىمىغان مەدەنىيەت سىستېمىلىرىغا مەنسۈپ بولىدۇ. ئوخشىمىغان مەدەنىيەت سىستېمىلىرىغا تەۋە بولغان بىر قانچىلىغان مىللەتلەرنىڭ ئورتاق بىر سىياسىي گەۋدىگە ئۇيۇشىشى ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىن بىرلىككە كەلگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇئالرغا مەدەنىيەت جەھەتتىن ئورتاق بىر قېلىپ بېكىتىش ، ئورتاق بىر روھىي ھالەتنى ئۆلچەم قىلىش كۆپىنچە ھاللاردا ئەكس تەسىر پەيدا قىلىپ ، قىيداش پىسخىكىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سابىق سۆۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت كەيپىياتىدا يۈز بەرگەن جىددىي داۋالغۇشلار بۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. يۈز نەچچە يىللاردىن بۇيان رۇس مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك رادىئاتسىيىسىگە ئۇچرىغان ، ئۆزىدىكى سىرتقى تەسىرگە بولغان قارشىلىق كۈچىنى يوقاتقان ، چوڭ رۇس مەدەنىيىتىنىڭ قوشۇمچە مەھسۇلاتىغا ئايلىنىپ قېلىشقا ئازلا قالغان ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى سابىق سۆۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن قانداق ئىنكاسلارنى بىلدۈرۈشتى؟ ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى نامە ئۈچۈن بىر يىلغا قالمايلا سلاۋىيان يېزىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، لاتىن يېزىقىغا كۆچۈشنىڭ لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى؟ ئۆزبېك زىيالىيلىرى نېمىشقا ئاللىقاچان ئومۇملاشقان “ماتېماتىكا”، “ئاسترونومىيە” قاتارلىق رۇسچە سۆز –ئاتالغۇلارنىڭ ئورنىغا “مۇشكۈلات” ، “ پەلەكيات” قاتارلىق پارسچە سۆز –ئاتالغۇلارنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلدى؟…. مان بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك سىرتقى غىدىقلاشقا ، زەرەتلىنىشكە ئۇچرىغان ، ئۆزىنىڭ ئىچكى تەڭپۇڭلىقىنى يوقاتقان ، پاسسىپ ، ئىككىلەمچى ھالەتكە چۈشۈپ قالغان مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزىنى قايتا بايقىغاندىن كېيىنكى پىسخىك ئېغىشى ئىدى. بۇنداق قىيداش روھىي ھالىتە ھەتتا ئۇلارنى بىر قۇتۇپتىن يەنە بىر قۇتۇپقا سەكرەشكە مەجبۇر قىلاتتى. شۇڭلاشقا ئۆز ۋۇجۇدىغا قانداق قىلىپ يېتەرلىك روھىي ئېنېرگىيە ھازىرلاش ، سىرتقى مەدەنىيەتلەر بىلەن بولغان ئالاقە مۇۋازىنىتىنى قانداق تەڭشەش ، 21-ئەسىرنىڭ كۈچلۈك رىقابىتى ۋە رەھىمسىز رېئاللىقىنى قانداق كۈتۈۋېلىش مىللىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ زۆرۈر كۈنتەرتىپى ئىدى. قۇتۇلغۇلى بولمايدىغان بىر خىل كرىزىس تۇيغۇسى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولھان روھىي بېسىمىنى كۈچەيتىپ باردى . مەمىئەيەتنىڭ ئاساسىي ئېقىمىدىن ئايرىلىپ قېلىشتەك رەھىمسىز رېئاللىق ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىدا بوشلۇق ھاسىل قىلىپ ، مەھرۇملۇق ئازابىنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇردى. پىسخىكا نورمالسىزلىقى بۇ مىللەتنىڭ نۆۋەتتىكى مەنىۋىي كېسىلىنى ئاشكارىلاپ قويدى. جاۋاھىرال نېھرو مەشھۇر ئەسىرى “ھىندىستاننىڭ بايقىلىشى”دا ، ھىندى مىللىتى ئېغىر ھالدىكى پىسخىكا كېسىلىگە گېرىپتار بولدى ، بۇنى ئۇلارنىڭ 300 يىلدىن بۇيانقى روھىي كرىزىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، دەپ يازغانىدى. دەرۋەقە ، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدا مەلۇم بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدارىنى يوقاتقاندىن كېيىن ، خېلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە تەدرىجى زەئىپلىشىش ، ھالسىراش ۋە تىركىشىش باسقۇچىنى بەشىدىن كەچۈردىغانلىقى ھەممىگە ئايان . قەدىمكى يۇنان مەدەنىيىتىگە بىۋاستە ۋارىسلىق قىلغان رىم مەدەنىيىتىنىڭ رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پارچىلىنىشىغا ئەگىشىپ ، تەخمىنەن مىڭ يىلغا يېقىن تەدرىجى زەئىپلىشىش جەريانىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكى دەل شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.. ئۇنداقتا مىللىي روھتىكى زەئىپلىشىشنىڭ سەۋەبى نەدە؟ ئارنولد تويىنبى “تارىخ تەتقىقاتى” ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: “زەئىپلىشىش –ئىجادىيەت كۈچىنىڭ يوقالغانلىقىدىن ، بۆلۈنۈش جەريانىنىڭ باشلانغانلىقىدىن ۋە ئۆزىنى ئۆزى بەلگىلەش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. زەئىپلىشىشنىڭ سەۋەبى ماددىدا ئەمەس ، روھىيەتتە ، سىرتقى ئامىللاردا ئەمەس ، ئىچكى ئامىللاردا بولىدۇ. زەئىپلىشىش ئىچكى كېسەللىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. . بەلكى مۇقەررەر ھالدا ھادىسە سۈپىتىدىكى مەددىي سەۋەپلەردىن ئاۋۋال يۈز بېرىدۇ . شۇنىسى ئېنىقكى ، جەئىمىيەتشۇناسلىق ئىلمىنىڭ تەتقىقاتىدىن قارىغنادا ، پىسخىكا نورمالسىزلىقى ھازىرقى يïكسەك دەرىجىدە ئىجتىمائىيلاشقان جەمىيەتنىڭ مەشۇلى. بۈگۈنكى زامانىۋىي دۇنيانىڭ رەڭگارەڭ ئىختىرالىرى ئىچىدە ياشاۋاتقان ھەربىر شەخس ، كوللېكتىپ ۋە مىللەتنىڭ روھى قاتلىمىدا مۇئەييەن دەرىجىدىكى پىسخىكا نورمالسىزلىقىنىڭ ئالامەتلىرىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ غەرب جەمىئىيىتى بۇ نۇقتىنى مەلۇم جەھەتلەردىن مۇئەييەنلەشتۈردى. ھالبۇكى ، ھازىرقى غەرب جەمىئىيىيىتىدە كۆرىلىۋاتقان پىسخىكا نورمالسىزلىقى ھادىسى بىلەن ئۇيغۇر جەمىئىيىتىدىكى پىسخىكا نورمالسىزلىقىنىڭ خاراكتىرى ، خۇسۇسىيىتى ۋە كېلىپ چىقىش سەۋەپلىرى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. ناۋادا غەرب دۇنياسىدا كۆرىلىۋاتقان پىسخىك نورمالسىزلىقنى يۈكسەك دەرىجىدە ئىجتىمائىيلاشقان جەمىئىيەت بىلەن ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى ياتلىشىشنىڭ ، تەخىمۇ توغرىراقى ، ماددىي تويۇنۇش بىلەن روھى قاغجىراشنىڭ مەھسۇلى دىيىلىدىغان بولسا ، ئۇ چاغدا ئۇيغۇر جامىئىيىتىدە يۈز بېرىۋاتقان پىسخىك نورمالسىزلىقنى بىر خىل يوقۇتۇش ۋە مەھرۇملۇق تۇيغۇسىنىڭ بىۋاستە ئىپادىسى دېيىشكە بولاتتى. ئۆزىنىڭ جەمىئىيەتنىڭ ئاساسىي ئېقىمىدىن سىقىپ چىقىرىلىۋاتقانلىقىنى ئاستا-ئاستا ھېس قىلىش ، ئۆز كەيپىياتىنى ئۆزىنىڭ پىسخىك ئېنېرگىيىسى بىلەن تەڭشىيەلمەسلىك ، چوڭ كېلىمات ئائۆزىنى تۆۋەن ھېسابلاش مىللىتىمىزنىڭ روھى قۇرۇلمىسىغھا كۈچلۈك بېسىم ئېلىپ كەلدى. لۇشۈن ئەپەندى ئۆز دەۋرىدە ئاق ئوبرازى ئارقىلىق شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى جوڭگو دېھقانلىرىنىڭ بىنورمال پىسخىك كەيپىياتىنى سىزىپ كۆرسەتكەنىدى. لاۋشې ئەپەندىمۇ 40- يىللارغا كەلگەندە ، تۆت ئەۋلاد قېرىنداشلار ناملىق ئەسىرىدە ياپونىيىنىڭ قانلىق تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدىن ئۆزىنىڭ روھىي تەڭپۇڭلىقىنى يوقاتقان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ پاسسىپ روھىي ھالىتە بىلەن بىنورمال پىسخىك كەيپىياتىنى تەسۋىرلەپ بەرگەنىدى. مەزكۇر ئەسەردىكى لى سى ئانا ياپۇن ئەسكەرلىرىنىڭ جوڭگولۇقلارنى ۋەھشىلىك بىلەن قىرغىن قىلغانلىقىنى كۆرۈپ ، چىداپ تۇرالماي قاتتىق ۋاقىرايدۇ: “ قېنى ، ئۆلتۈرۈڭلار ، قىرىڭلار ، لېكىن بىز ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بالىلارنى تۇغالايمىز!…”مانا بۇ 1930-، 1940- يىللاردىكى ھايات-ماماتلىق ھالاكەتلىك تەقدىر كەلتۈرۈپ چىقارغان جوڭولۇقلارنىڭ خاراكتىرىدىكى پىسخىكا نورمالسىزلىقى ئىدى. بۇنداق بىنورمال پىسخىك ئۆسمە ھېلىھەم جوڭگولۇقلارنىڭ قان تومۇرىدا داۋاملىق ساقلانماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەملىكەت ئىچىدە سەددىچىن سېپىلىنىڭ قىممىتىگە بولغان ئايتا تونۇش دولقۇنى دەل مۇشۇنداق بىنورمال مەدەنىيەت پىسخىكىسىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسۈتۈپ بەردى. مەملىكەت ئىچىدىكى بىر نوپۇزلۇق گېزىت بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم كېمىسىدە تۇرۇپ يەر شارىدىن پەقەت سەددىچىن سېپىلىنىلا كۆرەلىگەنلىكى ھەققىدىكى بىر خەۋەرنى باسقان . شۇنىڭ بىلەن بۇ خەۋەر مەملىكەت مىقياسىدا سەددىچىن سېپىلىنىڭ تارىخىي قىممىتىگە قايتا باھا بېرىش قىزغىنلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نۇرغۇن كىشىلەر كۆپلىگەن ماقالە ئېلان قىلىپ ، سەددىچىن سېپىلى جوڭگو مەدەنىيىتىنىڭ روھى ۋە سىمۋولى دېگەن باھالار بىلەن كۆككە كۆتۈرگەن . كېيىن بۇ خەۋەرنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان بولسىمۇ ، لېكىن سەددىچىن سېپىلى ھەققىدىكى بەس-مۇنازىرىلەر توختىمىغان. دەرۋەقە ، سەددىچىن – دۇنيادىكى بۈيۈك قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى . ئۇنىڭ ياسىلىشى ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى كاتتا مۆجىزە. لېكىن ئۇ ئۆز ماھىيىتى بىلەن جوڭگو مەدەنىيىتىنى دۇنيا مەدەنىيىتىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان سۈنىي توساق ھېساپلىنىدۇ. ئۇنىڭ ياسىلىشى جوڭگو مەدەنىيىتىنىڭ بېكىنمە ، سىرتقى مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرىدىن قاچىدىغان پاسسىپ مۇداپىئە ئېڭى ئېڭى بىلەن قورشاۋ ھويلا پىسخىكىسى بەلگىلەپ قويغان. . ھالبۇكى ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئۇنى ئالەم بوشلىقىدىن كۆرگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرما خەۋەرلەر (ئەگەر بۇ گەپلەرنىڭ ئاساسىي بولىدىغان بولسا) قانداق قىلىپ سەددىچىن سېپىلىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇپ قويدى؟ ئەجىبا نيۇيوركتىكى ئىككى يۈز قەۋەتتىن ئاشىدىغان ئىمپېرىيە بىناسى بىلەن پارىزھدىكى ئېيفىر تۆمۈر مۇنارى كۆرۈنمىگەن يەردە ، بۈگۈنكى كۈندە ئۈزۈك-ئۈزۈك ھالەتتە ئاران كۆرىنىدىغان سەددىچىن سېپىلى قانداق كۆرۈڭەندۇ؟ ناۋادا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئۇنى راسرتىنلا كۆرگەن دىيىلسە ، ئۇ چاغدا بۇنىڭ سەددىچىننىڭ قىممىتى بىلەن نېمە باغلىنىشى بار؟ بۇنداق ئۆز كۆڭلىنى ئۆزى ئاۋۇندۇرىدىغان ئاق چە روھىي غالبىيرتچىلىك دەل جوڭگولۇقلارنىڭ مەدەنىيەت پىسخىكىسىدىكى تارىختىن قەپقالغان مەنىۋى كېسەللىكىنىڭ ئىپاسىدۇر. ئەمدىم مىللىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى پىسخىك قاتلىمىغا نەزەر تاشلىساق ، كۈندىن-كۈڭە ئېغىرلىشىۋاتقان روھىي بېسىمنىڭ ئۇلارنىڭ پىسخىك تۈزۈلمىسىدە يوشۇرۇن بىنورماللىقنى شەكىللەندۈرۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمىز. پۈتكۈل مىللەتنىڭ روھىيتىدە كۆرىلىۋاتقان تەڭپۇڭسىزلىق ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا تۈرلۈك پىسخىك كېسەللىكلەرنىڭ تۆرەلمىلىرىنى بىخلىتىپ قويدىمۇ قانداق؟ دەرۋەقە ، قۇتۇلغىلى بولمايدىغان بىرخىل كرىزىس تۇيغۇسى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان بولغان روھىي بېسىمىنى بارغانسېرى كۈچەيتىپ باردى. جەمىئىيەتنىڭ ئاساسىي ئېقىمىدىن سىقىپ چىقىرىلىشتەك رەھىمسىز رېئاللىق ئۇلارنىڭ روھى دۇنياسىدا بوشلۇق ھاسىل قىلىپ ، مەھرۇملۇق ئازابىنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇردى. پىسخىكا نورمالسىزلىقى بۇ مىللەتنىڭ نۆۋەتتىكى مەنىۋى كېسىلىنى ئاشكارىلاپ قويدى. ئۆزىنى ئۆزى بەلگىلەش ئىقتىدارىنى يوقاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىش ، تاشلاندۇق بالاغا ئوخشاش رىھىي غېرىپلىق ۋە يېتىملىك ئازىبىنى تارتىش ، ئۆزى بىلەن كۈچ سىنىشىۋاتقان چوڭ مەدەنىيەتتىپى ئالدىدا ئۆزىنى كۈچسىز ، ئەرزىمەس نەرسە دەپ قاراپ كەمسىندۇرۇش ، بىر خىل قۇتۇلغىلى بولمايدىغان مەھرۇملۇق تۇيغۇسىغا مۇپتىلا بولۇش ، قورقۇش ۋە ئەندىشە ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزۈش ، ئۆزى توقىغان خام خىياللارىغا ئۆزى ئىشىنىپ قېلىش ، خۇددى كېچە قاراڭغۇلىقىدىن قورققان ئادەم ناخشا توۋلاش ئارقىلىق ئۆز قورقۇنچىنى يوقاتماقچى بولغىنىدەك ، كۆز ئالدىدىكى رەھىمسىز رېئاللىققا پەرۋا قىلماسلىق ھالىتىگە كىرىۋېلىپ ئۆزىنى بەزلەش ، ئۆزىنى چوڭ كېلىماتنىڭ يۈزلىنىشى بىلەن ئەمەس ، بەلكى كۆز ئالدىدىكى ئاللىقاچان كۆنۈككەن مۇھىتنىڭ تەلىپى بىلەن ئۆلچەش ، يىراقتىكى ئۆزىگە مەڭگۈ تالىق بولمايدىغان غايىۋىي نەرسىلەرگە مەھلىيا بولۇپ ياشاش ، ئۆز ئوربىتىسىدىن چىقىپ كېتەلمەسلىك …مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى مىللىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى غەيرىي نورمال پىسخىك ھالىتىنىڭ مۇئەييەن بىر تەرىپىدۇر. يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر “بۇرۇت ماجراسى”قاتارلىق بىر يۈرۈش ھېكايىلىرى ئارقىلىق مىللىتىمىزنىڭ روھىيەت بوشلىقىدىكى مۇشۇنداق پىسخىك بىنورماللىقنى چوڭقۇر يورۇتۇپ بەردى. نەچچە مىڭ يىللاردىن بىيان داۋاملىشىپ كەلگەن بۇرۇت قويۇش ئادىتى قانداقلارچە كىشىنى قورقۇنۇچقا ۋە ئەندىشىگە سالىدىغان ، تاكى قىرقىۋەتمىگىچە كۆڭۈل ئارامىغا چۈشمەيدىغان ۋەھىمىلىك نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى. لۇشۈن ئەپەندى “جاڭ تەييەن ئەپەندىنى ئەسلەشتىن تۇغۇلغان ئويلار”ناملىق ماقالىسىدە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جياڭنەندىكى كىشىلەرنىڭ خەنزۇچە چاچ ئادىتىدىن ئەنسىرەش ۋە قورقۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. چاچ قويۇپ تۈرىۋېلىش ئەسلىدە خەنزۇ ئەرلىرىنىڭ ئەنەنىۋى ئادىتى ئىدى. لېكىن مانجۇلار جوڭگونى بىرلىككە كەلتۈرەندىن كېيىن ، جياڭنەندىكى خەنزۇلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئەنەنىۋى چاچ قويۇش ئادىتىدىن ئەنسىرەيدىغان پىسخىك نورمالسىزلىق پەيدا بولۇشقا باشلىغان . مانجۇچە چاچ شەكلىنى كۆرسىلا ئۆزىنىڭ مىللىي چاچ شەكلىدىن شەكلىدىن ئەنسىرەش ، ۋەھىمىگە چۈشۈش كېسىلى بارغانسېرى ئەۋج ئالغان .بۇنىڭ نەتىجىسىدە ، 1645-يىلى 6-ئايغا كەلگەندە مەنچېڭ ھۆكۈمىتى ئومۇمىي بۇيرۇق ئېلان قىلىپ ، جياڭنەندىكى خەنزۇلارنىڭ 10 كۈن ئىچىدە بىردەك بېشىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى چېچىنى چۈشۈرۈپ ، مانجۇچە ئۆرۈمە چاچ قويۇشى كېرەكلىكىنى جاكرلىغان . چاچ چۈشۈرۈش بۇيرىقىغا ئېنىق قىلىپ “كاللا كېرەك بولسا چاچ چۈشۈرۈلسۇن، چاچ لازىم بولسا كاللىسى ئېلىنسۇن”دەپ يېزىلغان. بىر مىللەتنىڭ مەمدىيەت ئېكولوگىيىسى شۇ مىللەتنىڭ جۇغراپىيىلىك سەھنىسى ھېساپلانغان تەبىئەت ئېكولوگىيىسى بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ. تەبىئىي ئېكولوگىيىنىڭ بۇزۇلۇشى مىللىي مەدەنىيەت ئېكولوگىيىسىدە جىددىي كرىزىس كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تارىم ئويمانلىقىنىڭ كۈنسايىن ناچارلىشىۋاتقان ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلىقى مىللىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى مەنىۋى يوقىتىشنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ بەردى. مىلادىدىن ئىلگىركى 5-ئەسىردە ھرودېد مىسىرغا سەپەر قىلىپ قايتىشىدا مۇنداق بىر تەسىراتقا كەلگەن : مىسىر نىل دەرياسىنىڭ سوۋغىسى. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش تارىم ئويمانلىقىغا دۈملەڭەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمۇ تارىم دەرياسىنىڭ سوۋغىسىدۇر. نەچەچە مىڭ يىللاردىن بۇيان قۇرۇم ۋە تەڭرىتاغلىرىدىن ئېقىپ چۈشكەن سانسىزلىغان دەريا-تاراملار تارىم دەرياسىدا بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ ، ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى ئەڭ چوڭ دەريانى ھاسىل قىلغان . مانا مۇشۇ ئانا دەريا ئۆزىنىڭ ئۈزۈلمەس ئېقىمىغا تايىنىپ بۇ قاغجىرىغان چوڭقۇرلۇرنى سۇغۇرۇپ كەلگەن .يېرىم چەمبەر ھاسىل قىلىپ ئاقىدىغان تەرىم دەرياسى تەكلىماكان چۆلىنى قۇچاقلاپ ئۆز ھاۋىزىسىدا يېشىل كارىدور ھاسىل قىلغان . ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇ توغراقلىق كارىدور تەكىلماكان چۆلىنىڭ داۋاملىق كېڭىيىشىنى كونترول قىلىپ ، ئەتراپتىكى بوستانلىقلارنىڭ مەۋجۇدلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ كەلگەن. تارىم ئويمانلىقى بىلەن جۇڭغار ئويمانلىقىنى قورشاپ تۇرغان تەڭرىتېغى ، قۇرۇم تېغى. ۋە ئالتاي تاغلىرى ئىچكى قۇرۇقلۇق چۆل ئىقلىمىغا مەنسۈپ بۇ ماكاننى ۋە ئۇنىڭ مۇھىتىنى نەمدەپ تۇرغۇچى تەبىئىي تەڭشۈگۈچ بولۇپ ، ئۇلار ، جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن بىر-بىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن. مۇشۇ تاغلارنىڭ چوققىسىدا قىش-ياز كەتمايدىغان قار-مۇزلار گويا بىر تۈگىمەس ئېنېرگىيەگە ئوخشاش تارىم ئويمانلىقىغا قاراپ ئاقىدىغان دەريا-تاراملارنى زۆرۈر بولغان سۇ مەنبەسى بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن . شۇنلاشقا قۇملۇق ، بوستانلىق ۋە تاغ تىزمىسىدىن ھاسىل بولغان ئۈچ قاتلاملىق جۇغراپىيىلىك مۇھىت بۇ رايوننىڭ ئۆزىگە خاس تەبىئەت ئېكولوگىيىسىنى شەكىللەندۈرگەن . مانا مۇشۇ تەبىئىي ئېكولوگىيىدە پارلاق تارىم مەدەنىيىتى يارىتىلغان. ۋە بۈگڭىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. قەدىمدىن بۇيان تارىم ۋادىسىدا ياشاپ كەلگەن ئەجدادلىرىمىز پايانسىز قۇملۇقلار ۋە سررەڭ بارخانلاردىن پەيدا بولىدىغان بىر خىل قۇرغاق ھېسسىياتى بىلەن زېرىكەرلىك كەيپىياتىنى تارىم دەرياسى ھاۋزىسىدىكى مۇنبەت بوستانلىقلارنىڭ يېشىللىق كۈيى بىلەن نەمدەپ ۋە تەڭشەپ كەلگەن.شۇڭلاشقا تارىم ئويمانلىقىغا دۈملەڭەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەنىۋى تىندۇرمىسى بىلەن بۇ رايوننىڭ تەبىئەت ئەكولوگىيىسى ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىنى شەرت قىلىدىغان ئەبەدىيلىك ئورگانىچ باغلىنىش ھاسىل بولغان. ھالبۇكى ، بۇنداق ئىچكى ئورگانىچ باغلىنىش ھازىرقى زامانغا كەلگەندە ، بولۇپمۇ يېقىنقى يېرىم ئەسىردىن بۇيان ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇپ تاشلاندى. دەرۋەقە، بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئېكولوگىيىسى شۇ مىللەت ياشاپ كەلگەن جۇغراپىيىلىك رايوننىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيىسى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ. تەبىئەت ئېكولوگىيىسىنىڭ بۇزۇلۇشى مەدەنىيەت ئېكولوگىيىسىگە كرىزىس ئېلىپ كىلىدۇ. تارىم ئويمانلىقىنىڭ كۈندىن كۈئىڭە ناچارلىشىۋاتقان ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلىقى بۇ مىللەتنىڭ روھىيەت قۇرۇلمىسىغا ئەغىر يوقۇتۇشلارنى ئېلىپ كەلدى. ئارال دېڭىزى مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىگە ، جۈملىدىن ئۆزبېك خەلقىگە ئېلىپ كەلگەن كۈچلۈك روھىي بېسىمى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. ئارال دېڭىزى ئەسلىدە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيىسىنى تەڭشەپ تۇرىۋاتقان چوڭ تىپتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆلى بولۇپ ، سىر ۋە ئامۇ دەريالىرىنىڭ سۈيى مۇشۇ كۆلنى زۆرۈر بولغان سۇ مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيتتى. سابىق سپۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى 70 يىل مابينىدە ، ئۆزبىكىستاننى پۈتكۈل ئىتتىپاقنىڭ پاختا بازىسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ، سىر ۋە ئامۇ دەريالىرىدىن كۆپلىگەن تۇغانلار ئېچىلىپ ، تېرىلغۇ يەرلەر شىددەت بىلەن كېڭەيتىلدى. بۇنىڭ بىلەن سىر ، ئامۇ دەريالىرىنىڭ ئارال دېڭىزىغا بارىدىغان سۈيى بارغانسېرى ئازىيپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارال دېڭىزى ئەتراپىغا قۇرۇلغان چوڭ تىپتىكى خىمىيە سانائىتى ۋە نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىدىن چىققان بۇلغانغان سۇلار كۆلگە قۇيۇلۇپ بېرىپ بۇ يەرنىڭ مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىدى. 1970-يىللارنىڭ ئاخىرى 1980-يىللارنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئارال دېڭىزىنىڭ سۈيى كۆرونەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەپ ، كۆلنىڭ دائىرىسى بارغانسېرى تارىيىپ ، يېقىن كەلگۈسىدە قۇرۇپ كېتىش خەۋىپى پۈتكۈل ئىتتىپاقنى ساراسىمگە سالغان . يەنە بىر تەرەپتىن 70 يىلدىن بۇيانقى ھەدەپ كېۋەز تېرىش سېلىقى نەتىجىسىدە تېرىلغۇ يەرلەر ئۆز ئۈنىمىنى يوقۇتۇپ ، قايتا ئۆزگەرمىسە بولمايدىغان دەرىجىگە بەرىپ قالغان. تەبىئەت ئېكولوگىيىسىدىكى بۇنداق بۇزۇلۇش ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە مۇھىت ، ئىقتىساد ، ۋە باشقا جەھەتلەردىن ئېغىر يوقۇتۇش ھېس قىلدۇرۇپلا قالماستىن ، بەلكى يەنە روھى جەھەتتىن كۈچلۈك بېسىم ئېلىپ كەلدى. بولۇپمۇ تارىختا ماۋارەئۈننەھر(ئىككى دەريا ئارىلىقىدىكى جاي) دەپ ئاتالغان ۋە پارلاق مەدەنىيەت بەرپا بولغان بۇ ۋادىدا ياشاپ كەلگەن ئۆزبېك خەلقى ئانا كۆلىنىڭ قۇرۇپ كېتىش خەۋپى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر روھى بېسىمنى بىۋاستە ھېس قىلغان. 1980-يىللاردا چىڭغىز ئايتىماتۇف ، ئادىل ياقۇپۇف قاتارلىق مەشھۇر يازغۇچىلار ئەسەرلىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان روھىي ۋائۇكۇملۇق بىلەن مەنىۋىي ھالسىراشنى چوڭقۇر سۈرەتلەپ بەردى. 1990-يىللاردىن باشلاپ ئۆزبىكىستان ھۆكۈمىتى مەخسۇس قارار ماقۇللاپ ، ئارال دېڭىزىنى قۇتقۇزۇش ، ئېكولوگىيىنى ياخشىلاش پائالىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە يولغا قويدى. ۋەھالەنكى ، بىزدە تېخى چوڭقۇر دەرىجىدە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراش ئېڭى تۇرغۇزۇلمىدى. كۈندىن كۈڭە ناچارلىشىۋاتقان تەبىئەت ئېكولوگىيىمىزنى ئۆزگەرتىش ، ياخشىلاش لايىھىسى كەسكىن كۈنتەرتىپكە قويۇلمىدى. مۇشۇ خاتالىقىمىز ئۈچۈن كەلگۈسى ئەۋلادلار تۆلەيدىغان غايەت زور بەدەللەرنىڭ ۋەھىمىسى ھېس قىلىنمىدى.بۇ تۇپراقتا نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئەجدادلىرىمىز ياشاپ كەلگەن ، بۈگۈن بىز ياشاۋاتىمىز ، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزمۇ چوقۇم بۇ يەردە ياشىشى كېرەك. سۇ مەنبەسىگە ئەگىشىپ ئۇياقتىن بۇياققا تىنىمسىز يۆتكىلىپ ، ئۇزۇن تارىخلارنى بېشىدىن كەچۈگەن لوپنۇر كۆلى نىمە ئۈچۈن مۇشۇ ئەسىرىمىزدە ، بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا قۇرۇپ كەتتى؟ تارىم دەرياسىنىڭ ھاۋزىسىدا ئەسىر-ئەسىرلەردىن بۇيان يېشىل كارىدور ھاسىل قىلىپ ، تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ كېڭىيىشىنى توسسۇپ تۇرغان تەبىئىي توغراقلىقلار قانداقلارچە نەچچە ئون يىل ئىچىدىلا زور دەرىجىدە ۋەيران قىلىپ تاشلاندى؟ ئالتۇنتاغدىكى دۇنيادا كەن ئۇچرايدىغان قىممەتلىك ياۋايى ھايۋانلارنىڭ نەسلى قانداق قىلىپ قۇرۇتېۋىتىلدى؟ دۇنيانىڭ ئۆگزىسى دەپ ئاتالغان پامىر ئىگىزلىكىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ ئورنى نېمە سەۋەپتىن بارغانسېرى ئېگىزلەپ كەتتى؟ نىچچە مېتىر چوڭقۇرلىقتىلا كارىز سۇلىرى شىرىلداپ ئاقىدىغان بۇ زېمىندا نېمىشقا يەر ئاستى سۈ يۈزى يۈز مېتىرلاپ تۆۋەنلەپ كەتتى؟. شەك-شۈبھىسىزكى، تەبىئەت ئېكولوگىيىمىزدىكى غايەت زور يوقىتىش مىللىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى رىھىي مۇۋازىننىتىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنىمۇ تەۋرىتىپ تاشلىدى. تەبىئىي مۇھىتتىكى قۇرغاقلىق ، يىلدىن يىلغا ئەغىرلىشىۋاتقان قۇملىشىش ، تېرىلغۇ يەرلارنىڭ ئۈنۈمسىزلىشىشى ، سۇ مەنبەلىرىنىڭ ئازىيىشى، تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ كۆپىيىشى، تارىختا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان غالىتە ، غەيرى نورمال كېسەللەرنىڭ پەيدا بولىشى ، مەھسۇلاتلار سۈپىتىنىڭ ئۆزگۈرۈپ كېتىشى قاتارلىق تۈرلۈك –تۈمەن بىنورمال ھادىسىلەر مىللىتىمىزنىڭ روھىي بېسىمىنى بارغانسېرى ئېغىرلاشتۇرۇپ ، تەبىئەت ۋە جەمىئىيەت بىلەن بولغان ياتلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ باردى. تارىختا لوپنۇر كۆلىنىڭ بىر قانچە قېتىم ئورۇن يۆتكۈلىشى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كرورەن قاتارلىق بىر قانچىلىغان پارلاق مەدەنىيەت ئوچاقلىرىنى ۋەيران قىلغان. لېكىن بۇ كۆل تارىم دەرياسىنىڭ تىنىقىدىن نەپەس ئېلىپ ، سۇ مەنبەسىگە ئەگىشىپ داۋاملىق يۆتكىلىپ تارىم مەدەنىيىتىنى مۇشۇ ئەسىرگە ئۇلىغان. مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاۋرېل ستېين ، سۋېن ھېدىن قاتارلىق غەرب ئېكىسپېدىتسىيىچىلىرى لوپنۇر كۆلىدە ئۇيغۇر بېلىقچىلىرىنىڭ بىر ئادەم ئاران كۆتۈرەلىگۈدەل بېلىقلارنى قۇچاقلاپ تۇرغان سۈرەتلىرىنى تارتىپ قالدۇرغان. ئارىدىن بىر ئەسىرمۇ ۋاقىت ئۆتمەيلا بۇ كۆلدە بېلىق تۇرماق سۇمۇ غايىب بولدى. بىز ئىپادىسىز رەۋىشتە تارىم سۈيىنىڭ بارابارا ئازىيىۋاتقانلىقىغا ، ئەلمىساقتىن بۇيان قۇرىماي كەلگەن قەدىمىي كۆلنىڭ ئەمدىلىكتە ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە سۈيىنىڭمۇ قۇرىغانلىقىغا شاھىد بولدۇق…. قىسقىسى ، 20-ئەسىردە ئېرىشكەن بارلىق خۇشاللىقىمىز ۋە ئازابىمىز، نەتىجىمىز ۋە يوقىتتىشلىرىمىز، تەلپۈنىشىمىز ھەم گاڭگىراشلىرىمىز، ئوڭۇشسىزلىقىمىز ھەم ئۇرۇنۇشلىرىمىزدىن ھاسىل بولغان مۇرەككەپ روھىي ئېنرگىيىمىز بىلەن يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويدۇق.تارىخ ھىچقاچان كۆز يېشىغا ئىشەنمەيدۇ، ئۇنى غالىبلار يېتەكلەپ ماڭىدۇ. 21-ئەسىرنىڭ مۇرەسسەسىز رىقابىتى بىلەن رەھىمسىز رېئاللىقى بارلىق خەلقلەرنىڭ ئالدىغا قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان چوڭ سىناقنى قوبۇل قىلماقتىن باشقا ئامالىمىز يوق. رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلىش –مانا بۇ بىزنىڭ مەيدانىمىزدۇر. شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلى 1999-يىللىق 5-6 سانىدىن ئېلىنغان
历史上的今天:
نامراتلار ۋە بايلار 2010-06-25قوپە ئىشەك ، ئويغان ، قۇياش كۆتىرىلدى 2010-06-25ئويغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى 2010-06-25‹‹تويۇڭنى چوڭ قىلغىچە، غېمىڭنى چوڭ قىل›› 2010-06-25
收藏到:Del.icio.us