• قەشقەر شەھرىدىكى يوق بولۇپ كەتكەن تارىخى مەسچىت-مەدرىسلەر

    2010-06-25

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/67082569.html

    قەشقەر تارىختا مەدىنىيەت بۆشىكى ،ئىلىم -مەرىپەت مەركىزى بولغان ، بۇ جاي ئۇزاق يىللىق تارىخقا ، شانلىق مەدىنىيەتكە ئىگە قەدىمى گۈزەل ماكان . يەنە بىر نۇقتىدىن ئىيىتقاندا قەشقەر تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلار توپلۇشۇپ ئولتۇراقلارشقان . ئىسلام مىمارچىلىقىمۇ ناھايىتى تەرەققى قىلغان شەھەر . بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بولۇپمۇ ئاتالمىش ((مەدىنىيەت ئىنقىلاۋى )) مەزگىلىدىن كىيىن نۇرغۇنلىغان تارىخى مەدىنى يادىگارلىقلىرىمىز يوقالغان ياكى باشقىلارغا شەخسى مۈلۈك قاتارىدا سىتىۋىتىلگەن . ھەم يوق بولۇش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ . بۇ تارىخى ئەسەرلەرنىڭ بىرقىسمى نۇرغۇن كىشىلەر تەرپىدىن ئۇنتۇلۇپ كىتىلگەن بولسىمۇ ،ئاز ساندىكى كىشىلەر تەرپىدىن ھازىرغىچە ئۇنتۇلمىغان . يوق بولۇپ كەتكەن مەسچىت-مەدرىسلىرىمىز توۋەندىكىچە:

    1. چاپان بازىرى مەسچىدى(ئازنا مەسچىت) بۇ مەسچىتنىڭ تارىخى 1300 يىلدىن ئارتۇق بولۇپ،بۇ مەسچىت يازلىق ۋە قىشلىق ناماز ئوقۇش يىرى دەپ ئىككىگە ئايرىلاتتى، ئامما بۈگۈنگى كۈنگە كەلگەندە يازلىق ناماز ئوقۇش يىرى تامامەن يوق بولغان، قىشلىق ناماز ئوقۇش يىرىمۇ يوق بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا. قەشقەر شەھرىنىڭ تارىخىغا قارىغاندا ،قەشقەردە تۇنجى قىتىم سىلىنغان ھەم تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغان مەسچىتتۇر.

    2. خانلىق مەدىرىس: بۇ مەدىرىستە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئالىم، پەيلاسوپ، شائىرلار ئىلىم تەھسىل قىلغان تارىخى 1300يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. خانلىق مەدرىسنىڭ ئەسلى ئورنى بۈگۈنكى چاپان بازىرى(ئازنا) مەسچىت بىلەن بىر تۇتاش بولۇپ 1932.يىلىغا كەلگەندە قەشقەر شەھەرلىك 1.باشلانغۇچ مەكتەپكە قوشۇلۇپ كەتكەن . ھازىرقى خانلىق مەدرىس قازان مەدرىسىنىڭ ئورنى.

    3. قازان مەدرىسى: بۇ مەدرىس ھازىرقى خانلىق مەدرىسنىڭ ئورنى شۇ. ئەسلى خانلىق مەدرىس 1.باشلانغۇچ مەكتەپكە قوشۇلۇپ كەتكەندىن كىيىن قازان مەدرىسىنى خانلىق مەدرىسى دەپ بىلىنمەكتە. بۇ مەدرىسنىڭمۇ تارىخى 1300 يىلدىن ئارتۇق بولۇپ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە 1966.يىل 8.ئايدا ئەسلى قىياپىتىنى چىقىۋەتكەن.1967.يىلى بۇمەدرىسنىڭ نامىنى ۋىلايەتلىك سىياسى مەكتەپ دەپ ئۆزگەرتىلگەن. شۇندىن بىرى كىشىلەر تەرىپىدىن خانلىق مەدرىسى ئۇنۇتۇلغان.

    4. ساقىيە مەدرىسى: بۇ مەدرىسنىڭ تارىخى 1000 يىلدىن ئارتۇق بولۇپ،ئورنى چاسا يولىدا بولۇپ( كونا چاسا كىنوخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدا)، بۇ مەدرىسمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە 1966 .يىلى چىقىلىپ ۋەيران قىلىنغان. ھازىر بۇ مەدرىسنىڭ ئورنى سىتىۋىتىلگەن.

    5. چاسا مەدرىسى: بۇ مەدرىسنىڭ تارىخى 1000 يىلدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇ مەدرىسمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە چىقىلىپ ۋەيران قىلىنغان. بۇ مەدرىسنىڭ ئورنى ھازىرقى قەشقەر شەھەرلىك 14.Bashlan’ghuch مەكتەپ بولۇپ بۇمۇ باشقىلارغا سىتىۋىتىلگەن .

    6. ھاشىم ئاخۇن داموللا ھاجى مەسچىتى(جىننى گۈزە مەسچىتى): بۇ مەسچىتنىڭ ئەسلى ئورنى ھازىرقى چاسا يولى ئازات كوچا ئۇدىلىدا ، بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە چىقىلىپ ۋەيران قىلىنغان. كىيىنچە ياۋاغ باشقارمىسى ئىگەللەپ شەخسىيلەرگە سىتىپ بەرگەن.

    7. ئارا كوچا مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ھازىرقى چاسا يولى ئارا كوچىسىغا جايلاشغان بولۇپ، بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە چىقىلىپ ۋەيران قىلىنغان. بۈگۈنكى كۈندە بولسا بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ياۋاغ باشقارمىسى تەرپىدىن ئاممىۋى ھاجەتخانا سىلىنغان.

    8. ٭٭٭٭٭٭٭ مەسچىتى(ئىرىقبويى مەسچىتى): بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ياقۇپ ھاجىم ۋالى مەھەللىسى بولۇپ، بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە چىقىلىپ ۋەيران قىلىنغان. كىيىنچە.ئاشلىق ئىدارىسى ئىگەللەپ 10.ئاشلىق پونكىتى قىلغان ، بۈگۈنكى كۈندە بولسا باشقىلارغا سىتىۋىتىلگەن.

    9. چاپان بازىرى مەھەللە مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ئامبارچىدا بولۇپ بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە چىقىلىپ ۋەيران قىلىنغان. كىيىنچە ئۆي-مۈلۈك ئىدارىسى ئىگەللەپ 1982.يىلىندا دۆلەت باغ يىزىلىق ھۆكۈمەتكە سىتىپ بەرگەن. ھازىر بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى مىھمان كۈتۈش قىلىپ قوللانماقتا.

    10. ئامبارچى مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ئامبارچىدا بولۇپ بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە چىقىلىپ ۋەيران قىلىنغان. كىيىنچە مىسكەچى ئۇستاملارنىڭ دۇككىنى قىلىنغان .

    11. توقۇززاق دەرۋازا مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى خام بازىرىدا بولۇپ(نىزامىددىن ھاجىم مەھەللىسى) بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە چىقىلىپ ۋەيران قىلىنغان. كىيىنچە باجخانا قىلىنغان .

    12. دوپپا بازىرى مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى خام بازىرى تۆت يول دوقمۇشىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە چىقىلىپ ۋەيران قىلىنغان. بۈگۈنكى كۈندىكى خانتەڭرى ئاشخانىسىنىڭ ئورنى شۇ .

    13.ئىدىرىس قارى مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى دوپپا بازىرى ئوتتۇرسىدا بولۇپ، بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە چىقىلىپ ۋەيران قىلىنغان. كىيىنچە شەخسى مۈلۈككە ئايلىنىپ كەتكەن.

    14. قەدىمى بورىچى كوچىسى مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ياۋاغ يولىدا بولۇپ بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە بۇرۇن يول كىڭەرتىش ئىشىدا چىقىلىپ يولغا قوشۇلۇپ كەتكەن .

    15. قازانچى كوچا مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ياۋاغ يولىدا بولۇپ بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە بۇرۇن يول كىڭەرتىش ئىشىدا چىقىلىپ يولغا قوشۇلۇپ كەتكەن .

    16.تۆرە يارباغ مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ياۋاغ يولىدا بولۇپ بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە بۇرۇن يول كىڭەرتىش ئىشىدا چىقىلىپ يولغا قوشۇلۇپ كەتكەن. بۇ يول كىڭەرتىشتە. ھازىرقى ھىتگاھتىن يارباغقىچە بولغان يول كىڭەرتىشتە 5مەھەللە 6 مەسچىت 50000 مىڭدىن ئارتۇق نوپوس سىرتىغا چىقىشقا مەجبۇرلانغان. بۇرۇن ھىتگاھقا كىلىش يولى ھازىرقى ئەنجان كوچا رەستە يولى ئىكەن.

    17.تايخان غوجام خانىقا مەسچىتى : بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ھازىرقى ھىيىتكار خام بازىرى دوقمۇشى بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابىدىن بۇرۇن يولنى كىڭەيتىش باھانىسى بىلەن چىقىۋىتىلگەن .كىيىن سودا كوپىراتىپى ئىگە بولۇۋىلىپ ئارقىسىدىكى 15 ئائىللىك ئوي جاي بىلەن تۆر يارباغ مەسچىتى بىلەن قوشۇپ چىقىپ شەخىسلەرگە سىتىۋەتكەن .

    18. يارباغ دەرۋازا چوڭ مەسچىتى :بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى 1958-يىلى يارباغ كىنوخانا قىلىپ ئۆزگەرتكەن . يىقىنقى يىللاردىن بىرى كىنوخانا ئورنىمۇ چىقىلىپ سىتىشقا چىقاردى .

    19. يارباغ پاخال بازىرى مەسچىتى : بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى بالون زاۋۇتىنىڭ ئارقىسىدا ، ئىسلاھات باھانىسى بىلەن چىقىۋىتىپ سىتىۋىتلىگەن .

    20.ھۈسىيىن پىچاقچى مەھەللە مەسچىتى : بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى قەدىمى يارباغ دەرۋازىسى سىرتىدا ئىدى . بۇ مەسچىتمۇ يولنى كىڭەيتىش باھانىسى بىلەن چىقىۋىتىلگەن.

    21. ئوردائالدى چوڭ جامئەسى : بۇ مەسچىتنىڭ ياسىلىش تارىخى 1300 يىل بولۇپ (ئازنا مەسچىت بىلەن ) ئوخشاش يەر ئولچىمى 5000 مىڭ كۇۋادىرات مىتىر كىلىدۇ . 1968-يىلى چىقىۋىتىلىپ ئىستىمال بىناسى ياسالغان ، بىر قىسمى ئوردا ئالدى بازارغا قوشۇلۇپ كەتكەن .

    22. ئەلچىخانا جامىئەسى : بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ئوردا ئالدى بازىرىغا كىرىش ئىغىزىدا ئىدى . 1964-يىلى يول كىڭەيتىش باھانىسى بىلەن چىقىۋىتىپ شەھەرلىك 2-يىنىك سانائەت ئىدارىسى ئىگەللىۋىلىپ بۇنى 2005-يىلى سادىق سودا سارىيىغا سىتىۋەتكەن .

    23. جانان كوچا مەسچىتى:بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى بۇرۇنقى جانان كوچا (ھىتگاھ تەرەپتىن) كىرىش تەرپىدە بولۇپ، بۇ مەسچىت مەدىنىيەت ئىنقىلاۋى يىلىندا ساقلىنىپ قىلىنغان يىقىنقى بىر زاماندا يەنى 1986 . يىلىندا بىر مەھەللىدە بىردىن ئارتۇق مەسچىت بولماسلىقى كىرەك دىگەن باھانا بىلەن چىقىۋىتىلگەن ئورنىغا باجخانا سىلىنغان 2003.يىلىغا كەلگەندە جانان كوچىسى ۋە باجخانا قاتارلىق بىر بۆلۈم يەرلەر قوشۇلۇپ مەلۇم كىشىلەرگە سىتىلىپ ھازىرقى ھالىتىگە كەلگەن.

    24. ياغ بازىرى مەسچىتى(توغراق تۈيى مەسچىتى): بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ياغ بازىرىدا بولۇپ، بىر مەھەللىدە بىردىن ئارتۇق مەسچىت بولماسلىقى كىرەك دىگەن ئىسلاھات قىلىشتا چىقىۋىتىلگەن.

    25. قوناق بازىرى مھەللە مەسچىتى: ھازىرقى قەشقەر شەھەر 2.باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يىنىدا بولۇپ،بىر مەھەللىدە بىردىن ئارتۇق مەسچىت بولماسلىقى كىرەك دىگەن ئىسلاھات قىلىشتا چىقىۋىتىلگەن.

    26. شامچى كوچا مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ھازىرقى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئارقىسىغا توغرا كىلىدۇ ،بۇ مەسچىتمۇ 1965.يىلى يول ئىسلاھاتى مۇناسىۋىتى بىلەن چىقىۋىتىلگەن.

    27. قاش مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ھازىرقى قارقى دەرۋازا يولى(كەتمەن بازىرى يولى) ئەگلەكچى كوچىسىنىڭ ئۇدىلىغا كىلىدۇ ، ھازىر بۇ ئورۇن تۆمۈرچىلەرنىڭ يىرى بولۇپ قالدى.

    28. دوغابەگ مەھەللىسى مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى جۇڭگۇ قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ ئارقىسىدىكى ،فىلىم شىركىتىنىڭ يىنىدىكى كوچىغا جايلاشقان بولۇپ ، ھازىر بۇ مەسچىتنىڭ ئورنىغا ئائىلىكلەر قۇروسى سىلىنغان .

    29. كەسكەنيار سالامەت مەدرىسى: بۇ مەدرىسنىڭ ئورنى كەسكەنياردا بولۇپ ،ھازىرقى ئەشىمكا كوچىسىنىڭ دوقمۇشىدا ،بەش ئىرىق كوچىسىنىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كىلىدۇ. بۇ مەدرىسنىڭ ئورنى يىقىنقى زاماندا ئاھالە ئولتۇراق رايۇنىغا ئايلاندى.

    30. ساچ مەدرىسى: بۇ مەدرىسنىڭ ئورنى ھازىرقى چاسا يولى غوجىلا كوچىسى ئۇدۇلىغا توغرا كىلىدۇ. بۇ مەدرىسمۇ يىقىنقى زاماندا ئاھالە ئولتۇراق رايۇنىغا سىتىشقا چىقىرىلغان.

    31. لايپەشتاق مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ھازىرقى قەشقەر شەھەرلىك 17.باشلانغۇچ مەكتەپ شۇ .

    32.ساڭ مەسچىتى(ئاشلىق ساقلايدىغان ئامبار ) :بۇ مەسچىتنىڭ ئورنىغا1963.يىلى ھازىرقى قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىناسى سىلىنغان.

    33.ئارايار ئۈستىدىكى مەسچىت: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى تۈشۈك دەرۋازىغا كىتىشتە دۆڭنىڭ ئۈستىدىكى مەسچىت، بۇ مەسچىت ھازىر تاقىۋىتىلگەن .

    34. كەنجازى مەدرىسى: بۇ مەدرىسنىڭ ئورنى ھازىرقى ئۆستەڭبويى 4.پەيجىسۇنىڭ ئورنى شۇ. بۇ مەدرىسمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە چىقىلىپ ئورنىغا ھازىرقى 4.پەيجىسۇ سىلىنغان .

    35. ئەلەخان تۆرەم مەدرىسى: بۇ مەدرىسنىڭ ئورنى ھازىرقى ئۆستەڭبويى باشقارمىنىڭ ئورنى شۇ. بۇ مەدرىسنىڭ تارىخى 300 يىلدىن ئارتۇق بولۇپ يىقىنقى زاماندا يەنى 2005.يىلى چىقىلىپ ئورنىغا ئۆستەڭبويى باشقارما خىزمەت بىناسى سىلىنغان.

    36. باغ كوچىسى ئۇدۇلىدىكى مەھەللە مەسچىتى : بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ئۆستەڭبويى يولى باغ كوچىسى ئۇدۇلىدا بولۇپ ، ئەسلى مەسچىتنىڭ ئورنى 200 كۇۋادىرات مىتىر بولۇپ ھازىر 50 كۇۋادىرات مىتىرغا چۈشۈپ قالغان ، سەۋەبى مەسچىت يىنىدىكى ئاشخانىغا قوشۇلۇپ كەتكەن .

    37. تاش بازىرى چوڭ جامىئەسى: بۇ جامە ئورنى ھازىرقى تاش بازىرى يولى، پوچتا-تىلگىراف ئىدارىسىنىڭ ئارقىسىغا توغرا كىلىدۇ، 1960.يىلى چىقىۋىتىلگەن. چىقىۋىتىلگەندىن كىيىن ئۆي-مۈلۈك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئائىلىلىكلەر قوروسى سىلىنغان . مانا بۇ تارىخى مەسچىت ۋە مەدىرىسلەر قەشقەر شەھرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، مەلۇم سەۋەپلەردىن بۇ ئورۇنلار چىقىۋىتىلىپ ۋەيران قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر مىللەتنىڭ تارىخى يوق بولۇپ كەتكەن .

    يۇقاردىكى ئورۇنلارنى قەشقەر ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى ئۇنتۇلۇپ كەتتى ۋە ئۇنۇتتۇرۇلدى. ئەسكەرتىش:يۇقاردىكى ئورۇن ۋە كوچىلارنىڭ نامىلىرى بۇرۇنقى ئىسىملىرى بويىچە ئىلىندى، ھازىر بۇ كوچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىسىملىرى ئاللاقانداقتۇر ئۆزگىرەپ كەتتى. مەن بىلەلمىگەن ۋە ياكى ئۇنتۇلۇپ قالغان تارىخى مەسچىت- مەدىرىسلەر بولسا يىزىپ تولۇقلاپ قويساڭلار بولىدۇ.

    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/37373198.html

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us