• ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ ھالاكىتى

    2010-06-25

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/67062271.html

    1914-يىلى7-ئاينىڭ 28-كۈنى 1-دۇنيا ئۇرۇشى باشلاندى.گېرمانىيە ،ئاۋستىرىيە-ۋېنگىرىيە، ئوسمان ئىمپېرىيىسى بىرلەشتى ۋە ئىتىىپاقداش دۆلەتلەر بۇلۇپ ئۇيۇشتى.ئەنگىلىيە،فرانسىيە،ۋە روسىيە ئانتانتا دۆلەتلەر گورۇھىنى شەكىللەندۇردى.ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر تېزدىن كېڭىيىۋاتقان روسىيىنى چەكلەشنى ئارزۇ قىلاتتى .ئانتانتا دۆلەتنىڭ مەقسىتى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنى يەر شارىدىن يۇقۇتۇش ئىدى.
    روسىيە ئارمىيىسىنىڭ شاھزادە نىكولاي باشچىلىقىدىكى 200مىڭ كىشىلىك قۇشۇنى 1914-يىلى قىشتا ئەنۋەر پاشا باشچىلىقىدىكى 100مىڭ كىشىلىك تۈرك قۇشۇنىنى يوقاتتى.ئارقىدىنلا غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەپ ترابزون.ئەرزىنجان،مۇش ۋە تىبلىسنى ئىگەللەپ بۇ جايدىكى تۈرك ئاھالىلىرىنى قىرىپ تاشلاپ،كاپكازدىن ئەرمەنلەرنى كۆچۈرۈپ ئۇرۇنلاشتۇردى.سۈۋەيش قانىلى بويىدا ئەنگىلىيە ئارمىيىسى جامال پاشا قوماندانلىقىدىكى قۇشۇننى مەغلۇپ قىلدى.1915-يىلى ئەنگلىيە-فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيسى پايتەخت ئستامبۇلنىڭ ئەتراپىغا يېتىپ كەلدى. ئوسمان ئېمپېرىيىسىنىڭ سولتانى ،دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ خەلىپىسى سۇلتان ئابدۇلھەمىد ھەتتا ئىستانبولنى تاشلاپ كۇنياغا كەتمەكچى بولدى.1915-يىلدىن 1917-يىلغىچە ئەنگىلىيە ئارمىيىسى بەسرە،باغدات،فرات دەريا ۋادىسى قاتارلىق ئوسمان ئېمپېرىيىسىنىڭ زىمىنلىرىنى ئشغال قىلدى.ئوسمان ئېمپېرىيىسى بارغانسېرى ئاجىزلاپ كەتتى.
    ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىكى ئەرەپلەر مۇپتى ھۈسەيىننىڭ رەھبەرلىگىدە تۈرك ھۆكۈمرانلىرىغا قارشى سەپ تۈزدى.ئۇ 1914-يىلى ئەنگىلىيە بىلەن كېلىشىم تۈزدى.كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى ئەرەپلەر ۋە ئەنگىلىيە بىرلىشىپ ئوسمان ئېمپىرىسىنى يۇقۇتۇش.ئەنگىلىيە ئەرەپلەرگە سۇرىيە ،ئىراق ۋە ئىئوردان دەريا سى ۋادىسىغا سۇزۇلغان ئەرەپ دۆلىتى قۇرۇپ بېرىش ئىدى.ئەرەپلەرنىڭ قوزغىلىڭى باشلىنىپ ،تۈرك ئاھالىلىرى ئۆلتۈرىلدى،تۈرك ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلىش باشلاندى.1917-يىلى ئەرەپ-ئەنگىلىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى ئېرۇسالىمدىكى تۈرك ئارمىيىسىنى يۇقۇتۇپ ئېرۇسالىمنى تارتىۋالدى.1918-يىلى يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ئەرەپ-ئەنگىلىيە ئارمىيىسى تۈرك ئارمىيىسىنىڭ 80مىڭ كىشىلىك قۇشۇنىنى ھەلەپتە قورشىۋالدى.ئەنگلىيە ئارمىيسىنىڭ يېڭىدىن سەپلەنگەن ئوت كۈچى زور زەمبىرەكلىرى تۈرك ئارمىيسىنى تېرە-پېرەن قىلىۋەتتى،ئارقىدىنلا قىلىچ ۋە ئەنگىلىيە مىلتىقلىرى بىلەن قوراللانغان ئەرەپ جەڭچىلىرى ھۇجۇمغا ئۆتتى .80مىڭ كىشىلىك تۈرك قۇشۇنى ھەلەپتە يۇقۇتۇلدى.بۇنىڭ بىلەن تۈرك قۇشۇنىنىڭ ئېرۇسالىمغا ھۇجۇم قىلغۇدەك كۈچى قالمىدى.
    (بۇ ۋەقە گەرچە ئەرەپلەر ئۈچۈن ئازادلىق بەلگىسى بولسىمۇ ،ئەمىللىيەتتە ئەنگىلىيىنىڭ ئېروسالىمنى ئشغال قىلىشىغا ياردەملىشىشى دەل ئەرەپلەرنىڭ ئسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇشقا قوشقان زور تۆھپىسى بولۇپ قالدى)
    دەل شۇ پەيتتە مۇستاپا كامال مەغلۇپ بولغان تۈرك قۇشۇنىنى قۇشۇنىنى تەرتىپكە سېلىپ ،بىر-نەچچە كۈن ئچىدە قايتا ھۇجۇم تەشكىللەپ ئەنگىلىيە ئارمىيىسى تارتىۋالغان دەمەشىق ،ھەلەپ ۋە ئېرۇسالىمنى قايتۇرۇۋېلىشنى ،جەڭگە ئۆزى قوماندانلىق قىلىشنى تەلەپ قىلدى.بۇ تەلەپ سۇلتان تەرىپىدىن رەت قىلىندى.
    1918-يىلى سۇلتان ۋاھىددىن ئانتانتا دۆلەتلىرىگە تەسلىم بولدى.ئەنگىلىيە-فرانسىيە ئارمىيىسى ئستانبولغا كىردى.سولتان ۋاھىددىن نامدىكى سۇلتانلىقنى ۋە ئوردا -ساراي، كېنىزەكلىرىنى ساقلاپ قالدى . تۈرك ئارمىيسىگە قۇرالنى ئەنگلىيە-فرانسىيە ئارمىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىش،ئۆزلىرى ئۆيىگە قايتىپ كېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى .گەرچە مۇستاپا كامال چېچىلىپ كەتكەن تۈرك ئارمىيىسىنى قايتا تەشكىللەپ ،تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقىرىپ تۈركىيىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ،ئوسمان ئېمپېرىيىسىنى قايتا قۇرالمايتتى،ئەلبەتتە.
    ئەنگىلىيە بولسا ئەرەپلەرنى تۈركلەردىن ئازاد قىلغان دوست سۈپىتىدە ئېرۇسالىمدا قۇشۇن تۇرغۇزدى.ئەنگىلىيىلىك دوستلار ۋە ئۇلارغا ئەگشىپلا يېتىپ كەلگەن يەھۇدى دوستلار ئېرۇسالىمغا تۈركۈم-تۈركۈملەپ كېلىشكە باشلىدى.ئەرەپلەر بىلەن يەھۇدىلارنىڭ سودىسى قىزىپ كەتتى.ئەرەپلەر يەرلىرىنى ،چۆللۈكلىرىنى ،قاقاس تاغلىرىنى سېتىپ بەردى.پۇلنىڭ كۆزىگە قارىمايدىغان يەھۇدىلار ئنتايىن ياخشى تەسىرات قالدۇردى.ئەرەپلەر يەھۇدىلار پارچە-پۇرات يەرلەرنى ئۇلاپ <<ئسرائىلىيە>> دۆلىتى قۇرغانلىقىنى جاكالىغاندا ئشنىڭ ماھىيىتىنى ئاڭقىرالىغان بۇلۇشى مۈمكىن.بىراق بۇ چاغدا ھەممە ئىش ئۆتكەن ئىدى.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us