• يەرشارى مۇھىتىنىڭ ئىللىپ كېتىشى ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەتلەر

    2009-06-25

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/41490165.html

    يەر شارى مۇھىتىنىڭ ئىللىپ كېتىشى بولسا بىر خىل تەبىئىي ھادىسىدۇر. بۇنى ئىنسانلارنىڭ زور مىقداردا يېقىلغۇ مەدەنلەرنى كۆيدۈرۈشى ، ئورمانلارنىڭ كېسىلىشى ۋە كۆيگەندىن كېيىن پەيدا بولغان كاربون تۆت ئوكسىد قاتارلىق  پارنىك ئېففىكتلىرى پەيدا قىلغان. بۇ خىلدىكى پارنىك ئېففىكتى قۇياش نۇرى رادىئاتسىيەسىنى ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى شۇنداقلا يەردىن قايتقان ئۇزۇن دولقۇنلۇق رادىئاتسىيەنى سۈمۈرىشى ياخشى بولۇپ ، بۇ يەرشارى خاراكتىرلىق مۇھىتنىڭ ئىللىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يېقىنقى 100 يىلدىن بېرى يەرشارى كىلىماتى سوۋۇش-ئىللىش- سوۋۇش- ئىللىشتەك ئىككى قېتىملىق داۋالغۇشنى بېشىدىن كەچۈردى. ئومومىي جەھەتتىن قارىغاندا تېمپىراتورا كۆتۈرۈلدى. 80-يىللاردىن كېيىن يەر شارىنىڭ ئىللىشى تېخىمۇ روشەن بولدى. يەرشارى مۇھىتىنىڭ ئىللىشى سەۋەبىدىن يەرشارى ھۆل-يېغىن مىقدارى قايتىدىن ئۆزگىرىش ياسايدۇ، مۇزلۇقلار ۋە توڭ توپا قەۋىتى ئېرىيدۇ، دېڭىز يۈزى يوقىرى كۆتۈرىلىدۇ ۋە ھاكازالار. بۇ تەبىئەتنىڭ ئېكولوگىيە سېستىمىسىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ، ئىنسانلارنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەشكە ۋە ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.
        1981~1990 -يىلغىچە يەرشارى تېمپىراتورىسى 100 يىل ئاۋالقىدىن 0.48 سېلستسىيە گىرادوس ئۆرلىگەن. 2100-يىلغىچە 1.4-5.8 سېلىستىسيە گىرادوس ئۆرلىشى مۇمكىنكەن. بۇنداق بولغاندا  كىلىماتتا 10000 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشى بولۇپ، پۇتكۈل يەرشارىنىڭ كىلىماتىغا ئېغىر تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ.
        يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى  ئېلىش ئۈچۈن،1992-يىلى ب د ت بىرازىلىيەنىڭ رېئودى ژانېرو شەھىرىدە « ب د ت كېلىمات  ئۆزگىرىش رامكىسى ئەھدىنامىسى» نى ئىمزالىدى.  ئەھدىنامىگە ئاساسەن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر 2000-يىلدىن بۇرۇن ئۇلار قويۇپ بەرگەن كاربون تۆت ئوكسىدى ۋە باشقا پارنىك ئېففىكتلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارىنى 1990-يىلدىكى سەۋىيىگە چۈشۈرۈشكە قوشۇلدى. بۇنىڭدىن باشقا كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىش مىقدارى يىغىندىسى60% نى ئىگەللەيدىغان تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر تېخنىكا جەھەتتىكى ئۇچۇرلارنى باشقا تەرققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە بېرىدىغان بولدى. 2004-يىلى 5-ئايغىچە بۇ ئەھدىنامىگە ئىمزا قويغان دۆلەتلەر 189گە يەتتى.
        يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى ئىنسانلار قويۇپ بەرگەن پارنىك ئېففىكتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ. لېكىن ياپۇنىيەلىك ۋە دانىيەلىك تەتقىقاتچىلار يېقىندا پارنىك ئېففىكتىنىڭ يەرشارىنىڭ ئىسىىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىردىنبىر سەۋەپ ئەمەسلىكىنى ، بۇنىدا قۇياش ھەركىتىنىڭمۇ رول ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. قۇياش ھەركىتنىڭ كىلىماتقا بولغان تەسىرىنى تەتقىقاتچىلار ئۇزۇن يىللار  كۆزەتكەن ۋە تەتقىق قىلغان. ئادەتتە قۇياش دېغى كۆپ بولغان چاغدا قۇياش ھەركىتى كۈچلۈك بولىدۇ. مەسىلەن مىلادى 17-ئەسىردە قۇياش دېغى ناھايىتى ئاز كۆرۈلگەن. شۇ چاغدىكى يەرشارىنىڭ كېلىماتىمۇ نىسبەتەن سوغاق بولغان. بىراق ئۆلچەش نەتىجىلىرىگە قارىغاندا قۇياش ھەركىتىنىڭ كۈچلۈك ئاجىز بولىشى قۇياش رادىئاتسىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان تەسىرى ئاران 0.1% بولغان. بۇنچىلىك كىچىك تەسىر كېلىماتقا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىكەن. لېكىن بەزى ياپۇنىيە ئالىملىرى رادىئاتسىيە مىقدارى ئاران 0.1% ئاشسىمۇ ، لېكىن بۇ خىل ئېنىرگىيە ئۆزگىرىشىدە يەرشارى ئاتموسفىراسىنىڭ قۇياش بىنەپشە نۇرىنى قوبۇل قىلىش مىقدارى نەچچە پىرسەنت ئۆرلەپ كېتىدىكەن. بۇ خىل قوبۇل قىلىش مىقدارىنىڭ ئۆسىشىگە ئەگىشىپ ئاتموسفىرانىڭ ئوزۇن قەۋىتىنىڭ تېمپىراتورىسى ئۆرلەپ كېتىدىكەن. ياپۇنىيەلىك ھاۋارايى مۇتەخەسىسى 小寺邦彦 نىڭ تونۇشتۇرىشىچە ، ئوزۇن قاتلىمى تېمپىراتورىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ئاقما قاتلامغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن ، بۇنىڭلىق بىلەن سوغۇق ئېقىم ۋە پەسىل شامىلى تەسىرگە ئۇچرايدىكەن.


        
    يەر شارى كېلىماتىنىڭ ئىللىپ كېتىشىنىڭ سەۋەپلىرى بولسا:
    1. يەر شارى نوپۇسىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشى.
    بۇ كېلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى. چۈنكى بۇنداق كۆپ نوپۇس چىقارغان كاربون تۆت ئوكسىدىنىڭ مىقدارىلا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.


    2.ئاتموسفىرانىڭ  بۇلغىنىشى
    ھازىر مۇھىت بۇلغۇنىشىنىڭ كۈندىن _كۈنگە يامانلاپ بېرىشى يەرشارى خاراكتىرلىق مەسىلە بولۇپ، بۇ شۇنداقلا يەرشارى كىلىماتىنىڭ ئىللىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسىي سەۋەپلەرنىڭ بىرى.


    3.دېڭىز ئېكولوگىيەسىنىڭ بۇزۇلىشى
    ھازىر دېڭىز يۈزى بارغانسىرى كۆتۈرۈلمەكتە. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆزىتىشىچە ھازىرقى دېڭىز يۈزى مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە 50cm كۆتۈرۈلىدىكەن.ئەگەر مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىلمىسا ، تاتلىق سۇ بايلىقىغا ۋە مۇھىت بۇلغۇنىشىغا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىكەن.بۇنىڭدىن باشقا زور مىقداردىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ دېڭىزغا قويۇپ بېرىلىشى ۋە دېڭىزغا نېفىتنىڭ ئېقىپ كېتىشى قاتارلىق ئىنسان پائالىيەتلىرى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان دېڭىز ئەتراپى رايونلىرىنىڭ ئېكولوگىيەسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىشى دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىشىدىكى مۇھىم سەۋەپتۇر.


    4. تۇپراقنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ قۇملىشىشى


    5.ئورمان بايلىقىنىڭ كېمىيىشى
    پۈتكۈل دۇنيا مىقدارىدا تەبىئى ئاپەت ۋە ئىنسانلار سەۋەبىدىن ئورمانلار كەڭ كۆلەمدە ئازايماقتا


    6.كېسلاتالىق يامغۇر
    كېسلاتالىق يامغۇرنىڭ مۇھىتقا ئېلىپ كەلگەن تەسىرى پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.ھازىر كېسلاتالىق يامغۇر ئاساسەن ياۋروپا، شىمالىي ئامىرىكىدىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە. ھازىر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرمۇ كېسلاتالىق يامغۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىماقتا.


    7. جانلىق تۈرلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە كېمىيىشى
    يەرشارىدىكى جانلىقلار ئىنسانلارنىڭ قىممەتلىك بايلىقلىرىنىڭ بىرى. ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسىي. بىراق جانلىقلار تۈرلىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان سۈرئەتتە كېمەيمەكتە.



    8.سۇنىڭ بۇلغۇنىشى
    پۈتكۈل يەرشارىدا 10% دەريا-ئېقىننىڭ سۈيى بۇلغانغان. مۇشۇ ئەسىردىن بېرى ئىنسانلارنىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجى تېز سۈرئەتتە جىددى ئاشتى، شۇنداقلا بۇلغۇنۇشمۇ كۆپەيدى.



    9. زەھەرلىك كېرەكسىز بۇيۇملار
    زەھەرلىك خىمىيىلىك بۇيۇملار ئىنسانىيەتكە زىيان ئېلىپلا كەلمەي بەلكى يەر شارى ئېكولوگىيەسىگىمۇ زىيان ئېلىپ كەلدى.


    10.يەرشارى دەۋرىيلىك ئايلىنىش ئىزىنىڭ ئۆزگىرىشى
    يەرشارى دەۋرىيلىك ئايلىنىش ئىزىنىڭ  ئېللىپىس شەكىلدىن يۇمىلاققا ئۆزگىرىپ، قۇياشقا تېخىمۇ يېقىن  بولۇپ قالغان.


    دۇنيادىكى نۇرغۇن ئالىملارنىڭ قارىشىچە كەلگۈسىدىكى 50~100غىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە يەرشارى ئىللىق دەۋرىگە كىرىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە كىلىماتنىڭ ئىسسىپ كېتىشى ۋە يەرئاستى سۈيىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى دۇنيا خاراكتىرلىق ئاشلىق كىرزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىدىكەن.
    ئىككى قۇتۇپتىكى مۇزلار دېڭىز يۈزى كۆتۈرۈلۈپ، دېڭىز بويى رايونلىرىنى سۇ بېسىپ كېتىدىكەن.
    ئامازون يامغۇرلۇق ئورمىنى يوقىلىپ كېتىدىكەن.
    1.2~3.0مىلياردچە ئادەم سۇ كىرزىسىغا ئۇچرايدىكەن
    50%~60%كىچە ئادەم دېنگى قىززىتمىسى خەۋپىگە  ئۇچرايدىكەن
    6مىليارد ئادەم ئاچارچىلىققا كىرزىسىغا دۇچ كېلىدىكەن.....

    قوشۇق يازمىسى
    كېلىش مەنبەسى:بەيدۇ ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تور بىكەتلەر.

    分享到: