• توۋا دەيمەن

    2009-06-04

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/40437748.html

     توۋا دەيمەن


    بىر قانچە قىز-يىگىتلىرىمىزنىڭ رەڭلىك سورۇندا ئولتۇرۇپ، ئېسىل شاراب ۋە ھەرخىل ھالالمۇ، ھاراممۇ بىلگىلى بولمايدىغان يېمەكلىكلەرنى يەپ-ئىچىپ، « ئاللا، بەرگەن نازۇ-نېمەتلىرىڭگە كۆپ رەھمەت» دەپ دۇئا قىلىۋاتقىنىغا توۋا دەيمەن.

    چاچلىرىنى، تىرناقلىرىنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈۋېلىپ، قۇلاقلىرىغا ھالغا ئېسىۋالغان يىگىتلىرىمىزگە توۋا دەيمەن.

    باشقىلارنىڭ بەختلىك ئائىلىسىنى بۇزىۋاتقان، بالىلارنى يىتىم قىلىۋاتقان، ئىچىدىن زەھەر تامىدىغان ھەسەتخور كىشىلەرگە توۋا دەيمەن.

    ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن شۇنچىلىك ياخشى تەربىيە ئالغان، غورۇرلۇق دەپ ئويلىغان شۇ قىزنىڭ، بىر ھاراقكەش، تىلى شېكەر، دىلى زەھەر، قىزلارنى ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرىدىغان يىگىتنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، ئۆزىنىڭ ئاللىبۇرۇن غورۇرىنى يوقۇتۇپ بولغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەي يۇرىۋاتقانلىقىغا توۋا دەيمەن.

    ئەكسىچە، ھاراق ئىچمەيدىغان، تاماكا چەكمەيدىغان ئاقكوڭۈل، ئېغىر-بېسىق يىگىتلەرگە، بىرەر قىزنىڭمۇ كۆڭلى چۈشمەيۋاتقىنىغا توۋا دەيمەن.

    « مودا » دەپ ھەرخىل ياسىنىپ، ئەمەلىيەتتە جەمئىيەتكە ئۆزىنىڭ « سودا » بولىۋاتقىنىنى بىلمەيۋاتقان قىزلىرىمىزغا توۋا دەيمەن.

    مېنى مۇشۇ « توۋا دەيمەن » ناملىق ماقالىنى يېزىشقا مەجبۇر قىلغان، شۇنداقلا مەن ئىلگىرى بۇنداق مەزمۇندىكى ماقالىنى يېزىپ قالارمەن دەپ ئويلاپمۇ باقمىغان بىر ماقالىنى يېزىشقا سەۋەب قىلغان ھازىرقى جەمئىيىتىمىزگە توۋا دەيمەن!

    مەنبە :     http://www.tatarlar.com.cn/uybbs/viewthread.php?tid=30

    分享到:

    评论

  • دوستانە ئۇلىنىش قىلايلى