• ئادەم ئادەمدەك ياشىشى كېرەك

    2009-05-24

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39871933.html

    ئادەم ئادەمدەك ياشىشى كېرەك

    ئاپتور: يۈكسەل


    ئالدىنقى كۈنى ( 2009 - يىلى 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ) جۇڭگو دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئدۆلەت ئىنسام ھوقۇقى ھەرىكەت پىلانى  (2009 - 2010)ئئ نى ئېلان قىلدى . بۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئىنسان ھوقۇقىنى ئاساسى تېما قىلغان دۆلەتلىك تۇنجى پىلان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . مەزكۇر پىلان سىياسەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت قاتارلىق ھەرتەرەپلەرگە ئالاقىدار بولۇپ، ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن ناھايىتى ھاياجانلاندىم، ئىختىيارسىز ھالدا ئئ بارىكاللا، ئاپىرىن! ئئ دەپ توۋلىدىم.

    بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى ئاننان 2004 - يىلى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ( دۇنيا ئىنسان ھوقۇقلىرى كۈنى ) دە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ئىنسان ھوقۇقلىرى مائارىپىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق دۇنيا ئىنسان ھوقۇقلىرى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چاقىرىق قىلغان ئىدى. ئاننان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نسان ھوقۇقلىرى ساغلاملىق، مائارىپ، يېمەك - ئىچمەك، ئولتۇراق، نىكاھ، ئائىلە، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئىشتراك ئېتىش، زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن ساقلىنىش ھوقۇقى قاتارلىق بىر قاتار ھوقۇقلارنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، نامراتلىق ۋە ۋەھىمىدىن خالىي ھالدا ، ئىنسانىي قەدىر - قىممەت بىلەن بىخەتەر ياشاشنى كۆرسىتىدۇ.

    بۇ گەپلەرنى يەنىمۇ پرېسلاپ، زاغرا تىل بىلەن ئېيتقاندا، ھايۋانلاردىن پەرقلىق ھالدا ئادەمدەك ياشاش دېمەكتۇر. ئادەم ھاياتىدا يەپ ئىچىپ ، كىيىم كىيىپ يۈرسىلا بولمايدۇ - دە، ئادەمنىڭ مەنۋىي دۇنياسىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىقى، ئۇنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى دەخىلىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك.

    كىشى قورسقى ئاچ ، ئۈستى يالىڭاچ ھالدا كوچا - كويلاردا  تىلەمچىلىك قىلىپ يۈرگەن بولسا ،  ئۇ ئادەمدەك ياشىيالمىغان بولىدۇ؛ كىشى ئىرادىسىنى ، كۆڭۈل خاھىشىنى ئەركىن - ئازادە ھالدا ئوتتۇرىغا قويالمىسا، سۆزلىگەن گېپى تۈپەيلى جىنايەتچى ھېسابلانسا، ئۇ ئادەمدەك ياشىيالمىغان بولىدۇ؛ ئومۇمىي ھوقۇق تەرىپىدىن خالىغانچە زىيانغا ئۇچرىتىلغاندا داد - پەريادىنى تىڭشايدىغان جاي بولمىسا، ئۇ ئادەمدەك ياشىيالمىغان بولىدۇ؛ جىنسىي ياكى مىللىي پەرق تۈپەيلى باشقىلار تەرىپىدىن كەمسىتىلسە، ئىش ئورۇنلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشتا رەت قىلىنسا، ئۇ ئادەمدەك ياشىيالمىغان بولىدۇ؛ قورامىغا يەتمەي تۇرۇپ مەجبۇرى ياللاپ ئىشقا سېلىنسا،  ئۇ ئادەمدەك ياشىيالمىغان بولىدۇ؛ جىنايى قىلمىش سادىر قىلدى ، دەپ گۇمان قىلىنغاندا  ھەققانىي ئاقلاشقا ئېرىشەلمىسە، ئۇ ئادەمدەك ياشىيالمىغان بولىدۇ ؛ قېرىغاندا ئىگە - چاقىسىز قالسا، ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم ياكى ئورۇن بولمىسا، ئۇ ئادەمدەك ياشىيالمىغان بولىدۇ؛ مېيىپ كىشىلەر تېگىشلىك ئەمگەك قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمىسە، باشقىلار تەرىپىدىن كەمسىتىلسە ئۇمۇ ئوخشاشلا ئادەمدەك ياشىيالمىغان بولىدۇ ...

    ئادەم يۇقىرىقىدە مۈشكۈل ئەھۋالغا قالغاندا، ئۇنى يەنە قانداقمۇ << ئادەم >> دېگىلى بولسۇن؟! قېنى كىم ئۇنىڭ بىلەن كوچىدىكى لالما ئىتنىڭ ماھىيەتلىك پەرقىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ؟ بەلكىم ، ھەتتا بەزىلەر ئاشۇ لالما ئىتلارغىمۇ ھەۋەس قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەقىلىگە تايىنىپ يەيدىغان - ئىچىدىغىنىنى تېپىپ يەيدۇ. كوچا - كويلاردا خالىغانچە سوكۇلداپ يۈرۈشىدۇ، ئۇلارنى ھەيدەيدىغان، تەرتىپىگە سالىدىغان ئئ شەھەر باشقۇرۇش ئئ نىڭ ئادەملىرى يوق...

    ئىنسان ھوقۇقلىرىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىنسانىيەت ئۇزاقتىن بۇيان كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇلۇغۋار غايىسى بولۇپ، بۇنىڭ ئىرقى ئايرىمىسى، دۆلەت چىگرىسى يوق. پەقەت مۇشۇ يەرشارىدا ياشاۋاتقان ئىنسانلا بولىدىكەن ئۇ چوقۇم ئادەمدەك ياشاشقا تېگىشلىك.

    بەزىلەر دىمكورتىيىنىڭ دۇنيا خاراكتېرلىك ئومۇمىي قىممەت قارىشى  ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەي، دىمكوراتىيىنىڭمۇ غەربچە ۋە شەرقچىسى بار دەپ ۋەزخاھلىق قىلماقتا. ئۇنداقتا ياخشى ، بىز دىمكوراتىيە توغرىسىدىكى تالاشنى قويۇپ تۇرۇپ، ئىنسان ھوقۇقلىرى مەسىلىسىگە كېلەيلى، ئىنسان ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭغۇ غەرب ۋە شەرق ئايرىمىسى يوقتۇ ؟ پەقەت شۇ بىر قىسىم ئىنسانلارنىڭ ئادەمدەك ياشىغۇسى يوق بولمىسىلا !

    مەن ئدۆلەت ئىنسام ھوقۇقى ھەرىكەت پىلانى  (2009 - 2010)ئنى ھاياجان ۋە سۆيۈنچ ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم. بۇ ئىنسان ھوقۇقلىرى ھەرىكەت پىلانىنىڭ مەزمۇنىلىرى تولىمۇ ئەمەلىي ئىكەن.
    مەسىلەن:
    1. بۇندىن كېيىنكى 2 يىل ئىچىدە 3 مىليارد يۈەن سەرپ قىلىپ مەكتەپ سىرتىدىكى مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پۇقرالارنىڭ ئادىل مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرۈلىدىكەن.
    2. 2010 - يىلىغا بارغاندا ئاساسى داۋالىنىش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئادەم سانى 400 مىليونغا يەتكۈزۈلىدىكەن.
    3. شەھەر ئاھالە كومىتېت ھەيئەتلىرىنىڭ %50 تىنى بىۋاسىتە سايلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.
    4. قىيناپ سوراق قىلىپ، قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇشنى قاتتىق چەكلىنىدىكەن.
    5. پۇقرالارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كاپالەتلەندۈرۈلىدىكەن.
    6. ھەممە مىللەت باب باراۋەر دەپ قارىلىپ، دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇپ - مەنپەتىنى قوغدايدىكەن.
    ( 1 ) دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇن بويىچە ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە دۆلەتنىڭ ئىشلىرىغا قاتنىشىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن. 
    ( 2 ) ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ - مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش كۈچەيتىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى شۇ مىللەتنىڭ ئومۇمىي دۆلەت نوپۇسى ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىگە يېقىنلاشتۇرۇلىدىكەن
    ( 加强对少数民族人才的培养,并使各类少数民族人员就业的比重接近少数民族人口在全国总人口中的比重。 ) .
    ( 3 ) ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز يىل يېزىقىنى ئۆگىنىش، ئىشلىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.
    ( 4 ) دۆلەت ئاز سانلىق مىللەت رايونىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن. 2010 - 2009 يىلىدا دۆلەت 2 مىليارد يۈەن سەرپ قىلىپ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى 1 مىليارد يۈەن ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرىغا ئىشلىتىلىدىكەن.
    7. ئاياللارنىڭ ھوقۇقى
    8. بالىلارنىڭ ھوقۇقى
    9. ياشانغانلارنىڭ ھوقۇقى
    10. مىيىپلارنىڭ ھوقۇقى
    11. ئىنسان ھوقۇقلىرى مائارىپى

    بۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇن يۈرۈشلەشكەن ، سىستېمىلاشقان ، ئادەمنى ئاساس قىلىش پىرىنىسىپىنى ئۆزىگە يېتەكچى قىلغان بەلگىلىمە - پىلانلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ھەممىسىدە كونكرېت نىشانلار ئېنىق، قېلىپلاشقا قۇرۇق گەپ ۋە چوڭ گەپلەر يوق ياكى ئاز ئىكەن.
    ئەمما، يالغۇز مۇشۇنداق بىر پىلاننىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك ئەمەس. ئىش قەغەز يۈزىدە ئەمەس بەلكى ئەمەلدە بولۇشى كېرەك. ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندىمۇ جايلار ئارا پەرقلىق ئىشقا ئاشۇرۇلماستىن، بىردەك ئوخشاش ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

    مېنىڭ شەخسىي قارىشىمچە، مەزكۇر پىلاننىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى شۇ جايدىكى، پىلاننىڭ ئەڭ ئاخىرقى بابىدا ‹‹ جۇڭگو بۇندىن كېيىن قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش شەكلىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەجبۇرى مائارىپ، تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مائارىپىغا پائال تايىنىئىپ ، دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئىچكى تەربىيىلەش ۋە  رادىئو، تېلېۋىزىيە، گېزىت - ژۇرنال، تور قاتارلىق تاراتقۇلار ئارقىلىق، پىلانلىق ھالدا تۈرلۈك ئىنسان ھوقۇقلىرى مائارىپىنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇن بىلىملىرى ۋە ئىنسان ھوقۇقلىرى ساۋاتلىرىنى تارقىتىدۇ ۋە ئومۇملاشتۇرىدۇ. ›› دەپ كۆرسىتىلگەن. شۇنىسى ئېنىقكى، پەقەت مائارىپ ئارقىلىقلا كىشىلەر ئۆزىنىڭ تۇغۇلغاندىلا بار بولغان ھوقۇقلىرىنى چۈشىنىپ، ئۆز ھوقۇق - مەنپەتلىرىنى قانداق قىلىپ قانۇن بويىچە قوغداشنى ئۆگىنەلەيدۇ.

    بۈگۈنكىدەك دۇنيادا پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى يۈز بەرگەن، دۆلەتنىڭ ئىتقتىسادى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن پۇرسەتتە، دۆلەتنىڭ تۇنجى ئىنسان ھوقۇقلىرى پىلانىنى ئېلان قىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى مىسلىسىزدۇر. بىز بۇ پىلاننىڭ ھەرگىزمۇ ۋاقىتلىق سىياسىي تەدبىر بولۇپ قالماسلىقىنى، قەغەزدىكى قۇرۇق سىياسەت بولۇپ قالماسلىقىنى ، بەلكى دۆلەت ۋە پۇقرالارنىڭ  كەلگۈسى ھەققىدە مۇسئۇلىيەتچانلىق بىلەن چىقىرىلغان قەيسەرانە خىتابنامە بولۇشىنى، ھەربىر جۇڭگو پۇقراسى كۆزى بىلەن كۆرەلەيدىغان ، قەلبى بىلەن ھېس قىلالايدىغان ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلىنىشىنى چوڭقۇر ئۈمىد قىلىمىز.

    ئىنساننى ئادەمدەك ياشاش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش، ئىنسانىي ئىززەت - ھۆرمىتى بىلەن ياشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ ئاچقۇچ يەنىلا ئەمەلىي ھەرىكەتتە! 

     

    مەنبە؛ http://www.yukselblog.com/article/7iqlim/ademdek-yashash.htm

    分享到: