-
يەھۇدى ھىكمەتلىرىدىن ياشلارغا تەۋسىيە
2009-05-21
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39670926.html
1.ئاغزىڭنى يۇم،گەپ سۆزۈڭنى ئايا.چۈنكى ئاغزىڭدا بايلىق تولۇپ تۇرۇپتۇ،ئۇنى قەدىرلىمىكىڭ كىرەكتۇر.
2.ئادەمدە ئىغىز بىر،قۇلاق ئىككى بولغىنى ئۈچۈن ،سۆزلەشكە قارىتىلغان ۋاقتىڭنىڭ ئىككى ھەسسىنى ئاڭلاشقا سەرىپ قىل.
3.ئاق قارىنى ئىنىق ئايرىماي تۇرۇپ گۇمانى پەرەز بىلەن باشقىلارغا ئارتما.
4.نەپسانىيەتچىلىك قىلغىنىڭ،ئۇ دەل باشقىلارغا پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بەرگىنىڭدۇر.
5.توختامغا قاتتىق ئەمەل قىل،لىكىن توختاملىشىشتا ھەممىنى ئەتراپلىق نەزەرگە ئىلىشنى ئۇنۇتما.
6.دۇنيادا كىم ھۆرمەتكە سازاۋەر؟ئۇ دەل باشقىلارنى ھۆرمەتلىگەن ئادەمدۇر.
7.سەمىمىيلىك-ئاقىلانىلىقنىڭ بىشارىتىدۇر،لىكىن سەمىمىيلىككە پۈتۈنلەي بەنىت بولۇپ كەتكەن ئادەمنى ھەقىقى پازىل ئادەم دەپ كەتكىنىمۇ بولمايدۇ.
8.بەخىتتىن باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئەتىر چاچقانغا ئوخشايدۇ.چۈنكى سەن ئەتىرنى باشقىلارغا چاچقان ۋاقىتتا ئۇنىڭ چاچراندىلىرى سىنىڭ ئۇچاڭغىمۇ يۇقىدۇ.
9.لەۋزى ھالاللىقى بىلەن باشقىلار ئارىسىدا ئىناۋەت تىكلىگەن ئادەم جەمىئيەتتە پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ.
10.نازارەتسىز قالغاندىمۇ ئۆزۈڭگە قاتتىق تەلەپ قوي.
11.ئۆزۈمگە ئۆزۈم قايغۇرمىسام كىم قايغۇرىدۇ؟ئەمما ئۆزۈمنىلا ئويلىسام زادى كىمگە ئايلىنىپ قالىمەن ؟
12.ئۆزۈڭنىڭ يۈز ئابرويىنلا ئويلاپ باشقىلارنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويما.
13.چاقناپ تۇرغان ئەقىل-بايلىقنىڭ مەنبەسى.شۇڭا ئەقىل تاپقىنىڭ-پۇل تاپقىنڭدۇر.پۇل تىپىپ بىيىيمەن دەيدىكەنسەن ئەقىل بىلەن ئىش كۆرگۈنكى ھەرگىزمۇ قارىسىغا ئىش قىلما.
14.قۇلۇپ ئىچىشتا ئاچقۇچقىلا تاينىۋىلىشقا بولمايدۇ،چۈنكى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ قىلىپلاشقان چارىسىدىن باشقا ئۆزگىچە چارىسىمۇ تىپىلىدۇ.
15.پەقەت كاللا ئىشلەتسەڭلا پۇل تىجەشنىڭ يولىنى ھامان تاپالايسەن.
16.ئۆزى كاللا قاتۇرۇشقا ئىرىنىپ ھە دىسىلا ئۇستىلارغا قارىغۇلارچە چوقۇنىدىغان ئادەم،سەۋەنلىكنى ئەڭ كۆپ سادىر قىلىدۇ.历史上的今天:
بۇلارنى تۇنىدىڭىزمۇ ؟ 2010-05-211910-يىلدىكى شىنجاڭ 2010-05-21ئامېرىكا يەرشارىنىڭ ئۇ تەرىپىدە 2010-05-21مەشھۇر شەخسلەرنىڭ دانا ھېكمەتلىرىدىن... 2010-05-21