-
ئىدارە باشلىقىنى ئاۋارە قىلىش
2012-01-26
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/189120607.html
ئىدارە باشلىقىنى ئاۋارە قىلىش
(فېليەتون)
ئىدارە باشلىقىمىز مۇئامىلىسى قىزغىن كىشى بولۇپ ، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى قىيىنچىلىققا يولۇقسىلا ، ئۇنىڭدىن ياردەم سوراشقا ئامراق ئىدى . ئىدارە باشلىقىمۇ بۇنى ئاۋارىچىلىق ، دەپ قارىماي ،كىشىلەرگە ئاۋۋالقىدەكلا قىزغىن مۇئامىلە قىلاتتى…
بەزىدە ئىدارە باشلىقى قول ئاستىدىكىلەرنىڭ يېقىندىن ياردەم قىلىدىغان ئىشلار بارمۇ ؟ دەپ سورايدىغان بولۇپ قالدى . ئاشۇنداق ئۇنى ئىزدەيدىغان ھەم ئارىسالدى بولغانلار ھازىر زادى قانچە رەھبەر ئىدارە رەھبىرىمىزدەك بىزگە غەمخورلۇق قىلالايدۇ ؟ دەپ تەسىرلىنەتتى . ئىدارە رەھبىرىمىز ناھايىتى ئالدىراش يۈرگەچكە ، ھەر كۈنى بىر تالاي ئىشلارنى قىلاتتى.
ئىدارىگە يېڭى كەلگىنىم ئۈچۈن ، بۇ ئەھۋاللارنى بىلمەيتتىم ، باشقىلارمۇ ماڭا بۇ ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەرمىگەنىدى .باشقىلارنى ئاۋارە قىلىشتىن قورقىدىغانلىقىم ئۈچۈن ، ئىش بولسا ئۆزۈم ئامالنىڭ بارىچە ھەل قىلاتتىم . ئىدارىدا خىزمەتداشلىرىم ئىدارە باشلىقىنىڭ ئەتراپىدا چۆرگىلەپ ، ئۇنى ئاۋارە قىلاتتى ، مېنىڭ ئويۇمدا ئۇلارنىڭ ھەممىسى سەل يۈزى قېلىندەك كۆرۈندى . ئىدارە باشلىقى تېرىكمەيتتى ، ھەر قانداق ياردەمنى ئايىماي قىلاتتى ، ئاۋارىچىلىق ھەل قىلىنسا، ئۇنى ئىزدىگەنلەر خۇددىي گۆھەرتېپىۋالغاندەك خۇشال بولۇپ كېتەتتى ، ئىدارە باشلىقىمۇ خۇشال بولاتتى ، چىرايىدىن باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغاندەك شادلىق كۈلكىسى جىلۋە قىلاتتى.
بۆلۈمىمىزدىكى شياۋ خېمۇ ئىدارە باشلىقىنى بەك ئاۋارە قىلىدىغانلارنىڭ بىرى ئىدى . ئۇ باشقىلارغا مۇلايىم بولغاچقا، ئىككىمىزنىڭ سۆھبەتلىرى بىر يەردىن چىقاتتى . بىر قېتىم پەقەت تاقەت قىلالماي، شىياۋ خېدىن ئاستاغىنە
— سىلەر نېمە ئۈچۈن دائىم ئىدارە باشلىقىنى ئاۋارە قىلىسىلەر، ئىدارە باشلىقى كۈن بويى ئالدىراش يۈرسە بىزار بولمامدۇ؟
— دەپ سورىدىم.شىياۋ خې كۆزىنى چەكچەيتىپ قاراپ ، بىر ئاز ئەجەپلەنگەندىن كېيىن:
— سىز تېخى بىلمەمسىز؟
— دېدى، مەن شۇئانلا بىلمەيدىغانلىقىمنى ئىپادىلەپ ، باش لىڭشىتتىم . شياۋ خې تۆت ئەتراپقا قاراپ ، ئادەم يوقلۇقىنى پەملىگەندىن كېيىن ، تۆۋەن ئاۋازدا:— سىزنىڭ كەلگىنىڭىزگە ئۇزۇن بولمىدى ، سىزگە دېمىسەم بولمايدىغان ئوخشايدۇ، ئىدارە باشلىقىنى دەرھال ئاۋارە قىلىڭ ، بولمىسا ئەھۋالىڭىز ياخشى بولمايدۇ ! نېمە ئۈچۈن دېسىڭىز؟ بۇنىڭ سەۋەبى ئاددىي، كۆپچىلىك ئىدارە باشلىقىنى ئاۋارە قىلسا، سىزچۇ، ئۇنداق قىلمىدىڭىز، كۆپچىلىك سىزنى پاك دەپ قارىسىمۇ ، ئىدارە باشلىقى سىزنى ئۆزىنى ھۆرمەت قىلمايدۇ ، دەپ ھېس قىلىدۇ ، ئىدارە باشلىقىنى ئىزدەپ ئاۋارە قىلسىڭىز، سىز خۇشال بولسىڭىز، ئىدارە باشلىقىمۇ خۇشال بولىدۇ ، ئىدارە باشلىقى سىزگە ياردەم قىلسا، سىزمۇ ئىدارە باشلىقىغا كۆڭۈل ئىزھار قىلىڭ ، ئۇمۇ سىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ……. بۇ ئىشنى قىلىش ئۈچۈن سىز ئۈچۈن قىيىن بولسىمۇ ، ئەمما بۇ يەردە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلمىسىڭىز بولمايدۇ، — دېدى ئۇ ماڭا تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ.
ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملە سۆزى مېنى ھاڭ – تاڭ قالدۇردى ، بۇنداقمۇ غەلىتە ئىشمۇ بولامدۇ، دەپ ئويلىدىم.
ئەمما، مېنىڭ ھەقىقەتەن ئىدارە باشلىقىنى ئاۋارە قىلىدىغان ئىشىممۇ يوق ئىدى ، توي قىلىپ بولغان، بالاممۇ كىچىك ، چوڭلارنىڭ سالامەتلىكىمۇ ياخشى بولغاچقا ئۇنى ئاۋارە قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى . ناھايىتى تېزلا ئەھۋالنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بايقىدىم . بىنانىڭ ئىچىدە ئىدارە باشلىقى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم، ئۇ ماڭا باش لىڭشىتىپ قويغاندىن كېيىن، پەرۋا قىلماي كېتىپ قالدى.
بۇنداق ئوسال ئەھۋالغا يولۇققىنىم ئۈچۈن كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى . شياۋ خې ماڭا ئامال قىلىپ ئىش تېپىپ ، ئىدارە باشلىقىنى ئاۋارە قىلىشىمنى ئېيتتى . شۇنچە باش قاتۇرۇپمۇ ، باشقىلار ماڭا ياردەم قىلىدىغان ئىشنى ئويلاپ تاپالمىدىم . ئاخىرى مەن نەزىرىمنى يېقىندا يېزىپ تاماملىغان ‹‹ئائىلە مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتىكى يېڭى ئۇقۇم ›› دېگەن ماقالەمگە قاراتتىم . مۇشۇ ماقالە بىلەن ئۇنى ئاۋارە قىلايچۇ، ماقالىنى تەھرىرلەپ بەرسۇن ، دەپ ماقالىنىڭ قوليازمىسىنى ئېلىپ ، ئىدارە باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگەن چېغىمدا ، ئىدارە باشلىقىنىڭ چىرايىدا ئاخىرى تەبەسسۇم جىلۋە قىلدى . مەن ئىززەت–ئىكرام بىلەن ماقالىنىڭ قوليازمىسىنى ئىدارە باشلىقىغا سۇنۇپ ، ئۇنىڭدىن ياخشىراق تۈزىتىپ بېرىشنى ئۆتۈندۈم . ئىدارە باشلىقى خۇشال بولغان ھالدا قول يازمىنى ئېلىپ ، تەپسىلىي كۆرۈپ قول يازمىنىڭ ئۈستىگە دۈگلەك سىزىشقا باشلىدى . ئىدارە باشلىقى بىر ھازادىن كېيىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ، تەنتەنىلىك ھالدا قوليازمىنى ماڭا سونۇپ ، ئۆزىنى چوڭ ئىش قىلىپ بەرگەندەك كۆرسەتتى .قوليازمىنى قولۇمغا ئېلىپ قاراپ ، توساتتىن ھوشۇمدىن كەتكىلى تاسلا قالدىم ، ئەسلىدىلا رەتلىك قول يازمىنىڭ ئۈستىگە دۈگىلەك سىزىپ تولدۇرۇۋەتكەن ، يەنە بۇ ئابزاس قىسقارتىلسۇن ، بۇ يەر تۇرىۋەرسە بولىدۇ ، بۇ يەر مۇنداق بولسۇن، ئۇ يەر مۇنداق بولسۇن ، دەپ ئەسكەرتىپ ، ھەممە يېرىنى ئالا-قويماي‹‹تۈزەتكەن›› ئىدى ، مەن ئۆزۈمنى زورلاپ تۇرۇپ، ناھايىتى خۇشال بولغان قىياپەتتە چوڭقۇر تەشەككۇر بولغانلىقىمنى بىلدۈردۈم.
ئىدارە باشلىقى ماڭا قىلغان بۇ‹‹ياردىمى›› دىن بىر ئاز بولسىمۇ نەپ ئالىدىغاندەك كۆرۈنمەيتتى ، ئەمما، مەن ئۇنىڭغا ماھارىتىنى كۆرسىتىدىغان بىر پۇرسەت يارىتىپ بەردىم ، ئۇ ئۆزىنىڭ «ئەدەبىي تالانتى»نىڭ قول ئاستىدىكىلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ، سەۋىيەسىنىڭمۇ قول ئاستىدىكىلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى نامايان قىلغاچقا، قانائەت ھاسىل قىلغانىدى . دەرۋەقە، شۇنىڭدىن كېيىن، ئىدارە باشلىقىنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسىمۇ كۆپ ياخشىلىنىپ كەتتى.
历史上的今天:
كىم جوڭئىل ئەپەندى، ئەلۋىدا ! 2012-01-26ئۈستەلگە مۇشتلاش كېسىلى 2012-01-26ئاختا ئات، ئاغۋات ۋە ئەقىدىسىز ئادەملەر 2012-01-26دېھقاننىڭ جېنى قانچە پۇل؟ 2012-01-26
收藏到:Del.icio.us