• ئەپچىل چارە

    2012-01-26

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/189120918.html

    ئەپچىل چارە

    (فېليەتون)

    گوۋېي

    دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندىلا دېھقان سۈپەت بىر بوۋاي ئىشخانىغا كىردى.


    −− ياخشىمۇسىز، مۇدىر بارمىدۇ؟ −− سورىدى بوۋاي.


    −− نېمە ئىشىڭىز بار ئىدى؟ −− ياندۇرۇپ سورىدى نيۇ مۇئاۋىن مۇدىر قولىدىكى گېزىتنى قويۇپ. 


    −− سىز مۇدىرمۇ؟ −− دېدى بوۋاي قورۇنۇپقىنە.


    مۇدىر ئۆگىنىشكە كەتكەن بولۇپ، 10 - 15 كۈندە قايتىپ كېلەتتى. ئىشخانىنىڭ ئىشلىرىغا ۋاقتىنچە نيۇ مۇئاۋىن مۇدىر مەسئۇل ئىدى.


    −− فامىلەم نيۇ، −− دېدى ئۇ بوۋاينى مەنسىتمىگەندەك قىياپەتتە.


    −− نيۇ مۇدىر، مۇنداق ئىش ئىدى، ئىدارە باشلىقىڭلارنىڭ پىكاپى پاقلىنىمنى سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى، −− دېدى بوۋاي.


    نيۇ مۇدىر بۇنىڭ كىچىك ئىش ئەمەسلىكىنى پەملىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەۋاگەر ئىدارىگىچە كەلگەن ئىدى. بۇ ئىشنى ياخشى بىر تەرەپ قىلمىسا، بوۋاي جېدەل چىقىرىپ، بۇنى ھەممىگە پۇر قىلىۋەتسە چاتاق بولاتتى.


    −− تاغا، ئولتۇرۇڭ، −− دېدى نيۇ مۇدىر بايىقى ئەلپازىدىن يېنىپ، بوۋايغا چاي سۇنۇپ، −− ئىشنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.


    −− مەن شەھەرنىڭ شىمالىدىكى شياۋۋاڭ مەھەللىسىدىن، −− دېدى بوۋاي نيۇ مۇدىر تۇتقان چاينى ئېلىۋېتىپ، −− ئالدىنقى كۈنى پاقلىنىم بىلەن ئىتىم ئىشىكىم ئالدىدىكى يولدا تالىشىپ قالدى، ئىتنىڭ پاقلاننى چىشلىگەنلىكىنى دېمەيلا قوياي، دەل شۇ چاغدا بىر پىكاپ غۇيۇلداپ كەلگىنىچە پاقلىنىمنى سوقۇۋېتىپ توختىمايلا ئۆتۈپ كەتتى. دەرھال پىكاپنىڭ نومۇرىنى خاتىرىلىۋالدىم - دە، قاتناش ساقچى ئەترىتىگە بېرىپ سۈرۈشتۈرۈپ پىكاپنىڭ ئىدارە باشلىقىڭلارنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلدىم.


    بۇنى ئاڭلىغان نيۇ مۇدىر بوۋاينىڭ پاقلىنىنى راستىنلا ئىدارە باشلىقىنىڭ پىكاپى سوقۇۋەتكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئەمما بۇ پىكاپنى بىرىنچى قول، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقلىرى ئىشلىتەتتى. زادى قايسى باشلىق سوقۇۋەتكەندۇ؟ نيۇ مۇدىر نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي، بىرىنچى قول باشلىققا تېلېفون قىلىپ، ئەھۋالنى ئېيتتى.


    −− ئاۋۋال كىمنىڭ سوقۇۋەتكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ،... ھەي، بوپتۇ، ناھايىتى بىر پاقلان ئۆلۈپتىغۇ؟ −− دېدى باشلىق، −− ئەھۋالغا قاراپ بىر تەرەپ قىلىڭ، رەھبەرلىكنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئارىسىدىكى ياخشى ئوبرازىنى قوغداشقا دىققەت قىلىڭ.


    نيۇ مۇدىرنىڭ مۇئاۋىن ئىشخانا مۇدىرى بولغىنىغا ئون يىلغا يېقىن بولغان بولسىمۇ، تېخىچە ئۆستۈرۈلمىگەنىدى. شۇڭا ئۇ پۇرسەت تېپىپ تالانتىنى نامايان قىلىپ، رەھبەرلىكنىڭ نەزەرىگە چۈشۈشنى ئويلاپ يۈرەتتى.


    −− ئەمەلىيەتتە ئارتۇق تەلىپىممۇ يوق، شۇ بىر پاقلاننىڭ پۇلىنى تۆلەپ بەرسەڭلارلا بولىدۇ، −− دېدى بوۋاي.


    نيۇ مۇدىر بوۋاينى كۆپ پۇل تەلەپ قىلىدۇ، دەپ ئويلىغانىدى. بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىردىنلا ئېسىگە كېلىپ، ئالدىراپ سورىدى:


    −− ئۆلگەن پاقلىنىڭىز نەچچە جىڭ كېلەر؟


    −− ئېغىر ئەمەس، پەقەت يىگىرمە جىڭ ئەتراپىدا، −− دېدى بوۋاي.


    −− ئىككى پاقلان بەرسەك رازى بولامسىز؟ −− دېدى نيۇ مۇدىر بوۋايغا كۈلۈپ تۇرۇپ.


    −بۇ... بۇ...، −− دەپ دۇدۇقلاپ قالدى بوۋاي.


    بىر پاقلان ئۆلسە ئۇنىڭغا ئىككىنى تۆلەپ بەرسە، بۇ ئاسماندىن تىللا تۆكۈلگەندەك ئىش ئەمەسمۇ؟


    −− راستما؟ −− دېدى بوۋاي قۇلىقىغا ئىشەنمەي.


    −− راست، −− دېدى نيۇ مۇدىر، −− ئەمما بىر شەرتىم بار، ماقۇل بولسىڭىز يەنە بىرنى قوشۇپ بەرسەممۇ بولىدۇ. ئەگەر مۇۋاپىق دەپ قارىمىسىڭىز بىرنىلا تۆلەپ بېرەي.


    نيۇ مۇدىر بوۋاينىڭ قۇلىقىغا ئويلىغانلىرىنى پىچىرلىدى، بوۋاي ئىككىلىنىپراق ماقۇل بولدى.


    −− بۇ ئىشنى پەقەت ئىككىمىزلا بىلىشىمىز كېرەك، −− دېدى نيۇ مۇدىر كەسكىن تەلەپپۇزدا.


    بوۋاي ماقۇل بولدى.


    −− مەن نەق پۇل بېرەي، ئۆزىڭىز سېتىۋېلىڭ، بىر پاقلاننى بازار باھاسى بويىچە 150 يۈەندىن ھېسابلاپ، ئالتە پاقلانغا 900 يۈەن بېرەي، مانا پۇل، مەن تاپىلىغان ئىشنى ئەتە چوقۇم ئەمەلىيلەشتۈرۈڭ، −− دېدى نيۇ مۇدىر.


    −− خاتىرجەم بولۇڭ، ئويلىغىنىڭىزدەك بېجىرىمەن، −− دېدى بوۋاي خۇشاللىق بىلەن.


    ئىككىنچى كۈنى ئىشقا چۈشۈش ۋاقتى بىلەن ئىدارە ئالدى داقا - دۇمباقچىلار بىلەن توشتى، بوۋاي ئوغلى بىلەن سەپنىڭ ئالدىدا تۇرغان بولۇپ، لەۋھە كۆتۈرۈۋالغانىدى. لەۋھەدىكى «دېھقانلارنىڭ بېيىشىغا ياردەم بېرىپ، غەم-ئەندىشىمىزنى تۈگەتتى» دېگەن خەتلەر ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. بىردەمدىلا مۇخبىرلارمۇ يېتىپ كېلىپ، سۈرەتكە تارتتى، سىنغا ئالدى.


    شۇ كۈنى كەچتە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى xxئىدارىسى دېھقانلارغا بېيىش پاقلىنى ئىئانە قىلدى، سەرلەۋھىلىك مەخسۇس خەۋەر كۆرسەتتى. خەۋەردە نيۇ مۇدىرنىڭ ئىدارە رەھبەرلىكىنىڭ دېھقانلارنىڭ بېيىشىغا ياردەم بېرىشتە قوللانغان يېڭى تەدبىرىنى چۈشەندۈرۈۋاتقان كۆرۈنۈشى ئالاھىدە گەۋدىلەنگەنىدى. 


    شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي، ئون يىلغا يېقىن مۇئاۋىنلىق كۇرسىدا ئولتۇرغان نيۇ مۇدىر ئىدارە باشلىقنىڭ نەزەرىگە چۈشۈپ، «مۇئاۋىن» لىقى «باش»قا ئۆزگەرتىلدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئىدارە رەھبەرلىرى بۇ ئىشتىن نيۇ مۇدىرنىڭ قابىلىيەتلىك ئىكەنلىكىنى، خىزمەت ئۇسۇلىغىمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، تېپىلغۇسىز ئىختىساس ئىگىسى ئىكەنلىكىنى بايقاپ يەتكەنمىش.

    ئابدۇجاپپار ھامىدىن تەرجىمىسى



    مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

     


    收藏到:Del.icio.us