• ھە دېسىلا يازما ئۆچۈرۈش ئۇسۇل مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى قانۇنسىزلىق

    2012-01-26

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/189120263.html

    ھە دېسىلا يازما ئۆچۈرۈش ئۇسۇل مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى قانۇنسىزلىق




    مۇھىم مەزمۇنى: بەزى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ھە دېسىلا توردىكى يازمىلارنى ئۆچۈرىۋېتىدۇ. بۇ باشقۇرۇش ماھارىتى مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى قانۇنىي مەسىلىدۇر. يازما ئۆچۈرۈشكە قارشى چىققانلىق يازما ئۆچۈرۈشنىڭ ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا پايدىسى يوق دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى قانۇنغا ئاساسلانغاندا، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ خالىغانچە يازما ئۆچۈرسە بولمايدىغانلىقى سەۋەبىدىندۇر.
    خالىغانچە يازما ئۆچۈرۈش- قانۇننى قوپاللىق بىلەن ئاياغ-ئاستى قىلغانلىق، ئاۋامنىڭ ئەركىن ئىپادىلەش ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىقتۇر.


    خەلق تورىنىڭ جامائەت پىكرىنى كۈزىتىش ئىشخانىسىنىڭ كۈزىتىشىچە، يەرلىكتىكى مۇنبەرلەرگە شۇ جايدىكى نۇرغۇن تورداشلار يىغىلىدىكەن، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بەزى چوڭ-چوڭ ۋەقەلەرنىڭ دەسلەپكى ئۇچۇرلىرى شۇ مۇنبەرلەردە پەيدا بولىدىكەن. 2009-يىلى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن 77 قېتىملىق چوڭ ۋەقەنىڭ 23 قېتىمقىسى ئالدى بىلەن يەرلىك مۇنبەرلەردە
    ئاشكارىلانغان. يەرلىك مۇنبەرلەر تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە ئېچىتىش رولىنى ئوينىغان. موشۇ خىلدىكى يازمىلارغا قارىتا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئادەتلەنگەن ئۇسۇلى يازما ئۆچۈرۈش بولغان. مۇتەخەسسىسلەر : «يازما ئۆچۈرۈش بىردىن-بىر چارە ئەمەس، ئەڭ ياخشى چارىمۇ ئەمەس،
    ئەڭ ياخشى چارە باشقۇرۇش ۋە پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇشتىن ئىبارەتتۇر» دەپ قارىغان.(«خەلق گېزىتى»نىڭ 4-مايدىكى سانى)


    بەرھەقكى، يازما ئۆچۈرۈش ياخشى چارە ئەمەستۇر. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، يازما ئۆچۈرۈش ئىنتىرنېت دەۋرىدە ئەڭ ھاماقەتلەرچە ئۇسۇلدۇر. تور دېگەن تۇتاش تۇرسا، يازمىنى ئۆچۈرۈپ تۈگەتكىلى بولامدۇ؟ يەرلىك مۇنبەردىكى ئۇچۇرنى ئۆچۈرىۋەتكەن بىلەن، شۇ ئۇچۇرنىڭ باشقا مۇنبەرلەردە تارقىلىشىنى كونترول قىلغىلى بولمايدۇ، ھەسسىلەپ تارقىلىش جەريانىدا، ئۆچۈرۈلگەن يازما تەتۈر رېفلىكىس شەكىللەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، جامائەت پىكرى ۋەقەسى پەيدا قىلىدۇ. يازمىنى ئۆچۈرۈپ، خەۋەرنى قامال قىلدىمۇ دەيلى، لېكىن، بۇنىڭلىق بىلەن يوشۇرۇن زىددىيەت ۋە ئاۋامنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى يوقىتىۋەتكىلى بولمايدۇ، توقۇنۇش مەلۇم چاغلاردا تېخىمۇ كەسكىن شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

    ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىلار بارلىق چارە-ئاماللار بىلەنمۇ ھوقۇقىنى قوغدىيالمىغاندا ئىلاجىسىزلىقتىن، توردا يازما يوللاشتىن ئىبارەت ئەڭ ئاخىرقى ئىپادىلەش يولىنى تاللايدۇ. پاختىدا ئوت ساقلىغىلى بولمايدۇ.
    يازمىنى ئۆچۈرۈپ، يازما يوللىغۇچىنىڭ ئاغزىنى ئەتكەن بىلەن، ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى ئاقىلانىلىكتىن ئەخمىقانىلىققا مېڭىپ قېلىشى مۇمكىن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن تاسادىپى ۋەقەلەر ۋە ئاممىۋىي ۋەقەلەر يازما ئۆچۈرۈشنىڭ ئەخمىقانىلىق ئىكەنلىكىنى تەكرار-تەكرار ئىسپاتلىدى. مۇتەخەسسىسلەر مانا موشۇنداق ئەمەلىيەتكە ئاساسلىنىپ ھۆكۈمەتكە «يازما ئۆچۈرۈش ياخشى چارە ئەمەس» دەپ نەسىھەت قىلىشقان.
    مۇتەخەسسىسلەر ياخشى نىيەت بىلەن شۇنداق نەسىھەت قىلىشقان بولسىمۇ، بۇنداق نەسىھەتنىڭ مەنتىقىسىدىن بىزار بولدۇم. بۇ نەسىھەت مۇنداق بىر ئالدىنقى شەرتنى ئاساس قىلغان يەنى ھۆكۈمەت توردىكى يازمىلارنى خالىغانچە ئۆچۈرسە بولىدۇ، ئۆچۈرگۈسى كەلسە ئۆچۈرىدۇ، قانۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، دېگەننى ئالدىنقى شەرت قىلغان. مۇتەخەسسىسنىڭ ھۆكۈمەتكە يازما ئۆچۈرمەسلىكنى نەسىھەت قىلىشى قانۇننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ياكى ئەل رايىنى ئەركىن ئىپادىلەشنى كۆزدە تۇتقانلىقتىن بولمىغان.

    قانۇنغا، ئاۋامنىڭ توردا ئەركىن ئىپادىلەش ھوقۇقىغا سەل قاراپ، باشقۇرۇش تېخنىكىسى ۋە ئاممىۋىي مۇناسىۋەت ماھارىتى جەھەتتىن تەھلىل قىلىپ، «يازما ئۆچۈرۈش ياخشى چارە ئەمەس» دېيىش، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خالىغانچە يازما ئۆچۈرىشىگە قانۇنىي ھوقۇق نوقتىسىدىن شۈبھىلەنمەستىن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ موقىملىقنى قوغداش ماھارىتىدىن تەھلىل قىلىپ، «يازما ئۆچۈرۈش بىردىن-بىر چارە ئەمەس، ئەڭ ياخشى
    چارىمۇ ئەمەس» دېيىش، قىممەت جەھەتتىكى بۇ خىل مادارىچىلىق ۋە چېكىنىش، ماھىيەتتە قانۇننى كۆزگە ئىلمىغانلىق ھەم ئاۋامنىڭ ھوقۇقىغا ئېتىبارسىز قارىغانلىقتۇر. ئاممىۋىي باشقۇرۇش مۇتەخەسسىسىنىڭ جامائەت پىكرىگە تاقابىل تۇرۇش ھۈنىرى كىرزىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى نەيرەڭ بولۇپ قالسا بولمايدۇ.

    دېمەكچىمىزكى، بەزى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھە دېسىلا توردىكى يازمىلارنى ئۆچۈرىۋېتىشى باشقۇرۇش ماھارىتى مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى قانۇنىي مەسىلىدۇر. يازما ئۆچۈرۈشكە قارشى چىققانلىق يازما ئۆچۈرۈشنىڭ ياخشى چارە ئەمەسلىكى، ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا پايدىسى يوقلۇقىدىن ئەمەس، بەلكى قانۇنغا ئاساسلانغاندا، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ خالىغانچە يازما ئۆچۈرسە بولمايدىغانلىقى سەۋەبىدىندۇر. خالىغانچە يازما ئۆچۈرۈش- قانۇننى قوپاللىق بىلەن ئاياغ-ئاستى قىلغانلىق، ئاۋامنىڭ ئەركىن ئىپادىلەش ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىقتۇر.

    توردا يازما يوللاش پۇقرالارنىڭ بىر تۈرلۈك ئىپادىلەش ئۇسۇلىدۇر. بۇ خىل ئىپادىلەش ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. پۇقرالار ئۆزىنىڭ سۆزىگە جاۋابكار بولىدۇ. مەلۇم بىر يازمىدا پاكىت ئويدۇرۇلۇپ، يوق ئىش توقۇپ چىقىرىلغان بولسا، پىتنە-ئىغۋا تارقاتقان بولسا، باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان بولسا ياكى جامائەت بىخەتەرلىكى
    ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپكە بىۋاستە، كۆرىنەرلىك تەھدىت پەيدا قىلغان بولسا، ھۆكۈمەت يوللۇق تەرتىپلەر ئارقىلىق شۇ يازمىنى ئۆچۈرۈشكە ھوقۇقلۇق، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىغۋا تارقاتقۇچىنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ھوقۇقلۇق. ھېچقانداق قانۇندا ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ مەنسەبدار-خادىملىرىغا توردىكى يازمىلارنى خالىغانچە ئۆچۈرۈش ھوقۇقى بېرىلمىگەن.

    موشۇ ئاي-موشۇ كۈنلەردە، بەزى يەرلەردە ھە دېگەندىلا تور بەتلەرگە يازما ئۆچۈرۈش ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىشىدۇ، ھەتتا تور باشقۇرغۇچىسدىنمۇ ھالقىپ ئۆتۈپ بىۋاستە ئۆچۈرىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە، بۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش، شۇنداقلا ھوقۇقنى قانۇننىڭ ئۈستىگە، تۈزۈمنىڭ ئۈستىگە قويۇش ئېڭىدا شەكىللەنگەن ناچار ئىللەتتۇر. قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ئادەتلىنىپ كەتكەندە، قانۇنغا خىلاپ قىلمىش «ئادەت قانۇنى»غا ئايلىنىپ قالىدىكەن: قانۇن-تەرتىپ دېگەن بىر ياندا قېلىپ، ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ ھۆكۈم-قارىشىغا ئاساسەن مەلۇم بىر يازمىنى قانۇنسىز يازما، دەپ خالىغانچە بېكىتىدىكەن ھەم ئۆچۈرىدىكەن. يەنە تېخى دۆلەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، يازما يوللىغۇچىغا زەربە بېرىدىكەن، يازما يوللىغۇچىنى پايتەختكە بېرىپ ياكى ئۆلكە ئاتلاپ قوغلاپ تۇتىدىكەن.

    ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ھېچنىمىدىن تەپتارتماستىن خالىغانچە يازما ئۆچۈرۈلگەن ئەھۋالدا، يازما ئۆچۈرۈشنىڭ ياخشى چارە ياكى ئەمەسلىكى ئۈستىدە گەپ ساتماي، بۇ خىل ھەركەتنىڭ يولسىزلىقى ۋە قانۇنسىزلىقىنى قانۇن نوقتىسىدىن كۆرسىتىپ دەككىسىنى بېرىش زۆرۈر. يازما ئۆچۈرۈش ياخشى چارىكەن دەپ، يازمىنى ئۆچۈرىۋەتسە بولىۋېرەمدۇ؟ موقىملىقنى قوغداشقا پايدىسى بارىكەن دەپ، بىر پۇقرانىڭ توردىكى يازمىسىنى خالىغانچە ئۆچۈرىۋەتسە بولىۋېرەمدۇ؟ موقىملىقنى قوغداش تاكتىكىسى ۋە كىرزىسقا تاقابىل تۇرۇش ھۈنىرىنى مۇھاكىمە قىلسا بولىدۇ، لېكىن، قانۇن ۋە پۇقرا ھوقۇقىنىڭ قىممىتى مەڭگۈ بۇلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. «ياخشى چارە ئەمەس» دەپ قويغانغا يەرلىك ھۆكۈمەتلەر يازما ئۆچۈرۈشتىن توختاپ قالمايدۇ. پەقەت قانۇنغا تايانغاندىلا ئۇلارنىڭ يازما ئۆچۈرۈش ئەسەبىيلىكىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.


    (ساۋلىن ئىمزاسىدىكى بۇ ماقالە «تەپتىش گېزىتى»نىڭ 2010-يىل 5-مايدىكى سانىغا بېسىلغان. شىنخۇا تورىغا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىندى. )

    ئەلبەھرە تورىدىن نوشىرۋان تەرجىمە قىلدى.


    收藏到:Del.icio.us