ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى توققۇز ۋىلايەت ، ئوبلاست مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا بوش قالغان 306 خىزمەت ئورنىنى تەڭشەيدىكەن . كونكرىت تەڭشەش ئۇچۇرى شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى تورىدا ئېلان قىلىنىدىكەن . ئخمتىھان بەرگۈچىلەر بوش ئىش ئورنى جەدۋىلى ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ تەڭشەشكە دائىر كونكرېت مەزمۇنلىرىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ (c
http://www.xjrs.gov.cn) تور پونكىتىدىن كۆرۈۋالسا بولىدىكەن.
2 X7 w' U: r' v# x; t. X/ p ئىگىلىنىشىچە ، تەڭشەش خىزمىتىنى ھەر قايسى ۋىلايەت ، ئوبلاستلىق كادىرلار ئىدارىسى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىدىكەن ، قوبۇل قىلىنىدىغانلار 2011 – يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەتتىن ئاشكارا مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتناشقانلار ھەم تەۋە رايوندا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقانلار، ئومۇمىي نەتىجىسى (يۈزتۇرا ئىمتىھان، سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈشتە لاياقەتلىك بولغان) خىزمەتكە قوبۇل قىلىش شەرتىگە توشمىغان، ئەمما بوش خىزمەت ئورنىدىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار ئىكەن. تەڭشەش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار بىرلا ئىش ئورنىغا تىزىملىتىدىكەن، بىر ئىش ئورنىغا بىرنەچچە ئادەم تەڭلا تىزىملاتقان بولسا، ئومۇمىي نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكىگە قاراپ تاللىنىدىكەن. سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈش بوش خىزمەت ئورنىغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئادەم سانىنىڭ 1:1 نىسبىتى بويىچە، ئىمتىھانغا تىزىملاتقانلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكىگە قاراپ بېكىتىلىدىكەن.
0 O+ }! e, ?. F ئىگىلىنىشىچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىدە 68 ئورۇن، ئالتاي ۋىلايىتىدە 62 ئورۇن، خوتەن ۋىلايىتىدە 58 ئورۇن، قۇمۇل ۋىلايىتىدە ئىككى ئورۇن، بورتالا ئوبلاستىدا 26 ئورۇن، سانجى ئوبلاستىدا 16 ئورۇن، بايىنغولىن ئوبلاستىدا 55 ئورۇن، قىزىلسۇ ئوبلاستىدا 15 ئورۇن، شىخەنزە شەھىرىدە تۆت ئورۇن بوش قالغان. بوش قالغان 306 خىزمەت ئورنىغا 399 مەمۇر قۇبۇل قىلىنىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق مەمۇر قۇبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتناشقان، ئىشلەيدىغان بولسا نوپۇسى شۇ رايوندا بولغان، بوش قالغان خىزمەت ئورنى شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار تەڭشەش ئوبىكتى قىلىنىدىكەن.
$ t5 Y0 N) K# z- B