- تىزىملاتقان
- 2012-11-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-1-19
- ھوقۇقى
- 50
- جۇغلانما
- 732
- نادىر
- 1
- يازما
- 185

- تۆھپە
- 0
- مۇنبەر پۇلى
- 355
- ئىشەنىچ
- 0
| بىزنىڭ ياۋروپادىكى ساياھىتىمىز يالغۇز گېرمانىيە بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى . ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بىر دۆلەتنىڭ ۋىزىسى بىلەن باشقا ئەزا دۆلەتلەرگىمۇ بىمالال بارغىلى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ، بىز بۇ ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ، گېرمانىيەنىڭ ئەتراپىدىكى بىر نەچچە قوشنا دۆلەتكىمۇ ساياھەتكە باردۇق . بۇ سەپىرىمىزنىڭ تۇنجى بېكىتى بىلگىيە بولدى . بىلگىيە كىچىك دۆلەت بولغىنىغا قارىماي ، ياۋروپادىكى تەرەققى تاپقان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغانىكەن . بىريۇسسىل شەھىرى بىلگىيە پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى بولۇش بىلەنلا قالماستىن ، يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ پايتەختى ھېساپلىنىدىكەن . شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كاتىبات باشقارمىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باش ئىشتابى ، ياۋروپا پارلامېنتى قاتارلىق يۈزگە يېقىن خەلقئارالىق ئاپپارات مۇشۇ شەھەرگە جايلاشقان ئىكەن . بۇ شەھەردە قەدىمىيلىككە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرى ، قەدىمىي كوچىلار بولغاندىن تاشقىرى ، يەنە ھازىرقى زامانغا ۋەكىللىك قىلىدىغان كۆپ قەۋەتلىك زامانىۋىي بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرى ، ئازادە ، كەڭ كوچىلارمۇ بار ئىكەن . ھېچقانداق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىغان تەبىئىي ئورمان باغچىلىرىدىكى بۈك-باراقسان ئورمانلار ، ھەممىلا يەردە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان ياپ- يېشىل چىمەنزارلىقلار بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشۇپ ، ئۇنىڭغا ئۆزگىچە گۈزەللىك ئاتا قىپتۇ . بىريۇسسىل شەھىرى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى بولۇپ ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بۇ شەھەرگە ساياھەتكە كېلىدىغانلارمۇ ناھايتى كۆپ ئىكەن . ئاتوم مولىكۇلاسى شەكلىدە ياسالغان ئاتوميۇم مۇنارى بىلەن 1905-يىلى ياسالغان مۇستەقىللىق دەرۋازىسى بۇ شەھەرنىڭ سېمۋولى ھېساپلىنىدىكەن . بۇ جايغا ساياھەتچىلەرمۇ ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرىدىكەن . بىزمۇ ئەشۇ ساياھەتچىلەر قاتارىدا بىر يۇسسىل شەھىرىنىڭ بىر قىسىم مەنزىرە رايونلىرىنى ساياھەت قىلىپ ، بۇ داڭلىق شەھەرنىڭ ئۆزگىچە گۈزەللىكلىرىدىن ھوزۇرلاندۇق . تۆۋەندىكى سۈرەتلەر ياۋروپانىڭ مەركىزى بولغان بۇ شەھەرنىڭ بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرى .
|
|