كۆرۈش: 2729|ئىنكاس: 36

ئىنىم، مېنى يەنە بىر سۆي (تەرجىمە ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسمى
بىغەمزات
تىللا
200
تۆھپە
133
UID
388
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 20:50:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىنىم، مېنى يەنە بىر سۆي!


تەرجىمە ھىكايە


(ئاپتورى: تەنھا ياپراق <孤独叶子>         تەرجىمە قىلغۇچى:بىغەمزات)

================================================



(ئاپتورى: تەنھا ياپراق      تەرجىمە قىلغۇچى:بىغەمزات)  مەنبە : تەڭرىتاغ مۇنبىرى

    ئىلاۋە: بۇ مىنىڭ بىر نەچچە ئاي بۇرۇن باشقا مۇنبەردە سىرلىقيار نامىدا تەرجىمە قىلغان ئەسىرىم بولۇپ، بۇ ئەسەردە قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق ھەدە-ئىنىنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن، ھىكايىدە باش قەھرىماننىڭ 10 ياش ۋاقتىدىن 40 ياشقىچە بولغان تۇرمۇشى سۆزلەنگەن بولۇپ، ھەدە-ئىنى ئىككەيلەن كىچىكلىكتىن چوڭ بولىدۇ، ھەرخىل قىيىنچىلىقلارغا يۇلۇقىدۇ، ئەمما بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتى ناھايىتى چوڭقۇر بولغاچقا يەنىلا ھەرخىل قىيىنچىلىقلارنى يىڭىپ ياشاپ كىتىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا بولسا ھەدىسى قارا جەمىيەتتىكىلەرنىڭ ئوقى ئاستىدا ئۆلىدۇ،  بارلىق كىشلەر تەرىپىدىن ئون يىل بۇرۇنقى بىر پارتىلاشتا ئۆلدى دەپ قارالغان ئىنىسى نەق ھەدىسى ئوق يىگەن يەردە پەيدا بولىدۇ، ئەمما ئۇ پارتىلاشتا ئۆلمىگەن بولسىمۇ پۇتۇنلەي ئەس-ھوشىنى يوقاتقان بولۇپ ئىدى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى بەخىتىسزنىڭ ھىكايىسى ئاخىرلىشىدۇ. ھىكايە باشتىن-ئاخىر ناھايىتى تەسرلىك قىلىپ يىزىلغان بولۇپ، ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇپ قويۇشىڭىزغا ئەرزىيدۇ. باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەستىقلاپ بىرىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
===========================================================

ئىنىم، مىنى يەنە بىر سۆي
مۇقەددىمە


    بۇگۇن، مىنىڭ ئۇنى تۇنجى قىتىم كۆرگەن ۋاقتىمدىن نەق يىگىرمە يىل ئۆتۈپتۇ. ئەمما تاكى ھازىرغىچە مەن كۆزۇمنى يۇمساملا خۇددى ئاشۇ پۇتۇن بەدىنى يامغۇردا ھۆل بولۇپ كەتكەن كىچىك ئوغۇل بالىنىڭ ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەندەك بولىمەن. ئۇنىڭ بۇ كۆز نۇرى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن سۇسلاشمايلا قالماستىن، ئەكىسچە، ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن تونىللىرىنى بىسىپ ئۆتۈپ، مىنىڭ قەلبىمگە مۆھۈر بولۇپ بىسىلغان بولۇپ، مەڭگۈ ئۇنتۇلمايىتتى......

1.ئىنىم


    مىنىڭ ئاتا-ئانام بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەن بولۇپ، تىنى ئاجىز مومام بىلەن ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۇرەتتۇق. ئون ئۈچ كۋادرات متىرلىق كىچىك بوتكا بولسا بىزنىڭ تۇرمۇش كەچۇرۇشتىكى بىردىنبىر كىرىم مەنبەيىمىز ئىدى. ئەمما مەن ئەزەلدىن ئۆزۇمنى بەخىتسىز ھىسابلىمايتتىم. ئەڭ بۇرۇن ماڭا ئۆزۇمنى بەخىتلىك  ھىس قىلدۇرىدىغان ئىش مومام تىپىۋىلىپ ئەكىلىپ بەرگەن نەرسىلەر ئىدى. ئۇنداق نەرسىلەرنى سىتىۋالغۇدەك ئارتۇقچە پۇلىمىز بولمىغانلىقى ئۈچۈن، مومام باشقىلار تاشلىۋەتكەن نەرسىلەرنى تىرىپ ئەكىلىپ ماڭا بىرەتتى. شۇنىڭ بىلەن مىنىڭ بىر قولى يوق قونچىقىم، پۇتۇمغا ئوبدان كەلمەيدىغان ئايىغىم، يەنە بىر ئىنىم بار بولدى.  

    ئۇ كۈنى يامغۇر ئارىلاش بوران چىقۋاتاتتى. مەن دەرىزىدىن مومامنىڭ قانداقتۇر بىر نەرسىنى ئىلىپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مومامنى يەنە مەن ئۈچۈن سوۋغات ئىلىپ كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، خۇشال ھالدا ئىشك ئالدىغا چىقىپ تۇردۇم. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى كۆردۇم. شۇ مەنزىرىنى مەن كىيىن سانسىزلىغان قىتىم قايتا خىيال قىلغانلىقىمنى بىلمەيمەن. ئۇنىڭ تىتىلىپ كەيگۈچىلىكى قالمىغان، يۈز-كۆزلىرىنى قاسماق بىسىپ چىرايىنى پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتكەن بولۇپ، پەقەت ئاشۇ بىر جۇپ كۆزى ئادەتتىن تاشقىرى نۇرلۇق ئىدى. ئۇ بىر ئىغىزمۇ ئۇندىمەستىن ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى. قىززىق، ئەينى ۋاقىتتا مەن قىلچىلىكمۇ غەلىتىلىك ھىس قىلمىغان ئىدىم. خۇددى مۇشۇ كۈندە ئۇنىڭ مىنىڭ تۇرمۇشۇمغا سىڭىپ كىرىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلىدىغاندەكلا.

-يۈزۇڭنى يۇيىۋالغىن.

-ھە.

مانا بۇ بىزنىڭ تۇنجى دىئالوگىمىز.  

- نەچچە كۈن بولدى، ئەخلەت دۆۋىسى تۇۋىدە ياتىدۇـ دىدى مومام يۆتىلىپ تۇرۇپ - بىز بىلەن بىرگە تۇرسۇن، قانداقلا بولمىسۇن ئوغۇل بالا ئىكەن.  

- ئىسمىڭ نىمە؟- داستىكى قاپقارا بولۇپ كەتكەن سۇ ۋە ئۇنىڭ خۇددى سىھىرگەرلىك قىلىۋاتقاندەك بارغانسىرى نۇرلىۋاتقان چىريىغا قارىغاچ سورىدىم مەن.

-شۇم - دىدى ئۇ تۆۋەن ئاۋازدا.

-شۇم؟ نەدە مۇشۇنداق ئىسىم بار- سورىدىم مەن.

-باشقىلار ئۇنى شۇنداق چاقىرىدىكەن، ئۇ ئسىمىنى بىلمەيدىكەن.- دىدى مومام.

-ئۇنداق بولسا سىنىڭ ئىسمىڭ دىلشات بولسۇن، مىنىڭ ئىسىم گۈلشات، ناھايىتى ماس كىلىدىكەن.- دىدىم مەن بىردەم تۇرىۋالغاندىن كىيىن.

ئۇ گەپ قىلماسىتىن لىڭشىتتى. مەن ناھايىتى خۇشال ئىدىم، چۇنكى ئۇ مىنىڭ سۆزۇمگە ماقۇل بولغان ئىدى.

    كەچتە مومام بىزنىڭ ئەسلىدىنلا كەڭتاشا بولمىغان ئۆيىمىزگە بىر نەچچە پەردە تارتىپ ئىككىگە ئايرىدى. ئىنىم، مىنىڭ كارۋىتىمدا ياتتى. مومام ئىككىمىز بولسا بۇ تەرىپىدە ياتىغان بولدۇق. ياتقاندىن كىيىن مەن پەردىنى قايرىپ ئۇنىڭغا:

-قورقامسەن؟ قورقساڭ بىز تەرەپكە كىلىپ ياتقىن.- دىدىم.

-ياق، قورقمايمەن. -دىدى ئۇ بىشىنى چايقاپ تۇرۇپ.

    مەن <<ھە>> دەپ قويۇپلا ئارقامغا ئۆرىلىپ ياتتىم. بىردەمدىن كىيىن ئۇنى قورقىتىپ قويماقچى بولۇپ، پەردىنىڭ ئارقىسىدىن ئىتىلىپ چىقىپ، يۇقىرى ئاۋازدا ۋاقىرىدىم. دىلشاتنىڭ قورققىنىدىن چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ، تامنىڭ بۇلۇڭىدا تۈگۈلگىنىچە ماڭا قاراپ ئولتۇراتتى. مەن ئۇنىڭ بۇنچىۋالا قورقۇپ كىتىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن. ئۇنىڭ قۇرقۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، ئۆزۇمنى ئەيىپلىگىنىمچە ئاستا ئورنۇمغا كىلىپ يىتىۋالدىم. مومام ئۇخلاپ قالغاندىن كىيىن مەن ئاستا قولۇمنى ئۇ تەرەپكە چىقىرىپ، پەس ئاۋازدا:
- قورققان بولساڭ قولۇمنى تۇتۇپ ئۇخلىغىن-دىدىم. باشتا دىلشات ھىچقانداق ئىنكاس بىلدۇرمىدى. مەن قولۇم مۇزلاپ، تارتىۋالاي دەپ تۇرغاندىلا ئاندىن قولۇمنى ئاستا تۇتىۋالدى. مەن ئۇنىڭ قوللىرىنى چىڭ تۇتقىنىمچە بىردەمىلا ئۇخلاپ قالدىم.
شۇنداق قىلىپ بىز تونۇشقان بىرىنچى كۈنى ئىككىمىز بىر-بىرىمىزنىڭ قولىنى تۇتۇشقىنىمىزچە بىر كىچىنى ئۆتكۈزدۇق.
ئۇ يىلى مەن 12 ياش، دىلشات 11 ياش ئىدى.


2. پەقەت  مەن بىرلا


    مەن مەھەللىدىكى قىزلار ئىچىدە ئەڭ چىرايلىقى ئىدىم. بۇ مىنىڭ ئۆزۈمنى بەخىتسىز ھىس قىلماسلىقىمنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ئىدى.  ئەلۋەتتە، ئادەمگە تاشقى قىياپەتكە قاراپ باھا برىىشكە بولمايدۇ. ئەمما چىرايلىق قىزلارنى چۇشىنىشنى خالايدىغانلار كۆپ بولىدۇ. شۇڭا چىرايلىق قىزلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئاسانلا باشقىلار تەرىپىدىن بايقىلىدۇ. ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلار كۆپ بولىدۇ. مانا بۇ مەھەللىدىكى ئوغۇللارنىڭ ھەممىسىنىڭ ماڭا ئامراق بولىشىنىڭ، ماڭا كۆيىنىشىنىڭ سەۋەبى ئىدى. ئەمما مەن چوڭ بولغانسىرى ئەتراپىمدىكى دوستلىرىم ئازىيىپ كىتىپ باراتتى، ئوغۇللار بىزنىڭ دۇكانغا مىنى ئىزدەپ كەلمەس بولۇپ قالغان ئىدى. پەقەت قوشنا كوچىدىكى مەردانلا مىنى ئىزدەپ كىلىپ تۇراتتى ھەمدە ماڭا ئەينەك شارچە قاتارلىق نەرسىلەرنى سوۋغا قىلاتتى. ئاخىرى بىر كۈنى مەردانمۇ مىنى ئىزلەپ كەلمەس بولغاندىلا ئاندىن مەن بۇ ئىشنىڭ سىرىنى تاپتىم.

    ئۇ كۈنى مەن مەكتەپتىن قايتىپ كىلىۋىتىپ كوچا ئىغىزىدا دىلشاتنىڭ مەردان بىلەن تۇرغانلىقىنى كۆرۇپ، ئۇلارنىڭ قىشىغا بارماقچى بولۇپ تۇرغىنىمدا دىلشاتنىڭ:
-ئەمدى بىزنىڭ ئۆيگە كەلمە.- دىگىنىنى ئاڭلىدىم.

    -نىمىشقا؟- دىدى مەردان كۈلۈپ تۇرۇپ -سىنىڭ ھەدەڭ مەھەللىدىكى ئەڭ چىرايلىق قىز، مىنىڭ ئۇنىڭغا كۆڭلۈم بار.

-ئەمدى ھەدەمنى ئىزلەپ كەلمە.- دىدى دىلشات.  

- دىلشات، سەن بەك بەخىتلىك جۇمۇ! ئەگەر مەن ساڭا ئوخشاش كۈندە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇخلىغان بولسام ئۆلسەممۇ ئارمىنىم يوق ئىدى.....- مەردان يەنە بىر نىمىلەرنى دىمەكچى بولۇپ تۇراتتى. ئەمما دىلشاتنىڭ كۈچەپ سالغان بىر مۇشۇ ئۇنىڭ ئوڭدىسىغا ئۇچۇرىۋەتتى. مەردان:
-ساراڭ بولدۇڭمۇ؟!- دەپ ۋاقىرىغىنىچە دىلشاتقا ئىتىلدى.
    كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇلار پومداقلىشىپ كەتتى. مەن ھەيرانلىق بىلەن بىر تەرەپتە قاراپ تۇراتتىم. ئۇ ۋاقىتتا مەن بىرىپ ئۇلارنى ئاجىرتىۋىتىشنى ئويلىمىغان ئىدىم. چۇنكى گەرچە مەردان دىلشاتتىن چوڭ ھەم بەسىتلىك بولسىمۇ ئەمما دىلشات ئۇستۇنلۇكنى ئىگەللىگەن ئىدى. دىلشات جىنىنى تىكىپ، غەزەپ بىلەن مۇش ئاتاتتى. مۇھىمى مەن دىلشاتنىڭ نىمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ مەن بىلەن كۆرۈشۈشىنى توسىدىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى ئىدىم.
    بىردەمدىن كىيىن مەردان تەن بەردى. دىلشاتنىڭ يۈزلىرىمۇ ئىشىشىپ چىققان ئىدى.
-ئەمدى ھەدەمنى ئىزلىمە، ئەگەر يەنە ئىزدەيدىغان بولساڭ، سىنى بىر قىتىم كۆرسەم، بىرقىتىم تاياق يەيسەن.- دىدى دىلشات مەقسىتىگە يەتىمىگىچە بولدى قىلمايدىغان قىياپەت بىلەن.
    مەردان ماقۇللىقىنى بىلدۇرۇپ بىشىنى لىڭشىتتقاندىن كىيىن، ماڭا گەپمۇ قىلماستىن كىتىىپ قالدى. ئۇ ماڭا گەپ قىلىشقىمۇ جۇرئەت قىلالماي قالغان ئىدى.
مەن ئۇنىڭغا قارىماستىن دىلشاتنىڭ قىشىغا بىرىپ، ئۇنىڭ ئىششپ كەتكەن يۈزىنى سىلاپ تۇرۇپ:
    -ئاغرىدىمۇ؟- دەپ سورىدىم.
-ياق- دىدى دىلشات قولۇمنى ئىتتىرىۋىتىپ.
    مىنىڭ سەل ئاچچىقىم كەلدى. ئۇنىڭ  پەرۋازسىز قىياپەتكە كىرىۋىلىش مىنىڭ سەل ئاچچىقىمنى كەلتۇرگەن ئىدى.
- نىمىشقا مەرداننى ئۇرىسەن؟- دەپ سورىدىم مەن دىلشاتتىن چىرايىمنى پۇرۇشتۇرۇپ تۇرۇپ.
    دىلشات گەپ قىلماي تۇراتتى.
-ئەسلىدە ئالىم، ئەخمەتلەرنىڭمۇ مىنى ئىزدىمەس بولۇپ قالغىنى بىكار ئەمەسكەندە، ھەممىنى سەن قىلدىڭ شۇنداقمۇ؟- دەپ سورىدىم مەن تىخىمۇ ئاچچىقلاپ.
دىلشات بىشىنى ئاستا كۆتۈرۈپ، دانىمۇ دانە قىلىپ:
-ھەدە، يىنىڭدا پەقەت مەن بىرلا ئادەم بولسام بولمامدۇ؟-دىدى.

    مەن دىلشاتقا قاراپلا قالدىم. پەقەت بىرلا دىلشاتمۇ؟ گەرچە دىلشات ئانچە كۆپ گەپ قىلمىسمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغاندا مەن ئۆزۇمنى توختىماي تاغدىن-باغدىن سۆزلەپ تۇرىدىغان مەردان بىلەن تۇرغان ۋاقىتتىدىكىدىن ئازادە سىزەتتىم، ئۇنىڭ ئۇستىگە مۇنداق ئازادىلىك ماڭا ھەممىلا يەردە ھەمرا بولاتتى. دىلشات بىر نەچچە ئايلىق پۇللىرىنى  يىغىپ ماڭا پۇرچاق مانتىسى ئىلىپ بىرەتتى. ئەمەلىيەتتە مەن دىلشاتقا ئۆزۇمنىڭ پۇرچاق مانتىسىغا ئامراق ئىكەنلىكىمنى ئىيتىپ باقمىغان ئىدىم. پەقەت ناھايىتى بۇرۇن بىز ئۆيدە مانتا يىگەن ۋاقىتتا مىنىڭ تاللاپ تۇرۇپ ئىككى پۇرچاق ماتىسىنىلا يىگەنلىكىمنى ئۇ ئىسىدە ساقلىۋالغان ئىدى.  ھەر كۈنى دەرستىن چۇشكەندە ئۇ دەرۋازا ئالىدىدا مىنى ساقلاپ تۇراتتى. مەن مەكتەپتىن چىققاندىن كىيىن قولۇمدىن سومكامنى ئىلىپ كۆتۈرۋالاتتى. مەن ئۈچۈن كۈنلۈك تۇتۇپ بىرەتتى. پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ تۇرۇپ، مومام ئۇنىڭغا بەرگەن شارپىنى بوينۇمغا ئوراپ قوياتتى. مەن ئىغىزىمنى ئۈمچەيتىپ قاچا يۇيىۋاتقان ۋاقىتمدا ئۇ مىنىڭ يىنىمغا كىلىپ، قاملاشمىغان قوللىرى بىلەن قاچا يۇيۇپ كىتەتتى. مەن ئىھتىياتسزلىقتىن قاچىلارنى چىقىپ سالغان ۋاقىتمدا ئۇ مومامغا <<مەن چىقىۋەتتىم>> دەيتتى............

    مەن ئىختىيارسىز مەردان، ئالىم، ئەخمەتلەر يىنىمدا بولمىغان ۋاقىتتا دىلشاتنىڭ ھامان مىنىڭ يىنىمدا بولىدىغانلىقىنى بايقىدىم. شۇنداقلا مەنمۇ ھەم شۇنداق بولىشىدىن خۇشال ئىدىم.

    ئەتىسى مەرداننىڭ مومىسى كاپىلدىغىنىچە مومامنى ئىزدەپ كەلدى.
-سەن بىر بۆرە كۈچىكىنى بىقىپسەن.-دىدى ئۇ مومامغا.
مومام دىلشاتقا ھىچنىمە دىمىدى، مومام ئەزەلدىن دىلشاتنى ئەيىپلىمەيتتى. پەقەت ئۇنىڭغا قاراپ بىشىنى چايقاپ قوياتتى.

    شۇنىڭدىن كىيىن ھىچكىم مىنى ئىزدەپ كەلمەس بولدى. مەنمۇ بارا-بارا باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلماس بولدۇم.

ئۇ يىلى مەن 13 ياش، دىلشات 12 ياش ئىدى.


3.ئايرىلىش


    مومام ھىچقانداق بىشارەتسىزلا بىزدىن ئايرىلىپ كىتىپ قالدى. باشقا ئۇ پەقەت ئازراق زۇكام بولۇپ قالغان ئىدى، توختىماستىن يۆتىلەتتى. مەن ئۇنىڭغا دوختۇرغا كۆرۈنۈشنى ئىىيتسام ئۇ قەتئى ئۇنىمايتتى.
    -دوختۇرغا بىرىپ نىمە قىلىمىز؟ بىكار ئارتۇق پۇل خەجلەپ. دوختۇرلار كىسىلىڭنى داۋالاپ ساقايتالىسا كاشكى، ئۇلارنىڭ سىنى ئالداپ بىكار پايدا قىلمايدىغان دورىلارنى ساتىدۇ شۇ. ئۇنىڭدىن قايناق سۇ ئىچكەن ياخشى، قايناق سۇ ئىچىپ بەرسەم بىر نەچچە كۈندىلا ياخشى بولۇپ قالىمەن.- دەيىتتى ئۇ.

    ئەمما ئۇ ئىيتقان بىر نەچچە كۈن بەكلا كىچىكىپ كەتتى، ئەكىسچە ئۇنىڭ ئاخىرەتلىك كۈنلىرى بارغانىسىرى يىقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇ كۈنى كەچقۇرۇن مەن مەكتەپتىن قايتىپ كەلسەم مومام ئورۇندۇقتىلا سەكراتقا چۇشۇپ قالغان ئىدى. ئۇ كۆزلىرىنى ئىنىمغا تىكىپ ناھايىتى ئۇزاق تۇردى، ئاندىن ماڭا بىر قاراپ قويۇپ، بىر ئۇھسىندى-دە، بىر ئىغىزمۇ گەپ قىلماستىن، كۆزلىرى ئوچۇق پىتىلا كىتىپ قالدى. ئۇ كۈنى كىچىچە مەن ناھايىتى قاتتىق يىغىلاپ چىقتىم، دىلشات بولسا قوللىرىمنى چىڭ تۇتقىنىچە يىنىمدىن بىردەملىكمۇ ئايرىلمايتتى.

    كىيىن ئويلىسام شۇ كۈنى مومام بىلەن دىلشات ئىككەيلەن كۆزلىرى ئارقىلىق بىر ئىشلارنى دىيشكەن ئىكەن. مومام دىلشاتنىڭ كۆزلىرىدىن ئۇنىڭ مەقسىتىنى چۇشىنىپ يەتكەن شۇنداقلا مىنىڭ كەلگۈسىمنى كۆرگەن ئىكەن.

    مومامنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى تۇگىتىپ بولغاندىن كىيىن، مەن ئەزەلدىن ھىس قىلىپ باقمىغان تۇرمۇش بىسىمىنى ھىس قىلىشقا باشلىدىم. مومام ھايات ۋاقىتدا گەرچە نامرات بولساقمۇ، ياخشى نەرسىلەردىن بەھىر ئالالمىساقمۇ ئەمما قورسىقىمىز توق، كىيمىمىز پۇتۇن ئىىدى.  13 كۋادرات مىتىرلىق دۇكاننىڭ كىرىمى ۋە مومامنىڭ باشقىلارنىڭ پارچە-پۇرات ئىشلىرىنى قىلىپ تاپقان پۇلى ئىنىم ئىككىمىزنىڭ غەمسىز تۇرمۇش كەچۇرىشىگە يىتەتتى. مومام ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن دۇكانغا قارايدىغان ئادەم بولمىغاچ، دۇكاننى ئاچالمىغان ئىدۇق. يىتىپ يىسە تاغمۇ توشىمايدۇ دىگەندەك، بىر نەچچە ئايدىن كىيىن بىز بىر ۋاق تاماقمۇ يىيەلمەيدىغان ھالغا چۇشۇپ قالدۇق. بىزدە پۇل يوق ئىدى، دۇكاندىكى ماللارنى بولسا ئاللىبۇرۇن قۇرۇقداپ بولغان ئىدۇق. قۇرۇغدىلىپ قالغان مال جاھازىللىرىغا قاراپ مەن تۇنجى قىتىم قورساق ئاچىلىقىنىڭ قانچىلىىك ئازاپ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىۋاتاتتىم.
    -دىلشات، مەن بىر ئىش تىپىپ قىلىمەن.-مەن شۇنداق دىگىنىمچە ئىشكىنى ئىچىپ سىرتقا چىقتىم.
    دىلشاتمۇ ئۇندىمەستىن ئارقىمدىن ئەگىشىپ چىقتىم. پۇتۇن بىر كۈن قارىغۇچىلارچە كوچىلاردا چۆرگىلىپ يۇردۇم. مەندەك پارچە ئىش قىلىدىغانلارنى ئالىدىغان دۇكان يوق ئىدى. كەچ كىرگەندە يامغۇر يىغىشقا باشلىدى، دۇكانلار ئىتىلىپ بولدى، ئەمما مەن ھىچقانداق ئىش تاپالمىدىم. يامغۇردا پۇتۇم بەدەنلىىرم ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇنىڭ ئۇستىگە  بىر كۈن بىر نەرسە يىمىگەچكە قورسىقىم ناھايىتى ئىىچپ كەتكەن ئىدى. مەن ئۆزۇمنى ناھايىتى ئاجىز ھىس قىلىۋاتاتتىم. تۇيۇقىسز مومام خىيالىمغا كەلدى. مەنمۇ مومامغا ئوخشاش ئۆلۈپ كىتىدىغان بولدۇم دەپ ئويلىدىم مەن. دىلشات بولسا باشتىن ئاخىر ئۇندىمەستىن ئارقامدىن ئەگىشىپلا يۇرەتتى.
    -بولدى، مىنىڭ ئارقىمغا كىرىۋالما.-ئارقامغا بۇرۇلۇپ ۋاقىرىدىم مەن -مەن ئىش تاپالمىدىم، بىز ئەمدى ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالىدىغان بولدۇق، بىز ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ دىگىنە بىز قانداق قىلىمىز؟!!- مەن ئۆزۇمنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىمنى بىلمەيتتىم، راستىنلا قانداق قىلىش كىرەكلىكىنى بىلەلمەيۋاتاتتىم. كۆز ياشلىرىم بولسا يامغۇر تامچىللىرى بىلەن تەڭ ئىقىۋاتاتتى.
    دىلشات تۇيۇقىسىز كۈچ بىلەن ئىككى مۇرەمدىن تۇتۇپ، قەتئىيلىك بىلەن:
    -ھەدە، بولدى مەن مەكتەپتە ئوقۇمايمەن. مەن ئەتىدىن باشلاپ ئىش تىپىپ ئىشلەيمەن. مەن ھەرگىز سىنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قىلىشىڭغا يول قويمايمەن.- دىدى.
مەن بىر تەرەپتىن ئۆكسىسەم، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قالغان ئىدىم. قاچانلاردىدۇر ئۇنىڭ بويى ئۆسۈپ مەندىن بىر ئىلىك ئىگىز بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئەسلىدىكى ئاۋاق بەستىمۇ ئۆزگىرىپ قامەتلىك بولۇپ قالغان ئىدى. ئىغىز ئەتراپىغا بولسا يۇمشاق بۇرۇنلار چىقىشقا باشلىغان ئىدى. مىنىڭ بولسا كۆكسۈم كۆتىرىلىشكە باشلىغان بولۇپ، ھەر ئىككىمىز چوڭ بولغان ئىدۇق. بىز ئوغۇل ۋە قىز دەۋرىمىز بىلەن خوشلىشىپ ئەر ۋە ئاياللىق دەۋرىمىزنىڭ بوسۇغىسىغا قەدەم قويغان ئىدۇق. تەقدىرىمىزنىڭ قانداق بولىشىنى تاللىغىلى، ۋاقىتنى قايتا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولمايتتى. گەرچە مومام تۇگەپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما بىز يەنىلا تۇرمۇش كەچۈرمىسەك، ھايات قالمىساق بولمايتتى.

    دىلشاتنىڭ كۈچلۈك قوللىرى يەنىلا مۈرەمنى تۇتۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭ قامەتلىك بەستى ئالدىدا مەن ئاجىز كۆرۈنەتتىم. ئۇنىڭ كۈزلىرى قەتئىيلىك بىلەن ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئاغىزىنى ئۆمەللەيتتى يۇ، گەپ قىلمايتتى. ئويگە قايىتدىغان يولدا دىلشات ئىزچىل مىنىڭ يىنىمدا ماڭدى. مەن ئەمدى قورسىقىمنىڭ ئاچقانلىقىنى ھىس قىلمايتتىم، كۆز ياشلىرىممۇ توختاپ قالغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا مەھەللىدە ئويناپ كۈلۈپ يۇرىدىغان كىچىك قىزلىق ۋاقتىم مىنىڭ ئىرادەمگە بوي سۇنماستىن ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. دىلشاتمۇ ئەمدى مىنىڭ يىنىمدا  بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان كىچىك ئوغۇل ئەمەس ئىدى. مەن تۇيۇقسىز  گەرچە ئىككىمىز ئوخشاش بىر كوچىدا مىڭىۋاتقان بولساقمۇ، ئەمما كەلگۈسىنىڭ دىلشات ئىككىمىزنى ئارىۋەتكەنلىكىنى ھىس قىلۋاتاتتىم. ھىچ بولمىغاندا، دائىم مىنىڭ ئارقامدىلا يۇرۇيدىغان دىلشات، مىنىڭ يىنىمدا ماڭىدىغان بولدى.

    ئۇ يىلى مەن 15 ياش، دىلشات 14 ياش ئىدى.



4. ئىككى كىشلىك دۇنيا


    ئىنىم  ئوقۇش توختاتقاندىن كىيىن بىر قۇرلۇش  ئورنىدىن ئىش تاپتى.   ئۇنىڭ  بويى  ئىگىز ھەم بەستلىك  بولغاچقا ھۆددىگەر ئۇنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغان ئىدى. ئۇ كۆپرەك پۇل  تىپىش ئۈچۈن تىرىشپ  ئىشلەيىتتى. ئۇنىڭ تاپقان پۇللىرى ئىككىمىزنىڭ  تۇرمۇشىغا بىمالال يىتەتتى. بۇ ۋاقىتتا مەنمۇ قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالغان ئىدىم. مەنمۇ ناھايىتى تىرىشىپ ئۇگۇنەتتىم. چۇنكى دىلشات بەدەل تۆلەش ئارقىلىق  ماڭا داۋاملىق مەكتەپ فورمىسىنى كىيىش ھوقۇقىنى بەرگەن ئىدى. شۇڭا مەن ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشمىسام بولمايتتى. مەن دائىم  دىلشاتقا مەن چوقۇم ئالى مەكتەپكە ئۆتۈپ، خىزمەتكە چىقىپ پۇل تاپقاندىن كىيىن سىنى ئوقۇتىمەن دىسەم ئۇ ئارتۇق گەپ قىلماي كۈلۈپلا قوياتتى. ئەمما مەن ئۇنىڭ ئوقۇشتىن بىزار ئەمەسلىكىنى  بىلەتتىم. ئو ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا ھەر يىلى ئەلاچى بولۇپ باھالىناتتى. ئۇنىڭ  ئوقۇشتىن قىلىشى پەقەت ئامالسىزلىقتىن بولغان ئىش ئىدى.
    دىلشات ئىشتىن بالدۇر چۇشكەن كۈنلىرى بۇرۇنقىغا ئوخشاش مەكتەپكە مىنى ئالغىلى كىلەتتى. ئۇ كۆرۈشكەن  ۋاقتىمىزدا بۇرۇنقىغا ئوخشاش گەپ قىلماستىن  قولۇمدىن سومكامنى ئالاتتى-دە، قوينىدىن ھەرخىل پىچىنە-پىرەنىكلەرنى چىقىرىپ ماڭا بىرەتتى. بىزنىڭ مەكتەپ قىزلار ئوتتۇرا مەكتىۋى بولغاچقا ئوغۇللار ئاسانلا كۆزگە چىقىلىپ قالاتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي مەن بىلەن پارتىدا ئولتۇردىغان ئىلنۇر:
-گۈلشات، نەچچە كۈندىن  بىرى مەكتەپكە سىنى ئالغىلى كىلىۋاتقان چىرايلىق يىگىت كىم؟ سىنىڭ ئوغۇل دوستۇڭمۇ؟ -دەپ  سورىدى  مەندىن قۇلىغىمغا پىچىرلاپ.
    -ئۇ مىنىڭ  ئىنىم-دىدىم مەن جاۋابەن.
    -ھە! سىنىڭ ئىنىڭمۇ؟ نىمانداق  ياخشى، شۇنداق كىلىشكەن ئىنىڭ بار ئىكەن. ماڭا تونۇشتۇرۇپ  قويغىن بولامدۇ؟-دىدى ئىلنۇر ھاياجانلانغان ھالدا.
    -ساڭا تونۇشتۇرۇپ قويسام نىمە قىلىسەن؟
    -ئەلۋەتتە، ئارىلىشىپ  باقىمەندە...كىلىشىپ قالساق مۇھەببەتىلىشىپ قالمامدىم.
    -ئارىلىشىپ نىمە  قىلىسەن؟
    -گۈلشات-دىدى ئىلنۇر ھەيرانلىق بىلەن-سەن مۇھەببەتنى چۇشىنەمسەن يوق؟ ئەجىبا  سىنىڭ  ئوغۇل دوستۇڭ يوقمۇ؟
    -ياق، مەن ئوغۇللار بىلەن ئارىلىشىپ باقمىغان.
    -سەن ئوغۇللار بىلەن ئارىلىشىپ باقمىدىڭ؟ سەن شۇنچە چىرايلىق تۇرساڭ، ئەجىبا سىنى قوغلىشىدىغان ئوغۇللار چىقمىدىمۇ؟ دىمىسىمغۇ، سەن ئۇگۇنۇش قىلىشتىن باشقىنى بىلمەيسەن، كىتابنىڭ  ئىچىدىن چىمىساڭ، ئوغۇللار بىلەن  تونۇشقۇدەك پۇرسەتمۇ بولمايدۇ-دە. ئۇنداق بولسا سەن ئىنىڭنى ماڭا تونۇشتۇرۇپ قويغىن، مەنمۇ ساڭا بىر ئوغۇل بالا تۇنۇشتۇرۇپ قوياي، خاتىرجەم  بول، چوقۇم ساڭا يارىغۇدەك بالا تونۇشتۇرۇپ قويىمەن.
    -ھاجىتى يوق-ئىلنۇرنىڭ قىزغىنلىقى ماڭا ياقىمغان ئىدى. ئادەتتە مەن ئۇنىڭ بىلەن  ئۇنچە يىقىن ئەمەس ئىدىم. سىنىپتىكى باشقا  قىزلار بىلەنمۇ شۇنداق.
-ئۇنداق بولسا ئىنىڭ كىلەر قىتىم كەلگەندە ماڭا تۇنۇشتۇرۇپ  قوي ھە؟-ئىلنۇر ئەمدى ھەربىر ئىغىز سۆزىدە دىلشاتنى تىلغا ئىلىشنى  ئۇنتۇپ قالمايتتى.
    -بولىدۇ-دىدىم مەن ئامالسىز.
    شۇنىڭدىن كىيىن ئىلنۇر دىلشات كەلسە ئۇقۇلماي قىلىشتىن قورقۇپ، سىنىپنىڭ دەرىزىسىدىن مەكتەپ  دارۋازىسىغا قاراپلا ئولتۇرىدىغان  بولدى. يەنە مەندىن دائىم دىلشاتنىڭ تۇغۇلغان كۈنى قاچان؟ ئۇ قايسى قان تىپىغا تەۋە؟ قايسى  رەڭنى ياخشى كۆرىدۇ؟ قايسى چولپانغا چوقۇنىدۇ؟ دىگەندەك  سۇئاللارنى سورايىتتى.  بۇ سۇئاللارنىڭ  كۆپىنچىسىگە  مەن جاۋاب بىرەلمەيتتىم.  بىزنىڭ ھازىرقى تۇرمۇش شارائىتىمىز چولپانغا  چوقۇنۇش، ئۇنىڭ بۇنىڭغا ھەۋەس قىلىش دىگەنلەر يول  قويمايىتتى.
    ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، دىلشات يەنە بىر قىتىم مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا پەيدا بولغاندا ئىلنۇرنىڭ گۈزەل چۇشى رىئاللىققا ئايلاندى. ئۇ مىنىڭ قولۇمدىن تارتىپ تازلىق  ئۆيىگە ئەكىرىپ، قايتىدىن گىرىم قىلدى ۋە مەكتەپ فورمىسىنىڭ يوپكىسىنى قاتلاپ  قىسقارتىپ، ئەينەككە قارىغاچ، مەندىن:
    -چىرايلىق بولدۇممۇ؟-دەپ  سورىدى.
    -ھەئە-دىدىم مەن ئىلنۇرنىڭ گىرىم قىلىپ تىخىمۇ جەلىپكار  بولۇپ كەتكەن يۈزلىرىگە قاراپ. مەن ئەزەلدىن گىرىم قىلىپ باقمىغان ئىدىم. كىيىملىرىممۇ پەقەت بىر قۇر مەكتەپ فورمىسلا دىسەممۇ ئارتۇق كەتمەيتتى. ئىلنۇرنىڭ  ھازىر مۇشۇنداق ياسىنىپ چىقىپ دىلشات  بىلەن كۆرىشىدىغانلىقىنى ئويلاپ،  كۆڭلۈم ئىختىيارسىزلا غەش بولۇم قالدى.
    مەنمۇ ئەينەككە قاراپ ئەينەكتىن ئوزۇقلىنىش ياخشى  بولمىغاچقا ئورۇق، كىسەلچان كۆرىنىدىغان، چىرايى سەل تاتارغان، كۆزلىرى چوڭ، بەش ئەزاسى ناھايىتى چىرايلىق ئۆزۇمنى كۆردۇم، ئەمما ئەينەكتىكى مەن ئىلنۇردەك جەلىپكار ئەمەس ئىدىم.
    -ئىلنۇر،  مەن چىرايلىقمۇ؟-سورىدىم مەن.
    -چىرايلىق، ئالامەت گۈزەل سەن. ھەرنىمە بولسا دىلشاتنىڭ  ھەدىسى بولۇپ قاپسەن. بولدى، تىز ماڭە، دىلشاتنىڭ  قىشىغا چىقايلى-ئىلنۇر مىنى سۆرىگىنچە تازلىق  ئۆيىدىن چىقتى. مەن ئاخىرقى قىتىم ئەينەككە قارىۋالدىم.  ئەينەكتىكى  گۈلشاتنىڭ چىراي ئىپادىسى ناھايىتى ئازاپلىق ئىدى.
دىلشاتنىڭ مىنىڭ مەكتەپتىن چىققىنىمنى كۆرۈپ خۇشال كۈلۈمسىرگىنىچە ئالدىمغا كەلدى ۋە قولۇمدىن سومكىنى ئالدى.
    -بۇگۇن ھاردىڭمۇ؟-دەپ سورىدىم مەن.
    -ياق، ھەدە، تىپىپ باقە، مەن ساڭا نىمە ئالغاچ كەلدىم؟
    -بىلمەيمەن، قانداق ياخشى نەرسە؟
    دىلشات كونىراپ كەتكەن پادىچىلار ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىدىن بىر قەغەز بولاقنى چىقىرىپ ماڭا سۇندى.
    -مانتا، پۇرچاق مانتىسى.
    -ۋاھ نىمە دىگەن ياخشى، پۇرچاق مانتىسى يىمىگىلى بەك ئۇزۇن بوپتۇ.
    -ئىم.........تاقەتسىزلىك بىلەن يۆتىلىپ قويدى ئىلنۇر. دىلشات ئىككىمىز تەڭلا ئۆرىلىپ ئىلنۇرغا قارىدۇق. مەن ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنى پۇتۇنلەي ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدىم. دىلشات بولسا مەندىن باشقا ئادەملەرگە قاراپمۇ قويمايىتتى.
    -دىلشات، بۇياق مىنىڭ ساۋاقدىشىم، ئىسمى ئىلنۇر-دىدىم مەن تونۇشتۇرۇپ.
    -ياخىشىمۇسىز! مىنىڭ ئىسمىم ئىلنۇر، گۈلشات ماڭا دائىم سىزنىڭ گىپىڭىزنى قىلىپ بىرەتتى. سىز ئۇنىڭ ئىنىسى دىلشات، شۇنداقمۇ؟-ئىلنۇر بەلكىم مىنىڭ تونۇشتۇرىشىمنى بەكلا ئاددى بولۇپ قالدى دەپ ئويلىغان بولسا كىرەك. ئۆزى ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.
    -ھە، ياخشىمۇسىز!-دىلشات ئۇنىڭ بىلەن سۇسقىنە سالاملىشىپ قويدى-دە ماڭا قاراپ:
    -ھەدە، ئۆيگە قايتايلى-دىدى.
    -ھە، ماقۇل-دىدىم مەن جاۋابەن.
    -بىز بىللە تاماق يەيلى، ئۆيگە قايتىشقا ئالدىراپ نىمە قىلىسىلەر، سىلەرنىڭ ئۆيدە ھەدە-ئىنى ئىككىڭلارلا بارغۇ؟-دىدى ئىلنۇر بىزنىڭ ئالدىمىزنى توسۇپ.
    -بىزنىڭ ۋقتىمىز يوق-دىدى دىلشات سوغۇقلا.
    مەن ئىلنۇرنىڭ كۆڭلىنى ياساپ بىر نەچچە ئىغىز گەپ قىلىپ قويغاندىن كىيىن دىلشاتقا ئەگىشىپ ماڭدىم. نىمە ئۈچۈندۇر ئىچىمدە بىر خىل خۇشاللىق بار ئىدى. يولدا توختىماستىن تىكىستىنىمۇ تولۇق بىلمەيدىغان ناخشىلارنى ئوقۇپ مىڭىۋاتاتتىم.
    -نىمىگە شۇنچە خۇشال بولۇپ كەتتىڭ؟-سورىدى دىلشات.
    -ھىچنىمە-مەن ئارتۇق گەپ قىلماي، پۇرچاق مانتىسىدىن بىرنى ئىلىپ ئۆزۇمنى بىرنى چىشلىگەندىن كىيىن دىلشاتقا سۇندۇم.
    -مىنىڭ پۇرچاق مانتىسى بىلەن خوشۇم يوق، ئۆزۇڭ تىزرەك يە، ھىلى سوۋۇپ قالسا تەمى قالمايدۇ-دىدى دىلشات قوشۇمىسىنى تۈرۈپ تۇرۇپ.



5. تاكاللىشىش


    كەچتە مەن  ئۆيگە قايىتقاندىن كىيىن ئاددىيلا قىلىپ تاماق ئەتتىم. دىلشات ئىشتاھا بىلەن يەۋاتاتتى. مەن بولسام ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇراتتىم. دىلشات ھەقىقەتەن كىلىشكەن ئىدى. بۇيى تىخىمۇ ئۆسۈپ 1 مىتىر 80 دىن ئاشقان، كىچىكىدىنلا كۆپ ئەمگەك قىلغاچقىمىكىن، پۇت-قوللىرى شۇنداق ئۇزۇن، بويىمۇ ناھايىتى بەسىتلىك ئىدى. قوشۇما قاشلىق، كۆزلىرى چاقناپ تۇراتتى. ئىككى كىشىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولسا بىر خىل جەسۇرلۇق ئەكىس ئىتەتتى.

    -نىمانچىۋالا قاراپ كەتتىڭ-دىدى دىلشات مىنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ ھاڭۋىقىپ قالغىنىمنى كۆرۈپ.

    -مىنىڭ يىنىمدا ئولتۇردىغان ئىلنۇر سىنى بەك كىلىشكەنكەن دەپ ماختىدى، ئۇ تىخى سەن بىلەن مۇھەببەتلەشمەكچى-دىدىم مەن ئۈستەلنى سۇرتكەچ كۈلۈپ تۇرۇپ.

    خىلى بىر ھازاغىچە دىلشات جاۋاب قايتۇرمىدى، مەن بىشىمنى كۆتۈرۈپ دىلشاتنىڭ ئاجايىپ بىر خىل ئازاپلىق ئىپادىدە ماڭا تىكىپ تۇرغىنىنى كۆردۇم. ئۇنىڭ بۇ چىراي ئىپادىسى مىنىڭ چۇشتىن كىيىن ئەينەكتىن ئۆزۇمنى كۆرگەن ۋاقىتتىكى چىراي ئىپادەمگە ئوخشاش ئىدى.

    -نىمە بولدى؟-دىدىم مەن نىمە قىلىشىمنى بىلمەي.

    -شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى ماڭا تونۇشتۇرۇپ قويماقچى بولدۇڭ شۇنداقمۇ؟-دىدى ئۇ سۇغوقلۇق بىلەن. ئۇ ئەزەلدىن ماڭا بۇنداق تەلەپپۇزدا گەپ قىلىپ باقمىغان ئىدى.

   -شۇ، ئۇنىڭ سەن بىلەن تونۇشقىسى باركەن. شۇڭا مەن.....نىمە بولدى؟-مەن تىخىمۇ ھودۇقۇشقا باشلىدىم.

    دىلشات تۇيۇقسىزلا ئورنىدىن تۇرۇپ ئورۇندۇقنى ئۆرىۋەتتى.

    -سىنىڭچە مۇشۇ بەك ياخشى ئىشمۇ؟ نىمە دىگەن تىتىقسىز!

    دىلشات چاپىنىنى ئىلىپلا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. مەن بىر ھازاغىچە قولۇمدا سۇرتكۈچنى تۇتقىنىمچە قىتىپلا قالدىم. مەن ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم. ئۇ ئەزەلدىن ئاچچىقلاپ باقمىغان ئىدى. مەن ئۆزۇمنى تاشلىۋىتىلگەندەك ھىس قىلۋاتاتتىم. بۇرۇن ئىشلەۋاتقان ۋاقتتىن سىرىت ۋاقتلاردا چوقۇم مەن بىلەن بىرگە بولاتتى. ھازىر بولسا مەن ئۆيدە ئۆزۇم يالغۇزلا قالغان ئىدىم. مەن نىمە قىلىشىمنى بىلمەيتتىم، ماڭا ئولتۇرۇپ ئۇنى ساقلىماقتىن باشقا ئامال يوق ئىدى. مەن ئۇنى ساقلىغاچ ئۇ قايتىپ كەلسە ئۇنى راسا بىر ئەدەبلەپ قويۇشنى ئويلىدىم. ئەمما مىنىڭ ئۇنى ساقلىشىم ئۇنى ئەدەبلەش ئۈچۈن ئەمەس ئىدى. راستىمنى ئىيىتسام، مىنى بىر خىل قورقۇنۇچ چىرمىۋالغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ مەڭگۈ قايتىپ كەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەيتتىم. ئەگەر ئۇ قايتىپ كەلمىسە ئۆزۇمنىڭ قانداق ھايات كەچۈرىشىمنى تەسەۋۇر قىلالمايتتىم.

    يىرىم كىچە بولغاندا دىلشات قايتىپ كەلدى، ئۇنىڭ بەدىنىدە ھاراقنىڭ پۇرىقى بار ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ ئۆزۇمنى ئۇۋالچىلققا قالغاندەك ھىس قىلدىمدە يىغلاشقا باشلىدىم. مىنىڭ يىغلىغىنىمنى كۆرۈپ دىلشاتمۇ ئالاقىزادە بولۇپ كەتتى.

    -ھەدە، نىمىشقا تىخى ئۇخلىمىدىڭ؟ يىغلىمىغىنە؟ سەن......

    مەن تىخىمۇ بەك يىغلاشقا كۈچەپ يىغلاشقا باشلىدىم ھەمدە ئۇنىڭ مەيدىسگە كۈچەپ مۇشلاپ تۇرۇپ:

    -سەن نىمشقا مىنى تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كىتىسەن، ئەگەر سەن قايتىپ كەلمىگەن بولساڭ مەن قانداق قىلاتتىم؟-دىدىم.

    دىلشات دەرھال مىنىڭ مۇرەمدىن تۇتۇپ ئۆزىگە قاراتتى ۋە كۆزلىرىمگە تىكىلىپ تۇرۇپ:

    -ھەدە، مەن سىنى مەڭگۈ يالغۇز تاشلاپ قويمايمەن. -دىدى.

    مەن دىلشاتنىڭ ئەستايىدىللىق چىقىپ تۇرىغان كۆزىگە قاراپ ئىكىكىمىز ئاچ قالغان ئاشۇ يامغۇرلۇق كەچنى ئەسىلىدىم. ئۇ كۈنى دىلشات مىنى ئۈمىدسزلىق پاتقىقىدىن تارتىپ چىققان ئىدى. بۇگۇن بولسا مىنى قورقۇنۇچلۇق تەنھالىقنىڭ قوينىدىن تارتىپ چىقاردى. مەن دىلشاتقا ھاجەتمەن بولغاندا ئۇ چوقۇم يىنىمدا پەيدا بولاتتى. ھەر قىتىمدا شۇنداق....

    دىلشات مۈرۈمنى ناھايىتى چىڭ تۇتۇۋالغان بولغاچقا مۈرەم ئاغرىپ كەتكەن ئىدى. مەن ئۇنىڭ قولىدىن بوشىنىپ چىقماقچى بولۇپ كۈچىگەچ، ياش يۇقى كۆزلىرىم بىلەن ئۇنىڭغا كۈلۈپ تۇرۇپ:

    -ماڭ ئاچچىقلاشقا رۇخسەت يوق، ھاراق ئىچىشكە تىخىمۇ رۇخسەت يوق!-دىدىم.

    ئۇ قولىنى بوشاتماستىىن، مۈرۈمنى تىخىمۇ كۈچەپ تۇتۇپ تۇرۇپ:

    -ئۇنداق بولسا  سەنمۇ ماڭا ماقۇل بول، مەيلى نىمە ئىش بولىشىدىن قەتئىنەزەر، مىنى باشقىلارغا تاشلاپ بىرىشكە بولمايدۇ، مىن يالغۇر تاشلاپ قويما-دىدى.

    مەن ئىختىيارسىز بەدىنىمدە بىر خىل ئىسسىىقلىقنى سىزىۋاتاتتىم. ئۇنىڭ بەدىنىدىن چىققان ھارارەت ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق پۇتۇن بەدىنىمگە  تاراۋاتتى. مەن ئۆزۇمنى ئىرىپ كىتىدىغان ھىس قىلاتتىم.

    -مەن ساڭا ماقۇل بولاي-دىدىم مەن ئويلانمايلا، ئەمەلىيەتتە مەن ئۇنىڭ دىمەكچى بولغانلىرىنىڭ نىمىدىن دىرەك  بىىرىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم. مىنىڭ ئويلىشىمچە بەزى ئىشلار مەن بىلىپ-بىلمەيلا يۈز بەرگەن ئىدى. بەلكىم دىلشات مەلۇم بىر ئىشلارنى چۇشىنىپ بولغان ئەمما مەن تىخى چۇشەنمەيتىتم، ھىچ بولمىسا ھازىرچە چۇشەنمەيتتىم.

    دىلشات خۇددى يەلكىسىدىن بىر تاغنى ئىلىۋەتكەندەك ينىكلەپ قالغان بولۇپ، يۈزىدە يەنە  بالىلارچە سەبى كۈلكىسى ئەكىس ئىتەتتى. دىلشات يالغۇز قىلىشتىن مەندىنمۇ بەك قورقاتتى. ئىككىمىز ئايرىلىپ كىتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەگەر ئىككىمىزنىڭ بىرىمىز بولمىساق يەنە بىرىمىزنىڭ قانداق ھايات كەچۈرىشىمىزنى بىلمەيتتۇق.

    ئىلنۇر ئۆزىنىڭ دىلشات بىلەن بىرىنچى قىتىملىق ئۇچرىشىشدىن رازى بولمىغان ئىدى. ئىككىنچى كۈنى ئۇ مىنى تاشلاپ قويۇپ، ئۆزى دىلشاتنىڭ ئىش ئورنىغا بىرىپ ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز كۆرۈشمەكچى بولۇپتۇ. ئىلنۇر بارغاندا دىلشات بەدىنىنىڭ ئۇستىنى يالىڭاچلىۋىلىپ ئىشلەۋاتقان بولۇپ، دىلشاتنىڭ بەدىنىدىكى تەرلەر قۇياش نۇرىدا چاقناپ ئىلنۇرنىڭ كۆزىگە تىخمۇ جەلىپكار كۆرۈنەتتى.

    -دىلشات-توۋلىدى ئىلنۇر.

    دىلشات قولىدىكى سىمونىت خالتىسىنى تاشلاپلا ئىلنۇرنىڭ قىشىغا يۇگرەپ كەلدى.

    -نىمە ئىش؟ ھەدەمگە بىرەر ئىش بولدىما؟

   -ياقاي، گۈلشاتقا ھىچ ئىش بولمىدى.

    -ھە، ئۇنداق بولسا مەن بىرىىپ ئىشىمنى قىلاي.

    دىلشاتنىڭ پوزىتسىيسى بىردىنلا سوغۇقلىشىپ كەتكەن ئىدى.

    -كەتمەي تۇرۇڭ-دىدى ئىلنۇر دىلشاتنىڭ قولىدىن تۇتىۋىلىپ-مىنىڭ ئىشىم بار.

    -كەچۇرۇڭ، سىزنىڭ ئىشىڭىز مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز.-دىدى دىلشات ئۇنىڭ قولىنى چۇشۇرىۋىتىپ.

    ئىلنۇر ئۇنىڭ ئۆزىگە نىمىشقا بۇنداق سوغۇق مۇئامىلە قىلدىغانلىقىنى چۇشەنمەيتتى. ئۇ چوڭ بولۇپ مۇشۇ ۋاقىتقىچە تىخى ھىچكىم بۇنداق  سوغۇق تىگىپ باقمىغان ئىدى.

    -نىمىشقا بۇنداق قىلىسىز؟ مەن شۇ سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلاي دىگەن، دوس بولۇپ قالساق بولمامدىكەن؟-دىدى ئىلنۇر كۆزلىرىگە ياش ئىلىپ تۇرۇپ.

    ئەمما بۇ دىلشاتقا قىلچە تەسىر قىلمىغان ئىدى.

    -سىز مەن بىلەن مۇھەببەتلەشمەكچى شۇنداقمۇ؟-دىدى دىلشات يەنىلا سوغۇقلۇق بىلەن.

    ئىلنۇرنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى. ئۇ گەپ قىلماستىن يوپكىسىنى سىقىمدىغىنىچە تۇراتتى.

    -سىز مىنىڭ نىمەمنى ياخشى كۆرىسىز؟ چىرايىمنىڭ سەل چىرايلىق بولغىنى ئۈچۈنمۇ؟ ئىككىمىز بىر دۇنياغا تەۋە ئەمەس، سىز مەڭگۈ مىنىڭ دۇنيارىمغا كىرەلمەيسىز-دىدى دىلشات.

    ئىلنۇر قايىل بولمىغان ئىدى.

    -مىنىڭ نەرىم ياخشى ئەمەسكەن، سىزنىڭ دۇنيارىڭىز نىمە بوپتۇ؟ ئەجبا سىزنىڭ ئۇ دۇنيارىڭىز بىر قىزنىمۇ سىغدۇرالمامدۇ؟-دىدى ئىلنۇر.

    -ئۇ يەردە پەقەت بىرلا ئادەم بار-دىدى دىلشات بىشىنى تۆۋەن سىلىپ ئالدىرماستىن.

    -گىپىنىڭ چىرايلىقلىقىنى، ئەسلىدە قىز دوستىڭىز باركەندە؟ ئۇنداق ئادەم باشتا ئۇدۇللا دىسىڭىز بولمامدۇ؟ نىمە قىلىسز مىنى ئەخمەق قىلىپ.-دىدى ئىلنۇر ئاچچىقلاپ.

     -مەيلى قانداق ئويلىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى، ئىشقىلىپ ئىككىمىزنىڭ بىرگە بولىشى مۇمكىن ئەمەس.

    -ئۇنداق ئادەمنى تۆۋەن كۆرمەڭ، كىم سىز بىلەن بىرگە بولىمەن دەپتۇ.

    ئىلنۇر يىغلىغىنىچە يۇگۇرۇپلا كىتىپ قالدى. دىلشات تۇيۇقسىز بىر نەرسىنى ئىسىگە ئالغان بولسا كىرەك. ئىلنۇرنى چاقىردى:

    -ھەي، توختاپ تۇرۇڭ-ئىلنۇر يەنە  ئۈمد بولسا كىرەك دەپ قەدىمىنى توختاتتى.

    -مىنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىڭىزنى ھەدەمگە  ئىيتماڭ؛

    ئىلنۇرنىڭ ئەمدى پۇتۇنلەي ئۈمىدى ئۈزۈلگەن ئىدى.

    -كىم سىزنى ئىسىدە ساقلايدىكەن. مەن ئەمدى مەڭگۈ سىزنىڭ ئىسمڭىزنى تىلغا ئالمەيمەن-دىدى ئىلنۇر ئارقىغا بۇرۇلۇپ.

    ئىككىنچى كۈنى دەرس ۋاقىتدا ئىلنۇر مەندىن سورىدى.

    -ئىنىڭنىڭ قىز دوستى باركەن ھە؟

    -ياقەي-دىدىم مەن نىمە  ئىشلىقىنى بىلمەي.

    -بولدىلا، ئىچىڭدە چىڭ ساقلا، سەندەك مۇھەببەتنى چۇشەنمەيدىغان ئادەمگە بۇنى دىگەننىڭمۇ پايدىسى يوق-دىدى ئىلنۇر ياراتمىغاندەك  تەلەپپۇزدا.

    مەن ئۇندىمەستىن بىشىمنى تۆۋەن سالدىم. ئىلنۇرنىڭ سۆزلىرى مىنىڭ غەلىتە قىلىپ قويدى، خۇددى يۇرىكىمنى تاش بىسىۋالغاندەك بولۇپ قالغان ئىدىم.

13 ياشتىن بۇيان مەن يات كشىلەر بىلەن يىقىن بولۇپ باقمىغان ئىدىم. مىنىڭ دۇنيارىمدا پەقەت دىلشاتلا بار ئىدى، ئۇنىڭمۇ ھەم ئوخشاش ئىدى. ئەمما ھازىر دىلشاتنىڭ قىشىدا راستىنلا بىر ئادەم كۆپىيىپ قلدىمۇ؟ شۇڭا ئۇ قايسى كۈنى ھىچ ئىشتىن ھىچ ئىش يوقلا ئاچچىقلاپ كەتكەنمىدى؟ پۇتۇن بىر كۈن مەن مۇشۇلارنى ئويلاپ گاراڭ-گۇرۇڭلا يۇردۇم.

     كەچتە يامغۇر ياغدى، دىلشات خىلى كەپ بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ كەلمەيۋاتاتتى. ئادەتتە ئۇ ئىشتىن كەچ قايىتقان ۋاقىتلىرىدا مەن ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئۇنى ساقلايتتىم. ئەمما بۇگۇن مەن ئولتۇرالمايلا قالغان ئىدىم، كۆڭلۈم ئىنتايىن ئەنسىز ئىدى. بىلمەن، ئىلنۇرنىڭ سۆزلىرى مىنى مۇشۇنداق قىلىپ قويغان ئىدى. مەن دىلشاتنىڭ يىنىدا باشقا بىرسىنىڭ بولىشىنى خالىمايتتىم.

    مەن كوچا ئىغىزىغا چىقىپ دىلشاتنى ساقلاپ تۇرماقچى بولۇپ، كۈنلۈكنى ئىلىپ ئىشىكتىن چىقتىم. ئەمما مەن ئىشىكتىن چىققان ئاشۇ دەقىقىدە تەقدىرىمنىڭ پۇتۇنلەي ئۆزگىرىپ كىتىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن.


6. نابۇت بولۇش



    مىنىڭ ئىشىكتىن چىقىشىم بىر موتىسكىلىتقا مىنىپ، ئۇچقاندەك كىلىۋاتقان ئۇچەيلەننىڭ دەل بىزنىڭ ئىشىكتىن ئالدىدىن ئۆتىشىگە توغرا كىلىپ قالغان ئىدى. چىقىراق تورمۇز ئاۋازدىدىن كىيىن بىز يىقىلىپ پومداقلىشىپ كەتتۇق.

    -ئاناڭنى.......، كۆزۈڭ يوقمۇ سىنىڭ؟-دەپ ۋاقىرىدى ئۇچەيلەننىڭ ئارىسىدىكى بىرى مىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ. مىنىڭ پۇتۇم يارىغانلانغان، پۇتۇن بەدىنىم يامغۇردا ھۆل بولۇپ كەتكەن بولۇپ، ھالىم ناھايىتى خاراب ئىدى. مەن ئورنۇمدىن قوپۇش ئۇچۇن تىرىشقاچ، ئۇلاردىن توختىماي ئەپۇ سورايىتتىم.

    قالغان ئىككەيلەنمۇ ئورنىدىن تۇردى. چاچلىرىنى ساپسىرىق بويىۋالغان بىرى بىرنى تىپىپ، ئەمدى ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلگەن مىنى يەنە يىقىتىۋەتتى. ئۇ بايا يارىلانغان پۇتۇمغا قاتتىق تىپىۋەتكەچكە، مەن ئاغرىق دەستىدىن مىدىرلىيالمايلا قالغان ئىدىم.

    -يوقال!-سىرىق باش مىنى يەنە بىرنى تەپمەكچى بولۇپ تۇرغاندا، باشتا ماڭا گەپ قىلغان بىرى ۋاقىراپ ئۇنى توسىۋالدى.

    -سىز گۈلشاتمۇ؟-دىدى ئۇ تەئەججۇپ بىلەن.

    -مەردان؟-مەن ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ، خىلى ئۇزۇندىن كىيىن ئۇنى تونىدىم.

    -سەن ئىكەنلىكىڭنى تونۇماپتىمەن. كۆرۈشمىگىلى نەچچە يىل بوپتۇ.-دىدى ئۇ مىنى يۆلەپ تۇرغۇزغاچ-يارىلانغان ئوخشايسەن، مەن سىنى يۆلەپ ئۆيگە ئەكىرىپ قوياي.

    مەردان مىنىڭ بىلىمدىن قاماللاپ يۆلىگىنىچە ئۆيگە ئەكىرىپ قويدى. ئەمما ئۆيگە كىرگەندىن كىيىنمۇ ئۇ قولىنى قويىۋىتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ماڭا غەيرى تۇيۇلۇپ، ئاستا ئۇنىڭ قولىنى چۇشۇرىۋەتتىم. كىيىملىرىم يامغۇردا ھۆل بولۇپ، بەدىنىمگە چاپلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئەمدىلا يىتىلىشكە باشلىغان بەدىنىم مانا مەن دەپ كۆرۈنۇپلا قالغان ئىدى.

    -گۈلشات، سەن بۇرۇنقىدىنمۇ چىرايلىق بولۇپ كىتىپسەن-دىدى مەردان كۆكسىمگە تىكىلگەن كۆزلىرىنى قىلچە يۇشۇرماستىن.

    مەن ئوڭايسىزلىنىپ، ئۇندىمەستىن ئۇنىڭغا ئارقامنى قىلىۋالدىم.

    -پۇتۇڭ ئاغىرىۋاتامدۇ؟ مەن قاراپ باقاي-مەردان مىنىڭ يىنىمدا ئولتۇرۇپ شۇنداق دىگىنىچە قولىنى يوپكامنىڭ ئىچىگە سالدى.

    -بولدى، سىزنىڭ يەنە ئىشىڭىز باردۇر؟ سىز ئىشىڭىزنى قىلىۋىرىڭ؛ سەل تۇرۇپ دىلشات كەلسە ئۆزى كۆرۈپ قويىدۇ-دىدىم مەن دەرھال ئۇنىڭدىن ئۆزۇمنى قاچۇرۇپ.

    -ئۇ مىنىڭ تۇنجى سۆيگۈنۇم، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئىنىسى تىخى ئۇنىڭ ئۈچۈن مەن بىلەن ئۇرۇشقان-دىدى مەردان قاقاقلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ ئارقىدىكى ئىككەيلەنگە.

    -مەردان ئاكا، كۆزۈڭ مال تونۇيدىكەن جۇمۇ-دىدى بايىقى سىرىق باش كۈلۈپ.

    مەردان سەت كۈلگىنىچە قىلچە ئەيمەنمەستىن ماڭا يىقىنلىشىشقا باشلىدىم. مەن تامغا چاپلىشىپ تۇرغاچقا ئۆزۇمنى قاچۇرالمايتتىم.

    -مەن ئوينىغان قىزلارنىڭ ئىچىدە قايسىسى ياخشى ئەمەس-دىدى مەردان قولىنى يوتامغا قويۇپ.

    -يوقال، ماڭا چىقىلما-قاتتىق ۋاقىرىدىم مەن.

    -بۇگۇن مەن زىرىكىپ تۇرغاندا ئۆزۇڭ ئالدىمغا كەپسەن، سىنى قانداقمۇ قويىۋەتكىلى بولسۇن-دىدى مەردان سەت ھىجىيىپ.

    مەردان قىلچە كۈچىمەستىنلا مىنى ئاستىغا بىسىۋالدى. مىنىڭ پۇتۇم يارىلانغان بولغاچقا مىدىرلىيالمايىتتىم. ۋاقىرىغان ئاۋازىمنى بولسا سىرتتىكى گۈلدۇرماما ۋە چاقماقنىڭ ئاۋازى بىسىپ كىتەتتى. مەردان بىردەمدىلا كىيىملىرىنى يىرتىپ دىگۈدەك سالدۇرۋەتكەن ئىدى.

    -دىلشات!!!-قاتتىق ۋاقىرىدىم مەن مەردان ئامانەتنى يوق قىلىغىنىدا چىدىيالماي.

    ئارقىدىنلا مەن دىلشاتنى كۆردۇم. دىلشاتنىڭ پىچىقى مەرداننىڭ بەدىنىنى تىشىپ ئۆتۈپ، مىنىڭ قورسىقىمىنىمۇ تىلىۋەتكەن ئىدى. مىنىڭ بەدىنىم بىردەمدىلا قىزىلغا بويىلىپ كەتتى.

    دىلشات مەرداننىڭ جەسىتىنى كۆتۈرۈپ ئىلىپ، يەرگە تاشلىۋەتكەندىن كىيىن مايكىسىنى سىلىپ، مىنىڭ بەدىنىمنى ئوراپ قويدى. مەن بىر ئىغىزمۇ گەپ قىلالمايتتىم، پەقەت ئۇنسىز ياش تۆكىۋاتاتتىم.

    ئىشىك ئالدىدا تۇرغان ئىككىسى ئۆي ئىچىدىكى ئەھۋالنى كۆرۈپ، قوررىققىنىدىن ھاڭۋىقىپلا قالغان ئىدى.

    -مەن...مەن...مەن بىرىپ غالىپ ئاكامنى چاقىرىپ كىلىمەن-ھىلقى سىرىق باش يەردە مىدىرلىيالماي ياتقان يەنە بىر ھەمراھىغا شۇنداق دەپ قويۇپ ئاقسىغان پىتى كىتىپ قالدى.

    دىلشات مىنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇراتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرى قان قۇيۇلغاندەك قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ، پىشانىسىدىكى تومۇرلىرى كۆپۈپ چىققان ئىدى.
    -سەن ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتتىڭمۇ؟-سورىدىم مەن مەرداننىڭ جەسىتىگە قاراپ.

    دىلشات گەپ قىلماستىن بىشىنى لىڭشىتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئاقماقتا ئىدى. ئۇ مىنىڭ مۇرەمدىن قۇچاقلاپ، مىنى خۇددى ئۆز بەدىنىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۋەتمەكچى بولغاندا كۈچەپ ئۆزىگە تارتاتتى. دىلشاتنىڭ كۆزىدىن ئاققان ياش مىنىڭ يۈزلىرىمگە چۇشەتتى-دە، يۈزلىرىمدە ئىسسىق ئىقىمنى قالدۇرۇپ پەسكە ئىقىپ كىتتەتتى.

    - بىز مۇشۇ يەردە بىللە ئۆلۈپلا كىتەيلى بولامدۇ، دىلشات؟ بىز بىللە ئۆلەيلى-دىدىم مەن سۇسقىنا.

    -بولىدۇ-دىدى دىلشات. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قەتئىيلىك چاقنايتتى. مەن بولسام ئۆزۇمنى ناھايىتى خاتىرجەم سىزەتتىم، خۇددى ئۆلۈمدىن كىيىنكى خاتىرجەملىكتەك.

    بىز بىر-بىرىمىزنى قۇچاقلاپ، خۇددى جىنى يوق ھەيكەللەرگە ئوخشاش تۇراتتۇق. بىزنىڭ داۋاملىق ھايات كەچۈرۈش ئۈمىدىمىز ۋە ئىرادىمىز يوق بولغان ئىدى. مۇشۇنداق ئۆلۈپ كەتكەن بولساقمۇ ياخشى بولاتتى. ھىچ بولمىغاندا ئىككىمىز مەڭگۈ ئايرىلمايتتۇق. دەپ ئويلاتتىم مەن.

    ئۇزۇن ئۆتمەي سىرىتتىن ماشىنىنىڭ سىگنال بەرگەن، تورمۇز قويغان ئاۋازلىرى ئاڭلاندى ۋە بىرى ئىشىكنى قاتتىق تىپىپ ئىچىۋەتتى. ئىشىكتىن بوي-بەسىتلىك، چىرايىدا ھىچقانداق ئىپادە يوق بىرى كىرىپ كەلدى.

    -ئاكا، دەل مۇشۇ ھارامتاق، مۇشۇ مەرداننى ئۆلتۈرىۋەتتى-دىدى ھىلقى سىرىق چاچ.

    ئىشىكتىن باشتا كىرگەن ئوتتۇرا ياش ئادەم مەرداننىڭ جەسىتى ئالدىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، مەن ۋە دىلشاتنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئەمما مەندە قورقۇش، ئالاقىزادە بولۇشتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى، چۇنكى ئەينى ۋاقىتتا روھى جەھەتتىن مىنىڭ ئۆلگەن ئادەملەردىن پەرقىم يوق ئىدى. ئۇ قورالىنىڭ ئۇچىنى دىلشاتقا توغىرلىدى. ئەگەر دىلشات ئۆلسە مەنمۇ يەردىكى پىچاق بىلەن ئۆزۇمنى ئۆلتۇرىۋالىمەن دەپ ئويلىدىم مەن. ئەمما ئۇ كىشى ئوق چىقارمىدى، ئۇ تاپانچىنى ئالدىرماي ماڭا توغۇرلىدى. دىلشات بىردىنلا تىترەپ كەتتى-دە، بىر قولى بىلەن مىنى تىخىمۇ چىڭ قۇچاقلاپ يەنە بىر قولى بىلەن تاپانچىنىڭ ئۇچىنى تۇتىۋالدى. ئالدى بىلەن مىنى ئۆلتۈرمەكچىمۇ، تىخى ياخشى، ئۇنداق بولسا پىچاقنى ئىلىتىشنىڭ زۆرۈرىيتى قالمايدۇ.دەپ ئويلىدىم مەن.

    ئويلىمىغان يەردىن ھىلىقى كىشى ئوق چىقارماستىن تاپانچىنى چۈشۈرىۋالدى ۋە ھىلقى سىرىق چاچقا قاراپ:

    -مەن ھەممىدىن مۇشۇنداق ئىشقا ئۆچ. مەرداننىڭ جەسىتىنى بىر تەرەپ قىلىۋىتىڭلار. پاكىزراق قىلىڭلار-دىدى.

    -ئاكا، سەن بۇ ھارامتاماقنى قويىۋەتمەكچىمۇ؟ ئۇ مەرداننى ئۆلتۇرىۋەتكەن تۇرسا؟-دىدى سىرىق چاچ ۋاقىراپ.

    ھىلقى كىشى سەت بىر قارىغان ئدى سىرىق چاچنىڭ زۇۋانى يىغىلدى. ھىلقى كىشى بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ ماڭغاچ:

    -ئەتە سائەت 10 دا <شەرق چولپىنى>بەزمىخانىسىغا بىرىپ مىنى ئىزدە-دىدى ھىلقى ئادەم.

    -ئاكا، سەن ئۇنى بىزنىڭ سىپىمىزگە قوشۇلسۇن دىمەكچىمۇ؟-ۋاقىراپ دىدى سىرىق چاچ ھەيرانلىقىنى باسالماي.

    -بۇگۇنكى ئىش مۇشۇ يەردە تۇگىدى. بۇ ئىشنى باشقىلار ئۇقمىسۇن دىدى-ھىلقى ئادەم سىرىق چاچنىڭ سۆزىنى بۆلۇپ.

    -سەن بولىدىكەنسەن. مەن سەندەكلارنى ياقتۇرىمەن. ئەمما بىلىپ قال، ئەتە سەن چوقۇم مىنى ئىزدىشىڭ كىرەك. ئەگەر مىنى ئىزدىمەيدىكەنسەن، مەن بولدى قىلۋەتكەن تەقدىردىمۇ ساقچىلار سىنى بوش قويمايدۇ-دىدى ئۇ دىلشاتقا قاراپ.

    كۆزلىرىدىن ئىزچىل قەتئىيلىك چاقناپ تۇرغان دىلشات بىردىنلا گاڭگىراپ قالغان ئىدى. مەن بولسام روھىم ئەمدى قايتىپ كەلگەندەك، قىلچە ھاياتلىقنىڭ نۇرى ئەكىس ئەتمەيدىغان كۆز نۇرۇمنى بۇ ئادەمگە تىككەن ئىدىم. ئاسماننى يىرىپ ئۆتكەن بىر چاقماق بىلەن تەڭ مەن بىر سىلكىندىمدە، دىلشاتنىڭ قوينىدا ھوشۇمدىن كەتتىم.

    ئۇ يىلى مەن 17 ياش، دىلشات 16 ياش ئىدى.


7. شەرق چولپىنى بەزمىخانىسى



    ئاشۇ يامغۇرلۇق ئاخشامدىن كىيىن مەردان خۇددى بۇ دۇنيادا ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇپ باقمىغاندەك، كىشلەر ئارىسىدىن يوقالغان ئىدى. ئۇنى بىر كىم ئىزلەپمۇ يۇرمىدى، دىلشاتنىمۇ ھىچكىم تۇتقىلى كەلمىدى. چۇنكى دىلشات ھىلىقى ئوتتۇرا ياش ئادەم-غالىپ ئاكىغا ئەگەشكەن ئىدى. دىلشات بىر تەرەپتىن غالىپ ئاكىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرمەي ئۆلۈمدىن قۇتقۇزىۋالغانلىقىغا مىننەتدار بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ھىيلىگەرلىكىدىن ئىھتىيات قىلاتتى. ئۇ مانا مۇشۇنداق بىر خىل مۇرەككەپ ھىسياتى بىلەن غالىپ ئاكىغا ئەگەشكەن ئىدى. دىلشات ئۆزىنىڭ قانداق بىر يولغا كىرىپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن ئىدى، ئۇ بۇ يولدىن ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئۇمىدىنى كۆردى، شۇنداقلا زۇلمەت كەلگۈسىنى كۆردى.

    غالىپ ئاكا مۇشۇ رايوندا يىڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان گورۇھنىڭ ئاتامانى ئىدى. ئۇ كۆپنى كۆرگەن، ئۇنىڭ ئۇسىتىگە بىر ئىشلارنى ناھايىتى سوغۇق قانلىق بىلەن مۇلاھىزە قىلىدىغان خاراكتىرگە ئىگە بولغاچقا، گورۇھ قۇرۇپ ئۆزۇن ئۆتمەيلا، مۇۋاپىقىيەتلىك قىلىنغان بىر نەچچە قىتىملىق سودىسى ئارقىلىق  تىزلا باش كۆتۈرۈپ، بۇ قاراشلىق رايوندا نامى بار كىشلەردىن بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ دىگىنىدەك دىلشاتنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتتى، خىلى چوڭ سودا-سىتىقلارنىمۇ دىلشاتنىڭ قولى ئارقىلىق قىلاتتى. دىلشات ئەزەلدىنلا سوغۇققان، قارام، قورقماس بولغاچقا، قارا جەمىيەتكە كىرگەندىن كىيىن ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تالانتىنى نامايان قىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ غالىپ ئاكىنىڭ مۇھىم ياردەمچىللىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يىشى ئەڭ كىچىكى ئىدى.

    مەن بولسام، ئاشۇ يامغۇرلۇق ئاخشامدىكى زورلۇققا ئۇچرىغاندىن كىيىن روھى جەھەتىن پۇتۇنلەي تۇگەشكەن ئىدىم. بۇ ئىشتىن كىيىن ئەسلىدىنلا ئىچ مىجەز بولغان مەن، تىخىمۇ شۇكلەپ كەتكەن. دىلشات مىنى ناھايىتى ئاسرايىتتى، ماڭا زەربە بولماسلىقى ئۈچۈن ھىچكىمنىڭ ئاشۇ كۈندىكى ئىشنى تىلغا ئىلىشغا يول قويمايىتتى. ھەتتا مۇشۇ ئىش ئۈچۈن ھىلقى سىرىق چاچ بىلەن يەنە بىر چوماقچى <شەرق چولپىنى>دىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئىدى. ئەمما يامغۇر ياغسىلا مەن خۇددى شۇ كۈندىكىدەك تۇگۇلۇپ، ۋاقىراپ، ھىچكىمنى يىنىمغا كەلتۇرمەي، ھوشۇمدىن كەتكۈچە يىغلايتتىم. دوختۇرنىڭ دىيىشىچە، روھى زەربە بەك كۈچلۈك بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن داۋالاپ ساقايىتقىلى بولمايدىكەن.

    شۇ ئىشتىن كىيىن مەن بىر مەزگىل دىلشاتقا قاراشقىمۇ جۇرئەت قىلالماي يۇرگەن ئىدىم. چۇنكى مەن كۆزلرىمنىڭ دىلشاتنىڭ سەبىيلىك، قەتئىيلىك يىنىپ تۇرىدىغان كۆزلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قىلىشدىن قورقاتتىم. ئەگەر كۆزلىرىمىز ئۈچرىشىپ قالسا مەن ئۆزۇمنىڭ بەرداشلىق بىرەلمەيدىغانلىقىمنى بىلەتتىم. چۇنكى مەن ئەزەلدىنلا دىلشاتتىن ئاجىز ئىدىم، خىلىلا ئاجىز ئىدىم. ئەمما قانداقلا بولمىسۇن مىنىڭ ياشىشىم كىرەك ئىدى، بىز ئاچىلىقتىن ئۆلۈپ قالمىدۇق، غالىپ ئاكىمۇ بىزنى ئىتىۋەتمىدى. شۇنداق بولغان ئىكەن ياشىشىمىز كىرەك ئىدى، چۇنكى بىز ئىزچىل بىر-بىرىمىزگە تايىناتتۇق. بىز ياشاش ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن ياشىشىمىز كىرەك  ئىدى.

    ئەمىلىيەتتە تۇرمۇش شۇنداق ئىدى. ئادەم قانداقتۇر يۈكسەك غايە ۋە ئۇلۇغۋار مەقسەت ئۈچۈن ياشىماستىن، بەلكى ھاياتىنىڭ مەلۇم يىرىگە كەلگەندە دەل مۇشۇلارغا دۇچ كىلىپ قالغان بولاتتى.

    دىلشات بارا-بارا ئالدىراش بولۇپ كىتىشكە باشلىدى، ئەمما ئۇ بۇرۇنقىدەكلا مىنىڭ بارلىقىمغا كۆڭۈل بۆلەتتى. ئۇ ئالدىراشلىقتىن مەكتەپكە مىنى ئالغىلى كىلەلمىسە جۇرئەت ئىسىملىك بىر <ئىنىسى>نى مىنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن ئەۋەتەتتى. مەكتەپتىكىلەر مىنىڭ قارا جەمىيەت بىلەن چىتىشلىق ئىكەنلىكىمنى بىلىپ، مەندىن تىخىمۇ يىراقلاشقان ئىدى. ئەمما بۇ مەن بۇلارغا ئاللىقاچان كۈنۈك ئىدىم. ماڭا پەقەت دىلشاتلا بولسا ئۆزۇمنى تەنھا ھىس قىلمايتتىم.

    نىمىشقىكىن، ھەر كۈنى كەچقۇرۇن ئۆيدە ئۆزۇم يالغۇز قالغان ۋاقتىمدا مەن دىلشاتنى سىغىناتتىم. ئۇ نىمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟ كىملەر بىلەن بىرگە يۇرىدىغاندۇ؟ دىگەنلەرنى ئويلايىتتىم. توختىماستىن سائەتكە قارايىتتىم، ئۇنىڭ قايتىپ كىلىدىغان ۋاقىتىنى تەخمىنەن ھىسابلاپ باقاتتىم. بۇ خىل سىغىنىش خۇددى ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ئۇرۇققا ئوخشاش مىنىڭ قەلىب ئىتىزىمدا ئاستا-ئاستا بىخ سۇرىۋاتاتتى. ئاخىر بىر كۈنى مەن بۇ خىل نىمە سەۋەپتىن ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان ئازاپقا چىدىيالماي، <شەرق چولپىنى>غا بىرىپ دىلشاتنى ئىزدەشنى قارار قىلدىم-دە، بىر خالتىغا ئۇششاق-چۇششەك يىمەكلىكلەرنى قاچىلاپ، ئۇنىڭغا تاماق ئاپىرىپ بىرىشنى باھانە قىلىپ، (دىلشات مىنىڭ كەچتە ئۆيدىن چىقىشىمغا يول قويمايىتتى.) ئۆيدىن چىقتىم.

    مەن ئىزدەپ سوراپ يۇرۇپ <شەرق چولپىنى>بەزمىخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلدىم. نۇر چىچىپ تۇرغان ۋال-ۋۇل چىراقلار كۆزۇمنى سەل قاماشتۇراتتى. مەن بىر خىل قىزىقىش ئىچىدە بەزمىخانىنىڭ ئىچىگە كىردىم. بەزمىخانىنىڭ ئىچى ھەرخىل-ھەر رەڭدە كىيىنگەن ياش ئوغۇل-قىزلار بىلەن تولغان بولۇپ، قىستاڭچىلىقتا مەن ئۆزۇمنى نەپەس ئىلىشتا قىينىلىۋاتقاندەك ھىس قىلاتتىم. مەن ئادەمنىڭ قۇلاق-مىڭىسىنى يەيدىغان مۇزىكا ئاۋازىنى ياقتۇرمايتتىم، تاماكا ئىسى ۋە ھاراقنىڭ پۇرىقى ئارىلاشقان ھاۋادىن بىزار ئىدىم، كىشلەرنىڭ مىنى كۆرسىتىپ كۇسۇرلىشىغا تىخىمۇ ئۆچ ئىدىم.  مىنىڭ قەدىمىم بارغانسىرى ئاستىلاشقا باشلىدى،  ھەتتا ئارقامغا بۇرۇلۇپ چىقىپ كىتىشنى ئويلايىتتىم. كاللامدا بولسا <<بۇ ھەركۈنى دىلشات ئىشلەيدىغان يەرمۇ؟>> دىگەن سۇئال ئەكس ئىتەتتى.

    بۇنداق يەرلەردە فورما كىيىۋالغان، قولىدا خالتا تۇتقان قىزلار ئاسانلا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى. خىلى كۆپ ئوغۇللار ماڭا قاراپ ئىسقىرتاتتى. بۇ ۋاقىتتا ئالدى تەرەپتىن ماشىنا مۇسابىقىسى كىيمى كىيىۋالغان بىر ئوغۇل بالا  ماڭا قاراپ كىلىشكە باشلىدى.

    -كىلىڭ ئوقۇغۇچى خان، بىرلىكتە كەيىپ سۇرەيلى-دىدى ئۇ سەت ھىجىيىىپ.

    مەن ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئارقامغا بىر قەدەم ياندىم-دە، قولۇمدىكى خالىتىنى چىڭ سىقىمدىغىنىمچە ئۇندىمەي تۇردۇم. ئۇنىڭ تۇرقى ماڭا بەزى ئىشلارنى ئەسلىتىۋاتاتتى.

    -پەرى، ھازىر قىزلاردا فورما كىيىش مودا بولدىمۇ؟-دىدى ماشنا مۇسابىقە كىيمى كىيىۋالغان يىگىت جىندەك ياسىنىۋالغان بىر قىزغا قاراپ.

    ئۇ قىز ئورۇندۇقتىن سىيرىلىپ چۇشۇپ، مىنىڭ ئۇستى بىشىمغا باشتىن-ئاياغ بىر قاراپ چىققاندىن كىيىن:

    -ئەخمەق قىزلارنىڭ يىڭىدىن تاپقان ئويۇنى بولسا كىرەك-دىدى مەنسىتمىگەن ھالدا.

    -كىلىڭ، بىر رومكا ئىچىپ قويۇڭ، مەن مىھمان قىلغان بولاي-دىدى ماشىنا مۇسابىقە كىيمى كىيۋالغان بىلىمنى قاماللاپ تۇرۇپ.

    -مىنى قويۇۋەت، يوقال!-مەن قاتتىق ۋاقىراپ ئۇنى ئىتتىرۋەتتىم. ئۇ ئوڭدىسىغا يىقىلىپ چۇشتى.

    ماشىنا مۇسابىقە كىيمى كىيۋالغان يىگىت قاتتىق ئاچچىقلاپ، ئورنىدىن قوپۇپلا مىنى ئۇرۇش ئۈچۈن ئىتىلدى.

    -قولۇڭنى تارت!-قاياقتىن پەيدا بولدىكىن جۇرئەت كىلىپلا ئۇنى ئىتتىرىۋەتتى-ئەركىن ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ ئۇ دىگەن دىلشات ئاكامنىڭ ھەدىسى-دىدى جۇرئەت.

    -ھىم! ئۇنىڭ ھەدىسى بارمۇ؟ ئۇنداقتەك قىلمايدىغۇ-دىدى ئەركىن ئىشەنمىگەندەك قىياپەتتە.

    پەرى، ئالاقىزا بولۇپ قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ دىدى:

    -خاپا بولماڭ ھە، ھەدە، بىز بىلمەي قاپتۇق. سىز دىلشات ئاكامنى ئىزدەپ كەلگەنمۇ؟ ئۇ ئاۋۇ ياقتا.

    مەن پەرى كۆرسەتكەن تەرەپكە قاراپ دىلشاتنى كۆردۈم. ئۇ بىر ئىگىز سەھنە ئۇستىدە تۇراتتى. ئۇنىڭ ئەتراپىغا نۇرغۇن كىشلەر ئولىشۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ يىنىدا بىر بۇدۇر چاچلىق قىز تۇراتتى. ئۇ قىز دىلشاتنىڭ قۇلىقىغا بىر نەرسىلەرنى پىچىرلىدى. دىلشات بىشىنى لىڭشىتتى ۋە پەستە ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلارغا قاراپ، بىر نىمىلەرنى دىگەن ئىدى، ئۇ قىز دىشاتنىڭ بىلىكىدىن بوش قۇچاقلىغىنچە كۈلۈپ كەتتى. ئۇ قىز شۇنچە ئچىلىپ-يىيىلىپ كۈلەتتى. بۇلارنى كۆرۈپ يۈرىكىم تۇيۇقسىز يىڭنە سانچىلغاندەك بولۇپ كەتتى. ماڭا دىلشات يۇكسەك بىر ئۇرۇندا تۇرغاندەك، ئىككىمىزنىڭ ئارىشى شۇنچە يىراقتەك، مەن مەڭگۇ ئۇنىڭ قىشىغا يىتىپ بارالمايدىغاندەك تۇيۇلماقتا ئىدى.

    -ھەدە نىمە بولدىڭىز؟ مىجەزىڭىز يوقمۇ نىمە؟-دىدى پەرى ھەيرانلىق بىلەن-مەن بىرىپ دىلشات ئاكامنى چاقىرىپ كىلەي.

    -ھاجىتى يوق-دىدىم مەن پەرىنىڭ قولىنى تۇتىۋىلىپ-مىنىڭ ھىچ ئىشم يوق، مەن قايىتقاي تۇراي.

    نەق مۇشۇ ۋاقىتتا دىلشات بۇ يەردىكى ئوپۇر-توپۇرغا دىققەت قىلىپ، مىنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ دەرھاللا سەھنىدىن سەكرەپ چۇشتى-دە، مىنىڭ قىشىمغا كەلدى. ھىلقى بۇدۇر چاچ قىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كەلگەن ئىدى.

    -بۇنچە كەچ بولغاندا  نىمە دەپ كەلدىڭ؟ ماڭا دەپ قويساڭ بولماسمىدى؟-دىدى دىلشات جىلە بولۇپ.

    -شۇنچە كەچ بولۇپ كەتسىمۇ ئۆيگە قايىتمىدىڭ، شۇڭا ساڭا يەيدىغان نەرسە ئىلىپ كەلگەن ئىدىم-دىدى مەن پەس ئاۋازدا غۇدۇراپ.

    -نىمە يەيدىغان نەرسە ئۇ؟ مۇشۇ قاراڭغۇدا سەن ئۆزۇڭ مىڭىپ كەلدىڭمۇ؟ بۇ يەر بەك قالايمىغان، كەچتە بۇنداق يەرلەردە يۇرسەڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن-يوق؟-دىلشات ئاچچىقدا ۋاقىراپ سۆزلەۋاتتاتتى. مىنىڭ تاپقان باھانەم ئاقمىغان ئىدى.

    مەن بىشىمنى تۆۋەن سىلىپ، ئۇندىمەي تۇردۇم. ئەتراپتىكى ئادەملەر بولسا دىلشاتنىڭ ئەلپازىدىن قورقۇپ، گەپ قىلىشقا جۇرئەت قىلالمايۋاتتاتتى.

    -دىلشات، ئۇ كىم؟-دىدى ھىلقى بۇدۇر چاچلىق قىز سۈكۈتنى بۇزۇپ.

    دىلشات تۇرۇپلا قالدى.

    -ئۇ، ئۇ....-دىدى دىلشات دۇدۇقلاپ.

    -مەن ئۇنىڭ ھەدىسى-دىدىم مەن دىلشاتقا قاراپ دانە-دانە قىلىپ. مىنىڭ بۇ گەپنى قىلغاندىكى تەلەپپۇزۇم بەكمۇ سوغۇق ئىدى. دىلشات يىنىككىنە تىترەپ كەتتى، ئەمما باشقىلار بۇنىڭغا دىققەت قىلمىغان ئىدى.

    بۇدۇر چاچ قىزنىڭ چىرايى دەرھال مۇلايىملاشتى ۋە دىلشاتنىڭ قولىنى تارتىپ تۇرۇپ دىدى:  

    -دىلشات، بولدى قىلىڭە، ھەدىڭىزمۇ سىزدىن ئەنسىرەپ شۇنداق قىلغاندۇ؟ جۇرئەت ئۇنى ئاپىرىپ قويسىلا بولدى ئەمەسمۇ، بىز داۋاملىق ھىلقى ئىشنى مەسلىھەتلىشەيلى، جۇرئەت سەن دەرھال....

    -دىلدار-ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلىۋەتتى دىلشات -بىز ئەتە مەسلىھەتلىشەيلى، مەن ئاۋال ھەدەمنى ئۆيگە ئاپىرىپ قوياي-دىدى ئۇ ئۇ قىزنىڭ قولىنى قويىۋىتىپ.

    بۇدۇر چاچ قىز نىمە قىلىشنى بىلمەي قولىنى كۆتۈرگىنىچە تۇرۇپلا قالدى.

    -بولدى، سىلەر مەسلىھەتلىشىۋىرىڭلار، مىنى جۇرئەت ئاپىرىپ قويسا بولدى-مەن شۇنداق دەپلا ئارقامغا بۇرۇلۇپ ماڭدىم.

    -ھەدە!-دىلشات مىنى توۋلىدى ئەمما مەن قەدىمىمنى تىخىمۇ ئىتتىكلەتتىم. مەن ئارقامغا بۇرۇلۇشقا جۇرئەت قىلالمايتتىم. چۇنكى مىنىڭ كۆز چاناقلىرىم كۆز يىشغا تولغان بولۇپ. دىلشاتنىڭ باشقا بىرسى چاقچاقلىشىپ تۇرىشى مىنىڭ يۈرىكىمنى ئەزگەن ئىدى.

    مەن ئىشكتىن چىقىپلا بىرسىگە سوقۇلۇپ كەتتىم.

    -كەچۇرۇڭ-مەن بوش ئاۋازدە كەچۈرۈم سورىدىمدە، دەرھال ئۆزۇمنى چەتكە ئالدىم.

    -كىتىشكە ئالدىرماي تۇرۇڭ-دىدى ئۇ ئادەم بىلىكىمنى چىڭ تۇتۇۋىلىپ.

    مەن بىشىمنى كۆتۈرۈپ ئالدىمدىكى كىشىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. مەن يۈرەك سوقۇشۇم توختاپ قالغاندەك ھىس قىلىۋاتاتتىم. كۆز قارىچۇقۇم كىڭىيىپ كەتكەن ئىدى.

=================================

    تورداشلار بىر ئىشنى چۇشەندۇرۇپ قويۇشنى لايىق تاپتىم. ئالدىنقى بۆلەكتە دىلشاتنى غالىپ ئاكىنىڭ قىشىدىكى ئەك كىچىك ياردەمچىلەردىن بولۇپ قالدى دىيىلگەن. ئەمما بۇ باپتا ھەممەيلەننىڭ دىلشاتنى دىلشات ئاكا دەپ ئاتايدىغانلىقى تورداشلارغا خاتا بولۇپ قالغاندە تۇيۇلىشى مۇمكىن. دىلشات راستىنلا كىچىك ئەمما ئۇ قارا جەمىيەتنىڭ ئادىمى، قارا جەمىيەتتە مەيلى يىشىنىڭ قانچىلىك كىچىك بولىشىدىن قەتئىنەزەر كىمنىڭ ئورنى چوڭ بولسا شۇنى ئاكا دەپ ئاتايدىغان ئادەت بار. شۇڭا باشقىلارنىڭ دىلشاتتىن چوڭ تۇرۇپ ئۇنى ئاكا دەپ ئاتىشىنى توغرا چۇشەنگەيسىلەر.

  
8. ھايات مامات ئارىسىدىكى سۆيۈشۈش


    مەن سوقۇلغىنى سىرىق چاچ ئىدى.
    -ئۇنى قويۇۋەت!-دەپ ۋاقىرىدى مىنڭ ئارقامدىن يىتىشىپ كەلگەن دىلشات. سىرىق چاچ دىلشاتنى كۆرۈپ بايىقىدىن خىلىلا يۇۋاشلاپ قالغان ئىدى.
    -دىلشات، بۇگۇن سىنىڭ تەلىيىڭ ئوڭدىن كەلمەسمىكىن؟-دىدى سىرىق چاچ مىنى دىلشاتقا ئىتتىرىپ بىرىپ. دىلشات مىنى قۇچاقلىۋالدى. شۇندىلا مىنىڭمۇ جىددىيلىكىم سەل پەسىيىپ، قورقۇپراق سىرىق چاچقا قارىدىم.
دىلدارمۇ يىتىشىپ كەلگەن ئىدى.
    -سەن مۇشۇ يەرگە كىلىپ ئىش تىرىشقا جۇرئەت قىلدىڭمۇ-سىرىق؟ ئاقىۋىتىڭنى ئويلاپ قويساق بولارمىكىن؟-دىدى دىلدار سىرىق چاچقا سوغۇق تىكىلىپ.
    سىرىق چاچ بىلىپ-بىلمەي ئارقىغا ئىككى قەدەم چىكىندى، ئۇ دىلداردىن  ناھايىتى قورقىدىغاندەك قىلاتتى، پۇتلىرى بىلنەر-بىلىنمەس تىترەۋاتاتتى.
    - دىلدار،ئۇنى بۇ يەرگە كىلىشكە مەن بۇيرىغان.
    چاچلىرى ئاقىرىشقا باشلىغان بىر ئادەم تۇيۇقسىزلا بىر توپ كالتەك-توقماق كۆتۈرگەن چوماقچىللىرى بىلەن سىرىق چاچنىڭ ئارقىسدا پەيدا بولدى.
    -جاپپاركا؟!!!-دىدارنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى، دىلشات بولسا دەرھال ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتتى.
    جاپپار ئەسلى مۇشۇ رايوننىڭ غوجىسى بولۇپ، غالىپنىڭ باش كۆتۈرىشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ بۇ رايوندىكى تەسىرى ئاجىزلاشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە غالىپ بىلەن جاپپار ئىككەيلەن ئوتتۇرىسىدىكى تەسىر دائىرە تالىشىش كۆرىشىمۇ بىخ ئۇرۇشقا باشلىغان ئىدى. بۇ جەرياندا جاپپار ئاز زىيان تارتمىغان ئىدى. جاپپارنىڭ ئەمەلى كۈچى غالىپتىن خىلىلا كۈچلۈك بولغاچقا غالىپمۇ چوڭراق ئىش چىقىرىشقا پىتىنالمىغان، جاپپارمۇ ھىچقانداق ھەركەت قوللانمىغان ئىدى. ئەمما بۈگۈن جاپپارنىڭ شەخسەن ئۆزى ئادەم باشلاپ <شەرق چولپىنى>غا كەلگىنىگە قاراپلا ئۇنىڭ ياخشى نىيەت بىلەن كەلمىگەنلىكىنى بىلىۋىلىشقا بولاتتى.
    -دىلدار، سىلەرنىڭ غوجام قىنى؟ ئۇنىڭ چاقىرىڭ؛-دىدى جاپپار دىلدارغا قاراپ.
    -غاپپاركا، سەن شۇنچە كۆپ ئادەم ئىلىپ كەپسەن، مىنىڭچە ياخشى پاراڭلاشقىلى بولمامدىكىن-دىدى دىلشات تەمكىنلىك بىلەن. قارىغاندا ۋەزىيەت دىلشاتلارغا پايدىسىز ئىدى.
    -سىنىڭ بۇ يەردە گەپ قىلىشقا نىمە سالاھىيتىڭ بار؟-غەزەپ بىلەن ۋاقىرىدى غاپپار. مەن ئۆزۈممۇ سەزمەستىن شۇركىنىپ كەتتىم.
    -ئەلۋەتتە سالاھىيتى بار-ئارقا تەرەپتىن گۇلدۇرمامىدەك گۈلدۇرلەپ غالىپ چىقىپ كەلدى. مەن بۇ ئۆمرۈمدە ئىككىنچى كۆرۈشنى خالىمايدىغان كىشلەر بۇگۇن بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمدا پەيدا بولىۋاتاتتى.
    -دادا!-دەپ چاقىردى دىلدار ھاياجانلانغان ھالدا. مەن مۇشۇ چاغدىلا ئاندىن ئۇنىڭ غالىپ ئاكىنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئىدىم.
    -سەن سەل تۇرۇپ ھەدەڭ بىلەن دىلدارنى ئىلىپ بۇ يەردىن كەت-دىدى غالىپ دىلشاتنىڭ قىشىدىن ئۆتكەچ پەس ئاۋازدا. بۇنى ئاڭلاپ مەن چۆچۈپ كەتتىم. ئەمما دىلشاتنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپمۇ سالمىدى. دىلشات دەرھال دىلدارنىڭ قولىدىن تارتىپ ئارقىغا ئىككى قەدەم چىكىندى.
    قاچانلاردا پەيدا بولىدىكىن، <شەرق بەزمىخانىسى>نىڭ ئەتراپىدىكى كوچىلاردا قوللىرىغا كالتەك، پىچاق ئالغان چوماقچىلار تولۇق كەتكەن ئىدى. قارىغاندا جاپپار بۇگۇن تولۇق تەييارلىق بىلەن كەلگەن بولۇپ، ئۇ بۇگۇن غالىپنىڭ ئۇۋىسىنى پۇتۇنلەي بىتچىت قىلىۋەتمەكچى بولغاندەك كۆرۈنەتتى. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ كوچىدىكى كىشلەر دەرھال تارقىلىپ كىتىشتى. تىخى بايىلا ئاۋاتلىشىپ تۇرغان كوچىدىن ھازىر ئۆلۈم ۋەھىمىسى تاراۋاتاتتى.
    -غالىپ ئاڭلاپ قوي، مەن بۇگۇن مەردان ئۈچۈن ھەقنى ياقلىغىلى كەلدىم-دىدى سىرىق چاچ ۋاقىراپ تۇرۇپ، ئۇ جاپپارنى ئۆزىگە تايانىچ بىلىپ يۈرەكلىك سۆزلەۋاتاتتى.
مەرداننىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ، مىنىڭ چىرايىم تاتىرىپ كەتتى، مەن دىلشاتنى تىخىمۇ چىڭ قۇچاقلىدىم، دىلشاتنىڭ كۆزلىرىدىن بولسا غەزەپ ئوتى چاقنايىتتى، قولىنى بولسا ئاستا-ئاستا بىلىدىكى تاپانچىغا ئۇزىتىۋاتاتتى.
    -غالىپ، قارا جەمىيەتتە مەردلىكنى چوڭ بىلىدىغان گەپ، سەن جاپپاركامنىڭ تەسىر دائىرىسىدىكى يەرلەرنى ئىگەللەپ، ئۇنىڭغا زىيان سالغان بولساڭمۇ جاپپاركام سەن بىلەن ھىسابلاشمىدى. ئەمما سەن ئاكا-ئىنىلارنىڭ جىنىنى دەستەك كىلىپ تۇرۇپ ئۆزۈڭگە ئادەم تارتتىڭ. مەن ھەرگىز سىنى بوش قويىۋەتمەيمەن. مەردان ئوينىغىنى ناھايىتى شۇ....
    -ياق!!!-مەن دەرھال قولۇم بىلەن يۈزۈمنى ئىتىۋىلىپ قاتتىق ۋاقىرىدىم.
شۇنىڭ بىلەن تەڭلا ئوق ئاۋازى ئاڭلاندى. سىرىق چاچ تىخى دىمەكچى بولغانلىرىنى دەپ بولالمايلا يەرگە يىقىلدى. ئۇنىڭ پىشانىسىدىن بۇلدۇقلاپ قان چىقىۋاتاتتى. قورققىنىمدىن مىنىڭ كۆزلىرىم يوغىناپ كەتكەن بولۇپ، كاللام قۇپقۇرۇق ئىدى. يەردىكى جەسەت ئاستا-ئاستا ئىككى يىل ئالدىدىكى جەسەت بىلەن بىرىكىۋاتاتتى.
دىلشات بىلەن غالىپ ھەر ئىككەيلەن قورالىنى كۆتۈرۈپ تۇراتتى. غالىپنىڭ قورالىنىڭ ئىغىزىدىن سۇس ئىس كۆتۈرۈلىۋاتاتتى. دىلدار بولسا ھەيرانلىق بىلەن دادىسىغا قاراپ تۇراتتى. ھەممىمىز نىمە قىلىشمىزنى بىلمەيتتۇق.
    -چىقىڭلار-دىدى جاپپار قول ئاستىدىكىلەرگە ئىشارەت قىلىپ.
    بەزمىخانىنىڭ ئىچىدىدىكىلەر بولسا غالىپنى قوغداش ئۈچۈن ئىتىلىپ چىقتى. شۇنداق قىلىپ ئىككى تەرەپنىڭ ئادەملىرى چانىشىپ كەتتى. دىلشات مەن بىلەن دىلدارنىڭ قولىدىن سۆرەپ ئىلىپ ماڭدى. بىز ئارقا ئىشىكتىن قىچىپ چىقىپ، يولبويى قوغلاۋاتقانلاردىن قىچىپ بىر كىچىك كوچىغا كىلىپ قالدۇق.
بۇ ۋاقىتتا يامغۇر يىغىشقا باشلىغان ئىدى، مەن بارا-بارا يۇگرەلمەي قىلىۋاتاتتىم.
    -سىز مۇشۇ يەردە ساقلاپ تۇرۇڭ، ئۇلار سىزنى كۆرۈپ قالمىسۇن-دىدى دىلشات مىڭىشتىن توختاپ، دىلدارغا قاراپ.
    -سىز قەيەرگە بارىسىز؟ مىنى تاشلاپ قويماڭ؛-دىدى دىلدار دىلشاتنىڭ قولىغا ئىسلىپ يىغلاپ تۇرۇپ.
    -مەن ھەدەمنى بىخەتەر جايغا ئاپىرىپ قويۇپ قايتىپ كىلىمەن. سىز مۇشۇ يەردە ساقلاپ تۇرۇڭ، ماڭا ئىشىنىڭ بولامدۇ؟-دىدى دىلشات تەمكىنلىك بىلەن.
دىلشات گىپىنى تۇگۇتۇپلا مىنى كۆتۈرۈپ كوچىنىڭ ئىچكىرسىگە قاراپ يۇگۇردى.
دىلشات مىنى كوچىنىڭ ئەڭ ئىچىكىرىسىدىكى بىر ئەخلەت دۆۋىسىنىڭ يىنىغا مۆكتۈرۈپ قويدى.
    -سەن مۇشۇ يەردە تاڭ ئاتقۇچە ئولتۇرۇپ تۇر، ئەتراپ جىمىغاندىن ئاندىن چىقىپ، ئۆيگە بىرىپ مىنى ساقلىغىن، ئۇلارغا ھەرگىز كۆرۈنۈپ قالما بولامدۇ؟-دىدى دىلشات قەغەز يەشكىلەر بىلەن ئەتراپىمنى توسۇپ قويغاندىن كىيىن.
    مەن ماقۇل دىگەن مەنىدە بىشىمنى لىڭشىتتىم. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ دىگەنلىرى كاللامغا كىرمىگەن ئىدى. دىلشات چاپىنىنى سىلىپ مىنىڭ ئۇچامغا يۆگەپ قويغاندىن كىيىن، قىيالماسلىق نەزەرى بىلەن ماڭا بىر قاراپ قويدى-دە، ئارقىغا بۇرۇلۇپ ماڭدى.
مەن تۇيۇقسىز ئىسىمگە كىلىپ، ئۇنىڭ قولىغا ئىسلىۋالدىم-دىلشات، كەتمە.
    -غالىپكام بىزنى قۇتقۇزىۋالغان، مەن ھازىر چوقۇم قايتىپ كەتمىسەم بولمايدۇ، سەن خاتىرجەم بول، ماڭا ھىچ ئىش بولمايدۇ-دىدى ئۇ چوڭقۇر بىر ئۇھ تارتقاندىن كىيىن ئارقىغا بۇرۇلۇپ، ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىرى ماڭا قاراشقا جۇرئەت قىلالمايۋاتاتتى.
    -ئۇنداقتا مىنىمۇ بىللە ئىلىپ كەت، ئۆلسەكمۇ بىللە ئۆلەيلى-مەن بىردىنلا ئورنىمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا قولىغا چىڭ ئىسلىۋالدىم.
    يامغۇر تامچىسى توختىماستىن بەدەنلىرىمىزگە ئۇرۇلۇپ تۇراتتى، يامغۇرلۇق كىچە دەرىجىدىن تاشقىرى مۇدھىش كۆرۈنەتتى. دىلشات ئىكىكىمىز يەنە بىر قىتىم ھايات-مامات ئارىسدا تۇرىۋاتاتتۇق. بىردەملىك سۈكۈتتىن كىيىن دىلشات لىۋىنى بىر چىشلىدە، قولۇمنى قاتتىق سىلكىۋىتىپ ئالدىغا قاراپ يۇگرەپ كەتتى.
    -ياق!!!-مەن كانىيىم يىرتىلىپ كەتكۈدەك قاتتۇق ۋاقىراپ، دىلشاتنى قوغلاش ئۈچۈن يۇگرەۋىتىپ يىقىلىپ چۇشتىم. دىلشاتنىڭ سىماسى بارغانسىرى يىراقلىشىۋاتتى، مىنىڭ يىغىدىن ئۇنۇم چىقمايتتى. مەن ئۇنىڭ بۇگۇن مەندىن ئايرىلىپ كەتسە، مەڭگۈ قايتىپ كىلەلمەسلىكى مۇمكىنلىكىنى بىلەتتىم. دىلشات كوچىنىڭ ئىغىزىغا بارغاندىن كىيىن، قەدىمىنى توختاتتى-دە، يەنە مەن تەرەپكە قاراپ كىلىشكە باشلىدى. مەن خۇشاللىق بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتىم. ئۇ كىلىپلا مىنى چىڭ قۇچاقلىدى. بىز خۇددى قارشى تەرەپنى ئۆزىمىزنىڭ بەدىنىگە قوشىۋەتمەكچى بولغاندەك چىڭ قۇچاقلاشتۇق.
دەل مۇشۇ پەيىتتە، ئاشۇ مەينەت كىچىك كوچىدا، كىشلەر بىر-بىرىنى چانىشىۋاتقان يامغۇرلۇق كىچىدە دىلشات مىنىڭ يۈزۈمنى كۆتۈرۈپ ئۆزىگە قاراتتى-دە، ئەسەبىيلىك بىلەن سۆيۈشكە باشلىدى. مەن بولسام ئاسمانغا قاراپ ھاڭۋىقىپلا قالغان ئىدىم. بىر خىل ئاجايىىپ سەزگۈ پۇتۇن بەدىنىمگە تاراشقا باشلىدى. مەن ئەزەلدىن بۇنداق سەزگۈنى ھىس  قىلىپ باقمىغان ئىدىم، پۇتۇن بەدىنىم بوشىشىپ كتىپ باراتتى. ئەسلىدە ئىككى لەۋنىڭ تىگىشكەن ۋاقىتتىكى سەزگۇسى مۇشۇنداق گۈزەل بولىدىكەندە! مەن ئاستا-ئاستا كۆزۇمنى يۇمىۋالدىم. دىلشات تەشنالىق بىلەن سۆيەتتى، لەۋلرىمنى شورايىتتى. مەن بولسام ئۇنىڭ سۆيىشىدىن ئايلىنىپ قالايلا دىگەن ئىدىم. بۇ بىزنىڭ تۇنجى سۆيۈشىشىمىز ئىدى. ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، دىلشات مىنى قويىۋەتتى. بىز بىر-بىرىمىزگە قاراشقىنىمىزچە توختىماي ھاسىرايىتتۇق.
    -گۈلشات!- بۇ دىلشاتنىڭ بىرىنچى قىتىم مىنى مۇشۇنداق ئاتىشى ئىدى.
    -ھە!-مەن بولسام ئۆزۇمنى خۇددى چۇش كۆرىۋاتقاندەك ھىس قىلاتتىم.
    -مەن سىنى سۆيىمەن!-دىدى دىلشات قەتئىيلىك بىلەن تۆۋەن ئاۋازدا.
    دىلشات ئورنىدىن تۇرۇپ كوچا ئىغىزىغا قاراپ يۇگرەپ كەتتى.
يامغۇر سۇلىرى كۆرۈنمەيتتى، ئاي نۇرى كۆرۈنمەيتتى، خۇددى ھەممە نەرسە بىردەمدىلا غايىپ بولغاندەك ئىدى. مەن يەردە ئولتۇرۇپ، دىلشاتنىڭ بارغانسىرى غۇۋالىشىۋاتقان گەۋدىسىگە قارايىتتىم.  قۇلاق تۈۋىمدە بولسا دىلشاتنىڭ بايىقى سۆزى ياڭرايىتتى.
مەن سىنى سۆيىمەن!!!



9. ئۇ مىنىڭ ھەدەم ئەمەس



    غالىپ ئاكا ئۆلمىگەن ئىدى، ئۆلگىنى جاپپار ئىدى. ئۇنى دىلشات ئىتۋەتكەن بولۇپ، باشقىلارنىڭ دىيشىگە قارىغاندا دىلشات ئاجايىپ مەرگەنمىش، ئۇ بىر پاي ئوق بىلەنلا جاپپارنىڭ جىنىنى ئالغان ئىدى. ئۇ ئۆلگەندە كۆزلىرىمۇ يۇمۇلمىغان بولۇپ، بەلكىم ئۆزىنىڭ ئون نەچچە ياشلىق ئۆسمۈرنىڭ قولىدا ئۆلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولسا كىرەك.
    جاپپار ئۆلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ ئىگىلىكى تەبىئىيلا غالىپقا تەئەللۇق بولاتتى، شۇنىڭ بىلەن غالىپ مۇشۇ رايوننىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق غوجى ئاكىسىغا ئايلاندى. دىلشاتنىڭمۇ مۇشۇ ئىش بىلەن نامى چىقىپ، غالىپنىڭ قول ئاستىدىكى ئەڭ ھەيۋىلىك ئادەملەردىن بولۇپ قالغان ئىدى. قارىماققا بۇلارنىڭ ھەممىسى دىلشاتنىڭ پىلانى بويىچە بولغان ئىشلاردەك ئىدى. ئۇ غالىپنىڭ ياخشىلىقىنى ئۈزۈل-كىسىل قايتۇرغاندىن سىرىت يەنە پۇل-مالغا ئىرىشكەن ئىدى.
    دىلشات دىلدارنى قوغداش ئۈچۈن يارىلانغان ئىغىر يارىلانغان بولۇپ، دوختۇرخانىدا توپتوغرا ئۈچ ئاي داۋالاندى. ئۇ ناھايىتى تىز ئەسلىگە كەلگەن ئىدى، بۇ جەرياندا ئىزچىل دىلدار بىلەن پەرى ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. مەن بولسام ئىزچىل ئۇنىڭ بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشكە جۇرئەت قىلالماي يۇرەتتىم. ئۇنىڭ سۆيۈشى ۋە ماڭا مۇھەببەت ئىزھار قىلىشى مىنى ئۇنىڭ بىلەن يۈزلىشىشكە جۇرئەت قىلغۇزمايتتى.
    مەن مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى چۇشەنمەيتتىم. مىنىڭ قارىشىمدا دۇنيادىكى ئادەملەر پەقەت ئىككى خىلغا ئايرىلاتتى. مەن ۋە دىلشات بىر تۈرگە تەۋە ئىدۇق، باشقا ئادەملەر يەنە بىر تۈرگە تەۋە ئىدى، ھەتتاكى جىنىس پەرقىمۇ يوق ئىدى. مۇھەببەت قىز-ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدا بولاتتى. مەن دىلشاتنى بىر ئەر دەپ ئويلساملا كۆڭلۈم بىر خىل ئالاقىزادىلىككە تولاتتى. مەن ئەرلەرنى ئاياللارنى ئاستىغا بىسىشنى ئويلايدىغان، چىرايى يىرگىنىچىلىك ئادەملەر دەپ قارايىتتىم. مىنى قىزلىقىمدىن ئايرىغان مەردان ماڭا مۇشۇ ئۇقۇمنى ئاتا قىلغان ئىدى. گەرچە مەن دىلشاتنىڭ سۆيۈشلىرىدىن بىزارلىق ھىس قىلمىساممۇ ئەمما داۋامىنى ئويلاشقا جۇرئەت قىلالمايىتتىم. ئەمما جەزىم قىلىدىغنىم دىلشات بىلەن سۆيۈشكەندىكى تۇيغۇ ھەقىقەتەن ئاجايىپ گۈزەل ئىدى، مەن بۇ ئۆمرۈمدە ئۇنداق گۈزەل تۇيغۇنى ھىس قىلىپ باقمىغان ئىدىم. شۇڭا دائىم ئۆزۇممۇ بىلىپ-بىلمەي لىۋىمنى شورايىتتىم.
    مەن دىلشات دوختۇرخانىدىن چىققان كۈنى ئۇنىڭ بىلەن يۈزتۈرانە كۆرۈشتۈم.
مەن تۇنجى قىتىم 13 كۋادرات مىتىرلىق ئۆينىڭ نەقەدەر كىچىكىلىكىنى ھىس قىلۋاتاتتىم. ھەر ئىككىمىز سۈكۈتكە چۆمگەن ئىدۇق. مەن بىشىمنى تۆۋەن سىلىۋالغان ئىدىم. كۆزلىرىمنىڭ دىلشاتنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچرىىشىپ قىلىشىغا جۇرئەت قىلالمايىتتىم.
    -سەن تىخى بايىلا دوختۇرخانىدىن چىقتىڭ، بالدۇرراق ئارام ئالغىن-دىدىم مەن ناھايىتى ئۇزاقتىن كىيىن جىملىقنى بۇزۇپ.
    مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ دىلشات ئىككىمىزنىڭ كارۋىتى ئارسىدىكى پەردىنى تارتتىم. دىلشات بىردىنلا ئورنىدىن تۇردى-دە، پەردە تارتىۋاتقان قولۇمنى مەھكەم تۇتىۋالدى. مەن جىددىيلىك بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتىم، يۈرىكىم قاتتىق سوقىۋاتاتتى. دىلشات ئاستا بىشىنى تۆۋەن قىلىپ مىنى سۆيۈشكە باشلىدى، مەن ئۇنىڭ قۇچىقىدا بوشقىنا تىترەيىتتىم.
    دىلشاتنىڭ سۆيۈشى بارغانسىرى ئەسەبىيلىشىپ كىتىپ باراتتى. ئۇ قۇلاق تۇۋىمگە، ئاندىن بويۇنلىرىغا سۆيۈشكە باشلىدى، مىنىڭ بەدىنىم خۇددى ئوتتا كۆيىۋاتقاندەك قىززىپ كەتكەن، ئاپپاق بەدىنىم قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. مەن تۇيۇقسىزلار قورقۇشقا باشلىدىم. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا مەردان نەق مۇشۇ يەردە مىنىڭ قىزلىقىمدىن ئايرىغان، ئۆزىمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن جىنىدىن ئايرىلغان ئىدى.
    -ياق، ئۇنداق قىلما-مەن دىلشاتنى ئىتتىرىۋەتتىم. مەن خۇددى قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن قوزىغا ئوخشاپ قالغان ئىدىم.
    دىلشات ماڭا ئارقىنى قىلىپ، مۇشتۇمىنى قاتتىق تۈگۈپ، ئەسەبىيلەشكەن ھىسياتىنى بىسىش ئۈچۈن تىرىشۋاتاتتى. مەن دىققەتنى بۇراش ئۈچۈن ئويلىناتتىم، ئەمما كاللامغا ھىچ قانداق گەپ كەلمەيۋاتاتتى. مەن بۇنداق ئىشقا ئۇچراپ باقمىغان ئىدىم، بۇنداق ۋاقىتتا نىمە دىيىش، نىمە قىلىش كىرەكلىكىنى بىلمەيتتىم.
    -دىلدار سىنى بەكلا ياخشى كۆرسە كىرەك-دىدىم مەن ھىچ ئىش بولمىغاندەك قىياپاتتە، بۇ يىقىندىن بىرى مىنىڭ كۆڭلۇمنى غەش قىلۋاتقان ئىش ئىدى. ئەمما مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئىغىزىمدىن چىقىرىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم.
دىلشاتنىڭ بىردىنلا يۈزلىرى تارتىشىپ كەتتى.
    -دىلدار ناھايىتى چىرايلىق، ئۇنى ئۇستىگە ئوچۇق-يۇرۇق...-دىدىم مەن تۆۋەن ئاۋازدا.
    -سەن راسىت دەۋاتامسەن؟-دىدى دىلشات گىپىمنى بۆلۈپ.
    -پەرىمۇ ساڭا بەك كۆڭۈل بۆلىدىكەن-دىدىم مەن ئۆزۈمنى گەپتىن قاچۇرۇپ.
    -مىنىڭ سىنى ياخشى كۆرىمەن دىگىنىم چىن سۆزۇم-دىدى دىلشات مۆرەمدىن تۇتۇپ تۇرۇپ ۋاقىراپ.
    مەن ئۇنىڭغا قاراشقا جۇرئەت قىلالماي، بىشمنى تۆۋەن سىلىۋالدىم. دىلشات ئاستا-ئاستا قولىنى چۇشۇرىۋالدى. ئۇنىڭ ھالىتى خۇددى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئادەمگە ئوخشايىتتى.
    -ئەسلىدە، مۇشۇنداقمىدى؟-دىدى دىلشات ئازاپلانغان ھالدا.
    دىلشات يۈگۈرگىنىچە چىقىپ كەتتى. مەن كارىۋاتتا ئولتۇرۇپ، ئوچۇق قالغان ئىشىككە قارىغنىمچە، ياشلىرىم سىرغىپ چۇشۇشكە باشلىدى.
     ئەسلىدە زادى قانداق ئىدى؟ بۇنى ئويلاشقا مىنىڭ قۇربىتىم يەتمەيىتتى، شۇنداقلا ئەزەلدىن كەلگۈسىگە تەلپۇنمىگەن ئىدىم. ئەمەلىيەتتە مىنىڭ ئويلىغىنىم ناھايىتى ئاددى ئىدى. مەيلى ھەممە ئۆزگەرسىمۇ، دىلشات ئىكىمىز بىر-بىرىمىزگە بىقىنىپ تۇرمۇش كەچۈرسەكلا بولاتتى. مەن پەقەت ئۇنىڭدىن ئايرىلماسلىقنىلا ئويلاتتىم. ئەمما ئاخىرىدا ئۇ يەنىلا كەتتى.
    يۈرىكىمنىڭ قاتتىق ئاغرىقى مىنىڭ ئوي-پىكىرلىرىمنى بارغانسىرى ئىنىقلاشتۇرىۋاتاتتى. مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر مەن ئۇنى يوقىتىپ قويسام بولمايتتى. مەن يالغۇز قالسام بولمايىتتى.
    مەن قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئۆزۇمنى سىرتقا ئاتتىم.



10. ئۇ مىنىڭ ھەدەم ئەمەس(2)


    دىلشات خۇدىنى بىلمىگۈدەك دەرىجىدە مەس بولۇپ كەتكەن ئىدى. دىلدار ئۇنى يۆلەپ ياتاق ئۆيىگە ئىلىپ كىردى. دىلدار دىلشاتنى ياخشى كۆرەتتى. ئەمما ئۇنى قاچانلاردىن باشلاپ ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئۆزىمۇ دەپ بىرەلمەيىتتى. بەلكىم بىرىنچى قىتىم ئۇنىڭ دادىسنىڭ شۇنچە كۆپ <ئىنىللىرى>نىڭ ئىچىدە ئالاھىدە كىلىشكەن كۆرۈنگىنى ئۈچۈندۇر، ياكى دادىسىنىڭ گىپىنى شۇنچە ئاڭلايدىغانلىقى، ئۆزىگە بولسا قەستەن بىپەرۋالىق قىلىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر. ياكى بولمىسا ئۇنىڭ چۇشەنگىلى بولمايدىغان، رەھىمسىز بولغاندا ئىنتايىن رەھىمسىز ئىكەنلىكى، جاپپارنى ئىتىۋەتكەندە كۆزىنى چىمچىقلىتىپ قويمىغانلىقى، مىھرىبان بولغاندا يەنە شۇنداق مىھرىبان ئىكەنلىكى، ئۇ سوۋغا قىلغان شاكىلاتنى ھەمدە تىتىپ باقسۇن دەپ قەغەزگە قاتمۇ-قات ئوراپ ھەدىسگە بەرگەنلىكى ئۈچۈنمۇ؟ مەيلى نىمە ئۈچۈن بولسۇن مۇھەببەت پەيدا بولۇپ بولغان ئىكەن، ئۇنىڭغا سەۋەب ئىزدەپ يۇرۇش ئارتۇقچە ئىدى. دىلدار دىلشاتنى يىنىككىنە سۆيۈپ قويدى.

    دىلشات ئاستا-ئاستا كۆزىنى ئاچتى.

    -نىمىشقا مىنى ياخشى كۆرمەيسەن؟-دىدى دىلشات ئازاپلانغان ھالدا.

    -ياخشى كۆرىمەن، نىمىشقا ياخشى كۆرمەيدىكەنمەن-دىدى دىلدار ئۇنىڭ قۇلاق تۇۋىگە پىچىرلاپ.

    -ئۇ نىمىشقا مىنى ياخشى كۆرمەيدۇ؟-دىدى دىلشات دىلدارنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇۋىلىپ.

    -ئۇ؟ ئۇ كىم؟ ئۇ دىگەن كىم؟-دىدى دىلدار ۋاقىراپ، ئۇنىڭ بىردەمدىلا چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى.

    دىلشات ئاخىرى ئالدىدىكى ئادەمنىڭ كىملىكىنى ئىنىق كۆرگەندەك قىلاتتى.

    -مەن ماڭدىم-دىدى ئۇ سوغۇققىنە.

    -ياق! كەتمە، دىلشات! مەن سىنى ياخشى كۆرىمەن؟ مەن سىنى ياخشى كۆرىمەنغۇ؟-دىدى دىلدار دىلشاتنىڭ كەينىدىن چىڭ قۇچاقلاپ.

    -دىلدار، مىنى قۇيىۋەت-دىدى دىلشات.

    دىلدار دىلشاتنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، دىلشاتنىڭ تۇگمىللىرىنى يىشىشكە باشلىدى. ئىغىزىدا بولسا توختىماي:

    -ياق، مەن سىنى كەتكۈزمەيمەن، ھەرگىز كەتكۈزمەيمەن-دەيىتتى.

    دىلشات دىلدارنىڭ كۆڭلىكىنى سالدۇرىشىنى رەت قىلمىدى.

    -پەقەت مۇشۇنىڭ ئۈچۈنمىدى؟ مۇشۇ بولسىلا يىتەرلىكمۇ؟-دىدى دىلشات كەيپى ئۇچقان ھالدا.

    دىلدار قولىنى چۇشۇرۋىلىپ، دىلشاتنىڭ كۆكرىكىگە بىشىنى قويۇپ يىغلاشقا باشلىدى.

    -نىمە ئۈچۈن ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلىسەن؟ نىمىشقا؟

    تۇيۇقسىز ئاسماندا بىر چاقماق چىقىپ ئۆتتى، دىلشات بىردىنلا چۆچۈپ كەتتى.

    -نىمە بولدى؟-سورىدى دىلدار ئۆكسۈپ تۇرۇپ.

    -تالادا يامغۇر ياغدىمۇ؟-سورىدى دىلشات جىددىيلىشىپ.

    -شۇنداق، نىمە بولدى؟-دىلدار دىلشاتنىڭ ھالىتىدىن قورقۇپ كەتكەن ئىدى.

    دىلشات ئۇنى ئىتتىرىۋەتتى-دە، دىلدارنىڭ ئارقىدىن توۋلاشلىرىغا پەرۋا قىلماي، يۇگۇرگىنىچە چىقىپ كەتتى.

    يامغۇر سۇلىرى بەدەنلىرىمنى يۇياتتى. مەن دىلشاتنى تىپىشتىن ئىبارەت قەتئى ئىشەنىچنىڭ كۈچى بىلەنلا مۇدۇرۇپ-چوقۇرۇپ كىتىپ باراتتىم. تۇيۇقسىز ئاسماندا چاقماق چىقىلدى، مەن قورۇققىنىمدىن تۇگۇلۇپ يەردە ئولتۇرۋالدىم. مىنىڭ نىرۋىللىرىم تۇگىشەي دەپلا قالغان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا بىر قارا رەڭلىك ماشىنا يىنىمدا توختىتىدە، ماشىنىدىن بىر قىزچاق چۇشۇپ، كۈنلۈكنى مىنىڭ بىشمغا تۇتتى.

    ئۇ دىلدار ئىدى.

    -دىلشاتنى كۆردىڭىزمۇ؟ دىلشات قەيەردە؟-دەپ سورىدى ئۇ بىلىكىمنى چىڭ تۇتۇۋىلىپ.

    -مەن ئۇنى ئىزلەپ تاپىمەن-دىدىم مەن ئورنىمدىن مۇدۇرۇپ قوپۇپ، ئۆز-ئۆزۇمگە سۆزلەپ.

    ئاسماندا يەنە بىر قىتم چاقماق چاقتى، مەن بىر ۋاقىراپلا تۇگۇلۇپ جايىمدا ئولتۇرۇپ قالدىم.

    -سىزگە ھىچ ئىش بولمىغاندا؟-سورىدى دىلدار مۇرەمنى قىقىپ.

    -ماڭا چىقىلما -ۋاقىرىدىم مەن ئۇنىڭ قولىنى ئىتتىرىتىپ.

    -ئۇنى كۆتۈرۈپ ماشىنىغا ئىلىپ چىقىڭلار- تاقىتى قالمىغان دىلدار شوپۇرغا قاراپ.

    شوپۇر كىلىپ قولۇمدىن تارتىشقا باشلىدى، مەن پۇتۇن كۈچۈم بىلەن تىركەشكەچ، توختىماي ۋاقىرايىتتىم-ئۆتۈنۈپ قالاي، ئۆتۈنۈپ قالاي مەردان، ئۇنداق قىلما، ئۇنداق قىلما!

    -مەردان؟!-دىلدار بىر نىمىنى چۇشەنگەندەك قىلاتتى-مەردانغا نىمە بولدى؟ ئۇ نىمە قىلمايدۇ؟-دەپ سورىدى ئۇ مەندىن.

    -ياق!

    -نىمە  ياق؟ دىمەمسەن؟ زادى نىمە بولدى؟

    يەنە بىر قىتىم چاققان چاقماق بىلەن تەڭ مەن ئايلىنىپ چۇشتىم.

    -دىلدار!-دىلشات يۇگۇرۇپ كىلىپ، مىنى قۇچىقىغا ئالدى. مەن ئازراق ھاسىرايىتتىم، دىلشاتنىڭ قۇچىقىدا تۇگۇلۇپ تۇرۇپ، ئۆندەرەۋاتقاندەك توختىماي، ئۇنداق قىلما دەيىتتىم.

    دىلشات غەزەپ بىلەن دىلدارنى بىر تەستەك سالدى.

    -ئۇشۇ شۇنداقمۇ؟ سىنىڭ سۆيگۈنۈڭ ئاشۇ شۇ شۇنداقمۇ؟-دەپ ۋاقىرىدى دىلدار ئىغىزىدىن ئىقىۋاتقان قاننىمۇ سۇرتمەستىن، مىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.

    -مەن سىنى ئاگاھلاندۇرۇپ قوياي، ئۇنىڭ بىر تال مويىغىمۇ چىقىلغۇچى بولما-دىدى دىلشات سوغۇقلۇق بىلەن.

    -چىقىلسام نىمە بوپتۇ؟! مەردان ئىز-دىرەكسىزلا يوقاپ كەتتى، بۇ ئۇنىڭ سەۋەبىدىن ئىكەن، يەنە  ئۇنىڭ سەۋەبىدىن <شەرق چولپىنى> ۋەيران بولغىلى تاس قالدى، مەن بىلەن دادام جاپپار ئاكىنىڭ ئوقىدا ئۆلگىلى تاس قالدۇق-دىدى دىلدار ۋاقىراپ.

    -سىنى ئۆلتۈرىۋىتىمەن-دىلشاتنىڭ ئاۋازى دىلدارنى قاتۇرۇپ قويغاندەك ئىدى-سەن ئۇنىڭغا چىقىلىدىغان بولساڭ سىنى ئىتىۋىتىمەن.

    -دىلشات، ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ ئۇ سىنىڭ ھەدەڭغۇ؟-دىدى دىلدار ئۆكسۈپ تۇرۇپ.

    -ئۇ مىنىڭ ھەدەم ئەمەس-دىدى دىلشات-بىزنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتىمىز يوق.

    دىلدار ھاڭۋاققىنىچە يەردە ئولتۇرۇپلا قالدى، دىلشات مىنى قۇچاقلاپ كۆتۈرۈپ يىراقلاپ كەتتى، بىز تۇمان ئارىسىدا غايىپ بولدۇق.

    ئۇ يىلى مەن 19 ياش، دىلشات 18 ياش ئىدى.


11. خۇمار


    سىز تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن بەزى ئادەملەر بىلەن كىچچىكىنە ئىش تۇپەيلى بىر نەچچە ئىغىز پاراڭلىشىپ قالىدىكەنسىز، شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا سىڭىپ كىرىپ، پۇتۇن ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتىۋىتىدىكەن...

    دىلشات سۈكۈت ۋە چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئىلىپ مىنىڭ قىشىمغا قايتىپ كەلدى.

    بىز 13 كۋادرات مىتىرلىق ئۆيدىن ئايرىلىپ، غالىپ ئاكا سوۋغا قىلغان ئالى دەرىجىلىك داچىغا كۆچۈپ كىردۇق. داچىدا ئايرىم خانىدا تۇرغاچقا مەن كەچلەردە بولىدىغان ئوڭايسىز ئەھۋالدىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىدىم. دىلشات ئۇ كۈنكى ئىشنى قايتا تىلغا ئالمىدى، مەنمۇ ئۇ كۈنى نىمە ئۈچۈن شۇنچە ئازاپلىنىپ كەتكەنلىكىم ۋە ئۆزۇمنى تۇتۇۋالالمىغانلىقىمنى چۇشەندۇرەلەيمەتتىم. مەندە ئەزەلدىن بۇنداق ھىسيات بولۇپ باقمىغان ئىدى. مەن ھەتتا دىلشاتنىڭ بۇ ئىشنى سۇرۇشتە قىلىشنى ئۈمد قىلاتتىم. ئەمما ئۇ ئۇنداق قىلمىدى.

    غالىپنىڭ نەپسى بارغانسىرى يوغىناپ كىتىپ باراتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىگىلىكىنى پۇتۇن رايونغا كىڭەيىتتى. كىچىكى ھۆسۈن تۈزەش ئورنىدىن تارتىپ، چوڭى قىمارخانىلارغىچە ھەممىسى ئۇنىڭغا قاراشلىق ئىدى. دىلشات بۇرۇنقىدىنمۇ سۆرۈن تەلەت، بۇرۇنقىدىنمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ئىدى. دائىم كىچىسى ئۆيگە قايىتمايىتتى. ئەمما يامغۇر ياغسا ئۇ چوقۇم قايتىپ كىلىپ ماڭا ھەمرا بولاتتى.

    ئىسل بىزەلگەن چوڭ ئۆيدە تۇرىۋاتقان بولساممۇ، ئەمما مەن دائىم ھىچنىمە يوق كىچىك ئۆيىمىزنى سىغىناتتىم. راھەت تۇرمۇش ماڭا بەخت تۇيغۇسى بىرەلمەيىتتى. دىلشات يىنىمدا بولمىسا ماڭا ھەممە نەرسە رەڭگىنى يوقاتقاندەك بىلىنەتتى، مىنىڭ ئۆيدىكى تاش ھەيكەللەردىن پەرقىم يوق بولۇپ، ھەتتا ئۇلار مەندىن جانلىق كۆرۈنەتتى. مەن ئاچلىق ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان بولساممۇ ئەمما بۇ باي تۇرمۇش ماڭا بەختنى ھىس قىلدۇرالمىغان ئىدى.

    مەن تولۇقنى پۇتتۇرۇپ قىلچە كۈچىمەيلا بىر داڭلىق ئالى مەكتەپكە ئۆتۇپ، باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇدۇم. ئەمەلىيەتتە قايسى كەسىپتە ئوقۇش مەن ئۈچۈن بەرىبىر ئىدى. مىنىڭ بۇرۇنقى پۇل تىپىپ دىلشاتنى ئوقۇتىمەن دىگەن ئىرادەم بارا-بارا سۇسلاپ كەتكەن ئىدى. دىلشات ئىككىمىزنىڭ كەلگۈسى غۇۋالىشىپ كەتكەن ئىدى.

    ئالى مەكتەپتە مىنىڭ گۈزەل چىرايىم يەنىلا مەكتەپتىكى قىززىق نۇقتا بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل ھالەت مىنىڭ تەنھالىقىمنى ئۆزگەرتەلمىگەن ئىدى. مەن باشقىلارنىڭ ھەيرانلىق بىلەن قاراشلىرىغا، شۇنداق ئۆزۇم تەنھا يۈرۈشكە كۆنۈپ قالغان ئىدىم. مەكتەپتە ھىچكىم مىنى قوغلىشىشقا جۇرئەت قىلالمايىتتى. ھەر كۈنى مەكتەپ ئالدىغا مىنى ئالغىلى كىلىدىغان قارا رەڭلىك BMW ماركىلىق ماشىنا ۋە قارا كۆزئەينەك تاقىغان شوپۇر ئۇلارنى قەدىمىنى توختىتىشقا مەجبۇر قىلاتتى.

    گەرچە قاتمۇ-قات قوغداشلار ئىچىدە تۇرساممۇ، ئەمما گۈزەللىكنىڭ توسۇپ بولمايدىغان سىھرى يەنىلا مەۋجۇت ئىدى، ماڭا باشقىلار يەنىلا ھەۋەس بىلەن قارىشاتتى. خۇمار مۇشۇ سەۋەبلىك مىنىڭ ھاياتىمغا بۆسۈپ كىرگەن ئىدى.

    ئۇ كۈنى چۇشتىن كىيىن مەن ماروژنىخانىدا ۋاقىت ئۆتكۈزىۋاتاتتىم. بۇلۇڭدا ئولتۇرغان ئىككى قىز بولسا ماڭا ئوغۇرلۇقچە تىكىلگىنىچە پىچىرلىشىۋاتاتتى.

    -خۇمار، قارىغىنە. ئاۋۇ قىز نىمانداق چىرايلىق-دىدى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى سىمىزرەك بىر قىز.

    -راست، بولىدىكەن. ئەمما يەنىلا ماڭا يەتمەيدىكەن-دىدى خۇمار.

    -سەن؟! سىنىڭ ئۇنىڭدەك بولىشىڭغا خىلى بارمىكىن-دىدى سىمىز قىز قاتتىق كۈلۈپ.

    -ئاياللاردا چىرايلا بولسا ھىساب ئەمەس، ئەقىلمۇ بىر خىل گۈزەللىك-دىدى ئۇ سىمىز قىزغا ھومىيىپ.

    -ئەگەر ئۇنىڭدەك چىرايلىق بولغان بولسام، مەن ھاڭۋاقتى بولۇشقىمۇ رازى ئىدىم-دىدى سىمىز قىز خۇمارغا پەرۋا قىلماي.

     -ئۇنىڭغا قارىغىنە، كۆزلىرى بىر نۇقتىغا تىكىلىپلا قاپتۇ، چىرايىدىن ھەسرەت يىغىپ تۇرىدۇ. گۇزەل قىزلارنىڭ تەلىيى كاج كىلىدۇ. ئۇ تۇرمۇشى چوقۇم خۇشال ئەمەس-دىدى خۇمار سىمىز قىزنىڭ گىپىنى ئاڭلىمغانغا سىلىپ.

    -ھەممىسى سىنىڭ ئىشىڭ، خەق كەتتى ئەنە-دىدى سىمىز قىز خۇمارنى ئۇرۇپ.

    مەن سىرىتتا يىيىش ئۈچۈن قاپلىق ماروژنى ئىلىپ چىقىپ كەتتىم، ئەمما قول سومكامنى ئورنۇمدا ئۇنتۇپ قالغان ئىدىم. بۇ مىنىڭ ئۆمرۈمدە ئەڭ پۇشايمان قىلغان بىخەستەلىكىم، چۇنكى مۇشۇ سەۋەبلىك مەن ھاياتىمدىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغان نەرسەمدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالغان ئىدىم.

    سىمىز قىز دەرھال بىرىپ مىنىڭ سومكامنى قولىغا ئالدى.

    -ئاشۇ قىزنىڭ ئىكەن، ئەمدى ئۇنىڭغا يىتىشەلمەيمىز، قانداق قىلىمىز؟-دىدى ئۇ جىددىيلىشىپ.

    -سومكىسىدا تىلفۇن دەپتىرى دىگەندەك نەرسىلەر بارمىكىن قاراپ باقايلى-دىدى خۇمار.

    -ۋاھ...دەرسلىك كىتاب. ئىسمى گۈلشاتكەن، نىمانداق چىرايلىق! داڭلىق مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن تىخى! خاتىرە دەپتەرمۇ باركەن-دىدى سىمىز قىز ئاغزىنى چىكىلتىدىپ.

    -نىمانداق غەلىتە-دىدى خۇمار، تىلفۇن دەپتىرىنى قولىغا ئىلىپ.

    سىمىز قىز خۇمارنىڭ قولىدىن تىلفۇن دەپتىرىنى تارتىپ ئىلىپ ھەيرانلىقتىن ۋاقىراپ كەتتى:

    -ۋاي خۇدايىم! بۇ قىزنىڭ تىلفۇن دەپتىرى نىمانداق... ئاران بىرلا ئادەمنىڭ نومۇرى باركەنغۇ-دىدى.

    -دىلشات....-خۇمار سۆكۈتكە چۆمگەن بولۇپ، ئىچىدە توختىماي بۇ ئىسىمنى يادلايىتتى.


12. خۇمار(2)


    خۇمارلار بىر تىلفون بوتكىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ چاقىرغۇ قىلدى.

    -ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم. 99699 نى چاقىرىپ بەرگەن بولسىڭىز، سۆز قالدۇرىمەن. مەن دىلخۇمار، گۈلشاتنىڭ قول سومكىسى مەندە. تىلفۇن قايتۇرۇڭ؛

    بىر نەچچە سكونىتتىن كىيىن دىلشات تىلفۇن قايتۇردى.

    -سەن كىم؟ ئۇ قەيەردە؟ ئۇنىڭ قول سومكىسى سەندە نىمە ئىش قىلىدۇ؟-دىدى دىلشات جىددى تەلەپپۇزدا.

    -ئۇ سومكىسىنى ماروژنىخانىدا ئۇنتۇپ قالغان ئىكەن، مەن ئىلىپ قويدۇم. سىز ئۇنىڭ دوستى ئوخشىمامسىز؟ سىز كىلىپ سومكىنى ئىلىۋالامسىز؟-دىدى خۇمار.

    -ھە، مۇنداقكەندە. سىز قەيەردە؟ سىز سەل ساقلاپ تۇرۇڭ، مەن بىردەمدىلا بارىمەن-دىدى دىلشات سەل پەسلەپ.

    -قىززىق، ئۇ بالا ئەجەپ جىددىيلىشىپ كەتتىغۇ-دىدى خۇمار تەخمىنەن ئورنىنى دەپ بەرگەندىن كىيىن تىلفوننى قويىۋىتىپ.

    -ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى ئوخشىمامدۇ؟-دىدى سىمىز قىز.

    -ئۇنداقتەك ئەمەس، بىر نىمە دىگىلى بولمايدۇ-دىدى خۇمار بىشىنى چايقاپ.

    بىردەمدىن كىيىن دىلشات يىتىپ كەلدى. سىمىز قىز ئۇنى كۆرۈپ ھاياجانلانغىنىدىن دىلشاتنىڭ بىلىكىنى چىڭ تۇتۇۋالغان ئىدى.

    -ئاھ خۇدا! نىمانداق كىلىشكەن يىگىت ئۇ-دىدى ئۇ پەس ئاۋازدا.

    -سىز دىلشاتمۇ؟-خۇمار ئۇنىڭ ئالدىغا بىرىپ سورىدى.

    -شۇنداق، ئۇنىڭ سومكىسى قىنى؟-سورىدى دىلشات.

    -مانا-دىدى خۇمار سومكىنى ئۇنىڭغا ئۇزىتىپ.

    -رەھمەت-دىلشات سومكىنى ئىلىپلا ماشىنا تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

    -توختاپ تۇرۇڭ-خۇمار ئۇنى توختىتىۋالدى-سىز سىزنى شۇنچە ئۇزۇن ساقلىدۇق، مۇشۇنداقلا كىتىپ قالسىڭىز سەت تۇرار، ھىچ بولمىسا بىزنى كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلىڭ.

    دىلشات قەدىمىنى توختىتىپ، سوغۇق نەزەردە خۇمارغا تىكىلدى، خۇمار كۈلۈمسىرىگىنىچە ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇراتتى.

    -نىمە قىلىسەن؟ -دىدى سىمىز قىز خۇمارنىڭ بىلىكىگە ئىسىلىپ، ئۇ دىلشاتنىڭ تۇرقىدىن قورقۇپ كەتكەن ئىدى.

    -ماشىنىغا چىقىڭلار-دىدى دىلشات.

    خۇمار سىمىز قىزنىڭ قولىدىن سۆرىگىنىچە  دىلشاتنىڭ مۇسابىقە ماشىنىسىغا ئىلىپ چىقتى.

    پەرى دىلشاتنىڭ ئىككى قىزنى ئىلىپ <شەرق چولپىنى>غا كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيرانلا قالدى. دىلشاتنىڭ ئەتراپىدا ئەزەلدىن قىزبالا بولمايىتتى.

    -سەن ئۇلارغا قاراپ تۇر، مەن بىرىپ دىلدار چاقىراي-دىدى ئۇ ئەركىنگە.

    -ئىككى سەتەڭنى باشلاپ كەپتىغۇ شۇ، سەن نىمىگە جىددىيلىشىسەن-دىدى ئەركىن پەرۋا قىلماي.

    -تولا كاپىلدىمىغىنە، يامان بولساڭ سەن ئىككىنى باشلاپ كىلىپ باقە قىنى-دىدى پەرى يۇگرەپ كىتىۋاتقاچ.

    -ۋاھ...خەقلەر داڭلايدىغان <شەرق چولپىنى>مۇشۇ ئىكەندە. نىمە دىگەن پەيزى، مەن ئۆزۇمنىڭ بۇ يەرگە كىرەلەيدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن. خۇمار، ئاۋۇ ئادەمگە قارىغىنە، بۇرنىغا ئۈچ ھالقا ئۆتكۈزىۋاپتۇ-سىمىز قىز ھاياجانلانغىنىدىن ۋاقىراپ-جاقىراپ سۆزلىمەكتە ئىدى.

    خۇمارنىڭ چىرايىدىن ھەيرانلىق ئىپادىسى كۆرۈلمەيىتتى. ئۇ باشقىلارنىڭ دىلشاتقا ھۆرمەت بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە نىمىلەرگىدۇر چوت سوقىۋاتاتتى.

    -ماڭا يەنە غاز قانىتى كىرەك-دىدى سىمىز قىز قولىغا تىزىملىكنى ئىلىۋىلىپ، ئۇ ئاللىقاچان نۇرغۇن نەرسىلەرنى بۇيرۇتۇپ بولغان ئىدى.

    -ماڭا بىر ئىستاكان بۆلجۈرگەن شەربىتى، بىر پارچە قايماقلىق تورت، رەھمەت سىزگە-دىدى خۇمار مۇلازىمغا قاراپ.

    -بۆلجۈرگەن شەربىتى، ناپالىئون پىرەنىكى-دىدى دىلشات، ئۇنىڭ كۆزلىرى خۇمارغا تىكىلىپلا تۇراتتى.

    -ئويلىماپتىكەنمەن، سىزمۇ تاتلىق نەرسىلەرنى يىيىشنى ياخشى كۆرىدىكەنسىزھە-دىدى خۇمار بوشقىنە كۈلۈمسىرەپ.

    دىلشات ئوڭايسىزلىنىپ بىشىنى چۇشۇرىۋالدى. ئۇ بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ چىكىشكە باشلىدى.

    خۇمار ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويدى-دە، گەپ سۆز قىلماي كانايچە بىلەن ئىچىملىكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئولتۇردى.

    -گۈلشات سىزنىڭ قىز دوستىڭىزمۇ؟-سىمىز قىز بىر تەرەپتىن بىر نەرسە يىگەچ بىر تەرەپتىن سورىدى-ئۇ بەك چىرايلىقكەن.

    -ياق-دىلشاتنىڭ بىردىنلا چىرايى ئۆزگەردى-ئۇمىنىڭ ھەدەم-دىدى ئۇ تاماكا ئىسىنى پۇۋلىگەچ، بىزار بولغان قىياپەتتە.

    -ۋاھ، ئەسلى سىلەر ئاچا-ئىنى ئىكەنسىلەردە،  چىرايىڭلار ئوخشىمايدىكەنغۇ؟ ئەمما ئىككىلىڭلار بەك چىرايلىق ئىكەنسىلەر-دىدى سىمىز قىز.

    دىلشاتنىڭ چىرايى تىخىمۇ سەتلىشىپ كەتكەن ئىدى.

    -ئۇنداق ئەمەستۇ-خۇمار تۇيۇقسىز ئىغىز ئاچتى-ئىككىڭلار ئۆز ئاچا-ئىنى ئەمەسقۇ دەيمەن-دىدى خۇمار كۈلۈمسىرىگىنىچە دىلشاتنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ.

    سىمىز قىز ھەيرانلىق بىلەن خۇمارغا قاراپ قالدى، خۇمارنىڭ چىھرىدە بولسا قۇۋلۇق ئەكس ئىتىپ تۇراتتى.

    دىلشاتنىڭ كۆزلىرىدىن بىر سوغۇق نۇر چاقنىدى-دە، تاپانچىسىنى چىقىرىپ خۇمارنىڭ پىشانىسىگە تەڭلىدى.

    -ئىيتە، سەن زادى كىم؟-سورىدى دىلشات غەزەپ بىلەن.

    سىمىز قىز ئاغزىغا لىق سىلىۋالغان نەرسىلەرنىمۇ يۇتمەستىن، دىلشاتقا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قالغان بولۇپ، قورىققىنىدىن گەپمۇ قىلالمايۋاتاتتى.

    خۇمارنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى.

    -سىز مىنى يەنە سىنايمەن دەپ يۇرمەڭ، مەن سىزنىڭ مىنى كىم دەپ قالغانلىقىڭىزنى بىلمەيمەن. ئەمما مىنىڭ سىز ئويلىغان ئادەملەر بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتىم يوق، مەن پەقەت ھۆرىيەت ئوتتۇرا مەكتەپ 2-يىللىق 3-سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى خالاس-دىدى ئۇ چوڭقۇر بىرنى تىنىۋىلىپ.

    خۇمار سومكىسىدىن ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسىنى چىقىرىپ دىلشاتقا سۇندى.

    دىلشات ئۇنىڭ كىنىشكىسىنى ئىلىپ كۈلۈپ تۇرغان رەسىمىنى كۆردى ۋە تاپانچىسىنى چۇشۇرۇپ-سىلەر خالىغىنىڭلارچە ئويناڭلار-دەپ قويۇپلا چىقىپ كەتتى.

    -ئۇنىڭ بايا قولىغا ئالغىنى قورالمۇ؟ ھە؟ راستىنلا قورالمۇ؟-دىدى سىمىز قىز ئاغزىدىكى يىمەكلىكنى ئالدىراپ يۇتۇپ، مەيدىسىگە مۇشىتلىغاچ.

    خۇمارنىڭ پۇتلىرى سۇس تىتىرەۋاتاتتى. ئۇ ئىستاكاندىكى بۆلجۈرگەن شەربىتىنى بىر كۆتۈرۈپلا ئىچىۋەتتى.

    -ئۇلار مىنىڭ ئويلىغىنىمدىنمۇ مۇرەككەپكەن-دىدى خۇمار ئۆز-ئۆزىگە.

    دىلشات ئىشىكتىن چىقىپلا دىلدارغا ئۇچراپ قالدى.

    -نىمە <ھەدەڭ>دىن ۋاز كەچكەن ئوخشىمامسەن؟-دىدى دىلدار سوغۇق كۈلۈپ-ئۇ ئىككى قىزدىن قايسىسى بەكرەك يارىدى؟

    -يىقىندىن بۇيان تىنىچ ئەمەس، بەزىلەر ئاستىرىتتىن ھەركەت قوللىنىۋاتىدۇ-دىدى دىلشات-ئۇلار ئۇنىڭغا يىقىنلىشىپتۇ، مەن ئىش چىقىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيمەن.

    -ئۇ سەن ئۈچۈن شۇنچە مۇھىممۇ؟-دىدى دىلدار ئاچچىق قىلىپ.

    -دىلدار، بولدى قىلغىن-دىلشات جاۋاب بەرمەسىتىن كىتىپ قالدى.

    -ياق!-دىدى دىلدار دىلشاتنىڭ بارغانسىىرى يىراقلاۋاتقان گەۋدىسىگە تىكىلىپ.


13. قىستالغان دۇنيا


    -ساۋاقداش گۈلشات!

    كۈتۈپخانىدا تۇرقىدىن ناھايىتى سىپايە كۆرۈنىدىغان بىر بالا كۈلۈپ تۇرۇپ مىنى چاقىرۋاتاتتى.

    -نىمە ئىش؟-سورىدىم مەن ئالدىمدىكى كىلىشكەن ئەمما ناتونۇش چىرايغا قاراپ سەل جىددىيلەشكەن ھالدا.

    دىلشاتتىن باشقا كىشلەرنىڭ ماڭا گەپ قىلىپ باقمىغىنىغا ناھايىتى ئۇزۇن بولغان ئىدى.

    -بونارد شاۋ؟ سىزمۇ ئۇنىڭ دىراممىللىرىنى ياخشى كۆرەمسىز؟-دىدى ئۇ قولۇمدىكى كىتابنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.

    -خىلى ياقتۇرىمەن-دىدىم مەن. ئۇ ماڭ خۇددى كونا تونۇشلاردەك گەپ قىلاتتى، مەنمۇ سەل يىنىكلەپ قالغان ئىدىم.

    -بەك ياخشى بولدى-دىدى ئۇ خۇشاللىق بىلەن-مەن تىخى سىزنى بۇنداق نەرسىلەرنى ياقتۇرمامدىكىن دەپ ئەنسىرىگەن ئىدىم.

    -سىزنىڭ نىمە ئىشىڭىز بار؟-ئۇنىڭ ھاياجانلىنىپ كىتىشى مىنى باشقىچە ئويلاندۇرۇپ قويغان ئىدى.

    -گۈلشات، سىزنى گۈلشات دەپ ئاتەۋەرسەم بولار. بىزنىڭ دىرامما ئۆمىكىگە قاتنىشىڭ بولامدۇ؟ مىنىڭچە سىز بۇنىڭغا بەك مۇۋاپىق كىلىسىز-دىدى ئۇ.

    -دىرامما ئۆمىكى؟-كەچۇرۇڭ، مەن...-مەن ناتونۇش ئادەملەرنى رەت قىلىپ كۆنۈپ كەتكەن ئىدىم. ھىلىمۇ ئۇنىڭ بىلەن كۆپ پاراڭلىشىپ كەتتىم.

    -ھەرگىز ياق دىمەڭ-دىدى ئۇ مىنىڭ گىپىمنى بۆلۈپ-مەن ئۇلار بىلەن باغلاشقان، ئەگەر سىز كەلىمىسىڭىز مىنىڭ ھالىم خاراب بولىدۇ.

    -باغلاشقان؟-بۇ گەپ ماڭا ناھايىتى يىڭىلىق تۇيۇلدى، دىلشات ماڭا ئەزەلدىن بۇ توغرىسىدا گەپ قىلمايىتتى.

    -شۇنداق-دىدى ئۇ خىجىللىق بىلەن كۈلۈپ-مەن سىزنى چوقۇم ئۆمەككە ئىلىپ كىرىمەن دەپ قەسەم قىلغان، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئۆمەكنىڭ بۇ ئايلىق خىراجىتى مىنىڭ زىممەمگە ئارتىلىدۇ.

    مەن ئۇنىڭ كىلىشكەن چىرايىنىڭ غەلىتە ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزۇمنى تۇتالماي كۈلۈپ سالدىم.

    -گۈلشات، سىز مىنىڭ ئويلىغىنىمدىنمۇ بەكرەك گۈزەلكەنسىز-دىدى ئۇمۇ كۈلۈپ.

    قۇياش نۇرى دەرزىدىن ئۆتۈپ ئۇنىڭ يۈزىگە چۇشۇپ، ئۇنىڭ كۈلكىسىنى تىخىمۇ نۇرلاندۇرىۋەتكەن ئىدى، مۇشۇ پەيىتتە مىنىڭ خىيالىمغا دىلشاتنىڭ كىچىك ۋاقىت كەلدى، كىچىك ۋاقىتىدا دىلشاتمۇ مۇشۇنداق تاتلىق كۈلىدىغان، ئەمما ھازىر ئۇنىڭ ئۇ ۋاقىتتىكى سەبىيلىكىدىن ئەسەرمۇ قالمىدى، ھازىر ئونىڭ قاشلىرى ئوتتۇرىسىدا قاراملىق ۋە تەلۋىلىك ئەكىس ئىتەتتى.

    -ئۇنداق بولسا مۇشۇنداق بولسۇن، كىلەر قىتىم پائالىيەت بولغاندا مەن سىزنى چاقىرىمەن-دىدى ئۇ مەن بىلەن خوشلىشىپ.

    -توختاپ تۇرۇڭ-مەن ئۇنى توختىتىۋالدىم.

    -نىمە؟-ئۇنىڭ كۆزلىرى ماڭا ئىنتىزارلىق بىلەن قاراپ تۇراتتى.

    -سىز...سىزنىڭ ئىسمىڭىز نىمە؟-سورىدىم مەن.

    ئۇ تۇرۇپلا قالدى، چىرايىدىن مىنىڭ ئۇنى تونۇمايدىغانلىقىمغا ھەيران بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. ئۇ مەكتەپتىكى داڭلىق شەخىس بولۇپ، مەكتەپتە ئۇنى تونۇمايدىغانلار ئىھتىمال مەنلا بولسام كىرەك.

    -ۋاي، بىر سىنپتا ئوقۇيدىغان ساۋاقدىشىم، بىلمەمسىز؟ مىنىڭ ئىسمىم دىلمۇرات.

    -دىلمۇرات-دىدىم مەن ئىچىمدە ئۇنىڭ ئىسمىنى تەكرارلاپ.

    -بىزنىڭ ئۆمەككە كىلىڭ-دىدى ئۇ ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا-مەن ھەرگىز سىزنى قاچۇرۇپ قويمايمەن.

    ئۇ ماڭا قولىنى خوش دىگەن مەنىدە قولىنى پۇلاڭشىتىپ قويدى-دە، خۇشاللىقىدىن سەكرىگىنىچە يۇگرەپ چىقىپ كەتتى.

    بۇ بالا ماڭا ناھايىتى ياخشى تەسىر بەرگەن ئىدى. ئۇ يىقىملىق ۋە سەمىمى ئىدى، ھىچ بولمىغاندا ماڭا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بەرگەن ئىدى. بۇ مىنىڭ تۇنجى قىتىم نورمال ئوغۇللار بىلەن ئالاقە قىلىشم ئىدى. كىچىك ۋاقتىمدىكى ئەسلىمىلەر ناھايىتى يىراقتا قالغان، چوڭ بولغاندىن كىيىن مەن ئۇچراشقان ئەرلەر بولسا ئادەتتىكى ئادەملەر ئەمەس ئىدى.

    شۇنداق قىلىپ، قىپى ئىچىگە مۇكۈنىۋالغان قۇلۇلىگە ئوخشايدىغان مەن، ئوغۇرلۇقچە بىشىمنى ئازراق سىرتقا چىقاردىم.

    دىلمۇراتقا سىلىشتۇرغاندا خۇمار تىخىمۇ بىۋاستە كەلگەن ئىدى. مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كىيىن، ئۇ دەرۋازا ئالدىدا مىنى توسۇۋالدى.

    -گۈلشات-دىدى ئۇ مىنى چاقىرىپ-مەن سىزنى ساقلىغىلى ناھايىتى ئۇزۇن بولدى.

    ئالدىمدا بويى ئانچە ئىگىز ئەمەس، چىرايىمۇ دىگۈدەك چىرايلىق ئەمەس، ئەمما كۆزلىرى شۇنچە نۇرلۇق ھەم ئويناق بىر قىز تۇراتتى.

    -سىز كىم؟-سورىدىم مەن.

    جۇرئەت قىشىمغا كىلىپ، ئىھتىيات بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ تۇردى.

    -مىنىڭ ئىسمىم دىلخۇمار، مەن دىلشاتنىڭ تونۇشى-دىدى ئۇ جۇرئەت قاراپ سوغۇققىنە.

    جۇرئەت بىلەن ھەر ئىككىمىز چۆچۈپ كەتتۇق.

    -سىزنىڭ قول سومكىڭىزنى مەن تىپىۋالغان-دىدى خۇمار.

    -رەھمەت سىزگە-دىدىم مەن سەل چۇشەنگەندەك بولۇپ.

    -ۋاقتىڭىز بولسا بىرگە تاماق يەيلى-دىدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ.

    -بولمايدۇ، دىلشات ئاكام مىنى گۈلشات ھەدەم كۈندە مەكتەپتىن قايىتقان ھامان ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇشنى دىگەن-دىدى جۇرئەت مەن گەپ قىلاي دىگۈچە.

    خۇمار جۇرئەتكە قاتتىق بىرنى ئالايدى-دە، تۇيۇقسىز بىر ئىشنى ئىسىگە ئالغاندەك بولۇپ:

    -مەيلى ئەمىسە، ئۇنداقتا سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە بارايلى-دىدى كۈلۇپ تۇرۇپ.

    -بۇ......-مەن ئىككىلىنىپ قالدىم، مەن بۇنداق ئەھۋالغا ئۇچراپ باقمىغان ئىدىم.

    -شۇنداق بولسۇن، قانداقلا بولمىسۇن مەنمۇ دىلشاتنىڭ دوستىغۇ؟-دىدى ئۇ كۆزۈمگە تىكىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ كۆز نۇرى غەلىتە ئىدى.

    -بولىدۇ-دىدىم مەن، جۇرئەت گەپ قىلىپ بولغۇچە، ئۇنىڭ بىر ئىشى باردەك تۇرقى، دىلشات بىلەن مىنى تىلغا ئالغاندىكى غەلىتە ئىپادىسى مىنىڭ بۇ چاقىرىلمىغان مىھمانغا ماقۇل بولىشىمغا سەۋەب بولغانىدى.

    جۇرئەت ئاچچىقى بىلەن ئۇنىڭغا ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئىچىپ بەردى، خۇمار رازىمەنلىك بىلەن ماشىنىغا چىقتى.

    مەن ئۆز ئۆيۇمنىڭ مىھمانخانىسىدا ئۆزۇمنى ئەركىن سىزەلمەيۋاتاتتىم. خۇمارنىڭ مىنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى سىزىپ تۇراتتىم.

    -ماڭا بىر ئىستاكان چاي بەرسىڭىز بولامدۇ؟-دىدى خۇمار.

    -ماقۇل-دىدىم مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ.

    -سىزنىڭ دوستىڭىز يوقمۇ؟-سورىدى ئۇ ئەتراپقا قارىغاچ.

    -ياق-دىدىم مەن ئۇنىڭغا چاي سۇنغاچ.

    -ئۇنداقتا سىز ئادەتتە نىمە ئىشلارنى قىلىسىز؟ بازار ئايلانغىلى بارمامسىز؟-دىدى ئۇ قىزىقىش بىلەن.

    -ياق، بارمايمەن-دىدىم مەن-مەن ئادەتتە مال تىزىملىكىگە ئاساسەن بىر نەرسە سىتىۋالىمەن.

    -ئۆيدە ھەدە-ئىنى ئىككىڭلارلا بارمۇ؟-دىدى خۇمار.

    -شۇنداق.

   -ئۇ ئادەتتە كەچلىرى ئۆيگە قايتىپ كەلمەمدۇ؟

   -شۇنداق.

    -سىز ھىچ ئىش قىلمامسىز؟

    -كىتاب ئوقۇيمەن-مەن ئۇنىڭ بۇنچە كۆپ ئۇششاق-چۇششەك سوئاللارنى سورىغانلىقىغا ھەيران بولىۋاتاتتىم-ياكى ئۇخلايمەن.

    -سىلەرنىڭ ئالبومنى كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟ مەن دىلشاتنىڭ كىچىك ۋاقتىنى كۆرۈپ باقاي دىگەن ئىدىم.

     -ئالبوم؟-مەن تۇرۇپلا قالدىم. مىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىمدا چۇشكەن بىر نەچچە پارچىلا سۇرىتىم بار ئىدى. دىلشاتنىڭ بولسا بىر پارچىمۇ يوق ئىدى.ھەتتا بىزنىڭ بىرەر پارچە بىللە چۇشكەن سۇرىتىمىزمۇ يوق ئىدى.

    يوق-دىدىم مەن. مەن بىردىنلا خۇشال بۇلۇپ قالدىم. دىلشاتنىڭ كىچىك ۋاقتىدا قانداق ئىكەنلىكىنى پەقەت مەنلا بىلەتتىم. خۇمار ھەرگىز بىلمەيىتتى.

    خۇمار مىنىڭ نىمە ئويلىغىنىمنى سىزىپ قالغاندەك ئىدى.

-سىلەرنىڭ تۇرمۇشىڭلار ھەقىقەتەن بىنورمالكەن-دىدى ئۇ كۈلۈپ.

    ئۇنىڭ پەرۋا قىلماسلىقى مىنى سەل ئۈمدسىزلەندۇرۇپ قويدى.

-ئەگەر باشقا ئىشىڭىز بولمىسا......-مىنىڭ ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغۇم كەلمەي قالغان ئىدى، ھەتتا ئۇنىڭغا ھەسەت قىلۋاتاتتىم.

-ئىشىم بار-دىدى ئۇ گىپىمنى بۆلۈپ-مەن ئىشىم بولغاچقا سىزنى ئىزدەپ كەلگەن.

    مەن بىردىنلا جىددىيلىشىشكە باشلىدىم. خۇمار ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدىغا بىر نەچچە قەدەم ماڭغاندىن كىيىن بىردىنلا ئارقىغا بۇرۇلۇپ:

-مەن دىلشاتنى ياخشى كۆرىمەن-دىدى.

-مىنىڭچە مەن بۇنى سىزگە ئىيتىپ قويۇشۇم كىرەك-دىدى ئۇ كۆزۈمگە مىختەك قادىلىپ تۇرۇپ.

    مەن ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭغا قاراپلا قالدىم. ئۇ بولسا كۈلگىنىچە ماڭا قاراپ تۇراتتى.

    مىنىڭ يۈرىكىمگە بىردىنلا قاتتىق ئاغرىق كىرىۋالدى، يەنە ئازاراق قورقۇنۇچمۇ بار ئىدى.

    خۇمار باشقىلارغا ئوخشىمايىتتى، ئۇ ئىلنۇر، دىلدار، پەرىلەرنىڭ ھىچقايسىسىغا ئوخشىمايىتتى. مەن بۇ نۇقتىنى ئىنىق چۇشىنىپ تۇراتتىم.

    تۇيۇقسىز ئىشىك ئىچىلىپ، دىلشات كىرىپ كەلدى.

    سەن بۇ يەرگە نىمىگە كەلدىڭ؟-دىدى ئۇ خۇمارغا ۋاقىراپ.

-ھىچنىمىگە-دىدى خۇمار قىلچە قورقماستىن-مەن سىزنىڭ ھەدىڭىز بىلەن پاراڭلىشاي دىگەن.

    ئۇ ھەدىڭىز دىگەن سۆزنى ئالاھىدە ئۇرغۇلۇق ئيىتتى. بۇنى ئاڭلاپ دىلشات تۇرۇپلا قالدى.

-گۈلشات ھەدە، تاماقنى كىيىن يەي، مەن قايىتتىم، كىيىن يەنە سىز بىلەن پاراڭلاشقىلى كىلىمەن، خوش-خۇمار ماڭا كۆزىنى قسىىپ قويۇپ، سومكىسىنى ئىلىپلا چىقىپ كەتتى.

    دىلشات ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قارىغىنىمىزچە تۇرۇپلا قالدۇق.

    بىزنىڭ ئىككى كىشلىك دۇنيارىمىز تۇيۇقسىزلا قىستاڭچىللىق بولۇپ كەتكەن ئىدى.


14. مىنى ئىلىپ كەت


    گەرچە مەن پەقەتلا خالىمىساممۇ ئەمما خۇمار يەنىلا ئوچۇق-ئاشكارە مىنىڭ ئالدىمدا پەيدا بولاتتى.
-گۈلشات ھەدە، ئاشخانا ئۆيىڭىزنى ئىشلىتىۋالايچۇ؟ مەن پىرەنىك پىشۇراي دىگەن ئىدىم-دەيىتتى ئۇ بىزنىڭ ئۆيگە كىلىپ.
-قانداق پىرەنىك؟-ئۇنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى ھالىتى شۇنچە بىغۇبار ئىدىكى ئۇنى بىر نەرسە دىيىشكە مەن ئامالسىز ئىدىم.
-تىلامىسۇ، مەن بۇنى پىشۇرۇشقا بەك ئۇستا. ھىلى سىزگە بىر پارچە بىرەي، ئەمما پەقەت بىر پارچىلا بىرەلەيمەن.
-بىرىسىگە ئاپىرىپ بىرەمسىز؟
-ھەئە، مەن دىلشاتقا پىشۇرۇپ بىرەي دىگەن-دەيىتتى ئۇ قىلچە خىجىل بولماستىن.
-ئۇنىڭ تاتلىق بىلەن خۇشى يوق-دىدىم مەن ئالدىراپ، كۆڭلۇمدە بولسا ئۇنىڭ ئۈمىدسىزلىنىشىگە تەقەزازا ئىدىم.
    ئەمما خۇماردا قىلچىمۇ ئۈمدسىزلىنىش كەيپىياتى يوق ئىدى، ئۇ خۇددى مەن ئاجايىپ ھەيران قالارلىق گەپ قىلغاندەك ماڭا قاراپ قالغان ئىدى.
-سىز ئىنىقلا ئۇنى چۇشەنمەيدىكەنسىز-دىدى ئۇ بىشىنى چايقاپ.
-جۆيلۈمەڭ-مەن ئۇنىڭ ھەممىنى بىلىدىغاندەك سۆزلەيدىغان مىجەزدىن بىزار ئىدىم، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى مىنى خۇدۇكسىرىتەتتى-ئۇ كىچىكىدىنلا تاتلىق يىيىشنى ياخشى كۆرمەيىتتى. بىز بىرگە تۇرغان چاغلاردا پۇرچاق مانتىسى، پىرەنىك، تورت، شاكىلات ھەممىسىنى ماڭا بىرەتتى، ئۇنىڭغا بەرسەم يىگىلى ئۇنىمايىتتى.
-ئۇ دىگەن سىز ئۈچۈن-دىدى ئۇ كۈلۈپ كىتىپ-سىز بەك ياخشى كۆرگەچكە، ئۇ ياخشى كۆرمەيمەن دىگەن.
     مەن خۇمار ھاڭۋىقىپ قارىغىنىمچە تۇرۇپ قالدىم. دىلشات كىچىدىنلا ماڭا شۇنداق ئىللىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. ئەپسۇس، ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەردىن ۋاز كەچكىنىنى تۇنجى بولۇپ بايقىغان ئادەم مەن ئەمەس، خۇمار ئىدى.
    دوخۇپكىنىڭ <<تىڭ-توڭ>>قىلغان ئاۋازى بىلەن تەڭ ئۆينىڭ ئىچىگە تىلامىسۇنىڭ مەززىلىك پۇرىقى تارىدى.
-سىز كىتىڭ-دىدىم مەن-مەن سەل تۇرۇڭ دەرسكە بارمىسام بولمايدۇ.
ئەمدى مىنى ئۇنى كۆرگۈچىلىكىم قالمىغان ئىدى.
-ئازراق بىئارام بولىۋاتىسىز شۇنداقمۇ؟ ئەپسۇس، مەن دىلشاتنى سىزگە قارىغاندا بەكرەك چۇشىنىمەن، بۇ ھەقىقەت-دىدى خۇمار-سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردىكى كۈلكىلىك ھىسياتنى تىخىمۇ چۇشىنىمەن.
-چىقىپ كەت!!!-مەن ئەمدى راستىنلا ئاچچىقلانغان ئىدىم.
-گۈلشات ھەدە، بۇنچە ئاچچىقلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق-دىدى ئۇ يىنىمغا كىلىپ- چۇنكى سىز ئۇنى ياخشى كۆرمەيسىز.
-سىز ئۈچۈن باھانە ئىزدىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ قىرىنداشلىق ۋە ئۆرپ-ئادەت بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. سىز ئۆزىڭىزنىڭ شەخسىيەتچىلىكىدىن دۇنيادا پەقەت ئىككىمىزلا بار دەپ قارايدىغان تۇرسىڭىز، يەنە باشقىلارنىڭ نىمە دەپ قارىشى بىلەن كارىڭىز بولامتى؟ گەرچە مەن نىمە ئۈچۈنلىكىنى بىلمىسەممۇ، ئەمما مەن كۆرۈپ يىتەلەيمەن. سىزنىڭ دىلشاتنى ياخشى كۆرۈشكە جۇرئەت يوق. لىكىن سىز ئۇنىڭ قوغداشلىرىغا كۆنۈپ قالغان، ئۆزىڭىز ئاغرىنىپ، ئۆزىڭىز خۇشال بولۇپ يۇرۇشكە ئادەتلىنىپ قالغان. ئەمما سىز دىلشاتنىڭ نىمىلەرنى ئويلايدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆردىڭىزمۇ؟ ئۇنىڭ نىمىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئەمەلىيەتتە بۇنىڭمۇ ئەجەپلەنگۈدەك يىرى يوق، چۇنكى سىز مۇھەببەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز، ئۇنىڭ ئۇستىگە سۆيۈشنىمۇ بىلمەيسىز؟ شۇنداقمۇ؟-دىدى خۇمار مىنى قەدەممۇ قەدەم قىستاپ.
    -سىز...سىز تولا قالايمىقان سۆزلىمەڭ-دىدىم مەن. خۇمارنىڭ سۆزلىرى ماڭا خۇددى بىشىمغا توقماق بىلەن ئۇرغاندەكلا بىلىنگەن ئىدى.
راسىت، مەن ھەقىقەتەن مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكنى چوڭقۇر چۇشەنمەيتتىم، مۇھەببەتنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلمەيىتتىم. ئەمما شۇنى چۇشىنەتتىمكى، دىلشاتقا نىسبەتەن مەندە مۇھەببەت ۋە ئازاپ تەڭ مەۋجۇت ئىدى. ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىم قانچە كۈچلۈك بولسا، ئازاپلىرىممۇ ھەم شۇنچە كۈچلۈك ئىدى. مەن ھەر قتىىم ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە يۈزلەنگىنىمدە تەقدىر تەرىپىدىن ئىغىر ئازاپلارغا دۇچار قىلىناتتىم-دە، ئامالسىز، جاراھەتكە تولغان بەدەنلىرىم بىلەن تۇگۇلۇپ، ئەسلى ئورنۇمغا قايتىشقا مەجبۇر بولاتتىم. ئاندىن سۈكۈت ئىچىدە دىلشاتنىڭ مىنىڭ بۇ بىچارە ھالىتىمنى ئوڭشايىتتى. پىشانەمگە شۇنداق پۇتۇلگەن بولسا كىرەك، مەن باشتىن باشلاپلا ئامالسىز ئىدىم.
-ئەجىبا ئۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئۇنداقتا، سىز ئۇنى ياخشى كۆرەمسىز؟-خۇمارنىڭ بۇرۇنلىرى يۈزۈمگە تىگەيلا دەپ قالغان ئىدى، مەن ئۇنىڭ نىپىزكالپۇكلىرىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن مىدىرلاپ، ياڭراق سۆزلەرنى ئىيتىپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىنىق كۆرۈپ تۇراتتىم.
    -سىز ئۇنى سۆيۈشكە جۇرئەت قىلالامسىز؟
    مەن ئىغىزلىرىمنى مىدىرلاتتىم-يۇ، ئەمما خۇمارنىڭ مەشئەلدەك يىنىپ تۇرغان كۆزلىرى قاراپ، بىر ئىغىزمۇ گەپ قىلالمىدىم.
-بولدى، مەن ماڭاي-خۇمارنىڭ يۈزلىرى رازىمەنلىك بىلەن تولغان ئىدى-خەيىر-خوش! گۈلشات ھەدە.
    خۇمار سەكرەپ-تاقلىغىنىچە چىقىپ كەتتى. خۇمار خۇددى باشقىلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلدىغان سىھرى باردەك دىلشات ئىكىكمىزنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولغاندا مەن ئۆزۇمنىڭ تىخىمۇ جۇرئەت قىلالمايدىغانلىقىمنى ئىتراپ قىلاتتىم. شاھمات ئوينىغاندا ئىككى تەرەپنىڭ بىرى مات بولىدۇ. خۇمار مىنى پۇتۇنلەي مات قىلغان ئىدى.
خۇمار مەكتەپ فورمىسىنى كىيىپ، قولىدا يىمەكلىك خالتىسىنى كۆتۈرگىنىچە <شەرق چولپىنى>غا كىرىپ كەلگىنىنى كۆرۈپ، دىلشات ئازراق تەسىرلەندى. خۇمارنىڭ بۇ ھالىتى دىلشاتقا بۇرۇنقى ئەسلىمىلەرنى ئەسلەتكەن ئىدى، ئۇ خۇددى بۇرۇنقى مىنى كۆرگەندەك بولغان ئىدى. دىلشات بىر تال تاماكا تۇتاشتۇردى-دە، يىراقتىن بۇ كۆزلىرى نۇرلىنىپ تۇرىدىغان قىزغا قاراپ تۇردى. ئەمما خۇمار ماڭا قارىغاندا كۆپ ئەركىن-ئازادە ئىدى.
    -كەچۇرۇڭ-پەرى ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇۋالدى-18 ياشقا توشىمىغانلار ئىچىگە كىرسە بولمايدۇ.
    -مەن دىلشاتنى ئىزلەپ كەلدىم-دىدى خۇمار پەرىنى قىلچە نەزىرىگە ئىلماستىن كۈلۈپ تۇرۇپ.
    -ھەرقانداق ئادەمنى ئىزدىسىڭىزمۇ بولمايدۇ؟ ماڭا قاراڭ، خان! سىز تىخى مەكتەپ فورمىسى كىيىۋاپسىز، ئەگەر ساقچىلار كۆرۈپ قالسا، بىز سودا قىلمىساق بولىدۇ-دىدى پەرى ئۇنىڭغا يول قويماي.
    -پەرى، ئۇنى ئۆتكۈزىۋىتىڭ-دىدى دىلشات كىلىپ.
-سىز مەن بىلەن مىڭىڭ-دىدى ئۇ خۇمارغا قاراپ.
    پەرى تەن بەرمىگەن ھالدا ئارقىغا ياندى، خۇمار بولسا كۈلۈمسىرىگىنىچە دىلشاتقا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ھوجرىىسغا كىردى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دىلدار كۆرۈپ تۇرغان ئىدى.
    -ھوجرىڭىز بەك پاكىزكەن-دىدى خۇمار ئەتراپقا كۆر يۈگۇرتكەچ.
-سىز نىمىگە كەلدىڭىز؟-سورىدى دىلشات.
-سىزگە بۇنى ئىلىپ كەلدىم-دىدى خۇمار يىمەكلىك خالتىسىنى دىلشاتقا سۇنۇپ-مەن ئۆز قولۇم بىلەن قىلغان.
-مۇشۇنىڭ ئۈچۈنمۇ؟ تىلامىسۇ؟-سورىدى دىلشات خالتىنىڭ ئىغىزىنى ئىچىپ.
-بۇ يىتەرلىك ئەمەسمۇ؟-قايتۇرۇپ سورىدى خۇمار شوخلۇق بىلەن.
-تەمى ياخشىكەن-دىدى دىلشات بىر چىشلەپ باققاندىن كىيىن.
-مەن سىزنىڭ ياقتۇردىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم-دىدى خۇمار كۈلۈپ-ئادەتتە باشقىلار سىزگە پىرەنىك پىشۇرۇپ بەرمەيدىغۇ دەيمەن. ئۇ تىخى سىزنى ياخشى كۆرمەيدۇ دەپ بىلىدىكەن.
دىلشات تۇرۇپ قالدى-دە، پىرەنىكنى قويۇپ قويدى.
-سىز تىلامىسۇنىڭ نىمە مەنىسى بارلىقىنى بىلسەمسىز؟-سورىدى خۇمار دىلشاتقا مەنىلىك قاراپ.
دىلشات بىشىنى چايقىدى.
-مىنى ئىلىپ كەت.
-ئىتالىىيچە گەپ، تىلامىسۇ دىگەننىڭ مەنىسى مىنى ئىلىپ كەت بولىدۇ-دىدى خۇمار دانىمۇ-دانە قىلىپ.
دىلشات خۇمارنىڭ تىكىلىشلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، بىشىنى تۆۋەن سالغىنىچە دەرىزە تۇۋىگە بىرىۋالدى.
-سىز بۇنداق تۇرمۇشنى ياخشى كۆرمەيسىز شۇنداقمۇ؟ بۇ سىز ئارزۇ قىلغان تۇرمۇش ئەمەس، شۇنداققۇ؟ قارىڭە، سىزنىڭ ھەربىر ھەركىتىڭىز، ھەربىر ئىپادىڭىز سىزنىڭ خۇشال ئەمەسلىكىڭىزنى، بۇنداق ئۆتۈشنى خالىمايدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ئەپسۇس، سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا سىزنى چۇشەنگىدەك بىرەرسىمۇ يوق-دىدى خۇمار توختىماستىن سۆزلەپ.
    دىلشات بىر ئىغىزمۇ ئۇندىمەستىن تاماكىسىنى چىكۋاتاتتى.
-ئەمما مەن چۇشىنىمەن، مەن سىزنى بىر كۆرۈپلا بىلگەن ئىدىم. شۇڭا مەن سىزگە يىقىنلاشتىم، ھەم ئۇنىڭغا يىقىنلاشتىم. مىنىڭ سىزنىڭ ئۆتمۈشىڭىز بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتىم يوق، ھەم شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خۇشالمەن. دىلشات، مەن سىزگە ھەمراھ بولالايمەن، سىزگە ئىزچىل ھەمرا بولۇپ، سىز ئەسلى قىلىشنى خالايدىغان ئىشلارنى قىلالايمەن. سىز مىنى ئىلىپ كىتىڭ، بىز بۇ ئەبگا يەردىن كىتەيلى!
خۇمار دىلشاتنى ئارقىدىن چىڭ قۇچاقلىۋالدى-دە، ئىڭىكىنى ئۇنىڭ دۇمبىسىگە تىرىگىنىچە، مۇلايىملىق بىلەن دىدى:
-مىنى ئىلىپ كىتىڭ، سىز ئەمەلىيەتتە مەندىن بىزار ئەمەس، شۇنداققۇ؟
دىلشات ئاستا بىشىنى كۆتۈردى-دە، دەرىزە سىرتىدىكى كۈلرەڭ ئاسمانغا قارىدى، ئۇنىڭ كۆزلرى مانانلىشىپ كەتكەن ئىدى.
خۇمار كۆزلىرىنى بوشقىنە يۇمۇۋالغان ئىدى. دىلشاتنىڭ بەدىنىدە بىر خىل مەزىلىك پۇراق بار ئىدى. مۇشۇنداق بولغانغان ھاۋادا ياشايدىغان دىلشاتنىڭ بەدىنىدە بۇنداق پۇراقنىڭ بولىشىغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيىتتى. خۇمار بوش كۈلۈمسىرىگىنىچە بۇ پۇراقتىن بەھىر ئىلۋاتاتتى. خۇمار ئۈچۈن ئىيىتقاندا مۇشۇ دەقىقە ئىنتايىن قىممەتلىك ئىدى.
-دىلشات ئاكا-دەل مۇشۇ ۋاقىتتا جۇرئەت ئۆيگە بىسىپ كىردى، ئۇ بىر خىل تارتىنىش ۋە غەزەپ بىلەن ئۇلارغا قاراپ تۇراتتى.
    خۇمار قايىتىپ بىرىپ، كىرسلودا ئولتۇرۋالدى. دىلشات ئىسىنى يىغىپ، جىددىيلەشكەن ھالدا سورىدى:
-سەن بالدۇرلا قايتىپ كەپسەنغۇ؟ ئۇ قىنى؟
-گۈلشات ھەدەمنى باشقىلار ئىلىپ كىتىپتۇ-دىدى جۇرئەت.
دىلشات كاپلا قىلىپ ئۇنىڭ بىلىكدىن تۇتىۋالدى، كۆزلىرىدىن غەزەپ ياغاتتى.
-نىمە دىدىڭ؟
-گۈلشات ھەدەم ئۆزى ئۇنىڭ بىلەن بىللە كىتىپتۇ، ئۇلار ساۋاقداش ئوخشايدۇ-دىدى جۇرئەت ئالاقىزادە بولۇپ.
    دىلشات ئاستا-ئاستا جۇرئەتنى قويىۋەتتى-دە، چاپىنىنى كىيىپ:
-ماڭ، بىز مەكتەپكە بارايلى-دىدى.
    توختاڭ-دىدى خۇمار ئىغىز ئىچىپ-سىز ھەدىڭىزنى نازارەت قىلىۋاتامسىز؟ سىزنىڭ ھەدىڭىزگە بۇنداق مۇئامىلە قىلىشىڭىز بەكمۇ كۈلكىلىك بىلەمسىز؟ سىز نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىسىز؟ ئۇ سىزنىڭ نىمە ئۈچۈن قىلغانلىقىڭىزنى بىلەمدۇ؟ ئۇ بىلىشنى خالامدۇ؟
    -سىز بەك ئەقىللىق، ئەمما سىز بەكلا مەمەدان، ئۆزىڭىزنى بىلەرمەن چاغلايسىز. سىز بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى ئىشنى چۇشەنمەيسىز، مىنىڭ ئەسىلى نىمە ئىش قىلىشنى خالايدىغانلقىمنى ئەسلا بىلمەيسىز-دىدى دىلشات سوغۇققىنە.
-----------------------------------------
    دىلشات چىقىپ كەتتى، جۇرئەت ئەجەپلەنگىنچە ئۇنىڭغا ئەگەشتى. خۇمارنىڭ چىرايى بولسا بارغانسىرى خۇنۇكلىشىپ كىتىۋاتاتتى.


15. ماڭا ئىشەن


    مىنى ئىلىپ كەتكىنى دىلمۇرات ئىدى.

    -گۈلشات، بىزنىڭ دىيىشكەن گىپىمىزنى ئۇنتۇلۇپ قالمىغانسىز؟-دىدى دىلمۇرات دەرستىن چۇشكەندىن كىيىن مىنى چاقىرىۋىلىپ.

    مىنىڭ كاللامدا بولسا خۇمارنىڭ مەن جاۋاب بىرەلمىگەن سۇئالى قايتا-قايتا تەكرارلىنىۋاتاتتى، شۇڭا دىلمۇراتنىڭ گىپىنى ئاڭلىمىغان ئىدىم.

    -گۈلشات، مىجەزىڭىز يوقمۇ نىمە؟-دىدى ئۇ ئالاقىزادە بولۇپ-سىزنى سەھىيە ئۆيىگە ئاپىرايمۇ؟

    - سىز كىم؟-مەن ھىچىنىمىنى ئاڭقىرالماي، ئۇنىڭغا قاراپ.

-سىز ھەتتا مىنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىڭىزما؟-دىدى ئۇ ئاچچىق كۈلۈپ.

-دىلمۇرات-دىدىمەن ئىسىمگە كىلىپ.

-سىزنىڭ مىنى ئىسىڭىزدە تۇتالىغىنىڭىز ئۈچۈن تەشەككۈر-دىدى ئۇ خۇشال ھالدا-بۇگۇن پائالىيەت بار، بىرگە بارايلى.

-ھە...-مەن ئىككىلىنىپ قالدىم. مەن بۇ قەدەمنى بىسىش ئۈچۈن تۇتۇنغىنىمدا، ئۆزۈمنىڭ <<يەنە بىر دۇنيا>>نى پەقەتلا چۇشەنمەيدىغانلقىمىنى ئىسىمگە ئالغان ئىدىم.

-قانداق؟ بۇگۇن بىرەر ئىشىىڭىز بارمىدى؟-سورىدى دىلمۇرات كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا.

    بىرەر ئىش بارمۇ؟ دۇرۇس، بار. خۇمار خۇددى بىر سىھرىگەرگە ئوخشاش، مىنىڭ بارلىق كۆڭۈل سىرلىرىمنى بىلىۋالغىنى ئاز كەلگەندەك، مىنىڭ كۆڭلۈمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملرىدىكى مەن ئۆزۇممۇ چىقىلىشقا جۇرئەت قىلالمايدىغان نازۇك سەزگۈلىرىمگە چىقىلىپ قويدى. ئۇ دىلشات بىلەن كۆرۈشتىمۇ؟ كۆرۈشكەن بولسا ئۇلار نىمە ئىشلارنى قىلدى؟ كاللام مۇشۇ سۇئاللار بىلەن تولغان بولۇپ، ئىچىمنى ئىنتايىن تىت-تىت قىلىۋاتاتتى.

-ئەگەر ئىشىڭىز ئەمەس، غىمىڭىز بولسا مەن ھەرگىز سىزنى قويىۋەتمەيمەن-مىنىڭ چىراي ئىپادەم دىلمۇراتقا مىنىڭ نىمىلەرنى ئويلىغانلىقىمنى ئاشكارلاپ قويغاندەك قىلاتتى.

-ئادەمنىڭ يۇرىكى مۇشۇنچىلكلا-دىدى دىلمۇرات قولى بىلەن كۆرسىتىپ-ئەگەر ئۇنىڭغا يىڭى نەرسىلەرنى قاچىلاپ تۇرمىساق، ئۇ ئىزچىل كونا ھالىتىدە قالىدۇ.

-بولىدۇ-دىدىم مەن ئاخىر. دىلمۇراتنىڭ گەپلىرى مىنى ئىرىتكەن ئىدى.  ئۇنىڭ گەپلىرى ھىلقى ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىدىغان قىزنى بىردەملىك بولسىمۇ ئۇنتۇلدۇرغان ئىدى.

    مەن جۇرئەتكە مىنىڭ ئازراق ئىشىم بارلىقىنى، مىنى ساقلىمىسمۇ بولىدىغانلىقىنى ئىيتىپ قويدۇم، ئۇ مىنىڭ يىنىمدا تۇرغان دىلمۇراتقا گۇمان بىلەن قاراپ قويغاندىن كىيىن دەرھال <شەرق چولپىنى>غا قايىتتى.

    مىنىڭ دىراما ئۆمىكىگە كىرىپ كىلىشىم، بۇ يەردە بىردەملىك غۇلغۇلا قوزغىدى.

-دىلمۇرات دىگەن يەنىلا دىلمۇراتتە، ساۋاقداش گۈلشاتنىمۇ ئىرىتىپتۇ.

-ئىيتە، قانداق ھۇنەر ئىشلەتتىڭ؟

-بۇ ئىشنى مەكتەپنىڭ كۈزلۈك چوڭ ئىشلار خاتىرىسىگە يىزىش كىرەك.

-ئۇ راستىنلا چىرايلىقكەن.

    ئۆمەك ئەزالىرى ئىغىزى-ئىغىزىغا تەگمەي سۆزلەپ، ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىشپ كەتتى.

-بولدى،بولدى-دىدى ئۆمەك باشلىقى، ئۇ يۇشۇرۇنچە دىلمۇراتقا باش بارمىقىنى چىقىرىپ قويدى-دە، ماڭا قاراپ:

-گۈلشات، ئۆمەكنىڭ يىڭى ئەزاسى بولۇش سۇپىتىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرىۋىتەمسىز؟-دىدى.

-ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش؟...-مەن بۇنداق ۋاراڭ-چۇرۇڭغا كۆنەلمەيىتتىم، مەن ئازراق خاتىرجەمسىزلىنىپ، دىلمۇراتقا قاراپ قويدۇم.

-تونۇشتۇرمىسىمۇ بولار، گۈلشات ئۇ....-دىدى دىلمۇرات مىنى خىجىللىقتىن قۇتۇلدۇرماقچى بولۇپ.

-ماڭ، ماڭ-بىرى ئۇنىڭ گىپنى بۆلىۋەتتى-گۈلشات دەپ قوي، سەن تىخى ئىسمىنى بىۋاستە ئاتايدىغان بولۇپ كەتتىڭ-دە، سەن ھەممىنى بىلىپ بولغان بىلەن بىز تىخى بىلمەيمىز.

    كۆپچىلىكنىڭ مىنى قۇيىۋەتكىسى يوقتەك تۇراتتى.

-ئۇنداق بولسا مۇنداق قىلايلى-دىدى ئۆمەك باشلىقى ئوتتۇرىغا چىقىپ-ساۋاقداش گۈلشات ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشنى خالىمىسا، دىلمۇراتمۇ قوشلمىسا، ئۇنداقتا كۆپچىلىك سۇئال سوراڭلار، ساۋاقداش گۈلشات جاۋاب بەرسۇن، مۇشۇنداق قىلساق بولار؟

-ساۋاقداش گۈلشات سىز بويتاقمۇ يە؟

-ساۋاقداش گۈلشات، دىلمۇرات سىزنى قانداق قىلىپ ئىرىتىۋالدى؟

-سىز چايان يۇلتۇز تۇركۇمىگە تەۋەمۇ؟ چايان يۇلتۇز تۇركۇمىدىكىلەر تەنھا يۇرۇشكە ئامراق.

    مەن نىمە قىلىشىمنى، نىمە دىيىشمنى بىلمەي تۇراتتىم. مەن ئۆمرۈمدە بۇنچە كۆپ سۇئاللارغا دۇچ كىلىپ باقمىغان ئىدىم.

-ساۋاقداش گۈلشات-دىدى بىر ئوغۇل ئورنىدىن تۇرۇپ-سىزنى باشقىلار مەلۇم بىر ئاتاماننىڭ يۇشۇرۇن ئاشنىسى ئىكەن دىيىشىدۇ، بۇ گەپ راسىتمۇ؟

    شۇ دەقىقە ماڭا  خۇددى ھەممە نەرسە جايىدىلا قىتىپ قالغاندەك تۇيۇلدى. ھەممەيلەن جىمىمپ كەتكەن بولۇپ، قىزىقىش ۋە جىددىيلىك ئىچىدە ماڭا قاراپ تۇراتتى.

    مىنىڭ چىرايىم بىردىنلا ئۆزگەردى-دە، يۇزۇمنى تۇتقىنىمچە يۇگۇرۇپ چىقىپ كەتتىم.

    مەن نىمە ئىشلارنى قىلدىم، مەن ئۇلارنىڭ مەسخىرە قىلىدىغان ئويۇنچىقىغا ئايلىنىپ قالدىممۇ؟ مەن قىپىمدىن ئەمدىلا چىقارغان بىشىمنى دەرھال ئىچىگە تارتىۋالدىم.

-گۈلشات-دىلمۇرات مىنى قوغلاپ چىققان ئىدى.

-بولدى گەپ قىلماڭ-دىدىم مەن سوغۇقلۇق بىلەن-مەن ئەمدى قايتىپ بارمايمەن.

-مەنمۇ سىزنى قايتۇرۇپ ئىلىپ كىتىش ئۈچۈن كەلمىدىم، ئۇنىڭ گىپى ھەقىقەتەن چەكتىن ئىشىپ كەتتى-دىدى دىلمۇرات-ئەمما سىز تۇرمۇشتىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرسىڭىز بولمايدۇ. ھەقىقى تۇرمۇشتىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرماڭ.

    دىلمۇرات ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن سۆزلەۋاتاتتى. ئۇ ئارقىدىن ئۇلاپلا:

-مەن  كىمنىڭ، نىمە مەقسەت بىلەن سىزنى قوغداۋاتقانلىقىنى، سىزگە ھىچكىمنىڭ چىقىلىشغا يول قويماي،  سىزنى بىر مەڭگۈ بىخەتەر بۇلۇڭدا ساقلاۋاتقانلىقىنى بىلمەيمەن. ئەمما مەن يەنىلا ئۇنىڭدىن مىننەتدارمەن. چۇنكى ئۇ ماڭا ئەڭ پاك گۈلشاتنى ساقلاپ بەردى، خۇددى بىر ۋاراق ئاق قەغەزگە ئوخشاش-دىدى.

    دىلشات ئەسلى مىنى بىر ۋاراق ئاق قەغەزگە ئايلاندۇرۇشنى ئويلىغانمىدى؟ چاڭ-توزانغا تولغان مىنى ئاق قەغەزگە ئايلاندۇرماقچىمۇ؟ ھىچقانداق جىجالمىغان، قۇپقۇرۇق ئاق قەغەزگىمۇ؟

-ئەمما گۈلشات، ئادەمنىڭ ھاياتى بىر ۋاراق ئاق قەغەز بولۇپ قالسا بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۇستىدە چوقۇم ھەرخىل رەڭلەر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئەڭ رەڭدار، ئەڭ چىرايلىق رەڭلەر بولىشى كىرەك. مەن بىلەن بىللە ئۆتۈڭ بولامدۇ؟ مەن چوقۇم سىزنى ياخشى قوغدايمەن. ماڭا ئىشىنىڭ!

    دىلمۇرات يۈزلىرى سەل قىزارغان ھالدا ماڭا قولىنى ئۇزاتتى.

    <<ماڭا ئىشەن>> ماڭا ئىنتايىن تونۇش بولغان بۇ بىر ئىغىز سۆز كاللامدا ياڭرايىتتى، كۆز نۇرلىرىم ئالدىمدا تۇرغان دىلمۇراتنىڭ بەدەنلىرىنى تىشىپ ئۆتۈپ، ناھايىتى يىراقلاردا لەيلەپ تۇرغان ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمغا چۇشىۋاتاتتى...

    ئۇ ۋاقىت مىنىڭ 12 ياش ۋاقىتلىرىمغۇ دەيمەن، كەپسىزلىك قىلىپ، ئوغۇرلۇقچە قوشنىمىزنىڭ ئىككىنچى بالىخانىسىغا كىرىۋالدىم، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ئىچىگە سولىنىپ قالدىم. بىرىنچى بولۇپ مىنىڭ يوقلۇقىمنى بايقىغان كىشى دىلشات ئىدى. ئۇ مىنى تاپقان بولسىمۇ ئەمما ئاچقۇچ بولمىغاچقا مىنى چۇشۇرۋالالمايىتتى. ئاستا-ئاستا قاراڭغۇ چۇشكىلى تۇردى، مەن بولسام قورقۇپ يىغلاۋاتاتتىم.

-ھەدە، سەكرىگىن، مەن سىنى تۇتۇۋالاي-دىدى دىلشات كالپۇكىنى چىشلەپ بىردەم تۇرغاندىن كىين.

-بولارمۇ، دىلشات؟ -دىدىم مەن پەسكە قارىغاندىن كىيىن، ئازراق قورقۇپ.

-ماڭا ئىشەن-دىلشاتنىڭ كۆزلىرىدىن قەتئىيلىك يىنىپ تۇراتتى، ئۇ ماڭا ئۇ چاغلاردا تىخى ئۇنچە كۈچلۈك بولمىغان بىلەكلىرىنى سۇندى.

    ئۇنىڭ قەتئىيلىك بىلەن سۇنغان بىلەكلىرى ماڭا زور جۇرئەت ئاتا قىلغان ئىدى، مەن كۆزۇمنى يۇمۇپلا پەسكە سەكرىدىم. دىلشات مىنى چىڭ تۇتىۋالدى، ئەمما ئۆزى يەرگە قاتتىق يىقىلدى...

    ھازىر مەن ئۆزۇمنى يەنىلا شۇنداق ئىككىنچى قەۋەتتىكى بالىخانىغا سولىنىپ قىلىپ ئامالسىز قالغاندەك ھىس قىلۋاتاتتىم. ئەمما ھازىر ماڭا قولىنى سۇنغىنى باشقا بىر يىگىت ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ يارلىنىشىغا قارىماي، مىنى چىڭ تۇتىۋالغان دىلشاتچۇ؟ ئۇ مۇشۇ پەيىتتە خۇمارغا ئۆزىنىڭ قۇچىقىنى ئىچىۋاتامدۇ؟

-ماڭ ئىشىنىڭ بولامدۇ؟-دىلمۇرات قولۇمنى چىڭ تۇتىۋالغان ئىدى.

-مەن ئاستا ئۇنىڭغا قارىدىم، ئۇ ماڭا سەمىمىيلىك بىلەن تىكىلىپ تۇراتتى، ئەمما مەن يەنىلا نىمە قىلىشنى بىلمەيتتىم.

-ئۇنى قويىۋەت!-بىردىنلا بىر سوغۇق ئاۋاز ياڭرىدى.

ئۇ دىلشات ئىدى، ئۇنىڭ دىلمۇراتقا تىكىلگەن كۆزلىرى ماڭا ھىلىقى ئاخشامنى ئەسلەتتى.

-دىلشات؟!-دىدى مەن ھەيرانلىق بىلەن، مەن ئۇنىڭ بۇيەردە پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم، ئۇ خۇمار بىلەن بىرگە ئەمەسمىدى؟ مەن ئازراق خۇشال بولىۋاتاتتىم، ئەمما دىلمۇراتنىڭ تىخى قولۇمنى تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدىم.

-سەن كىم؟-دىلمۇرات دىلشاتنىڭ ئەلپازىدىن قورققاندەك قىلمايىتتى، يەنىلا تەمكىنلىك بىلەن تۇراتتى.

-قولۇڭنى قويىۋەت دەۋاتىدۇ، ئاڭلىدىڭمۇ يوق؟-جۇرئەت غەزەپ بىلەن كەلدى-دە، تاپانچىسىنى چىقىرىپ دىلمۇراتقا تەڭلىدى، دىلمۇرات جۇرئەتكە قارىغىنىچە ئاپپاق تاتىرىپ كەتكەن ئىدى.

مەن دىلمۇراتنىڭ قولىنى ئىتتىرىۋىتىپ، جۇرئەتكە قاراپ ۋاقىرىدىم:

-جۇرئەت، نىمە قىلۋاتىسىز؟ تاپانچىنى چۇشۇرۇڭ؛

جۇرئەت ماڭا پەرۋا قىلمىدى.

-گۈلشات، خاتىرجەم بولۇڭ. ئۇ مىنى بىرنىمە قىلالمايدۇ-دىدى دىلمۇرات.

-جۇرئەت تاپانچىنى چۇشۇرۇڭ، تىز بولۇڭ-ئاچچىق ۋە تىت-تىت بولغانلىقىم سەۋەبىدىن ئاۋازىم تىتىرەپ چىقۋاتاتتى.

جۇرئەت ئەزەلدىن مىنىڭ بۇنداق ھالىتىمنى كۆرۈپ باقمىغاچقا سەل ئىككىلىنىپ، دىلشاتقا قارىدى.

-ئۇنى قويىۋەت-دىدى دىلشات، ئەمما ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسى شۇنداق ئىچىنىشلىق ئىدى.

جۇرئەت تەن بەرمىگەندەك قىلىپ، تاپانچىسىنى ئاستا چۇشۇرىۋالدى.

-كەچتە... بالدۇراق ئۆيگە قايتارسەن-دىدى دىلشات ئارقىغا بۇرۇلۇپ-جۇرئەت بىز قايتايلى.

-دىلشات!!!-مەن جىددىيلىشىپ ئۇنى توۋلىدىم، ئەمما ئۇ ئارقىغا قارىمىدى، ئارقىدىن قارىغاندا ئۇ ھازىر بىر يارىلانغان مەخلۇققا ئوخشاپ قالغان ئىدى.

-ئۇ كىم؟-دىلمۇرات مىنىڭ بىلىكىمدىن ئاستا قاماللاپ سورىدى.

-مىنىڭ ئىنىم...-كۆز ياشلىرىم مەڭىزلىرىمنى بويلاپ ئىقىشقا باشلىدى.

ئىنىم، شۇنچە مىھىرلىك بۇ سۆز، نىمىشقا مىنى شۇنچە ئازاپقا سالىدۇ؟


16. بەخىتسىز چاقپەلەك(1)


    كۆڭۈل ئىچىش باغىچىسىدا چىراقلار چاقناپ تۇراتتى، خۇمار ئايلانما ياغاچ ئاتتا ئولتۇرۇپ خۇشاللىق بىلەن كۈلەتتى. بۇ مەنزىرە شۇنچە گۈزەل، ئەمما ھەقىقى ئەمەس ئىدى. دىلشاتتا خۇمارغا قارىتا ئازدۇر-كۆپتۇر كۆيۈنۈش بار ئىدى، بەلكىم خۇمارنىڭ دىلشاتنىڭ ئىچكى سىرىنى چۇشەنگەنلىكى ئۈچۈندۇر، ياكى ئۇنىڭ ھىچنىمىگە قارىماي ئۆزىنى قوغلاشقانلىقى سەۋەب بولغاندۇر، ۋە ياكى پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ كۆڭلى يىرىم چاغلاردا ئۆزىگە ھەمراھ بولالايدىغانلىقى ئۈچۈنلىرىدۇر، بۇ خىل ھىسياتنى ئىنىق چۇشەندۇرۇپ بەرگىلى بولمايىتتى، ھەرخىل جاۋابلار بىلەن چۇشەندۇرۇشكە بولاتتى. ئەمما جەزىملەشتۇرۇشكە بولىدىغىنى بۇ سۆيۈش ئەمەس ئىدى. سۆيگۈنى مەلۇم بىر تىئورىمىغا چۇشۇرۇپ چۇشەندۇرۇش بىھاجەت، مەسىلەن دىلشاتنىڭ ماڭا بولغان ھىسياتىغا ئوخشاش.
-ھەي! سىز ئالايىتەن بۇ يەرگە كىلىپ كولا ئىچىپلا ئولتۇرسىڭىز بەكمۇ زىرىكىشلىك ئەمەسمۇ؟-دىدى خۇمار يۇگۇرۇپ كىلىپ.
-ئايلانما ياغاچ ئاتنى پەقەت سىزدەك كىچىك بالىلارلا تالىشىپ ئوينايدۇ-دىدى دىلشات.
-كىم كىچىك بالىكەن-دىدى خۇمار ئاغزىنى پۇرۇشتۇرۇپ-سىز مەندىن بىر نەچچە ياشلا چوڭغۇ شۇ.
دىلشات تۇرۇپلا قالدى، دۇرۇس ئۇ خۇماردىن بىر نەچچە ياشلا چوڭ ئىدى. ئەمما گويا بىر دەۋەرنىڭ ئادەملىرى ئەمەستەك ئىدى.
بەلكىم ئەسلىدە ئۇمۇ مۇشۇنداق ياشىسا بولىدىغاندۇر، مۇشۇنداق خۇشاللىق بىلەن كۈلسە، بىر توپ دوستلىرى بىلەن بىللە مۇشۇنداق يەرلەرگە ئوينىغىلى كەلسە، ھەتتا دىلمۇراتقا ئوخشاش يىگىتتىن بىرنى ياخشى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئادەتتىكىدەك مۇھەببەتلەشسە بولىدىغاندۇر.
دىلشات مىنى ئويلاپ قالغانىدى. قانداقلا بولمىسۇن، مىنى بەخىتلىك قىلىش قىلالماسلىققا ئۇمۇ ئىنىق بىر نىمە دىيەلمەيىتتى. قايسى كۈنى ئۇ مەكتەپتىن چىققاندىن كىيىن، دەرۋازا ئالدىدا تاكى مەن دىلمۇرات بىلەن چىققۇچە ساقلاپ تۇرغان، ئۇنىڭدىن كىيىن تاكى دىلمۇرات مىنى ئۆيگە ئەكىلىپ قويغۇچەيۇشۇرۇنچە ئارقىمىزدىن جىمجىت ئەگىشىپ ماڭغان ئىدى، شۇنداق بولىسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ يەنىلا مىنى قويىۋەتكىسى كەلمەيىتتى،  ئۇنىڭ مىنى باشقا ھەرقانداق بىر كىشىگە تاپشۇرۇش كۆڭلى ئۇنمايىتتى.
-مەن بىلەن ئاسمان چاقپەلىكىگە چىقىڭچۇ-دىدى خۇمار دىلشاتنىڭ پىشىنى تارتىپ ئۆتۈنۈش بىلەن.
-بولىدۇ-خۇمارنىڭ قەتئىيلىك ۋە ئىنتىزارلىق يىغىپ تۇرغان كۆزلىرى دىلشاتنى ئۇنىڭغا ماقۇل بولۇشقا مەجبۇر قىلغان ئىدى. دىلشاتنىڭ ئۇنىڭ ئۆتۈنىشىگە ماقۇل بولالايدىغان ئىشلىرى ھەقىقەتەن ئاز ئىدى.
خۇمار ئالدىدا ماڭدى، كەينىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ گەۋدىسى شۇنچە كىچىك، ئەمما ئىنتايىن قەيسەر كۆرىنەتتى.
ئاسمان چاقپەلىكى يەردىن بارا-بارا يىراقلاشتى، خۇمارنىڭ كۆزلىرى بارغانسىرى خىرەلىشىپ كىتىپ باراتتى.
-مەن بۇگۇن كۈلۈپ ھىرىپ قالدىم-دىدى خۇمار كۈلۈپ، ئەمما ئۇ ئىچىدىن چىقىرىپ كۈلەلمەيۋاتاتتى.
-كەچۇرۇڭ-دىدى دىلشات. <كەچۈرۈڭ>ۋە <سىزنى سۆيىمەن> بۇ ئىككى ئىغىز گەپنىڭ ھەر ئىككىسىلا شۇنچىلىك ۋەزنى ئىغىز سۆزلەر، كەچۇرۇڭ دىگەن كىشىنىڭ ئازاپلانمىغان بولىشى ناتايىن، چۇنكى ھەربىر <كەچۇرۇڭ>نىڭ ئارقىسىغا قايتا-قايتا ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىشلاردىن كىيىن چىقىرىلغان قارار يۇكلەنگەن بولىدۇ.
-سىز ئەتىگەندىن بىرى ئۇنىلا ئويلاۋاتىسىز-دىدى خۇمار ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەۋاتقاندەك ئاستا ھەم تۆۋەن ئاۋازدا-گەرچە مەن بىلەن بىرگە بولسىڭىزمۇ، ئىزچىل ئۇنى ئويلاۋاتىسىز شۇنداقمۇ؟
-بىلەمسىز، سىز ئۇنى خىيال قىلغان چاغلىرىڭىزدا كۆزلىرىڭىز باشقىچە ئۆزگىرىپ كىتىدۇ. شۇڭا مەن سىلەرنى بىرىنچى قىتىم كۆرگەندىلا سىلەرنىڭ ئۆز ھەدە-ئىنى ئەمەسلىكىڭلارنى بىلىۋالغان ئىدىم. ئەگەر ئۆز ھەدە-ئىنى بولساڭلار ھەرگىز بۇنداق بولمايىتتى-دىدى خۇمار ئالدىرماي سۆزلەپ- ھەتتا ئۇنى تىلغا ئالغاندا ئاۋازىڭىزمۇ ئۆزگىرىپ كىتىدۇ. <ئۇ>دىگەن بۇ سىز شۇنچە سىھىرلىك، پەقەت ئەپسۇسلىنىدىغىنىم <مەن> <ئۇ>ئەمەس.
-دىلخۇمار...-دىلشات بىر نىمىلەرنى دىمەكچى ئىدى، ئەمما خۇمار ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىغاندەك داۋاملىق سۆزلەۋەردى.
-دىلشات، بىلەمسىز؟ بىر ئادەمنى ياخشى كۆرىدىغان-كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلىشكە ئون مىنۇت ۋاقىت بولسىلا يىتەرلىك. مەن سىزنى كۆرۈپ، ئون مىنۇت ئىچىدىلا قارار قىلغان ئىدىم.
دىلشات قانداقسىگە بىلمىسۇن؟ ئۇ بىرىنچى قىتىم كۆرۈشكەن شۇ دەقىقىدىلا بىلمىدىمۇ؟ ئۇنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان قىز ئىكەنلىكىنى بىلدى، ئاشۇ خۇددى پەرىشتىلەرگە ئوخشاش گۈزەل ھەم ئاقكۆڭۈل قىز، مىھرىبانلىق بىلەن ئۆزىنىڭ قولىنى تۇتقان قىز، گەرچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئەڭ پاك تۇيۇلىدىغان قىز، ئۆزىنى يىنىككىنە دىلشات دەپ چاقىرىدىغان قىز...   
-ئەپسۇس، مىنىڭ سىز بىلەن كۆرۈشكىنىمدە ئاللىقاچان ئون مىنۇتتىن ئىشىپ كەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىزنى ئۇ يەردىن ئىلىپ كىتەلەيمەن دەپ قارىغان ئىدىم. ئەمما سىزنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش جاھىل ئىكەنلىكىڭىزنى ئويلىماپتىكەنمەن. ھەقىقەتەن...ئادامنى بىزار قىلىدۇ-خۇمار چوڭقۇر بىر ئۇھ تارتتى، ئەتراپتىن قايغۇ-ھەسرەت يىغىپ تۇراتتى-مەن ئەزەلدىن سىزگە سۆيۈش توغرىسىدا گەپ قىلىپ باقمىغان ئىدىم، ئەمما دىلشات، مەن ھەقىقەتەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن.
خۇمار بىر تەرەپتىن يىغلىغاچ، بىر تەرەپتىن سۆزلەيىتتى، قوللىرى بولسا دىلشاتنىڭ يۈزلىرىنى، كۈزلىرى، بۇنى، ئىغىزى، قۇلاقلىرىنى توختىماي سىلايىتتى، ئۇ بۇلارنى بارلىقى بىلەن سۆيەتتى ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا تەۋە ئەمەس ئىدى.
-مەن سىزنى سۆيىمەن!مەن سىزنى سۆيىمەن! سىزنى سۆيىمەن سىزنى سۆيىمەن سىزنى سۆيىمەن سىزنى سۆيىمەن.......
ھەرقانچە قەيسەر مۇھەببەتنىڭمۇ بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان ۋاقتى بولىدۇ، خۇمار ئۆمرىدىكى ھەممە <سىزنى سۆيىمەن>نى بۇگۇنلا دەپ تۇگىتىۋەتمەكچىدەك قىلاتتى.
خۇمارنىڭ ئۆكسىشلىرىدىن مۇرىلىرى تىترەيىتتى، دىلشات گەپ قىلماستىن ئۇنىڭ ئاستا قۇچاقلىرى، خۇمار بىشىنى دىلشاتنىڭ گەۋدىسىگە قويدى-دە، كۆزلىرىنى ئاستا يۇمدى.
بىر ئادەم پەقەت بىر ئادەمگىلا بەخىت ئاتا قىلالايدۇ، باشقىلارغا ئاتا قىلدىغىنى بولسا ئەكىسچە بەخىتسىزلىك.



17. بەخىتسىز چاقپەلەك(2)


    ئاسمان چاقپەلىكى ئالدىرماستىن ئايلىنۋاتاتتى. ھەربىر كۆڭۈل ئىچىش مەيدانىدا بۇلۇت ھارۋىسى، دىڭىز قاراقچىسى قىيىقى، باتۇرلار دىگەندەك يىڭىچە ھەم قىزىقارلىق ئويۇنچۇقلار بولىدۇ، ئەمما يەنە نىمىشقا بۇنىڭغا ئوخشاش ئالدىرماستىن پىقىرايدىغان چاقپەلەك بولىدۇ؟ چۇنكى بەزى ئادەملەر مۇشۇ بالىلار چۆچەكلىرىگە ئوخشايدىغان رەڭدار دۇنيادا ۋاقىتنى ئۇنتۇغان ھالدا، ئالدىرماستىن ئايلىنىشنى ئۈمد قىلىدۇ، قانچە ئاستا بولسا شۇنچە ياخشى......
ئۇلار بىلەن توقسان گىرادۇسلۇق ئارىلىق قالدۇرۇپ مەن بىلەن دىلمۇرات ئىككىمىز ئولتۇراتتۇق. مەن ئەزەلدىن بۇنداق يەرلەرگە كىلىپ باقمىغان ئىدىم. بۇ يەر ماڭا خۇددى چۇش دۇنياسىدەك بىلىنىۋاتاتتى. كىلەر قىتىم چوقۇم دىلشاتنى ئىلىپ كىلىپ كۆرسىتىمەن!
مەن بىردىنلا تۇرۇپ قالدىم، نىمىشقا ھەر قىتىم خۇشال بولغان ياكى ئازاپلانغان چاغدا بىرىنچى بولۇپ دىلشاتنى ئەسكە ئالىمەن، نىمە ئۈچۈن ئونىڭ بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئويلايمەن. چۇقۇم شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايمەن؟ چۇنكى، بىز ئىزچىل بىرگە ئەمەسمۇ!
ئەمما ھازىر مىنىڭ يىنىمدىكى ئادەم دىلشات ئەمەس ئىدى.
-بەك گۈزەل شۇنداقمۇ؟-دىدى دىلمۇرات كۈلۈپ.
-بەكلا گۈزەل-دىدىم مەن.
راسىت، گۈزەللىكىدىن ئادەمنىڭ يىغلىغۇسى كىلىدۇ.
-دىلشات قالتىس ئادەم ئىكەن، ھەممە ئادەم ماڭا ئەمدى ئۇنىڭ چىشىغا تەگمە دەيدۇ-دىدى دىلمۇرات مىنىڭ تۇتۇلۇپ قالغان چىرايىمغا قاراپ ئۇھسىنىپ قويۇپ.
مەن ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتىم.
-سىز...ئۇنى ياخشى كۆرىسىز،شۇنداقمۇ؟-دىدى دىلمۇرات تەن بەرگۈسى كەلمىگەندەك ھالەتتە-قايسى كۈنى شۇنچە ئازاپلىنىپ يىغلاپ كەتكەنلىكىڭىز ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن شۇنداقمۇ؟
مەن گەپ قىلماستىن بىشىمنى تۆۋەن سالدىم.
-بەلكىم مەن سىلەر ئۈچۈن بەخىت تىلىشىم كىرەكتۇر، ئەمما مەن ئۇنداق قىلالمايمەن-دىدى دىلمۇرات-چۇنكى سىلەر بىرگە بولساڭلار بەخىتلىك بولالمايسىلەر، سىز قارا جەمىيەتتىن شۇنچىلىك بىزار، ئەمما ئۇ قىرىشقاندەك قارا جەمىيەتنىڭ بىر ئاتامانى.
مىنىڭ بىشىم تىخىمۇ تۆۋەنلەپ كەتتى.
-سىز ھىس قىلمىدىڭىزمۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئىككىڭلار ئاللىقاچان ئايرىلىپ كەتتىڭلار. سىز كىتاب ئوقۇشنى، دىرامما كۆرۈشنى ياخشى كۆرىسىز. ئەمما ئۇ سىز بىلەن بىرلىكتە سىز ياخشى كۆرگەن ئىشلارنى قىلامدۇ؟ ئۇ سىزنىڭ كەيپىياتىڭىزنى چۇشىنەلەمدۇ؟ گۈلشات، بىلىشىڭىز كىرەك، سىلەر بىر تۈركۈمگە تەۋە ئادەملەر ئەمەس.
بىر تۈرگە تەۋە ئەمەس؟ ئاللىقاچان ئايرىلىپ كەتتۇق؟ مەن بىلەن دىلشاتمۇ؟ دىلمۇراتنىڭ سۆزلىرى يۈرىكىمنى تىلغاۋاتاتتى.
-گۈلشات، سىز جىمجىت ۋە تىنىچ بولغان تۇرمۇشقا مۇھتاج. كۈندە ئەتىگەندە تۇرۇپ، بىرەر ئىستاكان چاي ئىچكەچ، جىمجىت ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇسىڭىز، ئەگەر ھاۋا ئوچۇق بولسا ھويلىغا چىقىپ ئاپتاپ سۇنسىڭىز، گۈللەرگە سۇ قۇيسىڭىز......ھىچ نەرسىدىن ئەنسىرىمەي، ئاددى ئەمما مۇكەممەل تۇرمۇش ئۆتكۈزسىڭىز بولىدۇ. ئۇ سىزگە بۇلارنى بىرەلمەيدۇ، ئەمما مەن بىرەلەيمەن. گۈلشات مەن سىزنى مۇشۇنداق تۇرمۇشقا ئىرىشتۇرەلەيمەن.
كىشىنى نەقەدەر تەلپۇندۇرىدىغان مەنزىرە ھە! ئەمما دىلشات يىنىمدا بولمىسا ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ مەن ئۈچۈن نىمە ئەھمىيتى بولسۇن؟
چاقپەلەك ئاخىرقى نۇقتىغا يىتىپ كەلدى، دىلمۇراتنىڭ چۇشىمۇ ئاخىرقى نۇقتىغا يەتكەن ئىدى. مەن ئۇنىڭ بەخىت قىرغاقلىرىغا ئۇزۇپ بارالمايىتىتم.
-كىتەيلى، مەن ئۆيگە قايتاي-دىدىم مەن.
-مەن سىزنى ئاپىرىپ قوياي-دىدى دىلمۇرات ئامالسىزلىق بىلەن ماڭا قاراپ.
-گۈلشات ھەدە!
خۇمارنىڭ زىل ئاۋازى ياڭرىدى، مەن ئارقىمغا بۇرۇلۇپ، مەن ئەڭ كۆرۈشنى خالىمايدىغان كۆرۈنۇشنى كۆردۇم. دىلشات خۇمار بىلەن بىللە ئىكەن، ئۇلار بىللە ئىكەن!
مەن ئۆزۇمنى يۈرەك سوقۇشۇم توختاپ قالغاندەك ھىس قىلىۋاتاتتىم.
-سىلەر؟...-خۇمار شۇبھە بىلەن دىلمۇرات ئىككىمىزگە قارايىتتى.
-ياخشىمۇسىز! مىنىڭ ئىسمىم دىلمۇرات، گۈلشاتنىڭ دوستى-دىدى دىلمۇرات ئىنتايىن مەردانە قىياپەتتە.
-ياخشىمۇسىز! مىنىڭ ئىسمىم دىلخۇمار-دىدى خۇمارمۇ ئەدەپ بىلەن، ئەمما ئۇ ئەندىشە بىلەن دىلشاتقا قاراپ قويدى.
دىلشات ماڭا تىكىلىپ قاراپلا تۇراتتى، مەن كۆز ياشلىرىمنى زورىغا بىسىپ، يەرگە قارىۋالدىم.
-دىلشات بىلەن بىرگە ئوينىغىلى كەلگەنمۇ؟-كۈلۈپ سورىدى دىلمۇرات.
-ھەئە، بىز بايا ئاسمان چاقپەلىكىگە چىقتۇق-دىدى خۇمار.
-شۇنداقمۇ؟ ئەجەپ توغرا كەپقاپتىغۇ؟ بىزمۇ بايىلا شۇ يەردىن چۇشتۇق-دىدى دىلمۇرات ھەيرانلىق بىلەن.
ئۇلار خۇددى كۆرۈشمىلى ئۇزۇن بولغان دوستلار بۇ يەردە كۆرۈشۈپ قالغاندەك خۇشال ھالدا پاراڭلىشۋاتاتتى. دىلشات ئىككىمىز بولسا قىلچە تونۇشمايدىغان ناتونۇش كىشلەردەك ئۇلارنىڭ ينىدا جىمجىت تۇراتتۇق.
مۇشۇنداقلىمۇ؟ مەن بىلەن دىلشات ئىككىمىز ئاخىرى بىرىمىز شەرققە، بىرىمىز غەربكە قاراپ ماڭدۇقمۇ؟
-ھەدە، ئۆيگە قايتايلى-دىدى دىلشات تۇيۇقسىز.
ئۇ ئىككەيلەن قىلۋاتقان قىززىق پارىڭىدىن توختاپ قالدى، مەن بولسام بىشمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قالدىم.
-بىرگە ئۆيگە قايتايلى-دىدى دىلشات قىشىمغا كىلىپ قولۇمنى چىڭ تۇتۇپ.
بۇ مەن ئاڭلىغان ئەڭ تەسىرلىك سۆز ئىدى.
-ماقۇل-دىدىم مەن قەتئىيلىك بىلەن.
كۆڭۈل ئىچىش مەيدانىنىڭ رەڭگارەڭ چىراقلىىرى داۋاملىق چاقنايىتتى. قالغان ئىككەيلەن بولسا نىمە قىلشىلىرىنى بىلمەي ئىككىمىزنىڭ سىماسى رەڭگارەڭ چىراق نۇرى بىلەن تولغان كىچىنىڭ قاراڭغۇلىقىدا يوقاپ كەتكۈچە قاراپ قالدى.
كەچۇرۇڭ، خۇمار. مەن ئۇنىڭدىن كىچەلمەيمەن، مەن يىغلىتەيلا دەپ قالغان ئۇنى باشقىلارنىڭ يىنىغا قويۇپ كىتەلمەيمەن.
كەچۇرۇڭ، دىلمۇرات. مەن يەنىلا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭمىسام بولمايدۇ. مەيلى بۇ يول قانداق يول بولىشىدىن قەتئىنەزەر، مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆيگە قايتىشىم كىرەك.



18. كەتمە، مىنى ساقلا(1)


    سەھەر، مەن بىر تەرەپتىن ناشتىلىق تەييارلىغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن دىلشاتقا ئوغۇرلۇقچە قارايىتتىم. دىلشات جىمجىت ئولتۇرۇپ گىزىت كۆرۈۋاتاتتى. تۇرۇپ-تۇرۇپ چايدىن ئوتلاپ قوياتتى. قۇياش نۇرى ئۇنىڭ يۈزىنىڭ يىرىمىدىن كۆپرەكىنى يورۇتۇپ، ئۇنىڭ كىلىشكەن يۈزىنى تىخىمۇ نۇرلۇق قىلىپ كۆرسىتەتتى. بىزنىڭ مۇشۇنداق ئىللىق سەھەرنى ھىس قىلمىغىنىمزغا قانچىلىك ئۇزۇن بولغان ھە؟ جىمجىت سەھەر، بىزگە ھىچقانداق كشى دەخلى قىلمايدۇ. مەن تۇرۇپ سەل خاتىرجەمسىزلىنەتتىم، چۇنكى مەن مۇشۇ كىچچىككىنە بەخت تۇيغۇسىنى يوقىتىپ قويۇشتىن قورقاتتىم.
تۇيۇقسىز دىلشات يۆتىلىپ كىتىپ، چاي ئىستاكانىنى ئۆرىۋەتتى.
-نىمە بولدى؟-ئالدىراپ سورىدىم مەن.
دىلشات ھىچ ئىش دىگەن مەنىدە قولىنى پۇلاڭلىتىپ قويۇپ، داۋاملىق مەن قىلغان پىرەنىكنى يىگىلى تۇردى. ئۇ پىرەنىكنى مەن خۇمارنىڭ گىپىگە ئاساسەن ئالاھىتەن پىشۇرغان ئىدىم.
-تاتلىق بولماپتىمۇ؟-دىدىم مەن ئازراق ئۈمدسىزلىنىپ.
-ناھايىتى تاتلىق بوپتۇ-دىدى تىزلا شۇنداق دىدى-دە، ئىشىپ قالغان پارچىسىنى پۇتۇنلا ئاغزىغا سالدى.
مەن كۈلۈمسىرەپ قويدۇم، دىلشات دائىم مۇشۇنداق، مىنى خاتىرجەم قىلاتتى.
-ھە...-دىلشات بىردەم تۇرىۋالغاندىن دىدى-بۇگۇن كەچتە مانى كۆرگىلى بارايلى.
-خانلىق تىياتىرخانىدا ئىكەن، ئۇسسۇللۇق دىراما <<كامىن>>-دىدى ئۇ گىزىتتىكى ئىلاننى كۆرسىتىپ.
دىلشات ئازراق خىجىل بولىۋاتقاندەك قىلاتتى، ئۇ يۈزىنى گىزىت بىلەن توسۇۋالغان بولۇپ، ماڭا قارىمىغان قىياپەتكە كىرىۋالغان ئىدى. مەن بولسام ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتىم. بىز ئەزەلدىن بىرلىكتە بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ باقمىغان ئىدۇق، ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ كۆرۈشىشىدەك ئىشلارنى...
-قانداق؟ بارغۇق يوقمۇ يە؟ مەن قارىسام سەن گىزىتتىكى بۇ ئىلانغا دىققەت قىلىۋاتقىلى خىلى ئۇزۇن بولدى-دىدى دىلشات سەل تۇتۇلۇپ-ياكى...كەچتە ئىشىڭ بارمىدى؟
-مەن بارىمەن-دىدىم مەن ئالدىراپ.
-مەن سەن بىلەن بىرگە بارىمەن-دىدىم ئارقىدىن تولۇقلاپ.
دىلشات ھاڭۋاققىنىچە ماڭا قاراپ تۇراتتى، مەن ناھايىتى ھاياجانلىنۋاتاتتىم، يۈزلىرىم قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ، كۆزلىرىم ئىنتىزارلىق بىلەن تولغان ئىدى.
-نىمىگە شۇنچە خۇشال بولۇپ كىتىسىەن؟-دىدى دىلشات ئىللىقلىق بىلەن.
-مەن....سىنىڭ مىنى يالغۇز تاشلاپ قويىشىڭدىن قورقىمەن-دىدىم تۆۋەن ئاۋازدا.
قايسى كۈنى دىلشات بىلەن خۇمار بىلەن بىللە تۇرغان مەنزىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۇرسەم، يۈرىكىمنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلاتتىم. ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا دىلشات مىنىڭ قولۇمدىن تارتقىنىچە ئۆيگە قايتۇرۇپ ئەكەلمىگەن بولسا، مەن ئۆزۇمنىڭ بۇندىن كىيىن قانداق بولۇپ كىتىشىمنى بىلمەيتتىم.
-يەنە بىر قىتىم دەپ قوياي، مەن سىنى يالغۇز تاشلاپ قويمايمەن. ھەرگىز!-دىدى دىلشات مۇرەمدىن بوشقىنە تۇتۇپ.
شۇنچە ئۇزۇندىن بۇيان يۈرىكىمنىڭ بوش تۇرغان ئاشۇ بىر قىسمى دىلشات تەرىپىدىن تولدۇرۇلغان ئىدى. مىنىڭ كۆزلىرىم نەملىشىشكە باشلىدى، بەلكىم مۇھەببەت دىگىنى مۇشۇ بولسا كىرەك.
-نىمىگە يىغلايسىەن؟-دەپ سورىدى دىلشات مەن ئۈچۈن ياشلىرىمنى سۇرتكەچ. مەن ھەرقىتىم يىغلىغىنىمدا دىلشاتنىڭ مەندىنمۇ بەكرەك ئازاپلىنىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلاتتىم.
مەن بىشىمنى كۆتۈرۈپ، دىلشاتنىڭ ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرغىنىنى كۆردۇم. ئۇنىڭ يۈزى ماڭا ناھايىتى يىقىن ئىدى، ھەتتا ئۇنىڭ ھەر بىر تال كىرپىكىمۇ ماڭا ئىنىق كۆرۈنۇپ تۇراتتى. بىز بىرىمىزگە قاراشقىنىمىزچە قىتىپ تۇرۇپ قالدۇق. ئەگەر مۇمكىن بولغان بولسا ئىدى، مەن مەڭگۈ مۇشۇنداق تۇرۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم. پەقەت بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ تۇرساقلا كۇپايە ئىدى.
-مەن ماڭاي-دىدى دىلشات خۇددى ناھايىتى تەس ئىشقا قارار چىقارغاندەك تەلەپپۇزدا.
-ماقۇل....-دىدىم مەن سەل كۆڭلۇم يىرىپ بولۇپ.
-مىنى ساقلا-دىدى دىلشات ئىشىك ئالدىغا بارغاندىن كىيىن، تۇيۇقسىز ئارقىغا بۇرۇلۇپ-مىنى ساقلاپ تۇر، ھەرگىز باشقا ھەرقانداق ئادەم بىلەن كىتىپ قالما؟ بولامدۇ؟
-مەن سىنى ساقلايمەن!-دىدىم مەن ۋاقىراپ. ئەلۋەتتە ساقلايمەن، بىر ئۆمۈر ساقلايدىغان ئىش بولىسىمۇ ساقلايمەن.
مەن خۇشال ھالدا تاماق ئۇستىلىنىڭ ئالدىغا قايىتىپ، ئۆزۇم قىلغان پىرەنىكتىن بىر تال ئىلىپ ئاغزىمغا سالدىم، پەقەت بىرنىلا چىشلىدىم-دە، ھەممىنى تۇكۈرىۋەتتىم. بەك تاتلىق بولۇپ كەتكەن ئىدى. تاتلىقلىقىدىن كۈلگىنىمچە كۆز ياشلىرىم ئىقىشقا باشلىدى.



19. كەتمە، مىنى ساقلا(2)



    دەرس ۋاقتىدا مىنىڭ يۈزلىرىم ۋە كۆزلىرىمدىن كۈلكە يىغىپلا تۇراتتى. دىلمۇرات بولسا ماڭا ھاڭۋىقىپ قاراپلا قالغان ئىدى. دىلشات ئىككىمىزنىڭ بىللە كەتكىنىدىن ئۇ بىزنىڭ ئۆزئارا ياخشى كۆرىشىدىغانلىقىمىزنى چۇشەنگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئىككىمىزنىڭ پۇتۇنلەي دىگۈدەك ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل شارائىتتا ياشايدىغان، قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان ھەدە-ئىنى مۇناسىۋىتىمىزدىن باشقا، ھىچقانداق ئوخشاشلىقىمىز بولمىغان بۇ مۇھەببەتنى مۇھەببەت دەپ ئاتاشقا بولامدۇ؟ بۇ مۇھەببەت نىمىگە تايىنىپ داۋاملىشىدۇ؟ ياكى بۇ پەقەت قىرىنداشلىق مىھرىنىڭ داۋامىمۇ؟ ئەگەر بۇ مۇھەببەت بولمىسا نىمىشقا بۇ ئىككەيلەن شۇنچە چىڭ تۇرىدۇ؟ بارلىقىنى قۇربان بىرىپ، بىر-بىرىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇشۇپ، مەڭگۈ ئايرىلماسلىققا قەسەم بىرىشىدۇ؟ دىگەنلەرنى چۇشىنەلمەيتتى.

ئەمما دىلمۇراتتا بىر خىل كۈچلۈك تۇيغۇ بار ئىدى. ئۇ شۇنى جەزىم قىلاتتى، دىلشات بىلەن مىنىڭ مۇھەببىتىم بەكمۇ تىراگىدىيلىك بولاتتى. ئەگەر دىلشاتنى قارا دىسەك، مەن تىگىمدىن ئاپپاق ئىدىم. شۇڭا بىزنىڭ كەلگۈسىمىز ئاق ۋە قارا رەڭنىڭ ئارىلاشمىسى-كۈلرەڭ بولۇپ، كەلگۈسىنى كۆرگىلى بولمايىتتى.

ئۇ مىنىڭ بۇنى قوبۇل قىلالماسلىقىمدىن ئەنسىرەيىتتى. ئەمما مىنى بۇ مۇھەببەت قاينىمدىن قۇتقۇزۇپ چىقىشقا ئاجىزلىق قىلاتتى. چۇنكى مىنىڭ بۇ ئەسلا قاينامدىن يىنىپ چىقىشنى خالىمايدىغانلىقىمنى ئۇ كۆرۈپ يەتكەن ئىدى.

-گۈلشات، بۇگۇن كەچتە خانلىق تىيارتىرخانىدا <<كامىن>>نى قويىدىكەن. بىللە بىرىپ كۆرۈپ كىلەيلى-دىدى دەرستىن چۇشكەندىن كىيىن دىلمۇرات مىنى چاقىرىپ.

-كەچۇرۇڭ، دىلشات مىنى ئىلىپ بارىمەن دىگەن ئىدى، مەن سىز بىلەن بارالمايمەن-دىدىم مەن ئەپۇ سوراپ.

-ئۇ؟-دىدى دىلمۇرات ھەيرانلىق بىلەن. دىلشات بىلەن دىراممىنى ئۇ ھەرگىز بىر يەرگە قويالمايىتتى.

-شۇنداق، دىلمۇرات، سىز خاتا دىدىڭىز؟ دىلشات مەن ياقتۇرغان ئىشنى مەن بىلەن بىرگە قىلالايدۇ-دىدىم مەن خۇشاللىق بىلەن.

مەن دىلمۇراتنىڭ ھىسايتىنى پەقەتلا ئويلاشمىغان ئىدىم. چۇنكى ئۇنىڭ دىلشات سىز بىلەن بىرگە سىز ياقتۇرغان ئىشلارنى قىلالمايدۇ دىگىنى ھەقىقەتەن كۆڭلۈمنى يىرىم قىلغان ئىدى، بەلكىم ئۇنىڭ گىپى مىنىڭ كۆڭلۈمنىڭ چوڭقۇر يىرىدىكى يارامنى تاتىلاپ قويغىنى ئۇچۇن بولسا كىرەك، شۇڭا ئۇنىڭ گىپىدىن كۆڭلۈم ئاغىرىغان ئىدى. گەرچە مەن ھىچنىمىگە قارىماي دىلشاتنى ياخشى كۆرسەممۇ، ئەمما ئۇنىڭ مىڭىۋاتقان يولى ھەقىقەتەن بەكمۇ قاراڭغۇ ئىدى.

-شۇنداقمۇ؟-دىدى دىلمۇرات مىنىڭ خۇشال ھالىتىمگە قاراپ ھەم ئازاپلانغان ھەم ئامالسىز ھالدا-ئۇنداقتا سىلەرنىڭ خۇشال ئوينىشىڭلارغا تىلەكداشمەن.

-ئىم، سىزنىڭ خۇشال بولىشىڭىزنى تىلەيمەن. سىز خىلى بۇرۇندىنلا ئۇ دىراممىنى كۆرۈشنى ئويلاپ كىلۋاتقان ئىدىڭىزغۇ؟-دىدىم مەن ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىشقا ئالدىراپ،  مىنىڭ بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ ئۆتكۈزۋەتكىم يوق ئىدى، چۇنكى مەن دىلشاتنى ساقلاشقا ماقۇل بولغان.

خۇشال بولۇش؟ قانداق خۇشال بولىغىلى بولىدۇ؟ بۇرۇنلا بىرىشنى ئويلاپ كىلۋاتقىنىم راسىت. ئەمما مەن سىز بىلەن بىرىشقا ئىنتىزار ئىدىم.

دىلمۇرات ئارقامدىن قارىغىنچە مەن ئاڭلىيالمايدىغان سۆزلىرىنى ئويلاۋاتاتتى.

ئۆيگە قايىتقاندىن كىيىن مەن ھاياجان ئىچىدە دىلشاتنى ساقلىدىم. ئادەتتە مەن ساقلاشقا ئەڭ ماھىر ئىدىم، پۇتۇن بىر كۈن جىمجىت ئولتۇرۇش مەن ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىش ئىدى. ئەمما بۇگۇن مەن ئولتۇرالمايلا قالغان ئىدىم.  چۇنكى بۇ خىل بەخت تۇيغۇسى بەكمۇ كۈچلۈك ئىدى. مەن توختىماسىتىن سائەتكە قارايىتتىم، ھەمدە ئۇنىڭ ئىتتىكرەك، تىخىمۇ ئىتتىكرەك مىڭىشىغا ئىنتىزار ئىدىم. ئەمما قاراڭغۇ چۈشكەن، دەرىزە تۇۋىدە قاراپ تۇرىۋىرىپ مىنىڭ پۇتلىرىم ئۇيۇشۇپ كەتكەن بولسىمۇ، دىلشاتنىڭ قارىسى كۆرۈنمەيۋاتاتتى. تۇرۇپلا ئىچىمنى بىر خىل خاتىرجەمسىزلىك چۇلغىۋالدى. ئەمما نىمە ئۈچۈنلىكىنى ئىيتىپ بىرەلمەيتتىم.


20. كامىن بىلەن تەڭ ئاخىرلاشتۇرۇش


    يامغۇر سۇلىرىدىن تىشىپ ئۆتكەن كۆز نۇرۇم ئاخىرى ئۆزى تەقەززا بولغان دىلشاتنىڭ سىماسىنى كۈتىۋالدى. دىلشات ئالدىراش مىڭىپ كىلۋاتاتتى. كەيپىياتى ئانچە خۇشال ئەمەس كۆرۈنەتتى، بۇنىڭغا قاراپ مىنىڭ خۇشال كەيپىياتىممۇ پەسكويغا چۇشۇپ قالدى.

يولدا ماڭغۇچە بىز ھىچقانداق گەپ قىلىشمىدۇق. خۇمارنىڭ ھىلقى گەپلىرىدىن مەنمۇ دىلشاتنىڭ نىمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ بىقىشقا تىرىشىدىغان بولغان ئىدىم. مىنىڭچە ئۇ دىرامما كۆرۈشنى ياقتۇرمايتتى، پەقەت ماڭا ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن مەجبۇرى كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئىلىپ ئىيتقاندا دىرامما كۆرۈش ئارتۇقچە، ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ئىدى. ئۇ ناھايىتى ئالدىراش ئىدى، ئەمما ئالدىراش ئىشلار نەق مەن ياقتۇرمايدىغان ئىشلار ئىدى.

دىلمۇراتنىڭ سۆزى مىنىڭ مىڭەمدە قايتا-قايتا ئەكس ئىتەتتى:<<سىلەر ئاللىقاچان ئايرىلىپ كەتتىڭلار، سىلەر بىر تۈرگە تەۋە ئادەم ئەمەس.>>. مەن راسىتىنلا مۇشۇنداق بولىشىدىن قورقاتتىم. چۇنكى دىلشات خۇمار بىلەن بىللە يۇرگەن ۋاقتىدا شۇنچە ئەركىن-ئازادە كۆرۈنەتتى. مەن دىلمۇاتنىڭ ئىغىزىدىن سائەت چىقىپ كىتىشىدىن ھەقىقەتەن قورقاتتىم.

تىياتىرخانىغا كىردىغان ئىشىكتە ئادەملەر بەكمۇ بىسىق ئىدى. دىلشات بىر تەرەپتە بىلىنى تىرەپ تۇراتتى، يۈزلىرىدە بولسا تاقەتسىزلىك ئەكىس ئىتەتتى. مەن ئامالنىڭ بارىچە قىستىلىۋاتقان ئادەملەر توپىدىن ئۆزۇمنى قاچۇراتتىم، دىلشات بولسا تۇرۇپ-تۇرۇپ يىنىمدىكىلەرنى ئىتتىرىپ تۇراتتى، شۇ ئارىلىقتا بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغىلى تاس قالدى. مەن ئۆزۇم ئىنتىزار بولغان بۇ ئاخشامنىڭ ئۆزۇم ئويلىغاندەك ئۇنچە گۈزەل بولمايدىغانلىقىنى بارا-بارا ھىس قىلۋاتاتتىم.

خانلىق تىياتىرخانا ناھايىتى ھەيۋەت بولۇپ، ناھايىتى كاتتا بىزەلگەن ئىدى. دىلشات ئىككىمىز ئولتۇرغان ئايرىمخانىنىڭ ئورنى ناھايىتى ياخشى ئىدى، مەن يىڭىلىق ھىس قىلىپ توختىماستىن ئەتراپقا قارايىتتىم. مەن بىر نەچچە قىتىم دىلشاتقا گەپ قىلىشقا تەڭشەلدىم، ئۇنىڭ بىلەن تامدىكى ئالتۇن يالىتىلغان پەرىشتىنىڭ ھەيكىلى، ناھايىتى كۆركەم سەھنە يوپۇقى، يان تەرىپىمىزدىكى ئايرىمخانىدا ئولتۇرغان ئايالنىڭ پەي شىلەپىسى قاتارلىقنى توغرىسدا گەپ قىلماقچى بولدۇم-يۇ، ئەمما دىلشاتنىڭ سۆرۈن چىرايىغا قاراپ، گىپىمنى يۇتىۋەتتىم.

مۇزىكا ساداسى ياڭرىدى، ھەيۋەتلىك شۇنداق گۈزەل مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، كۆركەم بىزەلگەن سەھنىدە پەي يەلگۈگۈچنى يەلپۇگىنىچە  ناز-كەرەشمىسى بىلەن كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان كامىن پەيدا بولدى.

<<ئۆزىڭىزگە ئىھتىيات قىلىڭ، سىز مىنى ياخشى كۆرۈپ قالىسىز!>>

كامىن ئۆزىنىڭ ناز-كەرەشمىللىرى بىلەن ھەربى باشلىق تاڭ. خاۋسەينى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغان ئىدى، ئۇنىڭ سىرلىق تىكىلىشلىرى ماڭا خۇمارنى ئەسلىتەتتى. بۇنداق جەزبىدار چىراي ۋە مەجنۇنلۇققا دۈچ كەلسە كىممۇ ئۇنىڭ قولىدىن قىچىپ قۇتۇلالىسۇن؟

مەن ئوغۇرلۇقچە كۆزۈمنىڭ قىرىدا دىلشاتقا سەپسالدىم، ئۇنىڭ ھىچقانداق ئىپادىسىز سەھنىگە قاراپ تۇراتتى، كۆزلىرى ئازراق يۇمۇلۇپ قالغان بولۇپ، ھازىرلا ئۇخلاپ قالدىغاندەك تۇراتتى. ئاخىرقى ھىسابتا ئۇ يەنىلا ياقتۇرمىغان ئىدى. مەن ئاستا-ئاستا قولۇمدىكى رەڭلىك تەشىۋىقات ۋارىقىنى قاتلاشقا باشلىدىم.

<<مۇھەببەت بىر ئەركىن قۇش، ئۇ ھىچقانداق نەرسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. سىز مىنى ياخشى كۆرمىسىڭىزمۇ مەن سىزنى ياخشى كۆرىۋىرىمەن. مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالسام سىز ئىھتىيات قىلسىىڭىز بولىدۇ. سىز ئۇ قۇشنى چىڭ تۇتىۋالدىم دەپ قارىغان ۋاقتىڭىزدا، ئۇ قانات قىقىپلا ئۇچۇپ كىتىدۇ، مۇھەببەت سىزدىن ئايرىلغان ۋاقىتىدا سىز ساقلاپمۇ ساقلاپ بولالمايسىز، ئەمما سىز ئۇنى كۈتىمىگەن ۋاقتىڭىزدا  ئۇ يەنە قايتىپ كىلىدۇ. سىز ئۇنى تۇتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۇ ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. سىز ئۆزىڭىزنى قاچۇرسىڭىز، ئۇ يەنە قايتىپ كىلىپ سىز بىلەن قىرىشىدۇ.>>

ھابانىرا ئۇسۇلى كامىننىڭ گۈزەللىكىنى تىخىمۇ گەۋدىلەندۇرگەن ئىدى. ئوتلۇق مۇھەببەت سەۋداسى تاڭ. خاۋسەينىڭ سەبى ۋە ئاقكۆڭۈل مىكەيلانى تاشلاپ كامىننىڭ ئايىغى ئاستىغا باش قويۇشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. مەن ئىزچىل كامىننىڭ مۇھەببىتىگە ئىرىشمىگىچە بولدى قىلمايدىغان مىجەزىگە ھەۋەس قىلاتتىم. ئەمما مۇشۇ پەيىتتە مەن مىكەيلا ئۈچۈن ئاھ ئۇرىۋاتاتتىم.

<<كامىن، ئۆزۈڭنى ئالدىما، ئۇ سىنى ياخشى كۆرمەيدۇ، سىنى سۆيمەيدۇ.>>
<<ئاھ، كامىن، مىنىڭ سىنى شۇنداقلا ئۆزۇمنى قۇتقۇزۇشۇمغا يول قويغىن.>>

<<سەن نىمە ئۈچۈن يەنىلا بۇ يۈرەككە ئىرىشمەكچى بولىسەن؟ ئۇ ئەمدى ساڭا تەۋە ئەمەس!>>

<<ئەمما مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن! مەن سىز ياخشى كۆرىدىغان بارلىق ئىشلارنى قىلىشنى خالايمەن، پەقەت سىز مەندىن ئايرىلىپ كەتمىسىڭىزلا. قەدىرلىك كامىن، سەندىن ئۆتۈنەي، بىزنىڭ مۇھەببەتلىك كۈنلىرىمىزنى ئويلاپ باققىن.>>

<<ياق، مەن ئەمدى سىنىڭ قىشىڭغا قايتىپ بارمايمەن.>>

مەن كۆز ياشلىرىمنى ئىقىتقىنىمچە ۋەقەلىكنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن ئىدىم.  يۈكسەك دەرىجىدىكى مۇھەببەت بەزىدە ئادەمنى پەسلەشتۇرۇپ قويىدۇ. مەيلى ئەينى ۋاقىتتا قانچىلىك چوڭقۇر ياخشى كۆرۈشكەن بولۇڭ، بىركۈنلەردە مۇھەببىتىڭىزنى يوقاتسىڭىز، ئىككىلا تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ھىسياتىنى ئۇنتۇپ ئۆزىنىڭ ھىسياتى بىلەن بولۇپ كىتىدۇ.

مەن يەنە ئوغۇرلۇقچە دىلشاتقا سەپسەلدىم، ئۇ قولى بىلەن بىشىنى تىرەپ ئولتۇرۇپ بىر نەرسىلەرنى ئويلاۋاتاتتى.

بىر كۈنلەردە ئۇمۇ مىنى ئۇنتۇپ كىتەرمۇ؟ شۇنداقمۇ بولارمۇ؟

تۇيۇقسىز دىلشاتنىڭ تىلفۇنى سايراپ كەتتى، ئەتراپتىكىلەر بىزارلىق بىلەن ئۇنىڭغا قارىشىۋاتاتتى، ئەمما ئۇ ئۇلارغا پەرۋا قىلماستىن تىلفۇنىنى ئىلىۋەردى.

-ۋەي.....مەن خانلىق تىيارتىرخانىدا......ھەئە......كىلىپ مىنى ئىزدەڭ، بولامدۇ؟

دىلشات بوشقىنە سۆزلەۋاتاتتى، تەلەپپۇزى ئىنتايىن مۇلايىم بولۇپ، ھەتتا ئۆتۈنۈش تەلەپپۇزىمۇ بار ئىدى. ئۇ كىم؟ تىخى ھىلىلا شۇنچە جانسىز تۇرغان كىشىنى بىردەملا مۇلايىم قىلىۋەتكەن كىم؟ مىنىڭ ئەمدى ئويۇن كۆرگۈم كەلمەي قالدى.

<<مەن سەندىن ئەڭ ئاخىرقى قىتىم سوراي: ئالۋاستى، سەن مەن بىلەن كەتمەمسەن؟>>

<<ياق، مەڭگۈ ياق. سەن ياكى مىنى ئۆلتۈرىۋەت، ياكى بولمىسا ماڭا ئەركىنلىك بەر.>>

ئازاپ ۋە مۇھەببەت مەڭگۈ بىرگە بولىدۇ، يوقاتقان مۇھەببەت بولسا بىر خەنجەر، كامىن ئەڭ ئاخىرى ئۆزىنى ئەسەبىيلەرچە سۆيگەن تاڭ. خاۋسەينىڭ قىلىچى ئاسىتىدا ئۆلدى.

<<مەن ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتتىم، مەن ئۆزۇم ئەڭ ياخشى كۆرگەن ئادەمنى ئۆلتۈرىۋەتتىم.>>

مۇھەببەت بەزىدە ئادەمنى شۈركەندۇرەتتى، مىنىڭ ئاجىز يۈرىكىم بۇلارغا بەرداشلىق بىرەلمىگەندەك قىلاتتى.

سەھنە يوپۇقى ئاستا-ئاستا چۇشۇرۇلۇشكە باشلىدى، ئادەملەر بىرنىمىلەرنى مۇنازىرلەشكەچ ئارقا-ئارقىدىن قايىتماقتا، ئەمما دىلشات ئورنىدىن تۇراي دىمەيىتتى.

-سەن قايىتقاچ تۇرغىن، مىنىڭ ئازراق ئىشىم بار ئىدى-دىدى دىلشات ماڭا قارىماستىن.

-نىمە ئىش؟-سورىدىم مەن.

-ھىچ ئىش-دىدى دىلشات قوشۇمىسىنى تۈرۈپ.

-ماقۇل ئەمىسە-مەن ئورنۇمدىن قوپۇپ چىقىپ كەتتىم، مەن دىلشاتنىڭ ماڭا بىرەر گەپ قىلىشىنى شۈنچە ئۈمد قىلاتتىم. ئەمما ئۇ ئورنىدا مىدىرلاپمۇ قويماي جىمجىت ئولتۇراتتى.

ئەمما مەن كەتىمىدىم، ئاياللار مۇھەببەتكە نىسبەتەن بەكمۇ سەزگۈر كىلىدۇ. دىلشاتقا كەلگەن تىلفۇندا چوقۇم مەسىلە بار ئىدى. شۇڭا مەن ئىشىك ئالدىدا دىلشات ساقلىماقچى بولغان ئادەمنى كۈتۈشنى قارار قىلدىم.

مىنىڭ يۈرىكىم قاتتىق سوقىۋاتاتتى، چۇنكى مەن كەلمەكچى بولغان كىشىنىڭ كىملىكىنى پەرەز قىلىپ بولغان ئىدىم، ئەمما مەن يەنىلا ساقلاشنى نىيەت قىلدىم. نامەلۇم نەرسە ئادەمنى شۇنچە بەك ئۆزىگە تارتىدۇ. ئادەملەر گەرچە نەتىجىنىڭ قان بىلەن بويالغان بولىشىنى بىلىپ تۇرسىمۇ يەنىلا ئۇنى ئىنىق كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. مەنمۇ ھەم شۇنداق.

ئۇنىڭ ئۇستىگە، مىنىڭ ئەمدىلا ئۆزىنى كۆرسەتكەن بۇ مۇھەببىتىمنى يىغىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

تىياتىرخانىنىڭ ئىچىگە سىلىشتۇرغاندا، سىرىت خىلىلا سوغۇق ئىدى. مەن تۇگۇلگىنىمچە تەرسالىق بىلەن ئۆزۇمگە تونۇش بولغان سىمانى ساقلاۋاتاتتىم.

ئاخىرى ئۇنى كۆردۇم. ئۇ خۇمار ئىدى. ئۇنىڭ پاكار بويلىرى باشقا كىشلەر ئارىسدا ئاسانلا كۆزگە چىلىقاتتى. ئۇنىڭ ئىشەنىچ بىلەن چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى كامىننىڭكىگە ئوخشايىتتى. ئۇمۇ كامىنغا ئوخشاش ئەڭ ئاخىرىدا دىلشاتنىڭ كۆڭلىنى ئوغۇرلاپ كىتەرمۇ؟

مەن دىلشاتقا مۇھەببەتلىك قولۇمنى سۇنغان ۋاقىتىمدا، ئۇ ئاللىقاچان كەينىگە بۇرۇنلغان ئىدى. ماڭا بىلەن سىلىشتۇرغاندا خۇمارلا ئۇنىڭغا مەڭگۈ ھەمرا بولالايدىغان ئادەم ئىدى. مەن پەقەت ئۆزۇمنىڭ بەكمۇ كىچىكىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن ئاھ ئۇراتتىم. ياكى بولمىسا دىلمۇراتنىڭ گىپى بويىچە ئىيىتقاندا دىلشات ئىككىمىز ئاللىقاچان ئايرىلغان ئىدۇق.

خۇمار يۇگۇرگىنىچە تىياتىرخانىغا كىرىپ كەتتى، مەن بولسام ئۇنىڭ ئارقىدىن قارىغىنىمچە قالدىم. مىنىڭ ئۆرە تۇرغۇدەك مادارىم قالمىغان ئىدى.

بىز دىيىشكەن ئەمەسمىدۇق؟ سەن مىنى يالغۇز تاشلاپ قويمايمەن دىگەن ئىدىڭغۇ؟ مانا ھازىر بولسا سەن باشقا قىزغا ھەمرا بولىۋاتىسەن، مەن بولسام تىكەندەك يالغۇز تۇرۇپتىمەن.

ئىسپاتلىمىغۇچە بولدى قىلغۇم كەلمىگەن ئىدى، ئەمما ئىسپاتلىغاندىن كىيىن، يۈرەك-باغرىم تىلىم-تىلىم بولۇپ كەتتى. مەن كۆز ياشلىرىمنى ئىقىشىغا قويۇپ بىرىپ، تۇگۇلگىنىمچە ئولتۇرۇپلا قالدىم.

-گۈلشات؟

مەن بىشىمنى كۆتۈرۈپ، دىلمۇراتنى كۆردۇم.

-سىز يالغۇز تۇرىسىزغۇ؟ دىلشات قىنى؟-سورىدى دىلمۇرات.

دىلشات دىگەن ئىسىمنى ئاڭلاپ، يۇرىكىم پىچاق تىققاندەك بولۇپ كەتتى.

-گۈلشات، سىزگە نىمە بولدى؟ يىغلاپسىزغۇ؟......

دىلمۇراتنىڭ سۆزى تۇگىمەيلا مەن ئۇنىڭ قۇچىقىغا ئۆزۇمنى ئاتتىمدە ئۆكسۈپ يىغلاشقا باشلىدىم.

ئاخىرىدا يەنىلا ئازاپقا دۇچار بولۇپتىدە، دىلمۇرات جىمجىت ئويلايىتتى، دىلشاتنىڭ مۇھەببىتى بەكمۇ چوڭقۇر ئىدى، مىنىڭ نىپىز پەي قاناتلىرىم قانداقمۇ بەرداشلىق بىرەلىسۇن؟

-گۈلشات، يەنىلا ئۇنى ئۇنتۇپ كىتىڭ-دىدى دىلمۇرات مىنى مۇلايىملىق بىلەن قۇچاقلاپ.

ئۇنتۇش؟ ئەجىبا دىلشات مۇشۇنداقلا ئاخىرلاشتۇردىمۇ؟ ئۇنىڭ مىنىڭ ھاياتىمدا پەيدا بولىشى ئاخىرقى ھىسابتا مىنى ئۇنتۇپ كىتىش ئۈچۈنمىدى؟

ئەمما مەنچۇ ئۇنى قانداقمۇ ئۇنتالاي؟

-------------------------
بۇ بۆلەكتىكى بەزى سۆزلەر توغرىسىدا ئىزاھات بىرىپ ئۆتەي:

1. كامىن:

ناخشا-ئۇسۇللۇق دىرامما <<كامىن>> فىرانسىيلىك مۇزىكانىت بىسەينىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەسىرى بولۇپ، 1874-يىلى پۇتكەن ۋە ئەينى يىلى دۇنيادا قويۇلۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان دىرامما بولۇپ قالغان. تۆت پەردىلىك بۇ دىرامما ئاساسلىقى چىرايلىق ۋە قەيسەر قىز-تاماكا زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى كامىننىڭ ئوبرازىنى ياراتقان. كامىن جازا ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ باشلىقى تاڭ.خاۋسەينى مۇھەببەت قاپقىقىغا سۆرەپ كىرىپ، ئۇنىڭ يىزىدىكى مۇھەببىتى مۇلايىم ۋە ئاقكۆڭۈل مىكەيلانى تاشلىۋىتىشىگە سەۋەب بولغان. تاڭ. خاۋسەي تاماكا زاۋۇتىدىكى ئايال ئىشچىلار بىلەن ئۇرۇشقان كامىننى قويىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن تۇرمىگە كىرگەن. تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن كامىن قاتناشقان ئەتكەسچىلەرنىڭ قاتارىغا كىرگەن. كىيىن، كامىن كالا سوقۇشتۇرغۇچى ئەيسى مىلىئوۋنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، كامىن ئەيسى مىلىئوۋنىڭ غەلبىسى ئۈچۈن تەنتەنە قىلۋاتقان ۋاقىتدا تاڭ.خاۋسەينىڭ قىلىچى ئاستىدا ئۆلىدۇ.

2.ھامبانىلا ئۇسۇلى:

ئەسلى مەنبەسى ئافرىقىلىق نىگىرلار، كۇبادىكى ئاساسى ئۇسۇل ئىقىمى. سۇرئىتى ئوتتۇراھال، تۆتتە ئىككى ئۇدار. ئۇدارچانلىققا ۋە ئىلاستىكىلققا ئىگە ئۇسۇل.

-بەيدۇ قامۇسىدىن تەرجىمە قىلىپ ئىلىندى.



21. مۇھەببەت دىگەن شۇنداق


    خۇمار دىلشاتنى تاپقان ۋاقىتدا تىياتىرخانىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تارقاپ كەتكەن بولۇپ، ئەمما دىلشات يەنىلا ئورنىدا ئولتۇراتتى.

-نىمە بولدى؟ مىنى بۇ يەرگە ئەكىلىپ نىمە قىلاتتىڭىز؟-دەپ سورىدى خۇمار شۈبھە بىلەن.

-مەن بايا ئۇنىڭ بىلەن <كامىن>نى كۆردۇم....-دىدى دىلشات.

يەنىلا ئۇ؟! خۇمارنىڭ چىرايى تۇتۇلدى.

-ھە، ئۇ قىنى؟

-مەن ئۇنى كەتكەچ تۇر دىگەن-دىدى دىلشات.

-ئۇ ئۆزى كەتتىما؟ نىمە ئۈچۈن؟ بىرەر ئىش بولىدىمۇ؟-سورىدى خۇمار ھەيرانلىق بىلەن.

-مەن ئۇنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويالمايدىغان ئوخشايمەن....-دىدى دىلشات ئاچچىق كۈلۈپ.

بۇ ۋاقىتتا خۇمار دىلشاتنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى، پىشانىسىدە تەر تامچىللىرى تۇرغانلىقىنى بايقىدى.

-ھەي، سىزگە نىمە بولدى؟......دىلشات-خۇمار ئالدىغا يىقىلىپ چۇشەي دىگەن دىلشاتنى يۆلىۋالدى.

-سىز يارىلاندىڭىزما؟ دىلشات سىز يارىلىنىپسىز!-ۋاقىرىدى خۇمار ھەيرانلىقتا ئۆزىنى باسالماي.

-چۇشتىن كىيىن ئازراق ئىش چىققان-دىدى دىلشات ئىڭراپ.

-چۇشتىن كىيىن؟ سىز چۇشتىن كىيىن يارىلانغان ئادەم يەنە مۇشۇ يەردە ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ مۇشۇ ئوسۇرۇق دىراممىنى كۆردىڭىزمۇ؟ -خۇمارنىڭ كۆزلىرى قىپقىزىل بولۇپ كەتكەن ئىدى.

-مەن تىخى ھىچ ئىش بولماسمىكىن دەپتىمەن، ئەمما ئەھۋال مىنىڭ ئويلىغىنىمدىن ئىغىرراق ئوخشايدۇ...-دىدى دىلشات.

ئەمەلىيەتتە تىياتىرخانىغا كىرىدىغان ۋاقىتتا دىلشاتنىڭ يارا ئىغىزى يىرىلىپ كەتكەن ئىكەن، ئۇ مىنىڭ ئەنسىرىشمدىن، مىنىڭ خۇشال كەيپىياتىمنى بۇزۇپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، تاكى ئويۇن تۇگىگىچە بەرداشلىق بىرىپ ئولتۇرغان ئىكەن.

-ساراڭ! سەن ساراڭ بولۇپسەن!-خۇمار ۋاقىراپ يىغلىغىنىچە ئاغزىغا كەلگەننى دەيىتتى-سىنىڭ بۇنداق قىلىشىڭ نىمە ئۈچۈن؟ ھە؟ نىمە ئۈچۈن؟ ئۇ بىلەمدۇ؟ سەندىن شۇنچە كۆپ قان چىقىپ كىتىپتۇ، ساڭا جان لازىم ئەمەسمۇ؟ زادى نىمە ئۈچۈن؟

-سىز ئۇنىڭ تەقەززا بولغان ھالىتىنى كۆرمىدىڭىز......ئۇ خۇشاللىقىدىن يىغلىۋىتەيلا دەپ قالغان ئىدى.....شۇنداق تۇرسا......مەن ئۇنى قانداقمۇ يالغۇز قويۇپ كىتەلەيمەن......-كۆزلىرى خىرەلەشكەن ھالدا.

بۇ قانداق روھ؟ بۇ زادى قانداق روھ؟ ئەجىبا مۇھەببەت دىگەن مۇشۇمۇ؟ بۇ دىلشاتنىڭ مۇھەببىتىمۇ؟

ئۇ تاتلىق نەرسىلەرنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن تاتلىق نەرسىلەرنى ياخشى كۆرمەيمەن دىسە؛ ئۇ چاقماق،  گۈلدۇرماما ئاۋازىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن كىچىلەپ ئىشىك ئالدىدا ئۇنى قوغدىسا؛ ئۇ دىرامما كۆرۈشنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆزى يارىلانغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا دىرامما تۇگىگىچە ھەمراھ بولسا، ئۇ سۆيۈشكە جۇرئەت قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنى قويۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ مۇھەببەت ئۈچۈن قەدەم ئىلىشنى كۈتسە؛

خۇمار تىگى-تەكتىدىن چۇشەنگەن ئىدى، بۇ مۇھەببەت ئىدى، ئۆزى بۇ مۇھەببەتىن ھالقىپ ئۆتەلمەيىتتى، ھىچقانداق نەرسە ھالقىپ ئۆتەلمەيتتى.

خۇمار ياشلىرىنى سۇرتۇپ، دىلشاتنى يۆلىدى.

-مىڭىڭ، مەن سىزنى دوختۇرخانىغا ئاپىراي.

ئەمما دىلشاتنىڭ بەكمۇ ئىگىز بولغاچقا، ئۇلار ئىككەيلەن يەرگە يىقىلىپ كەتتى.

-جۇرئەتلەر بۇ يەرگە كەلسۇن، سىز ماڭا بىردەم پاراڭ سىلىپ بىرىڭ......-دىدى دىلشات.

خۇمار دەرھال دىلشاتنىڭ تىلفۇنىنى قولىغا ئالدى-دە، تىتىرەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن جۇرئەتنىڭ نومۇرىنى باستى.

-بولدى، دىلشات، سىز يەنە بىر ئاز بەرداشلىق بىرىڭ! ئۇلار ھازىرلا كىلىدۇ-دىدى خۇمار.

دىلشات جاۋاب بەرمىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرى يىرىم يۇمۇلۇپ قالغان بولۇپ، ھازىرلا ئۇخلاپ قالىدىغاندەك تۇراتتى.

-ياق، كۆزىڭىز يۇمۇلۇپ قالسا بولمايدۇ-دىدى خۇمار دىلشاتنى چايقاپ. ئۇنىڭ يۈزلىرى كۆز يىشى بىلەن تولغان، توختىماستىن ئۆكسۈيىتتى.

-خۇمار، مىنى كەچۈرۇڭ......-دىدى دىلشات پەس ئاۋازدا.

-سىز ماڭا كەچۈرۈڭ دىگەندىن باشقا گەپ قىلالمامسىز؟-دىدى خۇمار يىغلاپ تۇرۇپ.

-خۇمار، مىنىڭ نىمە ئىش قىلغۇم بارلىقىنى سىز ئەسلا بىلمەيسىز دىگىنىم ئىسىڭىزدىمۇ.....دىلشات توختىۋالدى، ئۇنىڭ كىيمىنىڭ يىرىمى قىپقىزىل قان بىلەن بويىلىپ كەتكەن ئىدى.

-بولدى، سۆزلىمەڭ؛ سىز ساقايغاندىن كىيىن ئاندىن ماڭا ئىيتىپ بىرىڭ-دىدى خۇمار. خۇمار دىلشاتنىڭ ھالىدىن قورقۇپ كىتىپ باراتتى، گەرچە ئۇ ئويلاشقا جۇرئەت قىلالمىسىمۇ، ئەمما دىلشاتنىڭ ھاياتىنىنىڭ ئاز-ئازدىن خوراۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىۋاتاتتى.

دىلشات ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي سۆزلەۋەردى:

-ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ پەرەز قىلغىنىڭىز بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ.  مىنىڭ ھەقىقەتەن داۋاملىق <شەرق چولپىنى>دا ئىشلىگۈم يوق. مىنىڭ ھەقىقى قىلىشنى ئويلايدىغىنىم بولسا، ئۇنى ئىلىپ يىراقلارغا كىتىش، ناھايىتى يىراق-يىراقلارغا .......ھاۋاسى ياخشى بولسا....يامغۇر ياغمىسا....ئەڭ ياخشىسى بىر كىچىك كەنىت بولسا، ئون نەچچە ئەتراپىدا ئادەم بولسا......ھىچكىم بىزنى تونۇمىسا.....ئىم، بىر ئىغىزلا ئۆي بولسا يىتەرلىك، گۈل تىرىساق، توخو-ئۆردەك باقساق....ئۇ ھىچ ئىش قىلمىسا، مەن ئەمگەك قىلىپ ئۇنى باقسام، ئىككىمىز مەڭگۈ بىرگە ئۆتسەك،  تاكى قىرىپ ئۆلگىچە....مۇشۇنداق بىر ئۆمۈر ئۆتكەن بولساق.....

دىلشاتنىڭ كۆزلىرى ئاستا-ئاستا يۇمۇلۇپ قالدى، ئىغىزىدا بولسا كۈلۈمسىرەش قىتىپ قالغان ئىدى.

-ئەخمەق، سەن شۇ ۋاقىتقىچە ھايات بولساڭ ئاندىن بولمامدۇ؟-دىدى خۇمار دىلشاتنىڭ قىتىشىپ قالغان يۈزلىرىگە قارىغىنىچە ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەپ، كۆز ياشلىرى بولسا يامغۇردەك تۆكۈلەتتى.

-دىلشاتچۇ؟ ئۇ قەيەردە؟-دىلدار بىر توپ ئادەمنى باشلاپ، دوختۇرخانىغا كىرىپ كەلدى-دە، پۇتۇن بەدىنى قانغا بويۇلۇپ كەتكەن خۇماردىن سورىدى.

-ئىچىدە.....-ھاڭۋىقىپ قالغان خۇمار ئوپراتسىيە ئۆيىنى كۆرسەتتى.

دىلشاتنى دوختۇرخانىغا ئىلىپ كەلگەندە يۈرەك سوقۇشى توختاپ قالايلا دىگەن ئىدى.

-جۇرئەت، سەن چۇشتىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەمەسمىدىڭ؟ قانداقسىگە بۇنداق ئىش چىقىدۇ؟-دىدى دىلدار غەزەپ بىلەن جۇرئەتكە تىكىلىپ.

-مەنمۇ بىلمەيمەن-دىدى جۇرئەت بىشىنى چىڭ قاماللاپ-ئەسلىدە ھەممە ئىش شۇنداق نورمال ئىدى....كىم بىلدۇرۇپ قويدىكىن، بىردەمدىلا ساقچىلار ئىتىلىپ كەلدى.....چوقۇم بىرى بىزگە قەسىت قىلدى. مەن دىلشات ئاكامنىڭ يارىلانغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم، ئەمما ئۇ ھىچ ئىش يوق، كەچتە گۈلشات بىلەن سىرتقا چىقمىسام بولمايدۇ دەپ......

-مەن كىم قىلغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىغان بولسام، ئۇنى ئۆيدىكىللىرى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرىۋىتىمەن-دىدى دىلدار. ئۇنىڭ كۆز نۇرى پىچاق بىسىدەك ياناتتى.

-مالچۇ؟-سورىدى ئەركىن.

مال؟-خۇمار لىككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى-مۇشۇ ۋاقىتتا يەنە مالنى ئويلاۋاتامسەن؟ سەندە ئادىمىيلىك دىگەن نەرسە بارمۇ؟ دىلدار، سىز ئۇنى شۇنچە ياخشى كۆردىكەنسىز، ئەمما سىز بىلەمسىز؟ ئەگەر ئۇ بۇ ئىشنى قىلمىغان بولسا ھازىر گۈلشات بىلەن خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۇرگەن بولاتتى. سىلەر ئۇنى قويىۋىتىڭلار، بولامدۇ؟

-سەن نىمىنى بىلەتتىڭ؟-دىلدار ۋاقىراپ خۇمارنى توختاتتى-سەن قارا جەمىيەتنى نىمە دەپ ئويلاپ قالدىڭ؟ قارا كۆزئەينەك تاقاپ، مۇسابىقە ماشىنىسى ھەيدىسىلا قارا جەمىيەت بولىدۇ. قولىغا پىچاقتىن بىرنى ئىلۋالسا، پۇل ئۆزى ئۇچۇپ كىلىۋىرىدۇدەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟ ئەخمەقلىق، قارا جەمىيەتكە كىرگەن ئىكەن، جاننى تىكىپ قويىدىغان گەپ. سەن دىلشاتنى ئادەم ئۆلتۈرمىگەن دەپ قارامسەن؟ باشقىلارنىڭ قىنىنى ئاققۇزمىغان دەپ ئويلامسەن؟ ئۇ بۇ ئىشنى قىلمامدۇ؟ ئەگەر ئۇ بۇ ئىشنى قىلمىغان بولسا گۈلشات ئىككىسى ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن بولاتتى.

خۇمار قىتىپ تۇرۇپلا قالدى، دۇرۇس، مەيلى قانچە شىرىن مۇھەببەت بولسۇن، ھامان تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدىن قىچىپ قۇتۇلالمايىتتى.

-سىز ئارام ئىلىڭ؛ كىيمىڭىزنى ئالماشتۇرىۋىلىڭ، قىز بالا كۆپ قاننى كۆرسە بولمايدۇ-دىدى دىلدار.

دىلدار يىنىك ئۇھسىنىپ قويدى. دىلشات ئىلگىرى  ئۇنىڭغا دىگەن گەپلىرىنى ئۇ قانداقمۇ خۇمارغا دىيەلىسۇن؟ ئۇ ئوپراتسىيە ئۆيىدىن كۆزىنى ئۆزمەي قارايىتتى، يۈرىكى بولسا پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئاغىرىۋاتاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ دىلشاتنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى بىلەندىن بۇيان دىلشاتنىڭ مۇھەببىتىگە ئىرشەلمەيلا كەلدى، ئەمما ئۇ يەنىلا دىلشات بىلەن بىللە بولۇشنى ئويلايىتتى، دىلشات بىلەن بىللە جان تىكىدىغان ئىش بولسىمۇ مەيلى ئىدى. ئۇ دىلشاتنىڭ يىنىدا تۇرالىسا، ئۇنى كۆرۈپ تۇرسىلا ئەمىن تاپاتتى. ئەمما ھازىر مۇشۇ كىچىككىنە ھوقۇقتىن بەھىر ئىلىش پۇرسىتىمۇ قالمىدىمۇ؟

خۇمار دىلدار قارىغىنىچە تۇرۇپ قالغان ئىدى. شۇ دەقىقىدە ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسى شۇنچە سوغۇق ۋە ئازاپلىق ئىدى. ئىگىز بويى ئۇنى تىخىمۇ زىلۋا قىلىپ كۆرسىتەتتى. قاشلىرى ئارىسىدىكى جەسۇرلۇق كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى. ئەپسۇس، مۇشۇنداق بىر قىز دىلشاتنىڭ ئاددى ئەمما مۇستەھكەم مۇھەبىىتىنى بۇزالمىغان ئىدى.

دىلشاتنىڭ مۇھەببىتى شۇنداق ئىدى. ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئىككەيلەننىڭ ھاياتى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئايرىغىلى بولمايىتتى. ئەگەر بىر كۈنلەردە دىلشاتنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالدى دىسەك، ئۇ دىلشاتنىڭ ئۆلگەن كۈنى بولاتتى.

-بۇ قانچىنچى قىتىم بولدى؟-كۆزلىرى قىزارغان ھالدا سورىدى دىلدار.

-ئۈچىنچى قىتىم-دىدى ئەركىن.

-مەن چوقۇم بۇ ئادەمنى تىپىپ چىقىمەن-دىدى دىلدار سۆرۈنلۈك بىلەن-<شەرق چولپىنى>دا خائىن بار ئىكەن.

جۇرئەت بىردىنلا ئورنىدىن سەكرەپ قوپتى-دە، ۋاقىرىدى:

-كىم! دىلشاتقا قەست قىلغان زادى كىم؟ مەن ئۇنىڭ جىنىنى ئالىمەن.

كىشلەر ئالاقىزادىلىك ئىچىدە بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇراتتى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئوپراتسىيە ئۆيىنىڭ ئوپراتسىيە قىلىنىۋاتىدۇ دىگەن چىرىقى ئۆچتى. ھەممەيلەننىڭ كۆزى ئوپراتسىيە ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە تىكىلدى.


22. ئۈچىنچى سۆيۈش



مەن سوغۇق پولدا ھاڭۋاققىنىمچە بىر كىچە كۆز يۇمماي ئولتۇرۇپ دىلشاتنى كۈتتۈم، ئەمما ئۇ كىچىچە قايتىپ كەلمىدى. مەن بۇندىن كىيىن قانداق قىلىشىمنى بىلمەيىتتىم. ئەگەر دىلشاتنىڭ مۇھەببىتى بولمىسا ماڭا ھايات بىلەن ئۆلۈمنىڭ پەرقى يوق ئىدى. دىلمۇراتقا كەلسەك، مەندە ئەمدى ئۇنى ياخشى كۆرگۈدەك ماجال قالمىغان ئىدى.

ئشىك قوڭغۇرىقىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى مەن خىلى ئۇزۇن تىڭىرقاپ تۇرغاندىن كىيىن ئىشىكنى ئاچتىم، دىلشاتقا يۈزلىنىش مىنى ئازاپلايىتتى، چۇنكى ئۇ ئەمدى ماڭا تەۋە ئەمەس ئىدى، مەن بولسام ئۇنى شۇنچە ياخشى كۆرەتتىم.

ئەمما مىنىڭ ئالدىمدا تۇرغىنى خۇمار ئىدى.

-مەن دىلشاتنىڭ نەرسىللىرىنى ئالغىلى كەلدىم-دىدى ئۇ سۆرۈنلۈك بىلەن.

دىلشاتنىڭ نەرسىللىرىنى؟ دىلشات ئۇ كۆچۈپ چىقىپ كەتمەكچىمۇ؟ مەن تىخىمۇ روھسىزلاندىم.

دىلشاتنىڭ ھوجرىسىدا مەن دىلشاتنىڭ كىيىىملىرىنى بىردىن-بىرىدىن رەتلەپ، يەنە بىردىن-بىردىن خۇمارغا ئۆتكۈزۈپ بىرىۋاتاتتىم. بۇ خۇددى بىر مۇراسىمغا ئوخشاش ئىدى. دىلشات مىنىڭ قىشىمدىن غايىپ بولۇپ، ئاندىن خۇمارنىڭ قىشىدا قايتا تىرىلەتتى.

-ئىشتان-دىدى خۇمار دۇمبىسىنى ماڭا قىلىپ تۇرۇپ، مەن ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىنى ئىنىق كۆرەلمەيىتتىم.

مەن گەپ قىلماستىن دىلشاتنىڭ بىر ئىشتىنىنى خۇمارغا سۇندۇم.

-ئىچ كىيىم-دىدى خۇمار.

مەن بىردىنلا تىترەپ كەتتىم، ئەڭ ئاخرىدا يەنىلا ئالدىرىماستىن، قىلچە خالىماستىن دىلشاتنىڭ ئىچ كىيمىنى خۇمارنىڭ قولىغا تۇتقۇزدۇم. بۇ ئازاپ ماڭا ئۆلۈمدىنمۇ ئىغىر بىلىنىۋاتاتتى، مەن يۈرىكىمنىڭ پۇچىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىنىق ھىس قىلىۋاتاتتىم.

خۇمار دىلشاتنىڭ ئىچ كىيمىنى غەزەپ بىلەن يەرگە ئاتتى.

-سىز ئۇنىڭ نىمىشقا قايىتپ كەلمىگەنلىكىنى؟ نىمە ئۈچۈن مىنىڭ ئۇنىڭ كىيىملىرىنى ئالغىلى كەلگەنلىكىمنى سوراپمۇ باقمامسىز؟-خۇمار ئارقىغا بۇرۇلۇپ مەندىن غەزەپ بىلەن سورىدى، ئۇنىڭ يۈزلىرى كۆزياش بىلەن يۇيۇلۇپ كەتكەن ئىدى.

-ئۇنىڭغا نىمە بولدى؟ دەڭە ئۇنىڭغا نىمە بولدى؟-مەن ئىشنىڭ مەن ئويلىغاندەك ئەمەسلىكىنى سىزىپ، خۇمارنى تۇتۇۋىلىپ سورىدىم.

-ئاخشام، دىلشات سىز بىلەن بىللە دىرامما كۆرگىلى بىرىشتىن بۇرۇنلا يارىلانغان ئىكەن. ئۇ سىز بىلەن دىراممىنى تولۇق كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئۇنى دوختۇرغا ئاپاردۇق. ئۇ تىخى ھوشىغا كەلمىدى....-دىدى خۇمار يىغلاپ تۇرۇپ.

ئەسلى مۇنداقكەندە؟ شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئەنسىزلىك ھىس قىلغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كىچىكپ كەلگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۇخلاپ قالغىلى تۇرغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ مىنى ئاۋال كىتىشكە بۇيرۇغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ خۇمارنى چاقىرغان ئىكەندە!

-ئۇ ھازىر قەيەردە؟-ساراڭلاردەك سورىدىم مەن.

-شەپقەت دوختۇرخانىسى، سىز دەرھال بىرىڭ، ئۇ كۆزىنى ئاچسۇن، كۆزىنى ئاچقاندا سىزنى كۆرسۇن!-دىدى مىنى كۈچەپ ئىتتىرىپ.

مەن ئاياغمۇ كەيمەستىن، يۇگۇرگىنىمچە چىقىپ كەتتىم.

خۇمار سۈكۈت ئىچىدە دىلشات ئىككىمىزنىڭ ئۆيىدىن چىقتى. باشقىلارنى مۇرادىغا يەتكۈزۈش ئامالسىزلىقتىن بولىدىغان مەردلىك، ھىچكىم ئۆزىنىڭ بەختىنى قولدىن بىرىشنى خالىمايدۇ. پەقەت ئۇنى خۇشال قىلىشنى، يەنىمۇ خۇشال قىلىشنى ئويلايدۇ، گەرچە ئۇ كۈلگەن ۋاقىتىدا ئۆزى يىغلاۋاتقان بولسىمۇ......

ئۇنىڭ چاقىرغۇ نومۇرى يىزىلغان كارتا،

<بۆلجۇرگەن شەربىتى>نى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكەن چوكا،

ئاللىقانچان قىتىپ كەتكەن يىرىم پارچە تىلامىسۇ،

كۆڭۈل ئىچىش مەيدانىنىڭ تامغا ئۇرۇلغان ئىككى تال بىلىتى،

ئۇنىڭ قىنى بىلەن بويالغان مايكا،

ئۇ ئىھتىيات بىلەن ساقلىغان بۇ نەرسىلەرنى بۇگۇن ئۆيگە قايتىپلا تاشلىۋىتىشى كىرەك. ئەمما ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىچۇ؟ بەلكىم بۇنى مەڭگۈ تاشلىۋەتكىلى بولماس...

مۇھەببەت ئاجايىپ غەلىتە، شۇنداقلا گۈزەل، بىر جۇپ ئاشىق-مەشۇقنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنىڭ ئارقىغا بەلكىم باشقا بىرەيلەننىڭ ئۆمۈرلۈك ئىچىنىشى يۇشۇرۇنغان بولىشى مۇمكىن.

مۇكەممەللىك، ئەخمىقانە ئىنتىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

--------------------------------------

مەن توققۇز كىچە-كۈندۇز مىنۇتمۇ ئايرىلماستىن دىلشاتنىڭ قىشىدا بولدۇم. ھەتتا، دوختۇر مىنى يۆلەپ ياندىكى كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ قويۈشقا تاس قالدى.

دىلشات ئاخىرى كۆزىنى ئاچتى.

-ھەدە......-دىدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ.

مىنىڭ كۆز ياشلىرىم ئىتىلىپ چىقىشقا باشلىدى.

-ئەگەر سەن مۇشۇنداقلا ئۆلۈشكە جۇرئەت قىلىدىغان بولساڭ.....-مەن ئۆكسۈپ كىتىپ گىپىمنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمەستىن، ئۇنىڭ قۇچىقىغا ئۆزۇمنى ئاتتىم.

دىلشات دوختۇرخانىدىن چىققان كۈن يامغۇر ياغقان ئىدى.

دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيگە كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق رەسمىيەتلەرنى دىلدار بىجىردى، مەن بولسام دىلشاتنىڭ قولىنى چىڭ تۇتقىنىمچە ئۇنىڭدىن ئايرىلمىدىم، مىنىڭ ئەمدى بۇ قولنى مەڭگۈ قويىۋەتكۈم يوق ئىدى. دىلشاتمۇ كۆڭلۈمدىكىنى سەزگەندەك قولۇمنى چىڭ تۇتقىنىچە يىنىمدا تۇردى.

-بالدۇرراق ئۇخلىغىن، بۇ بىر نەچچە كۈندىن بىرى ئۇرۇقلاپ كىتىپسەن-دىدى دىلشات مۇرەمگە ئۇرۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇ مەندىنمۇ ھالسىز كۆرۈنەتتى.

-كەتمە-دىدىم مەن ئۇنى توختىۋىلىپ.

-نىمە بولدى-دىدى دىلشات ئەجەپلىنىپ ماڭا قاراپ.

مەن ئۇنىڭ يىنىغا كىلىپ، پۇتۇمنىڭ ئۇچى بىلەن دەسسەپ ئۇنىڭ لەۋلىرىگە لىۋىمنى ياقتىم.

بۇ بىزنىڭ ئۈچىنچى قىتىم سۆيۈشىمىز ئىدى. دىلشات ھاڭۋاققىنىچە ماڭا قاراپ تۇراتتى.

-كەتىمىگىن...... بولامدۇ؟-دىدىم مەن قىزارغىنىمچە دىلشاتنىڭ كىيمىنىڭ پىشىدىن تۇتىۋىلىپ.

مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراشقا جۇرئەت قىلالمايىتتىم، يۈرىكىم ئاجايىىپ تىز سوقۇۋاتاتتى، راستىنلا بەكمۇ جىددىيلىشىپ كەتكەن ئىدىم، جىددىيلەشكىنىمدىن ئازراق تىترەۋاتاتتىم. ئەمما مەن ئۆزۇمنىڭ نىمە قىلۋاتقانلىقىنى ئىنىق بىلەتتىم، ئەزەلدىن بۇنداق ئىنىق بولۇپ باقمىغان ئىدى.

دىلشاتتىن خىلى ئۇزۇنغىچە ئىنكاس يوق ئىدى، مەن ئۆزۇممۇ بىلمەستىن بىشىمنى كۆتۈردۇم، دەل شۇ پەيىتتە، دىلشات مىنى ئەسەبىيلىك بىلەن سۆيۈپ كەتتى. ئۇنىڭ سۆيۈشلىرى يەنىلا شۇنداق ئەسەبى، يەنىلا شۇنداق ياۋايى ئىدى. ئۇ يەنىلا مىنىڭ دىلشاتىم ئىدى، ئەمما ئوخشىمايدىغان يىرى مەن ئەمدى ئۆزۇمنى قاچۇرمايىتتىم.

-مەن سىنى سۆيىمەن!-دىدى دىلشات بوشقىنە. ئۇنىڭ ئاۋازى مىنىڭ قۇلقىم تۇۋىدە ياڭرايىتتى، خۇددى ھاياتىمنى بۆسۈپ ئۆتىۋاتقاندەك.

دىلشات مىنى ئاستىغا بىسىۋىلىپ توختىماستىن سۆيەتتى، مەنمۇ ئۇنى توختىماستىن سۆيەتتىم. ئۇنىڭ مۇرىسى، ئۇنىڭ كۆكرىكى، ئۇنىڭ بارماقلىرى، ئۇنىڭ تىرىسى ھەممىسى ماڭا تەۋە بولغان ئىدى، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشاللىناتتىم.

دىلشات مىنى پۇتۇن كۈچى بىلەن سۆيەتتى، بىزنىڭ بارماقلىرىمىز كىرىشىپ كەتكەن ئىدى، خۇددى تۇنجى كۆرۈشكەن كىچىگە ئوخشاش. بەلكىم ئاشۇ كىچىدىلا مۇھەببەت ئىسىملىك بىر يىپ بىزنى مەھكەم باغلىۋەتكەن، ئاشۇ يىپ بىزنىڭ پۇتۇن تەقدىرىمىزنى بەلگىلىگەن بولسا كىرەك.

ئەڭ ئاخىرىدا ھەر ئىككىمىز يىغلاپ تاشلىدۇق، كۆز يىشى مۇھەببەتنىڭ ئەڭ ساماۋى قۇربانلىقى ئىدى.

ۋاقىت خۇددى بىر دەرياغا ئوخشايىتتى، دىلشات ئىككىمىز ئىككى قىرغاقتا ئۇنىڭ شۇنچە ئالدىراش ئىقىشلىرىغا يول قويۇپ،  بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ تۇراتتۇق.

بۇ كىچە بىزنىڭ تەنلىرىمىز بىرىكتى. مىنىڭچە، بۇ ئۆمرۈمدە بىرلا قىتىم بولسىمۇ، ياكى شۇ ھامان ئۆلىدىغان ئىش بولسىمۇ، مەن ئۇنىڭغا رازى ئىدىم.

ئۇ يىلى مەن 21 ياش، دىلشات 20 ياش ئىدى.



23. سەن بىلەن ياشايمەن



    مەن ئۈچۈن ئىلىپ ئىيىتقاندا ھەركۈنى ئەتىگەندە دىلشاتنىڭ قۇچىقىدا ئويغىنىشتىنمۇ بەخىتلىك ئىش يوق ئىدى. مەن ھەركۈنى ئەتىگەندە كۆزۇمنى ئىچىپلا ئۇنى ئىزلەيىتتىم، ئۇنىڭ يىنىمدا ئۇخلاۋاتقانلىقىنى سەزگەن ۋاقتىمدا قەلبىمدە ئۇرغۇيدىغان شاتلىق ۋە بەخىتنى ئىغىز بىلەن ئىپادىلىيەلمەيىتتىم.

بەزى ۋاقىتتا،  ئۇ تۇيۇقسىز ئويغىنىپ قالسا، مەن دەرھال كۆزۇمنى يۇمۇپ، ئۇخلىغان قىياپەتكە كىرىۋالاتتىم. ئەمما كىرپىكلىرىم يەنىلا چىمىلداپ كىتەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھاللا كۆزلىرىمگە سۆيۈشكە باشلايىتتى، مەن غىدىقلاشقا چىدىماي كۈلۈپ كەتكەندىلا ئاندىن بولدى قىلاتتى.

بەزى ۋاقىتتا، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ بولغاندىن كىيىن مەن ئۇنىڭغا ئىسىلىۋىلىپ، ئۇنى ماڭغىلى قويماي، ئۇنىڭغا بىچارىلەرچە قاراپ تۇرىۋالاتتىم، نەتىجىدە ئۇنىڭ يەنە بىر قىتىم قوچاقلاپ قويىشىغا ئىرىشەتتىم.

بەزى ۋاقىتتا، ئۇ خىجىل بولغان قىياپەتتە ماڭا قەغەز خالتىلارنى سۇناتتى، مەن خۇشاللىق بىلەن ئاغىزىنى ئىچىپ ئىچىدە ناھايىتى چىرايلىق كىيىملەر تۇرغانلىقىنى كۆرەتتىم. <<پىركازچىكنىڭ دىيىشچە بۇ ھازىر مودا بولىۋاتقان يىڭى پاسون ئىكەن>>دەيىتتى ئۇ.

بەزى ۋاقىتتا، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن چاقماك كۆڭلەك ۋە رەڭگى ئوچوق مايكىلارنى سىتىۋالاتتىم. ئۇ بىر كەيگىنىچە بىر ھەپتىگىچە سالغىلى ئۇنىمايىتتى.

بەزى ۋاقىتتا، ئۇ مىنى ئاشخانىدىن ھەيدەپ چىقارغاندىن كىيىن، مەن ئۇنىڭ ئاشخانىنى ۋايران قىلىشىغا كۈلۈپ قاراپ تۇراتتىم. ئاندىن ئۇ پاكىز يۇيمىغان قاچىلارنى قايتا يۇياتتىم.

بەزى ۋاقىتتا، مەن ھورۇنلۇق قىلىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلغىلى ئۇنىمايىتتىم. ئاندىن ئۇنىڭ كىرلىكنى سىقىپ ماخوغا ئوخشىتىپ قويغىنىنىغا، كۆك كىيىم بىلەن ئاق كىيىمنى بىللە كىرئالغۇغا سىلىپ، بىر توقام كۈلرەڭ كىيىم قىلىپ قويغانلىقىنىغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇراتتىم.

بەزى ۋاقىتتا، تۇرۇپلا مەكتەپتە پەيدا بولۇپ قالاتتى ۋە باشقىلارنىڭ كۆز سىلىشلىرىغا پەرۋا قىلماستىن سىنىپنىڭ ئالدىدىلا مىنى قۇچاقلىۋىلىپ، تۇيۇقسىزلا مىنى ناھايىتى سىغىنغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن مەكتەپكە مىنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى ئىيتاتتى.

بەزى ۋاقىتتا، مەن دىلشاتنى ماڭا ياردەملىشىپ، ئىلمى ماقالە يىزىشىم ئۈچۈن ماتىريال ئىزدىشىپ بىرىش ئۈچۈن مەكتەپ كۈتۈپخانىسىغا ئىلىپ كىلەتتىم. بىز ئۇ يەردە خۇددى بىر جۇپ ئوقۇغۇچى ئاشىق-مەشۇقلارغا ئوخشاش ئولتۇرساق، پۇتۇن كۈتۈپخانىدىكىلەر بىزگە ھەۋەس قىلىپ كىتەتتى.

بەزى ۋاقىتتا، ئۇ كەچرەك قايتىپ كىلەتتى. مەن تاكى ئۆزۇممۇ بىلىپ-بىلمەي ئۇخلاپ قالغۇچە ئۇنى ساقلايىتتىم. ئەتىسى ئويغاندا بولسا ئۆزۇمنى ئۇنىڭ قۇچىقىدا كۆرەتتىم.

بەزى ۋاقىتتا، مەن ئەتىگەن سەھەر تۇرۇپ ھويلىدا چاي ئىچىپ ئولتۇراتتىم. ئۇ ئويغىنىپ مىنىڭ يوقلىقىمنى سىزىپ، ئۇخلاش كىيمىنىلا كىيىپ، يالاڭئاياغ مىنى ئىزدەپ چىقاتتى، ئاندىن مىنى چىڭ قۇچاقلىۋالاتتى. مەن ئۇنىڭغا ئۆزۇمنىڭ مەڭگۈ مۇشۇ يەردە تۇرىدىغانلىقىنىمنى، ھىچ يەرگە بارمايدىغانلىقىمنى ئىيتاتتىم.

بەزى ۋاقىتتا، بىز بىرلىكتە كىرسلودا يىتىپ سۇرەت توپلىمى كۆرەتتۇق. مەن بىر گۈزەل يەرنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم. ئۇ يەر ئالىپىس تىغىنىڭ ئاستىدىكى بىر قەدىمى كەنىت بولۇپ، بۇ يەردە پەقەت 26 ئائىللىك بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر نەچچىدىن قوي-كالا باقىدىغان بولۇپ، سىرىقماي ياساش بىلەن جان باقاتتى. دىلشات بىز كىيىن ئۇ يەرگە بارىمىز، مەن ناھايىتى يىيىشلىك سىرىقماي ياساشنى ئۇگىنىمەن. ئاندىن بىز ھەرگىزمۇ قايتىپ كەلمەيمىز دەيىتتى......

مەن بۇ ئىشلارنىڭ ئۇششاق تەپسىلاتلىرىغىچە ھەممىنى ئىسىمدە چىڭ ساقلىۋالغان ئىدىم. ھەتتا ئۆتمۈشۈمنى ئۇنتۇغان، كەلگۈسىنى ئەستىن چىقارغان ئىدىم. باشقىلار ھاياتىدا نىمىلەرنى قوغلىشدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. ئەمما ماڭا مۇشۇلارغا بولسا يىتەرلىك ئىدى.

ئادەمگە ھايات بىرلا قىتىم كىلىدۇ، ئادەمنىڭ ھاياتىدا قىلىپ بولالمايدىغان ئىشلىرى ناھايىتى كۆپ بولىدۇ.

ئادەم باشتا قورسىقى تويغۇدەك تاماق بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، قورسىقى تويغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ بىخەتەر ھايات كەچۈرىشىنى ئۈمد قىلىدۇ، تۇرمۇشى بىخەتەرلىككە ئىگە بولغاندىن كىيىن ئۆزىگە لازىملىق نەرسىلەرنى تىپىشنى ئويلايدۇ. ھىچ بولمىغاندا توڭلىغان ۋاقىتلىرىدا ئۆزىگە ئىللىقلىق بىرەلەيدىغان بىر ھەمراھ بولىشىنى ئۈمد قىلىدۇ. ھەمراھ بولغاندىن كىيىن، پەرزەنىتلىك بولۇپ، ئەۋلاد قالدۇرۇشنى ئويلايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئىگە بولغاندا بولسا ئۆزىنىڭ باشقىلاردىن ياخشىراق يىيىشىنى، باشقىلاردىن بىخەتەر تۇرمۇش كەچۇرىشىنى، پەرزەنتىنىڭ باشقىلارنىڭ باللىرىدىن ياراملىق بولۇپ چىقىشىنى ئۈمد قىلىدۇ. مانا بۇ نەق پۇل ۋە ھوقۇقنىڭ كىلىپ چىقىش مەنبەسى. ئەمما ئاخىرى مۇشۇنداق ئورۇنغا ئىرىشكەندىن كىيىن، پۇل ۋە ھوقۇق ئۇنچە مۇھىم ئەمەستەك بىلىنىدۇ-دە، بۇلارنىڭ قىممىتى توغرىسدا ئويلىنىشقا باشلايدۇ. ئورنى قانچە يۇقىرى بولغانسىرى باشقىلار ئۇنىڭغا شۇنچە ھەۋەس قىلىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۆزىگە ھەۋەس قىلىدىغان ئاشۇ كىشلەرگە قارىغىنىدا، مەيلى قانداق ئىش قىلسۇن ئۆزىدە بىر خىل ھارغىنلىقنى سىزىپ، مۇشۇنداق تۇرمۇش كەچۈرسە يىتەرلىك ئەمەسمۇ؟ مەن بۇنچە قىلىپ نىمە قىلىمەن دىگەنلەرنى ئويلايدۇ.

ئەمەلىيەتتە بىر ئۆمرىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشتىن بىرنى تاللاپ، بەل قويىۋەتمەي شۇ ئىشنى قىلىش بەكمۇ ئاسان.

مىنىڭ تاللىۋالغان ئىشىم بولسا -ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياشاش.


24. ئانچە ئۇزۇن ساقلاتمايمەن


دىلشات غالىپ ئاكىنىڭ قىشىدىن قايتىپ چىققاندىن كىيىن ماڭا تىلفۇن قىلدى.

-ۋەي!

-ھە....-مىنىڭ قوللىرىم چاپلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، تىلفۇننى تەستە ئالدىم.

-نىمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟-دىدى دىلشات.

-تاماق قىلىۋاتىمەن. نىمە تاماق قىلۋاتقانلىقىمنى تىپىپ باقە.

-ھە...بىلمەيمەن.

-تاتلىق پۇرچاق مانتىسى، سەن قاچان قايتىپ كىلىسەن؟-مەن بىر چۇشتىن كىيىن تەييارلىق قىلغان ئىدىم.

-مەن....بۇگۇن قايتالمايدىغان بولدۇم-دىلشاتنىڭ ئۇنى چۇشۇپ كەتكەن ئىدى.

-نىمە؟ ئىشىڭ بارمۇ؟-مەن بىردىنلا ئالاقىزادە بولۇپ كەتتىم.

<<ئىش>>دىگەن بۇ سۆزنىڭ دىلشاتقا نىسبەتەن ئىلىپ ئىيىتقاندا مەنىسى چوڭقۇر ئىدى. شۇڭا مەن بەك چوڭقۇرلاپ سۇرۇشتۇرۇپ كەتمەيتتىم. چۇنكى بۇ <<ئىش>> كۆڭلۈمنى يىرىم قىلاتتى.

-شۇنداق، ئازراق ئىش بار ئىدى-دىدى دىلشات.

-ھە...ئۇنداق بولسا مەن ساڭا ئىلىپ قوياي، ئەتە كەلگەندە يەرسەن-دىدىم مەن. ئەمما ئۆزۇمنىڭ ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىمنى يۇشۇرۇپ قالالمىدىم.

-بولدى، مەن بۇ قىتىم بىر-ئىككى كۈن ئىچىدە قايتىپ كىلەلمەسلىكىم مۇمكىن-دىدى دىلشات.

-ھە...شۇنداقمۇ....-مەن خىلى ئۇزۇن ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالغاندىن كىيىم سورىدىم-قەيەرگە بارىسەن؟

-ئۇلۇغچاتقا، تىزلا قايتىپ كىلىمەن. خاتىرجەم بول-دىلشات شۇنداق خاتىرجەملىك بىلەن گەپ قىلۋاتاتتى. ئەمما بۇ مىنىڭ ئەندىشلىرىمنى يوق قىلالمايىتتى.

-سەن...ئۆزۈگە ئىھتىيات قىلغىن.

-ماڭا ھىچ ئىش بولمايدۇ، ئەمما بۇ ئارىلىقتا سەن بىلەن ئالاقىلشالماسلىقىم مۇمكىن. شۇڭا سەن ئۆزۇڭنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئال، ۋىتامىن تابلىتى يىيىشنى ئۇنتۇپ قالساڭ بولمايدۇ، بىلدىڭمۇ؟

بۇ خىل كۆيۈنۈشلەرگە يولغان تاپىلاشلار ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىللىتاتتى، ئەمما مەن يەنىلا ئازراق ھەسرەت چىكىۋاتاتتىم. مەن ئۇنى ھەر كۈنى كۆرۈپ تۇرۇشنى، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئۇنى ئۇزىتىپ قويۇشنى، كەچتە ئۇنىڭ كىلىشىنى ساقلاشنى ئۈمد قىلاتتىم. ئەمما قىرىشقاندەك بىز پات-پات ئايرىلىپ تۇراتتۇق.

-ماقۇل..

-قالايمىقان خىياللارنى قىلما-دىدى دىلشات خۇددى كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالغاندەك.

-دىلشات....

-ھە....

-ھىچنىمە....

بەزى ۋاقىتتا مۇشۇنداق ئىدى، گەرچە ھىچقانداق گەپ يوقلىقىنى ئىنىق بىلىپ تۇرساممۇ، ئەمما يەنىلا تىلغۇننى قويىۋەتكىم كەلمەيىتتى. بىر ئىغىزمۇ گەپ قىلىشقمىساقمۇ، پەقەت قارشى تەرەپنىڭ تىخى ياخشى تۇرىۋاتقانلىقىى ھىس قىلالىساملا بولاتتى.

-بولدى-دىدى دىلشات مۇلايىملىق بىلەن-قالغان گەپلەرنى مەن كەلگەندە دىىيشەيلى، تاتلىق نەرسىلەرنى بەك كۆپ يىمە، كەچتە بالدۇرراق ئۇخلا، مەن ئاۋال تىلفۇننى قويىۋەتتىم.

-دىلشات-مەن ئالدىراپ چاقىردىم.

-نىمە بولدى؟

-مەن سىنى سۆيىمەن.

نىمىشقىدۇر يىغلىغۇم كىلىۋاتاتتى.

-مەنمۇ سىنى سۆيىمەن-دىدى دىلشات ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن.

-.......

-سەن ئاۋال قويىۋەتكىن.

ھەر قىتىم دىلشات مىنى ئاۋال تىلفۇننى قويىۋىتىشىمنى ئىيتاتتى. چۇنكى قارشى تەرەپ تىلفۇننى قويىۋەتكەندىن كىيىنكى <<دۇ...دۇ...>>قىلغان ئاۋاز كىشىگە بەكمۇ سوغۇق ئاڭلىنىپ، ئادەمنى ئىچىنى سىقاتتى. دىلشات بولسا ھەر قىتىم مەن ئۈچۈن بىر زىرىكەرلىك ئاۋازنى ئاڭلاشقا رازى ئىدى.

-ھە-دىدىم مەن ماقۇل بولۇپ، ئەمما تۇرۇپكا يەنىلا قولۇمدا تۇتۇقلۇق ئىدى.

-قويىۋەتكىن-دىدى دىلشات ئىچى سىيرىلغان ھالدا.

-مەن سىنى ساقلايمەن-دەپ ۋاقىرىدىم مەن. شۇنىڭ بىلەن تەڭ بىر تامچە يىشىم يۈزۈمنى بويلاپ ئىقىپ چۇشتى. مىنىڭ قىلالايدىغىنىم پەقەت ساقلاش ئىدى.

-سىنى ئانچە ئۇزۇن ساقلاتمايمەن-دىدى دىلشات قەتئىيلىك بىلەن.

شۇنداق، ئانچە ئۇزۇن بولمايدۇ، مەن ئىشىنىشىم كىرەك. بىز ئاللىقاچان بىرگە بولدۇققۇ؟

پۇتۇن ئون يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، بۇ بىر نەچچە كۈننىڭ ئەنسىرىگىدەك نىمىسى بار؟

----------------------

ئەسكەرتىش: يەر-ناملىرىنى ئۆزگەرتىپ تەرجىمە قىلىۋەتتىم. بۇ ھىكايىدە يىزىلغىنى گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى بولسا كىرەك. ئەسلى ئەسەردە 西町 دىيىلگەن ئىكەن. ئۇمۇ چىگراغا يىقىن بىر يەر بولغاچقا مەن ئۇلۇغچات دەپ ئالدىم. تورداشلارنىڭ توغرا چۇشىنىشىنى ئۈمد قىلىمەن.



25. ئىس-تۈتەك(1)


دىلشات توختىماي سودا قىلىدىغان ئورۇننى كۆزىتىۋاتاتتى. جۇرئەت ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تۆت ئەتراپنى كۆزىتەتتى.

-نىمانداق كۆپ مال بۇ؟ ئۇرۇش قىلامدىكىنە بۇ خەق-دىدى جۇرئەت بىر قورالنى قولىغا ئىلىپ-غالىپ ئاتاماننىڭ شۇنچە جىددىيلىشىپ كەتكىنى بىكار ئەمەسكەندە؟

-ئۇلار يەرلىك ئادەملەر تۇرسا-دىدى دىلشات كۈلۈپ-مۇشۇ يەردە ئۇرۇش قىلامدۇ؟

-بۇ يەردە ئۇرۇش قىلغۇدەك نىمە ئىش بار-دىدى جۇرئەت.

-بەلكىم چىگرا سىرتىغا ئىلىپ چىقىپ كىتىشى مۇمكىن-دىدى دىلشات-ئەمما بىز بۇرۇن ھىچقانداق تىۋىشنى سەزمىگەن ئىكەنمىز. مىنىڭچە ئۇلار ئادەتتىكى ئادەملەر ئەمەس.

-ھا..ھا...بۇ يەردە كىم بىزگە قول سىلىشقا پىتىنالايىتتى-دىدى جۇرئەت مەغرۇرلۇق بىلەن.

-ئۇنداق دىگىلىمۇ بولمايدۇ-دىدى دىلشات قولىدىكى تاپانچىسىنى سۇرتكەچ-ئەينى ۋاقىتتا كىم بىزنى جاپپار ئاكىغا قول سالالايدۇ دەپ ئويلىغان.

-بۇ......-جۇرئەتنىڭ ئاغزى تۇۋاقلىنىپ قالغان ئىدى.

-بەلكىم سەن ئەتىكى غالىپ ئاكا بولىشىڭ، غالىپ ئاكا تۇنۇگۇنكى جاپپار ئاكا بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.

دىلشات تاپانچىسىنى كۆتۈرۈپ يىراقنى قارىغا ئالدى.

-مەن...مەن قانداقمۇ ئۇنداق قىلالاي-جۇرئەت تىڭىرقاپ دىلشاتقا قاراپ تۇراتتى-ئەمما دىلشات ئاكا سەن شۇنداق قىلايسەن. غالىپ ئاكا سىنى شۇنچە ئەتىۋارلايدۇ. سەن چوقۇم قىلالايسەن.

-شەرق چولپىنىدىمۇ؟-دىدى دىلشات قوللىرىنى تۈزلەپ، كۆزلىرىنى قىسقىنىچە.

-شۇنداق، ھەممە ئادەم كۆرۈپ يىتەلەيدۇ، غالىپ ئاكىنىڭ ئورنى چوقۇم ساڭا تەۋە بولىدۇ-دىدى جۇرئەت ناھايىتى ھەۋەس قىلغان ھالەتتە.

دىلشات تۇيۇقسىزلا تەپكىنى باستى. ئوق ئاۋازى بىلەن تەڭ بىر پارچە ئەينەك پارچە-پارچە بولۇپ، پارچىللىرى يەردە چاقناشقا باشلىدى.

-دىلشات....دىلشات ئاكا، نىمە بولدى؟-جۇرئەت قورقۇپ كەتكەن ئىدى.

-ھىچنىمە-دىدى دىلشات قورالىنى يىغىشتۇرۇپ-مال يامان ئەمەس ئىكەن.

جۇرئەت ئۇھسىنىپ قويدى، ئازراق نىمە قىلىشنى بىلەلمەي قالغان ئىدى.

ئەگەر غالىپ ئاكىنىڭ باشقىلارغا بىرىدىغان تەسىرى ھەيۋە دىسەك، دىلشاتنىڭ باشقىلارغا بىرىدىغان تەسىرى سىرلىقلىق ئىدى. بىر خىل سىرلىقلىق شۇنچە كۆپ ئادەم ئارىسدا بەھەيۋەت دەرەختەك ئايرىم كۆزگە چىلىقاتتى. ئۇ ئابروق قوغلاشمايتتى، ئەمما شۇنچە، كەسكىن ئۆتكۈر ئىدى. كىشى ئۇنىڭغا يىقىنلىشىشقا جۇرئەت قىلالمايىتتى.

-جۇرئەت-دىدى دىلشات-سىنىڭ <شەرق چولپىنى>غا كىرگىنىڭگە تۆت يىل بولغاندۇ؟

-دىلشات، مۇشۇمۇ سىنىڭ ئىسىڭدە بار ئىكەن ھە؟-دىدى جۇرئەت تەئەججۇپ بىلەن.

-بۇ يەردە شۇنچە ئۇزۇن ئىشلەپسەن، ھازىرقى كۈنىڭدىن رازى بولۇپ ئۆتمەيدىغانسەن؟-سورىدى دىلشات.

-قانداقسىگە ئۇنداق بولسۇن-دىدى جۇرئەت ھولۇقۇپ-دىلشات ئاكا ماڭا شۇنچە كۆيىنىۋاتسا، ساڭا ئەگەشسەم مىنىڭ باشقا گىپىم يوق.

-مىنىڭ دىگىنىم بۇ ئەمەس-دىدى دىلشات جۇرئەتكە بىر تال تاماكا ئىتىپ-سەن بۇ يەرگە نىمە ئۈچۈن كەلگەن.

-بىرەر تۇرمۇش يولى تىپىش ئۈچۈندە-دىدى جۇرئەت دىلشات ئاتقان تاماكىنى تۇتىۋالغاندىن كىيىن بىر ساندۇقنىڭ ئۇستىدە ئولتۇرۇپ-مەن ئازراق پۇل توپلاپ، دادامغا بىر دۇكان ئىچىپ بىرەي دىگەن. ئۇنىڭ بەكمۇ دۇكان ئاچقۇسى بار. سەن تىپىپ باقە، نىمە دۇكان؟ كالا گۆشى كۈمىلىچى دۇكىنى....ھا..ھا...

-ئۇنداقتا ھازىرچۇ؟ دۇكاننى ئاچتىڭلارمۇ؟-دىدى دىلشات كۈلۈپ قويۇپ.

-ياق تىخى....-جۇرئەتنىڭ كۈلكىسى سۇسلاشقا باشلىدى-ئەمما، ھامان بىر كۈنى مەن دادامغا بىر دۇكان ئىلىپ بىرىمەن. ياق ئون دۇكان ئىلىپ بىرىمەن. پۇتۇن رايوندا بىزنىڭ زەنجىرسىمان دۇكىنىمىز بولىدۇ-دىدى جۇرئەت كۆزلىرىدىن قەتئىيلىك نۇرى چاقنىتىپ.

-غەيرەت قىل-دىدى دىلشات ئۇنىڭ مۇرىسىگە شاپىلاقلاپ-شۇ چاقدا مەن چوقۇم بىرىپ قىزىتىپ بىرىمەن.

جۇرئەت دىلشاتقا قارىغىنىچە كۆزلىرىگە ياش ئالدى. ئۇ بىر نەرسىلەرنى دىمەكچىدى ئىدى-يۇ، ئەمما ئىغىزىدىن چىقىرالمىدى.

دىلشات تاماكىسىنى كۈچەپ-كۈچەپ تارتاتتى. ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئىس-تۈتەك ئورىۋالغان بولۇپ، قەلبىدىن-يۈرىكىگىچە ئىس-تۈتەك بىلەن ئورالغان ئىدى.

جۇرئەت بولسا قانداق قىلىپ داۋاملىق بۇ ئىشنى قىلىشنى ئويلايىتتى، دىلشات بولسا قانداق قىلىپ بۇ ئىشنى داۋاملىق قىلماسلىقنى ئويلايىتتى.

ئىككەيلەن خىلى ئۇزۇنغىچە سۈكۈت قىلىپ تۇردى.

-ھە راست، دىلشات ئاكا، ھىلقى....بىز سودىنى قەيەردە قىلىمىز؟-سورىدى جۇرئەت بىردەم ئىككىلەنگەندىن كىيىن.

-ۋاقتى كەلگەندە مەن ئورۇنلاشتۇرىمەن-دىدى دىلشات ھىچقانداق ئىپادىسىز.

-ئىشنىڭ ئالدىدا تەييارلىق قىلمايمىزمۇ؟-تەئەججۇپ بىلەن سورىدى جۇرئەت.

-ھازىر تىخى ھاجىتى يوق-دىدى دىلشات.

-ئۇنداقتا مەن نىمە ئىش قىلىمەن-دىدى جۇرئەت.

-بۇ ئىشقا سەن ئارىلاشمىساڭمۇ بولىدۇ-دىدى دىلشات.

-نىم...نىمە؟-دىدى جۇرئەت ھەيرانلىق بىلەن-دىلشات ئاكا، مەن...مەن..

-مىنىڭ باشقا ئويۇم يوق-دىدى دىلشات تاماكىسىنى ئۆچۈرىۋىتىپ-مەن سىنى باشقا ئىش قىلىشقا بۇيرۇماقچى.



26. ئىس-تۈتەك(2)


    مىنىڭ ئوقۇش پۇتتۇرىشىمگە ئاز قالدى. ئوقۇش پۇتتۇرۇش مۇراسىمى ناھايىتى مۇھىم ئەسلىمە. ئوقۇش پۇتتۇرگەندىن كىيىن بىز ياشلىق بىلەن ھەقىقى مەنىدە خوشلىشىپ، ساۋاقداشلار ھەر تەرەپكە تاراپ كىتىمىز. بەلكىم، ئىككىنچى قىتىم كۆرۈشكەندە بىزنىڭ چاچلىرىمىز ئاقارغان بولىشى مۇمكىن، ھەتتا بەزىلەر مەڭگۈ كۆرۈشەلمەسلىكىمۇ مۇمكن.

ھەممە ئادەم ئىنتىزار بولماقتا ۋە تەييارلىق قىلماقتا. خاتىرە دەپتەرنىڭ بىرىنچى بىتىگە كىمنىڭ ئىسمىنى يىزىش كىرەك، كىم سىزگە گۈل سوۋغا قىلىدۇ، كىمگە ئۇزۇندىن بىرى يۇرىكىڭىزنىڭ چوڭقۇر قىتىدا ساقلىغان سۆزلەرنى دەۋالىسىز، مۇشۇنداق بىر مۇھىم كۈننى ھىچكىممۇ قولدىن بىرىپ قويۇشنى خالىمايدۇ، ئەلۋەتتە، مەنمۇ دىلشاتنىڭ قولدىن بىرىپ قويىشىنى خالىمايىتتىم. ئۇنىڭ ئۇستىگە بىزنىڭ كۆرۈشمىگىنىمىزگە ئۇزۇن بولغان ئىدى.

مەن ئىشنىڭ بۇنچە ئىغىر بولۇپ كىتىشنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن. دىلشات بۇرۇنلاردا كۆرۈلۇپ باقمىغان ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئىش قىلاتتى، جۇرئەتمۇ ناھايىتى ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. ھەتتا ماڭا كۆڭۈل بۆلگۈدەك ۋاقتى يوق ئىدى. ئەمما، قانچە شۇنداق بولغانسىرى مەن شۇنچە قورقاتتىم، يىقىندىن بىرى مىنىڭ ئوڭ قاپىقىم توختىماستىن تارتىپ، ماڭا بىر خىل بەخىتسىزلىكتىن بىشارەت بىرىۋاتقاندەك قىلاتتى.

مەن توختىماستىن ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلاتتىم، ئەمما تىلفۇن بىر قىتىممۇ ئۇلانمايتتى. مەن ئاخىرى ئۆزۇم <شەرق چولپىنىغا بىرىپ ئۇنى ئىزدەپ، ئۇنىڭغا مىنىڭ ئوقۇش پۇتتۇرۇش مۇراسىمىمغا قاتنىششنى ئىيتىشنى قارار قىلدىم.

بەلكىم، ئاچقۇچلۇق پەيىتلەرگە دۇچ كەلگەندىكى ئالاھىدە كەيپىيات بولسا كىرەك، ھەتتا مەنمۇ <شەرق چولپىنى>نىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى سىزىۋاتاتتىم. ھەممە ئادەم ئۆزىنى ھىچ بولمىغاندەك تۇتۇشقا تىرىشاتتى-يۇ، ئەمما ئەكىسچە ئۆزىنىڭ جىددىيلىشۋاتقانلىقىنى، ئىھتىيات قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىندۇرۇپ قوياتتى.

مىنىڭ ئەڭ ئاۋال ئۇچراتقىنىم پەرى بولدى، ئۇ ئۇدۇل ماڭا قاراپ كىلىۋاتاتتى-يۇ، ئەمما مىنى كۆرمىگەن ئىدى.

-پەرى-دىدىم مەن ئۇنى چاقىرىپ.

-گۈلشات ھەدە، سىز قانداق بولۇپ بۇ يەرگە كەلدىڭىز؟-سورىدى پەرى شۇندىلا ئىسىگە كىلىپ.

-مەن دىلشاتنى ئىزلەپ كەلگەن ئىدىم. ئۇ....-مەن گىپىمنى تۇگەتمەستىنلا يىراقتىن بىرسى پەرىگە قول ئىشارىسى قىلدى. پەرىنىڭ ئسى ئەمدى مەندە ئەمەس ئىدى.

-گۈلشات ھەدە، مەن ماڭمىسام بولمايدۇ، مىنىڭ مۇھىم ئىشىم چىقىپ قالدى. سىز خالىغىنىڭىزچە ئويناڭ ھە...-پەرى ھولۇققىنىچە كىتىپ قالدى.

-پەرى كەتكەندىن كىيىن، ئەركىن ئىچى تەرەپتىن ئالدىراش چىقىپ كەلدى.

-ئەركىن-مەن ئۇنى تۇتىۋالدىم. ئۇمۇ ئوخشاشلا مىنى كۆرمىگەن ئىدى.

-سىز؟ سىز قانداق بولۇپ كىلىپ قالدىڭىز؟-تەئەججۇپ بىلەن سورىدى ئەركىن.

-مەن دىلشاتنى ئىزلەپ كەلگەن، ئۇ بارمۇ؟

-دىلشات ئاكام يوق-دىدى ئەركىن سائىتىگە قاراپ قويۇپ-بۇ كۈنلەردە ئۇ تاشقورغاندا.

-يەنە تاشقورغانغا كەتتىمۇ؟ ئۇ ئولۇغچاتقا بارىمەن دىگەن ئىدىغۇ؟-دىدىم مەن چىرايىم تۇتۇلۇپ، دىلشاتنىڭ تۇرغان يىرىنىڭ ئىنىق بولماسلىقى مىنى تىخىمۇ ئەندىشىگە سالاتتى.

-سىزنىڭ نىمە ئىشىڭىز بار ئىدى، مەن ئۇنىڭغا ئىيتىپ قوياي.

-مەن...ئەتە مىنىڭ ئوقۇش پۇتتۇرۇش مۇراسىمىم، سىز ئۇنىڭغا ئىيتىپ قويسىڭىز، مەن ئۇنى ساقلايمەن.

-مۇشۇ ئىشمۇ؟-سورىدى ئەركىن.

-ھەئە.

-بولىدۇ،مەن ئۇنىڭغا ئىيتىپ قوياي.

-رەھمەت...مەن تىخى سۆزۇمنى ئىيتىپ تۇگەتمەستىنلا ئەركىن يۇگۈرگىنىچە چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭمۇ مەن بىلەن پاراڭلىشىشقا ۋاقىتى يوق ئىدى.

مەن شەرق چولپىنىدىن چىققىنىمدا كۈن ئاستا-ئاستا قاراڭغۇلىشىشقا باشلىغان بولۇپ، يىراقتىكى شەپەق، خۇددى ئوت يالقۇنىدەك ئاسماننىڭ  بۇرجىكىنى ياندۇرۇپ، ئاجايىپ گۈزەل كۆرۈنەتتى. شەرق چولپىنىنىڭ چاقناق چىراغلىرى بۇ ئەيىش-ئىشرەتكە تولغان كوچىدا ئالاھىدە كۆزگە چىلىقاتتى. ئۇ ئاسماننىڭ ئاق تەرىپىنى توسۇۋالغان بولۇپ، بۇ كوچىدا قاراڭغۇلۇقنى يەنىمۇ بەك ئەكىس ئەتتۇرگەن ئىدى.

مەن ئىشىك ئالدىدا تۇراتتىم، يىنىمدىن توختىماستىن ئادەملەر ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، بۇ يەردىن ھامان ئادەملەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيىتتى. ئۇلار كىرىپ-چىقىپ تۇراتتى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ مەقسىتى، ئۆزىنىڭ ئىرىشىدىغىنى بار ئىدى.

ئەينى ۋاقىتتا مەردانمۇ مۇشۇ ئىشىكتىن چىققاندىن كىيىن بىردەملىك ۋاقىت ئىچىدىلا مىنىڭ قىزلىقىمنى نابۇت قىلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ جىنىنى سىلىپ بەرگەن ئىدى.

دىلشات خۇددى مەرداننىڭ ئورنىغا بۇ يەرگە كەلگەندەك، ئۇ بۇرۇن ئەگەشكەن ئادەمگە ئەگىشىپ، ئۇ كىيىن قىلماقچى بولغان ئىشلارنى قىلۋاتقاندەك ئىدى.

كۈن قانچە قاراڭغۇلاشقانسىرى مەن بۇ شەھەرنى ئوراپ تۇرغان ئىس-تۈتەكنى شۇنچە ئىنىق كۆرەتتىم. بۇ ئىس-تۈتەك ئىچىدە كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتا ئايرىۋالغىلى بولمايىتتى، خۇشاللىق ۋە ئازاپ-ئوقۇبەت خىرەلىشىپ كەتكەن ئىدى.

مىنىڭ بىردىنبىر كۆرەلەيدىغىنىم دىلشاتنىڭ ئاشۇ بىر جۈپ نۇرلۇق كۆزى، تۇتالايدىغىنىم بولسا دىلشاتنىڭ بىر جۇپ قولى ئىدى.

مەن ئىغىر بىرنى ئۇھسىندىمدە، يىراقلارغا قاراپ چوڭ-چوڭ قەدەم ئىلىپ مىڭىپ كەتتىم، بىز چوقۇم بۇ يەردىن كىتىشىمىز، ئالىپىس تىغى ئاستىدىكى كىچىك ئۆيىمىزگە كىتىشىمىز، ھەرگىزمۇ قايتىپ كەتمەسلىكىمىز كىرەك.

ئەمما، مەن زادى قاچان ئۇ يەرگە بارالايدىغانلىقىمىزنى بىلمەيىتتىم.



27. ئوقۇش پۇتتۇرۇش مۇراسىمى(1)


    ئوقۇش پۇتتۇرۇش مۇراسىمى بولغان كۈنى، ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق بولۇپ، قوياش ئۆزىنىڭ ئىللىق نۇرىنى چىچىپ تۇراتتى. مەن باكلاۋۇرلۇق كىيمىنى كىيىپ، تىخىمۇ گۈزەل بولۇپ كەتكەن ئىدىم. يەنە بىر توپ كىشلەرنىڭ زوقمەنلىكىنى قوزغىغان ئىدى.

دىلمۇرات ئوقۇش پۇتتۇرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن سۆز سۆزلەۋاتاتتى، ئۇ سەھنە ئۇستىدە شۇنچە كىلىشكەن ۋە روھلۇق كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتى مىنىڭ دىلشاتقا بولغان سىغىنىشىمنى تىخىمۇ كۈچەيىتتى. ئەسلىدە ئۇمۇ مۇشۇنداق قىلالايىتتى، ھەتتا دىلمۇراتتىن ئاشۇرۇپ قىلالايىتتى. ئەمما، ھازىر ئۇنىڭ ئەتراپىنى زۇلمەتنىڭ چىرىكلىكى ئورىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ پاراسىتىنى يالماپ يۇتماقتا ئىدى.

<<بىز ھەر يەرلەردىن كىلىپ، بۇ يەردە تونۇشتۇق، ئەمدى بىز يەنە مۇشۇ يەردە ئايرىلىمىز. ئايرىلىش ئازاپلىق، ئەمما كۆز ياش ئاققۇزۇش بىھاجەت. ساۋاقداشلار، بىز بىللە ئۆتكەن كۈنلەرنى ئۇنتۇپ قالمايمىز، بىللە ئيىتقان ناخشىللىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايمىز، قىلىشقان قەسەملىرىمىز ئۇنتۇلمايدۇ. ئۆتمۈش بىلەن خوشلىشايلى، بىزنىڭ كەلگۈسىمىز چۈش ئەمەس!>>

پۇتۇن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. دىلمۇرات ماڭا چوڭقۇر ھىسيات بىلەن قاراپ تۇراتتى، مەن ئەلەم بىلەن چاۋاك چالدىم.

مەيداندىن تارقىغاندىن كىيىن بالىلار قۇشقاچلاردەك ۋىچىرلىشاتتى. بەزىلەر ئازاپ بىلەن يىشىنى تۆكەتتى، بەزىلەر قىزغىنلىق بىلەن قۇچاقلىشاتتى.  دەستە-دەستە گۈللەر ۋە تارام-تارام ياشلار بىر-بىرىگە ئارىلىشپ كەتكەن ئىدى. مەن بولسام ئۆزۇم تەنھا بىر تەرەپتە تۇراتتىم. دىلشات مىنىڭ ئويلىغىنىمدەك كىلەلمىگەن ئىدى.

-گۈلشات، بۇنى سىزگە سوۋغا قىلاي-دىدى دىلمۇرات قولىدا بىر تۇتام گۈلسامساقنى كۆتۈرگىنىچە توپتىن قىستىلىپ چىقىپ-ئوقۇش پۇتتۇرگىنىگىزگە مۇبارەك بولسۇن.

قانچە يىللار ئۆتۈپ كەتكەن  بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ كۈلكىسى يەنىلا شۇنچە يارقىن ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ھەركىتىدىن مەن تەسىرلەنمەي تۇرالمايىتتىم.

-رەھمەت-دىدىم مەن-ئەمما مەن قوبۇل قىلالمايمەن.

-ھا...ھا...، مەن بىلىمەن-دىدى ئۇ كۈلۈپ-سىز ئۇنىڭ گۈلىنى قوبۇل قىلىشنى ئويلايسىز شۇنداقمۇ؟

مەن خىجىل بولۇپ بىشىمنى سالدىم.

-نىمە؟ ئۇ تىخى كەلمىدىمۇ؟-دىدى دىلمۇرات تۆت ئەتراپقا قاراپ.

-ئۇنىڭ ئازراق ئىشلىرى بار ئىدى. قارىغاندا ئۈلگۈرۈپ كىلەلمىگەن ئوخشايدۇ-دىدىم مەن ئىختىيارسىز قوشۇمامنى تۈرۈپ.

-ئۇنداق بولسا مەنمۇ تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرماي-دىدى دىلمۇرات-مەن سىزنى ئۇزىتىپ قوياي، ئىككىمىز بىرگە تاماق يەيلى.

مەن ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدىم، كۆڭلۈمدە بولسا يەنىلا دىلشاتتىن ئەنسىرەۋاتاتتىم.

-بولدى، مىنى دائىم رەت قىلىۋەرمەڭ-دىدى دىلمۇرات. ئۇنىڭ كۈلكىسى ھەقىقەتەن ئادەمگە ئىللىقلىق بىغىشلايىتتى.

-بولىدۇ-دىدىم مەن ماقۇل بولۇپ.

-گۈلشات ھەدە!

مىنى تىخى ئانچە يىراقلىماستىنلا جۇرئەت چوڭ بىر دەستە گۈلنى قۇچاقلىغىنىچە ھاسىراپ يۇگۇرۇپ كەلدى. ئۇ ناھايىتى ئالدىراشتەك كۆرۈنەتتى، ئەھۋالى تازا ياخشى ئەمەستەك ئىدى.

-گۈلشات ھەدە، دىلشات ئاكام......دىلشات ئاكام ماڭا بۇنى سىزگە ئاپىرىپ بىرىشنى ئىيىتقان ئىدى-دىدى ئۇ گۈلنى ماڭا سۇنۇپ.

ئۇ مىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ئۇ مىنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ قالسۇن؟ مىنىڭ دىلشاتىم مەڭگۈ مۇشۇنداق ئەمەسمۇ! مەن ھاياجانلانغان ھالدا ئاللىقاچان قالايمىغان بولۇپ كەتكەن گۈل دەستىنى قولۇمغا ئالدىم، تۇرۇلگەن قوشۇماممۇ ئىچىلپلا كەتتى.

دىلمۇرات مىنىڭ شۇ پەيىتتىكى گۈلدىنمۇ بەك ئىچىلىپ كەتكەن چىرايىمغا قاراپ ئىلاجسىزلىق بىلەن بىشنى لىڭشىتتى.

-دىلشات ئاكام يەنە مىنى سىزنى بىرگە ئىلىپ بىرىشنى ئيىتقان ئىدى. ئۇ ئىشنى بىجىرىپ بولۇپلا سىزنى ئىزدەيدىغانلىقىنى دىگەن-دىدى جۇرئەت.

-قەيەرگە؟-سورىدىم مەن.

-بارغاندا بىلىپ قالسىىز-دىدى جۇرئەت سىرلىق كۈلۈپ.

-دىلمۇرات، مەن......-دىدىم مەن دىلمۇراتقا قاراپ، خىجىللىق بىلەن.

-بىلدىم، سىز بىرىۋىرىڭ-دىدى دىلمۇرات ئۆزىنىڭ ئۈمدسىزلەنگەنلىكىنى يۇشۇرۇشقا، كۆڭلىگە ئالمىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋىلىشقا تىرىشىپ.

رەھمەت سىزگە-دىدىم مەن مىننەتدارلىق بىلەن.

مەن بۇ بىر ئىغىز سۆزنى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇنىڭغا دىيىشنى ئويلاپ كىلۋاتاتتىم. مەن بۇ سۆزنىڭ ۋەزنىنىڭ ئىغىرراق، يەنىمۇ ئىغىرراق بولىشىنى، ئۇنىڭ قەلبىدە مەن سەۋەبلىك پەيدا بولغان بوشلۇقنى تولدۇرالىشىنى ئۈمد قىلاتتىم.

مىنىڭ بارا-بارا يىراقلاپ كىتىۋاتقان سىمارىمغا ئەگىشىپ، دىلمۇراتنىڭ قولىدىكى گۈلدەستىمۇ بارغانسىرى تۆۋەنگە ساڭگىلاشقا باشلىدى. مەيلى دىلمۇراتنىڭ قانچە تەن بەرگۈسى كەلمىسۇن، ئەمما ئۇ يەنىلا مىنىڭ قەلبىمدىكى ئۇ ئەمەس ئىدى. مەن پەقەت ئۇنىڭغا ئۆزۇمنىڭ يىراقلاپ كىتىۋاتقان سىمارىمنىلا قالدۇرالايتتىم.



28. ئوقۇش پۇتتۇرۇش مۇراسىمى(2)


    -بىز زادى قەيەرگە بارىمىز؟-دەپ سورىدىم مەن ماشنىدا كىتىپ بىرىپ.

جۇرئەت ھاڭۋىقىپ ئالدىغا تىكىلىپ ئولتۇرغىنىچە، جاۋاب قايتۇرمىدى. يولدا كەلگۈچە ئۇنىڭ ئىزچىل كۆڭلى جايىدا ئەمەس ئىدى.

-جۇرئەت؟-تەئەججۇپ بىلەن ئۇنىڭغا قارىدىم مەن-سىزگە نىمە بولدى؟ بىرەر يىرىڭىز ئاغرىمدۇ؟

-ھە؟! ھىچ ئىش يوق-دىدى جۇرئەت-گۈلشات ھەدە، سىز بايا نىمە دىدىڭىز؟

-مەن بىز......-مەن گىپىمنى دەپ بولماستىنلا جۇرئەتنىڭ تىلفۇنى سايرىدى.

-ۋەي....ھەقىقەتەن ئاشۇ ئىكەندە، ھە... بىلدىم.....ماڭا ماقۇل بولغان ئىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ؛

تىلفۇننى قويغاندىن كىيىن كۈلكىدىن جۇرئەتنىڭ چىرايى ئىچىلپلا كەتتى.

-دىلشاتمىكەن؟-ئالدىراپ سورىدىم مەن.

-ئۇ ئەمەس، ئەمما سىز خاتىرجەم بولۇڭ، ۋاقىت تىخى توشىمىدى، دىلشات ئاكام بۇگۇن چوقۇم سىزنى ئىزدەپ كىلىدۇ. تىخى بالدۇرراق كىلىپ قىلىشىمۇ مۇمكىن-دىدى جۇرئەت سائىتىگە قاراپ قويۇپ.

-ئۇ مىنى قەيەردىن ئىزدەيدۇ؟ بىز زادى قەيەرگە بارىمىز؟-سورىدىم مەن.

-دەل مۇشۇ يەرگە-دىدى جۇرئەت تۇيۇقسىز ماشنىنى توختىتىپ، كۈلگىنىچە ماڭا قاراپ.

مەن ماشىنىدىن پەسكە چۇشۇپ ئالدىمىزدىكى كىچك قورونى كۆرۈپ، قىتىپ تۇرۇپلا قالدىم. بۇ قورۇ ئانچە چوڭ ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۇستىگە خىلى كونىراپ قالغان بولۇپ، رىشاتكىلىق قورۇ تاملىرىنى يۆگىمەچ ئوتلار بىسىپ كەتكەن، ئۆيلىرىنىڭ رەڭلىك ئەينەكلىرى قوياش نۇرىنىڭ كۆيدۇرىشى بىلەن ئەسلى رەڭگىنى يوقىتىپ، رەڭگى تۇتۇقلاشقان ئىدى.

ئەمما، ماڭا نىسبەتەن ئىلىپ ئىيىتقاندا ماڭا بۇ يەردىنمۇ مۇۋاپىقراق يەنە باشقا جاي يوق ئىدى. بۇ يەر خۇددى مەن بۇرۇن كىلىپ باققاندەكلا تۇيۇلاتتى، ھەتتا بۇ يەرنىڭ پۇراقلىرىمۇ ماڭا شۇنچە تونۇش بىلىنەتتى. ئەگەر ماڭا دىلشات ئىككىمىزنىڭ مەڭگۈ بىللە ئۆتىدىغان جايىنى تاللاشقا قويسا مەن چوقۇم مۇشۇ يەرنى تاللىغان بولاتتىم.

-گۈلشات ھەدە، تىزرەك ئىچىگە كىرىپ كۆرۈپ بىقىڭ، دىلشات ئاكام بۇ يەرنى كۆپ ئىزلىدۇ. ئۇ سىزنى چوقۇم ياقتۇرىدۇ دىگەن ئىدى-دىدى جۇرئەت، خۇشاللىقتىن يىغلىۋىتەيلا دەپ قالغان چىرايىمغا رازىمەنلىك بىلەن قاراپ.

قورۇ ئىچىكى ئۆيلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشى ناھايىتى مۇۋاپىق بولۇپ، ساراي ئۆي شۇنچە ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي مانا مۇشۇ يەردە دىلشات ئىككىمىز مەيلى باي مەيلى نامرات بولايلى، مەيلى كىسەل ياكى ساق بولايلى، مەڭگۈ بىر-بىرىمىزگە ھەمرا بولۇپ بىرگە ئۆتۈشكە، ھەرگىز ئايرىلماسلىققا قەسەم بىرەتتۇق.

-مەن ئەسلى چوڭراق قورۇدىن بىرنى تىپىپ، تۈزەك ياسايلى دىگەن، ئەمما دىلشات ئاكام چوقۇم مۇشۇ يەر بولسۇن دەپ تۇرىۋالدى. ئۇنىڭ دىيىشچە سىلەر ئىككىڭلارغا يىتەرلىك ئىكەن. تازىمۇ بىر!-دىدى جۇرئەت ئۆينىڭ سۇۋاقلىرى چۇشۇپ كەتكەن تاملىرىغا قاراپ.

مەن خىجىل بولۇپ كۈلۈپ قويدۇم، دىلشات ئىككىمىزنىڭ ئويلىرىغانلىرىنىڭ بۇنچە ماس كىلىدىغانلىقىنى جۇرئەت قانداقمۇ بىلسۇن.

توي كىيمى يوق، تويىمىزنى مۇبارەكلەيدىغان مىھمانلارمۇ يوق، باشقىلارنىڭ تىلەكلىرىمۇ يوق، خۇددى قۇربان بىلەن ئانارخاندەك ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز نىكاھ ئوقۇساق، بۇنىڭ نەرى بولمىغۇدەك؟ ماڭا پەقەت بىر ئاللاھنىڭ گۈۋاھلىقى بولسا، دىلشات يىنىمدا بولسا شۇلا كۇپايە.

-دىلشات قاچانراق قايتىپ كىلەر؟-سورىدىم مەن.

-ئىشنى بىجىرىپ بولۇپلا قايتىپ كىلىدۇ، سىز خاتىرجەم بولۇڭ بۇ قىتىم ھەرگىز چاتاق چىقمايدۇ-دىدى جۇرئەت قولىدىكى گۈلنى بىر لوڭقىغا سىلىپ قويغاچ.

-تاشقۇرغان بۇ يەردىن خىلى يىراقمۇ؟

-تاشقورغان؟-سورىدى جۇرئەت چۇشەنمەستىن.

-ئۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئۇ مەن ئۇلۇغچاتقا بارىمەن دىگەن، ئەركىن تاشقۇرغانغا كەتتى دەيدۇ-دىدى مەن تۈڭلۈكتىن چۇشۇپ جۇرئەتنىڭ قولىدىكى لوڭقىنى يورۇتۇپ تۇرغان كۈن نۇرىغا تىكىلىپ، بۇ مەنزىرە بەكمۇ گۈزەل كۆرۈنىۋاتاتتى.

جۇرئەتنىڭ قولىدىكى لوڭقا بىردىنلا يەرگە چۇشۇپ پارە-پارە بولۇپ كەتتى. لوڭقىنىڭ پارچىللىرى قوياش نۇرىدا باشقىچە چاقنايتتى.

-سىز...سىز ئۇنىڭغا دىلشات ئاكامنىڭ ئۇلۇغچاتتا ئىكەنلكىنى ئىيتىپ قويدىڭىزمۇ؟-دىلشاتنىڭ ئاغىرىنىش بىلەن تولغان ئاۋازى تىترەپ چىقىۋاتاتتى.

-شۇنداق، نىمە بولدى؟-مەن بىردىنلا يۈرىكىمنىڭ سوۋۇپ كىتىپ بارغانلىقىنى ھىس قىلدىم، بارماقلىرىمنىڭ ئۇچىدىن تارىغان بىر ئاغرىق يۈرىكىمكە سانجىلىپ، ئاندىن پۇتۇن بەدىنىمگە تاراۋاتاتتى.

-ئەركىن......جۇرئەتنىڭ كۆزلىرى نۇرى قاچقان، ئۈمدسىزلىك بىلەن تولغان ئىدى-ئۇ ئىچىمىزدىكى خائىن ئىكەن......



29. يالقۇن(1)


-ئەركىن؟! سەن نىمىگە كەلدىڭ؟-دىدى بىر بۇرادەر ئەركىننىڭ ئالدىنى توسۇپ.
-مەن دىلشات ئاكىغا بىر گەپنى ئىيتىپ قويغىلى كەلدىم-ئەركىن ئۇنى ئىتتىرىۋىتىپ ئىچىگە كىرىپ كەتتى.
-ھەي، قول تىلفونىڭنى تاپشۇرىۋەت-دىدى ئۇ بۇرادەر ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ.
ئەركىن ئىشكنى ئىتتىردى، ئىشىك <<داراڭ-داراڭ>>ئاۋاز چىقىرىپ ئىچىلدى. ئۆينىڭ ئىچىدە پەقەت دىلشاتلا بار ئىدى.
-نىمە ئىش؟-دىدى دىلشات ئۇنىڭغا قاراپ. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ھىچقانداق مەنىنى بىلىپ بولمايىتتى.
-بۇگۇن گۈلشاتنىڭ ئوقۇش پۇتتۇرۇش مۇراسىمى ئىكەن. ئۇ سىنى ساقلايدىغانلىقىنى ساڭا ئىيتىپ قويۇشىمنى دىگەن ئىدى-دىدى ئەركىن. ئوخشاشلا ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىرەر نىمىنى چۇشەنگىلى بولمايىتتى.
-ھە....دىدى دىلشات بۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن خاتىرجەم ئىدى.
-ئەمما......-دىدى ئەركىن يانفونىنى چىقىىرپ، دىلشاتقا سۇنۇپ-سەن يەنىلا ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلىپ، ئۆزۈڭنىڭ بارالمايدىغانلىقىنى ئىيتىپ قويغىن، ئۇ بەك ئۇزۇن ساقلاپ كەتمىسۇن.
دىلشات يانفوننى قولىغا ئىلىپ، ئىتىۋەتكەندىن كىيىن، قوغلاپ كەلگەن بۇرادەرگە بەردى.
ئەركىن تەئەججۇپ بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى، دىلشات كۈلۈپ قويدى.
-ئوق دورىسىنىڭ پۇرىقى نىمانچە كۈچلۈك، ئادەمنىڭ بۇرنىنى ئىچىشتۇرۇپ-دىلدار بۇرنىنى ئەتكىنىچە كىرىىپ كەلدى-دىلشات، دەرىزە يوقمۇ؟-دىدى ئۇ ئەتراپقا قاراپ.
-سىز نىمشقا كەلدىڭىز؟-دىدى دىلشات قوشۇمىسىنى تۈرۈپ.
دىلدار جاۋاب بەرمەستىن، بىر ساندۇقنىڭ ئىغىزىنى ئاچتى-دە، ھەيرانلىق بىلەن تۇرۇپ قىلىپ دىدى:
-بۇنىڭ ئىچىگە نىمانچە كۆپ....
-قولىڭىزنى تارتىڭ-دەپ ۋاقىرىدى دىلشات.
دىلدار نىمە ئۈچۈنلىكىنى چۇشەنمەي ئۇنىڭغا قارىدى، ئۇ ئەزەلدىن دىلشاتنىڭ بۇنداق ھالىتىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى.
-مىۋە قاچىلغان ساندۇقنىڭ ئىغىزىنى چىڭ ئەتمىسە بولمايدۇ-دىدى دىلشات ساندۇقنىڭ ئىغىزىنى ئىىتپ قويۇپ-بۇ يەردە سىز قىززىققۇدەك ھىچ ئىش يوق، تىز قايتىىپ كىتىڭ.
-نىمە مىۋە....-دىدى دىلدار ھىچنىمىنى چۇشەنمەي.
-ھىچنىمە، بۇ يەر بەك دىمىق، ئۇزۇن تۇرسىڭىز بولمايدۇ-دىدى دىلشات ئۇنىڭ گىپىنى بۆلۈپ- سىز بىر نەچچە بۇرادەرنى ئىلىپ قايتىپ كىتىڭ. غالىپ ئاكىغا دەپ قويۇڭ، بۇ يەرگە ئەركىن ئىككىمىز قارايمىز. ھەممە ئىش جايىدا.
دىلشات دىلدارنىڭ مۇرىسىدىن يۆلىگىنىچە ئىشىك سىرتىغا قاراپ ماڭدى.
-توختاپ تۇر-دىدى ئەركىن ئۇنى چاقىرىۋىلىپ.
-نىمە بولدى؟-دىدى دىلشات كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا قاراپ-يەنە بىرەر ئىش بارمىدى؟
-يوق!-دىدى ئەركىن غەزەپ بىلەن بىشىنى بۇراپ-يولدا ئىھتىيات قىلىڭ-دىدى ئۇ تاتارغىنىچە دىلدارغا قاراپ.
-گەپ ئاڭلاڭ، مىنى ئەنسىرەتمەڭ-دىدى دىلشات تۆۋەن ئاۋازدا دىلدارغا.
-ئىشنى تۇگەتكەندىن كىيىن......ماڭا خەۋەر بىرىپ قويۇڭ، بولامدۇ؟-دىدى دىلدار. ئۇنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ كەتكەن ئىدى.
-بىلدىم، تىزراق مىڭىڭ-دىدى دىلشات ئىشىكنى ئىتىپ.
قۇياشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇرلىرى ئىشىك سىرتىدا توسۇلۇپ قالدى، قاراڭغۇلاشقان ئۆيدە پەقەت ئەركىن بىلەن دىلشاتلا قالدى.
ئەركىن تاپانچىسىنى چىقىرىپ، دىلشاتنىڭ دۇمبىسىگە توغىرلىدى.
-سەن مىنىڭ ساقچىلىقىمنى بىلەمسەن؟
-بايىلا بىلدىم-دىدى دىلشات سۆرۈنلۈك بىلەن-ئەسلى سەن بۇ يەردە پەيدا بولماسلىقىڭ كىرەك ئىدى.
-ماڭا گۈلشات ئىيتىپ بەردى-دىدى ئەركىن كۈلۈپ.
دىلشات بىشىنى ئازراق كۆتۈردى، كۆزلىرىدە بولسا ئىچىنىش ئەكىس ئەتتى.
-ناھايىتى ئەپسۇس، بۇگۇن سەن ئۇنى كۆرەلمەسلىكىڭ مۇمكىن-دىدى ئەركىن.
دىلشات ئارقىغا بۇرۇلۇپ، دىلشاتقا يۈزلەندى، ئۇنىڭ چىرايىدا ئازراقمۇ قورقۇنۇچ ئىپادىسى يوق ئىدى.
-ئەمما بۇگۇن سىنىڭ پىلانىڭ ئىشقا ئاشمايدىغاندەك تۇرىدۇ-دىدى دىلشات سائىتىگە قاراپ قويغاندىن كىيىن كۈلۈمسىرەپ-دىيىشكەن ۋاقىت توشتى، ئەمما قارشى تەرەپ كەلمىدى، قارىغاندا بىرەيلەن بۇرۇنلا سىنىڭ ساقچى ئىكەنلىكىڭنى بىلىپ، ئۇلارغا مەلۇم قىلىپ قويغان بولسا كىرەك.
ئەركىن غەزەپ بىلەن ياندىكى ساندۇقنى تىپىپ ئۆرىۋەتتى-دە، ئالدىغا يەنە بىر قەدەم قىستاپ كىلىپ دىدى:
-دىلشات، مەن ئىزچىل ساڭا قايىل ئەمەس، نىمە ئۈچۈنلىكىنى بىلەمسەن؟
دىلشات ئەركىننىڭ تاپانچىسىنىڭ ئاغزىنىڭ ئۆزىگە توغىرلاقلىق ئىكەنلىكىگە پەرۋا قىلماستىن ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى.
-سەن <شەرق چولپىنى>غا كىرگەندىلا مەن بار ئىدىم. سىنىڭ بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان نىمە ئىشلارنى قىلغانلىقىڭنى مەن ھەممىدىن ئىنىق بىلىمەن. سەن ناھايىتى ئەقىللىق، مەن بۇنى ئىتراپ قىلىمەن. مۇنداقچە دىگەندە، سىنىڭ ئەقلىڭ قىرىق ياشلىق ئادەملەر بىلەن تەڭ، ئەمما سىنىڭ يۈرىكىڭچۇ؟ ئارانلا ئون تۆت ياش! سەن گۈلشاتنى سۆيىسەن، ئەمما نىمە ئۈچۈن  سەندە مۇشۇنداق گۈزەل ھىسيات بار تۇرۇپ، يەنە بۇنداق ئىش قىلىسەن؟ نىمە ئۈچۈن؟!
-مەرداننى بىلىدىغانسەن؟ ئۇنىڭ يوقاپ كەتكىنى يوق-دىدى دىلشات ئاخىرى ئىغىز ئىچىپ-ئۇ ئۆلگەن، مەن ئۆلتۈرىۋەتكەن.
-ئەسلى سىنىڭ مەن بىلمەيدىغان ئىشلىرىڭمۇ باركەندە؟-دىدى ئەركىن ئاچچىق كۈلۈپ.
-ئۇ گۈلشاتقا زورلۇق قىلغان، شۇڭا مەن ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتكەن-دىلشاتنىڭ كۆزلىرى مانانلاشتى-ئەگەر مەن مۇشۇنداق قىلمىغان بولسام، سىلەر مىنى قوغدارمىدىڭلار؟
دىلشاتنىڭ كۆز قارىچۇقىدا خۇددى ئىككى پارچە مۇز قىتىپ قالغاندەك ئىدى. ئەركىن بىر خىل سوغۇقنى ھىس قىلۋاتاتتى، سوقۇغلىقىدىن ئادەمنىڭ تىنىنى جۇغۇلدىتاتتى.
-سىلەر قوغدىمايتىڭلار، بۇ دۇنيادا ھىچقانداق يۆلەنچۈكى يوق ئىككى بالا، شۇنداقلا بىللە ئۆلۈپ كىتىشى مۇمكىن ئىدى-دىدى دىلشات سوغۇق كۈلۈپ-چۇنكى بىز تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق، ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان بالىلار ئىدۇق. بىز پەقەت ئىككىمىز ھىچ ئىشقا ئارىلاشماي بىللە ھايات كەچۈرۈشنىلا ئويلايىتتۇق. ئەمما مۇشۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىدۇق.
ئەركىن ئاستا-ئاستا تەپكىنى قويۇپ بەردى.
-نىمە ئۈچۈن بىر ئادەملەر ئارىسىدىن چىققان ھايۋان، ناھايىتى ئاسانلا دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل قىزنى نابۇت قىلىۋىتەلەيدۇ؟ -دىلشات ئەركىننىڭ تاپانچىسىنىڭ ئىغىزى ئۆزىگە بەتلەنگەن ئەھۋال ئاستىدا داۋاملىق سۆزلەۋاتاتتى-نىمە ئۈچۈن چوقۇم كۈچلۈكلەر، ئاجىزلارنى يوقاتقاندىلا ئاندىن ھايات كەچۈرەلەيدۇ؟ نىمە ئۈچۈن كۆپ سانلىق ئادەملەرنىڭ گىپى ھەقىقەت بولۇپ ھىسابلىنىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن بىر ئادەمنىڭ مەيدانى ھەق-ناھاقنى بەلگىلەپ قويىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن سەن ئادەم ئۆلتۈرسەڭ توغرا-يۇ، ئەمما مەن ئادەم ئۆلتۈرسەم خاتا؟ بۇلار زادى نىمە ئۈچۈن؟
خىلى ۋاققىچە ئەركىندىن سادا چىقمىدى، بۇ دىلشاتنىڭ بۇنچە كۆپ نىمە ئۈچۈنلىرىگە جاۋاب بىرەلمەيتتى.
-بىر ئىشنى قىلغان ئىكەن، ھامان ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدىغان گەپ، كىم بۇندىن كىيىن نىمە ئىش بولىشنى بىلىدۇ؟ كىم بۇندىن كىيىن سىنىڭ قولۇڭدا يەنە باشقا گۈلشات ۋە دىلشاتلار ۋۇجۇدقا كەلمەيدۇ دەپ ئىيتالايدۇ؟
دىلشات بىشىنى تۆۋەن سالغىنىچە ئۇندىمىدى.
-سەن ئويلاپ باقتىڭمۇ يوق؟ غالىپ بۇ قىتىم چوقۇم ھەممە گۇناھنى ساڭا ئارتىپ قويىدۇ.


30. يالقۇن(2)


مەن ماشىنىدا ئولتۇرۇپ، جۇرئەتنىڭ يۇقىرى سۇرئەتلىك تاشيولدا ماشىنىنى تەلۋىلەرچە ھەيدىشىگە قاراپ جىمجىت ئولتۇراتتىم.

ئەركىننىڭ ئۇلارنىڭ ئىچىگە يۇشۇرۇنغان ساقچى ئىكەنلىكىنى بىلگەن ۋاقتىمدا مىنىڭ يۈرىكىم خۇددى مۇزلاپ قىتىپ قالغاندەك بولۇپ قالغان ئىدى. يۈرىكىمدە ئازاپلىنىش تۇيغۇسى يوق ئىدى، ئىچىنىش تۇيغۇسى يوق ئىدى. چۇنكى ئۇ بولۇشقا تىگىشلىك بولغان بارلىق تۇيغۇلاردىن جۇدا بولغان ئىدى.

بۇ ۋاقىتتا مىنىڭ دىلشات بىلەن ئالاقە قىلالىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى، جۇرئەت يانفونىنى چىقىرىپ، دىلدارنىڭ تىلفۇن نومۇرىنى باستى.

-سىز دىلشات ئاكام بىلەن بىرگىمۇ؟

-ياق، مەن بايىلا ئۇ يەردىن قايتىپ چىقتىم، نىمە بولدى؟

-سىز دەرھال قايتىڭ، دىلشات ئاكامغا دەڭ، ئۇ سودىنى قىلمىسۇن-ئۈمىدسىزلىك بىلەن ۋاقىرىدى جۇرئەت-ئەركىن ئۇ ساتقىن، ئۇ ساقچى ئىكەن.

-نىمە دەيسىز؟ ئەركىن ساقچىكەن؟-تەئەججۇپ بىلەن سورىدى دىلدار-سىز قانداق بىلدىڭىز؟

-مىنىڭ قانداق بىلگىنىم بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، ئەمما مىنىڭ دىگىنىم راسىت، سىز ھازىرلا قايتىڭ، بولمىسا ئۈلگۈرەلمەيسىز-دىدى جۇرئەت. ئۇ يىغلىۋىتەيلا دەپ قالغان ئىدى.

دىلدار تىلفۇننى تاشلىۋەتتى-دە، ماشىنىنى دەرھال ئارقىغا بۇرۇدى.

ئولۇغچاتتا.

سىرىت قالايمىقانچىلىقا تولغان بولۇپ، ساقچىلار ئىشىكنى ئىچىپ  ئىچىگە بۆسۈپ كىردى.

دىلشات تۇيۇقسىزلا ئەركىننىڭ قولىنى قايرىپ،  ئۇنىڭ گىلىدىن قۇچاقلىۋالدى-دە، ۋاقىرىدى:

-چىقىپ كىتىڭلار، بولمىسا مەن ئۇنى ئۆلتۈرىۋىتىمەن!!!

-سەن نىمە قىلماقچى؟-ئەركىن تەمتىرەپ قالغان ئىدى.

-كەچۈرگىن، مەن ئۇنى ئانچە ئۇزۇن ساقلاتمايمەن دىگەن....-دىدى دىلشات ئەركىننىڭ قۇلىقىغا-مەن بۇگۇن چوقۇم قايتىشىم كىرەك.

-سەن!-ئەركىن تەرگە چۆمۈلگەن ئىدى.

-ئەركىن ئەترەت باشلىقىنى قويىۋەت، بولمىسا مەن ئوق چىقىرىمەن-دىدى بىر ياش ساقچى ئالدىغا ئىتىلىپ چىقىپ.

دىلشات سوغۇق كۈلۈپ، يىنىدىكى ساندۇقنىڭ ئىغىزىنى بىر تىپىپ ئىچىۋەتتى.

-سەن ئەڭ ياخشىسى ئىنىقراق قارا، مەن گەرچە قورال ساتساممۇ، ئەمما، خىلى كۆپ ئوق دورىسىنى قوشۇپ ئىلىپ كەلگەن.

ھەممە ئادەم ئۆزىنى تۇتالماستىن ئارقىغا بىر نەچچە قەدەم چىكىندى.

ياش ساقچى بىر نەرسىلەرنى دىمەكچى ئىدىيۇ، ئەمما ئىغىزىدىن چىقىرالمىدى.

دىلدار تاپانچىسىنى كۆتۈرۈپ ئىشىك ئالدىدا تۇراتتى. ئۇنىڭ ئوتقاشتەك قىزىل يوپكىسى شامالدا يەلپۇنۇپ، جەزبىدار قىياپىتى كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى.

-ھىچكىم ئۇنى بۇ يەردىن ئىلىپ كىتىمەن دەپ ئويلىمىسۇن-دىدى دىلدار، ئۇنى كۆزلىرى قىپقىزىل بولۇپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ھالىتى جۇپتىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغان ئانا كەپتەرگە ئوخشاپ قالغان ئىدى.

-دىلدار، سىز قايتىپ كىتىڭ-ئالاقىزادىلىك بىلەن ۋاقىرىدى دىلشات.

-ياق!-قەتئىيلىك بىلەن جاۋاب بەردى دىلدار.

<<ياق>> دىگەن بۇ سۆزنى ئۇ دىلشاتقا نەچچە قىتىم دىگەن ئىدى، ھەر قىتىم دىلشات ئۇنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئەگىشىپلا رەت قىلاتتى. ياق! يەنىلا ياق! مەن ئۆزۇمنىڭ سۆيگۈسىدە چىڭ تۇرىمەن، مەڭگۈ پۇشايمان قىلمايمەن.

دىلشات ئۇنىڭغا ئامالسىزلىق بىلەن قاراپ تۇراتتى، ئۆمدسىزلىك بىلەن قايتا-قايتا توۋلايتتى:

-قايتىپ كىتىڭ، دىلدار، تىز قايتىپ كىتىڭ!

دىلدار ئارقىغا بۇرۇلۇپمۇ قويمىدى، دىلشاتنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىن باشلاپلا ئۇ ئارقىغا بۇرۇلۇشنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى. ھازىر ئۇ ھەتتا ئازراق خۇشال بولىۋاتاتتى. چۇنكى ھازىر دىلشاتنىڭ قارىچۇقىدا پەقەت ئۇنىڭلا سىماسى بار ئىدى. دىلشاتنىڭ چىرايىدىكى ئازاپمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىدى.

بۇرۇنلا قارار قىلغان ئەمەسمىدى؟ ئۇندىمەسىتن دىلشاتقا ھەمراھ بولىدۇ، ئۆلىدىغان ئىش بولىسمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆلىدۇ.

-دىلشات.....دىلدار كۈلۈمسىرىگىنچە ئۇنىڭغا قاراپ ماڭدى، ئۇنىڭ بۇ ھالىتى ناھايىتى گۈزەل ئىدى.

ھاۋادا قاننىڭ پۇرىقى لەيلەپ يۇرەتتى، ھايات ۋە ماماتنىڭ چىگرىسى ئايرىلماقتا ئىدى.

بىر ساقچى كەينى تەرەپتىن ئوغۇرلۇقچە تاپانچىسىنى كۆتۈردى. تاپانچىنىڭ ئىغىزى دىلدارغا توغۇرلانغان ئىدى.

-ئوق چىقارما!

-دىلدار!

ئەركىن بىلەن دىلشات تەڭلا ئالدىغا قاراپ ئىتىلدى.

جۇرئەت ئىككىمىز يىتىپ بارغاندا ئۇ يەر ئاللىقاچان ئوت تەرىپىدىن يۇتۇپ كىتىلگەن ئىدى. ساقچى ماشىنىسى، قۇتقۇزۇش ماشىنىسى، ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىللىرى قىستىلىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ھەرخىل سىگناللىرى ئارىلىشىپ كەتكەن ئىدى. كىشلەر قورقۇنۇچ ۋە ئەندىشە بىلەن قارىشپ تۇراتتى. بەزىلەر ئۆزىنىڭ تونۇشلىرى ۋە تۇققانلىرىنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ نالە قىلاتتى.

-ئۇ ئىچىدىمۇ؟-دەپ سورىدىم مەن. مىنىڭ يۈزلىرىمدە ھىچقانداق ئىپادە ئەكس ئەتمەيىتتى. كۆز قارىچۇقلىرىم بولسا قىتىپ قالغان ئىدى. ئوت يالقۇنى مىنىڭ چاچلىرىمنى قىزدۇرۇپ، كۆيۈك پۇرىقى كىلۋاتاتتى.

-ھەئە....-جۇرئەت يەردە ئولتۇرۇپ قالدى.

سانسىزلىغان ئۆتمۈشلەر كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئىس-تۈرەككە ئايلانغان، سانسىزلىغان قەسەملەر كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان ئىدى. مەن ئوت يالقۇنىنىڭ كۆلەڭگىسىدە تەنھا تۇراتتىم، دىلشات ئەمدى مىنىڭ يىنىمدا يوق ئىدى......



31. ئاتامان(1)


    ئولۇغچاتتىكى چوڭ پارتىلاش ھازىرغا قەدەر كىشلەرنىڭ ئىسىدىن كۆتۈرلۈپ كەتمىگەن ئىدى، ئۇ ئۇلۇغ ئوتتا نۇرغۇن ئادەم جىنىدىن ئايرىلغان ئىدى. قانچىلىك ئادەم ئىكەنلىكىنى پەقەت تەخمىنەن ھىسابلاپ چىقارغىلى بولاتتى، چۇنكى نۇرغۇن ئادەمنىڭ سۆڭەكلىرىمۇ كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ كەتكەن بولۇپ، دىلشات بىلەن دىلدارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىدى.
خۇمار خەۋەرنى كۆرگەندىن كىيىن بىرىنچى بولۇپ بىزنىڭ ئۆيگە كەلدى. مەن ئىشىكنى ئاچقان ۋاقتىمدا ئۇ مىنى ئىتتىرىۋىتىپ، ئۆيگە ئىتىلىپ كىردى.
-دىلشات! دىلشات! بۇ ياققا چىقىڭ!-يۇقىرى ئاۋازدا ۋاقىرايىتتى خۇمار.
ئۇنىڭ ئاۋازى قۇرۇق ئۆيدە ئەكس سادا قايتۇراتتى، ئەمما ئۇنىڭغا بىركىم جاۋاب بەرمىدى.
مەن ئۇندىمەستىن ئىشىكنى يىپىۋەتتىم.
-بۇ راست ئەمەس شۇنداقمۇ؟-دىدى ئۇ تىتىرەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن گىزىتنى ئىچىپ. گىزىتنىڭ باش بىتىدە قارا رەڭلىك چوڭ خەتلەر ئالاھىدە كۆزگە چىلىقاتتى.
قارا جەمىيەتتىكىلەر قورال-ياراغ سىتىش جەريانىدا پارتىلاش كىلىپ چىقتى، جىنايەتچىلەرنىڭ كاتتىۋىشى دىلشات ئوت دىڭىزدا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
-بۇ راست ئەمەس توغىرىمۇ؟ ھە؟ توغىرىمۇ ياق؟ -دىدى خۇمار دەلدەڭشىگىنچە ئالدىمغا كىلىپ. ئۇ تىخى گىپىنى دەپ بولالماستىنلا، كۆز ياشلىرى ئۇنىڭ يۈزىنى يۇيۇپ بولغان ئىدى.
مەن روھىنى يوقاتقاندەك بولۇپ قالغان خۇمارغا قاراپ تۇراتتىم، ئەمما كۆزلىرىمنىڭ نۇرى يوق ئىدى.
-گەپ قىلمامسەن؟!-دىدى ئۇ مىنى چىڭ تۇتىۋىلىپ- بۇزادى نىمە ئىش؟ قانداقسىگە بۇنداق بولىدۇ؟ ئۇ قانداق بولۇپ ئۆلۈپ قالدى؟ ئۇ ئۆلسە قانداق بولىدۇ؟
-سىز نىمىگە يىغلايسىز؟-دىدىم مەن سۇسلۇق بىلەن.
-ئۇ ئۆلدى!-خۇمار ئاستا-ئاستا يەردە ئولتۇرۇپ قالدى-ئۇ ئۆلدى، ئۇ ئەمدى يوق، ئۇ ئەمدى گەپ قىلالمايدۇ، ئۇ ئەمدى كۈلەلمەيدۇ!
-ئۇنداق ئەمەس!-دىدىم مەن سۆرۈنلۇك بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ.
-نىمە دەيسىز!-خۇمارنىڭ كۆزلىرى نۇرلىنىپ كەتتى-ئۇ تىخى ھاياتمۇ؟ ئۇ قەيەردە؟ سىز ئۇنى كۆردىڭىزمۇ؟
-دىلشات ھەرگىز ئۆلمەيدۇ-دىدى مەن ئۆز-ئۆزۇمگە قاتتىق جەزىملەشتۇرۇپ.
خۇمارنىڭ كۆز نۇرلىرى بىردىنلا خىرەلەشتى، ئۇ ھەتتا مەندىنمۇ بەكرەك ئۈمدسىزلەنگەن ئىدى.
-ئۇ قانداقمۇ ئۆلسۇن؟ ئۇ مەن بىلەن مەڭگۈ بىرگە بىللە بولۇشقا قەسەم قىلغان، راست-دىدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ.
خۇمار مىنىڭ كۈلكە پارلاپ تۇرغان چىرايىمغا ھاڭۋىقىپ قاراپ تۇراتتى، مىنىڭ ھەممە ئادەمنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدىغان بۇ چىرايىم ئۇنىڭغا ئىللىق تۇيۇلمايتتى، ئەكىسچە ئۇ شۈركىنىپ كەتتى، بەدەنلىرى تىكەن سانچىغاندەك بولىۋاتاتتى.
-گۈلشات ھەدە؟-خۇمار بىردىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ، مىنى سىلكىشكە باشلىدى-تىز ھوشىڭىزغا كىلىڭ، ئازاپلانغان بولسىڭىز يىغلاڭ، يىغلىۋىلىڭ.
-نىمىگە يىغلايسەن؟ دىلشات ئۇ ئۆلمىگەن تۇرسا؟-مەن خۇمارنىڭ يۈزلىرىنى ئالقىنىمغا ئىلىپ، ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىنى ئالدىرماي سۇرتىۋەتتىم.
-مىنى قورقۇتماڭ، گۈلشات ھەدە، سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟-دىدى خۇمار مىنى چىڭ قۇچاقلاپ.
-ئۇ چوقۇم ئۆلمىدى-دىدى مەن ئەستايىدىللىق بىلەن-چۇنكى مىنىڭ بۇ يىرىم ئاغرىمىدى.
مەن يۈرىكىمنى كۆرسەتتىم.
مىنىڭ بىلەن دىلشاتنىڭ تومۇرلىرى تۇتاش، روھىمىز تۇتاش، ئۇ مىنىڭ يۇرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى بىر تال تارا، پەقەت ئۇنىڭ تىنىقى بولىدىكەن، بۇ تارا ئۈزۈلمەيدۇ. بەلكىم، مەن ئۆزۇمنى ئۇ تارىنى ئۈزۈلمىدى دەپ قاراشقا مەجبۇرلاۋاتقاندىمەن. چۇنكى مەن ئۇنىڭ ئۆلىشىگە ئىشىنەلمەيمەن، مەن بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتمەكچى بولغان ئادەم، قىرىغىچە ماڭا ھەمرا بولماقچى بولغان ئادەم مۇشۇنداقلا ئۆلۈپ كەتتىمۇ؟ مەن بۇنىڭغا ھەرگىز ئىشنەلمەيمەن.
-ئۇ ئانچە ئۇزۇن ساقلاتمەيمەن، بىر نەچچە كۈندىلا قايتىپ كىلىمەن دىگەن. ئۇ تىخى جۇرئەتنى مىنى ئۇ تەييارلاپ قويغان قورۇغا ئىلىپ بىرىشنى تاپىلاپتىكەن. ئۇ ھەممىنى تەييار قىلىپ قويۇپتىمەن. بىز ئۇ يەردە مەڭگۈ بىللە بولماقچى ئىدۇق-مىنىڭ پىكىرىم قالايمىغانلىشىشقا باشلىدى، دىلشاتنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمدا تۇرۇپ چوڭىيىپ، تۇرۇپ كىچىكلەيىتتى.
-گۈلشات ھەدە-خۇمار مىنى بوشقىنە توۋلىدى، ئۇنىڭ چىرايى بارغانسىرى تاتىرىپ كىتىىپ باراتتى.
-قاراڭ، قاراڭغۇ چۇشەي دەپتۇ، كەچ بولسىلا ئۇ قايتىپ كىلىدۇ-دىدىم مەن خۇمارنى ئىتتىرىپ-سىز دەرھال قايتىپ كىتىڭ، مەن بۇيەردە ئۇنى ساقلايمەن.
خۇمار يەرگە يىقىلىپ ھۆڭرەپ يىغلاشقا باشلىدى.
ئۈمدسىزلىك ئۆلۈمگە قارىغاندا تىخىمۇ رەھىمسىز ۋە ئازاپلىق ئىدى.
ئۆلۈم ئۇ ئۆزىنى قاچۇرغىلى بولمايدىغان نەتىجە، بارلىق ئادەملەرنىڭ ئاخىرقى بىكىتى.
ئۈمدسىزلىك بولسا ھاياتىدا تارتۇشقىدەك نەرسىسى يوق، ئۆلۈش ئۈچۈن ئامالى يوق، چەكسىز ئازاپ دىڭىزى.



32. ئاتامان (2)


    شەرق چولپىنىدا غالىپ ئۇلار ئۈچۈن دەبدەبىلىك ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ماتام مۇراسىمىغا قارا جەمىيەتتىن ۋە باشقا ساھەلەردىن بولۇپ نۇرغۇن ئادەم قاتناشقان ئىدى. مەنمۇ داغدۇغا بىلەن ئۇ يەرگە ئىلىپ بىرىلدىم. ئەمما مەن ئۆزۇمنى بۇ ماتەم مۇراسىمى بىلەن ئارزاقمۇ مۇناسىۋىتىم باردەك ھىس قىلمايىتتىم. كىشلەر ماڭا تەسەللى بىرىشەتتى. مەن بولسام ئۇلارنىڭ قايغۇلۇق چىرايىغا ئىپادىسىز قاراپ تۇراتتىم. غالىپ ئەلەم بىلەن ماڭا قاراپ تۇراتتى. مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كىيىن غالىپ مىنى ئۆزىنىڭ ھوجرىىسىغا ئىلىپ باردى.

بەش يىلدىن كىيىن، مەن يەنە ئۇنىڭ بىلەن يۈز-تۈرانە كۆرۈشتۇم.

ئۆينىڭ ئىچى تاماكا ئىسى بىلەن تولغان بولۇپ، ئۆيدىكى قارا رەڭ ۋە چىرىكلىكنىڭ پۇرىقى قوشۇلۇپ، كىشىگە ئۆزىنى بۇ دۇنيادا ئەمەستەك تۇيغۇ بىرەتتى.

ئۇستەل ئۇستىگە بىر سۇرەت رامكسىى دۇم قويۇپ قويولغان ئىدى. مەن ئۇ سۇرەت رامكىسىنى قولۇمغا ئالدىم. سۇرەتتىكى دىلدار بولۇپ، ئۇ يەنىلا شۇنچە جەزبىدار كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ قوشۇمىسى ئازراق تۈرۈلگەن بولۇپ، ماڭا يانتۇ قاراپ تۇراتتى، ئۇنىڭ يەلپۇنۇپ تۇرغان چاچلىرى ئوتقاشتەك لەۋلىرىگە چاپلىشىپ قالغان بولۇپ، كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى.

بۇ گۈزەل چىرايغا ھەرگىز بۇ رەڭگىنى يوقاتمايىتتى، ھەرگىز قىرىمايىتتى، ئۇ، مەڭگۈ مۇشۇ تۇرىقىدا قىتىپ تۇراتتى.

-مەن ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئىسىمگە ئالالمايمەن-دىدى غالىپ بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ-مەن ئەسلىدە ئۇنىمۇ تاشلىۋىتىشنى ئويلىغان ئىدىم. ئەمما مەن ئۇنى كۆرگەن چىغىمدا ئۇنىڭ مىنىڭ قىزىم ئىكەنلىكىنى، مەن غالىپنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى بىلدىم.

غالىپنىڭ كۆزلىرىدە ياش يالتىراپ قالغان ئىدى، مەن يەنىلا رەسىمگە قاراپ تۇراتتىم. ئۇ ئۆزى بىلەن ئۆزى سۆزلەيىتتى، مەن ئۆزۇم بىلەن ئۆزۇم رەسىم كۆرەتتىم.

-مەن ئۇنى يىنىمدا تۇرغۇزماقچى، ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى نەرسىلەرنى بەرمەكچى، ئۇنى دۇنيادىكى ھەرقانداق ئادەمدىنمۇ بەكرەك بەختلىك قىلماقچى ئىدىم......

غالىپنىڭ قوللىرى تىترەيىتتى، تاماكا كۈللىرى ئاستا-ئاستا يەرگە چۇشەتتى، ئىزچىل ئۆزىنى تەمكىن تۇتىدىغان، جاپپارنىڭ تاپانچىسى ئۆزىگە بەتلەنگەندە، كۆزىنىمۇ چىمچىقلىتىپ قويمىغان غالىپ ھازىر شۇنچە ئوسال ھالغا چۇشۇپ قالغان ئىدى.

بەزى نەرسىلەردىن ھىچكىم ئايرىلىشقا چىدىمايىتتى.

-ئەمما ئۇ ئۆلدى، دىلشات بىلەن بىللە ئۆلۈپ كەتتى......

غالىپ قولىدىكى تاماكىسىنى قولى بىلەن مىجىپ ئۆچەردى. <<پىس>> قىلغان ئاۋاز تەڭ ئۆي ئىچىگە گۆشنىڭ كۆيگەن پۇرىقى تارقالدى.

-دىلشات ئۆلمىدى-دىدىم مەن بىشىمنى كۆتۈرۈپ سۇسلۇق بىلەن.

ھەممە ئادەم ئۇنى ئۆلدى دەيىتتى، ئەمما مىنىڭ قەلبىمدە ئۇ ئۆلمىگەن ئىدى.

-ئۇ ئۆلدى-دىدى غالىپ قىشىمغا كىلىپ-دىلشات ئۇ ئۆلدى.

-ئۇنداق ئەمەس-دىدىم مەن غالىپنىڭ تەلۋىلىكىگە قىلچە پەرۋا قىلماي، جاھىللىق بىلەن.

-ئۆلدى، ئۇ راستىنلا ئۆلدى. مەن ساڭا ئىيتاي، مەن بىر ئاي بۇرۇنلا دىلشاتنىڭ بۇگۇنكى ماتام مۇراسىمىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان-ئازاپ ۋە رازىمەنلىك ئىككى خىل ئىپادە غالىپنىڭ چىرايىدا تەڭ ھاسىل بولۇپ، ئۇنىڭ يۈزىنى بەكمۇ سەتلەشتۇرىۋەتتى-سەن مىنى ئەركىننىڭ سوقۇنۇپ كىرىۋالغان ساقچى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ دەمسەن؟ دىلشاتنىڭ ھايات قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ تەلىيى كىلىپ قايتىپ كەلگەن تەقدىردىمۇ مەن ئۇنى قويىۋەتمەيىتتىم. چۇنكى مەن ئۇنىڭ بىلەن ئوخشىمايمەن. بەزى ئادەملەر تۈمەنلىگەن ئادەملەرنىڭ تەقدىرىنى ئورۇنلاشتۇرالايدۇ. بەزى ئادەملەر بولسا باشقىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا بويسۇنماي ئامالى يوق.  بۇ دەۋر مىنىڭ ھايات قىلىشىم، دىلشاتنىڭ ئۆلىشىنى قارار قىلغان. دىلشات، پەقەت مەن ئۈچۈن ئۆلۈشكىلا يارالغان.

-نىمە ئۈچۈن؟ -دىدىم مەن غەزەب بىلەن.

-سەن ئۆزۇڭدىن سوراپ باق-دىدى غالىپ ماڭا قاراپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ كۆزىدە غەلىتە ئۇچقۇن يىنىۋاتاتتى، ئۇنىڭ كۆزىدىكى ئۇچقۇن ماڭا ئۇ كۈنىدىكى ئوتنى ئەسلەتتى، شۇنداقلا بارا-بارا ئىنىقلىشىۋاتاتتى.

-ئەينى ۋاقىتتا مەن نىمە ئۈچۈن سىلەرنى ئۆلتۈرمەي قۇتقۇزۇپ قالدىم؟ سەن راستنلا مىنى دىلشاتنى ياقتۇرۇپ قالدى دەپ قارامسەن. ئۇ راستىنلا بەك ياخشى ئىشلىدى، ماڭا كۆپ ياردەم قىلدى. ئەمما ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك جان تىكىدىغانلار كۈرمىڭ.

غالىپ ماڭا بارا-بارا يىقىنلىشىۋاتاتتى، مەن ئۆزۇمدە ئاجايىپ قورقۇنۇچنى ھىس قىلۋاتاتتىم. مەن ئاستا-ئاستا جاۋابقا ئىرىشتىم.

-ھەممىسى سەن ئۈچۈن!-دىدى غالىپ رەھىمسزلىك بىلەن كۈلۈپ.

-سەن بىلسەمسەن، مەن ئاشۇ كۈنى سىنى كۆرگەن ۋاقتىمدا، كىيىملىرىڭ بەدەنلىرىڭنى ياپالمىغان، بەدەنلىرىڭ لايغا مىلەنگەن، ھەممە يىرىڭ قىپقىزىل قان بىلەن بويىلىپ كەتكەن ئىدى......كۆزلىرىڭ خۇددى ئەينەك شارچىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭدىن ھىچنىمىنى كۆرىۋالغىلى بولمايىتتى. ساڭا بەتلەنگەن تاپانچامنىڭ ئىغىزىغا قاراپ كۈلۈمسىرىشىڭ، ئۇ ئۆلۈش ئالدىدى چىراي ئىپادەڭ، خۇددى ھازىرقىدەكلا ئاجايىپ گۈزەل ئىدى!

دىلشات مىنىڭ ئىڭىكىمدىن چىڭ قاماللىۋالدى. مىنىڭ بىشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىماي ئالىم يوق ئىدى.

-سەن، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ماڭا تەۋە!-غالىپ مىنى ئەسەبىيلىك بىلەن سۆيۈشكە باشلىدى.

تەقدىر بەكمۇ كۈچلۈك، ھايات بەكمۇ ئاجىز ئىدى. ئادەم تۇرمۇشنى بويسۇندۇراتتى، ئەمما تۇرمۇش مىنىڭ، ئۇنى بويسۇندۇرغان ئادەم مەن ئەمەس ئىدىم. غالىپ دىلشات ئىككىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى بويسۇندۇرغان ئىدى. بىردىنلا ۋاقىت ۋە بوشلۇق ئالماشقاندەك بولدى، ئوت بىلەن يامغۇر بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ كەتكەن، يامغۇرمۇ چۇشىۋاتاتتى، ئوتمۇ داۋاملىق يالقۇنلايتتى.

مەن قولۇمدىكى سۇرەت رامكىسىنى كۈچەپ غالىپنىڭ بىشىغا ئۇردۇم. ئۇنىڭ پىشانىدىن ئاققان قان كۆزلىرىنى توسۇۋالدى.

-دىلشات قاراڭغۇ چۇشسىلا قايتىپ كىلىدۇ، ئۇ قولىغا پىچاق ئىلىپ سىنى ئۆلتۈرىدۇ-دىدىم مەن كۈلۈمسىرەپ، بۇ كۈلكەم ئاشۇ كۈنى غالىپنىڭ تاپانچىسى ئالدىدىكى كۈلگەم بىلەن پۇتۇنلەي ئوخشاش ئىدى.

-ئۇنىڭ پىچىقى بىردەمدىلا.....سىنىڭ بۇ يىرىڭنى تىشىپ ئۆتۈپ كىتىدۇ-دىدىم مەن قولۇم بىلەن ئۇنىڭ قورسىقىنى كۆرستىپ.

غالىپ ھاڭۋاققىنىچە، مىدىرلاپمۇ قويماستىن ماڭا قاراپ تۇراتتى.

رەسىمدىكى دىلدار جىمجىت يەردە ياتاتتى. ئۇ مەغرۇرلۇق بىلەن ئاتىسىغا قارايىتتى، يۈزلىرىدە بولسا مەنسىتمەسلىك ئەكىس ئىتەتتى.

-ئاتامان!

جۇرئەت تۇيۇقسىزلا ئىشىكنى ئىچىپ بۆسۈپ كىردى. ئۇ ھەيرانلىق بىلەن يارىلانغان غالىپقا ۋە كىيمى قالايمىغان بولۇپ كەتكەن ماڭا قاراپ تۇراتتى، بىردىنلا ئۇنىڭ كۆزلىرى پىچاق بىسىدەك يالتىراپ كەتتى.

-نىمە ئىش؟-دىدى غالىپ.

-كۆك ئەجدىرھانىڭ ئادەملىرى كەپتۇ-دىدى ئۇ سۆرۈنلۇك بىلەن. ئۇنىڭ بۇ ھالىتى ئەينى يىللاردىكى دىلشاتقا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايىتتى.

-ئۇلار نىمىگە كەپتۇ؟-دىدى غالىپ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرىۋالغاندىن كىيىن.

-مال ئالغىلى كەپتۇ-دىدى جۇرئەت.

-نىمە؟-دىدى غالىپ چۇشەنمەي-ئۇ ماللارنى چىگرا سىرتىدىكىلەر ئالغان ئەمەسمىدى، ئاللىقاچان بىجىرىلىپ بولمىغانمۇ؟

-ئۇنداق ئەمەس-دىدى جۇرئەت ئازراق مەسخىرە ئارىلاش.



33. تۈرمە (1)


    <<ياچىۋەك تومۇزغىغا ئىتىلسا، سىرىق قۇچقاچ ئۇنىڭ پىيىدە بولۇپتۇ.>>
ئادەمنىڭ پەقەت بىر جۇپلا كۆزى بولغاچقا ئۇ پەقەت ئالدىنىلا كۆرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەم مەيلى نىمە ئىش قىلسۇن، مەيلى قىلغان ئىشىدىن رازى بولسۇن، ياكى ئۈمىدسىزلەنگەن بولسۇن، چوقۇم كەينىگە قاراپ قويۇش كىرەك. نۇقسانسىز ئىش بولمايدۇ، كۆپىنچە ھاللاردا بىز ئەستىن چىقارغان ئاشۇ كىچچىنە نۇقسان يىڭىش-يىڭىلىشنى بەلگىلەپ قويىدۇ. غالىپنىڭ ئەستىن چىقىرىپ قويغىنى جۇرئەت ئىدى.
جۇرئەت ئەركىننىڭ ساقچى ئىكەنلىكىنى بايقىغاندىن كىيىن، بۇنى ھىچكىمگە ئىيتمىغان ئىدى. ئۇ بۇ ئىشنىڭ پۇتۇن <<شەرق چولپىنى>>دىكلەر ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىنىكىنى بىلەتتى، شۇنداقلا ئۆزى ئۈچۈن تىخىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. شۇنچە يىللار ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا باشقىلارنىڭ قولچوماقچىسى ئىدى. بۇ دىلشات ئۈچۈن بەرىبىر بولسىمۇ، ئەمما جۇرئەتنىڭ تەن بەرگۈسى كەلمەيىتتى.
ئۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، بۇ ئىشنىڭ قىممىتىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە ئىلىپ چىقماقچى بولدى.
ئۇ غالىپ، ساقچى، كۆك ئەجدىرھا گورۇھى ئۈچ تەرەپ ئىچىدىن كۆك ئەجدىرھا گورۇھىنى تاللىدى. ئۇ غالىپقا ئىشەنمەيىتتى، غالىپ بەكمۇ قۇۋ، ھىيلىگەر ئىدى. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇنىڭ ئالدىدا دىلشات بار ئىدى. ئۇ بۇ يەردە ئۆزىنىڭ ئىرىشمەكچى بولغانلىرىغا ئىرىشەلمەيمەن دەپ ئويلايىتتى. ساقچى تەرەپ بىلەن ئۇ ئالاقە قىلىپ باقمىغان، شۇڭا كەلگۈسىگە نىسبەتەن تىخىمۇ ئىشەنچى يوق ئىدى. ئەمما كۆك ئەجدىرھا گورۇھىنى تاللاشتىن ئىبارەت بۇ يول گەرچە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا توغرا كەلسىمۇ ئەمما، ئۇرۇنۇپ كۆرۈشكە ئەرزىيتتى.
كۆك ئەجدىرھا گورۇھى بىر بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خىلى تەرەققى قىلغان، ھەم غالىپقا خىلى ئاۋارچىلىق تىپىپ بەرگەن بولىسمۇ، ئەمما غالىپنىڭ ئورنىنى ئۆرۈپ تاشلاشتىن تىخى خىلىلا يىراقتا ئىدى. ئۇلار كۈچ توپلاپ پۇرسەت كۈتەتتى، ئەمما غالىپ باشقىلار ئۈچۈن ئازراقمۇ پۇرسەت قالدۇرمىغان ئىدى. جۇرئەت يىتىپ كىلىشى كۆك ئەجدىرھا گورۇھى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆزىگە بىر داغدام يول ئىچىپ بەردى.
ئۇلار مەخپى پىلان تۇزۈشتى، كۆك ئەجدىرھا گورۇھى ئادەم چىقىرىپ، چىگرا سىرتىدىن كىرگەنلەر قىياپىتىدە ياسىنىپ، شەرق چولپىنىدىن مال سىتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىدىغان بولدى. ساقچىلارنىڭ ھەركىتى تۇپەيلى، غالىپلار خىلى كۆپ زىيان تارتىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما بۇ سودا بەكمۇ چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن غالىپنىڭ بۇ قىيىن ئۆتكەنلدىن ئۆتىۋىلىشىغا يىتەرلىك ئىدى. جۇرئەت شۇنى جەزىم قىلاتتىكى، غالىپ ھەرقانچە خەتەرلىك بولىسىمۇ بۇ سودىنى قولدىن بىرىۋەتمەيىتتى.
غالىپ قارماققا ئىلىنغاندىن كىيىن، جۇرئەت ئولتۇرالماي قالدى، ئەمما دىلشات ناھايىتى ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئىش قىلىۋاتاتتى، جۇرئەتمۇ ئۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ يۇرەتتى. ئەگەر مىنىڭ تاساددىپى خاتالىقىم بولمىغان بولسا، ئەركىن ئازراقمۇ خەۋەر ئۇقالمىغان بولاتتى.
كۆك ئەجدىرھا گورۇھىنىڭ ئادەملىرى ھەرگىز مال تاپشۇرۋالغىلى بارمايىتتى. ئەسلىدە جۇرئەت سودا قىلىدىغان ۋاقىت ئاز قالغاندا، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارلىماسىتىن، سودا قىلدىغان ئورۇننى ئەركىنگە ئاشكارلاپ قويماقچى، ئاندىن مۇۋاپىق پەيىت تىپىپ، دىلشاتنى بۇ ئىشتىن خەۋەردار قىلىپ، ئۇنى قالايمىغانچىلىقتىن پايدىلىنىپ قاچۇرىۋەتمەكچى ئىدى. بۇنداق بولغاندا غالىپنىڭ ماللىرىنى ساقچى تەرەپ ئىلىپ كىتەتتى. غالىپ بولسا يەنە شۇ ماللار بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش بىر تۈركۈم مالنى كۆك ئەجدىرھا گورۇھىغا تۆلەپ بىرىشكە مەجبۇر بولاتتى. بۇ شەرق چولپىنى ئۈچۈن ئىلىپ ئىيىتقاندا ناھايىتى چوڭ زىيان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىقسادى كۈچى زور دەرىجىدە ئاجىزلايىتتى، ئىقسادى كۈچ ئاجىزلىغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ ئادەم كۈچىنىڭ ئاجىزلىشى ئىنىقلا ئىدى. كۆك ئەجدىرھا مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، غالىپنىڭ بىشىغا دەسسەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئولتۇراتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇرئەتنىڭ پىلانى ئىچىدە بولۇپ، ئۇنىڭ بىردىنبىر ئويلاپ باقمىغىنى مىنىڭ بىلمەيلا سودا قىلدىغان ئورۇننى ئىيتىپ قويۇپ، دىلشات بىلەن دىلدارنىڭ ئاخىرەتكە سەپەر قىلىشىغا سەۋەبچى بولىشىم ئىدى.
بۇنىڭ ئۈچۈن، جۇرئەت ئازاپلىناتتى، ئەمما ئۇ پۇشايمان قىلمايىتتى. چۇنكى ئەگەر ئۇ بۇنداق قىلمىسا ئۆزىنىڭ قاچان باش كۆتۈرۈپ چىقالايدىغانلىقىنى ئۇقمايىتتى. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇنىڭ دىلشاتقا بولغان دوستلۇقى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ بايلىققا بولغان ئىنتىلىشدىن ئۇستۇن ئەمەس ئىدى. قارا جەمىيەتتىكى دوستلۇق ھەرگىزمۇ كىشلەر ئويلىغىنىدەك بىر-بىرى ئۈچۈن جىنىدىن كىچىدىن دوستلۇق ئەمەس، ئۇلارنىڭ دوستلۇقى قارا جەمىيەتنىڭ قاراڭغۇلۇقى ئىچىدىكى دوستلۇق بولغان ئىكەن،  مىھرى قانچىلىك بولماقچىدى؟
ئەمما، دىلشاتنىڭ ئۇنىڭ مۇرىسىگە شاپىلاقلاپ تۇرۇپ، ئۇنى دادىسىغا دۇكان ئىچىپ بىرىشكە ئىلھاملاندۇرغىنى ئۈچۈن بولسىمۇ ئۇ دىلشاتنىڭ ئۆلىشىنى خالىمايىتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ دىلشاتنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبلىك پەيدا بولغان ئازابىنى ئۆزىگە يۈك قىلىۋىلىشنى خالىمايىتتى. قانداقلا قىلسۇن، ئۆلگەن ئادەم قايتىپ كەلمەيىتتى.
غالىپ ئىككىمىزنىڭ بىرگە تۇرغانلىقىنى كۆرگەندە ئۇ ئاخىرى ئۆزىنىڭ تاشالماي تۇرغان ئازابىنى، ئاچچىقى بىلەن قوشۇپ چىقىرىدىغان ئورۇن تاپقان ئىدى. غالىپنىڭ ئەسەبىيلىكى ئۇنىڭ گۇناھى بولغان، مىنىڭ گۇناھىم بولسا گۈزەللىكىم ئىدى.
دىلدارنىڭ ئۆلۈم ئىشىلىرىنى تۈگۈتۈپ بولغاندىن كىيىن،  جۇرئەت شەرق چولپىنىدىن ئۈزۈل-كىسل ئايرىلىپ، زور تۆھپە كۆرسەتكەن كىشى سانىلىپ، كۆك ئەجدىرھا گورۇھىدىكى ئاتامانلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. كۆك ئەجدىرھا گورۇھى شەرق چولپىنىنىڭ ئۇدۇلىغا شەرق چولپىنىدىنمۇ ھەشەمەتلىك، ھەيۋەتلىك قىلىپ بەزمىخانىدىن بىرنى سالدى. شەرق چولپىنىنىڭ ۋىۋىسكىسى كىچە قاراڭغۇلىقىدا كۆك ئەجدىرھا گورۇھىنىڭ نۇرلىرى تەرىپىدىن تۇسۇۋىلىندى. بۇرۇنلاردا توختىماي چاقناپ، كىشلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىغان چاقناق چىراقلارنىڭ نۇرىمۇ بارا-بارا سۇسلاپ قالغان ئىدى. غالىپ ئاكىنىڭ دەۋرى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى.
ماددا ئالمىشىش ئۆزگەرمەس قائىدە، بۇنىڭغا ھىچكىم گۇمان قىلمايدۇ، چۇنكى گۇمان قىلغان تەقدىردىمۇ ئۇنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئەگەر ماددا ئالمىشىش بولمىسا ئادەم ئۆلىدۇ. ھالبۇكى، ماددا ئالمىشىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسى يەنىلا ئۆلۈم.
مەيلى يىڭىسى بولسۇن، ياكى كونىسى بولسۇن، قولىدىن ھەممە ئىش كىلىدىغان ئادەملەر ئەمەلىيەتتە تەبىئەت ئۇنىڭ ئۈچۈن چىقارغان كۆپتىن بىرنى تاللاش سۇئالىنى جان تىكىپ ئىشلەۋاتقانلار، خالاس.



34. تۈرمە (2)


    غالىپ ماڭا بىر ئىش قىلمىدى، مىنىڭ ھازىرقى ھالىمدا ئۇ ماڭا بىر ئىش قىلالمايىتىتى.

مىنىڭ ئەھۋالىم ناھايىتى چاتاق بولۇپ، غالىپ نۇرغۇن ياخشى دوختۇرلارنى تىپىپ كىلىپ، مىنى داۋالاتقان بولىسىمۇ ئەمما قىلچە ئۇنۇمى بولمىغان ئىدى. دوختۇرنىڭ ديىشچە، مەن بۇرۇن زور زەربىگە ئۇچراپ، جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن قوش رەخمىلەنگەن، ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇ قىتىم ئۇچىرىغان زەربە تىخىمۇ كۈچلۈك بولغان بولغاچقا، بۇ زەربىلەر مىنىڭ مىڭەمنى پۇتۇنلەر كاردىن چىقىرىشقا يىتەرلىك ئىكەن. مىنىڭ ھازىرقىدەك تۇرشۇمنىڭ ئۆزىمۇ ئاسەن ئەمەس  بولۇپ، ساقىيش مۇمكىنچىلىكىم يوق ئىكەن. ئەمما شۇنداق بولىسىمۇ غالىپ يەنىلا مىنى قويىۋەتمەيىتتى.

ئۇ ھوقۇقىدىن، قىزىدىن، دىلشاتتىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى، ھازىر پەقەت مەنلا بار ئىدىم. شۇڭا، مەيلى مەن قانداق بولاي، مەيلى ساراڭلىق قىلاي، ياكى دىۋەڭ بولاي، مىنىڭ قولۇمنى چىڭ تۇتىۋىلىپ ئۆلىسىمۇ قويۇپ بەرمەيىتتى.

ئۇ دائىملا خۇددى ئەرۋاھقا ئوخشاش يىراقتا تۇرۇپ مىنى كۆزىتەتتى، خۇددى بىر قەپەسكە سولانغان تورغايدىن زوق ئالغاندەك مىنىڭ قىتىپ تۇرۇپ كىتىشلىرىمگە، ساراڭلىق قىلىشىلىرىغا قاراپ تۇراتتى، مەيلى ئۇ ئازاپلىق نالە قىلسۇن، ياكى خۇشاللىق بىلەن نەغمە قىلسۇن، ئۇنى قەپەسكە چىڭ قاماپ قويۇپ بەرمەيىتتى.

مىنىڭ ئەركىنلىكىم مەۋھۇم بولۇپ، غالىپ تۇرغان يەر، نەق مىنىڭ تۇرمەم ئىدى. پەقەت، ئۇ مىنىڭ بەدىنىمنى كونتىرول قىلالىسىمۇ، قەلبىمنى كونتىرول قىلالمايتتى. مىنى تۇتۇپ تۇرىۋاتقىنى دىلشات ئىدى، ئۇ مىنىڭ يۈرىكىمگە قۇلۇپلانغان بولۇپ، مىنى بۇ قەپەزدىن پەقەت ئۇلا قويۇپ بىرەلەيتتى.

مەن دىلشات ئىككىمىز تۇرغان ئۆيدە تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھىچ يەرگە بارغىلى ئۇنىمىدىم. پەرى مىنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئىلىۋاتاتتى. مەن ھەركۈنى دىلشاتنىڭ كىيمىنى كىيىپ، دەرىزە ئالدىدا، ھويلىغا، كوچىغا قاراپ تۇراتتىم. كەچ بولىشىنى، دىلشاتنىڭ قايتىپ كىلىشىنى كۈتەتتىم. ئەگەر باشقىلار مىنىڭ كۆز قارىچۇقىمغا دىققەت قىلىپ قارىمىسا، ياكى دىلشاتنى تىلغا ئالمىسا مىنىڭ بىنورماللىقىمنى سىزەلمەيىتتى. چۇنكى مەن يەنىلا گۈزەللىكىدىن نۇقسان تاپقىلى بولمايدىغان قىز ئىدىم. گۈزەللىكىم مىنىڭ ئازابلىرىمنى يۇشۇرغۇچى بىزەك، شۇنداقلا مىنىڭ بارلىق ئازاپلىق كەچمىشلىرىمنىڭ مەنبەسى ئىدى.

مەن دىلشات ئىككىمىز ئوتتۇرىسدا بولغان بارلىق ئىشلارنى ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن قەغەز پارچىسىغا يازاتتىم. ئاندىن ئۇنى تامنىڭ بۇلۇڭلىرىغا چاپلايىتتىم، ھەممە يەر قەغەز پارچسىى-ئەسلىمە بىلەن تولغان ئىدى. مەن شۇنداق قىلىپ ئۆزۇمنىڭ بىر مەيدان تاتلىق چۇشۇمنى ياساپ چىققان ئىدىم. مەيلى قىش، مەيلى ياز بولسۇن مەن مۇشۇ چۇش ئىچىدە ياشايتتىم، قەتئى ئويغۇنۇشنى خالىمايىتتىم.

-ئۇ مىنى ساقلاپ تۇر، ھىچكىم بىلەن كىتىپ قالما دىگەن-دەيتتىم مەن دائىم ئۆز-ئۆزۇمگە سۆزلىگەندەك، ئاندىن تۇيۇقسىزلا پەرىدىن سورايىتىتم-ئاندىن قانداق بولغانلىقىنى بىلسەمسىز؟

-قانداق بولدى؟-پەرى گەرچە سانسىز قىتىپ ئاڭلاپ بولغان، ھەتتا يادقا بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما ھەر قىتىم يەنىلا ئۆزىنى تۇتالماستىن كۆزىگە ياش ئالاتتى.

-ئاندىن......ئاندىن ئۇ كەلدى، دىلشات مەڭگۈ ۋەدىسىدىن يىنىۋالمايدۇ.-دەيتتىم مەن دەرىزە سىرتىغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ.

-ھەئە، ئۇ قايتىپ كىلىدۇ-دەيىتتى پەرى كىچىك بالىلارنى بەزلىگەندەك.

دىلمۇرات پات-پات مىنى يوقلاپ كىلەتتى. ئۇ خۇددى بىرىنچى قىتىم كۆرۈشكەنگە ئوخشاش، يۈزلىرىدە كۈلگە جىلۋە قىلغان ھالدا يىنىمدا كىلەتتى، ئەمما ئوخشىمايدىغان يىرى، بۇ كۈلكىسىنىڭ ئارقىسىغا يۇشۇرۇنقىنى بۇرۇنقىدەك ئىللىقلىق بولماستىن بەلكى ئىچىنىش ئىدى.

ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك، دىلشات ئىككىمىز ئاخىرى تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدىن قىچىپ قۇتۇلالمىغان، ئىككىمىز بىرلىكتە نابۇت بولغان ئىدۇق. دىلمۇرات ئۈچۈن ئىلىپ ئىيىتقاندا ئەڭ ئازاپلىقى، مىنىڭ نابۇت بولىشىمغا قاراپ تۇرۇپ، ئۇنى توسالماسلىقى ئىدى.

-گۈلشات، بۇگۇن خىلى ياخشى بولۇپ قاپسىزمۇ؟-دەيىتتى ئۇ ئىللىقلىق بىلەن-بىشىڭىز يەنە ئاغرىۋاتامدۇ؟

-ياق، ئاغرىمىدى-مەن يەنىلا بىشىمنى چۆكۈرۈپ دىلشات ئىككىمىزنىڭ ھىكايىسىنى يازاتتىم.

-يىزىپ قەيەرگە كەلدىڭىز؟-دەپ سورايىتتى دىلمۇرات.

-سىز بىلەن ئۇچراشتىم-دەيىتتىم مەن كۈلۈپ. ئەمەلىيەتتە ناھايىتى نۇرغۇن بۆلەكلەر قايتىلانغان بولۇپ، مەن ئۆزۇمنڭ كىچچىكىنە بىر ئىشنى ئۇنتۇپ قىلىشىمدىن قورقۇپ قايتا-قايتا يازاتتىم.

-قانداق يازدىڭىز؟-دەيتتى دىلمۇرات كۈلۈپ.

-دىلمۇراتنىڭ كۈلكىسى بەكمۇ نۇرلۇق-مەن كۈلۈپ تۇرۇپ قەغەز پارچىسىنى دىلمۇراتقا سۇناتتىم.

-ئەينى ۋاقىتتا مەن شۇنداقمىدىم؟-دەيىتتى دىلمۇرات قەغەز پارچىسىنى ئوقۇغاچ.

-ئۇنداق ئەمەسمۇ؟-دەيتتىم مەن ئىتتىك قولۇمغا ئىلىپ-ئۇنداق بولسا قانداق ئىدى، مەن قانداق بولۇپ ئۇنتۇپ قالىمەن.

مىنىڭ چىرايىم تاتىرىپ، بىشىمنى قاماللايىتتىم.

-شۇنداق ئىدى، سىز خاتا ئەستە تۇتىۋالمىدىڭىز......-دەيىتتى دىلمۇرات مىنى بوش قۇچاقلاپ.

-ئۇنداق بولسا ياخشى-دەيتتىم مەن بىردەمدىلا خاتىرجەم بولۇپ، دىلشاتقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى مەن ئازراقمۇ ئۇنتۇلۇپ قالمايىتتىم.

دىلمۇرات ئىچ ئاغرىتقان، كۆيۈنگەن ھالدا مىنىڭ سولغان، قان قالمىغان چىرايىمغا قارايىتتى. ئەزەلدىن ساھىپجاماللارنىڭ ئۆمرى قىسقا دىگىنى مۇشۇ بولسا كىرەك.

-گۈلشات، مەن بىلەن كىتىڭ بولامدۇ؟ بىز بۇ يەردىن ئايرىلىپ كىتىلى، ماقۇلمۇ؟-دەيىتتى دىلمۇرات ئۆتۈنۇپ.

-ئۇنداق قىلسام قانداق بولىدۇ؟-مەن ئۇنى ئىتتىرىۋىتىپ، قايتىدىن ئورۇندۇقتا ئولتۇرىۋالاتتىم-ئەگەر دىلشات قايتىپ كىلىپ، مىنى تاپالمىسا قانداق قىلىمەن. مەن ھىچ يەرگە بارمايمەن.

دىلمۇرات مىنىڭ نۇرلىرى ئاجىزلىغان ئەمما قەتئىيلىك چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىمگە قاراپ، ئامالسىزلىقتىن بىشىنى چايقىغىنىچە گەپ قىلماستىن كىىتپ قالاتتى.

ماڭا ئىگە بولىدىغان كىشى ئۇ ئەمەس ئىدى، مىنى قۇتقۇزالايدىغىنىمۇ ئۇ ئەمەس.

مەن دىلمۇراتقا قاراپمۇ قويماستىن، يەنە داۋاملىق دىلشات ئىككىمىزنىڭ ھىكايىسىنى يازاتتىم. مەن مۇشۇنداق كىسەل ھالىتىم بىلەن ئۆزۇمنىڭ مۇھەببىتىن قوغدايىتتىم، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە، ھاياتنىڭ ئۇپرىشىغا قارىماستىن، مۇشۇنداق يازاتتىم، يەنە يازاتتىم، يەنە يازاتتىم.


35. ئون يىل (1)


بىر يىلدىن كىيىن.
پەرى ئىشىكنى ئىچىپ، ئىشىك ئالدىدا تۇرغان كىشىنىڭ ئەركىن ئىكەنلىكىنى كۆرگەندە تىترەپ كەتتى.
-سەن...سەن بۇ يەرگە قايسى يۈزۈڭ بىلەن كەلدىڭ؟!!!-پەرى ئەركىننى غەزەپ بىلەن بىر تەستەك سالدى.
-مەن ئۇنى كۆرگىلى كەلدىم-ئەركىن پەرىنىڭ ئۇرۇش-تىپىشلىرىگە يول قويۇپ ئىشىك ئالدىدا تۇراتتى.
-ئۇنى كۆرگىلى؟-دىدى يىغلىغىنىچە پەرى ئۇرۇشتىن توختاپ-بولىدۇ، سەن ئەڭ ياخشىسى ئۇنى كۆرۈپ باق، ئۇنىڭ قايسى ھالغا چۇشۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ باق.
پەرى ئەركىننى سۆرىگىنىچە مىنىڭ ھوجرامنىڭ ئالدىغا ئىلىپ كەلدى.
مەن دىلشاتنىڭ ئۆزۇمگە چوڭ كەلگەن ئۇخلاش كىيمىنى كىيىپ، يەردە زوڭزىيىپ ئولتۇراتتىم، يىنىمغا قەغەز پارچىللىرى دۆۋلىنىپ كەتكەن بولۇپ، بىشىمنى ئازراق كۆتۈرۈپ، دەرىزە سىرتىغا قاراپ تۇراتتىم.
-ئوبدانراق كۆر، ئىنىق كۆرىۋال، تەپسىلى كۆر!-دىدى پەرى يىغلاپ تۇرۇپ.
ئەركىن ئاستا-ئاستا بىشىنى تۆۋەن سالدى.
مەن ئاۋازنى ئاڭلاپ، بۇرۇلۇپ سورىدىم:
-پەرى، دىلمۇرات كەلدىمۇ؟
-ياق، ھىچكىم كەلمىدى-دىدى پەرى ئەركىننى ئىتتىرىپ.
ئەمما مەن يەنىلا ئۇنى كۆرۈپ قالدىم.
مەن نەق بۇ كىشىنىڭ مىنىڭ قىشىمدىن يۇگۇرۇپ چىقىپ كەتكىنىچە دىلشاتنىڭ قىشىغا بارغانلىقىنى، ئاندىن ئۇنىڭ ئوت ئىچىدە كۆيۈپ تۇگىشىگە قاراپ تۇرغانلىقىنى بىلەتتىم. ئەمما، مەندە ھازىر ئۇنىڭغا نىسبەتەن قىلچىلىكمۇ نەپرەت يوق ئىدى، مەندىكى بىر كۈچلۈك ئارزۇ ھەممە تۇيغۇمنى بىسىپ كەتكەن ئىدى. چۇنكى، ئۇ دىلشات بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا ئۇچراشقان كىشى ئىدى، ئۇ ھەممىنى بىلەتتى.
-گۈلشات، كەچۈرۈڭ......-دىدى ئۇ مەندىن ئەپۇ سوراپ.
-دىلشات ئۆلمىدى، شۇنداقمۇ؟-دىدىم مەن-ئۇ قايتىپ كىلىدۇ، شۇنداقمۇ؟
-ئۇ......-ئەركىن ماڭا قاراپ تۇراتتى، ئۇ ئىككىلىنىۋاتاتتى.
مىنىڭ يۈرىكىم ئاغزىمغا قاپلىشىپ قالغان ئىدى، مۇشۇ پەيىتتە ئەركىننىڭ بىر ئىغىز سۆزى مىنىڭ ھايات-ماماتىمنى بەلگىلىيەلەيتتى. پەرى جىددىيلىشىپ، ئەركىننىڭ پىشىنى كۈچەپ تارتىۋاتاتتى.
-دىلشات ئۆلمىدى، ئۇ ماڭا چوقۇم سىزنى ئىزدەپ كىلىمەن دىگەن ئىدى-ئەركىن مەندىن كۆزىنى قاچۇرۇپ، ئارقامدىكى دەرىزە سىرتىغا قاراپ تۇراتتى، خۇددى ئۇ يەردە باشقا بىرى بىلەن كۆز بىقىشىۋاتقاندەك قىلاتتى.
-مەن بىلەتتىم.-دىدىم مەن. مىنىڭ كۈلكىدىن چىرايلىرىم ئىچىلىپ كەتكەن ئىدى.
-ھىسابتا ئۇنىڭ جىنىنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭىز-دىدى پەرى ئۇھ تارتىپ قويۇپ، يۇشۇرۇنچە كۆزىدىكى ياشنى سۇرتكەچ.
-مەن ئەسلى ئۇنىڭغا دىلشاتنى ئۇنتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىدىم، قارىغاندا مۇمكىن بولمىغۇدەك-دىدى ئەركىن مىنىڭ ئارقامدىن قاراپ، بوشقىنە.
-سىز دەرھال كىىتڭ، بۇ ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى غالىپنىڭ ئادىمى، ئۇلارنى سىزنى تۇتىۋالسا بوش قويىۋەتمەيدۇ-دىدى پەرى تۇيۇقسىز بىر نىمىنى ئىسىگە ئالغاندەك ئالاقىزادىلىك بىلەن ئەركىنگە قاراپ.
-پەرى، ئەمدى ئۇلار بىلەن ئىشلمەڭ، بولامدۇ؟-دىدى ئەركىن ئىشك ئالدىغا بىرىپ بولغاندىن كىيىن، ئارقىغا بۇرۇلۇپ.
-بۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ كارىڭىز بولمىسۇن، سىز كىتىڭ، تىز بولۇڭ-پەرى ئەركىننى ئىشىكتىن ئىتتىرىپ چىقىرۋەتتى.
ئىككى كۈندىن كىيىن.
خەۋەر: <<ج خ ئىدارىسىنىڭ جىنايى ئىشلار ئەتىرىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئەركىن بۇگۇن سەھەردە  <<يىڭى نۇر>> يولىدىن ئۆتۈپ كىتىپ بارغاندا سالاھىيتى ئىنىق بولمىغان تۆت قارا نىيەتنىڭ ھوجۇمىغا ئۇچراپ، بەدىنىنىڭ تۆت يىرىگە ئوق تىگەپ قازا قىلدى. ساقچىلار بۇ ئىشنى بىر يىلنىڭ ئالدىدا ئۇلۇغچاتتا يۈز بەرگەن پارتىلاش بىلەن مۇناسىۋەتىك دەپ قارىماقتا، نۆۋەتتە داۋاملىق تەكشۇرىلىۋاتىدۇ......>>  كۆرۈنۈش ئەركىننىڭ خاتىرجەم ھالدا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن ھالىتى كۆرۈنۈشكە ئالماشقاندا، پەرىنىڭ قولىدىكى قەھۋە ئىستاكانى پولغا چۇشۇپ پارە-پارە بولۇپ كەتتى. پەرى شۇ يۇگۇرۇپ چىقىپ كەتكەنچە، مەن ئۇنى كۆرۈپ باقمىدىم.
ئۈچ يىلدىن كىيىن.
كوچىنىڭ بويىدا بىر پالچى خوتۇن ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئالدىدىكى قەغەزگە <<پىرىم مىنىڭ كۆزۇمنى ئىچىۋەتكەن بولۇپ، مەن كەلگۈسىنى كۆرەلەيمەن، كىشلەرنىڭ ئىچىدىكىنى بىلەلەيمەن>>دەپ يىزىلغان ئىدى.
مەن ئۇنىڭ قىشىغا كەلدىم.
-خىنىم، پال ئاچقۇزامسىز؟-دىدى ئۇ چاپاق باسقان كۆزلىرىنى تەستە ئىچىپ-پال سىلىپ كۆرۈڭ، ناھايىتى توغرا چىقىدۇ.
-مەن ئۇنىڭ ئالدىدىكى كوسىدا ئولتۇردۇم.
-نىمە توغرىسدا ئاچقۇزىسىز، نىكاھ، كەسىپ، بايلىق.....-ئۇ خوتۇن بىر توقام گەپلەرنى قىلدى.
-ئادەم ئىزلەيمەن.-دىدىم مەن.
-ھە...-پالچى ئايال بىر يىرىك قەغەزنى قولۇمغا تۇتقازدى-ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ باش بوغۇمىنى يىزىڭ.
مەن قەغەزنى قولۇمغا ئىلىپ، بىردەم ئىككەنلەنگەندىن كىيىن <<دىل>>دىگەن خەتنى يازدىم.
ئۇ قەغەزنى قولىغا ئىلىپ كۆرۈپ باققاندىن كىيىن، يەنە ماڭا سۇنۇپ:
-سىزنىڭكىنىمۇ يىزىڭ-دىدى.
مەن يىزىپ بولۇپ ئۇنىڭغا بەردىم.
ئۇ كۆزىنى يۇمۇپ، ئۇزۇن ئويلانغاندىن كىيىن، ئاستا-ئاستا كۆزىنى ئىچىپ:
-سىز ئۇنى كۆرەلەيدىكەنسىز؟-دىدى.
-رەھمەت سىزگە!-دىدىم مەن خۇشال ھالدا كۈلۈپ.
-ئەمما......-دىدى ئۇ سەل تۇرىۋىلىپ-سىز قان  كۆرۈپ باققۇنمۇ؟
-كۆرۈپ باققان-دىدىم مەن. مەن قاننى نۇرغۇن قىتىم كۆرگەن ئىدىم.
-ئۇنداقتا.....سىلەر بىر قىتىملا كۆرۈشەلەيسىلەر-دىدى ئۇ كۆزىنى يۇمۇپ.
-نىمشقا؟-دىدىم مەن. مىنىڭ كۈلكەم يۈزلىرىمدە قىتىشىپ قالغان ئىدى.
-چۇنكى ئىككىڭلارنىڭ ئەسلى تەقدىرى قوشۇلمىغان ئىكەن. ئەمما ئۇنىڭ روھى سىزگە ئەگىشىپ بۇ دۇنياغا كەلگەن. ئەمما سىز قان كۆرۈپ قاپسىز، شۇنىڭ بىلەن ئەپسۇننىڭ كۈچى يوقىلىپتۇ. ئەپسۇس، ئەپسۇس، سىلەرنىڭ پەقەت بىر قىتىملا كۆرىشىدىغان پۇرستىڭلار قاپتۇ-دىدى ئۇ ھەييارلىق بىلەن كۆزۇمگە قاراپ-ئىشەنمىسىڭىز، ئوبدانراق ئويلاپ بىقىڭ، سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلار جەريانىدا ئۇ سەۋەبلىك سىزنىڭ ھايات يولىڭىز ئۆزگىرىپ كىتىدىغان، سىز سەۋەبلىك ئۇنىڭ ھايات يولى ئۆزگىرىپ كىتىدىغان ئىشلار بولغانمۇ؟
مەن ئۇندىمىدىم.
-ھەي، خىنىم! سىز تىخى ماڭا پۇل بەرمىدىڭىز؟
مەن ئاستا-ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ توۋلاشلىرىغا پەرۋا قىلماي كىتىپ قالدىم.
ئۇنى پەقەت بىر قىتىملا كۆرەلىسەممۇ ھىچقىسى يوق، پەقەت ئۇنى كۆرەلىسەملا، ئۇنىڭ چىرايىنى ئىنىق كۆرىۋالساملا بولدى.



36. ئون يىل (2)


ئالتە يىلدىن كىيىن.

مەن كىشلەر ناھايىتى قىزىقىپ كۆرىدىغان بىر تىلىۋزىيە پىروگىراممىسىدىن دىلمۇراتنى كۆردۈم. بۇ ۋاقىتتا دىلمۇرات داڭلىق ياش تىجارەتچىلەردىن بولۇپ قالغان ئىدى.

-دىلمۇرات ئەپەندىم، بىلەمسىزكىن؟ بۇ يىل بىز ئۇيۇشتۇرغان ئاياللار ياتلىق بولۇشنى ئەڭ خالايدىغان ئون بويتاق ئەرلەرنىڭ ئىچىدە سىز ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇردىڭىز-دىدى چىرايلىق رىياسەتچى قىز دىلمۇراتقا كۈلۈپ قاراپ.

-ئۇنداقتا كۆپچىلىك خاتالىشىپتۇ-دىدى دىلمۇرات.

-نىمە ئۈچۈن ياشلىقىڭىز ئۇرغۇپ تۇرغان مۇشۇنداق ۋاقىتتا توي قىلمايسىز، ھەتتا قىز دوستىڭىزمۇ يوق؟ بۇ توغىرىسدا بىزگە ئۇچۇر بىرەلەرسىزمۇ؟-دىدى رىياسەتچى قىز ناھايىتى قىزىقىدىغان قىياپاتتە.

-ھى...ھى...بەلكىم رىسقىم بولمىسا كىرەك-دىدى دىلمۇرات سۇس كۈلۈپ.

-ئاڭلاشلارغا قارىغاندا سىز چىن قەلبىڭىزدىن سۆيىدىغان بىر قىز بار ئىكەن، سىز ئۇ قىزغا ھەر يىلى گۈل سوۋغا قىلىپ توي تەكلىۋى قويىدىكەنسىز، بۇ راسىتمۇ؟-سورىدى رىياسەتچى قىز. ئۇ سوئال سوراشقا ناھايىتى ئۇستا بولۇپ، تۇيدۇرماي مەسىلىنىڭ ئاچقۇچلۇق يىرىنى سورىغان ئىدى.

-شۇنداق، راسىت-دىدى دىلمۇرات.

-ئۇ چوقۇم ناھايىتى گۈزەل قىز بولسا كىرەك، بولمىسا دىلمۇرات ئەپەندى ئۇنى قانداقمۇ مەجنۇنلارچە ياخشى كۆرسۇن-دىدى رىياسەتچى قىز دىلمۇراتنىڭ بەرگەن جاۋابىدىن رازى بولۇپ.

-راسىت، ئۇ بەكلا گۈزەل، مەن كۆرگەن قىزلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ گۈزىلى-دىلمۇراتنىڭ كۆز نۇرى ئىنتايىن مۇلايىم ئىدى.

-ئۇنداقتا ئۇ ئىزچىل سىزگە ماقۇل بولمىدىمۇ؟-سورىدى رىياسەتچى قىز-سىزدەك مۇنەۋەر ئەرنىڭ ئالدىدا تەۋرىنىپمۇ قويمىدىمۇ؟

-شۇنداق-دىدى دىلمۇراتنىڭ ئازراق ئىچى پۇشۇپ.

-يەنە بەزىلارنىڭ دىيىشچە ئۇ قىزنىڭ قارا جەمىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى چوڭقۇركەن، ھەتتا سىز مۇشۇ سەۋەبلىك ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچراپتىكەنسىز، بۇ سىلەرنىڭ بىرگە بولالماسلىقىڭلاردىكى ھەقىقى سەۋەبمۇ؟-رىياسەتچى قىز كۆرۈلۈش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئەڭ نازۇك سۇئاللار سوراۋاتاتتى.

-ياق،-دىدى دىلمۇرات قوشۇمىسىنى تۈرۈپ-ئۇ باشقا بىرىنى ساقلاۋاتىدۇ.

-ھە؟ قارىغاندا سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلار بەكمۇ مۇرەككەپكەن-دە؟-سورىدى رىياسەتچى قىز ھاياجانلىنىپ.

دىلمۇرات ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماستىن، تىلكامىراغا قاراپ دىدى:

-دىلشات! ئەگەر سەن ھايات بولساڭ دەرھال قايتىپ كەل! سەن بىلەمسەن؟ سىنىڭ بۇ ئۆمرۈڭدىكى ئەڭ چوڭ گۇناھىڭ، ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىكىڭ، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈشكە ۋەدە بىرىپ، ئاندىن ئۇنى تاشلاپ كىتىپ قالغانلىقىڭ!!!

مەن تىلىۋزورنى ئۆچىرىۋىتىپ، كىرىسلودا ئوڭدىسىغا ياتتىم. كۆز ياشلىرىم چىكەمنى بويلاپ ئىقىپ چۇشۇشكە باشلىدى.

دىلشات ئاڭلىدىڭمۇ؟ سەن گۇناھ ئۆتكۈزدۇڭ، دەرھال قايتىىپ كىلىپ، ئورنىنى تولۇقلىغىن.

يەتتە يىلدىن كىيىن.

ئوغۇللار توي قىلماي يۇرەلەيتتى، ئەمما قىزلار ياتلىق بولمىسا بولمايىتتى.

دىلخۇمار توي قىلدى.

ئەتە توي دىگەن كۈنىسى كەچتە ئۇ دىلشات ئىككىمىزنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ. مەن ئىشىك قوڭغۇرىقىنىىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئىشىكنى ئىچىپ ئۇنى كۆردۇم.

-كەلدىڭىزمۇ؟ ئۆيگە كىرىڭ-دىدىم مەن.

-بولدى...-دىدى خۇمار-مەن سىزگە بىر ئىشنى ئىيتىپ قويغىلى كەلدىم.

ئۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئادەمنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلاتتى، ئەمما بۇرۇنقى نۇرلۇق كۆزلىرى نۇرسىزلىنىپ قالغان ئىدى.

-نىمە ئىش ئىدى؟-سورىدىم مەن.

-ئەتە......مەن توي قىلىمەن.-دىدى خۇمار. ئۇنىڭ تەلەپپۇزى ئادەمگە ئۆزىنىڭ توي خەۋىرىنى ئەمەس، ئۆلۈم خەۋىرىنى ئىلىپ كەلگەندەك تۇيغۇ بىرەتتى.

-مۇبارەك بولسۇن.-دىدىم مەن.

-مەن كەتتىم-خۇمار ئارقىغا بۇرۇلۇپ كىتىپ قالدى.

ئۇنىڭ سىماسىنىڭ بارا-بارا يىراقلىشىشىغا قاراپ تۇراتتىم. ئۇنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە سىماسى مىنىڭ قەلبىمدە ساقايماس يارا پەيدا قىلغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ بۇ يەردىن ئۈزۈل-كىسىل چىقىپ كىتىشىگە، دىلشات ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتىدىن چىقىپ كىتىشىگە تەشتا ئىدىم.

ئەمما ئۇ توختاپ قالدى.

خۇمار كوچا چىرىغىنىڭ ئاستىغا زوڭزىيىپ، ئاۋازىنى قويۇپ بىرىپ يىغلاشقا باشلىدى.

ئۇنتالمايدىكەن، ھەرگىزمۇ ئۇنتالمايدىكەن......

توققۇز يىلدىن كىيىن.

مەن كوچىدا يەنە ھىلىقى پال سالىدىغان خوتۇننى ئۇچرىتىپ قالدىم. ئۇ بۇرۇنقىدىن قىرىپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى، كۆزلىرىنى ئاچالماي قالغان ئىدى.

ئۇنىڭ ئالىدىدا بىر قىزىل كىيىملىك قىز ئولتۇراتتى، ئۇ ئايالنىڭ گىپىنى ناھايىتى تەپسىلى ئاڭلاۋاتاتتى.

-سىز قان كۆرۈپ باققانمۇ؟-دىدى ئۇ خوتۇن.

-قانمۇ؟-قىز تىرىشىپ ئەسلەۋاتاتتى، دۇرۇس، ئۆمرىدە ماڭا ئوخشاش باشقىلارنىڭ ئۆلۈمىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئادەملەر ناھايىتى ئاز ئىدى-ھەئە، مەن بىر قىتىم قولۇمنى كىسىىپ سالغان ئىدىم، ناھايىتى نۇرغۇن قان ئىقىپ كەتكەن....

-سىلەر پەقەت بىرقىتملا كۆرۈشەلەيدىكەنسىلەر-دىدى خوتۇن قىزچاقنىڭ گىپىنى تۇگىشىنى كۈتمەستىن ئىغىز ئىچىپ-ئەسلى ئىككىڭلارنىڭ تەقدىرى قوشۇلمىغان ئىكەن. ئەمما ئۇنىڭ روھى سىزگە ئەگىشىپ بۇ دۇنياغا كەلگەن. ئەمما سىز قان كۆرۈپ قاپسىز، شۇنىڭ بىلەن ئەپسۇننىڭ كۈچى يوقىلىپتۇ. ئەپسۇس، ئەپسۇس، سىلەرنىڭ پەقەت بىر قىتىملا كۆرىشىدىغان پۇرستىڭلار قاپتۇ.

ئۇ بۇ گەپلەرنى شۇنچە راۋان قىلاتتى.

-نىمىشقا؟ نىمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟-قىزىل كىيىملىك قىز ئازاپلانغان ھالدا پۇلنى تۆلىدى-دە، مۇدۇرگىنىچە كىتىپ قالدى، ھەم ئىھتىياتسىزلىقتىن مىنى سوقىۋەتتى.

-خىنىم، پال سالدۇرامسىز؟-دىدى ئۇ خوتۇن ماڭا كۆزلىرىنى قسىىپ قاراپ، ئۇ مىنىڭ كىملىكىمنى تونۇمىغان ئىدى-سالدۇرۇپ بىقىڭ، ناھايىتى توغرا چىقىدۇ.

مەن ئۇنىڭ قىشىغا كىلىپ، گەپ قىلماستىن يىنىمدىكى بارلىق پۇلنى چىقىرىپ، ھىلقى مىنىڭ پىرىم كۆزۈمنى ئاچقان بولۇپ، كەلگۈسىنى كۆرەلەيمەن، باشقىلارنىڭ كۆڭلىدىكى بىلەلەيمەن دىگەن خەتلەر يىزىلغان قەغەزنىڭ ئۇستىگە تاشلىدىم.

ئۇنىڭ كۆزلىرى مۆجىزىلىك ھالدا يوغىناپ كەتتى، ئۇنىڭ بايىقى جانسىز كۆزلىرى بىلەن سىلىشتۇرغاندا پۇتۇنلەي باشقىچە ئىدى.

-رەھمەت سىزگە، رەھمەت!-دىدى ئۇ پۇللار سىقىمداپ ئىلىپ-سىزنىڭ تەقدىرىڭىز چوقۇم ياخشى بولىدۇ. مەن ھەممىنى كۆردۇم.

ئادەم پۇل ئۈچۈن ئۆلىدۇ، قۇش دان ئۈچۈن دىگىنى راست ئىكەن، پۇلغا ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ جىنىنى سىتىۋالغىلى بولىدىكەن.

ئون يىلدىن كىيىن.

ۋاقىت ئاستا-ئاستا ئۆتمەكتە، ئاي كۈنلەرنىڭ ئالمىشىشى بىلەن كوچىلارنىڭ تۇرقى ئۆزگەردى، كىشلارنىڭ قىياپىتى ئۆزگەردى، پەقەت ئۆزگەرمىگىنى مىنىڭ كۈتۈشۈم ئىدى.

ئاي-يىللار مىنىڭ گۈزەل ھۆسنۈمگە قىيمىغان بولسا كىرەك، مىنىڭ چىرايىمدا ھىچقانداق ئىزنا قالدۇرمىغان ئىدى. مەن يەنىلا ئەينى ۋاقىتلارىدىكىدەك گۈزەل كۆرۈنەتتىم، پەقەت ئاق ئارىلىغان چاچلىرىملا مىنىڭ يىشىمنىڭ خىلى چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۇرۇپ تۇراتتى.

ئەينى ۋاقىتتىكى مۇھەببەت-نەپرەت كىشلەر تەرىپىدىن پاكىز ئۇنتۇلغان بولۇپ، ھازىر رايون تەۋەسىدە دىلشاتنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئۇقىدىغان كىشلەر قالمىغان ئىدى.

ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ چاقناق نۇرلىرى بىلەن كىچە ئاسمىنىنى يورۇتقان، كىچىنى يورۇتقۇچى ئىككىنچى تولۇن ئاي دەپ ئاتالغان <شەرق چولپىنى> بەزمىخانىسى ئاللىقاچان ۋايران بولۇپ، تۇگەشكەن، ھازىر ئۇ يەر جۇرئەتنىڭ زىمىنى ئىدى.

جۇرئەت ناھايىتى ئىشنى ناھايىتى ياخشى قىلغان بولۇپ، ئادەم كىلىدىغانلا يەر بولسا ئۇنىڭ پىيى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىقى ئۇ تىجارەت قىلىۋاتقان كالا گۆشى كۈمىلىچى دۇكىنى بولۇپ، يۈزدىن كۆپرەك زەنجىرسىمان دۇكىنى بار ئىدى.

جۇرئەت بارلىق كۈچى بىلەن غالىپقا قارشى تۇراتتى، ئۇ غالىپقا قارىغاندا تىخىمۇ تىز، تىخىمۇ ئەسەبى، تىخىمۇ قەبىھ ئىدى. ئۇ غالىپنىڭ مەغلۇپ بولىشىنى ئۈمد قىلاتتى، مەغلۇپ بولىشىنىلا ئەمەس، ئىچىنىشلىق مەغلۇپ بولىشىنى، جىنىدىن جۇدا بولىشىنى ئۈمد قىلاتتى.

غالىپنىڭ دەۋرى <شەرق چولپىنى>دا باشلىنىپ، <شەرق چولپىنى>دا ئاياغلاشتى.

شەرق چولپىنىڭ ۋىۋىسكىسى ئىلىۋىتىلگەن كۈنى غالىپ مىنىڭ قىشىمغا كەلدى.

مەن دىلشاتنىڭ يىرتىلىپ پارە-پارە بولۇپ كەتكەن كىيمىنى كىيىۋالغان، چاچلىرىم چۇۋالغان ھالدا خۇددى بىر ئەرۋاھتەك دەرىزە ئالدىدا تۇراتتىم. غالىپ ماڭا ناھايىتى ئۇزۇن قاراپ تۇردى، مەنمۇ دەرىزە سىرتىغا ناھايىتى ئۇزۇن قاراپ تۇردىم.

-ماڭايلى-دىدى غالىپ شوپۇرغا.

-چوڭام، كىرىپ كۆرۈشۈپ كەتمەمسىز؟-دىدى شوپۇر.

-ياق بولدى،-دىدى غالىپ-ئەتە مەن ئۇنى ئىلىپ كىتىمەن.

مەن كۈلگىنىمچە غالىپنىڭ ماشىنىسىنىڭ يىراقلىشىغا قاراپ تۇراتتىم. بۇ كۈلگەم غالىپ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كۈلكە ئىدى.
ئۇ يىلى مەن 31 ياش، دىلشات ھايات بولغان بولسا 30 ياش بولاتتى.



37. مىنى يەنە بىر سۆي (خاتىمە)


بۇگۇن.
-ئاچا، سىز ئىنىڭىزنىڭ ئۆيگە قايتىشىنى ساقلاۋاتامسىز؟-دىدى بىر كىچىك ئوغۇل بالا مىنىڭ ئالدىمغا كىلىپ. ئۇ مۇشۇ يىقىن ئەتراپتا تۇرسا كىرەك، دائىم ماڭا ئۇچراپ قالاتتى.
-ھەئە-دىدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ. بۇ بالا ناھايىتى ئوماق بولۇپ، ئۇنىڭ مۆلدۈرلەپ تۇرغان چوڭ كۆزلىرى ماڭا دىلشاتنى ئەسلىتەتتى.
ئاشۇ يامغۇرلۇق كەچتە، يىگىرمە يىلنىڭ ئالدىدىكى بۇگۇنكى كۈندە ئۇ خۇددى مۇشۇنداق ماڭا قاراپ تۇرغان ئىدى.
-ئۇ گەپ ئاڭلىمايدىكەن، سىزنى بەك ئۇزاق ساقلىتىپتۇ-دىدى ئوغۇل بالا.
-ھەئە، ئۇ گەپ ئاڭلىمايدۇ، ئەگەر ئۇ قايتىپ كەلسە مەن ئۇنى تازا تىللايمەن-دىدىم مەن ئۇنىڭ بىشىنى سىلاپ تۇرۇپ.
-ئۇ قاچانلىققا قايتىپ كىلىدۇ-بۇ بالا ماڭا ئىچ ئاغرىتىدىغاندەك تۇراتتى، مەيلى قانچە كىچىك بالا بولسىمۇ، ئوخشاشلا چىرايلىق ئادەملەرنى ياقتۇراتتى.
-كەچتە، بۇگۇن كەچتىلا قايتىپ كىلىدۇ-دىدىم مەن.
-يالغان، ھەر قىتىملا مۇشۇنداق دەيسىز-دىدى ئۇ بالا-كۈن كەچ بولۇپ بولدىغۇ؟
-راسلا، ئىشەنمىسەڭ ئاۋۇ ياققا قارا-دىدىم مەن قولۇم بىلەن يىراقنى كۆرسىتىپ.
يىراقتا، بىر ئەر ماڭا قاراپ كىلىۋاتاتتى.
-ۋىيى؟ سىزنىڭ ئىنىڭىزنىڭ قانداق بولۇپ يىشى سىزدىن چوڭ بولىدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ چىچىمۇ ئاقىرىپ كىتىپتىغۇ؟-دىدى ئۇ بالا ماڭا تەئەججۇپ بىلەن قاراپ.
ئۇ ئەر، غالىپ ئىدى.
-گۈلشات، بىز بىرلىكتە كىتەيلى-دىدى ئۇ مىنىڭ قىشىمغا كىلىپ، ئون يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ ماڭا بىرىنچى قىتىم يىقىنلىشىشى ئىدى.
-ياق، مەن بۇ يەردە دىلشاتنى ساقلايمەن-دىدىم مەن كىيمىمنىڭ پىشىنى ئوينىغاچ.
-مەن سىزنى ئىلىپ ئۇنى ئىزدەيمەن-دىدى غالىپ مۇلايىملىق بىلەن.
ئۇنىڭ كۆزلىرىدە تەھدىت نۇرى يوق ئىدى، ئۇنىڭ بۇرۇنقى زوراۋانلىقى ئاللىقاچان پاكىز يوقالغان بولۇپ، ئۇمۇ نۇرغۇنلىغان ئادەتتىكى ياشانغانلارغا ئوخشاش بولۇپ، چاچىلىرى ئاقارغان، بەللىرى ئازراق ئىگىلگەن ئىدى. مىھرىبان ۋە شۈكۈرچان كۆرۈنەتتى.
-راستىمۇ؟-دىدىم مەن بىشىمنى كۆتۈرۈپ.
-راسىت!
-سەن مىنى ئالداۋاتىسەن-دىدىم مەن كۈلۈپ-سەن ھەرگىز ئۇنداق قىلمايسەن.
-مەن سىنى ئالدىمىدىم. ئۇ سىنى ئالىپىس تىغىنىڭ باغرىدا ساقلاۋىتىپتۇ. مىنى سىنى ئىلىپ كىلىشكە بۇيرۇدى-دىدى سەممىيلىك بىلەن.
-سەن......سەن نىمە دەيسەن؟-دىدىم مەن ئۇنى چىڭ تۇتىۋىلىپ، كۆزلىرىمدە ھاياجان نۇرلىرى چاقنايىتتى.
ئالىپىس تىغىنىڭ باغىرىدىكى كىچىك ئۆي مىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇيۇم ئىدى.
-ئالىپىس تىغىغا بارىمىز، دىلشاتنى ئىزلەيمىز-دىدى غالىپ مىنى تارتىپ.
-ماڭايلى، تىز ماڭايلى-دىدىم مەن ئۇنىڭ ماشىنىسى تەرەپكە يۇگۇرۇپ.
-توغرا-دىدىم مەن تۇيۇقسىز ئارقامغا بۇرۇلۇپ-مەن دىلشاتقا سىنى ئۆلتۈرمەسلىكنى ئىيتىمەن.
غالىپ مىنىڭ چەكسىز خۇشال ھالىتىمگە قاراپ، يالغۇز قىتىپ تۇرۇپ قالغان ئىدى.
مەن ئۇنىڭ ئەمەس ئىدىم. باشلىنىشتا ئۇنىڭ ئەمەس ئىدىم، ئاخىرىدا يەنىلا ئۇنىڭ بولمايىتتىم. بۇ يەردە غالىپنىڭ ئاللىقاچان ھىچنىمىسى قالمىغان ئىدى. بۇ تۇپراققا تۇنجى قەدەم باسقاندا ئۇنىڭ ھىچ بولمىسا دىلدارى بار ئىدى. ئەمدى بولسا ھىچىنىمىسى قالمىغان ئىدى.
بۇنداق بىر ئادەم، مىنى ئالداش ئارقىلىق، ئەڭ ئىپلاس، ئەڭ پەس ئۇسۇلدا، ماڭا ئۆتۈنۈپ ئىلىپ كىتەلەيتتى. ئەمما ئۇ رازى ئىدى. بۇگۇنكى كۈنگە كەلگەندە، مەن ئۇچۇن ئۇ رازى بولاتتى.
بۇنداق ئادەملەرگە تەڭرى بەخىت ئاتا قىلمايىتتى، پەرىشتىلەر مىھرىبانلىق قىلمايىتتى. ئۇلارنىڭ ئاچكۈزلۈك قىلىپ ئىرىشمەكچى بولغىنى قانچە كۆپ بولسا، ئۇتتۇردىغىنىمۇ شۇنچە كۆپ بولاتتى. ئەڭ ئاقكۆڭۈل نەرسە ئادەم، ئەڭ ۋەھشى نەرسە يەنىلا ئادەم.
غالىپنىڭ ماشىنىسىدا مەن تىت-تىت بولۇپ ئولتۇرالمايتتىم. ۋاقىت مىنىڭ بارلىق ھىسياتلىرىمنى ئۇپرىتىپ تۇگەتكەن بولۇپ، مەن ھازىر پەقەت دىلشات بىلەن كۆرۈشۈشنىلا ئويلايىتتىم. ئۇنىڭ قۇچاقلىشى، ئۇنىڭ سۆيۈشى، ئۇنىڭ كەڭ مۈرىسى، ئۇنىڭ قوللىرى، ئۇنىڭ قوشۇما تۇرۇشى مەن پۇتۇن نىيەت-ئىقبالىم بىلەن مۇشۇلارغا ئىرىشىشنى ئويلايىتتىم.
غالىپمۇ ناھايىتى جىددىيلىشىۋاتاتتى، توختىماستىن سائىتىگە قارايىتتى، تەرىنى سۇرتەتتى. جۇرئەت بەكمۇ قەبىھ بولۇپ، غالىپنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ھەيۋىسىنى كۆرسەتمىگىچە بولدى قىلمايىتتى. غالىپ ئۆزىنىڭ ساق-سالامەت كىتەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەيىتتى.
قىزىل چىراق.
شوپۇر قىزىل چىراقنى كۆرۈپ ئاغزىنى بۇزدى، مەن مەقسەتسىزلا كوچا تەرەپكە قارىدىم.
ۋاقىت مۇز بولۇپ قاتتى.
مەن ئاخىرى ئۇنى كۆردۇم.
دەل ئاشۇ ئادەم ئىدى، مەيلى ئۇ بىر زەررە چاڭ-توزانغا ئايلىنىپ كەتسىمۇ مەن ئوخشاشلا ئۇنى تونىۋىلاتتىم.
مىنىڭ دىلشىتىم.
مەن ئىشكنى ئاچتىمدە، ساراڭلاردەك يۇگۇرۇپ كەتتىم.
-گۈلشات، نىمە ئىش قىلۋاتىسىز؟ قايتىپ كىلىڭ-ۋاقىرىدى غالىپ.
مەن قىلچە پەرۋا قىلمىدىم. مىنى ھىچكىم توسالمايىتتى، ئۆلۈممۇ توسالمايىتتى.
غالىپمۇ ماشىنىدىن سەكرەپ چۇشتى-دە، ئارقامدىن مىنى قوغلاپ كەلدى.
-خوجايىن، ئىھتىيات قىلىڭ-ئالاقىزادىلىك بىلەن ۋاقىرىدى شوپۇر.
-دىلشات!-مەن بىر تەرەپتىن چاقىرىپ، بىر تەرەپتىن يۇگىرەيىتتىم.
ئەمما دىلشات ماڭا پەرۋا قىلمايىتتى.
-دىلشات!-مەن يىغلىغىنىمچە چاقىراتتىم.
ئۇ داۋاملىق ئالدىغا قاراپ ماڭاتتى، غالىپ بولسا ماڭا يىتىشىۋالاي دەپ قالغان ئىدى.
-دىلشات!!!-مەن كانىيىم يىرتىلىپ كەتكۈدەك ۋاقىرىدىم. مىنىڭ بۇ ئىچىنىشلىق ئاۋازىم پۇتۇن شەھەرنىڭ كوچىللىرىنى يىرىپ ئۆتۈپ، كىشلەرنىڭ قەلبىنى تىترەتتى.
ئۇ ئاخىرى ئارقىغا بۇرۇلدى، خۇددى تۇنجى قىتىم كۆرۈشكەندىكىگە ئوخشاش، كۆزلىرىنىمۇ چىمچىقلاتماستىن، ماڭا ھاڭۋىقىپ قاراپ تۇراتتى.
بىر پاي ئوق ئاۋازى.
ئىككى پاي ئوق ئاۋازى.
غالىپ ئاستا-ئاستا يەرگە يىقىلدى.
مەنمۇ ئاستا-ئاستا يەرگە يىقىلدىم.
ئىككىمىز ئاجايىپ بىر بۇلۇڭ ھاسىل قىلىپ ئىككى تەرەپكە يىقىلغان ئىدۇق.
ئۇدۇلدىكى ئىگىز بىنانىڭ ئۇستىدە بىر مەرگەن قورالىنى يىغىشتۇردى.
-جۇرئەت ئاكا، مۇشۇنداق چىرايلىق بىر ئايالنىمۇ ئۆلتۈرىۋەتتۇق. بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق!-دىدى ئۇ ئىچىنغان ھالدا.
-سەن نىمى بىلىسەن. گۈزەللىك دىگەن ئاپەت-دىدى جۇرئەت كوچىنىڭ ئوتتۇرىسدا ياتقان ماڭا سوغۇق قاراپ.
مەن كوچىنىڭ ئوتتۇرىسدا ئوڭدىسىغا ياتاتتىم. چاچلىرىم ھەر تەرەپكە يىيىلغان بولۇپ، بۇلدۇقلاپ چىققان قان بىردەمدىلا ھەممە يەرنى بويىۋەتكەن ئىدى. چىچىمنىڭ قارىلىقى، قاننىڭ قىزىلىقى، يۈزۈمنىڭ ئاقلىقى، ھەر خىل رەڭلەر بىر-بىرىگە سىلىشتۇرما بولۇپ، دەرىجىدىن تاشقىرى كۆز چاقاتتى.

تەقدىر، ئىنتىلىش، ھايات، ۋاقىت، يەنە مۇھەببەت......
ھاياتىمنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا مەن ئۇلارنىڭ سىرىنى بارغانسىرى چۇشنىۋاتاتتىم.
-گۈلشات، نىرى تۇرماي نىمە قىلۋاتىسەن-دىدى بىر سىمىز ئەر دىلشاتنى كۈچەپ ئىتتىرىپ.
-ۋارس تاغا، ئۇنى نىمە دەپ چاقىردىڭىز دەپ سورىدى-يىنىدىكى بىر ئورۇق.
-گۈلشات دىدىمغۇ-دىدى ۋارس تاغا.
-ئۇنىڭ ئىسمى قانداق گۈلشات بولىدۇ-دىدى ئورۇق كۈلۈپ.
-ھەي، ئۇنىڭ ئاجايىىپ تارىخى بار-دىدى ۋارس تاغا سىرلىق قىلىپ-بۇلتۇر ئولۇغچاتتا بولغان پارتىلاشنى بىلىسەنغۇ؟ ۋاھ...ئۇ ئوتنى دىمەيسەن، تولۇق ئۈچ كىچە-كۈندۇز ئۆچمەي كۆيدى ئەمەسمۇ. ئۇنىچۇ، مەن شۇ ۋاقىتتا ئوتنىڭ ئىچىدىن قۇتۇلدۇرىۋالغان، ئۇنىڭ ئۇ ۋاقىتتىكى ھالىتىنى بىر دىمە، پۇتۇن بەدىنى قان، قولىدا بىر ئۆلۈكنىڭ يىرىم بىلىكىنى قۇچاقلىۋاپتىكەن دىگىنە، ئالامەت قورقۇنۇچلۇق. ئۇنى قۇتقۇزىۋالغاندىن كىيىن، ئۇنىڭدىن گەپ سورىسام ھىچنىمىنى دەپ بىرەلمىدى. توختىماي<<گۈلشات، گۈلشات.....>>دەپلا پىچىرلايدۇ، بەلكىم ئۇنىڭ بىرەر تۇققىنى بولسا كىرەك. مەن بىر قايتىلاپ دىسەم ئۇ سەل ئىسىگە كەلگەندەك بولدى. ئەگەر سەن ئۇنى گۈلشات دەپ چاقىرمىساڭ، ئۇنىڭ سەن بىلەن قىلچە كارى بولمايدۇ.
-بولدى دىمىگىنە، نىمانداق ئىچىنىشلىق-ئورۇق ۋارس تاغىنى تارتىپ تۇرۇپ دىدى-تىزرەك ماڭايلى، بولمىسا ئىشنى يىغىشتۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمەيمىز.
-ۋوي نىمە بولدۇڭ؟ ئادەم ئۆلگەننى كۆرمىگەنمىدىڭ؟ يە سىنىڭ ئاناڭ بولمىسا ئۇ، نىمىگە يىغلايسەن؟-دىدى ۋارس تاغا ھەيران بولۇپ.
-مىنىڭ بۇ يىرىم.......-دىدى دىلشات يۈرىكىنى كۆرسىتىپ-بەك ئاغرىۋاتىدۇ......
-قوي ئۇنداق ئاغرىقىڭنى! تىزرەك ماڭ، ھىلى بىكار ھارام ئوق يەپ ئۆلىسەن، نىمە بولۇپ كەتتى بۇ جاھان، ھەي.....-دىدى ۋارس تاغا بىشىنى چايقاپ.
دىلشات مەن ياتقان يەرگە، تەئەججۇپ بىلەن، قىيالماسلىق بىلەن، يىغلاپ تۇرۇپ ئاخىرقى بىر قىتىم قارىدى-دە، كىتىپ قالدى.
ئەڭ ئاخرىدا ئۇ يەنىلا باشقىلار تەرىپىدىن تارتىپ ئىلىپ كىتىلدى.
بىردىنلا يامغۇر يىغىشقا باشلىدى، يامغۇر سۇلىرى مىنىڭ يۈزۈمگە چۇشەتتى، بۇ خىل تۇيغۇ شۇنچە راھەت ئىدى.
كۆز ئالدىم قاپقاراڭغۇ بولۇپ، پۇتۇن نەرسىلەر غايىپ بولغان ئىدى، قالغىنى پەقەت دىلشاتنىڭ سىماسى ئىدى.
<<سىنى ئانچە ئۈزۇن ساقلاتمايمەن.>>
<<كىتىپ قالما، ھەر قانداق ئادەم بىلەن كىتىپ قالما.>>
<<ھەرگىز سىنى يالغۇز تاشلاپ قويمايمەن.>>
<<ھەدە، بىللە ئۆيگە قايتايلى!>>
<<گۈلشات، مەن سىنى سۆيىمەن!>>
<<پەقەت مەنلا بولسام بولمامدۇ؟>>
<<سىنىڭ ئىسمىڭ نىمە؟>>
<<شۇم......>>
دىلشات بارغانسىىرى كىچىكلەپ، ئەڭ ئاخرىدا بىز تۇنجى قىتىم كۆرۈشكەندىكى كىچىك بالىغا ئايلاندى.
ئۇ ئاشۇ يەردە، ۋاقىت نۇرىنىڭ چوڭقۇرلىقىدا، ھاياتنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسدا تۇرۇپ، جىمجىت ھالدا مىنى كۈتىۋاتاتتى.
دىلشات، مىنى كۈت، مەن چوقۇم بارىمەن.
ناھايىتى يىراق، ناھايىتى يىراق، يامغۇر ياغمايدىغان يەرگە، بىز توخو-ئۆردەك باقىمىز. قىرىپ ئۆلگىچە بىللە بولىمىز، مەڭگۈ ئايرىلمايمىز.
مەن پىسسىڭڭىدە بىرنى كۈلدىمدە، ئاستا-ئاستا كۆزۇمنى يۇمدۇم.
ئەگەر راستىنلا ئۆلگەندىن كىيىن قايتا تىرىلگىلى بولسا، بىز قايتا كۆرۈشكەن ۋاقىتتا
ئىنىم،
ئىسىڭدە چىڭ تۇت،
مىنى يەنە بىر سۆي!
===================
تۈگىدى!!!


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىتۆھپەتىللايىغىشسەۋەبى
admin + 30 + 30 + 30جاپا تارتىڭىز ، تېما م.
تەڭرىتاغ + 30 + 30 + 30

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 60 تىللا + 60  + 60  باھا خاتىرىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
كارۋانىم
تىللا
2933
تۆھپە
853
UID
338
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 21:29:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇيدىغانغا ياخشى ئەسەردىن بىرسى تېپىلدى مانا،ھارمىغايسىز قېرىندىشىم،ئەسەرنىڭ ھەجىمى سەل كۆپ ئىكەن،شوڭا ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇيمەن.


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
4469
تۆھپە
1798
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 22:20:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ ، مۇنبىرىمىزنى قوللىغانلىقىڭىزغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن . ئەسىرىڭىزنى مۇنبىرىمىز پات يېقىندا يولغا قويىدىغان مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە قاتناشتۇرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن . مۇنبىرىمىز سىزگە ئوخشاش يازارمەنلەرگە مۇھتاج .


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 1

ئىسمى
تۇرسۇنئاي سۇلتان
تىللا
44
تۆھپە
18
UID
246
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 22:57:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئولتۇرۇشۇمدا بىراق ئوقۇپ تۈگىتىپتىمەن. تەرجىمە ھىكايىڭىز بەكلا  تەسىرلىك ئىكەن.شۇ قەدەر كۆڭلۈم بۇزۇلدىكىن كۆزلىرىمدىن ياش تۆكۈلۈپ كەتتى.ھازىرغىچە يۈرىكىم ئىچىشىۋاتىدۇ..


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
1074
تۆھپە
791
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-3 12:41:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بىزدەك ئەدەبىيات ئوقۇرمىنىگە «چاڭقىغاندا بەرگەن زەم-زەم سۈيى»دەك ئەسەركەن، قولىڭىز دەرت كۆرمىسۇن، ياخشى ئەسەر بىلەن كۈنىمىزنى دۆلەت بايرىمىنى خۇشال ئۆتكۈزىشىمىزگە شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2060
تۆھپە
1056
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-3 14:56:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمىلىرىڭىز مۇنبىرىمىزدىن ئۆزۈلمىگەي؟


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
891
تۆھپە
819
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-3 17:33:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا بۇ ئەسەر مۇنبەرنىڭ تۇنجى نادىر خارەكتېرلىك تور ئەسىرى بوپ قالغۇدەك .


خۇدايىم ھەممىمىزنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزۇن قىلسۇن ، ئەخۇ - ئەھخۇ !!!! . سوغۇق كىرىپ قالدى ، نەۋرىلەر قىلىنراق كىيىنسۇن .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
891
تۆھپە
819
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-3 23:21:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇپ يىرىم بولدى ، قالغىنى ئەمدى ئەتە ئوقۇياي


خۇدايىم ھەممىمىزنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزۇن قىلسۇن ، ئەخۇ - ئەھخۇ !!!! . سوغۇق كىرىپ قالدى ، نەۋرىلەر قىلىنراق كىيىنسۇن .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
891
تۆھپە
819
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-4 00:02:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىلوگىمغا ھەمبەرخىر قىلىپ قويدۇم . ئاپتور رۇخسەت قىلغايسىز


خۇدايىم ھەممىمىزنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزۇن قىلسۇن ، ئەخۇ - ئەھخۇ !!!! . سوغۇق كىرىپ قالدى ، نەۋرىلەر قىلىنراق كىيىنسۇن .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
891
تۆھپە
819
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-4 00:05:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆك رەڭلىك خەت ئازىراق كۆزنى ئاغىرىتىپ قويدىكەن ... مۇمكىن بولسا قارا خەت نۇسخىسىنى ئىشلەتسەك


خۇدايىم ھەممىمىزنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزۇن قىلسۇن ، ئەخۇ - ئەھخۇ !!!! . سوغۇق كىرىپ قالدى ، نەۋرىلەر قىلىنراق كىيىنسۇن .

Rank: 1

تىللا
43
تۆھپە
18
UID
577
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-4 02:29:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋا ئاخىرى ئوقۇيدىغانغا نەرسە چىقىتى


Rank: 1

ئىسمى
ئۇيغۇر ئوغلى
تىللا
35
تۆھپە
11
UID
459
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-4 14:28:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتورغا:
تەرجىمە ھىكايىڭىز ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ، تىلى جەھەتتىنمۇ قايىل قىلارلىق .
بەزى ئورۇنلاردا قويۇلۇشقا تېگىشلىك تىنىش بەلگىلەر قۇيۇلماي قاپتۇ . مۇشۇ تەرەپلەرگە دىققەت قىلىپ كەتسىڭىز.
مىسال: (قويۇلماي قالغان تىنىش بەلگىلەر قىزىل رەڭدە بېرىلدى)
-مەنمۇ سىنى سۆيىمەن،-دىدى دىلشات ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن.
-ياخشىمۇسىز! مىنىڭ ئىسمىم دىلخۇمار،-دىدى خۇمارمۇ ئەدەپ بىلەن، ئەمما ئۇ ئەندىشە بىلەن دىلشاتقا قاراپ قويدى.
  ئىجادىيىتىڭىزگە ۋە تەرجىمە ئىشلىرىڭىزغا تېخىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-4 14:58  



Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
592
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-4 17:26:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاران ئوقۇپ بولدۇم،ئىنكاسنى ئەتە يازاي،،


Rank: 4

ئىسمى
بىغەمزات
تىللا
200
تۆھپە
133
UID
388
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-4 18:15:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىپ-پىكىر بەرگەن دوستلار ئۈچۈن رەھمەت، مەنمۇ ئەسلى بەك ئوچۇق رەڭلەرنى ياخشى كۆرمەيمەن. بۇرۇن ئەسەر يوللىغان ۋاقىتلاردا كۆپىنچە دوستلار، خەتنى ئىنىق ئوقۇغىلى بولمايدىكەن دەپ پىكىر بەرگەنلىكى ئۈچۈن، كۆڭ رەڭدە يوللىغان ئىدىم. بولسا باشقۇرغۇچىلار تەھرىرلەپ رەڭنى تەڭشەپ قويغان بولسا.
تىنىش بەلگىسى توغرىسدا تەكلىپ بەرگەن دوستۇمغا ئالاھىدە رەھمەت ئىيتىمەن، بۇ مەن بىلەلمەي كەلگەن ئىش ئىدى. كەسپىم ئەدەبىيات بولمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۇستىگە مەدەنىيەت سەۋىيەممۇ ئۈنچە يۇقىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن تەرجمىدە كۆپ يىتەرسىزلىكلەر بولىشى تەبىئى، تەكلىپ بىرىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن.
ئاخىرىدا بارلىق دوستلارنىڭ بۇ ئەسەرنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغىنى ئۈچۈن رەھمەت!


Rank: 4

تىللا
249
تۆھپە
95
UID
602
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-4 18:49:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسىرلىككەن


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
891
تۆھپە
819
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-4 23:22:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل : نادىر : يېڭىلىق


خۇدايىم ھەممىمىزنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزۇن قىلسۇن ، ئەخۇ - ئەھخۇ !!!! . سوغۇق كىرىپ قالدى ، نەۋرىلەر قىلىنراق كىيىنسۇن .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
891
تۆھپە
819
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-4 23:26:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر تەسىرلىك مۇزىكا كىرىشىتۇرپ قويساق بولغۇدەك


خۇدايىم ھەممىمىزنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزۇن قىلسۇن ، ئەخۇ - ئەھخۇ !!!! . سوغۇق كىرىپ قالدى ، نەۋرىلەر قىلىنراق كىيىنسۇن .

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
كارۋانىم
تىللا
2933
تۆھپە
853
UID
338
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 18:04:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇشنى باشلاي ئەمدى...


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
891
تۆھپە
819
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 22:14:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەۋسىيە بىر ئوقۇپ بىقىڭلار تەسىرلىك .


خۇدايىم ھەممىمىزنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزۇن قىلسۇن ، ئەخۇ - ئەھخۇ !!!! . سوغۇق كىرىپ قالدى ، نەۋرىلەر قىلىنراق كىيىنسۇن .

Rank: 1

تىللا
20
تۆھپە
18
UID
727
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 23:09:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى بارمۇ قانداق ؟ مەزمۇن تازا تولۇق ئەمەستەك ھىس قىلىدىم ، يەنە بىر قىتىم ئوقۇپ باقايچۇ


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-9 06:47, Processed in 0.153109 second(s), 22 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش