- 出生县
- 哈密市
- 生日
- 1986 يىل 12 ئاي 26 كۈن
- 出生小区
- 回城乡
- 职业
- مۇخبىر
- تىللا
- 6107
- تۆھپە
- 2792
- نادىر
- 33
- يازما
- 1378
- جۇغلانما
- 16581
- ھوقۇقى
- 200
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-5
- تىزىملاتقان
- 2011-8-3
- UID
- 6
  
- تىللا
- 6107
- تۆھپە
- 2792
- UID
- 6
   
|  |  |  |  | قازاقىستان ئاياللىرى كەمسىتىشكە ئۇچرايدىغان دەۋر گويا ئاللىقاچان تارىخقا ئايلانغاندەك قىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە قانۇنلىرىنى ۋاراقلىسىڭىز، ئاياللارنىڭ شەخسىيىتى (جىسمانىيىتى) ۋە ئەركىنلىكىنىڭ دەخلى–تەرۇزگە ئۇچرىمايدىغانلىقىغا ئائىت ماددىلارنى كۆرەلەيسىز .جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى ، قازاقىستان دۆلىتىدىكى بارلىق ئورۇنلاردا ئايال خىزمەتچىلەر بار، ھەتتا نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە قازاقىستان ئاياللىرى ئاساسىي قوشۇنغا ئايلانغان . بۈگۈنكى قازاقىستاندا ئاياللار ھەقىقەتەن ‹‹يېرىم دۇنيا›› . ھالبۇكى ، ئاياللار مۇھىم رول ئويناۋاتقان مانا مۇشۇنداق بىر جەمئىيەتتە ، جەمئىيەتنىڭ بەزى بۇلۇڭ–پۇچقاقلىرىدا، نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەردە، ھەر كۈنى دېگۈدەك ئاياللار خورلۇققا، زۇلۇمغا ئۇچراشتەك زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بېرىۋاتىدۇ . بۇ بىر يۈرۈش سۈرەتلەردە ئالمائاتادىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاياللارغا ياردەم بېرىش ، قوغداش مەركىزىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاياللارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ، بۇ قوغداش مەركىزى ياردەم سورىغانلارغا پىسخىك مەسلىھەت ۋە قانۇنىي ياردەم بېرىدۇ. بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكىسىدا ئىپادىلىنىشىچە ، قازاقىستان دۆلىتىدىكى %60 ئايال ئۆمرىدە ئاز دېگەندىمۇ بىر قېتىم جىسمانىي ياكى جىنسىي زورلۇقنىڭ زەربىسىگە (ئائىلە ۋە جەمئىيەتتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ زەربىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئۇچرايدىكەن . قازاقىستان ئاياللىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ چوڭ ئازاب ئائىلىنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىدىن ، يەنى بىز ئادەتتە تىلغا ئالىدىغان ئائىلە زۇلۇمى قىلمىشىدىن ھالقىپ كەتمەيدۇ . ئاياللارنىڭ ئائىلىدە زۇلۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى پەقەت ئېرىنىڭ خورلىشى، دۇمبالىشىنى كۆرسىتىپلا قالماي ، يەنە ھەمىشە ئوغلى ، ئاتىسى ، ئاكا–ئۇكىلىرى ، سۆيگىنى ، نىكاھسىز بىرگە تۇرغان ئادىمىنىڭ زوراۋانلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىشىنىمۇ كۆرسىتىدۇ . ئائىلە زۇلۇمىدىن ھەتتا ھامىلىدارلارمۇ قۇتۇلالمايدۇ . ئائىلە زۇلۇمى ۋەقەسىدىكى ئايال زىيانلانغۇچىلارنىڭ سانى جىنايى ئىشلار زوراۋانلىق دېلولىرىدىكى زىيانلانغۇچىلار سانىنى نەچچە قاتلايدۇ ، بىراق ئالدىنقىسىغا قايتۇرۇلغان ئىنكاس كېيىنكىسىدىن خېلىلا ئاجىز. ئاساسلىق سەۋەب شۇكى ، خېلى بىر قىسىم قازاق ئاياللار ، بولۇپمۇ ئىقتىساد ، مەدەنىيەتتە قالاق رايونلاردىكى ئاياللار ئىدىيە جەھەتتە بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلغان . ئۇلار ئاياللارنىڭ تاياق يەپ خورلىنىشىنى ئۆزگەرمەس ھەقىقەت ، دەپ بىلىپ ، سەۋر قىلىدۇ . ھېسابلىنىشىچە ، ھەر يىلى قازاقىستاندا يۈز بېرىدىغان ئائىلە زۇلۇمى ۋەقەسى نەچچە تۈمەن قېتىمغا يېتىدىكەن ، بۇنىڭ ئىچىدىكى %95 زىيانلانغۇچى ئاياللار ئىكەن . ئانالىزدا ئىپادىلىنىشىچە ، ئائىلە زۇلۇمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىرىنچى سەۋەب ئەرلەرنىڭ ھاراقكەشلىكى ئىكەن . سوتسىئولوگ (جەمئىيەتشۇناس) لارنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە ، ئەگەر قۇرامىغا يەتكەن بىر ئەر ھەر ھەپتىدە تۆت قېتىمدىن ئارتۇق ھاراق ئىچسە ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئايال ھەمراھى (ئايالى، سۆيگىنى، نىكاھسىز بىرگە تۇرغان ئادىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ئۇچرايدىغان تەھدىت ھاراق ئىچمەيدىغان ياكى ئاز ئىچىدىغان ئەرلەرنىڭ ھەمراھىنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن . يېقىنقى بىر قانچە يىلدا، قازاقىستاندا ئائىلە زۇلۇمى ۋەقەسى ۋە ئاياللارنىڭ جىسمانىيىتىگە قارىتىلغان جىنايى ئىشلار دېلولىرى كۆپىيىپ قالدى ، ھاراقكەشلىكتىن باشقا، يەنە زەھەر چېكىش ۋە ‹‹تۆۋەن›› جىنسىي ھەرىكەت تەشۋىقاتى كۆپەيدى . ئاياللار مۇشۇ سەۋەبتىن يالغۇز ئادەتتىكى زىيانكەشلىك ياكى جىنسىي دەخلى–تەرۇزگىلا ئۇچراپ قالماي ، ئۆلتۈرۈلۈش ، قىيناپ ئېغىر مېيىپ قىلىپ قويۇش قاتارلىق ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئۇچراۋاتىدۇ . تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، دائىم ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچرايدىغان ئاياللار ھەمىشە ‹‹خورلانغان ئاياللار ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى›› دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل كېسەلگە ئاسانلا گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن . بۇ بىر خىل پىسخىك كېسەللىك بولۇپ ، بۇنىڭغا گىرىپتار بولغان ئاياللار يا ئوڭاي ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپ قالىدىكەن ، يا بولمىسا بىپەرۋا بولۇپ كېتىدىكەن ، ئۇلارنىڭ پىسخىك ھالىتىگە ھۆكۈم قىلىش ئىنتايىن تەس بولىدىكەن ، بىراق ئادەتتە بۇ بىمارلارنىڭ ئىپادىسى نورمال كىشىلەرنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولىدىكەن . ئاياللار بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالسا، ئاقىۋەتتە يا ئېرىنىڭ خورلىشى سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىدىكەن ، يا ئېرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ ئۆزى ۋە بالىلىرىنى قوغدايدىكەن. ئائىلە زۇلۇمى ۋەقەسىنىڭ يەنە بىر قورقۇنچلۇق ئاقىۋىتى — ‹‹ئىرسىيەتلىك›› لىكى . %80 ئائىلە زۇلۇمى ۋەقەسى بالىلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا يۈز بېرىدۇ . بالىلار كىچىكىدىنلا ئاتىسىنىڭ ئانىسىنى دۇمبالاش ‹‹تەربىيە›› سىنى قوبۇل قىلىدۇ . بۇنداق بالىلار ئۆيلۈك–ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن ، ھەمىشە يېڭى ئائىلە زۇلۇمى ۋەقەسىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىلەر بولۇپ قالىدۇ . قازاقىستان ئاياللىرىنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشى ، بولۇپمۇ ئائىلە زۇلۇمى دېلولىرىنىڭ كۆپىيىشى ئاللىقاچان ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققەت–ئېتىبارىنى قوزغىدى . ئالاقىدار ئەربابنىڭ كۆرسىتىشىچە ، ئائىلە زۇلۇمى ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى توسماقچى بولىدىكەن ، ئەڭ ياخشى چارە بىر مەخسۇس قانۇن تۈزۈش ھەم مۇناسىپ ئىجرا ئورگىنى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەن . قانۇندا ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا قارىتا ئېلىپ بېرىشقا بولمايدىغان بەزى قىلمىشلىرى ئېنىق بەلگىلىنىشى ھەم ئاياللارغا قارىتىلغان كونكرېت قوغداش دائىرىسى بېكىتىلىشى كېرەك ئىكەن .











|  |  |  |  |
|
|