كۆرۈش: 136|ئىنكاس: 3

نەشپۈتنىڭ شىپالىق رولى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسمى
يۈسۈپجان
تىللا
210
تۆھپە
134
UID
731
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 14:04:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     نەشپۈت كىشىلەرگە تۇنۇشلۇق بولغان بىر خىل ياغاچ غوللۇق ئۇسۇملۈك مىۋىسى تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق، كۆڭۈلگە ھۇزۇر بېغىشلاش،يۇرەكنى،مېڭىنى قۇۋۋەتلەش،ئۆپكىنى ياشارتىپ بەلغەمنى بوشىتىش،چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
    نەشپۈتنى مۇۋاپىق ئىستىمال قىلسا جىگەر كېسەللىكى،ئۆپكە كېسەللىكى،جىددى ۋە ئاستا خارەكتىرلىك كاناي ياللۇغى، يۇقۇرى قان بېسىم،كۆز قاراڭغۇلىشىش،كۆز تورلىشىش،يۇرەك قالايمىقان سېلىش،جىگەر قېتىش،باش قېيىش،ھۆتۇتۇش،قۇلاق غۇڭۇلداش،گال قۇرۇش،ئاۋاز بۇغۇلۇش گال ئېچىشىش ۋە ئاغرىش،قەۋزىيەت،يۈرەك كېسەللىكى،سىيگەكلىك قاتارلىق كېسەللىكلەر ئۈچۈن شىپا بولىدۇ. شۇنداقلا مېڭىنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ئولتۇرغۇچى نېرۋىلارنىڭ ھەركىتىنى ياخشىلايدۇ، بەدەندە مىۋە مېنرال تۈزلىرىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان چىش مىلىكلىرىنىڭ قانىشىغىمۇ شىپا بولىدۇ.
       سىقىلغان سۈيى بىلەن بىھىنىڭ سىقىلغان سۈيىنى قۇشۇپ ئىستىمال قىلسا،سۆڭەك ئاغرىش،كاناي قۇرۇش،سۈيدۈك يولى ئېچىشىپ ئاغرىش،سەپرادىن بولغان ئىچى سۈرۈشلەرگە پايدا قىلىدۇ. نەشپۈتنىڭ سىقىلغان سۈيىنى ئىچسە زاتىل،كېزىك كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدۇ. نەشپۈت دەرىخىنىڭ يىلتىزىنى قاينىتىپ ئىچسە قەنت سىيىش (دىئابىت) كېسەللىكى ئۈچۈن ياخشى دورا بولىدۇ،ئىششىقنى ياندۇرىدۇ.
        نەشپۈت ئۇرۇقى زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە،نەشپۈت ئۇرۇقىنى ئىزىپ يىلان،چايان ،ھەرە ۋەباشقا زەھەرلىك ھاشاراتلار چاققان،غالجىر ئىت چىشلىگەن ئۇرۇنلارغا باسسا زەھەرنى قايتۇرىدۇ.
     نەشپۈتنىڭ يۇپۇرمىقىنى سىقىپ سۈيىنى بەدەنگە ۋە يۈزگە چىققان ھەرخىل مۇدۇر چاقىلارغا سۇركىسە پايدا قىلىدۇ. نەشپۈتنىڭ يۇپۇرمىقى بىلەن چىلاننىڭ يۇپۇرمىقىنى بىرلەشتۈرۈپ سوقۇپ،بۇۋاسىر (گېموروي) غا چاپسا قان كېلىشنى توختىتىدۇ.  
     نەشپۈتنى كۆپ ئىستىمال قىلسا،سوغۇقچان،ئاشقازىنى ئاجىز كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ،قورساقنى كۆپتۈرىدۇ ۋە ئاغرىتىدۇ،شۆلگەينى كۆپەيتىۋېتىدۇ،شۇڭا نەشپۈتنى ئاچ قورساق يىمەسلىك ،يەپ ئارقىدىن سۇ ئىچمەسلىك،گۆش يىمەسلىك لازىم.

0123026cscq7shkcqkzm26.jpg



Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
891
تۆھپە
819
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 15:34:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى بىلىۋالدىم ، ئادەتتە بەك يىيشىلىك بولغاچقا يەۋىرىدكەنمەن . ئەسلى مۇنداق شىپالىق رولىمۇ بار ئىكەن دە . نەشپۇت بىلەن تۇخۇمنى بىرگە يىسىمۇ بولمايدۇ دەپ ئاڭلىغان شۇنداقمۇ ياقمۇ ؟
     بىز ئادەتتە قوغۇن ، تاۋاز مىۋە چىۋە يىسەك سوغۇق كەلمىسۇن دەپ بىرە زىق كاۋاپ يەپ قويۇمىز ، دىققەت قىلساق بولغۇدەك ئەمدى .


خۇدايىم ھەممىمىزنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزۇن قىلسۇن ، ئەخۇ - ئەھخۇ !!!! . سوغۇق كىرىپ قالدى ، نەۋرىلەر قىلىنراق كىيىنسۇن .

Rank: 1

تىللا
4
تۆھپە
2
UID
825
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 15:38:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2011-10-10 15:34
ئەمدى بىلىۋالدىم ، ئادەتتە بەك يىيشىلىك بولغاچقا يەۋى ...

تۇخۇم دىگەن قىتىق بىلەن چىقىشمايدۇ ، باشقا نەرسىلەر بىلەن تۇخۇمنى ئالدى كەينى قىلىپ يىسە مىنىڭچە بەدەنگە تەسىرى يوق


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
1688
تۆھپە
1104
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 07:46:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ كۈنلەردە سايدۆڭگە بارغۇم كېلىپ كەتتى!


نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-9 06:39, Processed in 0.061123 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش