ئوتۇنچى بوۋاي
بۈگۈندىن غەم يەيدۇ ، ئەتىدە گۇمان، جاپالار مۈكچەيتكەن ئوتۇنچى بوۋاي. يىرتىلىپ بارماقتا كۆك ئاسمان ئەنە، باغرىدا چاراسلاپ كۆيمەكتە موماي.
ھاسىسى قولىدا تىترەيدۇ دىر-دىر، يۈرەكنىڭ دولقۇنى ئاجىزلاپ كەتكەن. بىر ھارۋا ئوتۇندا مىڭ ھارۋا ئۈمىد، ئوتۇننىڭ چوغلىرى بۇرۇنلا ئۆچكەن.
ئاسماندا قۇياش يوق، يۇلتۇزلار يىغلار، ئاي نەدە قۇياشنى ئىزدەپ يۈرگەندۇ؟ جاپالار مۈكچەيتكەن ئوتۇنچى بوۋاي، تاشلاندۇق يۇيغۇچقا قاراپ ئويلايدۇ.
داتلاشقان كەكىدە يىغلايدۇ قارچۇق، شۇتىسى قايرىلغان ھارۋا ئوخلايدۇ. سۈپۈرگە كۆيمەكتە قارلار ئاستىدا، ئوتۇنچى بوۋاينى غەملەر يوقلايدۇ.
يىغلايدۇ بۇقۇلداپ قاچا-قۇچىلار، ئۆي ئىچى گوياكى زىمىستان قىشتەك. ئويغانسا ھەممىسى ئەسلىگە كېلەر، بىلىنەر بۇ ئىشلار بوۋايغا چۈشتەك.
ئىشىككە قارايدۇ پات-پاتلا بوۋاي، كىرىدىغاندەكلا مومىيى كۈلۈپ. خوخىدەك سانجىلغان دەردلەرنىڭ قولى، باغرىدا كۈل بولار گۈرۈلدەپ كۆيۈپ.
ماغدۇرسىز تۇرقىدىن تاشلار چېقىلار، يۈرىكى موماينىڭ كەينىدىن كەتكەن. قەلبىدە بىر ئوت بار مۇقەددەس بىر ئوت، نى بوران-چاپقۇن ھەم جۇدتا ئۆچمىگەن.
كۈندۈزلەر يىغلايدۇ چاناقلىرىدا، كېچىلەر زۇلمەتلىك شۇقەدەر ئۇزۇن. بوۋاينىڭ دەردىگە دەردلەرنى قوشۇپ، مومىيى كەتكەچكە ئۇنىڭدىن بۇرۇن. |