" v& S: l1 U, x% k" A0 S: e$ Q«ئالتۇن تېپىۋالسىمۇ كۆز سالمىغان» پىنسىيونېر
$ A3 o4 F1 \5 R ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراخمان ، ئابلەت ئابلىز خەۋىرى : «مەن بىر دانە سومكا تېپىۋالدىم ، سومكىدا 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك نەق پۇل بار ئىكەن ، سومكىنى يىتتۈرۈپ قويغۇچى چۇقۇم بەك تىت-تىت بولغاندۇ؟» 7-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە، ئونسۇ ناھىيەلىك خەلىق تەپتىش ميەھكىمىسىدىن پىنسىيەگە چىققان كادىر تۇنياز ھامۇت ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا، تەپتىش مەھكىمىسىگە كېلىپ، ھېلىقى تېپىۋالغان سومكىنى باش تەپتىش دىلشات ئىسمايىلغا بىرىپ، ئۇنىڭغا سومكا ئىگىسىنى تېپىشقا ياردەملىشىشنى ئېيىتتى.
$ u, P9 \$ y* y9 ?+ X$ G( t تۇنياز ھامۇت بىزگە مۇنداق دېدى : شۇ كۈنى كەچتە ئايالىم ، ئوغلۇم ۋە قىزىم تۆتەيلەن سىرتقا سەيلە قىلغىلى چىققان ئىدۇق، بىز ئونسۇ ناھىيەلىك سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش مۇلازىمەت ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ، يول بۇيىدا بىر دانە سومكا تۇرغانلىقىنى كۆردۇق، شۇنىڭ بىلەن سومكىنى ئېلىپ ، ئېچىپ قارىساق ، ئىچىدە 10135 يۈەن نەق پۇل ، تۆت دانە بانكا كارتىسى ۋە ئۈچ بولاق تاماكا قاتارلىق نەرسىلەر بار ئىكەن . مەن سومكىنى يىتتۈرۈپ قويغۇچى چۇقۇم بەك تىت-تىت بۇلۋاتقاندۇ ، دەپ ئويلاپ ، ئالدىراپ ئىدارىگە قايتىپ باردىم ھەم سومكىنى شۇ كۈندىكى نۆۋەتچى رەھبەر ، باش تەپتىش دىلشات ئىسمائىلغا تاپشۇرۇپ بەردىم.
% T6 t2 d: U" t8 W- Z ئىگىلىشىمىزچە ، باش تەپتىش دىلشات ئىسمائىل دەرھال ئونسۇ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ، سومكىنى يىتتۈرۈپ قويغۇچىنى تېپىشىپ بىرىشكە ياردەم قىلىشنى ئۆتۈنگەن. ج خ ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر بۇ ئىشقا جىددى قاراپ ، سومكا يىتتۈرگۈچىنى دەرھال ئىزدەشكە ئادەم ئۇرۇنلاشتۇرغان . نەتىجىدە ، ج خ ئىدارىسىدىكى كادىر-ساقچىلارنىڭ سومكا يىتتۈرگۈچىنى ھەر تەرەپتىن ئىزدىشى ئارقىلىق ، سومكا ئىگىسى ئاخىر تېپىلغان. سومكا ئىگىسى ئەنخۇي ئۆلكىسىدىن ئاقسۇغا كەلگەن تىجارەتچى بولۇپ ، ئۇ ئونسۇ ناھىيەسىگە ئىش بېجىرگىلى كەلگەندە ئېھتىياتسىزلىقتىن سومكىنى يىتتۈرۈپ قويغان ئىكەن .
. d& D1 J8 v& c 26 -ئىيۇل ، ئونسۇ ناھىيەلىك خەلىق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ رەھبەرلىرى سومكىنى ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ئارقىلىق ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن . سومكا ئىگىسى سومكىدىكى پۇل ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ تۇللۇق ئىكەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئىنتايىن تەسىرلەنگەن ھەم بۇ ئۇيغۇر پىنسىيونېر تۇنياز ھامۇتنىڭ « ئالتۇن تېپىۋالسىمۇ كۆز سالمايدىغان» ئېسىل پەزىلىتىگە ئاپىرىن ئېيتىپ، تەپتىش مەھكىمىسىگە لەۋھە تەقدىم قىلغان .
- f. J2 a* P3 T, f( \4 D/ O