تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 64|ئىنكاس: 2

ئۇيغۇرلاردا ئائىلە ئىستىلى ۋە ئائىلە تەربىيەسى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
1594
تۆھپە
636
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 15:49:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

# G( |/ ?& a4 p, i# ]ئۇيغۇرلاردا ئائىلە ئىستىلى ۋە ئائىلە تەربىيەسى
' _1 J5 w; ]$ v- P, Y/ M8 M* n) s- H5 h* d* f& \" Z6 i
ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئائىلە ئىستىلىغا يۈكسەك ئېتىبار بىلەن قاراشقا ئادەتلەنگەن. چۈنكى، ئۇلار ئائىلە ئىستىلىنىڭ توغرا ياكى خاتا بولۇشىنى ئۆز ئائىلىسىنىڭ روناق تېپىشى ياكى ۋەيران بولۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھەرقانداق بىر ئائىلىنىڭ ئەزاسى شۇ ئائىلىنىڭ ئورتاق ئىستىلى بەلگىلىگەن دائىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.
/ [" V+ G( v  B9 N8 L1 k% W/ Lئۇيغۇرلاردا ئائىلە تەربىيەسى مۇنداق ئىككى مۇھىم مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرى، ئەخلاقىي تەربىيەگە ئەھمىيەت بىلەن قاراش؛ يەنە بىرى، ئائىلە شەجەرىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئەۋلادلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە دىققەت قىلىشتىن ئىبارەت.2 s, x. l- o+ E8 j, g4 n) V* J
ئائىلە ئەزالىرىغا ئەخلاقىي تەربىيە ئېلىپ بېرىش ئاتا-ئانىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس بۇرچى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىدە كۆز قارىشىدا «ئاتىنىڭ ئىزى بالىغا قالىدۇ» دېگەن ئەقىدە ناھايىتى كۈچلۈك. شۇ سەۋەبتىن قائىدە-يوسۇن بىلمەيدىغان ئەدەبسىز بالىلار چېقىلسا، كىشىلەر ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئەيىبلەيدۇ. «چاقتا گۇناھ يوق، شادىسى بۇزۇق قىزدا گۇناھ يوق، ئانىسى بۇزۇق» دېگەن ماقال ئەنە شۇ ئەنئەنىۋى قاراشتىن چىققان.$ \1 W* _) P/ z6 _
  ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە يۈرگۈزۈلىدىغان ئەخلاقىي تەربىيەنىڭ مەزمۇنى ۋە دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ئومۇمەن ئائىلە ئەزالىرىنى ئەمگەكچان، راستچىل، ئۆزئارا كۆيۈمچان، ئاق كۆڭۈل، ئەقىل–پاراسەتلىك، ئىنساپلىق قىلىپ تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئوغۇل بالىنى تەربىيەلەشنى ئاساسەن ئاتا، قىز بالىنى تەربىيەلەشنى بولسا ئانا ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا بولغۇچى ئوغلىنى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ئارقىسىغا ئەگەشتۈرۈپ، جەمئىيەت بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگىتىدىغان سورۇنلارغا بىرگە ئېلىپ بارىدۇ. ئۆيگە مېھمان كەلسە، بالىسىنى چاقىرىپ مېھمانغا ئەدەپ بىلەن سالام بېرىشكە دەۋەت قىلىدۇ. مېھماننىڭ قولىغا سۇ بېرىشنى مەقسەتلىك ھالدا بالىغا تاپشۇرىدۇ ۋە باشقىلار. ئۇيغۇرلار نەزىرىدە قىز بالا باشقا ئائىلىگە «بالا» بولىدىغان بولغاچقا، قىز بالىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ئۆي تازىلىقى، كىر-قات يۇيۇش، تاماق ئېتىش، تىكىمچىلىك قاتارلىق ئىشلارنى ئۆگىتىدۇ.6 N% F  d; C) x) X
  دېمەك، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئائىلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتكۈل ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە-يوسۇنلار بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ دىلىغا پۈتۈلگەن «خاتىرىسىز ئاساسىي قانۇن» دۇر. شۇ سەۋەبتىن ئۇ تارىختىن بۇيان بىر خىل ئەنئەنىۋى ئادەت سۈپىتىدە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئائىلە قائىدە-يوسۇنلىرىغا خىلاپ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەش ۋە چەكلەش رولىنى ئويناپ كەلگەن ۋە كەلمەكتە.
  M! w/ t. P$ z  r& }; O6 M: j6 b( i! Y( B
مەنبە: سالام ئۈرۈمچى
: m/ w( a, }8 t" e' j+ r& [0 d

Rank: 1

تىللا
4
تۆھپە
2
UID
434
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 16:16:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە بىلۋىلشقا تىگشلك ئىشلاركەن


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
كارۋانىم
تىللا
2628
تۆھپە
562
UID
338
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 18:30:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئائىلىدىكى ئىستىل ۋە ئائىلە تەربىيىسى تولىمۇ مۇھىم...


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-10-10 15:43, Processed in 0.054730 second(s), 21 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش