تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 95|ئىنكاس: 1

فىلىپپىندىكى ‹‹تىرىك–ئۆلۈكلەر قەبرىستانلىقى››[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
4114
تۆھپە
1521
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 11:13:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

5 n. Y. D9 i4 I

فىلىپپىندىكى ‹‹تىرىك–ئۆلۈكلەر قەبرىستانلىقى››


% t/ D  r0 T0 M3 M& T% x

46.jpg

3 d3 S, v; Y( k* G( q9 U- Q8 M$ J( F9 t
   مانىلانىڭ شىمالىدىكى قەبرىستانلىق فىلىپپىن دۆلىتىدىكى ئەڭ چوڭ قەبرىستانلىق، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ جايدا مىڭلىغان–ئونمىڭلىغان فىلىپپىن نامراتلىرى تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. نوت رايونىغا جايلاشقان بۇ ئاممىۋى قەبرىستانلىق ھەرگىزمۇ جىمجىت ۋە قاراڭغۇ ئەمەس، كىشىلەرنىڭ ھەر كۈنلۈك شاۋقۇن–سۈرەنلىرى بۇ جاينى چەكسىز قاينام–تاشقىنلىققا چۆمدۈرۈپ، ئۇنى فىلىپپىننىڭ ئۆزگىچە قەبرىستانلىق نامراتلار مەھەللىسىگە ئايلاندۇرغان. ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مانىلادا 50 مىڭ نامرات ھەرقايسى جايلاردىكى قەبرىستانلىقلاردا ياشايدىكەن.- {( j. q- q. C- {2 M0 c
% k3 }" q5 E2 X; v! x

47.jpg

9 b  m( i4 K" y8 p& j9 v8 ]4 M
   تارىخشۇناسلارنىڭ ئېيتىشىچە، 1884–يىلى نوت قەبرىستانلىقى ئېچىلغاندىن بۇيان، تىرىكلەر ۋە ئۆلۈكلەر تەڭلا كىرىپ ماكانلاشقان. 135 ئاكر (ئىنگلىز موسى) يەرنى ئىگىلىگەن بۇ قەبرىستانلىق دەسلەپتە ئاساسلىقى بايلار ۋە مەشھۇر ئەربابلارنى دەپنە قىلىشقا ئىشلىتىلگەن، ئۆلگۈچىلەرنى كۆمگەندە دائىم قىممەتلىك بۇيۇملار ھەمدەپنە قىلىنىدىغان بولغاچقا، قەبرىگە قارىغۇچى ياللاش زۆرۈر بولغان.0 o1 f% g+ m6 o

0 d" r0 D$ s1 l2 j

48.jpg


: D' D* W! W- i   بىراق ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، بۇ جاينىڭ نوپۇسى شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، تېخىمۇ كۆپ نامراتلار قەبرە تاشلىرى ئارىسىغا كەپە تىكىپ ماكانلاشقان. تۇرالغۇ ئۆي ئىنتايىن قىس بۇ دۆلەتتە، ئەمەلدارلار بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندىمۇ ھېچقانداق تەدبىر قوللىنالمايدۇ. بەزىدە ئۆز ئالدىغا خالىغانچە تۇتاشتۇرۇۋېلىغان توك سىملىرىنى ئۈزۈۋەتكەندىن باشقا، ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرالىشى مۇمكىن ئەمەس.$ c/ z& R& m; m

& Y4 w( g( q1 S1 I4 f. P; A, j

49.jpg


2 x. S- M1 f! L: B  o/ Q   يەر شارىدا بۇنىڭدەك جايلار ئىنتايىن ئاز، نامراتلىق ۋە قىستاڭچىلىق تىرىكلەر ۋە ئۆلۈكلەرنىڭ مانا مۇشۇنداق غەلىتە بىرىكمىسىنى پەيدا قىلغان. بۇ جايدا، دائىم بۇ ياقتا بوۋاق دۇنياغا كەلسە، ئۇ ياقتا بىرى يەرلىكىگە قويۇلىدۇ. بالىلارغا كىچىكىدىنلا ئالەمدىن ئۆتكۈچىلەرنى ھۆرمەتلەش تەربىيەسى بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاستا كېتىۋاتقان دەپنە مۇراسىمى قوشۇنىغا يېقىن ئەتراپتا ئوينىشىغا ياكى ۋاراڭ–چۇرۇڭ قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.2 G/ @" r" e: U  c4 C

& s3 x) _& t4 S9 y

50.jpg


5 P, f5 z9 U% s* j. `2 G% Z( x& u   ھۆكۈمەت تەرەپتە بۇ قەبرىستانلىقتىكى ئاھالىلەرنىڭ تارىخىغا ئائىت مەلۇمات يوق. ئۇلار پەقەت تۇرالغۇسىنىڭ ئۈستىگە بىر پارچە قاڭالتىر قېقىپلا يامغۇردىن پاناھلىنىدۇ. بالىلار بەزىدە مەرمەر تاشتىن ياسالغان قەبرە تېشىنىڭ ئۈستىدە ئۇخلايدۇ، يەنە شۇ تاشنىڭ ئۈستىدە دەرس تەكرارلايدۇ.
& q! i7 A% r, y5 p7 }! x( Z  T1 x: D
. [) a, U9 i# s/ ~% o: D. \( A/ P

51.jpg


* G2 ]3 \) W' I. `' b, h: c$ m   ھەر قېتىم چوڭ بايراملار يېتىپ كەلگەندە، بۇ جايدا ياشايدىغان بەزى كىشىلەر سوزۇنچاق قەبرە تاشلىرىنى ئۈستەل قىلىپ، ئۈستىگە تۈرلۈك يېمەكلىكلەرنى تىزىپ بايرامنى تەبرىكلەيدۇ. بۇ جايدا سۈيى تارتىلىدىغان تەرەت تۇڭى ياكى تۇرۇبا سۈيى يوق، تار يوللارنى يۇندا بېسىپ كەتكەن. ئۆز ئالدىغا تارتىۋېلىنغان توك سىمى قەبرە تاشلىرىنى چىرماپ تۇرغاچقا، دائىم شەھەر مەمۇرىيىتى ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن كېسىۋېتىلىدۇ.
: y) O  G1 Q% E" ]1 _; f( i6 {9 Z5 _2 G

52.jpg


0 E, O# a- S+ e" Z7 a: s   فىلىپپىن نوت قەبرىستانلىقىدىكى نامراتلار مانا مۇشۇنداق ئەجدادتىن ئەۋلادقىچە بۇ خىل ئۆزگىچە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. بوش ۋاقىتلاردا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا كارا OK ئېيتىدۇ.
, Y1 X' s" z4 p( z& Q( s
' t) D; m# c+ j7 C

53.jpg


* B8 m0 Z/ j: z4 T' i& M   بۇ جايدىكى ئاھالىلەر تىرىكلىك ۋە ئۆلۈمگە ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ قورساقلىق بىلەن  مۇئامىلە قىلىدۇ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆلگەندىن كېيىن داۋاملىق يېقىنلىرى بىلەن بىرلىكتە ‹‹ياشاش›› نى ئوخشاشلا ياخشى تاللاش دەپ قارايدۇ.3 {! j- v# A# c' V  V4 m

& |/ r1 h; v- @2 y/ h

54.jpg


) W. z! O' E5 R/ m" J

55.jpg


6 }4 @( |1 ~' g: I7 Y! ]

56.jpg

* ~, H" u* B1 l1 ~

57.jpg


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 4

ئىسمى
قاراقاش
تىللا
214
تۆھپە
109
UID
312
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 11:28:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ ئاللا بەرگەن كۈنىڭىزگە شۈكرى


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-10-10 15:43, Processed in 0.060826 second(s), 23 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش