مەسئۇلىيەت بىلەن مەسىلە
مەسئۇلىيەت بىلەن مەسىلىنى بىر-بىرسىدىن ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ. مەسئۇلىيەتچانلىق مەسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ، مەسىلىدىن قورقۇپ قالمايدۇ، مەسىلىنى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشنىڭ پۇرسىتى دەپ قارايدۇ. مەسىلە كېلىپ چىقمىسا ئۆزگىرىش، تەرەققىيات، مۇكەممەللىككە يۈزلىنىش بولمايدۇ. بۇنداق دىگەنلىك قەستەن مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقىرىش دىگەنلىك ئەمەس. ھەرقانداق مەسىلە ھەل قىلغىلى بۇلىدىغان نەرسە، مەسىلە ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان قانۇنىيەت ئەمەس. تەرەققىيات ئۈچۈن ئۆزگەرتىش، يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدا مەسىلە كېلىپ چىقىشتىن ساقلانغىلى بولماسلىغى مۇمكىن. كېلىپ چىققان مەسىلىنىڭ ھەممىسى يامان ئىش بۇلۇشى ناتايىن. مەسىلە ئارقىلىق يۇچۇقنى ۋاختىدا بايقىغىلى، تېخىمۇ ئەتراپلىق ئويلانغىلى، ئەڭ ياخشى تەدبىر-ئۇسۇلنى يولغا قويغىلى بولىدۇ. بۇنداق مەسىلىلەر مەسئۇلىيەتنى سىنايدۇ ھەم مەسئۇلىيەتنى پىشىپ يىتىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ.مەسىلە ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇش ئۈچۈن، مەسئۇل بولغۇچىدىن ئەقىل-پاراسەت، تەمكىنلىك، قارار چىقىرىش، تاللاش جەھەتلەردە ئۈستۈنلىگى بۇلۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن مەسىلە مەسئۇلىيەتسىزلىك تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ھەل قىلالماسلىق ئىقتىدارسىزلىق بولسا، ھەل قىلماسلىق مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر. مەسىلىلەر تاشلىنىپ قالسا خىزمەت پوزىتسىيىسىدىكى، خىزمەت ئىقتىدارىدىكى، خىزمەتچى ئىشلىتىشتىكى ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن بولىدۇ. مەسىلىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتىن قورقۇش، مەسىلە بايقالسا يانداپ ئۆتۈپ كىتىش، مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە ئارتىپ قويۇش ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك بولۇپ، بۇنداق ئەھۋال مەسىلىلەرگە كۆز يۇمۇۋالىدىغان ئومۇمىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ قۇيۇدۇ. مەسئۇلىيەت مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ ھەم مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ مەسىلە بىلەن كارى بولمايدۇ. بۇ جەھەتتىن مەسئۇلىيەت بىلەن مەسىلە سەۋەب-نەتىجىلىك مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. ئادىل، كەسكىن ھالدا مەسىلە ھەل قىلىدىغانلار مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالايدۇ. ئەكسىچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدىغانلار مەسۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرىدۇ، باشقىلارغا تاشلاپ قويىدۇ. خىزمەت مۇناسىۋىتىدە يۇقۇرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىگى تۆۋەننىڭمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىگىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسئۇلىيەتسىزلىك يۇقۇدۇ، شۇنداقلا مەسئۇلىيەتچانلىقمۇ يۇقىدۇ. خىزمەت مۇھىتىدا تۆۋەننىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، يۇقۇرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرمەسلىك نارازىلىقنى، ئۈمىتسىزلىكنى، ئادەتلىك مەسئۇلىيەتسىزلىكنى، ۋاز كىچىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاقىۋەت، مەسئۇلىيەتسىزلىك سۈرۈشتۈرۈلمىگەن يەردە كوللىكتىپنىڭ مەنپەتىنى خالىغانچە ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدىغان، كوللىكتىپنىڭ مەنپەتىنىڭ قانداق بولۇپ كىتىشى بىلەن كارى بولمايدىغان، يۇچۇقتىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇپ كېتىپ، مەسىلە ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارنى ئوچۇغدايدىغان، خىيانەتچىلىك قىلىشتىن تەپ تارتمايدىغان چىرىكلىك ئەۋىج ئېلىپ كىتىدۇ. چىرىكلىك ئەۋىج ئالغان يەردە ئىش ئالغا باسمايدۇ، تەرەققىيات توختاپ قالىدۇ ياكى چىكىنىدۇ، نامراتلىق تۈگىمەيدۇ. مەسئۇلىيەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلىش دىگەنلىكتۇر. مەسئۇلىيەت مۇلازىمەت ئېڭىنىڭ قانداقلىغىغىمۇ باغلىق بولىدۇ. كەسىپنى قىزغىن سۆيمىسە، ئاكتىپ-تەشەببۇسكاربولمىسا، ئۆگىنىش روھى بولمىسا مەسئۇلىيەتكە ئادەتلەنگىلى بولمايدۇ. كوللېكتىپ ئىچىدە دېمكۇراتىك كەيپىيات بولسا، ئىجادى تەكلىپ-پىكىرلەر مۇھىتى بولسا،ئاكتىپ مىخاينىزىم شەكىللىنىپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك پايدىغا ئىرىشەلمەيدىغان ھالەت بارلىققا كېلىدۇ. مەسئۇلىيەت كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ئەمەس، ئىش ئۈنۈمىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇدۇ. ئەگەر مەسئۇلىيەت كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئۆگۈنۈپ قالسا كوللىكتىپنىڭ ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ مەنپەتىنى ئويلاشقان بۇلۇدۇ. مۇشۇ سەۋەپتىن باشقىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرمەيدىغان، كۆز يۇمۇۋالىدىغان ئادەم بىر ئىشلارغا مەسئۇل بۇلۇشقا لايىق كەلمەيدۇ. بۇنداق ئادەملەرنى ئىشلەتكەن ئورۇن مەسىلىلەرنى كۆپەيتىۋالىدۇ. مەسىلىنى بىلىپ تۇرۇپ مەسئۇلىيەتنى تەرتىپكە سالمىسا، مەسىلە ھەل قىلىش ۋاختىدىن زىيان تارتىدۇ.
مەسئۇلىيەتچان ئادەم مەسىلىنى ئۆزى بايقاپ ھەل قىلىپ ماڭىدۇ. مەسئۇلىيەتسىز ئادەم مەسىلىنى بايقىيالمايدۇ ھەم مەسىلىنى ھەل قىلىشنى خالىمايدۇ. مەسئۇلىيەتچان ئادەم كېلىپ چىققان مەسىلىنى يۇشۇرماي ئوتتۇرىغا قۇيۇدۇ ھەم ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قۇيۇدۇ. مەسئۇلىيەتسىز ئادەم مەسىلىنى يۇشۇرىدۇ ھەم يالغان مەلۇمات بىرىدۇ. بارغانسېرى مەسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ كىتىدىغانلىغىنى ھېس قىلىپ يىتەلمەيدۇ. مەسىلىنى ھەل قىلالمىغان ئادەم يالغان مەلۇمات بىرىدۇ.
مەسئۇلىيەت بىجىرىش، يۈرگۈزۈش، ئۈنۈم-نەتىجىلەرنىڭ ئالدىنقى شەرتى. مەسئۇلىيەت ئادىل بولمىسا بولمايدۇ، مەسئۇلىيەتتە ئادىل بولمىسا مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ. مەسئۇلىيەت ئېڭى ئادەمنىڭ ساپاسىغا، كەسىپچانلىغىغا، ئىنتىلىشىغا باغلىق بولىدۇ. مەسئۇلىيەت ئادەمدىكى بۇرۇچ-مەجبۇرىيەتتۇر. مەسئۇلىيەت بەدەل تۆلەش، ئۈلگە بۇلۇشتۇر. مەسئۇلىيەت ئىگە بولۇش، ھۆددىسىدىن چىقىشتۇر. ئەگەر ھۆددىسىدىن چىقالمىسا، ئىگە بۇلالمىسا مەسئۇللۇقنى ۋاختىدا تاپشۇرۇپ بىرىپ، مەسئۇل بۇلالايدىغانلارغا پۇرسەت بىرىش كېرەك. ئائىلىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك نىكاھ مەسىلىلىرىنى، بالا تەربىيىلەشتىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك بالىلارنىڭ يارامسىز چوڭ بولۇپ قېلىشىنى، سالامەتلىكتىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك كېسەللىكنى، خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك ئىشسىزلىقنى، رەھبەرلىكتىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك قالايمىقانچىلىقنى، تۇرمۇشتىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك نامراتلىقنى، ھاياتتىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك بەخىتسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى مەسىلە. بۇ مەسىلىلەردىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك
دىمەك، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كۆرە مەسئۇلىيەتچان بولۇپ خۇشال-خورام ياشىغان ئەۋزەلدۇر.