تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 190|ئىنكاس: 2

ئىگىلىك تىكلەشتە نىشان بولۇشى كېرەك؟[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
998
تۆھپە
538
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىگىلىك تىكلەشتە نىشان بولۇشى كېرەك؟
   


مۇنىرە توختى


   يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسى مەبلەغ كەمچىل بولۇش، تەجرىبىسى يېتەرسىز بولۇش سەۋەبلىك ئىگىلىك تىكلەشكە قۇربى يەتمەي قالىدۇ. بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى مۇنداق دېگەن : ‹‹مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدا، سىز سەۋىرچانلىق بىلەن غەلىبىنىڭ كېلىشىنى كۈتمىسىڭىز، سەۋىرچانلىق بىلەن مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولىسىز››. مېنىڭ قارىشىمچە، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئېنىقلىمىسى بايلىق توپلاشلا بولماستىن، بەلكى مۇھىمى كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى تاكاممۇللاشتۇرۇشى، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يارىتىشىدۇر. شۇڭا ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغانلار چوقۇم ئۆزىنى تونۇشى، ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرى ئۈستىدە ئويلىنىشى كېرەك. بەزىلەر ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ئەمدى قەدەم قويۇشىغىلا، ئازابتىن كۆز ياش تۆكىدۇ.
   سىز مەيلى ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولۇڭ ياكى ئىشلەمچى بولۇڭ، ئۆزىڭىزنىڭ نىشانى بولسۇن. نىشانىڭىز ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولسۇن. ئۇنداقتا نىشانغا قانداق يېتىمىز؟ نۇرغۇن كىشى تەۋەككۈلچى كېلىدۇ، بۇنى كىشىلەرنىڭ ھەر كۈنى نۇرغۇن پۇلغا لاتارېيە بېلىتى سېتىۋېلىشىدىن كۆرۈۋالالايمىز. ئەمەلىيەتتە نىشانغا يېتىش تاماق يېگەنگە ئوخشايدۇ، ھېچكىممۇ تاماقنى بىراقلا يەپ تۈگىتەلمەيدۇ، ياكى تاماقنى بىرلا قېتىمدا كۆپ يەپ سەمرىپ كېتەلمەيدۇ، شۇڭا سەۋىر – تاقەت بىلەن غەلىبە قازىنىشنى كۈتمىگەندە، ئاخىرىدا يۈزلىنىدىغىنى مەغلۇبىيەت بولىدۇ.
   ‹‹مەن نىشانىمغا يېتەلەرمەنمۇ؟›› بەزىلەر ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى بىلەلمىگەنلىكتىن، ئۆزى بەلگىلىگەن نىشانغا يېتەلمەيدۇ. شۇڭا نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يېتەرلىك بايلىق مەنبەسى، ئىقتىدارى ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كۆز قارىشى بولۇشى كېرەك.
   ئىگىلىك تىكلىگۈچىگە نىسبەتەن كەسىپ تاللاش ئەڭ مۇھىم. ئەگەر سىزدە سودا قىلالىغۇدەك تەجرىبە ياكى تەجرىبە سېتىۋالغۇدەك مەبلەغ بولمىسا، كەسىپ تاللىشىڭىز راۋان بولمايدۇ. ئەگەر سىزدە تىجارەت قىلالىغۇدەك تەجرىبە بولمىسا، ئۇنداقتا سىز پەن – تېخنىكا تۈرىدىكى كەسىپتىن نېرى تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرگە يۈرۈش قىلىڭ. گەرچە ئۇنىڭ پايدىسى كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن خېرىدارى كۆپ بولغانلىقتىن، سودىسى نىسبەتەن مۇقىم بولىدۇ.
   ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغان ياشلاردا ئورتاق بىر مەسىلە مەۋجۇت. يەنى، ئۆزىنى ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كېلەمدۇ – يوق، سودا قىلىش تەجرىبىسى بارمۇ – يوق؟ بۇنىڭغا ئاددىي بىر مىسال كەلتۈرسەك، سىزدە 50 يۈەن بولسا، سىز ئۇنىڭغا يېقىن ئەتراپتىكى توپ تارقىتىش بازىرىدىن سەي – كۆكتات سېتىۋېلىپ، ئۇنى ئۆزىڭىزگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىغا ئاپىرىپ سېتىڭ. بىر كۈن ئىچىدە سېتىپ بولالىسىڭىز، بۇ سىزنىڭ سودا قىلالايدىغانلىقىڭىزنى ئىسپاتلايدۇ. ئەگەر سىز بۇ سەينى ساتالمىسىڭىز، ياخشىسى سودا ساھەسىگە قەدەم تاشلىماڭ. 50 يۈەنگە سەي – كۆكتات سېتىۋېلىشقا كەلسەك، ئۇنىڭ ئادەتتە پايدىسى %40 تىن يۇقىرى بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا سىزنىڭ كىرىمىڭىز ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 70 يۈەن بولىدۇ، خىراجەتكە ئون يۈەننى چىقىرىۋەتكەندە، 60 يۈەن پايدا قالىدۇ. بۇ 60 يۈەنگە يەنە داۋاملىق سەي – كۆكتات سېتىۋېلىپ ساتسىڭىز، ئىككىنچى كۈنى 74يۈەن پايدا تاپىسىز، ئۈچىنچى كۈنى 93.6 يۈەن، تۆتىنچى كۈنى 121 يۈەن... مۇشۇنداق داۋاملاشسا، بىر يىلدا سىزنىڭ كىرىمىڭىز قانچىلىك بولىدۇ؟
   بۇ گەرچە جاپالىق تىجارەت يولى بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن سىز كۆپ نەرسىلەرگە ئېرىشىسىز:
   1.دەسلەپكى كىرىم جۇغلانمىسى ۋە جەريانىنى بىلىۋالىسىز.
   2. ئاز دەسمايە سېلىپ، زىيان خەتىرىنى ئازايتالايسىز.
   3. تىجارەتنىڭ جەريانى ۋە ئەھمىيىتىنى بىلىۋالالايسىز.
   4. قانداق قىلىپ باشقىلار بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىشنى ھەمدە سەمىمىي سودىگەر بولۇشنى ئۆگىنەلەيسىز.
   سىز ئۆزىڭىزدە بار بولغان ئەۋزەل شارائىتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىقتىدارىڭىزنى نامايان قىلىڭ، بۇ سودىگەر ھازىرلاشقا تېگىشلىك ساپا.



Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىگىلمەس
تىللا
320
تۆھپە
257
UID
1236
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


     تېمىڭىز پايدىلىشىقا مۇئاپىقكەن.سەۋرىرچابلىق،ئىزچىللىق،جپالىق ئەجىز قايىتماس روھ بولسىلا

  قىلغىىل بولمايدىغان ئىش يوق.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
534
تۆھپە
421
UID
3175

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 19:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسىگە رەخمەت .بۇنىڭدىن كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-2-4 11:44, Processed in 0.069202 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش