چۈشۈمدىكى بىشارەت
(كۆزۈم)
كىرىپ قاپتۇ ئانام چۈشۈمگە. يۈزلىرىمنى سىلىغۇدەك ئۇ، جېنىم بالام يىغلىماڭ ئەمدى، ئاھ زارىڭىز كۆككە يەتتىغۇ.
دەۋاتقۇدەك ئانام قۇچاقلاپ، ئۇماق كىچىك قىز ئىدىڭىزغۇ، مانا ئەمدى سارغىيىپ بەك تىز، شۇنچە بالدۇر جۈدەپ قاپسىزغۇ.
كىتىپ قالدىم بالدۇر ئالەمدىن، دىگەنسىز سىز ئانام بولسىدى. مۇشۇ كۈنگە قالماس ئىدىم ھەم، يۈرەكلىرىم ئەلەمگە تولدى.
جېنىم قىزىم ياتالمىدىم تېچ، چىدىمىدىم تامچە يېشىڭىزغا. سەۋىر قىلىڭ غەيرەتلىك بۇلۇڭ، اللاھ سىنار ھەرخىل ئۇسۇلدا.
بەندىلىرىم بىرەرمۇ بەرداش، ياكى ماڭا بۇلارمۇ ئاسىي، سىناقلارغا بەرداش بەرگەنگە، مەن بىرەرمەن كۈرمىڭ بەخىتنى.
 سەۋىر قىلىڭ قىزىم يىغلىماڭ، ئالدۇرماڭ سىز ئۆزىڭىزنى بۇنداق. دادىڭىز بىلەن ئىككىمىز گۆردە، ئاھلىرىڭىزغا چىدايلى قانداق.
بىردەم تىنىچ ياتالمىدۇق بىز، چىداڭ بالام ئاۋايلاڭ بىزنى، شۇ كۈلپەتلەر بۇلار سايىۋەن، خۇدا بىرەر بۇنىڭ ئەجرىنى.
شۇئان چۈچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم، ياستۇقلىرىم بۇلۇپتىغۇ يول. لېكىن ئانام يوقكەن يېنىمدا ، قېنى چېچىمنى سىلىغان شۇ قول.
ئەتراپ تامام باقتىم ئىزتىراپ، يۈرەكلىرىم بولدىغۇ لەختە. ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ تاشلىدىم، ئەسكە ئالدىم چۈشۈمنى تەستە.
قارا چۈشتىن ئويغانغان پەۋەس، بەدەنلىرىم تىكەنلەشتى ھەم. قىلىپ سالدىم نىمە ئىشلارنى؟ نېچۈن مەرھۇم روھى قىلدى غەم.
ئاتا -ئانام گۆرىدە تىنىچ. ياتالمىدى دەپ يەنە بالام. بالا تۇققان گۇناھمۇ ئەمدى؟ ئولگەندىمۇ قىلمامدىم ئارام.
توغرا كەلدى بېشىمغا كۈلپەت. ھەممە ياقتىن ياغدى ئەلەملەر. چىداشقا راسىت بەرمىدىم بەرداش، كۆز ياشلىرىم ئاقتى دەريالەر.
نېمىشقىمۇ تۇققانسەن ئانا، نېمىشقىمۇ كەتكەنسەن تاشلاپ. ئېيتقىنە بۇ نىمە كۈن ئەمدى، دەپ قەبرىگە ئېسىلدىم يىغلاپ.
بۇ چۈشۈمدىن ئويغىنىپ مانا، يۈرەكلىرىم قايتا بولدى قان. سەۋىر قىلاي ئەمدى يىغلىماي، مەرھۇملارمۇ ياتسۇن تېچ ئامان.
ھەممىلەرنى قايتىدىن باشلاپ، ئۇنتۇپ كىتەي ئۆتمۇشنى تامان. سۆزلەپ توختار پىتنىخورلارمۇ، ئۇچ كۈن ئىكەن ياخشى سۆز يامان.

|