« ئىسىم ئۆزگەرتىش»
بىر كۈنى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن بىر نۆكەر يىگىتنىڭ ئۆز ئىسمىنى ئىسكەندەرگە ئۆزگەرتىۋالغانلىقنى ئاڭلاپتۇ. ئۇ دەررۇ ھېلىقى نۆكەرنى چاقىرىتىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ :-مەن ئىسمىڭنى ئۆزگەرتكىنىڭگە قارشى ئەمەسمەن،بىراق ئىسمىڭنىڭ ئىسكەندەر ئىكەنلىكىنى جەڭگە چىققاندىمۇ ئۇنتۇپ قالمىساڭ !
قىستۇرما بىزدە ئىسىم قويغاندا ھەيۋەتلىك،كاتتا،چىرايلىق ئىسىملارنى تاللاپ،چېكىپ قويىدىغان،ئەمما بالىلىرىنى ياخشى تەربىيلىمەي تاشلىۋېتىدىغان ئاتا-ئانىلار خېلى كۆپ.نەتىجىدەبىزدە قۇمچاقتىنمۇقورقۇپ چىرقىراپ قاچىدىغان توخۇ يۈرەك بالىلاردا يولۋاس،باتۇر،ئەزىمەت،باھادىر،جاھانگىر..دېگەندەك ئىسىملار كۆپ ئۇچرايدۇ.توغرا،ئىسىم ئۇ ئادەمنىڭ شۇنداق پەزىلەتكە ئىگە بولۇپ چىقىشىنى كۆرسەتمەيدۇ ھەم ياخشى مەنىلىك ئىسىم قويۇش بولمايدىغان ئىشمۇ ئەمەس.ئەمما ئەڭ مۇھىمى،بالىلارنى ياراملىق تەربىيىلەشكە كۆچەيلى.بىزبالىلارمۇ ئىسمىمىز نام-شەرىپىمىزگە تەمەننا قويمايلى.بەلكى ئۆزىمىزنى جۇشقۇن،قورقماس،تىرىشچان،ئەقىللىق،ساغلام بالا قىلىپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشايلى.ئۆزىمىز ياراملىق بالا بولساق،ئىسمىمىزبىر چىرايلىق،ھەيۋەتلىك تۇرۇپ،ئۆزىمىز،قىلىقىمىز يارىماس بۇلۇپ قالسا ھەممىدىن چاتاق ئىش مانا شۇ.ئۇ چاغدا چىرايلىق ئىسىممۇ بىزگە ياراشماي قالىدۇ. مەنبە:روھىي ساغلاملىق ئۈگۈتلىرى -غىدىق-غىدىق چەشمىلەر ناملىق كىتابتىن ئېلىندى