تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 103|ئىنكاس: 9

دۇنيادىكى تۇنجى كومپيۇتېر ENIAC ھەققىدە[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
998
تۆھپە
538
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دۇنيادىكى تۇنجى كومپيۇتېر ENIAC ھەققىدە




   1946-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئامېرىكا پېنسلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلېكتىرومېخانىكا ئىنىستىتۇتى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. نۇرۇغن مېھمانلار بۇ يەرگە جەم بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىنى بايان قىلىشماقچى بولغانىدى. چۈنكى ئۇلار بۇ يەرگە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى زامانىۋى ئېلېكتىرونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسىنىڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەنىدى.
   كىشىلەرنىڭ ئالدىدا سىرتقى كۆرۈنۈشى غەلىتە، يات-يۇلت نۇر چىقىرىپ تۇرىدىغان زور بىر <<مەخلۇق>> تۇراتتى. بۇ دۇنيادىكى تۇنجى ئېلېكتىرونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى ENIAC ئىدى.
   بۇ <<مەخلۇق>>نىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 170 كىۋادرات مېتىر، ئېغىرلىقى 30 توننا ئىدى.
   مۇراسىمدا  ENIAC ئۆزىنىڭ كارامىتىنى نامايان قىلدى: بىر سېكۇنتتا 5000 قېتىم قوشۇش ئەمىلىنى ۋە 500 قېتىم كۆپەيتىش ئەمىلىنى بېجىرىپ، نەق مەيداندىكىلەرنىڭ كۆزلىرىنى ئالاچەكمەن قىلىۋەتتى. چۈنكى بۇ ھېسابلاش سۈرئىتى شۇ چاغدا ئەڭ تېز دەپ قارىلىدىغان رېلىلىق ھېسابلاش ماشىنىسىنىڭ ھېسابلاش سۈرئىتىدىن 1000 ھەسسىدىن كۆپرەك ئىدى.
   بۇ كۈن ئىنسانىيەت پەن-تېخنىكا تارىخىدىكى مۆجىزىلىك كۈن بولۇپ قالدى. شۇنىڭدىن بۇيان، دۇنيا پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى تېخىمۇ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېلىپ بېرىلدى. ئىنسانىيەتنىڭ ئالدىنقى نەچچە ئەسىردە باسقان تەرەققىيات مۇساپىسى بۇ ئەسىردە نەچچە ئون يىلدا بېسىپ ئۆتۈلۈپ، پەن-تېخنىكىنىڭ، بولۇپمۇ كومپيۇتېر پەن-تېخنىكىسىنىڭ سەل قارىغىلى بولمايدىغان قۇدرىتىنى نامايام قىلدى.


Rank: 1

تىللا
31
تۆھپە
21
UID
4801
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەخلۇق ھازىر كىچىكلەپ ئالقانچىلىك بۇلۇپ قالدى ،تەرەققىيات ھەققىقەتەن زور جۇمۇ ...


Rank: 4

تىللا
229
تۆھپە
120
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسانلار ئىپتىدائى  جەمىيىتتىن  تەرەققى قىلىپ ھازىرقى ھالەتكە كەلدى يەنى ئىلىكتىرۇنلۇق ھېساپلاش ماشىنىسى كېيىن تەرەققى قىلىپ يەنە ئىپتىداھى جەمىيەتكە قايتىدۇ دەيدىكەن......


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىگىلمەس
تىللا
320
تۆھپە
257
UID
1236
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 19:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



     پەننىڭ تەرەقىياتى ھازىر تېخىمۇ يۇقىرى پەللەگە يىتتى....


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرسان روھ
تىللا
1479
تۆھپە
518
UID
528

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنجى ئەۋلاد كومپىيوتېر ھەقىقەتەن چوڭ ئىكەندۇق ھە باشلىق بۇ يازمىڭىزنىڭ ئىككى جايىدا ئىملا خاتالىقى بارئىكەن جۇمۇ ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sarsanroh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-2 23:48  



كۆكتىن تامدۇق يەردىن ئۈندۇق

Rank: 4

ئىسىمى
مۇھەممەتجان تۇرداخۇن
تىللا
306
تۆھپە
188
UID
711
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئامېرىكىلىق گۇيلار نېمانداق ئەقىللىقتۇ دەيمەن، ئۇلار ئىجاد قىلغان بىرنەرسىنى بىز تۈزۈك ئىشلىتەلمەيمىز تېخى بەزىدە....


Rank: 6Rank: 6

تىللا
409
تۆھپە
272
UID
270
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 00:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەينى يىللىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسى ئاتوم بومبىسىنى كىم بۇرۇن تەتقىق قىلىپ چىقسا شۇنىڭ بولۇپ قالغان ، نۇرغۇن دۆلەتلەر بىرلا ۋاقىتتا بۇ خىل تەتقىقاتقا كىرىشكەن ، ئامىرىكا دەل بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىرى ۋە تۇنجى بۇلۇپ مۇۋەپپىقىيەت قازانغان دۆلەت . ئۇنداقتا زادى نىمە ئۈچۈن ئامىرىكا ھەممىدىن بۇرۇن ياساپ چىقالىدى ؟  ئەلۋەتتە ئامىرىكىدا نۇرغۇنلىغان پەن-تېخنىكا ئالىملىرى بولغاندىن سىرت  يەنە مەزكۇر تېمىدا تىلغا ئېلىنغان ئېلىكترونلۇق سېفىرلىق ئېنتىگرال ھېسابلاش ماشىنىسى  ENIAC  بولغانلىقى ئۈچۈن دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ .
چۈنكى ئەينى چاغدا ئاتوم بومبىسى تەتقىقاتچى خادىملار ماتېماتىكىچىلارنىڭ ئالدىغا ئاتوم تەتقىقاتىدا مۇھىم بولغان مىليونلىغان سىزىقلىق ۋە سىزىقسىز تەڭلىمىلەرنى تاشلىغان ، بۇ تەڭلىمىلەر گەرچە ھېسابلاش قىيىن بولمىسىمۇ ، بۇ تەڭلىمىلەر بەك كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن غايەت زور ھېسابلاش ماشىنىسى لازىم بولغان ، ئەينى يىللاردىكى ھېسابلاش ماشىنىسىنىڭ بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغىدەك ئىقتىدارى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئامىرىكا ھۆكۈمىتى غايەت زور مەبلەغ بىلەن مەزكۇر مەخلۇقنى ياساپ چىققان ۋە بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ ئىلللىق ئائىلىدە ئولتۇرۇپ مۇنبەردە ئىنكاس يېزىشىمىزغا ئاساس سالغان .
ئامىرىكا بۇ ئۈسكىنىنى ئىشلىتىپ ئاتوم بومبىسىنى يااساپ بولۇپ ۋە 1945-يىلى ياپونىيەگە غەلبىلىك تاشلاپ بولغاندىن كېيىن 1946-يىلى ئاندىن بۇ ھېسابلاش ماشىسىنىڭ ياسالغانلىقىنى ئېلان قىلغان .

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى : كومپىيوتىر - ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ مەھسۇلى . ئەگەر ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى بولمىغان بولسا بەلكىم ئامىرىكا ھۆكۈمىتىمۇ ئەينى چاغدىكى بۇنداق  كۆپ مەبلەغنى سېلىشنى خالىمايدۇ ، شۇڭا كومپىيوتىر بەلكىم كىچىكىپرەك مەيدانغا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن .


مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىگەنلىك ئۇ  شۇئىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىدىن ئەمەس .

Rank: 6Rank: 6

تىللا
658
تۆھپە
356
UID
1011
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1265242926DoFiGTRS.jpg


راس ، قىسقىغىنا 70 يىل ئىچىدە دۇنيانى ئۆزگەرتتى بۇ كومپيۇتېر ...
  1. The world’s first electronic digital computer, Electronic Numerical Integrator and Calculator (ENIAC) is first demonstrated at the Moore School of Electrical Engineering at the University of Pennsylvania, by John W. Mauchly and J. Presper Eckert. The ENIAC machine occupies a fifteen hundred square foot room. The ENIAC demonstrates that high-speed digital computing is possible using the vacuum tube technology available. Built of some 17,468 electronic vacuum tubes, ENIAC is in the largest single electronic apparatus in the world.
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


1265242926y48rDQfW.jpg

1265242926sBMq0znn.jpg

1265242926Khg1v1oa.jpg



Rank: 6Rank: 6

تىللا
658
تۆھپە
356
UID
1011
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاندا بۇرۇنقى كومپيۇتېرلار ئاقسامىكەن


Rank: 6Rank: 6

تىللا
658
تۆھپە
356
UID
1011
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ئاۋال 晶体管 نىڭ كەشىپ قىلىنىشى كومپيۇتېرنىڭ كەشىپ قىلنىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولغان


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-2-4 11:38, Processed in 0.086692 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش