تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 33|ئىنكاس: 0

ئاچچىق-چۈچۈك پاراڭلار(3)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1571
تۆھپە
469
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاچچىق-چۈچۈك پاراڭلار(3)


فېليەتون


-«فېليەتون» دەيدىغان گەپنى پات-پات ئاڭلاپ قالىمەن، بۇ ھەقتە قىسقىچە چۈشەنچە بەرسىڭىز.

-چاتاقچىلار چاتاق ھەققىدە يازغان چاتاق گەپلەرنى فېليەتون دەيمىز.

-بىر-ئىككى جۈملە گەپنى فېليەتون دەۋالىدىغانلارمۇ بارىكەن-ھە.

-بار، چوڭراق بىر نەرسە يازالمايدىغانلار شۇنداق قىلىدۇ، گەپنىڭ قىسقا بولغىنى ياخشى دەۋالىدۇ تېخى.

-فېليەتونچىلار مەنسەبدارلارنى، خوشامەتگۇيلارنى،
چۈپرەندە-پاسىقلارنى قامچىلايمىز دەپتۇيا، بۇ راستمىدۇ؟

-بۇ يالغانلا گەپ، تىرناق ئاستىدىن كىر كولاپ، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگىنىنى پەدازلاپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن، ھەققانىيەت ئۈچۈن يازدىم دېيىشىدۇ.

-ئەدەبلەش تەدبىرى باردۇ؟

-بار، فېليەتون دېگەننى گېزىت-ژۇرنالغا باسمايمىز، بىرەر گالۋاڭ ئېزىقىپ بېسىپ سالسا، شۇ سان گېزىت-ژۇرنالنى بېسىپ قويۇپ، تەۋەيىمىزدە تارقاتمايمىز. يامان بولغىنى موشۇ تور، چۇرتلا ئۈزۈۋەتسە بولمامدۇ دەيمەن.

2012-يىل 28-يانۋار.


كىمدىن ئاغرىنار

بىر ئادەم روناق تېپىپ باي بولۇپ كەتسە، ھەممىدىن ئاۋال پارتىيەنىڭ دانا سىياسىتىگە، ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە ھەشقاللا-رەھمەت ئېيتىدىكەن، ئۆزىنىڭ قانداق تىرىشقانلىقىنى تارتىنچاقلىق بىلەن ئاز-پاز سۆزلەپ قويىدىكەن. ئەگەر روناق تاپالمىسا ياكى تەس كۈنگە قالسا، كىمدىن ئاغرىنار؟


ئاقلاش

    چىرىكلىك توغرىسىدا گەپ بولسا، بۇرۇنمۇ، ھازىرمۇ، جۇڭگودىمۇ، چەتئەلدىمۇ، دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەتتە چېرىكلىك بولغان دەيدىكەنمىز. ئۇ جەمئىيەتلەر فېئودالىزىم ياكى كاپىتالىزىم تۇرسا، يېپ-يېڭى جەمئىيىتىمىزنى چىرىكلەشكەن جەمئىيەتلەرگە تەڭلەشتۈرۈپ تۇرۇپ ئاقلىغىنىمىز نېمە گەپ؟

(ئابلاجان تۇردى تەييارلىغان)

http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=518


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-2-4 16:46, Processed in 0.067569 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش