بۇ دېلودا تۆلەم جاۋاپكارلىقىنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ ؟
1يىل بۇرۇن نەۋرە ئاكام بىر دوستى بىلەن موتودا كېتىۋېتىپ يۈك تۇشۇش ماشىنىسغا سوقۇلۇپ پۇتى سۇنۇپ كەتكەن ئىدى ،موتونى دوستى مىنگەن بولغاچقا سوقۇلغان جايىدىلا قازا قىلغان . قاتناش ئىدارىسى ۋەقەدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن ماشىىنا شوپۇرى، ئۆلۈپ كەتكەن بالىنىڭ ئاتا - ئانسىغا 90مىڭ يۈەن بىرىش ،ئۇنىڭدىن باشقا نەۋرە ئاكامنىڭ داۋالىنىش پۇلنىڭ 50پىرسەنتىنى شوپۇر ئۈستىگە ئىلىش 50 پېرسەنتىنى موتونى مىنگۈچىنىڭ ماڭغان يولى خاتا بولغانلىقى سەۋەبىدىن موتو مىنگۈچىنىڭ ئاتا ئانسى ئۈستىگە ئېلىشنى بۇيرۇپ كېلىشتۈرۈپ قويغان ئىدى ،ئىككى ئائىلە قاتناش ئىدارسىنىڭ كېلىشتۈرۈش كېلىشىمگە ئىمزا قويغان .شوپۇر ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ 50پېرسەنت داۋالىنىش چىقىمنى تاپشۇردى .لېكىن ئۆلۈپ كەتكەن بالنىڭ ئاتا -ئانسى مىنىڭ بالام ئۆلۈپ كەتتى ،مەن نېمىشقا ساق ئادەمنىڭ 50پېرسەنىت داۋالىنىش چىقىمىنى كۈتۈرگۈدەكمەن دەپ دەپ مەسئۇليەتتىن قىچىۋاتىدۇ .بۇكىشىنىڭ قىلغىنى توغرىمۇ ؟ ؟سوت مەھكىمسىگە 50پېرسەنىت داۋالىنىش چىقىمنى تۆلەپ بېرىش توغرسىدا ئەرز سۇنساق يوللۇق بولامدۇ ؟
|