تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 49|ئىنكاس: 6

يۇلغۇن: رۇبائىيلار[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
439
تۆھپە
159
UID
296
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ياخشىلارنىڭ قەلبى نۇرىستان،

ئەلنىڭ قوينى گۈلزار،گۈلىستان.

ئايرىلغانلار ھايا-نۇمۇستىن،

باھارىڭغا چىللار زىمىستان.

***
قۇرۇق شاختا بۇلبۇل سايرىماس،

قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرالماس.

مۇھەببەتتىن ھايات مەنىلىك،

مۇھەببەتسىز قىممىتى بولماس.

***

مېھىرلىكتۇر ئاناڭغا ئوخشاش،

كىندىڭ قېنىڭ تۆكۈلگەن تۇپراق.

يۈز ئۆرىسەڭ، تۇزكورلۇق قىلساڭ،

خارۇ-زارسەن ھارجايدا،ھەرۋاق.

***
ياخشى نىيەت تۆرگە باشلايدۇ،

يامان نىيەت دەردكە تاشلايدۇ.

باشقىلارغا قارا سانىساڭ،

شادلىق ساڭا قوچاق ئاچمايدۇ.

***

ئەلنىڭ مېھرى قۇياشتۇر –قوياش،

ياخشىلارنىڭ قەلبى بىر تۇتاش.

كۆڭۈللەردىن كۆڭۈللەرگە يول،

نۇرلاندۇرار پاك –ھالال ياشاش.

***

راھەت بىلەن جاپا يانمۇ-يان،

ئەڭگۈشتاردۇر ئىتىقاد ،ۋىجدان.

ئەتراپىغا چاچار خۇشپۇراق،

ئاقىللارنىڭ قەلبى گۈلىستان.

***

يىتىملەرنى باغرىڭغا باسقىن،

مىسكىنلەرگە باغرىڭنى ئاچقىن.

« روھىم ساغلام،پاك » بولسۇن دېسەڭ،

ھالالدىن يە، ھارامدىن قاچقىن.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
554
تۆھپە
402
UID
990

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغان رۇبائىيلىرىڭىزنىڭ مەزمۇنى بەك ياخشى ئىكەن،داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
534
تۆھپە
421
UID
3175

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنى بەك ياخشى چىقىپتۇ


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
691
تۆھپە
558
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاياتلىق دۇردانىلىرى بۇپتۇ........


سەكرا

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىگىلمەس
تىللا
320
تۆھپە
257
UID
1236
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



        
    رۇبائىلىرىڭىز  تۇرمۇشقا يىقىن،تىلگە باي بۇلۇپ مول مەنىۋىي ئوزىق بېرندىكەن.


    ھارمىغايسىز. ئۇچۇنچى رۇبائىنى «پەرچە »دىسەك مۇئاپىق بۇلارمۇ؟ يۇلغۇن ئەپەندىم...


Rank: 4

تىللا
229
تۆھپە
120
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ياخشىكەن.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
150
تۆھپە
85
UID
2588
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 21:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ رۇبائىلىىرڭىزنى بەكلا ياختۇردۇم ھارمىغايسىز .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-2-4 11:43, Processed in 0.075230 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش