تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 590|ئىنكاس: 36

‹‹ تەڭرىتاغدا سۆھبەت ›› پىروگراممىسىنىڭ 3 - سانىدىكى ئەزىز مېھمانغا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5212
تۆھپە
2317
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

‹‹ تەڭرىتاغدا سۆھبەت ›› پىروگراممىسىنىڭ 3 - سانىغا تەكلىپ قىلىنىدىغان ئەزىز مېھمانغا بېلەت تاشلاڭ


    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار، ياخشىمۇسىلەر، سىلەرنىڭ قوللىشىڭلار ، مەدەت بېرىشىڭلار ، ئاكتىپ بېلەت تاشلاپ سوئال سورىشىڭلار نەتىجىسىدە ‹‹ تەڭرىتاغدا سۆھبەت ›› پىروگراممىسىنىڭ 2 - سانىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلىنىپ ، كەڭ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى . بىز سۆھبەتتە يەنىلا تورداشلارغا بەرگەن ۋەدىمىز بويىچە، تورداشلارنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، تورداشلار ئۆزلىرى ياقتۇرۇپ بېلەت تاشلىغان ئەزىز مېھمانلار ئىچىدىن بېلەت سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئەزىز مېھمىنىمىزنى بىزنىڭ ‹‹ تەڭرىتاغدا سۆھبەت ›› پىروگراممىسىنىڭ 3 - سانىغا تەكلىپ قىلىشنى ئويلاشتۇق .
    مەن ئالدىنقى قېتىممۇ مۇشۇ مەزمۇندا بىر تېما قالدۇرغانىدىم . تورداشلارمۇ ناھايىتى ئاكتىپلىق بىلەن بېلەت تاشلاپ، سۆھبەت پىروگراممىسىنى ناھايىتى قوللىغانىدى . ھازىر مۇنبەرگە ئەزا بولغان تورداشلىرىمىزنىڭ سانىمۇ كۆپەيدى، تورداشلارنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىغا بولغان قوللاش ۋە مەدىتى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى . شۇڭا بۇ قېتىم رادىل ئابلا ئەپەندى ۋە زىۋىدە ئابدۇكېرىم خانىمنى نامزاتلار قاتارىدىن چىقىرىۋېتىپ ، ئالدىنقى قېتىم نامزاتلىققا تاللانغان 17 نەپەر ئەزىز مېھمىنىمىزنى نامزات قىلىپ تاللىدۇق . قالغان 3 نەپەر ئەزىز مېھماننى تورداشلار يەنە ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرسا ، قالدۇرۇلغان ئىنكاس سانىغا قاراپ ، نامزات سانىنى 20 گە يەتكۈزىمىز  . بېلەت سانى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئەزىز مېھمىنىمىز بىزنىڭ ‹‹ تەڭرىتاغدا سۆھبەت ›› پىروگراممىسىنىڭ 3 - سانىغا ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنىدۇ .
    بېلەت تاشلاش 2012 - يىلى 10 - فېۋرال ئاياغلىشىدۇ . 10 - فېۋرالدىن 20 - فېۋرالغىچە تەكلىپ قىلىنغان ئەزادىن سوئال سوراش باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ  . تورداشلارنىڭ پائالىيەتكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
    ئەسكەرتىش : پەقەت ئەزا بولۇپ كىرگەن مۇنبەرداشلارلا بېلەت تاشلاشقا قاتنىشالايدۇ . 0991- 8521981 نومۇرغا تېلېفون قىلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ سۆھبەتلەشكۈسى بار نامزاتىنى بىزگە خەۋەر قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەزالارنىڭ رەت تەرتىپى ئەزالارنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىنى بەلگىلىمەيدۇ .

    ھۆرمەت بىلەن :


   تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى ‹‹ تەڭرىتاغدا سۆھبەت ›› پىروگراممىسى  

(تاق تاللاش)سايلام , بېلەت تاشلاپ بولغاندىن كىيىن نەتىجىسىنى كۆرەلەيدۇ., قاتناشقانلار

ئاخىرلىشىشقا قالغان ۋاقتى:7 كۈن21 سائەت22 مىنۇت

 
مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 4

ئىسىمى
سەھرا ئوغلى
تىللا
743
تۆھپە
54
UID
19
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن نۇرتاي ھاجىمغا بىر بىلەت تاشلىدىم  ، مۇمكىن بولسا ئەلدوسىت شىركىتنىڭ قۇرغۇچسىمۇ بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن بولسا
مەن مۇنبەرنىڭ قويغۇچىدىكى   مۇزىكىلاردىن شۇنداق سۆيۈندۈم

Rank: 1

تىللا
7
تۆھپە
3
UID
5026
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانىسى كۈندە سۆھبەت ئويۇشتۇرۋاتىدۇ . سىلەرمۇ بەك كەينىگە سوزىۋەتمەي ، ھەپتىدە بىر سۆھبەت قىلساڭلار بوپتىكەن ... بىزنىڭ يۇقارقى ھەممىسى بىلەن سۆھبەتلەشكۈمىز بار .

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كارۋانىم
تىللا
2984
تۆھپە
867
UID
338
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېلەت تاشلاش تامام
سۇلايمان،ياخشىلىق،ئىزدىنىمەن....تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىكى كارۋانىم!

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1571
تۆھپە
469
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار.
ئالدى بىلەن، «تەڭرىتاغدا سۆھبەت» پروگراممىسىغا سىڭدۈرىۋاتقان ئەجرىڭلارغا كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر.
بىر تەكلىپ:
ھەر قېتىملىق سۆھبەتتە بىرلا ئەزىز مېھمان بىلەن سۆھبەتلىشىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئەزىز مېھماندىن ئۈچنى تەكلىپ قىلىپ، رىياسەتچى بىلەن قوشقاندا تۆت ئادەم كەڭ-كۇشادە سۆھبەت قىلسا، بەزى پىكىرلەر ھەققىدە ئازدۇر-كۆپتۇر مۇنازىرە قوشۇلسا (ئەزىز مېھمانلار ئۆز-ئارا مۇنازىرە قىلىشسا)، بۇنداق سۆھبەت تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولاتتى دەپ ئويلايمەن. شۇنداق قىلىشقا بولامدۇ يوق، ئويلىشىپ باققايسىلەر.

ئەگەر ماقۇل كۆرۈلسە، ئۆلىمالىرىمىزدىن ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي، ئابدۇقادىر جالالىدىن، توختى باقى ئارتىشى قاتارلىق ئۈچەيلەننى تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىمىز ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، كۆرۈلىۋاتقان مەسىلىلەر، قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە بىر قېتىملىق سۆھبەت ئويۇشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەيىغىشسەۋەبى
uyghur + 10مەنمۇ قوللايمەن !

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 10  باھا خاتىرىسى

Rank: 1

تىللا
20
تۆھپە
8
UID
4426
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ياسىنجان سادىق چوغلانغا بىلەت تاشلىدىم !!  بىلەت تاشلاشقا كۆپرەك تورداشلا قاتناشقان بولسا بولاتتى ،، ئالدىنقى قىتىم بىلەت تاشلاشقا قاتناشقان ئەزالار بەك ئاز بولۇپ قالدى، ئاز دىگەندىمۇ مىڭ كشدىن يۇقىرى بولسا بولاتتى!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
998
تۆھپە
538
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   قەدىرلىك دوستلار، مەزكۇر تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن بارلىق نامزاتلار پۈتۈنلەي سىلەرنىڭ ئەركىن تاللىشىڭلار بويىچە بولۇۋاتىدۇ. ھەتتا ئىككى سان سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىنغان سۆھبەتكارلارمۇ سىلەر ئەڭ كۆپ بېلەت تاشلىغان نامزاتلار ئىچىدىن تاللاندى.  بىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ پىروگراممىغا نامزات تاللاشتا سىلەرنىڭ تاللىشىڭلارغا ھۆرمەت قىلىمىز.
   سەمىمىي ئەسكەرتىپ قويسا، سۆيۈملۈك تورداشلار، سىلەر نامزات تاللىغاندا سۆھبەتكە ئېلىپ چىقىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ياكى دەماللىققا ئېلىپ چىقىش ئىمكانىيىتى بولمايدىغان نامزاتلارنى تاللاپ، بىزنى خىجىل قىلماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. مەسىلەن،  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۇنشيەن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى، ج خ نازارىتىنىڭ نازىرى،  ئاندىن چەت ئەللەردىكى بىر قىسىم كىشىلەر دېگەندەك شەخسلەر.
    سىلەرنىڭ نامزات تاللىغاندا تورنىڭ، مۇنبەرنىڭ نۇقتىىسىدا تۇرۇپ ئەستايىدىل ئويلىنىشڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

Rank: 4

تىللا
231
تۆھپە
120
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن دىلنار ئابدۇللاغا بېلەت تاشلىماقچى ئىدىم...

Rank: 2

تىللا
37
تۆھپە
23
UID
165
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن نۇرتاي ھاجىمغا بىلەت تاشلىدىم ، ئاجىزلارغا باش پاناھ بولغان، مائارىپقا كۆڭۈل بۆلگەن ئاكىمىزنى تەڭرىتاغ تورى ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم كۆرۈشنى، كۆڭلىدىكىنى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ بىلىشنى بەكمۇ ئۈمۈد قىلىمەن ھەم تەكرىتاغ تورىنىڭ بۇ جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا چىن دىلىمدىن ئاپىرىن ئېيتىمەن. تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىن چىققان بۇ ئەزىمەتنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى بىزگە يەتكۈزگەن تەڭرىتاغقا رەھمەت!

Rank: 1

تىللا
41
تۆھپە
15
UID
2751
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن نۇر  تاي ھاجىمغا بىلەت تاشلىدىم. بۇ ئۇلۇغ ئاتىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى  ئاڭلىغۇم بار.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
281
تۆھپە
369
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توختى باقى ئارتىشى ئاكىمىزغا بىلەت تاشلايمەن. سورايدىغان سۇئاللىرىم بار بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zamzam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-2 13:25  

ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 1

ئىسىمى
قاھارجان
تىللا
54
تۆھپە
14
UID
1333
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىرئەلى ئەلتىكىن يوققۇ ؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
998
تۆھپە
538
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىرئەلى ئەلتېكىنمۇ بولۇپ قالار. ئۈمىدۋار بولۇڭ.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2590
تۆھپە
1438
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۇستازىمىز بۇغدا ئابدۇللا مۇئەللىمگە بىلەت تاشلىدىم.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
410
تۆھپە
272
UID
270
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز ئازاد سۇلتان مۇئەللىمگە بىر بېلەت تاشلىدىم ، مۇمكىن بولسا مۇشۇ كىشىمىز بىلەن پىكىرلىشەلىگەن بولساق، ئۇنىڭ سۆزلىرى تىللاغا تېگۈشكىسىز  ...
مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىگەنلىك ئۇ  شۇئىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىدىن ئەمەس .

Rank: 1

تىللا
10
تۆھپە
3
UID
4981
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توختى باقى ئارتىشى ئۇستازنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلىغۇم بار، تەرجىمىلىرى تىلغا يېقىن، شۇنداق چۈشىنىشلىك ، راۋان، خۇددى ئۇيغۇر يازغاندەكلا....

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
مېھرى
تىللا
360
تۆھپە
42
UID
859
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئازاد سۇلتان ئەپەندىگە بىلەت تاشلىدىم .

Rank: 4

تىللا
208
تۆھپە
165
UID
4104
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 19:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن نۇرتاي ھاجىمغا بىلەت تاشلىدىم ، بۇ ئوت يۈرەك ئوغلانىمىزنىڭ يېقىنقى ئىش- پائالىيەتلىرىدىن ۋاقىپلانسام دەيمەن.

Rank: 2

ئىسىمى
نۇرمەمەت
تىللا
86
تۆھپە
36
UID
3736
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 20:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئازات سۇلتان مۇئەللىمگە بىلەت تاشلىدىم

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىگىلمەس
تىللا
320
تۆھپە
257
UID
1236
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 20:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



        مەن توختى باقى ئارتىشى ئۇستازغا بىلەت تاشلايمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-2-4 15:42, Processed in 0.087239 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش